إيصال صاحب سيارة الأجرة الركاب إلى الأماكن المحرمة
مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
المفتي: الشيخ محمد بن صالح العثيمين
3609-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بۇ سۇئال پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىيندىن سورالغىنىدا، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: تاكسىغا چىققان يولۇچىلارنى ھاراق ئېچىدىغان ۋە كېچىلىك كۆڭۈل ئاچىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇش قەتئى توغرا ئەمەس، بەلكى دىنىمىزدا بۇنداق ئىشلارغا ھەمكارلىشىش چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار». ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
(دېمەك؛ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا سۈكۈت قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش بولۇپ، مىللەتنىڭ نورمال ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقلى جايىدا، ۋىجدانلىق بىر ئىنسان، پۇل-مالنى دەپ، دىنى، مىللىتى، ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ، مىللىتىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشىغا ھەرگىزمۇ يول قويالمايدۇ.-م- )