زىنا قىلىش پىكرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك (⮫)


زىنا قىلىش پىكرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەددۇۋەيش

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

2014 - 1435

مواجهة التفكير بالزنا

« باللغة الأويغورية »

فضيلة الشيخ محمد بن عبد الله الدويش

ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

مراجعة: نظام الدين تمكيني

2014 - 1435

زىنا قىلىش پىكرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك

11498- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مۇسۇلمان ئەر ياكى ئايالنىڭ كۆڭلىدە زىنا قىلىش توغرىسىدا پىكىر پەيدا بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

زىنا قىلىش توغرىسىدا پىكىر قىلىش بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ؛

بىرىنچى: بۇ ھەقتىكى ئويلاش ئىنسان قەلبىگە ئورنىماستىن پەقەت كۆڭۈلدىن كېچىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئىنساندىن ئۇنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ، ياخشىسى كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەزكۇر پىكىرنى يوق قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

ئىككىنچى: زىنا قىلىشنى كەسكىن ئىرادە ۋە نىيەت بىلەن پىكىر قىلىش. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسان بۇنىڭغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ چارىسىنى كۆرۈش مۇمكىن:

1-تۇرمۇش قۇرۇش توغرىسىدا كەسكىن پىكىر قىلىش. چۈنكى نىكاھلىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار شەرئى ئىززىتى ۋە پاكلىق ئىپپىتىنى ساقلايدۇ.

2-نەپلە روزا تۇتۇش. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار كۆپ روزا تۇتۇشى لازىم.

3-مۇسۇلمان ئەر ياكى قىز-خانىملار قۇرئان كەرىمنى ھەركۈنى تىلاۋەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، نەپلە نامازلارغا ھېرىسمەن بولۇش، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچلاندۇرىشى لازىم.

4- دوست-بۇرادەرلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

5-شەھۋىتىنى قوزغايدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن، شۇنداقلا شەيتانى ھەۋەسلەرگە ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

6-زىنانىڭ ئىنسانغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى جازاسىنى ئەسلەش لازىم. چۈنكى زىنانىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قەبىھ بولۇپ، زىنا قىلغۇچىلار ئۆزى لەززەت دەپ قارىغان بىرقانچە مىنۇت، دائىملىق ئازابقا نىسبەتەن ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.