ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ ھۆكمى ()

پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرزۇق تۇرەيپى

 

يىقىنقى زاماندىن بىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا بەزى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوپئوچۇق تىل ئۇزىتىلماقتا. بۇ ھالەت ھەتتا ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان، نامازمۇ ئوقۇپ قويىدىغان ئاتالمىش مۇسۇلمانلارنىڭ شەيتان كەينىگە كېرىپ، ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمىغان سۆزلەر بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئۇنى سۈپەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىشتەك ئىسيانكارلىقلىرى بارلىققا كەلمەكتە!. ئۇلار دىققەت قىلماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇسۇلمان ئاڭلىسا ياكى دېيىلسە چۆچۈيدىغان سۆزلەرنى دەپ تاشلايدۇ-دە، گەرچە ئۇلار مەزكۇر سۆزنى ئاللاھنى ھاقارەت قىلىش ياكى چۇشۇرۇش نىيىتى بىلەن دېمىدۇق دېگەن تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ رىسالە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى ئوقۇرمەنلەرگە روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

|

 ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ ھۆكمى

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

پەزىلەتلىك شەيخ د. ئابدۇلئەزىز تۇرەيپى

تەرجىمە قىلغۇچى: نىزامىددىن تەمكىنى & مۇنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

 كېرىش سۆز

 ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھنىڭ شانى شەۋكىتىگە لايىق ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاللاھقا ئىتائەت ۋە بويسۇنغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇكرى ئېيتىمەن. مەخلۇقاتلار ئاللاھ تائالا ئۆزى ھەققىدە بىلدۈرۈشنى خالىغاندىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ تائالانى ئۆز شەنىگە لايىق ئۇلۇغلاشتىن ئاجىز كېلىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۇرىمەن.

 دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۇنىڭ كونتروللىقىدا بولغان، بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغا قايتىدىغان، يەككە-يېگانە ھېچ شېرىكى يوق، ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇد بەرھەقنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنىڭ شۈكرى ھەرقانچە قىلىنسىمۇ ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىنمايدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار يوللايمەن.

 شۈبھىسىزكى، كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقلاتلارنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقىنى ئىقرار قىلىشى بولسا، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەر بىر ئىنسان ئۆز جىسم ۋە ئەزالىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ياراتقۇچىسىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ماھارەت، سەنئەت ۋە بەدىئىيىلىككە ئىگە زات ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىدۇ.

 بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَفِي أَنفُسِكُمْ أَفَلَا تُبْصِرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، بۇنى كۆرمەمسىلەر» [سۈرە زارىيات 21-ئايەت].

 ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە دېگەن سۆزىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّـهِ وَقَارًا ، وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا﴾ تەرجىمىسى: «نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟، ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى» [سۈرە نۇھ 13-14- ئايەتلەر].

 ئىبنى ئابباس ۋە مۇجاھىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار يۇقىرىدىكى ئايەتتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۈمىد قىلمايسىلەر.» [ئەددۇلمەنسۇر 8-توم 290-291- بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

 ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھ تائالانى بۈيۈك شانى شەۋكىتىگە لايىق ئۇلۇغلىمايسىلەر؟». [تەبەرىنىڭ جامىئۇل بايان ناملىق ئەسىرى 23/296، بەغەۋىينىڭ مەئالىمۇتتەنزىل ناملىق ئەسىرى 5-توم 156-بەت].

 نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىشتىن ئىلگىرىكى تەدرىجى يارىتىلىش ئەھۋاللىرىنى تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى ھەققىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

 ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەدرىجى يارىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭ چەكسىز ئىلاھى قۇدرىتىنى بىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەنۇ-، كائىناتتىكى ۋە ئاسما-زېمىندىكى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۇستىدە ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىلىپ بېرىلسا، قانداقمۇ ئۇ زاتنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتى نامايەن بولمىسۇن!.

 ئەمما ئىنسانلار، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھى قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان مەخلۇقاتلىرىغا، ھەقىقەت ۋە توغرىغا يېتەكلىنىش ئۈچۈن تەپەككۇر ياكى پىكىر يۈرگۈزمەستىن، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قەلب كۆزلىرى بىلەن قارىماستىن، بەلكى ئۇ نەرسىلەرگە ھۇزۇرلىنىش ۋە لەززەتلىنىش غەرىزى بىلەنلا قارىغانلىقى سەۋەبلىك، ياراتقۇچى زاتنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكَأَيِّن مِّنْ آيَةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.» [سۈرە يۇسۇپ 105-ئايەت].

 ھەقىقەتكە قارشى پىكىر قىلغۇچىلار ۋە قەلبلىرى غەپلەت باسقان ئىنسانلار ئۈچۈن، ئاللاھ تەرىپىدىن مۆجىزە كەلتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارغا مەنپەئەتى بولمايدۇ. ئاللاھقا كۇپرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىدىغان ھەتتا ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن ئۇ زاتقا تىل ئۇزاتقان ئىنسانلار قەلبىدە، ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئىستىكى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ.

 كىمىكى بۈيۈك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىشتىن نەقەدەر جاھىل قالسا، ئۇ زاتقا ئۇنىڭ مىقدارىدا ئاسىي بولۇش ۋە كۇپرىلىق قىلىش بىلەن بىرگە، قەلبىدە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر تۆۋەن بولىشىغا قارىتا ئىنكار قىلىدۇ. مەنىۋىيىتى زەئىپ ئىنسان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا، ئۆز جاھىللىقىغا كۆرە بويسۇنىدۇ. ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.

 مۇشرىكلار ياراتقۇچى ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلدى ۋە قىيامەت كۈنى چىرىپ كەتكەن سۆڭەكتىن تىرىلدۇرگۈچى زاتقا كاپىر بولدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئارىدىكى چۈشەنچە بوشلۇقىنى بايان قىلىپ كاپىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّـهِ لَن يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ وَإِن يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَّا يَسْتَنقِذُوهُ مِنْهُ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ ، مَا قَدَرُوا اللَّـهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِنَّ اللَّـهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! (يەنى مۇشرىكلار جامائەسى!) بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر. ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر.» [سۈرە ھەج 73-74-ئايەتلەر].

 ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرىنى بىلىش، كائىناتتىكى ئىلاھى قۇدرەتكە دالالەت قىلىدىغان شەيئىلەر ئۇستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سىلىش، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىنلەر ياكى كۇپرى قىلغان يالغانچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىقلار ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشنىڭ تۈرىگە كېرىدۇ.

 شەرىئەت پرىنسىپلىرىدىكى چەكلىمە ۋە يوليورۇقلارنى بىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش بولسا، قەلبدە ئىماننى ئۇرغۇتىدۇ. نەتىجىدە ئىماننىڭ ھارارىتى يالقۇنجايدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. كىمىكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىمان ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، مەزكۇر ئىماننىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلمىسا، ئۇ شەخسنىڭ قەلبىدىن ئىمان نۇرى ئۆچۈشكە باشلايدۇ ۋە ھەقىقەتكە ئىنتىلىشى تەدرىجى سۇسلىشىدۇ.

 ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّـهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ﴾ تەرجىمىسى: «ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر» [سۈرە ھەج 32-ئايەت].

 ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە چەكلىمىسىنى چوڭ بىلىش، ئۇ زاتنى ئۇلۇغلىغانلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىسىنى كاتتا بىلگەندە، ئۇنىڭغا كۇپرى قىلىش سادىر بولمىغاندەك، ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىسىگە بويسۇنمىغاندا ۋە ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئۇ زاتقا كۇپرى ۋە ئىنكار قىلىش، ھەتتا تىل ئۇزىتىش قاتارلىق قەبىھ قىلمىشلار بارلىققا كېلىدۇ.

 يىقىنقى زاماندىن بىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا بەزى ئىنسانلار تەرىپىدىن تىل ئۇزىتىلماقتا. بۇ ھالەت ھەتتا ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان، نامازمۇ ئوقۇپ قويىدىغان ئاتالمىش مۇسۇلمانلارنىڭ شەيتان كەينىگە كېرىپ، ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمىغان سۆزلەر بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئۇنى سۈپەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىشتەك ئىسيانكارلىقلىرى بارلىققا كەلمەكتە!. ئۇلار دىققەت قىلماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇسۇلمان ئاڭلىسا ياكى دېيىلسە چۆچۈيدىغان سۆزلەرنى دەپ تاشلايدۇ-دە، گەرچە ئۇلار مەزكۇر سۆزنى ئاللاھنى ھاقارەت قىلىش ياكى چۇشۇرۇش نىيىتى بىلەن دېمىدۇق دېگەن تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ.

 مەزكۇر سۆزلەرنىڭ قايسى ئۇسلۇب ياكى قايسى نىيەتتە دېيىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق ساماۋى دىنلاردا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقى ۋە ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك ئىشلارنىڭ خەتىرى ۋە ساغلام ئەقىلگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى بايان قىلىشقا ئېھتىياجلىق دەپ قارىلىدۇ.

 بۇ ھەقتە تۆۋەندە قىسقىچە چۈشەنچە بىرىمەن:

ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزىتىش: بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانى كەمسىتىدىغان ياكى ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەرقانداق ئىش ۋە سۆز-ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەرنى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ ياكى جىددىيلىك بىلەن بىلىپ بىلمەي دېسۇن، بۇ مەسىلىدە مەقسەت ياكى نىيەت ئېتىبارغا ئىلىنماستىن بەلكى ئىنساندىن سادىر بولغىنى ئېتىبارغا ئىلىنىپ، بۇ ئاللاھقا قىلىنغان كۇپرىلىق دىيىلىدۇ.

 تىللاشنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەنىسى

 ئۆرپ-ئادەتتە تۆۋەن كۆرۈش ياكى كۆزگە ئىلماسلىق، تىللاش ياكى مەسخىرە قىلىشقا ئوخشىغان، ئىنسانلار نەزىرىدە ئاھانەت سانىلىدىغان بارلىق ئىشلار شەرىئەتتىمۇ شۇنداق قارىلىپ، ئۆرپ-ئادەتكە ئېتىبار بېرىلىدۇ. مىسالغا ئالساق: لەنەت ۋە ئاھانەت، يامان سۆز، ئىشارە ئارقىلىق ياكى ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەش، شۇنىڭدەك بىرەر مىللەت تەرىپىدىن مەسخىرە ۋە تىللاش دەپ قارىلىدىغان سۆزلەر، باشقا بىر مىللەتتە تىللاش مەسخىرە قىلىش ھېسابلانمىغان تەقدىردىمۇ، مەزكۇر سۆز تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش دەپ قارىلىدۇ.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىشنىڭ ھۆكمى

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىشنىڭ كۇپرىلىقى ۋە ئۇنىڭغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسلام ئەھلى ئىختىلاپلاشمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلۈشتىن ساقلىنىپ قىلىنامدۇ؟ ياكى ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟، بۇ ھەقتە ئۆلىمالار مەشھۇر ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش، ئۇ زاتقا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك ئەزىيەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّـهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُّهِينًا، وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلار (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلار) نى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ. مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاب 57-58- ئايەتلەر].

 ئاللاھ تائالاغا ئەزىيەت بېرىش دېگەنلىك، ئۇ زاتقا زىيان يەتكۈزۇش دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ. ئەزىيەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

 بىرىنچى: زىيان سالىدىغان ئەزىيەت.

 ئىككىنچى: زىيان سالالمايدىغان ئەزىيەت.

 ئاللاھ تائالاغا ھېچ شەيئى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەدىس قۇدسىيىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنساڭلارمۇ ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر» [مۇسلىم رىۋايىتى 2577-ھەدىس].

 ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئەزىيەت بەرگەنلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەت قىلدى.

 لەنەت؛ بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوغلىنىشى دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئىككى رەھمەتتىن ئاللاھقا كاپىر بولغۇچى ئىنسانلارلا ئۇ زاتنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش سەۋەبلىك مەھرۇم قالىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئايەتتە كىمىكى مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىنە ئاياللارغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى بولىدىغانلىقى زىكىر قىلىنمىدى. چۈنكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە تىل ئۇزىتىش ۋە لەنەت قىلىش، يالغاننى چاپلاش قاتارلىق ئىشلار كۇپرىلىق بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەققىدە قىلىنغان روشەن بوھتان ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

 ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆزىنىڭ زاتى ئىلاھىغا ئەزىيەت بەرگۈچىگە خار قىلغۇچى ئازاب تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُّهِينًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ» [سۈرە ئەھزاب 57-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. "خار قىلغۇچى ئازاب" دېگەن بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچىلارنىڭ ھەققىدىلا بايان قىلىنىدۇ.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىش، كۇپرىلىقنىڭ كۇپرىسى بولۇپ، بۇتقا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ كاپىر بولىشىدىنمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى بۇتقا چوقۇنغۇچىلار بۇتلىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ قەدرى ۋە ھۆرمىتىنى چۇشۇرۇش ۋە ئەزىيەت قىلىش نىيىتى بىلەن ئاللاھنى بۇتلىرى بىلەن باراۋەر دەپ قارىماستىن، بەلكى چوقۇنغۇچىلىرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مانا بۇ مۇشرىكلار دوزاخقا كىرگەندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: ﴿تَاللَّـهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ ، إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق.» [سۈرە شۇئرا 97-98-ئايەتلەر].

 مۇشرىكلار بۇتلىرىنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈردى ئەمما ئاللاھنىڭ شەنى ۋە ھۆرمىتىنى تاش بىلەن باراۋەر دەرىجىگە چۈشۈرمىدى. ئۇلار بۇتلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە چوقۇنۇشنى، ئاللاھنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. كىمىكى ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ قەدرى ۋە ھۆرمىتىنى مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنغۇچىسىدىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا قويغان بولىدۇ. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىغانلىقىدىن ئوينىشىپ ياكى چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ تىللىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمىكى ئۇلارنىڭ خۇداسىنى تىللىسا، ئۇلارمۇ تىللىغۇچىنىڭ ئىلاھىغا تىل ئۇزىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّـهِ فَيَسُبُّوا اللَّـهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ﴾ تەرجىمىسى: «مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ.» [سۈرە ئەنئام 108-ئايەت].

 مۇشرىكلار كاپىر تۇرۇقلۇق، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى تىللاشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار كاجلىقىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا تىل ئۇزىتىپ كۇپرىلىق ئۇستىگە كۇپرىلىق ئۆتكۈزگەن بولاتتى.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزۇتۇپ دېيىلگەن بەزى سۆزلەرنىڭ جىنايىتى كۇپرىلىقتا مۇلھىدلىقتىنمۇ ئېغىر، چۈنكى مۇلھىد، ئاللاھ تائالا ئۇلۇغلىنىپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىقرار قىلىنغاندا، كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بەرگۈچى بۇ زاتنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىغا تىل ئۇزاتقانلىقى، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ جەڭ ئىلان قىلغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

 بىرەر يۇرتتا چوقۇنغۇچىلىرى تەرىپىدىن بۇتلارنىڭ تىكلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۇنى تاۋاپ قىلىشى، سەجدە قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن بەرىكەت ھاسىل قىلىمىز دەپ ئېتىقاد قىلىشىغا قارىغاندا، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا ئىجتىمائىي سورۇنلاردا، كوچا-كۆي ۋە بازارلاردا، ئوپ-ئوچۇق ۋە ئەركىن- ئازادە ھاقارەت قىلىپ تىل ئۇزىتىلىشى بولسا، يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بۈيۈكراق جىنايەتتۇر. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ئىككىلىسى ئاللاھقا قىلىنغان كۇپرىلىقتۇر. ئەمما ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا ئوپ-ئوچۇق تىل ئۇزىتىش بولسا، ئۇ زاتقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەندىن ئېغىرراقتۇر. چۈنكى مۇشرىك شېرىك ئىبادىتىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلايمەن دەپ ۋاسىتە قىلىدۇ، تىل ئۇزاتقۇچى بولسا ئاللاھنى كەمسىتىدۇ. (جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلەشلىرىدىن پاكدۇر).

 بىرەر يۇرتتا زىنا-پاھىشە ھالال سانىلىپ قانۇنلۇق يولغا قويۇلغاندىن، ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىش نورمال ئەھۋالغا ئايلانغىنى ئېغىر جىنايەتتۇر. چۈنكى، پاھىشە ئىشلارنى ئىنسانىي ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا ھالال ساناپ، قانۇنلۇق يولغا قويۇشى ئاللاھقا قىلىنغان كۇپرىلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شەرئى پرىنسىپلارغا ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەنسىتمىگەنلىكىدۇر.

 ئەمما ئاللاھقا تىل ئۇزىتىش ئوپ-ئوچۇق كۇپرىلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شەرئى پرىنسىپلارنى يولغا قويغۇچى بولغان زاتنىڭ شەنىگە تىل ئۇزاتقانلىقتىندۇر. شەرىئەتنى يولغا قويغۇچى زات ئاللاھقا كۇپرى قىلىش، ئۇنىڭ بارلىق قانۇن-پرىنسىپلىرىغا كۇپرى قىلغانلىق ۋە ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككىلا ئىش ئوخشاشلا ئاللاھقا كۇپرى قىلغانلىق بولۇپ، ئەمما كېيىنكىسىنىڭ جىنايتىى ئېغىرراقتۇر. ئىمان يۈكسەكلىكتە دەرىجىگە ئايرىلغاندەك، كۇپرىمۇ ئېغىرلىقتا دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

 ناسارالارنىڭ ئاللاھقا كۇپرى قىلىپ، ئۇ زاتقا پەرزەنت نىسبەت بېرىشى، ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزاتقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ تەسىرىنىڭ يۇلتۇز ۋە بۇتلارغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ شېرىك ئېتىقادىدىن ئېغىرراق جىنايەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَـٰنُ وَلَدًا ، لَّقَدْ جِئْتُمْ شَيْئًا إِدًّا ، تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنشَقُّ الْأَرْضُ وَتَخِرُّ الْجِبَالُ هَدًّا ، أَن دَعَوْا لِلرَّحْمَـٰنِ وَلَدًا ، وَمَا يَنبَغِي لِلرَّحْمَـٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا ، إِن كُلُّ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَـٰنِ عَبْدًا ، لَّقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا ، وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار: "ئاللاھنىڭ بالىسى بار" دېيىشتى. سىلەر شەك - شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار. بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى. بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ.» [سۈرە مەريەم 88-ئايەتتىن 95-ئايەتكىچە].

 ئاللاھ تائالاغا پەرزەنت نىسبەت بېرىش، ئۇ زاتنىڭ ئىلاھلىق شانۇ-شەۋكىتىنى كەمسىتكەنلىك ۋە ئاللاھقا تىل ئۇزاتقانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ماھىيەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەندىن ئېغىرراقدۇر. مۇشرىكلارنىڭ مەخلۇقنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاپ، يەككە-يېگانە ئاللاھقا پەرزەنت نىسبەت بېرىشى ياراتقۇچىنى مەخلۇققا ئوخشاتقانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشى، مەخلۇقنى ياراتقۇچى بىلەن باراۋەر مەرتىۋىدە قويغانلىقى بولۇپ، ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسىنى ئىلاھلىق ئورنىدىن چۇشۇرۇشى، مەخلۇقنىڭ دەرىجىسىنى ئىلاھلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرگەنلىكتىن كۇپرىدا ئېغىر ۋە بۈيۈك جىنايەتتۇر.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىش بولسا؛ ئۇ زاتقا ئىشىنىش، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئىبادەتتىكى ھەققىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئوخشىغان ئىشلار چەكلىمىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئاللاھ سۆيگۈسى، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭدىن ھايا قىلىش ۋە قورقۇش، ئۈمىد قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاقىدار بولغان قەلب ئەمەللىرىمۇ ئۇ سەۋەبلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بىرەر كىشىنى تىللاپ تۇرۇپ، مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلىمەن دېگەن سۆز قوبۇل قىلىنمىغاندەك، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلىشغا ئوخشىغان ئىشلاردىمۇ، كىمىكى ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيمەن دەپ تۇرۇپ، ئۇلارنى تىللاپ ياكى مەسخىرە قىلسا، ئۇلارغا ئېھسان قىلماستىن قاخشاتسا، ئۇ كىشى مەزكۇر سۆزىدە يالغانچىدۇر. شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزىتىش، ئىمان تەقەززا قىلغان ئەمەللەرنى ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ سەۋەبلىك ئەمەللىرى بىكار قىلىنىدۇ ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلايمەن دېگىنى يالغاندۇر.

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ بىردەك كۆزقارىشى

 ئىمان؛ تىل بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىش، قەلب بىلەن تەستىقلاش دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ، ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىشى ۋە ئۇ زاتنى كەمسىتىشى ئوپ-ئوچۇق كۇپرىلىق بولۇپ، تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى ئېتىبارغا ئىلىنمايدىغانلىقىغا بارلىق مەزھەب ئۆلىمالارى بىرلىككە كەلگەن.

 ھەرب ئۆزىنىڭ ''مەسائىل'' ناملىق ئەسىرىدە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «كىمكى ئاللاھقا تىل ئۇزىتىدىكەن ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرەرسىگە تىل ئۇزىتىدىكەن ئۆلتۈرۈڭلار.» [سارىمۇل مەسلۇل ناملىق ئەسەر 102-بەت].

 لەيىس مۇجاھىدنىڭ ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قايسى مۇسۇلمان ئاللاھقا ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرەرسىگە تىل ئۇزىتىدىكەن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئۇ بولسا مۇرتەدلىك (يەنى دىندىن چىقىش) بولۇپ، ئەگەر ئۇ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ توۋە قىلسا قىلدى، بولمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك كېلىشىم بىلەن ياشىغۇچى ئەھدىسىگە خىلاپ ھالدا، تەرسالىق قىلىپ ئاللاھقا ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرەرسىگە ئوپ-ئوچۇق تىل ئۇزاتسا، ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بۇزغان بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار.» [سارىمۇل مەسلۇل ناملىق ئەسەر 201-بەت].

 ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن، ئاللاھقا تىل ئۇزاتقۇچى توغرىسىدا سورالغاندا، جاۋاپ بېرىپ: «ئۇ بولسا مۇرتەد ئۇنىڭ بىشى قىلىچ بىلەن ئىلىنىدۇ» دەيدۇ. [مەسائىل ناملىق ئەسەر431 -بەت].

 ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ كافىر بولىدىغانلىقى، ئۆلتۈرۈلۈشكە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىر كىشىدىن باشقا بارلىق ئۆلىمالار بايان قىلغان.

 ئىبنى راھەۋەيھى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تىل ئۇزاتسا ياكى ئاللاھ تەرىپىدىن چۇشۇرۇلگەن شەرئى پرىنسىپلاردىن بىرەرنى ئىنكار قىلسا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان شەرىئەتنى ھەق دەپ بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا كاپىر بولىدىغانلىقىغا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن.» [ئىبنى ئابدۇل بەرنىڭ ''ئەلتەمھىد'' ناملىق ئەسەر 4-توم 226-بەت، "ئەلئىستىزكار'' ناملىق ئەسەر 2-توم 150بەت].

 قازىي ئىياد (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھقا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ كافىر بولۇشى، ئۇنىڭ قېنىنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق». [ئەششىفا ناملىق ئەسەر 2-توم 270-بەت].

 ئىبنى ھەزم رەھىمەھۇللاھ، ئەبى زەيد ئەلقەيرىۋانى ۋە ئىبنى قۇدامە قاتارلىق ئىماملارنىڭ، ئاللاھقا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [ئىبنى ھەزمنىڭ ''ئەلمەھلى''ناملىق ئەسىرى 11-توم 411-بەت].

 شۇنىڭدەك بارلىق ئۆلىمالار كىمكى ئاللاھقا تىل ئۇزاتسا كافىر بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. چۈنكى ئاددى ئەقىل ئىگىسىمۇ تىل بىلەن باشقىنى، ھاقارەت بىلەن مەدھىيەنى پەرق ئېتەلەيدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ئىشقا كەلگەندە جاسارەت بىلەن ئاللاھنىڭ شەنىگە تىل ئۇزىتىدۇ.

 ئىبنى ئەبى زەيد ئەلقەيرىۋانىدىن، «بىر كىشى يەنە بىر ئادەمگە ئاللاھنى قوشۇپ لەنەت قىلسا، ئاندىن كىيىن ئۇ ئادەم ئۆزرە ئېيتىپ: كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى شەيتانغا لەنەت قىلماقچى ئىدىم، تىلىم خاتا كېتىپ قالدى دىسە ئۇنىڭ ئۆززىسى قوبۇل قىلىنامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، ئىبنى ئەبى زەيد: مەيلى چاقچاق قىلىپ دېسۇن ياكى جىددى دېسۇن، ئاغزىدىن ئاشكارا كۇپۇرلۇق سۆزى چىققانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.» [ئىيادنىڭ ''ئەششىفا'' ناملىق ئەسىرى 2-توم 271-بەت].

 شۇنىڭدەك تۆت مەزھەبتىكى بارلىق فىقھىشۇناس ئالىملار، پەرۋەردىگارنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزاتقۇچى، ئۆز نېيىتىدە ئاللاھنى تىللاش ئەمەسلىكىنى ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار مەسىلىنىىڭ زاھىرىغا يەنى ئاشكارا بولغان تەرىپىگە قاراپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

 ئەگەر ئۆلىمالار مەسىلىنىڭ ئاشكارا بولغان تەرىپىنىڭ ئەكسىچە نىيەتكە قارىتا كەسكىن قارار چىقارغان بولسا ئىدى، شەرىئەت يولغا قويغان چەك-چېگرا، جازا ۋە مۇكاپات قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنسىز پرىنسىپقا ئايلىنىپ، ئىززەت-ھۆرمەت، ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ، مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ، مۆمىن بىلەن مۇناپىقنىڭ پەرقى قالماستىن، دىن ۋە ھايات بولسا ئەخمەق ۋە مەنىۋى كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى.

 ئاللاھنىڭ زاتىغا تىل ئۇزىتىش، كۇپرىلىقنى مەقسەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ كۇپرىدۇر

 ئاللاھنىڭ زاتىغا تىل تەككۇزۇشنىڭ كۇپرىلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىشتۇر. تىل ئۇزاتقۇچى بۇ سۆزنى مەقسەتسىز قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دىققەتسىزلىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەققىدە مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئېيتىلغان ھەرقانداق يامان سۆزنىڭ، ئۇ زاتقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر.

 كىمىكى بۇ ئىشنى سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۇچۇن نادامەت چېكىپ ئۆزرە ئېيتىشى، ئۇنىڭ نادانلىقىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزرىسىنى، ئىماننى قەلبتىلا تەستىقلىسا كۇپايە قىلىدۇ دەپ، ئىماننىڭ تىل بىلەن ئىقرار، دىل بىلەن تەستىق، بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ماھىيەتتىن بىلمىگەن، جەھمىيە ئىبنى سەپۋان باشچىلىقىدىكى مۇرجىئە ئەقىدىسىدىكىلەردىن باشقا ھېچكىم قوبۇل كۆرمەيدۇ.

 مۇرجىئە مۇتەئەسسىپلىرى، ئەمەل ئارقىلىق ئىمان مۇستەھكەم بولمايدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن نىيەتكە قارىشىمىز چەكلەنمەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

 شۈبھىسىزكى، ئىمان زاھىر ۋە باتىن دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنە بىر قىسمىنى تولۇقلاپ بىر-بىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئەگەر بۇ ئىككىسىدىن بىرەرسى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، ئىماننىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. خۇددى، كاپىر ئاللاھقا تىل ئۇزىتىشنى قەلبىدە نىيەت قىلىپ، كۇپرى سۆزنى تىلى بىلەن دېمىگەن ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىشلىمىگەن تەقدىردىمۇ كاپىر بولاۋەرگەندەك، ئىنسان كۇپرى قىلىشنى قەلبىدە نىيەت قىلماستىن، ئەمىلىدە ئىشلىمەستىن سۆزى ئارقىلىقمۇ كاپىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كىمىكى كۇپرىلىقنى تىلى بىلەن سۆزلىمەي، قەلبىدىمۇ مەقسەت قىلماي، ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىسىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھقا كۇپرى قىلغان بولىدۇ.

 ئەگەر كىمىكى ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق كۇپرى ئىشلارنى قىلسا، ئۇنىڭ ھېسابى سورىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ ئالىدۇ. قەلبتىكى بارلىق نىيەتلەر ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئاشكارا بولغان ئىشلاردىنلا كىشىلەردىن بۇ دۇنيادا ھېساب ئىلىنىدۇ.

 كىمىكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلسا، مەزكۇر سۆز ياكى قىلمىشنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز قىلسۇن، ئۇنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل بولماستىن بەلكى كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ، لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز.» [سۇرە تەۋبە 65-66-ئايەتلەر].

 بىرسىنىڭ يەنە بىرىنى زىناخور دەپ تۆھمەت قىلىشى، پادىشاھنى تىللىشى ۋە لەنەت قىلىشىغا ئوخشاش سۆزلەر، گەرچە مەقسەتسىز دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە مەزكۇر قىلمىش ياكى سۆزنىڭ ھېسابى ئېلىنىدىغانلىقىغا ئەقىلمۇ دالالەت قىلىدۇ.

 ئىسپاتىسز يالغاننى ئويدۇرۇپ بىراۋغا تۆھمەت قىلغۇچىغا، تۆھمەت قىلغۇچى مەيلى چاقچاق قىلىپ ياكى ئوينۇشۇپ دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزرسىنى قوبۇل قىلماستىن، بەلكى شەرىئەتتە سەكسەن دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، راست ياكى چاقچاق بولسۇن پادىشاھنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى كىشىلەرنىڭ خالىغانچە ئويۇن قىلىپ، مازاق ۋە مەسخىرە قىلىشلىرىغا جازا ياكى ئېتىراز بىلدۇرۇلمەستىن تاشلاپ قويۇلسا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ھەيۋىتى ۋە ھۆرمىتى چۈشىدۇ.

 ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە بۈيۈكلىكىنى بىلىش، ئىنسانغا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەردە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئۇنى بىلىشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك ئۆز نەپسىگە قىلىنغان زۇلۇم ۋە جىنايەت ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى قۇرئان ۋە سۈننەتتە تەكىتلىنىدۇ.

 سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىشىچە، ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىپ: «بەندە ئويلىماستىن ئاللاھنىڭ غەزىپى كىلىدىغان سۆزدىن بىرنى قىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن دوزاخنىڭ يەتمىش يىللىق قەھرىگە چۈشىدۇ» دېگەن، دەيدۇ. [بۇخارى 6378-، مۇسلىم 2988- رىۋايىتى].

 ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتمەستىن ۋە ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماستىن، بىپەرۋالىق قىلىپ ئاللاھنىڭ غەزىپى كىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزرە ئېيتساق ياكى تۆۋە قىلساق بولىدىغۇ- دېمىسۇن ئۈچۈن، قۇدرەتلىك ئاللاھ ئۇلارغا بۈيۈك ئازابنى تەييارلىدى. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزلىرىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ، ئازراق ئويلانغان بولسا ئىدى، سۆزلىرىنىڭ نەقەدەر يامان ۋە قەبىھ ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشاتتى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنچە ئېغىر بەدەل تولىمىگەنمۇ بولاتتى.

 بىلال ئىبنى ھارس رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار گېپىنىڭ مەنىسنى ئويلىماستىن ئاللاھ غەزەپلىنىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ سالىدۇ، شۇ سۆزى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۆزى بىلەن ئۇچراشقۇچە قەدەر مەزكۇر ئىنسانغا غەزىپىنى يېزىۋىتىدۇ.» [مۇسەد ئەھمەد 3-توم 469- بەت، 15852-نومۇرلۇق ھەدىس. سەھىھ ئىبنى ھەببان 280-نومۇرلۇق ھەدىس].

 ئىنساننىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا تىل ئۇزىتىشى ۋە لەنەت قىلىشى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز بولسۇن، ئۇ زاتنىڭ بۈيۈكلىكىنى كەمسىتكەنلىك ۋە شانۇ-شەۋكىتىگە قەستەنلىك بىلەن ئاھانەت قىلغانلىق بولىدۇ. شەيتان، ئەقلى ياكى شەرئى تەرەپتىن ئاجىز، ئۆزىنىڭ ھاۋايى- ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى شەرئى ۋە ئەقلى ئۆلچەمگە سىلىپ چۈشەنمەيدىغان، مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدىغان ئىنساننى تىپىپ، مەزكۇر قىلمىش ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ-دە، نەتىجىدە ئۇ ئاللاھقا كۇپرى قىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.

 شەيتاننىڭ ئىنساننى ئالداپ گۇمانغا سىلىشى: شەيتان كۇپرى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىنسانغا، ئۇنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنى كۆز ئالدىغا ئەكەلدۈرۈپ، گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ ھەسرىتى ۋە ئازابىنى قەلبىدىن كەتكۈزىدۇ. شاھادەت كەلىمىسى ئېيتقان ۋە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان، ھەتتا نامازلارنىمۇ ئادا قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىدىغان ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى، خۇددى جاھىلىيەت دەۋرىدە مەككىدىكى ئازغۇن ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ بۇتلارغا چوقۇنغاندا، ھاجىلارغا يېمەك-ئىچمەك تارقىتىش، ھەرەم مەسجىدىنى ياساش ۋە گۈللەندۈرۈش، كەبىنىڭ يوپۇقىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بۈيۈك خىزمەتلەرنى ئۇستىگە ئالغانلىقىدەك ياخشى ئەمەللىرىنى قەلبلىرىدىن كەچكۈزۈپ تۇرۇپ شېرىك ئىبادەت قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەنپەئەت بەرمىگىنىدەك ئىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرۈشى، ئۇ زاتنى ئۇلۇغلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. ئۇلار بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىگىسىگە كۇپۇرلۇق قىلامدۇ!. كەئبە شېرىپ بولسا ئۇنىڭ رەببى ئۇچۇن ئۇلۇغلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ رەب كەئبە شېرىپ ئۇچۇن ئۇلۇغلانمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ ۚ لَا يَسْتَوُونَ عِندَ اللَّـهِ ۗ وَاللَّـهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە تەۋبە 19-ئايەت].

 كۆپىنچە ھالەتلەردە ئىنسان ئىماننىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ياشىمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئىماننى دەۋا قىلىشى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّـهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ)[سۈرە بەقەرە 8-ئايەت].

 شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتتىم دەپ تۇرۇپ، ئۇ زاتقا تىل تەككۇزۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش بولسا، مەزكۇر شەخسنىڭ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش دەۋاسىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئاللاھقا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ جازاسى

 ئۆلىمالار، ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا شەرىئەتتە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىغا، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، يۇيۇپ-تاراش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۇشۇرۇش، دەپنە ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا قىلىنىشى كېرەك بولغان بەزى دىنى ئەھكاملاردىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ئۇلار يەنە: ئۇ مۇسۇلمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىنازا نامىزى چۇشۇرۇلمەيدۇ، يۇيۇپ-تارالمايدۇ، كېپەنلەنمەيدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا دەپنە قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشمۇ جايىز ئەمەس دەپ قارايدۇ.

 ئۆلىمالار، ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچى پەرۋەردىگارنىڭ زاتى ئىلاھىغا ئالاقىدار بولغان مەزكۇر يامان سۆز ۋە قەبىھ قىلمىشىدىن تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟، ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلدۇرىلامدۇ؟، ئۇنىڭ قەلبىدىكى پۇشايمىنى ۋە تەۋبىسىنىڭ ھېسابى ئاللاھقا دەپ، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ تەۋبىسى ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەققىدە شەرئى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىدۇ. بۇ مەسىلە تۆۋەندىكىدەك مەشھۇر ئىككى خىل كۆزقاراشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 بىرىنچى كۆزقاراش: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، شۇنداقلا ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەزى پىقھىشۇناش ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا، ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە تەۋبىمۇ قىلدۇرۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مەشھۇر قارىشى ھېسابلىنىدۇ.

 يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى: ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە تىل ئۇزىتىش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ئوخشىغان، بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن يېنىك ھېسابلىنىپ ئىشلىنىدىغان روشەن جىنايەتلەر تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. يۇقىرىقىدەك ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ سورىقى، شەخسنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەنلا كۇپايىلەنگەندە، كۆپلىگەن ئىنسانلار مەزكۇر بۈيۈك گۇناھنى يېنىك ساناپ، ھۆكۈم ئالدىدا تەۋبىنى ئىزھار قىلىدۇ-دە، كىيىن ئۆزى بىلگەن يولغا ماڭىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ ئىشلارنىڭ كۇپرىغا كۆرۈك بولۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر گۇناھنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ. شەرىئەتتە جىنايەت بەلگىلەنگەن جازا، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنى ئەدەپلەش ۋە ئۇنى گۇناھتىن پاكلاش، باشقىلارنى ئۇ جىنايەتچى سادىر قىلغان سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ ئوخشىشىنى ئىشلەشتىن مەنئى قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزىتىشتىن ئىبارەت بۇ كۇپرىلىق، تەۋبە بىلەن كەچۈرۈم قىلىنغاندا، شەرئى جازانىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ئىككى ئاساسى مەقسەت ماھىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.

 ئىككىنچى كۆزقاراش: پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى، ئۇنىڭ تەۋبە قىلدۇرىلىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى جىنايىتىگە قايتماسلىق شەرتى بىلەن تەۋبىسىدە تۇرسا، تەۋبىسى قوبۇل بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

 ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى سەۋەب: ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچى كاپىردۇر. ئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگۈچى بۇتپەرەس، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلغۇچى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۇپرىنىڭ قايسى تۈرىنى سادىر قىلغانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشى سەۋەبلىك تەۋبىسى ئېتىبارغا ئىلىنىپ، كۇپرىلىق ھاياتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. كىمكى تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى كەچۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىش ئۇ زاتنىڭ ھەققىگە قىلىنغان تاجاۋۇز بولۇپ، مەزكۇر كۇپرىلىق سەۋەبى بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچىنى ئاللاھ كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ھەرقانداق مۇشرىكنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

 يۇقىرىدىكى ھۆكۈم بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تىل ئۇزاتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغانلىق سەۋەبلىك، ئۆزىگە تىل ئۇزاتقۇچىنى ئەپۇ قىلمىغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇ زاتقا تىل ئۇزاتقۇچىدىن ئىنتىقام ئىلىش ۋاجىب بولىدۇ.

 پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تىل ئۇزىتىش كۇپرىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تىل ئۇزاتقۇچىدىن ھېسابىنى ئىلىش ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىب بولىدۇ.

 رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھاقارەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئىنسانلار نەزىرىدىكى ھۆرمىتى ۋە قەدرىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، قەلبلەردىكى ئورنى ۋە سۆيگۈ مۇھەببىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزاتقۇچى بولسا، ئاللاھ تائالاغا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزى زىيان تارتىدۇ.

 يۇقىرىدىكى كۆزقاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلىكى: كىمكى ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىدىكەن، تەۋبە قىلىش تەكلىپى بېرىلمەستىن، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلغان بولسا، ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئادالىتى ياكى كەرەملىك مەرھەمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن.

 پەرۋەردىگارنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزاتقان كىشى، شەرئى مەھكەمە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋبىسىنى ئاشكارىلىسا ۋە تەۋبىنىڭ تەقەززاسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىدىكى راستچىللىقى ئېتىبارغا ئىلىنىپ، ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھقا تىل ئۇزاتقان ئەمما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىسلامغا كىرگەن كاپىرلارنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

 ئاللاھ تائالانىڭ زاتىغا تىل ئۇزىتىش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

 بىرىنچى: بىۋاستە تىل ئۇزىتىش؛ ئاللاھ تائالاغا لەنەت ۋە ئاھانەت قىلىش، ئۇنى مەسخىرە قىلىش، ئۇنىڭ زاتى ئىلاھلىقىنى كەمسىتىشتەك ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە يەنى ئاللاھ تائالاغا تىل ئۇزىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى مەزمۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

 ئىككىنچى: ۋاستلىق تىل ئۇزىتىش؛ ئاللاھ تائالانىڭ كائىنات ۋە مەخلۇقاتلارغا ئالاقىدارلىق بولغان ۋاقىت ۋە زامان، كۈن ۋە سائەت، ئاي ۋە يىل، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى قاتارلىق ئىنساننىڭ تاللىشى ياكى ئىختىيار قىلىشى بولمىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىشىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان نەتىجىلەرنى تىللىشى، ئەگەر قەستەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ تىللىمىغانلا بولسا، ئۇ ئاللاھقا تىل ئۇزۇتۇپ كاپىر بولغۇچىدىن بولمايدۇ ۋە ئۆلتۈرۈش ھۆكمى بىرىلگەن جىنايەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم پەرزەنتى، زاماننى تىللاپ ماڭا ئەزىيەت بېرىدۇ، مەن زاماننى ياراتتىم ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ئىشلار مېنىڭ قولۇمدا، كېچە ۋە كۈندۈزنى مەن ئايلاندۇرىمەن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئادەم پەرزەنتى، ئى زاماندىن ئۈمىدسىزلەنگۈچى! دەپ، ماڭا ئەزىيەت بېرىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار، ئى زاماندىن ئۈمىدسىزلەنگۈچى! دېمىسۇن، مەن زاماننى ياراتتىم، ئۇنىڭدىكى ئىشلارنى مەن تەسەررۇپ قىلىمەن، كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئايلاندۇرىمەن، ئەگەر خالىسام ئۇلارنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ قويىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 قۇياش ۋە ئايغا ئوخشىغان ئاسمان جىسىملىرى، ئۇنىڭ سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن كېچە-كۈندۈز ۋە زامان-ۋاقىت ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەرىكەتلەنمەستىن، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىرادىسىدىن چىقماستىن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ. مەزكۇر شەيئىلەرنىڭ تاللاش ۋە ئىختىيار قىلىش سالاھىيىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىش ھەققى يوق.

 يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھنىڭ مەزكۇر مەخلۇقاتلىرىنى تىللاش، ئۇلارنى بۇيرۇغۇچى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچى زات ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، مەزكۇر نەرسىلەرنى مۇئەييەن ئىشلار ئۈچۈن ئىرادە قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەتكە ئىتىراز بىلدۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زاماننى تىللىغاننى ئۆزىگە ۋاسىتىلىق تىل ئۇزاتقانلىق دەپ بايان قىلدى.

 ئىنساننى تىللاش بىلەن پەرۋەردىگارغا تىل ئۇزىتىشنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە لايىق ئىختىيار ۋە تاللاش بەردى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)[سۈرە تەكۋىر 29-ئايەت].

 ئەمما قۇياش ۋە ئايغا ئوخشىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا الشَّمْسُ يَنبَغِي لَهَا أَن تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ، وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ.» [سۈرە ياسىن 40- ئايەت].

 ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋاجىبتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ كائىناتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىرىنى ئۇلۇغلاش، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، توسقىنىدىن چەكلىنىش، ئاللاھنىڭ ھەققىدە بىلمەي تۇرۇپ سۆزلىمەسلىك قاتارلىقلار ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تىلەكلىرىنى سوراش، كائىناتتىكى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى، ئىبادەتتە شېرىكى يوق، تەسەررۇپ قىلىشتا يەككە-يېگانە، يارىتىشتا چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە باغلاپ چۈشىنىشىمىز ئۇ زاتنى ئۇلۇغلىغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا قَدَرُوا اللَّـهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ، سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.» [سۈرە زۇمەر 67-ئايەت].

مەخلۇقاتلارنى توغرىغا يېتەكلەشتە ۋە ياردەم بېرىشتە ھېچ شېرىكى يوق يەككە-يېگانە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن بۇ كىچىككىنە ئەمىلىمىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى بىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز.

 ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە سەھابە كىراملىرىغا سالام ۋە دۇرۇتلار يوللايمىز. قىيامەتكە قەدەر ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھىمىتى بولسۇن.

ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرزۇق تۇرەيپى

21 مۇھەررەم 1434 – ھىجرى