گىرىم بويۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى (⮫)


گىرىم بويۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

2014 - 1436

حكم بيع أدوات التجميل

« باللغة الأويغورية »

اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

مراجعة: نظام الدين تمكيني

2014 - 1436

گىرىم بويۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

67745-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

يۇقىرىدىكى سوئالدا زىكىر قىلىنغان بۇ تۈردىكى بۇيۇملارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل تەپسىلى كۆزقاراشلارنى بايان قىلىمىز:

1- سىز بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يات ئادەملەرگە گۈزەل كۆرۈنۇش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ.

2- ئەگەر سىز بۇ بۇيۇملارنى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن توغرا يولدا ئىستىمال قىلىدىغان خېرىدارلارغا ساتسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

3- ئەگەر سىز ئۇ خېرىدارلارنىڭ مەزكۇر بويۇملارنى قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتىمۇ سېتىش دۇرۇس بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدەك بۇ نەرسىلەرنى كوچىلاردا يات ئادەملەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللىنىشىنى بىلىپ تۇرۇپ (بەزى بويۇم ۋە كېيىم-كېچەكلەر خۇددى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نامايەندە بولغىنىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ) زىننەت ۋە گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئەگەر تىجارەت قىلغان ئادەم خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ چەكلىگەن يوللاردا ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملىشىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەمما ئەگەر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىنى بىلمىسە، مانا بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (13/ 67).

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.