50 سؤال وجواب في العقيدة
ئەقىدە توغرىسىدا 50 سوئال ۋە جاۋاپ
جاۋاب: ئىنساننىڭ رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: رەببىم مېنى ۋە جىمى كائىناتنى پەرۋىش قىلغۇچى ئاللاھتۇر. ئۇ مېنىڭ يەككە-يېگانە ئىگەمدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزگە مەبۇد يوقتۇر. ﴿الْحَمْدُ لِلَّـهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.» [سۈرە پاتىھە 2-ئايەت]. ئاللاھتىن باشقا ھەممىسى ئالەمدۇر، مەنمۇ مەزكۇر ئالەمنىڭ بىرىمەن.
جاۋاب: "رەب" كائىناتنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلغۇچى، پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانە ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق بولغان ئاللاھ دېمەكتۇر.
جاۋاب: رەببىمنى، ئۇنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسپاتلار بىلەن تونۇيمەن. يەنى كېچە بىلەن كۈندۈزدىكى قۇياش ۋە ئاي، يەتتە قات ئاسمان ۋە يەتتە قات زېمىندىكى مەخلۇقاتلار، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلىرىدىكى ئالامەتلەر ئارقىلىق رەببىمنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىمەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّـهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار.» [سۈرە پۇسسىلەت 37-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّـهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تَبَارَكَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: « شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ) ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.» [سۈرە ئەئراف 54-ئايەت].
جاۋاب: دىنىم ئىسلام. ئىسلام دېمەك؛ بىر ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغىلا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّـهِ الْإِسْلَامُ﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 19-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىننى خالايدىكەن، ئۇنىڭ دىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا﴾ تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.» [سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
جاۋاب: ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار: بىر ئاللاھتىن باشقا مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، بەيتۇللاھقا بېرىشقا قادىر بولسا پەرز ھەجنى ئادا قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: ئىمان بولسا؛ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق ـ يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّـهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز دەۋىتىڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىرى قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 285 ئايەت].
جاۋاب: ئېھسان دېگەن؛ گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ دېمەكتۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوا وَّالَّذِينَ هُم مُّحْسِنُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە نەھل 128-ئايەت].
جاۋاب: پەيغەمبىرىم، قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم ئايمىقى ئېسىلزادىلىرى ئابدۇلمۇتتەلىب ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. قۇرەيش كەنانە قەبىلىسىدىن بولۇپ، كەنانە ئەرەبتۇر. ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نۇھ ئەلەيھىسسالام نەسلىدىندۇر.
جاۋاب: «ئوقۇ» دېگەن سۆز بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە مۇددەسسىر سۈرىسى بىلەن ئۇنىڭغا قۇرئان چۈشۈشكە باشلىدى.
جاۋاب: ئۇنىڭ مۆجىزىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىنسانىيەت ئۇنىڭدىكى سۈرىلەردىن بېرەر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز قالدۇردى. ئەينى زاماندا ئەرەبلەر ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەت ساھەسىدە ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىققان تۇرۇقلۇق، قۇرئان كەرىم ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قۇرئاندىكى سۈرىلەردىن بىرەر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِن كُنتُمْ فِي رَيْبٍ مِّمَّا نَزَّلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِّن مِّثْلِهِ وَادْعُوا شُهَدَاءَكُم مِّن دُونِ اللَّـهِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەەيھىسسالامغا بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار. ئەگەر قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 23-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُل لَّئِنِ اجْتَمَعَتِ الْإِنسُ وَالْجِنُّ عَلَىٰ أَن يَأْتُوا بِمِثْلِ هَـٰذَا الْقُرْآنِ لَا يَأْتُونَ بِمِثْلِهِ وَلَوْ كَانَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ ظَهِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر- بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.» [سۈرە ئىسرا 88-ئايەت].
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ أَفَإِن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللَّـهَ شَيْئًا وَسَيَجْزِي اللَّـهُ الشَّاكِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 144-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّـهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّـهِ وَرِضْوَانًا﴾ تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ.» [سۈرە پەتھ 29-ئايەت].
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَـٰكِن رَّسُولَ اللَّـهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ وَكَانَ اللَّـهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا﴾ تەرجىمىسى: مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. سىلەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس.» [سۈرە ئەھزاب 40-ئايەت].
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئىنسانلارنى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئىبادەتتە باشقا نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلماسلىققا دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا، مەخلۇقاتلاردىن؛ پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلار، تاش ۋە دەرەخ قاتارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئىلاھىي مەرتىۋىگە كۆتۈرۈشتىن چەكلەش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: "مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار" دەپ ۋەھيى قىلدۇق.» [سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [سۈرە زارىيات 57-ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسان ۋە جىننى پەقەت ئۆزىگە خالىس ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەرنى مەزكۇر مەقسەتنىڭ تەقەززاسىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ.
جاۋاب: تەۋھىد رۇبۇبىيە؛ يارىتىش، رىزىق بېرىش، تىرىلدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۈسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش ۋە كائىناتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا رەب سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانى يەككە-يېگانە بېلىش. (يەنى پەرۋەردىگارلىقتا ھېچ شېرىكى يوقتۇر).
تەۋھىد ئۇلۇھىيە: ئاللاھقا دۇئا قىلىش، ئۇنىڭدىن قورقۇش، رەھمىتىدىن ئۈمىت قىلىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتلەردە ئاللاھ تائالانى يەككە-يېگانە بىلىش. (يەنى ئىلاھلىقتا ھېچ شېرىكى يوقتۇر).
جاۋاب: ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش، ناماز ئوقۇش، قۇربانلىق قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىن قورقۇش، رەھمىتى ۋە ياردىمىنى ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىش، ئۇنى سۆيۈش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش قاتارلىق قۇرئان ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: ئاللاھ بۇيرىغان ئەڭ ئۇلۇغ بۇيرۇق ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئىبادەتتە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. شېرىك، ئىبادەت ۋە دۇئادا باشقىلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىش دېگەنلىكتۇر. كىمكى بېرەر ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. (يەنى ئاللاھتىن باشقا بىرىنى رەب ۋە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ).
جاۋاب:
1- ئاللاھ تائالا بىزنى ياراتتى ۋە رىزقىمىزنى بەلگىلىدى، بىزنى تاشلىۋەتمىدى. بىزگە پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتتى. كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىرىدۇ، كىمكى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن دوزاخقا كىرىدۇ.
2- ئاللاھ تائالا ئىبادەتتە ھېچكىمنى ئۆزىگە شېرىك قىلىشقا، ھەتتا ئەڭ يېقىن پەرىشتە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئىبادەتتە ئۆزىگە شېرىك قىلىنىشىغا رازى بولمايدۇ.
3-ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان كىشىنىڭ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشى توغرا ئەمەس.
جاۋاب: يېگانە ئىلاھلىق ۋە مەبۇدلۇق بىلەن سۈپەتلەنگۈچى زاتتۇر.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مېنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىم ئۈچۈن ياراتتى.
جاۋاب: ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانى يەككە-يېگانە بىلىش ۋە ئۇنىڭ بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت قىلىش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاپ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [سۈرە زارىيات 57-ئايەت].
جاۋاب: يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىمان ئېيتىش ۋە بارلىق باتىل ئىلاھلارنى ئىنكار قىلىش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّـهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انفِصَامَ لَهَا وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»[سۈرە بەقەرە 256-ئايەت].
جاۋاب: «لاإله إلا الله» "بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق" دېگەن كەلىمە بولۇپ، «لاإله» نەفىي، « إلا الله» ئىسپاتتۇر.
جاۋاب: نەفىي-ئاللاھتىن باشقا جىمى مەبۇدلارنى ئىنكار قىلىش ۋە يوققا چىقىرىش. ئىسپات ـ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھلىقتا يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى جاكارلاش دېمەكتۇر.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ إِنَّنِي بَرَاءٌ مِّمَّا تَعْبُدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستلا ئادا-جۇدامەن.» بۇ نەفىينىڭ دەلىلى. [سۈرە زۇخرۇپ 26-ئايەت]. ﴿ إِلَّا الَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُ سَيَهْدِينِ﴾ تەرجىمىسى: «پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى توغرا يولغاباشلايدۇ.» بۇ ئىسپاتنىڭ دەلىلى. [سۈرە زۇخرۇپ 27-ئايەت].
جاۋاب: ئۇلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كاتتىلىرى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈكتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار: شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىس، ئۆزىنىڭ چوقۇنۇلىشىغا (يەنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىنىشىغا) رازى بولغانلار، كىشىلەرنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا چاقىرغۇچىلار، غەيبنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلغۇچىلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچىلاردۇر.
جاۋاب: بەش ۋاخ نامازدۇر. بەش نامازنىڭ شەرتلىرى ۋە پەرزلىرى بار. ئۇنىڭ چوڭ شەرتى مۇسۇلمان بولۇش، ئاقىل ـ بالىغ بولۇش، نىجاسەتلەردىن پاك بولۇش، ئەۋرەتنى يېپىش، كىيىم ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ پاك بولۇشى، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، ۋاقتىنى بىلىش ۋە نىيەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
نامازنىڭ پەرزلىرى 14 بولۇپ، ئۇلار: قىيامدا تۇرۇش، تەكبىر تەھرىمى، فاتىھە سۈرىسى ئوقۇش، رۇكۇ، رۇكۇدىن تۇرۇش، يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىش، سەجدىدىن تۇرۇش، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئازراق ئولتۇرۇش، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىرىماي قىلىش، تەرتىپكە رىئايە قىلىش، ئاخىرىقى تەشەھھۇد، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش، ئاخىرىقى ئولتۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش، سالام بېرىش.
نامازنىڭ ۋاجىپلىرى 8 بولۇپ، ئۇلار: تەكبىر تەھرىمىدىن باشقا ھەممە تەكبىرلەر، رۇكۇدا سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم دېيىش، ئاندىن سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېيىش، سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا دېيىش، ئىككى سەجدە ئارىسىدا «رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دېيىش، ئالدىنقى تەشەھھۇد، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش،
رەكەتلىك نامازلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتىدىن كېيىن ئولتۇرۇش، ۋە باشقىلاردۇر.
جاۋاب: ئەلۋەتتە شۇنداق. ئاللاھ تائالا قىيامەتتە ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە ھاياتتا ياشىغان ئەھۋالىغا قاراپ جازا ۋە مۇكاپات بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَن لَّن يُبْعَثُوا قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.» [سۈرە تەغابۇن 7-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مِنْهَا خَلَقْنَاكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز.» [سۈرە تاھا 55-ئايەت].
جاۋاب: ئۇنىڭ ھۆكمى كۇپرىدۇر. ئۇنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسى يېيىلمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك چەكلىمە مەۋجۇد:
1- چۈنكى ئۇ دىنىدىن يانغان مۇرتەدنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسى بولۇپ، مۇرتەد بوغۇزلىغان مال يېيىلمەيدۇ.
2- چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن كېسىلگەن مال بولۇپ، بۇنى يېيىشنى ئاللاھ ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُل لَّا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلَّا أَن يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَمًا مَّسْفُوحًا أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقًا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّـهِ بِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى-چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىينى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن.» [سۈرە ئەنئام 145-ئايەت].
جاۋاب: شېرىكنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار: ئۆلۈكلەردىن ھاجەت سوراش، ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاللاھقا يەتكۈزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چۈنكى ئۆلۈكلەرنىڭ قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆلۈش بىلەن ئەمەللىرى ئۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شاپائەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ. ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئاللاھنىڭ شاپائەت ئىزنىگە ۋاسىتە بولالمايدۇ. پەقەت چىن تەۋھىد بىلەنلا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شېرىك ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى چوڭ شېرىكتۇر، ئۇنى سادىر قىلغان ئادەم مۇسۇلمانلىقتىن چىقىدۇ. يەنە بىرى كىچىك شېرىك بولۇپ، ئۇنى سادىر قىلغان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.
جاۋاب: مۇناپىقلىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق، يەنە بىرى ئەمەلدىكى مۇناپىقلىقتۇر. ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق قۇرئان كەرىمدە بىرنەچچە ئايەتتە بايان قىلىنغان مۇناپىقلىق تۈرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايىنى دەۋزەخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ.» [سۈرە نىسا 145-ئايەت].
ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق توغرىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆۋەندىكى تۆت ئىللەت كىمدە تېپىلسا، ئۇ ھەقىقىي مۇناپىق بولىدۇ. ئۆزىدە بۇ ئىللەتلەردىن بىرەرسى بولغان ئادەم، ئۇنى تەرك ئەتمىگىچە، مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئىللىتىنى ئۆزىدە ساقلىغان بولىدۇ: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ئەھدىنى بۇزىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ ۋە جېدەللەشسە ئېغىزىنى بۇزىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ سۈپىتى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
بەزى ئالىملار يۇقىرىقى مۇناپىقلىق سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى تېپىلغان ئادەم مۇسۇلمانلىقتىن چىقىدۇ، گەرچە ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ ئۇ مۇسۇلمان دېيىلمەيدۇ، دېگەن.
جاۋاب: ئىماندۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى «لاإله إلا الله» ئەڭ تۆۋىنى يول ئۈستىدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش. ھايا ئىماننىڭ شاخچىلىرىدىن بىرىدۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
جاۋاب: ئىماننىڭ ئاساسلىرى ئالتە بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق ـ يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى مەرتىۋىسى ئېھساندۇر. ئۇنىڭ بىرلا ئاساسى مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ؛ گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
جاۋاب: ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ. ئىنسانلار قىيامەت كۈنى پۈتۈن ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرى ئۈچۈن جازا ۋە مۇكاپات بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ.» [سۈرە نەجم 31-ئايەت].
جاۋاب: قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچى شەكسىز كاپىردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَن لَّن يُبْعَثُوا قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.» [سۈرە تەغابۇن 7-ئايەت].
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر مىللەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتمەي قالمىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار، دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.» [سۈرە نەھل 36-ئايەت].
جاۋاب: 1- تەۋھىد رۇبۇبىيە. (يەنى ئاللاھنى پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانە بىلىش). تەۋھىدنىڭ بۇ تۈرىنى ئەينى زاماندا مۇشرىكلارنىڭمۇ ئىقرار قىلغانلىقى ۋە قىيامەتكە قەدەر ئىقرار قىلىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّـهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ زېمىندىن گىياھ ئۈندۈرۈپ كىم رىزىق بېرىدۇ؟، سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟، تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟، خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟، ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): ئاللاھ دەيدۇ. ئېيتقىنكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمامسىلەر؟.» [سۈرە يۈنۈس 31-ئايەت].
2- تەۋھىد ئۇلۇھىيە. (يەنى ئاللاھ تائالانى ئىلاھلىقتا يەككە-يېگانە بىلىش). تەۋھىدنىڭ بۇ تۈرى ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالاغىلا خاس قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەرەب تىلىدا ئىلاھ ئىبادەت قىلىنغان مەبۇدقا ئىشلىتىلىدۇ. جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەر ئاللاھنى ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى دەيتتى. ئىبادەتلەرنى ئاللاھ بىلەن ئۇلارغا قىلاتتى. ئۇلار ئاللاھ تائالادىن باشقا مەبۇدلىرىنى ئاللاھ يېنىدا شاپائەت قىلغۇچىلار دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.
3- تەۋھىد ئەسما ۋەسسىپات. تەۋھىد رۇبۇبىيە بىلەن تەۋھىد ئۇلۇھىيە ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە تولۇق ئىمان كەلتۈرمىگۈچە قەدەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولمايدۇ. ئەينى زاماندا كاپىرلار ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە ئىنكار قىلغان كىشىلەرنى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر دەپ قارايتتى.
جاۋاب: مەزكۇر بۇيرۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇم ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك يەتتە باسقۇچنى بېسىشىم كېرەك بولىدۇ:
1-مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش.
2- ئۇنى سۆيۈش.
3-ئۇنى قىلىشقا بەل باغلاش.
4- ئورۇنلاش.
5-توغرا يوسۇندا ئورۇنلاش.
6- ئۇنى بېكار قىلىۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش.
7- ئۇنىڭغا داۋام قىلىشتۇر.
جاۋاب:
1-كۆپلىگەن كىشىلەر شېرىكنىڭ باتىل، تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ جازانىنى ھارام قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جازانە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ يېتىملارنىڭ ماللىرىنى يېيىشتىن توسقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەيدۇ.
2- ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلارنى سۆيۈش ۋە توسقانلىرىنى يامان كۆرۈش. كۆپ كىشىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيمەيدۇ، ئۇنى يامان كۆرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھەقلىقىنى بىلىدۇ.
3- ئەمەل قىلىشقا ئىرادە باغلاش. كۆپ كىشىلەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلارنى بىلىدۇ، لېكىن مال دۇنياسىغا بېرىلگەنلىكتىن ئەمەل قىلمايدۇ.
4- ئەمەل قىلىش. كۆپ كىشىلەر ئەمەل قىلىدۇ. ئەمما خاتا يوسۇندا قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىلا ئۇلۇغلىماستىن، مازار ماشايىخلارنى ئۇلۇغلايدۇ.
5-كۆپلىگەن كىشىلەر ئەمەللىرىنى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلمايدۇ ياكى خاتا قىلىدۇ.
6- سالىھلار ئەمەللىرىنىڭ بېكار بولۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَن تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.» [سۈرە ھۇجرات 2-ئايەنىڭ بىرقىسمى].
7-ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش. نەتىجىلەرنىڭ زىيانلىق بولۇپ چىقىشىدىن ئەنسىرەشتۇر. بۇ سالىھ كىشىلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر.
جاۋاب: كۇپرى، ھەقىقەتنى يوشۇرغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۇپرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى كىشىنىڭ كاپىر بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان كۇپرى. ئۇنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈكتىن ئىبارەتتۇر:
1- كۇپرى ئىنكار: كۇپرى ئىنكار بولسا، قۇرئان كەرىمگە ياكى سەھىھ ھەدىسلەرگە ياكى ئۇلاردا كەلگەن ھۆكۈملەرگە ۋە ياكى ئۇلار ئارقىلىق سابىت بولغان بەش ۋاخ ناماز، روزا، زاكات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھكاملارنىڭ بېرەرسىگە ئىنكار قىلىش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّـهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْكَافِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھغا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ (ئەلۋەتتە بار ).» [سۈرە ئەنكەبۇت 68 – ئايەت].
2- كۇپرى تەكەببۇر: كۇپرى تەكەببۇر بولسا، ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق دېمەكتۇر. بۇ خىلدىكى كۇپرى ئىبلىسنىڭ كاپىرلىقىغا ئوخشاش كۇپرىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە« ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار، دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.» [سۈرە بەقەرە 34 – ئايەت].
3- كۇپرى شەك: كۇپرى شەك بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى بولغان ئالتە ئىماننىڭ قايسى بىرىگە شەك كەلتۈرۈش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَن تَبِيدَ هَـٰذِهِ أَبَدًا ، وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِن رُّدِدتُّ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِّنْهَا مُنقَلَبًا، قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن. ئۇنىڭغا مۆمىن بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: سېنى ئەسلىدە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟.» [سۈرە كەھف 35-36-37-ئايەتلەر].
4- كۇپرى ئېتىراز: كۇپرى ئېتىراز بولسا، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنذِرُوا مُعْرِضُونَ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.» [سۈرە ئەھقاف 3-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
5-كۇپرى نىفاق: كۇپرى نىفاق بولسا، تىلىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمەسلىك دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئېغىزلىرىدا ئىشىنىپ، ئاندىن دىللىرىدا ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار ئىماننى چۈشەنمەيدۇ.» [سۈرە مۇناپىقۇن 3-ئايەت].
يەنە بىرى كىچىك كۇپرى بولۇپ، ئۇنى سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولمايدۇ، بەلكى گۇناھكار بولىدۇ. ئۇ نېمەتكە كۇپۇرلۇق قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَضَرَبَ اللَّـهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آمِنَةً مُّطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِّن كُلِّ مَكَانٍ فَكَفَرَتْ بِأَنْعُمِ اللَّـهِ فَأَذَاقَهَا اللَّـهُ لِبَاسَ الْجُوعِ وَالْخَوْفِ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، ئەسلىدە تىنچ - خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ - تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى.» [سۈرە نەھل 112-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْإِنسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ ﴾ تەرجىمىسى: «شەك-شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە ئىبراھىم 34-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
جاۋاب: تەۋھىد شېرىكنىڭ ئەكسىدۇر. شېرىك ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، چوڭ شېرىك، كىچىك شېرىك ۋە مەخپى شېرىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
چوڭ شېرىك تۆت تۈرلۈك بولۇپ:
1 - دۇئادىكى شېرىك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان - ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا - قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، ناگاھان ئىلاھنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ.» [سۈرە ئەنكەبۇت 65-ئايەت].
2- نىيەتتىكى شېرىك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَن كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ ، أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ إِلَّا النَّارُ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ . بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.» [سۈرە ھۇد 15-16-ئايەتلەر].
3-تائەت-ئىبادەتتىكى شېرىك. ﴿اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّـهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَـٰهًا وَاحِدًا لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. ھالبۇكى ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر.» [سۈرە تەۋبە 31-ئايەت].
4- مۇھەببەتتىكى شېرىك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّـهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّـهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ﴾ تەرجىمىسى: «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى يەنى بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى مۆمىنلەرنىڭ ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى.» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].
كىچىك شېرىك: ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ(يەنى كىچىك شېرىك).» [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
مەخپى شېرىك: ئىبادەتتە رىياكارلىق قىلىش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابە كىراملارغا: «مەن سىلەرگە پىتنىدە مەسىھ دەججالدىنمۇ ئېغىرراق بولغان بىرنەرسىدىن خەۋەر بىرەيمۇ دېۋىدى، ساھابە كىراملار، ئەلۋەتتە بولىدۇ، دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ بولسىمۇ مەخپى شېرىك، بىر كىشى نامىزىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىكەن بۇ مەخپى شېرىكتۇر، دەيدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
جاۋاب: قەدەر؛ ئىشلار مەيدانغا كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇنى بەلگىلەش دېگەنلىك. قازا؛ قەدەردە بەلگىلىنىپ بولغانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش دېگەنلىكتۇر. قەدەر بىلەن قازا كۆپ ۋاقىتلاردا ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
جاۋاب: تەقدىردە بەلگىلەنگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىندۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىر كۈنى بەقى قەبرىستانلىقىدا جىنازە نامىزىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەركىمنىڭ ئەھلى جەننىتى ياكى دەۋزىخى بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بولغان. ئۇنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىمۇ پۈتۈلۈپ بولغان دەپتى. بۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم: ئۇنداق بولغاندىن كىيىن، قەدەردە پۈتۈلۈپ بولغاننى كۈتۈپ ئەمەل قىلماستىن ياشىمايمىزمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى سائادەت ئەھلىدىن بولسا، ئۇنىڭغا سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. كىمكى دەۋزەخ ئەھلىدىن بولسا، ئۇنىڭغا شەقىيلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَاتَّقَىٰ وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَىٰ فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَىٰ وَأَمَّا مَن بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَىٰ فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «پۇل - مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك ، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.» [سۈرە لەيل 5-6-7-8-9-10- ئايەتلەر].
جاۋاب: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى.» [سۈرە ئىسرا 23-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
جاۋاب: ئىبادەتتە ئاللاھ تائالانى يەككە يېگانە بىلىشتىن ئىبارەتتۇر، يەنى"تەۋھىد ئۇلۇھىييە"دۇر. ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئىبادەت ۋە دۇئالاردا ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىپ قوشماسلىق قاتارلىقلار ناماز ۋە روزىدىن ئىلگىرى پەرز قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّـهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّـهِ أَحَدًا﴾ تەرجىمىسى: «مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار.» [سۈرە جىن 18-ئايەت].
جاۋاب: بايلىق، پېقىرلىق ئۈچۈن، سەبىر قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچى كىشىلەر مۆمىنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىك ئىنسانلاردۇر. ئەمما ئۇ ئىككىسىدىن قايسى بىرى تەقۋادارلىقنى ئۆزىگە لازىم تۇتقان بولسا، ئۇ ئەلبەتتە ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّـهِ أَتْقَاكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» [سۈرە ھۇجرات 13-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئۆلىمالارنىڭ سەبىر ۋە شۈكۈرگە بەرگەن ئېزاھاتلىرى: سەبىر: ئىنسان بىرەر مۇسىبەتكە دۇچار بولغاندا ئۆزىنى يوقىتىپ ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەجىر كۈتۈپ سەبىر قىلىش. شۈكۈر: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھەر بىر نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر.
جاۋاب: سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيەمنىڭ ئەڭ مۇھىمى تەۋھىد ئىلمىنى ياخشى ئۆگىنىڭ، تەۋھىد كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇڭ ۋە ئۇنى مۇلاھىزە قىلىڭ. چۈنكى تەۋھىد كىتابلىرى سىزگە: تەۋھىدنىڭ ماھىيىتى، شېرىكنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرى بىكار قىلىنىپ جەننەتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى، كاپىرنىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن مۇسۇلمان بولىدىغانلىقى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى شېرىكنى رەت قىلىپ تەۋھىدكە چاقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى تەۋھىد كىتابلىرى ئارقىلىق ئىگە بولىسىز.
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ماڭا مەنپەئەت بېرىدىغان نەسىھەتلەرنى بەرسىڭىز:
ئالدى بىلەن سىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرگە يۈزلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك بولغان پۈتۈن ياخشىلىقلارنى بايان قىلدى. شۇنداقلا، ئۇ، ئىنسانىيەتنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەردىن بېرەرسىنىمۇ كەم قويماستىن، جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەردىن ئىنسانىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويۇنچە تولۇق بايان قىلدى ۋە ئۇنى ئۈممىتىگە ئۆگەتتى. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت تۇرغۇزدى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِن بَعْدِهِ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا ، وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِن قَبْلُ وَرُسُلًا لَّمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ وَكَلَّمَ اللَّـهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا، رُّسُلًا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّـهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ وَكَانَ اللَّـهُ عَزِيزًا حَكِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق. بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى. ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە نىسا 163-164-165-ئايەتلەر].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئىنسانلارنى تۈنچى بۇيرۇغان ئىش: ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىش، ئۇنىڭغا چىن ئىخلاس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ . قُمْ فَأَنذِرْ . وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)، تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر ، پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا.» [سۈرە مۇدەسسىر 1-2-3-ئايەتلەر].
يوقىرىقى ئايەتتىكى «پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا» دېگەن سۆز ئىبادەت، دۇئا، ئىخلاس، مۇھەببەتتە ئاللاھنى يەككە-يېگانە بىلگىن، دېگەنلىكتۇر. بۇ ناماز، روزا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتلەرنىڭ پەرز بولۇشىدىن بۇرۇنقى ئەمرىدۇر. «تۇر! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر» دېگەن سۆز، كىشىلەرنى يەككە-يېگانە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ، كۇپرىنىڭ خەتەرلىرى ۋە ئاخىرەتتىكى ئازابلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، دېگەنلىكتۇر. بۇ زىنا، جازانە، ئوغرۇلۇق، زۇلۇم قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئەمرىدۇر.
مانا بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان "تەۋھىد ئۇلۇھىييە" يەنى ئاللاھ تائالانى ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىدە يەككە-يېگانە بىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەۋھىد، دىننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» [سۈرە زارىيات 56-ئايەت].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، "تەۋھىد ئۇلۇھىييە"نى بەرپا قىلىش مەقسىتى بىلەن ئەۋەتكەن ۋە كىتابلارنى نازىل قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار، دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.» [سۈرە نەھل 36-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر كاپىر ۋە مۇسۇلمان دەپ تۈرگە ئايرىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانى يەككە-يېگانە بىلىپ، ئىبادەتلەرنى ئۇنىڭغىلا خاس قىلغان ۋە ئەمرىگە ئىتائەت قىلغانلار جەننەتكە كېرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (ھەتتا ئۇ زاھىد ۋە ئابىدلىقنى لازىم تۇتقان تەقدىردىمۇ) جەھەننەمگە كېرىدۇ. بارچە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ساقلىنىش شۇ بىر ئاللاھتىنلا سورىلىدۇ. بارچە ئىشلاردا ئۇنىڭدىنلا قورقۇپ ۋە ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلىنىدۇ. مانا بۇ «لا إله إلا الله» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە تەقەززاسىدۇر.
ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.