﴿العقيدة الصحيحة وما يضادها ونواقض الإسلام﴾
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يەككە- يىگانە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەـتاۋابىئات ۋە ئەسھابلىرىغا چەكسىز دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن!.
«ساغلام ئەقىدە» ئىسلام دىنىنىڭ نېگىزى، مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر ئاساس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابچىغا «ساغلام ئەقىدە» دەپ ماۋزۇ قويدۇم، تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىمەن:
شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىمكى، ئىنساندىن سادىر بولغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر ئەقىدە ساغلام بولۇپ ۋۇجۇدقا چىققاندىلا قوبۇل بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئەمەل ئىبادەتنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە دەلىللەر كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَكْفُرْ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ ساۋابى يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.» [سۈرە مائىدە 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن». [سۈرە زۇمەر 65-ئايەت]. بۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.
ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ساغلام ئېتىقاد ئىدىلوگىيەسى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ:
بىرىنجى: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش.
ئىككىنجى: ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
ئۈچىنجى: ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش.
تۆتىنجى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش.
بەشىنجى: قىيامەتنىڭ ھەقىقىي بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش.
ئالتىنجى: ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش (ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالتە تۈرلۈك ئىش، ئىماننىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇ ئەقىدىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلدى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بولسا، مەزكۇر ئەقىدىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۇزۇش مەقسىتىدە ئەۋەتتى.
ئىماننىڭ تەقەززاسى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەسىلە يۇقىرىدىكى ئالتە تۈرلۈك ئاساستىن بارلىققا كېلىدۇ. ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بايان قىلغان نەرسىلەر ئىچىدە (كىتاب سۈننەتتە) يۇقىرىدىكى ئالتە تۈرلۈك ئاساس ھەققىدە دەلىللەر ئىنتايىن كۆپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بايان قىلىمىز.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.» [سۈرە بەقەرە 177-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّـهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز دەيدۇ)».[سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا آمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنزَلَ مِن قَبْلُ وَمَن يَكْفُرْ بِاللَّـهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ». [سۈرە نىسا 136- ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ئىشلارنى بىلىش ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان». [سۈرە ھەج 70-ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالتە ئاساس توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى دېگەن مەشھۇر ھەدىستە، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئىمان دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الإيمان أن تؤمن بالله وملائكته وكتبه ورسوله واليوم الآخر وتؤمن بالقدر خيره وشره» تەرجىمىسى: «ئىمان دېگەن، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، قىيامەتنىڭ ھەقىقىي بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنى توغرا يوسۇندا تونۇشىغا زۆزۈر بولغان، مەيلى ئۇ بىز بىلىدىغان ياكى بىزگە بىلدۈرۈلمىگەن ئىشلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئالتە ئاساستىن بارلىققا كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالانى بارلىق ئەيب ـ نۇقسانلاردىن پاكلاش بىلەن بىرگە، بەندىلەر ئۈچۈن ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق دەپ ئىشىنىش، ئۇ زات بولسا، بەندىلەرنى ياراتقۇچى، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ئۇلارنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلگۈچى، ئىتائەت قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، گەدەنكەشلىك قىلغانلارنى جازالاشقا قادىر دەپ ئېتىقاد قىلىش. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسان بىلەن جىننى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياراتتى.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ، مَا أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ، إِنَّ اللَّـهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلار ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم، ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، ئاللاھنىڭ قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر.» [سۈرە زارىيات 56-57-58 -ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَّكُمْ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّـهِ أَندَادًا وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر» [سۈرە بەقەرە 21-22-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى ۋە ساماۋى كىتابلارنى چۈشۈرۈشىدىكى تۈپ ئاساسى سەۋەب، ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ بىرلىكىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە ئۇ ھەقىقەتكە چاقىرىش، ئۇنىڭغا زېت كۆز قاراش ۋە ئېتىقاتلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.» [سۈرە نەھل 36-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: "مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار" دەپ ۋەھيى قىلدۇق.» [سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿الر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّـهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر.» [سۈرە ھۇد 1-2-ئايەتلەر].
ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بولسا؛ ئىبادەت دائىرىسىگە كېرىدىغان ھەرقانداق پائالىيەتلەردە، مەيلى ئۇ دۇئا بولسۇن ياكى قورقۇنچ، ئۈمىد، ناماز، روزا، قان قىلىش، نەزرە قاتارلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىبادەت خاراكتېرلىق ئەمەللەر، ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك قىلىش، ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇش، پەرۋەردىگارغا بولغان بۈيۈك ساداقەتنى ماددىي، مەنىۋىي ۋە جىسمانىي تەرەپلەردىن ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ يەككە - يىگانە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىمدىكى كۆپىنچە ئايەتلەر، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تۈردە ئىتائەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا چۈشۈرۈلگەن.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاعْبُدِ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ أَلَا لِلَّـهِ الدِّينُ الْخَالِصُ﴾ تەرجىمىسى: «دىنىڭنى شېرىكتىن ۋە رىيادىن ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن. بىلىڭلاركى، شېرىكتىن ۋە رىيادىن ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر.» [سۈرە زۇمەر 2-3-ئايەتلەرنىڭ بىرقىسمى].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 23- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَادْعُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» [سۈرە غاپىر 14-ئايەت].
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «حق الله على العباد أن يعبدوه ولا يشركوا به شيئا» تەرجىمىسى: «بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك لازىم.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەر ئۈستىگە ۋاجىپ قىلغان بارلىق پەرزلەرنىڭ، ئۇ زات تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان مۇقىم بەلگىلىمە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش. بۇ بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئاساسى پەرزلەردىن ئىبارەتتۇر:
1 - بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن بىزلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش.
2 - نامازنى بەرپا قىلىش.
3 - زاكاتنى ئادا قىلىش.
4 - پەرز روزىنى تۇتۇش.
5 - شارائىت ھازىرلانسا ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش بولسا، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. يۇقىرىدىكى بەش پەرزنىڭ ئەڭ بۈيۈكى ۋە مۇھىمى «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىش. «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق» دەپ گۇۋاھلىق بېرىش بولسا، ئىبادەت ئەمەللەرنى يەككە - يىگانە ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا چىن ئىخلاس بىلەن قىلماقنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ مەنىسى، ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىنىدىكەن، مەيلى ئۇ ئىنسان، جىن ياكى پەرىشتىلەردىن بولسۇن، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق ئىبادەت قىلىنغۇچى ئىبادەتكە ھەقلىق ئەمەس، يۇقىرىقىلارنىڭ ئوخشىشىدىكىلەر باتىل مەئبۇدتۇر. يەككە - يىگانە بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغاندىلا، توغرا ئىبادەت ۋە توغرا ئېتىقاد قارىشىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بايان قىلىپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّـهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّـهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ قۇدرەت شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر،ئاللاھ ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈندۇر ۋە بۈيۈكتۇر» [ھەج سۈرىسى 62-ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىنسان بىلەن جىننى، بۇ بۈيۈك ئىمان ئۈچۈن ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا چاقىردى. ئۇ ئىمان بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى چۈشۈردى. چوڭقۇر ئويلاپ، كۆپ تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان بولسىڭىز، كۆپىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبى ئۇ زاتنىڭ خاسلىق ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشتەك، ئالتە ئىماننىڭ ئاساسى بولغان بىر ئىلاھلىق ئەقىدىسىگە خىلاپ بۈيۈك جاھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز.
ئاللاھنىڭ پۈتۈن كائىناتنى پىلانلىق رەۋىشتە ياراتقانلىقى، ئالەملەر ۋە جەمئىيەتنىڭ تەربىيىچىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ئۆز ئىلىم قۇدرىتى ئارقىلىق خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى، ئۇ زاتتىن باشقا ھېچقانداق پەرۋىش قىلغۇچى ۋە ياراتقۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، بەندىلەرنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەكتىكى ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى، ئۇلارغا يېتەكچى بولسۇن ئۈچۈن ساماۋىي كىتابلارنى چۈشۈرۈشى، پۈتكۈل كائىناتتا ئۇ زاتنىڭ تەڭدىشى يوقلۇقى قاتارلىقلار ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اللَّـهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر، ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ.» [سۈرە زۇمەر 62-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّـهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تَبَارَكَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر-بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ). ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.» [سۈرە ئەئراف54-ئايەت].
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە زىكىر قىلىنغان، گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شان-شەرىپى ۋە زاتىغا لايىق ۋە ئۇ زاتقا خاس دەپ بىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتمەستىن، ئىنكار قىلماستىن، مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاتماستىن، ئۆز خاھىشى بويىچە شەرھىلىمەستىن، ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويۇنچە ئېتىقاد قىلىش، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ﴾ تەرجىمىسى: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە شۇرا 11-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿فَلَا تَضْرِبُوا لِلَّـهِ الْأَمْثَالَ إِنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئاللاھقا مىسال كەلتۇرمەڭلار (يەنى ئاللاھقا بۇتلارنى ئوخشاتماڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممە ھەقىقەتنى) بىلىدۇ، سىلەر (ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلمەيسىلەر.» [سۈرە نەھل 74- ئايەت].
يۇقىرىدىكى ئەقىدە بولسا ساھابە كىرام ۋە تابىئىنلار، شۇنداقلا ھەقىقەتتە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسىدۇر. ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەلئەشئەرىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئۆزىنىڭ «ئەھلى سۈننە ۋە ھەدىسشۇناسلار توغرىسىدا ماقالىلار» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىقىلارنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ئىمان ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسىگە ئايلانغان.
ئەلئەۋزائىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: زەھرىي ۋە مەكھۇل قاتارلىق ئالىملار، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەردىن سورالغىنىدا: قانداق كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە ئىمان ئېيتىڭلار، دېدى.
ئەلۋەلىد ئىبنى مۇسلىم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: مالىك، ئەلئەۋزائىي، ئەللەيس ئىبنى سەئد، سۇفيان ئىبنى سەۋرىي (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) قاتارلىق ئالىملاردىن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا سورالغانلىرىدا، ھەممەيلەن بىردەك، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىزاھات بەرمەستىن، ئۇنىڭ ئۆز ئەينى بويىچە ئېتىقاد قىلىش كېرەك، دەپ جاۋاب بەردى.
ئەلئەۋزائىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: بىز تابىئىنلار، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەدىس شەرىپتە بايان قىلىنغانلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەرشىنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېيىشەتتۇق.
ئىمام مالىكنىڭ ئۇستازى رەبىيئە ئىبنى ئەبى ئابدۇراھماندىن (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىگە رەھمەت قىلسۇن) ئاللاھنىڭ ئەرش ئۈستىدە قانداق قارار ئالغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ: «ئاللاھنىڭ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالغانلىقى ئېنىق، قانداق قارار ئالغانلىقى نامەلۇم، بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز ئاللاھتىن كەلگەن بايانلارنى ئوچۇق يەتكۈزدى، ئۇنى ئىقرار قىلىشىمىز ۋاجىپتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىمام مالىكتىن (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئاللاھنىڭ ئەرش ئۈستىدە قانداق قارار ئالغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ: «ئاللاھنىڭ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالغانلىقى ئېنىق» قانداق قارار ئالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئۇ زاتنىڭ ئەرشىنىڭ ئۈستىدە قارار ئالغانلىقىغا ئىشىنىش ۋاجىپ، ئۇ ھەقتە سوئال سوراش بىدئەتتۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن كىيىن، سوئال سورىغۇچىغا قاراپ: سېنى ياخشى ئىنسان دەپ قارىمايمەن دەپ، ئۇنى سۆھبەتتىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمەدىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) يۇقىرىقى مەزمۇندىكىدەك سۆزلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئىمام ئەبۇ ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلمۇبارەك: «رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانى يەتتە قات ئاسماندا ئەرشىنىڭ ئۈستىدە مەخلۇقاتلاردىن ئايرىم دەپ بىلىمىز» دەيدۇ.
بۇ ھەقتە ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇ كىتابچىمىزدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن تەمسىل كەلتۈرۈشىمىز بىرئاز بىئەپ، شۇڭا كىمكى ئۇ توغرىدا ئىزدىنىشنى خالايدىكەن، ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئىمام ئەھمەدنىڭ «كتاب السنة»، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى خۇزەيمىنىڭ «كتاب التوحيد»، ئەبۇلقاسىم ئەللالكائىي ئەتتەبەرىنىڭ «كتاب السنة»، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ ئاسىمنىڭ «كتاب السنة» قاتارلىق كىتابلاردىن ئىزدەنسۇن. شۇنداقلا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ ھۇمات ئەھلىگە يازغان جاۋابى، ئۇ جاۋاب ناھايىتى كۆپ پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بايان قىلىنغان، يۇقىرىقى ئۆلىمالارنىڭ كۆپلىگەن سۆزلىرىدىن، شەرئىي ۋە ئەقلى دەلىللەردىن پايدىلانغان ئاساستا ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. شۇنداقلا، ئەھلى ئىلىملاردىن ئىنساپ قىلىپ ياخشى نىيەت بىلەن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ «ئەتتەدمۇرىييە» ناملىق ئەسىرىگە نەزەر سالسا، ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسىنى شەرئىي ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن چۈشىنىشلىك بايان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇخالىپچىلارغا ھەقىقەتنى ئىزھار قىلىپ، باتىل كۆز قاراشتىكىلەرگە شىپالىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ.
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن بىر نۇقتىغا كېلەلمىگەن ھەر قانداق كىشى شەرئىي دەلىللەرگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى ھەققىدە مۇقىملاشتۇرغان ۋە ياكى ئىنكار قىلغان ئەقلى كۆز قاراشلىرىدىمۇ ئۆپ - ئوچۇق زىتلىق مەۋجۇد.
ئەمما ئەھلى سۈننە جامائىتى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە پەيغەمبىرى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن سەھىھ ھەدىسلەردە مۇقىملاشتۇرغان ئىسىم-سۈپەتلەرنى بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئوبرازلاشتۇرماستىن، ئۆزگەرتمەستىن، بۇرمىلىماستىن، ئىنكار قىلماستىن مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم -سۈپەتلىرى توغرىسدىكى دەلىللەرگە ئەمەل قىلىپ ئېتىقادتىكى زىتلىقتىن ساقلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق ئەۋەتكەن ھەقىقەت يولىنى تۇتۇپ، ئاللاھقا خالىس ئىخلاس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ھەقىقەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىكەن، ئۇ ئىنساننى ھەقىقەتكە مۇيەسسەر قىلىشى ۋە قوللىشى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ ۋەدىسىدۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بَلْ نَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَى الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُهُ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ وَلَكُمُ الْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ» [سۈرە ئەنبىيا 18-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يَأْتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئْنَاكَ بِالْحَقِّ وَأَحْسَنَ تَفْسِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۇرۇشنى نازىل قىلدۇق.» [سۈرە پۇرقان 33-ئايەت].
ھاپىز ئىبنى كەسىر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئۆزىنىڭ مەشھۇر تەپسىرىدە تۆۋەندىكى ئايەتتە توختىلىدۇ: ﴿إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّـهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى» [سۈرە ئەئراف 54-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئىبنى كەسىرنىڭ بۇ تېمىغا ئالاقىدار ۋە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان سۆزىنىڭ تېكستى تۆۋەندىكىدەك: "ئاللاھ تائالانىڭ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالغانلىقى ھەققىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل چۈشەنچىلەر بولۇپ، بىز بۇ يەردە ئۇ ئىختىلاپلار ئۈچۈن توختالمايمىز. بەلكى بىز بۇ ھەقتە ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، سەۋرى، لەيس ئىبنى سەئد، شاپىئي، ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۋىييە ۋە ئۇلاردىن باشقا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتىمىز". مەزكۇر يول بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەرش ئۈستىدە ئۆز شەنىگە لايىق ھالدا قارار ئېلىشى ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى چۈشىنىشتە ئىنسانلاردا بولىدىغان كەيپىياتلارغا ئوخشىتىۋالماسلىق ۋە ئوخشاتماسلىق، مەنىسىنى بۇرمىلىماستىن، ئوبرازلاشتۇرماستىن، ئىنكار قىلماستىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زاتىغا لايىق بولغان رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەخلۇقلىرىدىن ھېچقانداق بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى نەئىم ئىبنى ھەمماد ئەلخۇزائى مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاللاھ تائالانى مەخلۇققا ئوخشاتسا ۋە ياكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلسا ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز نەپسىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەردە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى سۈپەتلىگەن سۈپەتلىرىدە ئۇ زاتنى بىرەر مەخلۇققا ئوخشاتقىنى يوقتۇر.كىمىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە ئۇ سۈپەتلەر بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۆزىنىڭ زاتىغا لايىق رەۋىشتە سۈپەتلەپ ئۇ زاتنى پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاك دەپ قارىسا ئۇ كىشى توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ.
پەرىشتىلەرنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئىسمى بىزلەرگە بىلدۈرۈلگەن ياكى بىلدۈرۈلمىگەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرۈشىمىز لازىم. ئىسلام دىنىگە ئىتىقاد قىلغۇچى ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىغا ۋە ئۆز ئەمرىگە ئىزچىل تۈردە بويسۇنىدىغان ئىتائەتچان ھۆرمەتلىك مەخلۇقلار دەپ سۈپەتلىگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ.» [سۈرە ئەنبىيا 28-ئايەت].
ئۇلار ھەرخىل ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەخسۇس ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بەزىلىرى جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئىدارە ئىشلىرىغا مەسئۇل، بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىسمىنى تىلغا ئالغانلاردىن: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، مىكايىل ئەلەيھىسسالام، دوزاخ ۋە جەننەت ئىشلىرىغا مەسئۇل پەرىشتىلەر، سۈر چېلىشقا مەسئۇل ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەرىشتىلەرگە، (مەيلى ئۇلاردىن قايسى بىرىنىڭ ئىسمى بىزگە بىلدۈرۈلگەن بولسۇن ياكى بىلدۈرۈلمىگەن بولسۇن. ت-) ئىمان كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ تەقەززاسىدىندۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «خلقت الملائكة من نور وخلق الجان من مارج من نار وخلق آدم مما وصف لكم» تەرجىمىسى: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى، جىنلار ئوت ئۇچقۇنلىرىدىن يارىتىلدى، ئادەم ئاللاھ تائالا سىلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەن نەرسىدىن (تۇپراقتىن) يارىتىلدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاللاھنىڭ ھەقىقەتنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىگە كىتابلارنى چۈشۈرگەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق» [سۈرە ھەدىد 25-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّـهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى» [سۈرە بەقەرە 213-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئىسمىنى ئاتىغان تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر، قۇرئان كەرىم قاتارلىق كىتابلارنىڭ بارلىقىغا تەپسىلىي ئىمان ئېيتىمىز. قۇرئان كەرىم ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ياخشىراقى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ كىتابلاردىكى ئومۇمىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇ كىتابلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بولسا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنى ئۆلگە قىلىشى، ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر بولغان بىردىن بىر ھەقىقەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنسان بىلەن جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلار ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى چۈشۈردى. ئۇنى كىشىلەر قەلبىدىكى مەنىۋى ۋە جىسمانى كېسەللەرگە شىپا قىلدى، شۇنداقلا ھەر قانداق شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇ كىتابتا بايان قىلدى ۋە مۆمىنلەر ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدى.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَهَـٰذَا كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ وَاتَّقُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار» [سۈرە ئەنئام 155-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِّكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، دىللارغا ھىدايەت، بەندىلەرگە رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق» [سۈرە نەھل 89-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّـهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ فَآمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّـهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار.» [سۈرە ئەئراف 158-ئايەت].
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان، گۇمراھلىقتىن توسىدىغان، جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرىدىغان، ھەقىقەتكە چاقىرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىمىز ۋاجىپتۇر. كىمكى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشسا ھەقىقىي نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، كىمكى ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا مەڭگۈ ئوڭۇشسىزلىق ۋە پۇشايماندا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈگەنچىسى ۋە پەزىلەتلىكراقى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: "ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا) ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولۇڭلار" دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» [سۈرە نەھل 36-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿رُّسُلًا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّـهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق» [سۈرە نىسا 165-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَـٰكِن رَّسُولَ اللَّـهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ﴾ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 40-ئايەت].
ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قايسى بىرىنى ئاللاھ تائالا تىلغا ئالغان بولسۇن ياكى پەيغەمبىرىمىز خەۋەر بەرگەن بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىشىنىمىز، شۇنداقلا بىزلەرگە بىلدۈرۈلگەن، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇلارغا دۇرۇت ۋە سالامنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولسۇن) قاتارلىقلارغا ئوخشاش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئىمان ئېيتىمىز.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بەرگەن ئىنسان ۋاپاتىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلاردىن: قەبرە پىتنىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئازاب- رەھمەت، شۇنداقلا قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق دىشۋارچىلىقلار، پىلسىرات كۆۋرۈكى، تارازا، ھېساب ئىلىنىش، خالايىقلار ئالدىدا نامە-ئامال دەپتىرىنىڭ تارقىلىتىشى، نامە-ئەمال دەپتىرىنى ئوڭ ۋە سول ۋە ئارقا تەرەپلەردىن ئالىدىغانلارنىڭ بولىدىغانلىقى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كەۋسەر كۆلىنىڭ بېرىلگەنلىكى، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، ئۇ كۈندە مۆمىنلەر پەرۋەردىگارىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى، ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە سۆزلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا قىيامەت توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بايانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بەرگىنى بويىچە ئىمان ئېيتىشىمىز، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش، تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك نەرسىگە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
1-ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىغا تەئەللۇق بولغان پۈتۈن نەرسىلەرنى مەيلى ئۇ بەندىلەرنىڭ رىزىقلىرىغا ياكى ھايات ماماتلىقىغا ئائىت ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئىشلار بولسۇن ئومۇمىي ۋە تەپسىلىي سۈرەتتە بىلىدۇ دەپ ئىشىنىش.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە تەۋبە 115-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّـهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّـهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر» [سۈرە تالاق 12-ئايەت].
2- ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالانىڭ قازا ۋە قەدەرنى (كائىناتتىكى پۈتۈن نەرسىلەرنى يەنى بولغان ۋە بولىدىغان) لەۋھۇلمەھپۇزغا يازغانلىقىغا ئىشىنىش.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنقُصُ الْأَرْضُ مِنْهُمْ وَعِندَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنى زېمىننىڭ كېمەيتكىنىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ جەسەتلىرنى يەر يەپ كەتكىنىدىن) بىز ھەقىقەتەن خەۋەردارمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) بار» [سۈرە قاف 4-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُّبِينٍ﴾ تەرجىمىسى: «ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز» [سۈرە ياسىن 12-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان» [ھەج سۈرىسى 70-ئايەت].
3- كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا (يەنى ئاللاھ خالىغان ئىشنىڭ بولىدىغانلىقى، خالىمىغان ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىغا) ئىشىنىش.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ﴿إِنَّ اللَّـهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ھېچ كىشى ئىتىراز بىلدۇرەلمەيدۇ» [ھەج سۈرىسى 18-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَن يَقُولَ لَهُ كُن فَيَكُونُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ» [سۈرە ياسىن 82-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)» [سۈرە تەكۋىر 29-ئايەت].
4- كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ تائالا ياراتتى، ئۇ زاتتىن باشقا ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىش.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اللَّـهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)» [سۈرە زۇمەر 62-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّـهِ عَلَيْكُمْ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّـهِ يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟» [سۈرە پاتىر 3-ئايەت].
بىدئەتچىلەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرىگە ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەھلى سۈننەت جامائىتىنىڭ تەقدىرگە بولغان ئېتىقادى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىمان سۆز ۋە ھەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ بولسا، تائەت- ئىبادەت بىلەن كۈچىيىپ، گۇناھ مەئسىيەت بىلەن ئاجىزلىشىدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىش. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەرسىدىن زىنا، ئوغرىلىق، جازانىخورلۇق، مەس قىلغۇچ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئاتا-ئانىلارنى قاقشىتىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى گۇناھلار سادىر بولغان بولسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن، (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەنلا بولسا) ئۇنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق قاتارلىقلار ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [سۈرە نىسا 48-ئايەت].
كۆپلىگەن ساھابىلاردىن رىۋايىتى تەكرارلانغان (مۇتەۋاتىر) بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «إن الله يخرج من النار من كان في قلبه مثقال حبة من خردل من إيمان» تەرجىمىسى: «كىمنىڭكى قەلبىدە قىچىنىڭ يېرىمىچىلىك ئىمان بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى دوزاختىن چىقىرىدۇ».
ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىش، ئاللاھ ئۈچۈن دۈشمەنلىشىش، مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دوست بىلىش، شۇنداقلا كاپىرلارنى دوست بىلمەسلىك ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرمەسلىك قاتارلىقلار ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە؛ مۆمىنلەرنىڭ ئەۋۋىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدۇر. ئەھلى سۈننە جامائىتى ئۇلارنى چەكسىز سۆيىدۇ ۋە دوست تۇتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەنبىيالاردىن قالسا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە پەزىلەتلىك ئىنسانلار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «خير القرون قرني ثم الذين يلونهم ثم الذين يلونهم» تەرجىمىسى: «دەۋرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ زامانەمدۇر، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى، ئاندىن ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئەھلى سۈننەت جامائىتى، ساھابىلار ئىچىدىن ئەڭ پەزىلەتلىكراق كىشىلەر؛ ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئاندىن كىيىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئاندىن كىيىن ئوسمان زىننۇرەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئاندىن كىيىن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگەن ئون ساھابە، ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ساھابە كىراملاردۇر. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار توغرىسىدا توختالماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىختىلاپى مەسىلىلەردە ئىزدەنگەندۇر. ئىزدىنىش جەريانىدا توغرىنى تاپسا ئىككى ئەجىر، توغرىنى تاپىمەن دەپ خاتالاشقان بولسا بىر ئەجىر بىرىلگەن مۇجتەھىدلاردۇر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئەھلى سۈننەت جامائىتى رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى چەكسىز ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى داۋاملىق دوست تۇتىدۇ ۋە مۆمىلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا ھەرۋاقىت ياخشى ۋە گۈزەل تىلەكلەردە بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا ھاقارەت قىلىدىغان، يامان كۆرۈدىغان ۋە شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ماقامىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان راپىزىلار پىرقىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تىلى ۋە ھەرىكىتى بىلەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان نەۋاسىبلار پىرقىسى قاتارلىقلاردىن ئادا-جۇدادۇر.
يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن توغرا ئەقىدە بولۇپ، ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشارەت بەرگەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ (يەنى نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى پىرقىنىڭ) مۇقەددەس ئەقىدىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «لا تزال طائفة من أمتي على الحق منصورة لا يضرهم من خذلهم حتى يأتي أمرالله سبحانه» تەرجىمىسى: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن داۋاملىق ھەقىقەتنى ياقىلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان بىر بۆلەك كىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە تىرىشىدىكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. » [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايىتى].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «افترقت اليهود على إحدى وسبعين فرقة وافترقت النصارى على اثنتين وسبعين فرقة, وستفترق هذه الأمة على ثلاث وسبعين فرقة كلها في النار إلا واحدة فقال الصحابة: من هي يا رسول الله؟ قال: من كان على مثل ما أنا عليه وأصحابي» تەرجىمىسى: «رەسۇلۇللاھ: يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىغا نەسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى، بۇ ئۈممەت يەتمىش ئۈچ پىرقىغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىدىن باشقا ھەممىسى دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ قايسى پىرقە؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ يولىنى تۇتقانلار،» دەپ جاۋاب بەردى. [تىرمىزى ۋە ھاكىم، تەبەرانى رىۋايىتى].
مانا بۇ ئەقىدىگە مەھكەم ئېسىلىش، ئۇنىڭدا تەۋرەنمەي تۇرۇش، ئۇنىڭغا قارشى ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. بۇ ئەقىدىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار ھەرخىل تۈردىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
بۇت ۋە ھەەيكەل، پەرىشتىلەر، ئەۋلىيالار، جىنلار، دەرەخلەر، تاش قاتارلىقلارغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەرلەر چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇش تۈگۈل ئەكسىچە ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە ئازار بەردى. قۇرەيش قەبىلىسى ۋە باشقا ئەرەبلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ئەزىيەتلىرى بۇنىڭ تېپىك مىسالى بولالايدۇ. ئۇلار مەئبۇدلىرىدىن ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولۇشى، كېسەللەرگە شىپا، دۈشمەنلىرىدىن غالىپ كېلىشلىرى قاتارلىقلارنى سوراش بىلەن بىرگە، ئۇلار مەئبۇدلىرى ئۈچۈن قان قىلاتتى ۋە نەزرە بېغىشلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۇ قىلمىشلىرىغا ئىنكار قىلىپ، ئىبادەتكە ھەقلىق زات يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغىنىدا، ئۇلار ئەجەپلەنگەن ھالدا بۇ بۈيۈك چاقىرىققا ئىنكار قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَـٰهًا وَاحِدًا إِنَّ هَـٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» [سۈرە ساد 5-ئايەت].
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى، ئاللاھ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىپ، دىنغا گۇرۇھ -گۇرۇھ بولۇپ كىرگىنىگە قەدەر ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلىپ، شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇردى.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ساھابە كىراملار، تابىئىن قاتارلىقلار ئۇزۇن مۇددەت جىھاد قىلىش، ئۈزلۈكسىز دەۋەت قىلىش نەتىجىسىدە -ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن- ئىسلام دىنى باشقا دىنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ئەھۋال ئۆزگىرىپ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئاڭسىزلىق قاپلاپ كۆپۈنچە كىشىلەر جاھىلىيەت دىنىغا قايتتى. ئۇلار ئىبادەت ئېتىقاد كۆز قارىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەۋلىيالارنى ئۆز مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن ياردەم سوراش، دۇئالىرىدا ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىش قاتارلىق شېرىكنىڭ تۈرلىرى ۋە شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدى. لاإله إلا الله نىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەرەب مۇشرىكلىرى بىلگەنچىلىكمۇ چۈشەنمىدى. جاھالەت قاراڭغۇلۇقىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن كېيىنكى ئەسىرلەردە كەڭ تارىلىشى سەۋەبلىك، مەزكۇر شېرىك ئەقىدە ۋە ئىدىلوگىيە كۆزقاراشلىرى مانا بۈگۈنكى دەۋرىدىمۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى شېرىك ئەقىدىدىكىلەرنىڭ ئېتىقادى كۆز قارىشى ئىلگىرىدىكى مۇشرىكلارنىڭكىدىن ھېچ پەرقى يوق.
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿هَـٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: «بۇلار (يەنى بۇتلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ»[سۈرە يۇنۇس 18-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّـهِ زُلْفَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر(دەيدۇ).» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئاللاھ تائالا بۇ شەكلىك ئېتىقادنى باتىلغا چىقىرىپ، كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، كىمىكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە كۇپۇر قىلغان بولىدۇ دەپ بايان قىلدى.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّـهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَـٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇلار (يەنى بۇتلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار، دېيىشىدۇ» [سۈرە يۇنۇس18-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوزلىرىگە ئاللاھ تائالا مۇنداق جاۋاب قىلدى: ﴿قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّـهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قالغاندىمۇ؟، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر» [سۈرە يۇنۇس 18-ئايەتنىڭ داۋامى].
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە پەيغەمبەر ياكى ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەكلى ئۆزگەرگەن ئېتىقاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، ھەتتا ئېتىقاد قىلغۇچى ئېتىقادىنى باشقا ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ چوڭ شېرىك كاتىگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّـهِ زُلْفَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر، دەيدۇ.» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوزلىرىگە ئاللاھ تائالا مۇنداق جاۋاب قىلدى: ﴿إِنَّ اللَّـهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەتنىڭ داۋامى].
دۇئا، قورقۇش، ئۈمىد قاتارلىق ئىبادەتلەر ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەسەررۇپ قىلىنسا، ئاللاھقا ئىنكار قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، بايان قىلىپ: ئۇلارنىڭ، "بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر" دېگەن سۆزلىرىنى ئاللاھ تائالا يالغانغا چىقاردى.
ساغلام ئەقىدىگە زېت كېلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە قارشى باتىل ئىتىقادلار توغرىسىدا تۆۋەندە ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمىز:
*ھازىرقى زاماندا ماركىس ۋە لېنىن قاتارلىقلارغا ئەگەشكۈچى مۇلھىدلار، مەيلى ئۇلار كومۇنىزم دېسۇن ياكى سوتسىيالىزىم دەپ ئاتىسۇن، ئۇلار دىنسىزلىق ۋە ئازغۇنلىققا چاقىرغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئاللاھ يوق، ھايات ماددىدىن تەركىپ تاپىدۇ، ئىنسانلار قايتا تىرىلدۇرۇلمەيدۇ، جەننەت ۋە دوزاخ يوق، دىن دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس دەپ پۈتۈن ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكار قىلىدۇ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇسا ۋە ئىزدەنسە ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى بىلەلەيدۇ. بۇ نەزىرىيەگە ئېتىقاد قىلغۇچىلار دۇنيا ۋە ئاخرەتتە يامان ئاقىبەتكە دۇچار بولغۇسى.
*سوپىلار ۋە باتىنىلاردىن بەزىلىرى ئاتالمىش «ئەقتاب، ئەۋتاد، ئەغۋاس» ئەۋلىيالىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئىشتىراك قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ دېگەن سەپسەتە بىلەن ھەقىقەتكە قارشى ئەقىدىلەرنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان يۇقىرىقىدەك ئىسىملارغا چوقۇنماقتا. بۇ بولسا تەۋھىد رۇبۇبىييەگە زىت كېلىدىغان ئەڭ قەبىھ شېرىكتۇر. شۇنداقلا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىدىن يامانراقتۇر، چۈنكى ئەرەب مۇشرىكلىرى ئاللاھنىڭ كائىناتنى ياراتقانلىقى، رىزىق بەرگۈچى قاتارلىق تەۋھىد رۇبۇبىييەگە ئائىت پۈتۈن سۈپەتلەرنى ئېتىراپ قىلاتتى، پەقەت ئىبادەتلەردە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. ئۇلار خاتىرجەم ۋە باياشات كۈنلەردە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسىمۇ، ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلاتتى ۋە سىغىناتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان-ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا-قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، ناگاھان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 65-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّـهُ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم "ئاللاھ" دەيدۇ» [سۈرە زۇخرۇپ87-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: ﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّـهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): "ئاللاھ" دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟.» [سۈرە يۇنۇس 31-ئايەت].
ئەمما كېيىنكى مۇشرىكلار ئىلگىرىكىلەردىنمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىدا ئاشۇرۇۋەتتى:
1 - ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەۋھىد رۇبۇبىييەدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى.
2 - ئۇلار خاتىرجەم ۋە ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى.
كىمىكى ئۇلار بىلەن ئارىلاشقان بولسا ۋە ياكى يېقىندىن كۈزۈتۈپ قارايدىغان بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە زىت قىلمىشلىرىنى كۆرۈۋالالايدۇ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن مىسالغا ئالىدىغان بولساق: مىسىردا ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بەدەۋى قاتارلىقلارنىڭ قەبرىلىرى، ئەدەن شەھىرىدە ئەيدروسنىڭ قەبرىسى، يەمەندە ئەلھادىنىڭ قەبرىسى، شامدا ئىبنى ئەرەبىينىڭ قەبرىسى، ئىراقتا ئابدۇلقادىر جېيلانى قەبرىسى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئودىخان پادىشاھىم، ئاپپاق غوجام، چىلتەنلىرىم، كۆھمارىم، ئىمام جەئپەر سادىق قاتارلىق مەشھۇر مازارلارغا بېرىپ ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش، چوقۇنۇش ۋە سىغىنىش، نەزىر قىلىش قاتارلىق، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا قىلىنىدىغان ئەمەللەرنى ئۆزىگىمۇ ھېچ مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ئۆلۈكلەرگە سەرپ قىلماقتا، ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىمۇ بۇ شېرىك ئەقىدىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالماي قويمىدى ۋە ئېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇ قىلمىشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىپ كەلگەن تەۋھىدنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن چۈشەنچە بېرىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بەندىسى، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن ئۇلارنى توغرا يولغا قايتۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھەقىقەتپەرۋەر ئوغلانلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى، ئۆلىمالىرىمىز ۋە دەۋەتچىلىرىمىزنى مەزكۇر شېرىك ئەقىدىنى تۈگىتىش يولىدا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ ۋە بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سورايمىز.
بىدئەت پىرقىلىرىدىن جەھمىيە، مۇئتەزىلە ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغانلار ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ كامالى سۈپەتلىرىنى يوققا چىقىرىپ، مەۋجۇتسىز، جامادات، ئىمكانىيەتسىز سۈپەتلەر بىلەن ئاللاھنى سۈپەتلەپ، ئاللاھنىڭ گۈزەل - ئىسىملىرىغا ئىمان كەلتۈرۈشتە ساغلام ئەقىدىگە زىتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇلاردىن يەنە ئەشئەرىلەر ئۆزلىرى مۇقىملاشتۇرغان سۈپەتلەردىن باشقا، ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇ ھەقتىكى دەلىل ئىسپاتلارنى ئۆز ئەقىدىلىرىگە قارىتا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن دەلىللەر ئارىسىدا ئۆپ-ئۆچۈق زىتلىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ دەلىللەرنى تەۋىل قىلىپ، ئۇنى ئەقلى دەلىللەر بىلەن بۇرمىلايدۇ (يەنى ئەقلى دەلىللەرنى شەرئى دەلىللەرنىڭ ئۇستىگە قويىدۇ).
ئەمما ئەھلى سۈننەت جامائىتى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆزى ئۈچۈن مۇقىملاشتۇرغان، ئۇنىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈچۈن ئىسپاتلىغان كامالى گۈزەل ئىسىم -سۈپەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشىشىدىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى دەلىل ئىسپاتلارغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ئۇنى بۇرمىلىمايدۇ ۋە يوققا چىقارمايدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويۇنچە ئىمان كەلتۈرىدۇ.
بۇ مىللەتنىڭ ئەۋۋىلى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت بىلەن ئىسلاھ قىلىنغان ئىكەن، ئاخىرىمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھ بولىدۇ. مانا بۇ داغدام يول، بۇ ئۈممەتنىڭ پىشىۋالىرى ۋە سەلەپ ئالىملىرى، مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بىردىن بىر تاللىغان نىجاتلىق يولىدۇر.
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بىلىڭكى، ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ۋە ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى ئىشلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ بۈيۈك چاقىرىق بىلەن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ئازغۇنلىققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا خەۋەر بەردى.
كۆپلىگەن ئايەتلەردە دىندىن يېنىۋېلىش، تۈرلۈك شېرىك ۋە كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللاردىن ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى، ئۆلىمالار «مۇرتەد بولغۇچىنىڭ ھۆكمى» ناملىق ئەسەرلىرىدە زىكىر قىلدى.
مۇسۇلمان گاھىدا قېنى ۋە مېلى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھالال بولىدىغان، دىندىن چىقىرىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ۋە ئەڭ كۆپ سادىر بولىدىغىنى تۆۋەندىكىدەك ئون ئىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆۋەندە سىزگە بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشىڭىزنى، ئەقىدىڭىزگە سالامەتلىك ۋە ساغلاملىق ئۈمىد قىلغان ھالدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنى تەرتىپ بىلەن بايان قىلىمىز:
بىرىنجى: ئىبادەتتە ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش. (يەنى يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلماي، ئۇ زاتقا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىش.ت-).
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» [سۈرە نىسا 48-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّـهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّـهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ.» [سۈرە مائىدە 72-ئايەت].
شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش، ئۇلارغا نەزرە ئاتاش، ئۇلارغا ئاتاپ قان قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنجى: كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا بىرەر نەرسىنى ۋەسىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا سېغىنسا ياكى شاپائەت تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلسا، ئۇ كىشى مەزكۇر قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
ئۈچىنجى: كىمكى مۇشرىكلارنى كاپىر دەپ قارىمىسا، ياكى ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىدىن شەك قىلسا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھاياتتا تۇتۇپ ماڭغان قانۇن پروگراممىلىرىنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنجى: كىمىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن باتىل ئىتىقاد ۋە قانۇنلارنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن ياخشىراق ۋە مۇكەممەل دېگەن كۆز قاراشتا بولسا، يەنى ئىلاھىي قانۇندىن مەخلۇقلار تەرىپىدىن قويۇلغان قانۇن پرىنسىپلارنى ئۈستۈن دەپ قارىسا ئۇ ئادەم كاپىر ھېسابلىنىدۇ.
بەشىنجى: كىمىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنى ئەھكاملىرىدىن بىرەر نەرسىنى يامان كۆرسە ياكى ئىنكار قىلسا، گەرچە ئۇ، مەزكۇر شەرئى ھۆكۈمنى يامان كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ھالدىمۇ ئاللاھقا كۇپرى قىلغان بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنزَلَ اللَّـهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى» [سۈرە مۇھەممەد].
ئالتىنجى: كىمىكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ شەرىئىتىنى ياكى ئۇنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت ھۆكۈملىرىدىن بىرەرسىنى مەسخىرە قىلسا، مەزكۇر قىلمىشى سەۋەبلىك، ئۇ ئىنسان ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ، لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار» [سۈرە تەۋبە 65-66-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى].
يەتتىنجى: سىھېرگەرلىك قىلىش، ئىسسىق سويۇتقا قىلىش، (يەنى جىنلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشسا ياكى باشقىلارنى جىن-شەيتانلارنىڭ يولى بىلەن مۇرادىغا يەتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرسە ۋە ياكى سىھېرگەرلىكنى توغرا دەپ ئىتىقاد قىلسا، مەزكۇر قىلمىشى سەۋەبلىك، ئۇ ئىنسان كاپىر بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى» [سۈرە بەقەرە 102-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
سەككىزىنجى: مۇسۇلمانلاردىن، مۇشرىكلارنىڭ سېپىدە تۈرۈپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇشرىكلارغا ھەمكارلاشقانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە مائىدە 51-ئايەت].
توققۇزىنجى: كىمكى بەزى كىشىلەرنىڭ (يەنى پىر ۋە ئىشان، بىدئەتچىلەرنىڭ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن چىقىپ تۇرىشىغا كەڭچىلىك بار دەپ ئىتىقاد قىلسا ئۇ كىشى كاپىردۇر.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر» [سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].
ئونىنجى: مۇسۇلمان تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشماسلىق، ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇ كىشىنى ئىسلام دىنىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنتَقِمُونَ﴾تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز» [سۈرە سەجدە 22-ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر، چاقچاق ياكى ھەقىقىي مەنادا ۋە ياكى قورققان ھالەتتە سادىر بولسۇن (مەجبۇرلانغان كىشى بۇنىڭ سىرتىدا)، ھەرقانداق كىشىدىن سادىر بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇ، ئاقىۋىتى ئەڭ خەتەرلىك ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت، ئۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.
كىمىكى، ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تۈزۈم ۋە قانۇنلار ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىدىن ئەۋزەل ۋە ياخشى دەپ قارىسا ياكى ئىسلامى تۈزۈم ۋە قانۇنلار 21-ئەسىرگە ماسلىشالمايدۇ، ئىسلام دىنى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى دەپ قارىسا، ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىتىقاد قىلىشى ۋە چوقۇنىشى، ئىنساننى تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى بەزى ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىشىغا توسالغۇ دەپ قارىسا، ئىسلام دىنىنىڭ جىنايەت قانۇنلىرىدىن؛ ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولىنى كېسىش، نىكاھلانغان تۇرۇپ زىنا قىلغۇچىلارنى رەجمە قىلىش (چالما ـ كېسەك قىلىش) قاتارلىقلار ھازىرقى زامانغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، ئاللاھنىڭ ھۆكمى باشقا قانۇن تۈزۈملەردىن ئەۋزەل ۋە ياخشى دەپ ئىتىقاد قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇئامىلىلەر، قىساس، مىراس، تالاق قاتارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا تۈزۈملەر بىلەن ھۆكۈم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، دېيىش قاتارلىقلار ئومۇمەن ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى مۇباھ (يەنى ھالال قىلغانلىق) بولۇپ سانىلىدۇ.جازانە قىلىش، مەس قىلىدىغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا تۈزۈم-قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرەرسىنى ھالال ساناش بولسا، كۇپرىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىگە كىرىدۇ ۋە شۇنداقلا ئىسلام ئۆلىمالىرى مەزكۇر ئېتىقاتتا بولغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.
ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئەلەملىك ئازابلىرىغا دۇچار بولۇپ قىلىشىمىزدىن ئۇ زاتتىن سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھنىڭ بۈيۈك سالامى ۋە رەھمىتى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ياخشىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن!