بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ()

 

|

 بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەر:

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، سىراجىددىن ئەزىزى، ئابدۇلئەھەد ھاپىز، ئەھمەد توختى قارىھاجىم، ياسىن ئابدۇلھەكىم،

ئابدۇلرەززاق قارىم، ئۇبۇلقاسىم ئەھمەدى،

نىزامىددىن تەمكىنى

بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئۆچۈق سۆز

 مۇقەددىمە

بسم الله الرحمن الرحيم

 بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئىگىسى بولغان جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنىڭغا كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە مەدھىيە ئوقۇيمەن ۋە ئۇنى چىن قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن. ئىنسانىيەتنى جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالاملارنى يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا مەڭگۈلۈك ئامانلىق تىلەيمەن.

ئىنسانىيەتنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئىستىگىنى بويىچە ھايات كەچۈرۈش ئىكەنلىكىدە پۈتۈن ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوقتۇر. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى پەقەت مۇشۇ ئىككى مەقسەت بىلەنلا كەلگەن. «ياراتقۇچىنى تونۇپ، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشاش» دېگەن بۇ ئۇلۇغۋار شۇئار ئىسلام دىنىدا «ئىبادەت» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىبادەت بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ۋە بىر قانچە مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىپ بولىدىغان چەكلىك ئەمەللەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئىبادەت مۇسۇلماننىڭ پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ بىر ئاتالغۇدۇر. دېمەك؛ ئىبادەت -يۇقىرىقى ئېنىقلىما بىلەن ئېيتقاندا- ھەممە جايدا ۋە ھەممە ئىشتا تەلەب قىلىنىدۇ. ئەھۋال مۇنداق ئىكەن، مەسچىتتە مۆمىن، ئائىلىدە پاسىق، ئىدارە-جەمئىيەتلەردە كوممۇنىست، بازارلاردا ئالدامچى، سودا-سېتىقتا ساختىپەز بولغانلارنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەلەب قىلغىنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان ھالدا ياشىغۇچىلار دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىبادەت ئىنساننىڭ پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى رەتكە سالىدىغان، قىڭغىرلىقلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزىتىدىغان تەربىيە خاراكتېرىگە ئىگە بۈيۈك نېمەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەت مۆمىننىڭ ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبادەت ھەرگىزمۇ خۇددى ھۆددە قىلىنغان ۋەزىپىنىڭ ياخشى- يامىنىنى قارا-قويۇق قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن ئۆتكۈزىۋەتكەندەك ئۆتكۈزىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇ يەككە-يېگانە ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھقا قىلىنىدىغان ئەمەلدۇر. ئىبادەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى زات ھوشيار ۋە ئادالەتلىكتۇر.

«ياراتقۇچىنى تونۇپ، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشاش» دېگەن شۇئارنىڭ تەقەززاسىنىڭ ئىنسان ھاياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن بەزى مەخسۇس ئىبادەتلەر بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

  ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى:

ئىسلام دىنى پرىنسىپىدا، مۇسۇلماندىن سادىر بولغان ھەر قانداق بىر ئەمەل- ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ شەرت بار بولۇپ، بىرى ئىخلاس، يەنە بىرى ئىبادەتنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولىشىدۇر. بۇ ئىككى شەرت تولۇق ھازىر بولمىغان قانداقلا بىر ئەمەل-ئىبادەت ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

1. ئىخلاس ئىبادەتنىڭ كاپالىتىدۇر. ئىخلاستىن مەھرۇم قالغان ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا رەت قىلىنىدۇ. ئىخلاس-ھەر ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا قىلىش يەنى قىلماقچى بولغان ھەر قانداق بىر ئەمەل-ئىبادەتتە پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى.» [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ھەركىم ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ»([1])دېگەن ھەدىسى ئىخلاسنىڭ ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشىدا شەرت ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.

2. ئىبادەتنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئادا قىلىنماسلىقى مەزكۇر ئىبادەتنىڭ رەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ھەر قانداق بىر ئىبادەتنىڭ مەلۇم قائىدە- سىستېمىسى بار بولۇپ، كىمكى ئۆزى خالىغان يول بىلەن ئىبادەت قىلسا، ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئىتىبارغا ئىلىنمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئەمەلىنى بىزنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن بويىچە قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ قىلغانلىرى رەت قىلىنىدۇ»([2])دېگەن ھەدىسى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن قائىدە بويىچە ئورۇندالمىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.

  ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى:

ئىسلامدا ئىبادەت؛ جىسمانىي ئىبادەت، ئىقتىسادىي ئىبادەت، جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

جىسمانىي ئىبادەت دېگىنىمىز: ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش دېگەنگە ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىسادىي ئىبادەت دېگىنىمىز: زاكات، سەدىقە ۋە فىتىر سەدىقىسى بېرىش، يوقسۇللارغا خالىسانە ماددى ياردەم قىلىش دېگەنگە ئوخشاش پۇل سەرپ قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دېگىنىمىز: جىھاد، ھەج، ئۆمرە، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش دېگەنگە ئوخشاش بەدەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ھەم پۇل-مال سەرپ قىلىش بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىبادەتتە ۋاكالەت:

 1.جىسمانىي ئىبادەتلەردىن ناماز ئۈچۈن ۋاكالەت قوبۇل قىلىنمايدۇ.

(يەنى بىراۋ يەنە بىرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويۇشى جائىز ئەمەس). بۇنىڭغا پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەندۇر. ئەمما ئۈستىدە پەرز ياكى نەزرە روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن روزا تۇتۇپ قويۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار.

 ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يارەسۇلۇللاھ! ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاتىۋەتكەن روزىسى قالغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇتسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، تۇتۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئېيتىڭچۇ، ئەگەر ئانىڭىزنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ قەرزى بولغان بولسا، تۆلەيتتىڭىز ئەمەسمۇ؟» دېگەن. [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئانىسىنىڭ رامىزاندا تۇتالمىغان پەرز روزىسى قالغان ھالدا ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇپ قويۇش ھەققىدە سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئاناڭنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ قەرزى بولسا، ئۇنى ئۆتەمتىڭ؟ دەپ سورىۋېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، ئۆتەيتتىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر،» دېدى. [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، ھايات ئادەم ئۈچۈن باشقا بىرىنىڭ روزا تۇتۇپ قويۇشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئادەم تېنى ساق بولسا ئۆزى تۇتىدۇ. ئەگەر كېسەل بولسا، ساقايغاندا قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەگەر ساقىيىشتىن ئۈمىد بولمىسا ياكى بەك قېرىپ كەتكەن بولسا، تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بويۇنچە كاپارەت بېرىدۇ.

 ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ تۇتالمىغان روزىسىغا كەلسەك، شافىئىي مەزھىبىگە كۆرە، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى تۇتۇپ قويۇش ياكى كاپارەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللايدۇ. ھەنبەلىي مەزھىبىگەر كۆرە، مېيتنىڭ تۇتالمىغان روزىسى ئاتىۋەتكەن روزا بولسا، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرى تۇتۇپ قويسا بولىدۇ، ئەگەر رامىزاننىڭ روزىسى بولسا، تۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مالىكىي ۋە ھەنەفىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، مېيت ئۈچۈن روزا تۇتۇلمايدۇ، ناۋادا مېيت ھاياتلىقىدا تۇتالمىغان روزىسىنى ئادا قىلىپ قويۇش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلغان بولسا، كاپارەت بېرىش بىلەن ئادا قىلسا بولىدۇ([3])

2. زاكات، فىتىر سەدىقىسى ۋە ھەر قانداق بىر خەير-ئىھسانغا ئوخشىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردە ۋاكالەت قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنى زاكات، فىتىر سەدىقىسى ۋە خەير-ئىھسان قاتارلىقلارنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە تەقسىم قىلىشقا ئوخشىغان ئىشلاردا، پۇل-مال ئىگىسى باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلىپ بەلگىلىسە بولىدۇ.

3.ھەجكە ئوخشىغان جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى بىراۋنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن ئادا قىلىپ قويۇش مەسىلىسىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىدا ئىختىلاپ بار. مالىكىي مەزھىبىدىن باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە، جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا ۋاكالەت بىلەن ئادا قىلغىلى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

 بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى

  بەدەل ھەج دېگەن نېمە؟:

 بەدەل ھەج دېگىنىمىز، ھەرەمگە كېلەلمەيدىغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن باشقا بىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادا قىلىپ قويۇشى دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغان ھەجنىڭ ساۋابى قىلدۇرغۇچىغا يەنى كىم ئۈچۈن نىيەت قىلىنغان بولسا شۇنىڭغا بولىدۇ. بەدەل ھەجنى قىلغۇچىغۇمۇ ئۇنىڭ نىيىتى ۋە ئىخلاسىغا لايىق ساۋاب يېزىلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

  بەدەل ھەجنىڭ دەلىلى:

 بەدەل ھەج ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:

1. سەئىد ئىبنى جۇبەير ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: «ئانام پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا نەزر قىلغان(ئۈستىگە ئېلىۋالغان)([4]) بولسىمۇ، ئۇنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، شۇڭا ئانام ئۈچۈن مەن ھەج قىلىپ قويسام بولامدۇ؟، دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ھەئە، ئانىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئېيتىڭچۇ، ناۋادا ئانىڭىزنىڭ بوينىدا قەرزى بولغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلامتىڭىز؟ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار! چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەققى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقدۇر، دېدى.»([5]).

2. سۇلايمان ئىبنى يەسار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەججىنى قىلغان يىلى خەسئەم قەبىلىسىدىن بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭدىن:"يارەسۇلەللاھ! ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ھەجنى پەرز قىلىشى ئاتامنىڭ قېرىپ ئۇلاق ئۈستىدە ئولتۇرالمايدىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالدى، مەن ئاتام ئۈچۈن ھەج قىلسام ئۇنىڭدىن ئادا بولامدۇ؟"دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى»([6])

3.ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ "شۇبرۇمە ئۈچۈن لەببەيكە" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: كىم ئۇ شۇبرۇمە دېگەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ كىشى: ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم (تۇغقىنىم) ئىدى دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھەج قىلىپ بولغانمىدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ياق، دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھەج قىل، ئاندىن شۇبرۇمەڭگە ھەج قىل» دېدى.([7]) ئالدىنقى ئىككى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرى، ھەجنى ئارمان قىلىپ يۈرۈپ ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە بىرى، قېرىلىقتىن ئۇلاق ئۈستىدە ئولتۇرالمايدىغان ھالەتتىكى ئىككى كىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بەدەل ھەج قىلىپ قويىشىغا رۇخسەت قىلغان.

 كېيىنكى ھەدىستە بولسا، بىراۋنىڭ قېرىندىشى ياكى تۇغقىنى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويۇشنىڭ جائىزلىقى ۋە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھەج قىلىپ بولغان بولىشى شەرت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان. بۇ ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈملەرنى چىقىرىشقا بولىدۇ:

1. ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بېرىپ ھەج قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئادا قىلىشقا كەلگەندە شارائىت يار بەرمەي، ھەرەمگە بارالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغان بالىلىرىدىن بىرى خالىسانە ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ.

 ئەگەر بالىسى بولمىسا ياكى بولغاندىمۇ ھەرەمگە بارالمىسا، يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى، ئۇمۇ بولمىغاندا، دىيانىتى ۋە راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان ياخشى كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەدەل ھەجنى ئۆزىنىڭ بالىسى قىلغىنى ئەۋزەل؟

 چۈنكى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش جەريانى خۇددى كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلىش جەريانىغا ئوخشاشلا ئىبادەت جەريانىدۇر. نامازدىكى قىيام، رۇكۇ، سەجدە، تەشەھھۇد قاتارلىق پائالىيەتلەردە قانداق ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت تەلەپ قىلىنسا، ھەج پائالىيەتلىرىدىكى مىنادا تۇرۇش، ئەرەفاتتا ھازىر بولۇش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا بىلەن مەرۋىنى سەئى قىلىش قاتارلىق پۈتۈن پائالىيەتلەردە ئوخشاشلا ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت تەلەب قىلىنىدۇ. ناۋادا بۇ ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت يېتەرلىك بولمىسا، خۇددى ساختا پۇل بانكىدا ئاقمىغاندەك، بۇنداق ھەجمۇ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئاقمايدۇ. چۈنكى ئىخلاس ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.

 ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى ھەممىگە مەلۇمكى، بىراۋ ئۆزىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى، بالىسى ياكى بىر تۇغقان قېرىندىشى، سۆيۈملۈك ئۇستازى ياكى دوستى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلغىنىدا، ئۇنى چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ خۇددى ئۆزى ئۈچۈن قىلىۋاتقاندەكلا ئادا قىلىدۇ. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەمما بىراۋ كۆرۈپ باقمىغان يات بىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلماقچى بولسا، ئالدىنقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلغان دەرىجىدە قىلامدۇ؟، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ياكى خۇددى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان بىرىنىڭ ئىشىدىن باشقىلارنىڭ ئىشىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ھەۋەسكارلىق بىلەن قىلمايدۇ. بەلكى بولىشىغا قىلىپ قويىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدا شۇنداق بولغان يەردە، ئاخىرەتلىك ئىشلاردىچۇ؟، بەدەل ھەجنى ئادا قىلىشتىچۇ؟، ئۆزى ياكى ئۆزىدەك سۆيگەن بىرى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلغان ئادەم ھاجىلار ماڭغاندەك ماڭىدۇ، ئۇلار ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىدۇ، كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ، سافا بىلەن مەرۋىنى سەئيى قىلىدۇ، مىنادا قونىدۇ، ئەرەفاتتا تۇرىدۇ، يەنى ھاجىلار قىلغان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. ئەمما قانداق قىلىدۇ؟! بەلكى ئۇ رەسمىيەت ھېسابىدا قىلىپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىش، تىزرەك بۇ رەسمىيەتتىن قۇتۇلۇپ ئارام ئېلىش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇنداق ئادەم سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئادا قىلغان بىلەن ئۆزىنى ئىبادەت ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلمىغانلىقتىن، ھەج پائالىيەتلىرى ئىچىدە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئىبادەت ۋاقتىدا ئۇخلاش، كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، تاماكا چېكىش، پۇلى بار تۇرۇپ تارقىتىلغان سەدىقىلەرگە يۈگۈرۈش، ھاجىلارغا ئازار بېرىش قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بەدەل ھەجنى پەقەت پۇل ئۈچۈنلا قىلغان بولسىچۇ؟ خۇددى كىشىلەر كۈنلۈكىنى سېتىۋالىدىغان مەدىكارلاردەكلا ئۆزىنى بىراۋغا بەدەل ھەج قىلىش ئۈچۈن 5كۈنلۈك سېتىشنى ئادەت قىلىۋالغان بىر ئادەمدە قانچىلىك ئىخلاس بولسۇن!؟.

مۇنداقلارنىڭ قىلغان ھەج بەدىلىنىڭ قوبۇل بولماسلىق نىسبىتى ئاۋۋالقىلارنىڭكىدىن ئەلۋەتتە يۇقىرى. چۈنكى ئاۋۋالقىلار پۇل ئۈچۈن ھەج قىلمىغان بولسىمۇ، ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىبلىرىنى تولۇق ئورۇندىماسلىقى، ئىخلاسسىزلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن مەزكۇر ھەجنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالسا، كېيىنكىلەر پۇلغا ياللانغانلىقى ۋە پۇلنىلا كۆزلەپ ھەج قىلغانلىقى سەۋەبلىك ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرىدا يوق ساۋابنى كىمگە بېرەلىسۇن؟.

2. ھەج قىلىشقا شارائىتى تولۇق تۇرۇپ، ھاياتىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھەج قىلىشنى ئويلاپ قويمىغان، يولىنىمۇ ماڭمىغان ۋە شۇ ھالىتى بىلەن ئۆلگەن ئادەم ئۈچۈن قىلىنغان بەدەل ھەج قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قىلغان ئىبادەتلىرىدىنمۇ بەزىسى تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلى قوبۇل بولمايدىغان تۇرسا، بىراۋ ئۆزى ئورۇنداشنى خالىمىغان بىر ئىبادەتنى باشقا بىرى كېلىپ زورىغا ئۇنىڭغا تېڭىپ ئورۇنداپ قويسا، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئىبادەتنى ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلامدۇ؟، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبادەت ھەر كىم ئۆزى قىلىش بىلەنلا ئادا تاپىدىغان ئەمەلدۇر. ئەگەر پۇل بىلەن ئادەم ياللاپ ئىبادەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن چىققىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئىدى، پۇلى بار مىليونېرلار ئەڭ ئاۋۋال جەننەتكە كىرسە بولاتتى.

 ئەمدى ھەدىستە، ئۆلۈپ كەتكەن ئايال ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزىنىڭ ھەج قىلىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئايال ئۆزىگە ھەج پەرز بولىشىنىڭ شەرتلىرىگە توشقانلىقتىن، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان، ئەمما ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆمرى يار بەرمەستىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ھەج ئۇنىڭ ئۈستىدە قەرز بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئانىسى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويىشى جائىزلا ئەمەس، بەلكى پەرز بولۇپ قالغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ھەدىستىكى «ئېيتىڭچۇ، ناۋادا ئانىڭىزنىڭ بوينىدا قەرزى بولغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلامتىڭىز؟» دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

3. ھەجگە يېتەرلىك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش ۋە يولنىڭ ئوچۇق بولىشىدىن ئىبارەت شەرتلىرىگە توشمىغانلىقتىن، ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ھەج قىلىش شەرتلىرىگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەج پەرز بولمىغان. بىراۋغا ھايات ۋاقتىدا پەرز بولمىغان ھەج ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن پەرز بولمايدۇ.

مۇسۇلماندا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك شەرت تېپىلسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ:

 1-مۇسۇلمان بولىشى كېرەك. 2-بالاغەتكە يەتكەن بولىشى كېرەك. 3-ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولىشى كېرەك. ئەقىلسىز كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ ۋە ئەقلى يوق ھالەتتە قىلىنغان ھەجمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەج قىلىنمايدۇ. 4-ھۆر بولۇش كېرەك. 5-ھەج قىلىش ئۈچۈن بېرىپ-كەلگۈچە يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولۇش، تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولۇش، يول ئوچۇق بولۇش كېرەك. ئايال كىشى ئۈچۈن مەھرەم بولۇش كېرەك. مەھرىمى بولمىغان ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ.

 ئەمدى شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىغا ئاتاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويسا ساۋاب بولمامدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ:

(1) ئاتا-ئانىسىنى ساۋابتىن بەھرىمەن قىلاي دېگەن ئادەم بەدەل ھەج ئۈچۈن ئاتىغان پۇلىنى جەمئىيەتتىكى يېتىم-يېسىرلارغا، تۇل ئاياللارغا، مەدرىسە تالىبلىرىغا، تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلىرىنىڭ بىلىم يۇرتلىرىدا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان پەرزەنتلىرى بولسا، شۇلارغا سەرپ قىلسا، ئۇنى بەدەل ھەج قويمىچىسىغا بەرگەندىن ياكى قويمىچى بولمىسىمۇ بىرلا ئادەمگە بېرىپ ئۇنى بەھرىمەن قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب ۋە بۈيۈك ئەجىر تاپىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ھېچكىم ئاتىغان پۇلىنى ساۋاب بولىشى نامەلۇم بولغان ئىشقا سەرپ قىلماي، يوقسۇللارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ساۋابى ئېنىق ۋە كاپالەتلىك ئىشقا خەرج قىلغان بولاتتى.

(2) زاكاتنى، سەدىقىنى ۋە ھەر قانداق بىر خەير ئىھساننى يىراقلارغا بەرگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلىرى، تونۇشلىرى ئارىسىدىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە بەرسە، سەدىقىنىڭ ھەم سىلە-رەھىمنىڭ ساۋابىدىن ئىبارەت ئىككى قات ساۋاب قازىنىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، راستىنلا ساۋاب ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى تونۇمايدىغان ئادەملەرگە بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ ساۋاب تاپىمەن دېمەستىن، كۆز ئالدىدىكى نەق ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا پۇل سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئىككى قات ساۋابنى ھەركىم ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ئاتىسا، -ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- مەزكۇر ئىشنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىدۇ.

(3) جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش شۇ جەمئىيەتتىكى قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە پەرز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىماننىڭ تەقەززالىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قوشنىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى توق ياتقان ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ([8])دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. راستىنلا ئاتا-ئانىسىغا ساۋاب قازاندۇرۇشنى ئىستىگەن ئادەم ساۋابى كاپالەتكە ئېلىنمىغان بەدەل ھەجنى قىلدۇرىمەن دەپ يۈرمەستىن، ئاتىغان پۇلىنى مۇنداق زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي پەرزنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئادەم، ئاتا-ئانىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىنمۇ ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى پەرزنى ئادا قىلغاننىڭ ساۋابى نەپلىنى ئادا قىلغاننىڭكىدىن ئەلۋەتتە ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

(4) ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قالدۇرغان مال-دۇنياسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپ خەرج قىلماسلىق شەرتى بىلەن بەدەل ھەج قىلىش ياكى قىلدۇرۇش پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇستىدە مەجبۇرىيەت بولۇپ قالىدۇ.

 (5) بىراۋغا بەدەل ھەج قىلىپ قويماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولىشى شەرتتۇر.

 (6) تىرىكلەردىن قاتتىق ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى ساقايمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ھەج سەپىرىگە چىقىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ۋە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا يېتەرلىك ئىقتىسادى بولغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ بالىلىرىدىن بىرەرسى دادىسى ئۈچۈن ھەج قىلسا بولىدۇ.

ناۋادا بالىلىرى بولمىسا ياكى ئۇلار ھەرەمگە بارالمىسا، دىيانىتىگە ئىشىنىلىدىغان كىشىلەردىن بىرەرسىگە بەدەل ھەج قىلدۇرسا جايىز بولىدۇ.

 ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ئۈچۈن ھەج قىلغان ئادەم بىلەن پۇلغا ياللىنىپ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر ئادەم ئۈچۈن ھەج قىلغان ئادەمنىڭ ئىبادەت جەريانىدىكى كەيپىياتى بىر خىل بولامدۇ؟، ھالبۇكى، ھەج دېگەن يۈرەكتىن چىقمىسىمۇ بولىشىچە بېجىرىپ قويسا بولىۋېرىدىغان رەسمىيەت ئەمەس، بەلكى ھەجمۇ خۇددى نامازغا ئوخشاش ئەقىل، قەلب ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر.

(7) پاسپورت بېجىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقى ياكى ئۆزى ھۆكۈمەت كادىرى بولغانلىقتىن، ھەجگە بارالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش جائىز ئەمەس.

پاسپورت بېجىرىش ئىمكانىيىتى يوق ئادەمگە ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ھەجنىڭ پەرز بولۇپ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەج سەپىرى ئۈچۈن يولى ئوچۇق بولىشى شەرت. پاسپورت ئالالمىغان ئادەمنىڭ يولى ئوچۇق بولمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كىشى ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىگە چۈشمەيدۇ.

ئەمدى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كەلسەك؛ ئايلىق مائاشتىن باشقا ئىقتىسادى كىرىمى يوق، بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئوقۇشى ۋە بارلىق چىقىملىرى شۇ بىرلا مائاشقا قاراشلىق بولۇپ قالغان، ئەگەر ھەجگە بارغان تەقدىردە، مائاشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئوقۇشى ۋەيرانلىققا ئۇچراش خەۋپىدىكى ئادەملەرگە ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى ھەج دېگەن ھەج سەپىرىگە چىققانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزىگە ياكى بالا-چاقىلىرىغا ماددى ياكى مەنىۋى زىيان-زەخمەت يەتمەيدىغان شارائىتتىكى ئادەملەرگىلا پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ.

 پەرز ھەج نامازغا ئوخشاش بىر پەرز ئەمەس. نامازنى قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن چوقۇم ئادا قىلىش پەرز. ئەمما ھەج ئۇنىڭ يولىغا كۈچى يەتكەن ئادەمگە پەرز بولىدىغان شەرتلىك ئىبادەتتۇر.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، پاسپورت ئالالمىغانلار بىلەن ھەج سەپىرىگە چىقالمايدىغان شارائىتتىكى ئىشچى-كادىرلارنىڭ بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەج قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. ھەج قاچان شەرت -شارائىت تېپىلسا شۇ چاغدا پەرز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئىمكانىيىتىم يوق دەپلا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش جائىز ئەمەس.

 مانا بۇ، دىنىمىزنىڭ شەپقىتىدىندۇر. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئادەملەرگىمۇ ھەج پەرز بولغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئادا قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەلۋەتتە گۇناھكار بولاتتى. شۇڭا ئۇلار ھەج قىلىشقا ئارزۇسى بولغان بولسىمۇ، شارائىت يار بەرمىگەن سەۋەبلىك ھەج قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن بۇ ئىبادەت ساقىتتۇر.

ئەللامە ھافىز ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بەدەل ھەجنى جائىز دېگەنلەرگە كۆرە، ھەج پەرزىنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ساقايمايدىغان پالەج كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر ئۈچۈن قىلىنغان بەدەل ھەجلا ئادا تاپىدۇ. بۇنىڭغا ھەر قانداق كېسەللىك كىرمەيدۇ. چۈنكى كېسەلدىن ساقىيىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ. ساراڭمۇ كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوڭشىلىپ قېلىشىدىن ئۈمىد بولىدۇ، تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن ئادەممۇ كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئازاتلىققا چىقىشىدىن ئۈمىد بولىدۇ. پېقىرمۇ كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ پۇللۇق بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ.»([9])

 قەدىمقى ئۆلىمالارنىڭ بەدەل ھەج ھەققىدىكى قاراشلىرى

 قەدىمقى ئۆلىمالارنىڭ ۋە مەزھەب پېشىىۋالىرىنىڭ بەدەل ھەج مەسىلىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل بولغان بولسىمۇ، پەقەت ئۆلۈكلەردىن ھاياتلىق ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنىشنى ۋەسىيەت قىلغان ياكى ھەج قىلىش شەرتىگە توشقان تۇرۇپ ھەج قىلالماي ئالەمدىن ئۆتكەنلەر بىلەن تىرىكلەردىن ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ياكى قاتتىق ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ھەجگە بارالمايدىغانلاردىن باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

  مېيت ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش مەسىلىسى:

مېيت ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش مەسىلىسىدە، ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، مېيت ئەگەر ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قالدۇرغان مال-دۇنياسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق سەرپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ.

ئەمما شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، بىراۋ ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرىگە توشقان تۇرۇغلۇق، ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ بەدەل ھەج قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىسۇن، بالىلىرى ئۇنىڭ قالدۇرغان مال دۇنياسىدىن سەرپ قىلىپ بەدەل ھەج قىلىپ قويىشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قەرزدۇر([10])

  ھايات ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش مەسىلىسى:

ھايات ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش مەسىلىسىدە، ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرى قاتتىق ياشىنىپ قالغانلىقى ياكى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى سەۋەبلىك ھەج سەپىرىگە چىقالمايدىغان ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى جائىز دەپ قارايدۇ.

ئەمما مالىكىي مەزھىبىگە كۆرە، سەۋەب نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر تىرىك ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنمايدۇ. چۈنكى جىسمانىي ئىبادەتتىن مەقسەت تەنگە رىيازەت چەككۈزۈش، ئۇنى بىر ئاز مۇشەققەت تارتقۇزۇش ئارقىلىق روھانىيەتنى كۈچلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. ھەج قىلىشقا بۇيرۇلۇشتىن مەقسەت ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرلىق تارتىش، ئىھرام باغلاش ئارقىلىق ئاخىرەتلىك كىيىمنى ياد ئېتىش، شەيتانغا تاش ئېتىش سافا بىلەن مەرۋىنى سەئيى قىلىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش قاتارلىق ھېكمىتىنى ۋە سەۋەبىنى بىلمەيدىغان ئىشلاردىمۇ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش قاتارلىقلاردۇر. ھالبۇكى، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بەدەل ھەج قىلدۇرغان ئادەم ھەجنىڭ بۇ ئاساسلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقى مۇقەررەردۇر.([11])

 ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى نەزىرىدە بەدەل ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى

تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بەدەل ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى ھەققىدىكى پەتىۋاسىنى ئەينەن نەقىل قىلىمەن:

 1-ھەج سەپىرىگە چىقىشقا كۈچى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش قەتئىي جائىز ئەمەس.

 2- بەدەل ھەج پەقەت ھەج پەرزىنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن، ياشىنىپ قالغانلىق ياكى ساقايماس كېسەللىك سەۋەبتىن ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن كىشىى ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ.

3-بەدەل ھەج يوقسۇل كىشىلەر ئۈچۈن قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ھەج پەرز ئەمەس.

4- ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ بولمىغان ئادەمنىڭ باشقىسى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى جائىز ئەمەس.

5- ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن، ئەرنىڭ ئايال ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى جائىزدۇر.

6- بىراۋنىڭ بىر ھەجدە بىردىن ئارتۇق ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى بىر ھەجدە بىر ئادەم بىرلا ھەج قىلالايدۇ. بۇ بىر ھەج بىر ئادەم ئۈچۈنلا كۇپايە قىلىدۇ.

7- بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىشلا بولماسلىقى لازىم.

8- بەدەل ھەج قىلىىشقا تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزىنى تەيىنلىگەن كىشىدىن سورىماستىن، بەدەل ھەجنى باشقا بىرىگە ئۆتۈنمەسلىكى لازىم.

9- بەدەل ھەجنى ئۆزىنىڭ بالىسىغا قىلدۇرۇش، بالىسى بولمىسا ياكى مۇمكىن بولمىسا، يېقىن تۇغقىنىغا قىلدۇرۇش لازىم. بۇ ئىككىسىمۇ بولمىغاندا يات بىرىگە قىلدۇرسا بولىدۇ.

10- بەدەل ھەجنى ئورۇندايدىغان ئادەم تەقۋالىقى ۋە دىيانىتى بىلەن تونۇلغان، ھەج ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان، ئىشەنچلىك، راستچىل كىشىلەردىن بولىشى لازىم.

11- بىر قېتىم ھەج قىلىپ بولغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى جائىز ئەمەس.([12])

 ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش مەسىلىسى

پۇلغا ئادەم كىرالاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش مەسىلىسى قەدىمدىن بىرى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلىق مەسىلىدۇر.

 مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى

ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرى پۇلغا ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنى جائىز كۆرمىگەن. ئۇلار ئىبادەتنىڭ پۇلغا قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوسمان ئىبنى ئاس دېگەن كىشىگە: «ئەزان ئوقۇغىنىغا ھەق تەلەب قىلمايدىغان بىر مۇئەززىن ئىشلەتكىن([13])دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلغان. شۇڭا ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە «تائەت-ئىبادەتلەرگە ھەق ئالسا بولمايدۇ»دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، پۇلغا ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش بىدئەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ساھابىلار بىرەر ئادەمگە پۇل بېرىپ بىرسى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرغان ئەمەس.

ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى ۋە باشقا مەزھەبلەر دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەنگە ھەق ئېلىشنىڭ جائىز سانالغانلىقىغا بەدەل ھەجنى قىياس قىلىپ، بەدەل ھەج قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ئالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەرنىڭ ھەق ئېلىشىڭلارغا ئەڭ ھەقلىق بولغىنى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر([14])دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ، قۇرئان ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق ئالسا بولغان يەردە، بەدەل ھەج قىلىش ئۈچۈنمۇ ھەق ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.([15])

 ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى

ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن بەدەل ھەجنى پۇلغا قىلدۇرسا بولىدۇ دېگۈچىلەر بەدەل ھەج قىلغۇچى ئۈچۈن مۇنداق ئىككى شەرتنى بەلگىلەيدۇ:

1- بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش بولماسلىقى.

2- بەدەل ھەج ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل كەملىسە يەنە تەلەپ قىلىشى، ئەگەر ئېشىپ قالسا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىدىن([16]) مەلۇم بولدىكى، بەدەل ھەج پۇل تېپىش مەقسىتى بىلەن قىلىنمايدۇ. ناۋادا بىراۋ پەقەت پۇل تېپىش مەقسىتى بىلەنلا بەدەل ھەج قىلسا، ئۇنىڭ ھەججىسى قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن قىلىنمىغان ئىبادەت قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن؟. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى نىيەتلەرگە باغلىقتۇر».([17])

 سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ 100/11-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسكى، ھازىرقى زاماندا بەدەل ھەج قىلىمىز دېگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى پەقەت پۇل تېپىش مەقسىتى بىلەنلا بۇ ئىشنى قىلىدۇ. مۇنداق قىلىش قەتئىي ھارامدۇر.([18]) چۈنكى ئىبادەت مال-دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿مَن كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ ۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق»([19]) دېگەن ئىلاھىي پرىنسىپنى بېكىتىۋەتكەن. دېمەك؛ ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىنمىغان ئىبادەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەت ئورۇنلىرىنى مال-دۇنيا تېپىش ئورۇنلرىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قوغدىغان. ئۇ ساھابىلىرىغا: «سىلەر مەسجىدلەردە ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلارنى كۆسەڭلار "ئاللاھ سوداڭلاردا پايدا بەرمىگەي" دەڭلار» دەپ ئۈگەتكەن. ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننى پۇل تاپىدىغان ئورۇن قىلىۋالغانلارغا شۇنداق بەددۇئا قىلىنغان يەردە، پۇلغا بەدەل ھەج قىلىشقا ئوخشىغان ئىبادەتنىڭ ئۆزىنى كەسپىگە ئايلاندۇرىۋالغانلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟، بۇلار ئىبادەتنى راستىنلا تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋالغانلاردۇر. شۇڭا ھەنبەلي مەزھىبىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى بىراۋنى بەدەل ھەج ئۈچۈن كىرالاشنى قەتئىي جائىز ئەمەس دەپ كەسكىن جاكارلىغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە([20])«كىمكى بەدەل ھەجنى پۇل ئۈچۈنلا قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئاخىرەتلىكتىن ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر»دېگەن.»([21])

شەيخۇل ئىسلامنىڭ سۆزىدىن پۇلغا بەدەل ھەج قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ھەججىسىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ھەججىسى قوبۇل بولمىغان ۋە بۇ ھەجدە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ھېچ نەرسە تاپالمىغان ئادەم بەدەل ھەج قىلىش ئۈچۈن پۇل ئالغان كىشىگە نېمىسىنى بېرەلەيدۇ؟، ئۆزىدە يوق ساۋابنى ئۇنىڭغا قانداقمۇ بېرەلىسۇن؟.

ئەزھەرىي دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ([22]) «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەيلى ھايات ئادەم بولسۇن، مەيلى مېيت بولسۇن، ئاللاھ تائالا بەندىگە پەرز قىلغان ئىبادەتنى ئۆزى قىلماي، باشقىلارغا پۇل بېرىپ كىرالاپ قىلدۇرسا، ئىبادەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن باشقىلارغا پۇل بېرىپ، باشقىلارنى ياللاپ قىلدۇرىدىغان ئىش ئەمەس، ئىبادەتنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىبادەتنى ئورۇندىغۇچىدىن نىيەت خالىس بولمىسا بولمايدۇ. مال-دۇنيا ئۈچۈن ھەج قىلىدىغان كىراكەشلەر ساۋابقا ئەمەس، پەقەت ئاشۇ ئازغىنە پۇلغىلا ئېرىشىدۇ.»([23]) تەبىئىيكى، مۇنداق بەدەل ھەجنى ئورۇندىغۇچى ساۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن، بەدەل ھەجنىڭ ئىگىسىگىمۇ ساۋاب يوق دېگەنلىك. چۈنكى يوق نەرسىنى بەرگىلى بولمايدۇ. ئەمدى، بەدەل ھەج قىلدۇرماقچى بولغان ئادەم ياخشى نىيەت بىلەن پۇل بەرگەن تۇرسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا ساۋاب بولمايدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن.

بىز دەيمىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئاتا قىلغان مال-دۇنيانىڭ ھېسابىنى چوقۇم ئالىدۇ. مال-دۇنيانى ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلەتكەنلەرگە ساۋاب بەرگەندەك، يامانلىق يوللىرىغا ئىشلەتكەنلەرنى جازالايدۇ. ئىسلام دىنىدا بىرەر ئىشنىڭ ساۋابلىق بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولىشى شەرت. ئادەم كىرالاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا بىدئەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ساھابىلار ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرغان ئەمەس. بىدئەت ئەمەس دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ بەدەل ھەج ئىشەنچلىك ياخشى ئادەملەرنىڭ يانچۇقىدا مەككىگە كەلگەن بولسىمۇ، مەككىدە تەقۋالىقى، ئىشەنچلىكلىكى مەلۇم بولمىغان بەدەل ھەج تىجارەتچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، بۇ بەدەل ھەجنىڭ قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قىلىندى دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردىمۇ، پۇل ئۈچۈن كىرالانغان ئادەملەر ئۆزلىرى تونۇمايدىغان بىراۋلار ئۈچۈن قېتىرقىنىپ، ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىبلىرى تولۇق ئورۇندىغان ھالدا قىلمايدىغانلىق ئېھتىمالى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا بەدەل ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلغان ئادەم مال-دۇنياسىنى ئىسراپ قىلغان بولىدۇ، بەس. ئاللاھ تائالا ئىسراپخورلارنى ياقتۇرمايدۇ.

 خۇلاسە كالام

پۇلغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە، قەدىمقى ۋە ھازىرقى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا دەيمىزكى، ھەققىدە ھەج پەرز بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان بولسىمۇ ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن مېيت، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى، قاتتىق ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ھەجنىڭ سەپىرىگە چىقالمايدىغان كىشى قاتارلىقلار ئۈچۈن، دىيانىتى بىلەن تونۇلغان ئىشەنچلىك كىشىلەردىن بىرەرسىگە ئۇنىڭ ھەرەمگە بېرىپ كېلىش چىقىملىرىنى بېرىپ بەدەل ھەج قىلدۇرسا بولىدۇ.

بەدەل ھەج قىلغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ بەدەل ھەج قىلىش جەريانىدىكى چىقىملىرىغا يېتەرلىك مىقداردا پۇل ئالسا بولىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا چىقىمىدىن كۆپ پۇل بېرىلگەن تەقدىردە، ئاشقان پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ياكى رازىلىقىنى ئېلىش ئارقىلىق ئاشقان مەبلەغنى تەسەررۇپ قىلالايدۇ.

 ئەمما بەدەل ھەج قىلىشنى پۇل تېپىش كەسپىگە ئايلاندۇرىۋالغان ھايانكەشلەرگە پۇل بېرىپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداقلار بىرلا ئادەمگە ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئادەمگە ھەج بەدىلى قىلىمەن دەپ پۇل يىغىدۇ. ئاخىرىدا ھېچبىرىنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلمايدۇ. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىز كۆرىۋاتقان بىر رېئاللىق.

 خاتالىقنىڭ كاپارىتى كىمنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ؟

بەدەل ھەج قىلغۇچى ھەجدىكى قۇربانلىقتىن باشقا ئۆزىنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان خاتالىقلىرى سەۋەبلىك ئۈستىگە يۈكلەنگەن دەم(قوي بۇغۇزلاپ تارقىتىش)نى ئۆز يانچۇقىدىن پۇل سەرپ قىلىپ ئادا قىلىدۇ. چۈنكى خاتالىق ئۇنى بەدەل ھەج قىلىشقا بۇيرۇغۇچىنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خاتالىقىدۇر. شۇڭا جازانى ئۆزى تۆلەيدۇ.([24])

 بەدەل ھەج نامىدىكى ساختىپەزلىكلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھەرلىك مەھكىمە شەرئىينىڭ قازىسى ئەللامە فەھد ئەل ئامىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز»گېزىتىنىڭ2007-يىلى14-فېۋرال كۈنى سانىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «پۇلغا ئادەم ياللاپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش قەدىمدىن بېرى فىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ كەلگەن. ھەنبەلىي ۋە ھەنەفىي مەزھەبلىرىدىكى كۈچلۈك قاراشلارغا كۆرە، ھاراملىقى تەكىتلەنگەن مەسىلىدۇر. چۈنكى ئىبادەت دېگەن پۇلغا قىلىنمايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "بەدەل ھەج ئۈچۈن ئادەم كىرالاش بىدئەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى ساھابىلارنىڭ زامانىدا ياكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىمۇ كۆرۈلمىگەن ئىشتۇر. بەدەل ھەجنى پۇل تېپىش مەقسىتى بىلەن قىلىش جائىز ئەمەستۇر" دېگەن. باشقىلارغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنى جائىز دېگۈچىلەرمۇ بەدەل ھەجنى قىلغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك بولىشىنى ۋە بەدەل ھەجنى تەلەپ قىلىنغان رەۋىشتە تولۇق ئورۇندىشىنى شەرت قىلغان.

ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولىۋاتىدۇ. بىراۋ بەدەل ھەج قىلىمەن دەپ 4-5 ئادەمنىڭ بەدەل ھەج پۇلىنى يىغىۋالىدۇ. بۇ ئادمنىڭ شۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەدەل ھەج قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بەزىلەر بەدەل ھەج قىلىشنىڭ باھاسىنى مۇقىملاپ مانچىلىك پۇل بېرىسىز دەپ سورايدۇ. شەيخۇل ئىسلام بۇ ھەقتە: "بىراۋنىڭ پۇلنى دەپ بەدەل ھەج قىلمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئۇنىڭ ھەجنىڭ چىقىملىرىدىن ئارتۇق بىر نەرسە سورىماسلىقى، ئارتۇق بەرگەن تەقدىردىمۇ ئاشقان پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشىدۇر" دېگەن. ھازىرقى زاماندا مانا بۇ بەدەل ھەجدىن ئاشقان پۇل دەپ قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئادەم تېپىلامدۇ؟، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەل ھەج بېدىكلىرىمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى، ئۇلار بەدەل ھەج قىلىمىز دەپ پۇل يىغقۇچىلارغا بىر ئادەم تېپىپ بەرسە 500رىيال ئالىدۇ.

بەدەل ھەج قىلغان ئادەم شۇ بەدەل ھەج قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغفار ئېيتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ھەجنىڭ پەرز، ۋاجىبلىرىنى تولۇق ئورۇندىسىمۇ چوڭ گەپ ئىدى.([25])

 ئۇيغۇرلاردىكى بەدەل ھەج تىجارىتىدىن ئۆرنەكلەر

 مەككىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەدەل ھەج تىجارىتى خۇددى مەرۋايىت تىجارىتىگە ئوخشاش، بەلكى مەرۋايىت سودىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەم دەسمايىسىز ھەم جاپاسىز ھەم پايدىسى نەق بولۇپ ئېقىۋاتقان بىر تىجارەت بولۇپ قالماقتا. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئاسان تىجارەت بولمىسا كېرەك.

ھەج بەدىلى تىجارىتىنى قىلىدىغانلار ئومۇمەن ئەھلى ئىلىم قىياپىتىگە كىرىۋالغان، تەقۋالىق تونىنى كىيىۋالغان، تىلى تاتلىق، ئەمما پىكىر-خىيالى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، شۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قازىنىپ، قوللىرىدىكى بەدەل ھەجگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ئامېرىكا دوللارلىرىنى ئېلىۋېلىشتا بولىدىغان قويمىچىلار بولۇپ، ئۇلار دەسلەپ ھاجىلارنى ئىزدەپ ئۇلار چۈشكەن ياتاقلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ئاندىن بىر يۇرتلۇق ياكى قانداقلا بىر يول بىلەن تونۇشۇپ قالغانلارنى مېھمان قىلغۇسى كېلىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى راسا تويغۇزىدۇ، ئاندىن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سۆزلەيدۇ، ئاخىرىدا مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىگە بىرەردىن تەسبىھ، بىرەردىن جايناماز ھەدىيە قىلىپ بولۇپ، قانداقلا خىزمىتى بولسا، خالىسانە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارىدا مېھمانلاردىن بىرى: "بىزدە بەدەل ھەج ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن پۇل بار ئىدى. ئۇنى كىمگە قىلدۇرساق بولاركىن، بىز بىلمەيمىزكەن، ئۆزلىرى بۇ جايدىكى ئادەملەرنى ياخشى بىلىلا، بىزگە بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا ئەمدى" دەيدۇ. چۈنكى بۇ قويمىچىنىڭ ھەج مەۋسۇمىدىكى ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قارىمايدىغان شۇ ئالدىراشچىلىقتا بۇ ھاجىلارنى ئىزدىشى، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشى، مېھمان قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە تۇتقۇزىشى قاتارلىق جاپالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىن شۇ بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىدى. مۇبادا بۇ مېھمانلاردىن سۆز چىقمىسا، قويمىچى سۆزنى ئۆزى باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بەدەل ھەج مەسىلىسى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەقسەت ھەل بولىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ھەج بەدىلى ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدىكىن غۇجام؟ دەپ سورالغان پەيتتە، قويمىچىنىڭ جاۋابى ئالدىن تەييارلىنىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىككىلەنمەيلا، "ئەمدى بۇ دېگەن ئىبادەت. ھەر قانداق بىر ئىبادەتنىمۇ كۆپ قىلسا كۆپ ساۋاب، ئاز قىلسا ئاز ساۋاب بولغاندەك، بەدەل ھەج ئۈچۈنمۇ قانچىلىك كۆپ پۇل بەرسەڭلار شۇنچىلىك كۆپ ساۋاب بولىدۇ" دەيدۇ. چۈنكى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ بەدەل ھەج ئۈچۈن يىغىپ كەلگەن پۇللىرىنىڭ مىقدارى ئوخشاش ئەمەس، ئالدى 1000 دوللار ئېلىپ كەلسە، كەينى ئاز دېگەندە 500 دوللار، ھەتتا 300 دوللارغىچە ئېلىپ كېلىدىكەن. بەدەل ھەج پۇلىنى سۈپۈرۈپ ئالماقچى بولغان قويمىچى ئەگەر بەدەل ھەجنىڭ پۇلىنى مۇئەييەن قىلىپ 500 يۈز دوللار دەپ قويسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەج بەدىلى ئۈچۈن 1000 دوللاردىن پۇل ئېلىپ كەلگەن كىشىدىنمۇ 500دوللاردىن ئارتۇق ئالالمايدىغان بولۇپ قېلىپ، تىجارەتنىڭ يېرىمىنى زىيان تارتقان بولىدۇ. ئەگەر بىراقلا 1000دوللار دەپ قويسا، 1000دوللاردىن ئاز پۇل ئېلىپ كەلگەنلەر: "ئۇنداقتا بىز ئەرزانراق بىر يەرنى تاپايلى غۇجام، بۇ خەقنىڭ پۇلى ئىدى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قوشۇپ قويغۇدەك ھالىمىز يوقكەن ئەمدى" دەپ پۇل بەرمەيدۇ.

ناۋادا قويمىچى: "مەيلى ئاز بولسىمۇ بولىدۇ، ئاز بەرگەنگە ئاز، كۆپ بەرگەنگە كۆپ ساۋاب بولىدۇ" دېگەن سۆزىنى ئەمدىلىكتە دېسە، ئۇلارنى شەككە سەلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر ئېھتىمالنى ئوبدان ئويلاپ چىققانلىقتىن، باشتىلا پۇلنىڭ مىقدارىنى مەجھۇل قويۇپ قويىدۇ.

راست! ياخشى گەپ ئىكەن، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن قىلىدىغان بەدەل ھەجگە كۆپرەك بېرەيلى، كۆپرەك ساۋاب بولسۇن. ئەمما بىزگە بەدەل ھەج ئۈچۈن باشقىلار بەرگەن پۇللارنى شۇ پېتى بېرەيلى دېگەن قارارغا كەلگەن ھاجىلار ھەميانلىرىنى بىر ئاندىلا بوشىتىپ راھەتلىنىپ قالىدۇ، قويمىچىمۇ شۇنچىلىك راھەتلىنىدۇكى، بىر يىل جاپالىق ئىشلەپ تاپقىلى بولمايدىغان پۇلنى بىر داستىخان سېلىش بىلەنلا تېپىۋالغانلىقنىڭ خوشاللىقىنى ياشايدۇ. چۈنكى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھەر بىر ھاجى يۇقىرىسى20-30ئادەمنىڭ، يوق دېگەندە5-6 ئادەمنىڭ بەدەل ھەج پۇلىنى ئېلىپ كېلىدۇ. زادى بەدەل ھەج پۇلى ئېلىپ كەلمىگەن ھاجىدىن بىرىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

قويمىچى شۇنىڭ بىلەن مېھانلارنى ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلارنى ياتاقلىرىغا ئاپىرىپ قويمايدۇ.

 ئەگەر بۇ ھاجىلار يەنە باشقىلاردىمۇ بەدەل ھەج پۇلى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، بۇ ھاجىلارنى ياتىقىغىچە ھۆرمەتلەپ ئاپىرىپ قويىدۇ ۋە پۇل بار باشقىلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇشىنى سورايدۇ، ئۇلارنىڭمۇ خالىسانە خىزمەتلىرىنى قىلىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بەدەل ھەج پۇلىنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدۇ. چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۇشۇكنىڭ قۇيرىقىنى تارتىپتۇ دېگەندەك، بەزى ھاجىلار ئۆزلىكىدىن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ھەميانلىرىنى بوشىتىپ قايتىدۇ. ھەممىنى ئېلىپ بولغان قويمىچى ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز ئىزدىمەيدۇ.

ھەج ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاجىلار «ئەمدى بىز ھەج بەدىلى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇل بەرگەنلەرگە ھەج قىلدۇردۇق مانا دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قەغەز بېرىدىكەنمىش، شۇنى ئالماي كەتسەك بولماس غۇجام» دەپ ھېلىقى قويمىچىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ.

پۇل بەرگەن ھاجىلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىلا تونۇشۇپ قالغان ھاجىلاردىن بولسا، ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ، مۇمكىنقەدەر ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يۈرىيدۇ. ئۇلار ئۇنى ئىزدەپ بېقىپ ئاخىرى زېرىكىپ تاشلىۋېتىپ كېتىپ قالىدۇ. ئەگەر پۇل بەرگەنلەر ۋەتەندىمۇ تونۇشىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان، ئائىلىسىنى تونۇيدىغان ھاجىلاردىن بولسا، ئۇلارنى قورۇق قول قايتۇرۇشتىن قورقىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈزىسىدىن يۇرتتا ئائىلىسىنىڭ ئابرويى تۆكۈلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلارنى چوقۇم بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى بىلەن يولغا سالىدۇ.

  بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى دېگەن نېمە؟:

 بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى دېگەن شەخسلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئۈستىگە يوغان قىلىپ «بەدەل ھەج» دەپ يېزىلغان مەخسۇس قەغەز بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى دەپتەر-قەلەم ساتىدىغان دۇكانلاردىن بىر دانىسىنى 2 رىيالدىن سېتىپ ئالغىلى بولىدۇ. بەدەل ھەج قويمىچىلىرى بۇ قەغەزدىن بىرەر توپتىن ئېلىپ، ئىچىدىكى جەدۋەلگە «پالانى پالانى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدى» دېگەن ئەرەبچە بىر قۇر خەتنى مايماق-سەيناق قىلىپ يازىدۇ، يازالمىسا باشقىسىغا يازدۇرىدۇ. قەغەزدىكى ئاتالمىش بەدەل ھەج قىلغانلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى خىيالىي ئىسىملاردىن بولىدۇ. بۇ ئىسىملارنىڭ ئابدۇراھمان، ئابدۇرېھىم ياكى مەمەت، سەمەت دېگەنلەرگە ئوخشاش بىر-بىرىگە يېقىن بولۇپ چىقىىشىدىكى سەۋەب مانا بۇدۇر.

 ئاندىن بەزى بېنگاللىق ئىشچىلارغا ھەر بىر قەغەز ئۈچۈن 10رىيال بىلەن 15رىيال ئەتراپىدا پۇل بېرىپ، بۇ ساختا گۇۋاھنامىغا تامغا باستۇرىدۇ ياكى بىرەر شېركەتتە ياكى بىرەر ماگىزىندا تونۇشى بولسا تامغىنى بىكارلىق باستۇرىدۇ. «ھەج بەدەل» دېگەن قەغەزلەرگە بېسىلغان تامغىلارنىڭ ھەر خىل بولغانلىقى ۋە بۇ تامغىلاردىكى خەتلەردە ھەج بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان شېركەت ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئىسىملىرى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ يەردە. چۈنكى بۇ تامغىلارنىڭ ھېچبىرى بەدەل ھەجگە مۇناسىۋەتلىك تامغىلار ئەمەس.

 بەدەل ھەج قىلدۇرىدىغان بىرەر مۇئەسسەسە يوق

چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت تارمىقىدا بولمىسۇن، مەيلى شەخسلەر تەرىپىدىن بولمىسۇن، بەدەل ھەج قىلىشقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بىرەر مۇئەسسەسە يوق. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەخسلەر تەرىپىدىن بولىۋاتىدۇ.

كىشىلەرگە بەدەل ھەج قىلدۇرىدىغان بىرەر مۇئەسسەسە بار دېگۈچىلەر ۋە كىشىلەرگە «بىز مۇئەسسەسە تەرىپىدىن بەدەل ھەج قىلدۇردۇق» دېگەنلەر قىپقىزىل يالغانچىلاردۇر. ھەقىقەت شۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بولىۋاتقان بەدەل ھەج ئىشلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ياكى بىرەر مۇئەسسەسەنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

  بەدەل ھەج قانداق قىلىنىۋاتىدۇ؟:

 ئەمدى بەدەل ھەج پۇلىنى يىغقان قويمىچى بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى ئۆزى يالغۇز قانداق بىتەرەپ قىلىدۇ؟

راست گەپنى ئېيتقاندا، بەدەل ھەج پۇلىنى يىغقان قويمىچى بىرىنىڭمۇ ھەججىنى قىلمايدۇ. مۇبادا ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولۇپ قالغان بىرەر ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەم بىر ھەجدە پەقەت بىرلا ئادەم ئۈچۈن ھەج قىلالايدۇ ئەمەسمۇ؟.

ئۇنداقتا بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھەج بەدىلىنى قانداق قىلىدۇ؟!. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىل يولى بار: بىرى ھېچبىرىنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلماسلىق، يەنە بىرى تەپمە ھالال([26]) قىلىپ ئىشنى پۈتتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

1. ھېچبىرىنىڭ ھەج بەدىلىنى قىلماستىن تىكىۋېتىش، ناۋادا مەجبۇر بولۇپ قالسا، ھەجدىن كېيىن بىرەردىن «بەدەل ھەج» قەغىزىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تەييارلاپ، پۇل بەرگەنلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يولنى تاللىغانلار بەدەل ھەج قويمىچىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان ئۇسۇلدۇر.

2. بېنگاللىق، بېرمىلىق، ھىندىستانلىق، پاكىستانلىق ۋە ئافرىقىلىق ئىشچىلار بىلەن كېلىشىش يولىنى تاللاش بولۇپ، بۇ ئۆز-ئۆزىنى ھارامخور دېمەسلىكى ۋە ئۆلگەن ۋىجدانىنى يالغاندىن بولسىمۇ راھەتلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى قاندۇرۇش يولىدا تەپمە ھالال قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

بۇ ئۇسۇلمۇ ئاسان بىر ئۇسۇل بولۇپ، مەزكۇر چەتئەللىك ئىشچىلار بىلەن ھەر بىر بەدەل ھەج ئۈچۈن يۇقىرىسى200 دوللار، تۆۋىنى 150، ھەتتا100دوللارغىچە كېلىشىش بىلەنلا پۈتىدۇ. پۇلنى ئالغانلار قويمىچىدىن بەدەل ھەج قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكلىرىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىكىۋېتىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. بەدەل ھەج قىلدىمۇ ياكى ئۆيىدە ئۇخلىدىمۇ؟ ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بەرىبىر بەدەل ھەجگە يېزىلىدىغان ئاتالمىش بەدەل ھەج قىلغانلارنىڭ ئىسىملىرى كاللىدىن ئېتىپلا يېزىلىدىغان خىيالىي ئىسىملار بولغانلىقتىن، ئۇلارغا ھاجەت يوق. ھەج قىلامدۇ- قىلمامدۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر.

ئەمدى يۇقىرىسى 200دوللاردىن پۇل ئېلىپ بەدەل ھەج قىلىمەن دېگەن ئادەم راستىنلا بۇ ھەجنى قىلامدۇ؟، ھەرگىز قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنچىلىك كەمبەغەل، شۇنچىلىك پۇلغا مۇھتاج تۇرۇپمۇ ھەج پائالىيىتىنى ئورۇنداش جەريانىدىكى 5-6 كۈنلۈك جاپا-مۇشەققەتنى 1000دوللارغا سېتىپ ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ 1000دوللار پۇلنى يۇقىرىقىدەك ئالدامچىلىق يوللىرى بىلەن ئاسانلا تاپىدىغان تۇرسا، نېمىگە شۇنچە جاپا چېكىشنى خالىسۇن!؟، زادى ئۇلار ھەجگە چىقماستىنمۇ 5 ئادەمنىڭ بەدەل ھەج پۇلىنى شۇ يول بىلەن يىغسا 1000دوللار تاپىدۇ ئەمەسمۇ؟.

شۇ يۇقىرىسى 200 دوللاردىن ئېلىپ بەدەل ھەج قىلىمىز دەيدىغان بۇ ئالدامچىلارنىڭمۇ ئالدىن تەييارلىقى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ بوش كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىخانىلاردا ۋە مەدرەسەلەردە مۇدەررىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، ئۆزلىرى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېر ئارقىلىق ياسىۋالغان يوغان تامغىلىرى بېسىلغان رەڭلىك ئىش قەغەزلىرى ۋە ساختا تەقدىرنامىلىرىنى كۆتىرىپ كېلىدۇ.

بەدەل ھەج قويمىچىسىنىڭ بەدەل ھەج قىلىمەن دېگەن بېنگاللىققا ياكى باشقا بىر يالغانچىغا بەرگەن 200دوللار پۇلىنىڭ مىنادا بىر كۈن تۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى قويمىچىمۇ بىلىدۇ، پۇلنى ئالغان يالغانچىمۇ بىلىدۇ. چۈنكى راستىنلا بەدەل ھەج قىلىمەن دېگەن ئادەم ھەر قانچە كەمبەغەل بولسىمۇ 200دوللارغا ئۇنىمايدۇ.

پۇلنى ئالغان بۇ ئالدامچىلارنى بەدەل ھەج قىلدى دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۆزى تونۇمىغاننى ئاز دېگەندەك باشقا بىر مىللەتنىڭ ئادىمى ئۈچۈن، ھەجنىڭ پەرز ۋە ۋاجىبلىرىغا رىئايە قىلىپ ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن قىلىدۇ دېگىلى بولامدۇ؟، ھەيھات!.

ئۇلار بەدەل ھەج قىلغان تەقدىردىمۇ پەقەت رەسمىيەت ئۆتەيدۇ، بەس. چۈنكى مۇنداق بىر ئادەم باشقا بىر مىللەتنىڭ ناتونۇش بىر ئادىمى ئۈچۈن قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئىخلاس بىلەن بىرەر قېتىم دۇئا قىلامدۇ؟ ياكى كۆزىدىن بىرەر تامچە ياش ئاققۇزامدۇ؟ ھەيھات!

ئۇنداقتا بەدەل ھەج قويمىچىسى پۇلنى ئۇنىڭغا نېمىشقا بېرىدۇ؟ جاۋاب شۇكى، پەقەت تەپمە ھالال قىلىش ئۈچۈنلا بېرىدۇ. بۇنىڭدا ھەجنىڭ ئادا تېپىش ياكى تاپماسلىقى بىلەن ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئىشى بولمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى پۇل تىپىشتىن ئىبارەتتۇر.

 ھەج-ئۆمرىگە كەلگەنلەر ئارىسىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىرى

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «دارۇلھەدىس» بىلىمگاھىنىڭ تالىبى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورى ياسىن ھاجىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بەدەل ھەج قويمىچىلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان بەزى ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن، بەلكى ۋەتەندىن ھەج ياكى ئۆمرىگە كەلگۈچىلەردىنمۇ بەزى كىشىلەر ئانا ۋەتەندىكى ئاقكۆڭۈل خەلقتىن كۆپ مىقداردا پۇل يىغىپ چىقىپ، مەككىدە ئەرزان باھادا بەدەل ھەج قىلىدىغانلار بىلەن كېلىشىپ ئىش قىلىش ئارقىلىق ئارىدىن پۇل يەيدىغانلار بار ئىكەن. ئۇنداقلار ئانا ۋەتەندىكى ئۇلارغا ئىشىنىپ پۇل بەرگەنلەرگە ھېلىقى ساختا «بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى»نى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۇلارنى خوش قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇلار بەرگەن پۇلنىڭ ئاز قىسمىنىلا ئىشلىتىپ قالغان كۆپ قىسمىنى يانچۇقىغا سالىدىكەن. بۇ ھەقتىمۇ سانلىق مەلۇماتلار بار. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىش ئەپسىز بولغانلىقتىن بۇ قەدەرگە كۇپايە قىلىمىز.

ھەج-ئۆمرىگە كەلگەنلار ئارىسىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىرى ئانا ۋەتەندە بىر كىشىلىك بەدەل ھەج ئۈچۈن ئاز دېگەندە500دوللاردىن، يۇقىرىسى1000پۇل يىغىدىكەن. ئاندىن مەككىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىلگىرىمۇ بۇ تىجارەتنى قىلىپ يول تاپقانلىرى قارا تەنلىك ياكى بېنگال ئىشچىلارنى تېپىپ، ئۇلارغا ھەر بىر بەدەل ھەج ئۈچۈن يۇقىرىسى 200دوللاردىن، تۆۋىنى 150دوللارغىچە بېرىپ ئىشنى ساقايتىدىكەن. بەدەل ھەج تىجارىتىنى تۇنجى قىلىۋاتقانلار ياكى ئىشنى بىلمەيدىغانلار ئۇيغۇر بېدىكلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

 ئۆمەكنىڭ كادىرلىرى ئارىسىدىكى بەدەل ھەج قويمىچىلىرى

ئانا ۋەتەندىن كەلگەن بىر ئىشەنچىلىك ھاجىمنىڭ (ئىسمىنى ئاتىماسلىق شەرتى بىلەن) سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆمەكنىڭ كادىرلىرى ئىچىدە ھەر يىلى ھاجىلارنىڭ بەدەل ھەج پۇللىرىنى يىغىپ ئېلىپ، ئۆزلىرى بىلىدىغان بەدەل ھەج قويمىچىلىرى بىلەن بۇ پۇلنى ئۆزئارا كېلىشىپ ئارىشىدىكەن. بەدەل ھەجگە پۇل بەرگەن ھاجىلارغا بولسا، ھېلىقى ساختا بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسىدىن بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. ھاجىلار ئۇلارنى ئۆمەكنىڭ ئىشەنچلىك كادىرلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، پۇلنى ئىشەنچلىك يەرگە تاپشۇردۇق دەپ ۋەتەندە پۇل بەرگەنلەرنى خاتىرجەم قىلىدىكەن. ئاندىن ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن ساختا بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسى بىلەن ئۇلارنى خوش قىلىدىكەن.

بۇ ھەر يىلى شۇنداق داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قويمىچىلىق ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگەن كىشى ھەر يىلى ئۆمەك بىلەن كېلىپ بەدەل ھەج توپلايدىغان كادىرلار بىلەن مەككىدىكى ئۇلارنىڭ شېرىكى بولغان قويمىچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلىدىكەن. ئەمما بۇ ئەسەردە مەزكۇر ئالدامچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى يىزىشنى مۇناسىپ كۆرمىدۇق.

 بەدەل ھەجنىڭ پۇلىنى ياخشى يوللارغا ئىشلەتتۇق دەيدىغان قويمىچىلار

 سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرىدىغان ئىشەنچلىك بىر تىجارەتچى دوستۇم، بەدەل ھەج ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردى: بىز ھەر يىلى ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمىز بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پۇلنى باشقىلارغا بېرىشكە ئىشەنچ قىلالماي بۇ يەردىكى مەلۇم بىر ئىسلامىي جەمئىيەتكە مەنسۇب بولغان ئادەملەرگە بېرەتتۇق. چۈنكى ئۇ ئادەملەرنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا خاس قىياپىتى، چىرايلىق ۋە سىلىق سۆزلىرى بىزنى قايىل قىلغان ئىدى. ئىچىمدە بۇ ئادەملەرنىڭ كىشىلەرنى ئالدايدىغان چىرايى يوق، دەپ ئويلايتتىم. كېيىن مەن قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئۇلاردىن بەدەل ھەجنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم. ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا: "بىز ئۇ بەدەل ھەجنىڭ پۇلىنى باشقا ياخشى يوللارغا ئىشلىتىمىز. چۈنكى بىزنىڭ شەيخىمىز شۇنداق قىلىشىمىزنى ئەۋزەل دەپ پەتىۋا بەرگەن" دېدى. مەن بۇ سۆزگە ھەيران قالدىم. ئۇلارنىڭ بىر قانچە يىلدىن بىرى بىز بەرگەن كۆپ مىقداردىكى بەدەل ھەج پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ، بىرەر ئادەمگىمۇ بەدەل ھەج قىلمىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتا بىلدىم.

بەدەل ھەج قىلىشنى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان قويمىچىلارنى قويۇپ تۇرايلى. ئەمدى بىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقىدىغان، تەقۋا سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ باشقىلاردىن بەدەل ھەجگە پۇل ئېلىپ، قىلغان ئىشى مۇشۇنداق بولغان.

 بەدەل ھەج قويمىچىلىرى ئىمانى يوق ۋىجدانسىزلاردۇر

 سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پىشقەدەم دىكتورلىرىدىن بىرى بولغان ۋەتەنپەرۋەر ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى مۇنداق دىدى: بەدەل ھەج تىجارىتى مەككىدە ئىمانى ۋە ۋىجدانىنى پۇل ئۈچۈن ساتىدىغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 2010-يىللىق ھەج مەۋسۈمىدە بىر قانچە ئۇيغۇر بىر بېنگاللىق بىلەن بىرلىشىپ يۈزدىن ئارتۇق بەدەل ھەج پۇلىنى يىغقان ۋە ھەجدىن ئىككى ھەپتە بورۇنلا پۇل بەرگەنلەرنىڭ قولىغا بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەرگەن. بەدەل ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئونلارچە بەدەل ھەج گۇۋاھنامىسىدىكى ئىسىملىرى ئونغا يېقىن گۇۋاھنامىدە تەكرار يېزىلىغان، يەنى ھەج قىلماقچى بولغان بىر ئادەمنىڭ ئىسىمى ئوندىن ئارتۇق گۇۋاھنامىغا يېزىلغان. ھالبۇكى، بىر مەۋسۇمدە بىر ئادەم بىرلا ئادەمگە بەدەل ھەج قىلالايدۇ. بۇ گۇۋاھنامىلەرنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بەدەل ھەج ئىگىلىرى پۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بېنگاللىقنى ئىزدىگەندىن كېيىن، بېنگاللىق ئوتتۇرىدىن غايىپ بولغان.

 بەدەل ھەج دېگەن تىجارەت ئەمەس

مىسىرنىڭ ئەزھەر بىلىمگاھىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىستىداتلىق ئالىم ئابدۇلئەھەد ھاپىز مۇنداق دېدى: بەدەل ھەج خالىغان كىشى قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئىقتىساد جەھەتتىن ھەجگە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ساقايماس كېسەل بولغانلىقتىن ياكى قاتتىق قېرىپ كەتكەنلىكتىن سەپەرگە چىقالمىغان كىشى بۇرۇن ھەج قىلىپ بولغان بىر كىشىنىڭ ھەرەمگە بېرىپ ـ كېلىش ۋە ھەج جەريانىدا ئىھتىياجىغا خەجلەش قاتارلىق چىقىملىرىنى بېرىپ، ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ھەرەمگە ئەۋەتىپ ھەج قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھەجگە ماڭغان ئادەمگە ماۋۇ پۇلغا بەدەل ھەج قىلدۇرغاچ كەلسىلە دەپ، مەلۇم مىقداردا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇش بىلەن ھەج بولمايدۇ. بولۇپ قالار دېگەن تەقدىردىمۇ، پۇلنى ئالغان كىشىنىڭ ھەرەمگە كەلگەندىن كېيىن ئىشەنچلىك بىر كىشىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ كىشىنىڭ ھەج قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. تونىمىغان بىلمىگەن، ھەج قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرگە پۇلنى تاپشۇرۇپ قويۇپ خاتىرجەم بولۇش خىيانەت بولىدۇ. بۇنداق نا مەلۇم ئىشتىن ساۋاپ كۈتكىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەندىن بەدەل ھەج ئۈچۈن كىشىلەرگە پۇل بەرگەن كىشى قاراپ تۇرۇپ پۇلىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولىدۇ، خالاس.

 بەدەل ھەجنى تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋېلىش جىنايەت

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تونۇلغان ناتىق ئالىم ئەھمەد توختى قارىھاجىم مەككىدىكى ياقۇب بەدەۋلەت ۋەقپىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان جۈمە كۈنلۈك ۋەز-تەبلىغ سورۇنىدا مۇنداق دەپ سۆزلىدى: ئىسلامنىڭ نۇرى تارقالغان مۇقەددەس شەھەر مەككىدە چوڭ بىر جىنايەت سادىر بولماقتا. ئۇ بولسىمۇ، بەدەل ھەجنى تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋېلىپ ھايان تېپىش جىنايىتىدۇر. ئەي جامائەت! ھەج دېگەن بىر ئىبادەت. ئىبادەتتە تىجارەت قىلىنمايدۇ. بۇنداق قىلىش گۇناھتىن ئېشىپ جىنايەت سانىلىدۇ. ئىمانى ئاجىز، ۋىجدانى يوق بەزى ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتەندىن كۆپ كىشىلەرگە بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويۇشقا ۋەدە بېرىپ، ئۇلاردىن كۆپ مىقداردا پۇل يىغىپ كېلىدۇ. ئاندىن بۇ يەردە ئافرىقىلىق، بېنگاللىق پاسىق ئادەملەرگە ھەر بىر كىشىنىڭ ھەج بەدىلى ئۈچۈن 200 دوللاردىن پۇل بېرىپ، قالغان پۇلنى يانچۇقىغا سالىدۇ. بەدەل ھەج قىلىمەن دەپ پۇل ئالغان ھېلىقى قارا تەنلىك بىلەن بېنگالىنىڭ بەدەل ھەجنى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى، قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەجنىڭ دۇرۇس قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2 رىياللىق بەدەل ھەج قەغىزىنى ئېلىپ بېرىپ، ئانا ۋەتەندە پۇل بەرگەنلەرنى يالغاندىن خوش قىلىدۇ.

بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىق ۋە ئېغىر جىنايەتتۇر. ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان ۋە ئىمانى بار ئادەم مۇنداق پەس تىجارەتنى قىلمايدۇ. ئەي جامائەت! ئاللاھتىن قورقايلى! ھارام يېيىشتىن ھەزەر قىلايلى!.

 بەدەل ھەج تىجارىتىدىكى ساختىپەزلىكنىڭ يەنە بىر كۆرۈنىشى

ئەزھەر بىلىمگاھىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيىدە دىنىي ساھەدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئالىم ئابدۇرەززاق قارىم مۇنداق دېدى: زامانىمىزدا ئۇيغۇر موسۇلمانلىرى ئىچىدە ئەۋج ئالغان ياكى قىلىنىۋاتقان ۋە قىلدۇرۇلىۋاتقان بەدەل ھەج ئاساسەن شەرىئەت كۆرسەتكەن ياكى ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان بەدەل ھەج دېيىشكە بولىدۇ.

يەنە بىر مەسىلە شۇكى يۇقىرىدا مۇئەللىپ زىكىر قىلغاندەك بەدەل ھەج قىلدۇرغۇچى شەخىس بىلەن بەدەل ھەج قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھەج قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالىدىغان پۇل ھەققىدە رەسمى كىلىشىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇمۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان : «بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش بولماسلىقى ۋە بەدەل ھەج ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل كەملىسە يەنە تەلەپ قىلىشى، ئەگەر ئېشىپ قالسا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش» دېگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

مەن مەككىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋەقەدىن بىرى شۇكى، مەككىدە تۇرىۋاتقان بىر ھاجىم ۋەتەندىكى بىر تونىشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن ئالغان، مەككىگە كەلگەندىن كىيىن 15 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىگە بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا چىدىماي 1000 دوللارنى بىرسىگە بەرگەن ۋە «قالغان پۇلنى ئۆزۈم خەجلىسەم بولىدۇ. چۈنكى ماڭا بەدەل ھەج قىلدۇرۇڭ دېدى، قىلدۇرۇپ قويدۇم، دېگەن.

يەنە بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن يەنى 2003 يىللاردا چەتئەلدە ئوقۇيمەن دەپ ئوقۇغىچىلىق تونىنى كىيىۋالغان بىرسىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن پەرز ھەج ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەن بولۇپ، يۇرتىدىن بىر قانچە ئون كىشىنىڭ بەدەل ھەج پولىنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. مەزكۇر ساختىپەز ئوقۇغۇچى ئۇ پۇلنى ئاتىسىدىن ئېلىپ مەزكۇر كىشىلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرماستىن، ئۆزى خەجلىگەن. كېيىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ سۈرۈشتە قىلغاندا، «ئاتا- ئانام ۋە مەن ھەج قىلىپ قويدۇق» دەپ قاراپ تۇرغان، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈنجى قېتىم ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن ھەرەمگە كەلگەن كىشىلەر ئىكەن. يەنە كېلىپ بىر قانچە كىشى ئۈچۈن قانداقمۇ 3 كىشى ھەج قىلسۇن!؟.

  

 خاتىمە

 ھەرەمگە بارماقچى بولغانلارغا پۇلنى تۇتقۇزۇش كۇپايىمۇ؟

ھەرەمگە بارىمەن دېگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەج ۋە ئۆمرىگە ياخشى، تەقۋا، دىيانەتلىك ئادەملەرمۇ كەلگەندەك، كۆڭلى قارا، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان، ھارامخور، قانخۇر، يالغانچى كاززاپ ئادەملەرمۇ كېلىدۇ.

ھەرەمگە بەدەل ھەجنىڭ پۇلىنى ئېلىپ كەلگەن ئادەملەر راستىنلا تەقۋا، ئىشەنچلىك ۋە ھالال نىيەت بولغان تەقدىردىمۇ، پۇلنى ئۇلار باشقىلارغا بېرىدۇ. چۈنكى بەدەل ھەجنى ئۆزى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىمەن ياكى قىلدۇرۇپ بېرىمەن دېگەن تىلى تاتلىقلارنىڭ بىرىگە ياكى بىر قانچىسىغا بېرىدۇ. بۇ پۇل شۇنداق قىلىپ بەدەل ھەج قويمىچىسىنىڭ چونتىكىگە چۈشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بەدەل ھەج ئۈچۈن پۇل بەرگەن ئادەم -ئەگەر نىيىتى دۇرۇس بولسا- ياخشى نىيىتىگە چۇشلۇق ساۋاب تاپقان بولسىمۇ ھەجنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ. چۈنكى قىلىنمىغان بەدەل ھەجنىڭ يوق ساۋابى كىمگە مەنپەئەت قىلسۇن؟!.

مەيلى بەدەل ھەج قىلىندى دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، ئۆزىنى تونۇمىغان بىر ئادەمنىڭ پۇلغا قىزىقىپلا قىلىنغان بەدەل ھەججى قوبۇل قىلىنمايدۇ. نەتىجىدە يوق ساۋابنى كىمگە بەرگىلى بولسۇن؟!.

ھەرەمدە تۇرغانلار پەرىشتە ئەمەس

بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددا ئۇيغۇر خەلقىمىز سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەر خىل مۇددىئالار بىلەن كېلىپ مەككە، مەدىنە شەھەرلىرىدە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى خۇددى ساھابىلاردەك ئىخلاسمەن، پەرىشتىلەردەك مەسۇم ئادەملەر دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇلار بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن چىقارتقان پۇل-ماللىرى ھەرەمدە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تەككەنلىكىنى ئاڭلىسا كۆڭلى تىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاجىم بولۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

كاشكى، شۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلۇغ جايدا تۇرغان ئادەملەر خۇددى خەلقىمىز كۈتكەندەك ئۇلۇغ بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولغان بولاتتى-ھە!.

قويمىچىلىقنىڭ، ئالدامچىلىقنىڭ، نومۇسسىزلىقنىڭ ھەممە تۈرىنى مەككىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا تولىقى بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەرگە نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن كەلسە، يەنە نۇرغۇنلىرى باشقا رەزىل مەقسەتلەر بىلەن كېلىدىكەن. ئاللاھ ئۇلارغا ھېدايەت ئاتا قىلسۇن.

كىشىلەرگە ھاجىلىق ئۇنۋانى بەرگۈچىلەر ھەزەر قىلسۇن

 ئانا ۋەتەندىكى ئىمام-خاتىبلار ھەرەمگە بارمىغان ئادەملەرگە ھاجىلىق ئۇنۋانى بېرىشتىن ھەزەر قىلسۇن! ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىرەردىن توننىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ، ئويلاپ كۆرمەستىنلا كىشىلەرگە ھاجىلىق ئۇنۋانى بېرىشى بىرىنچىدىن، دىنىمىزدا بولمىغان بىر بىدئەت ئىشنى سادىر قىلغانلىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ساھابىلار ئۇنداق قىلمىغان. ئىككىنچىدىن، خرىستىئانلارنىڭ «غۇفران بېلىتى»سېتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن كەچۈرىۋەتكەنلىكىگە ئوخشاش بىمەنىلىكتۇر.

بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمنى نامازخان دەپ ئاتىمىغاندەك، ھەج قىلغان ئادەمنىمۇ ھاجى دەپ ئاتاشنىڭ ھاجىتى يوق تۇرسا، ھەرەمگە بارمىغان بىر ئادەمنى بىر قانچە مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا«ھاجىم»، «ھاجى خېنىم» دەپ ئۇنۋان بېرىش ياكى شۇنداق دەپ ئاتاش تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىشتۇر.

ئىمام-خاتىبلار خەلقنىڭ يولباشچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولىشى، بىدئەتكە قارشى تۇرىشى تەلەب قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە ھاجىلىق ئۇنۋانى بېرىشتە تايىنىدىغان بىرلا نەرسىسى مەككىدىكى كىتابخانلاردا سېتىلىدىغان ئەرزان قەغەز، خالاس.

بەدەل ھەج قىلغان ئادەمنىڭ ھەممىسى قويمىچى ئەمەس

كىشىلەرنىڭ ئىمانى ئاجىزلاشقان، مال-دۇنيا يىغىش ياشاشنىڭ غايىسىگە ئايلىنىپ قالغان، ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ ئورنىنى ئاچكۆزلۈك ئىگىلىۋالغان مۇشۇ زاماندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ياكى چىرايلىق سۆزىگە ياكى يۇقىرى بىلىمىگە ئىشىنىپ، قولىغا ئىقتىساد تۇتقۇزغىلى بولمايدۇ. رىئاللىق شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئىبادەت مەسىلىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغان بولسىمۇ، ئىقتىساد مەسىلىسىگە كەلگەندە، خېلى ئىشەنچلىك كۆرۈنگەنلىرىمۇ بېلىنى قويۇپ بېرىدۇ. ئىشەنچگە يارىمايدۇ. ئەمما ھەر قانداق يەردە ھالال يەيدىغان، ھارامدىن قاچىدىغان ئادەملەر تېپىلماي قالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئاز سانلىق بولۇپ قالماقتا.

 يۇقىرىقى بايانلىرىمىز بەدەل ھەج قويمىچىلىرىدىن ئىبارەت بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ بايانى بولۇپ، بەدەل ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قويمىچى بولۇپ قالمايدۇ، خۇسۇسەن ھەق تەلەپ قىلماستىن، تەلەپ قىلغاندىمۇ ھەجنىڭ كېتەرلىك چىقىملىرىنىلا ئېلىپ خالىسانە بەدەل ھەج قىلىپ قويغۇچىلار تېخىمۇ ئۇنداق ئەمەس.

چۈنكى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلار ئىچىدىن، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشقا كەلگەنلەرمۇ بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئالەمدىن ئۆتكەن ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ھەجگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىدىغانلار بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئانا ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى، ئۇستازلىرى، ھەتتا يېقىنلىرى ئۈچۈن پۇل ئالماستىن ياكى ئالغاندىمۇ ئىنساپ بىلەن ئېلىپ بەدەل ھەج قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جائىزلىق دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر.

 بەدەل ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلغانلار ھاجى بولامدۇ؟

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن دەيمىزكى، ھەجنىڭ شەرتلىرىگە توشقانلىقى ۋە ھەج قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ھەرەمگە كېلەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن ياكى بەدەل ھەج قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ياكى ھەج قىلغۇدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولسىمۇ، ھەرەمگە كېلەي دېسە قاتناش قۇراللىرى ئۈستىدە ئولتۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان ھالەتتىكى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن قىلىنغان بەدەل ھەج بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەج پەرزى ئادا تاپىدۇ.

ئەمما ئۆزى ھەققىدە ھەجنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرتلىرى ھازىر بولماستىن ياكى شەرتلەر ھازىر بولغان تۇرۇپ ھەج قىلىشقا ئېنتىلمەستىن، ۋەسىيەتمۇ قىلماستىن، ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئاۋۋالقىسى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئۇنىڭ ھەجنىڭ شەرتلىرى توشۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك. كېيىنكىسىگىمۇ بەدەل ھەج قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، بۇ ئۇنىڭ ۋەسىيەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك.

ئەمدى تىرىكلەرگە كەلسە، قايسىبىر سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، ھەرەمگە كېلەلمەيدىغان ئادەمگە ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ البَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.» ([27]) دېگەن ئايەت بۇنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھەرەمنىڭ يولىغا قادىر بولۇش دېگەنلىك تېنى ساق، ئىقتىسادى يېتەرلىك، قولىدا پاسپورتى بار، ھەج سەپىرىگە ئاتلانسا، سىياسى ياكى ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ھېچقانداق خەۋەپكە ئۇچرىمايدىغانلىقىدىن، ئۆزىنى ۋە بالا-چاقىلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەرتلەرگە توشقان ئادەملەرنىڭ ھەج قىلىشى پەرزدۇر.

ئەمما ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئوتتۇرھال بولۇپ، پارا بەرمەستىن نورمال يول بىلەن پاسپورت ئالالمايدىغانلار، نورمال يول بىلەن ساياھەت پاسپورتى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ھەرەمگە بارسا كۆيۈپ كېتىدىغانغا كېلىشىپ كۆپ مىقداردا رەنە قويۇش ئارقىلىق بالا-چاقىلىرىنىڭ رىزقىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلار، تېنى ساق بولمىغانلىقتىن ھەرەمنىڭ سەپىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلار ۋە ھەج سەپىرىگە چىقسا مائاشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بالا-چاقىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش خەۋپىدە قالغانلار ئۈچۈن ھەج پەرز ئەمەس. ھەج پەرز بولمىغان ئىكەن، بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھەج قىلىشتىن ئىبارەت بىر قەرز يوق.

 ھەج پەرز بولمىغان ئادەمنىڭ بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى

بىزگە ھەج پەرز بولمىغان بولسىمۇ بەدەل ھەج قىلدۇرساق ساۋاب بولمامدۇ؟ دېگۈچىلەرگە مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمىز:

1. ھەرەمگە بارالايدىغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى بىدئەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ئۇنىڭ ساھابىلىرىدىن ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن ئادەم ياللاپ ھەج ياكى ئۆمرە قىلدۇرغان ئەمەس. بىدئەت ئىشنى قىلسا ساۋاپ بولماستىن بەلكى گۇناھ بولىدۇ.

2. ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قايرىپ قويۇش، ئۇرۇق-تۇغقانغا سىلە-رەھىم قىلىش، قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي پەرزلەرگە كۆز يۇمغان ھالدا، ساۋاب بولىشىدىمۇ، قوبۇل بولىشىدىمۇ ھېچقانداق كاپالىتى يوق، ناۋادا ساۋاب بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، ساۋابى ئىجتىمائىي پەرزنى ئادا قىلغانغا ھەرگىز يەتمەيدىغان شۇ بەدەل ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىش ئىسراپخورلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسراپخورلارنى زادى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن مال-دۇنيانىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ.

3. ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى رىيا ئۈچۈن قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئۆيىدىن، بالا-چاقىلىرىنىڭ مېھرىدىن ئايرىلىپ باقماستىن، يول ئازابى تارتماستىن، گاھ ئاچ، گاھ توق بىر قانچە كۈنلۈك جاپانى چەكمەستىن، مەككە، مىنا، ئەرەفات قاتارلىق جايلاردا پىيادە يۈرۈپ مۇشەققەت كۆرمەستىن، ھەتتا ئۆيىنىڭ بۇسۇغىسىدىن سىرتقا چىقىپمۇ باقماستىن، ساپاغا يۆلىنىپ ئولتۇرغان پېتى بىر قولىنىلا ھەرىكەتكە سېلىپ، يانچۇقىدىن شارتتەك 1000دوللارنى چىقىرىپ قويۇش بىلەنلا«پالانى ھاجىم»، «پالانى ھاجى خېنىم»دېگەن ئاتاققا ئېرىشىش، ئەل-يۇرت، جامائەتنى چاقىرىپ، ئىمام ئاخۇنۇمغا بىر توننى كىيگۈزۈپلا، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ھاجىلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ ھۇزۇرلىنىش، ئاندىن غادىيىش، مېھماندارچىلىقلارغا بارغاندا تۆرگە چىقىپ ئولتۇرۇش سالاھىيىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ھەر تەرەپلىمە پايدىلىق سودىنى كىمنىڭ قىلغۇسى كەلمىسۇن؟!.

4. ھەج قىلىشقا شەرتى توشقان تۇرسىمۇ، قان بېسىمى، ئارتۇق سېمىزلىك، ياشىنىپ قالغانلىق، ئىسسىققا چىدىماسلىق ۋە باشقا سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، ھەجگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇغانلارنىڭ بۇ ھەج بەدىلى ئادا تاپمايدۇ. نەتىجىدە، ھەج پەرزى ئۇلارنىڭ گەردىنىدىن ساقىت بولمايدۇ.

ھەج دېگەن ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئۆيىنىڭ راھىتىدىن كېچىپ، مۇساپىرلىق ئازابىنى تارتىش، ئۆيىنىڭ مېزىلىك تائاملىرىنىڭ لەززىتىدىن كېچىپ، تاپقاننى يېگەنگە شۈكۈر قىلىش، بالا-چاقىلىرىنىڭ مېھرىدىن كېچىپ، باشقىلارنىڭ ئوماق بالىلىرىنى كۆرگىنىدە كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياشلارنى تۆكۈش، ئۆز ئۆيىنىڭ يۇمشاق ياتاقلىرىدىن كېچىپ، داق يەرلەردە يېتىش، ئۆز يۇرتىنىڭ يېقىملىق ھاۋاسىدىن كېچىپ، ئىسسىقتىن تەرلەپ پىشىش قاتارلىق نۇرغۇن جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەت. شۇڭا قىلغان ھەججى قوبۇل بولغان ئادەم خۇددى ئانىسىدىن ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاقتەكلا جىمى گۇناھلاردىن پاك بولىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەت ھەجدىن باشقا بىرەر ئىبادەتكە بېرىلگەن ئەمەس.

ئەگەر جاپا تارتماستىنلا، ئازراق پۇل خەجلەپ قويۇش بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ«ھاجىم» بولۇپ قالىدىغان ئىش بولسا ئىدى، جەننەتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولار ئىدى. كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىش بەدىلىگە بېيىغانلار بىلەن خەلققە زۇلۇم سالىدىغان زالىملارمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا «ھاجىم» بولۇپ گۇناھلىرىدىن ۋە جىنايەتلىرىدىن پاكلانغان بولار ئىدى. ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

جانابى ئاللاھتىن ھەممىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن.



([1]) بۇخارى رىۋايىتى.

([2]) مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])«ئىبادەتلەردە ۋاكالەت»ناملىق كىتابنىڭ 327-بېتىدىن ئىلىندى.

([4])ئەرەب تىلىدىكى «نذر» سۆزى: ئۈستىگە ئېلىۋېلىش، چىن ۋەدە قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بىراۋ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بېرىپ، بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇنى ئادا قىلىشى ۋاجىب بولۇپ قالىدۇ.

([5]) بۇخارى رىۋايىتى.

([6]) بۇخارى رىۋايىتى.

 ([7])ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.

([8]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

 ([9])فەتھۇلبارى 4-توم، 70-بەت.

([10]) ۋەھبە زۇھەيلىينىڭ«ئىسلام فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى»ناملىق ئەسىرى 3-توم.

([11]) ۋەھبە زۇھەيلىينىڭ«ئىسلام فىقھىئېنسىكلوپېدىيىسى»ناملىق ئەسىرى 3-توم. «ئىبادەتتە ۋاكالەت»ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.

 ([12])«سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى» نىڭ 100  /11-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىن.

([13]) ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([14]) بۇخارى رىۋايىتى.

([15]) ۋەھبە زۇھەيلىينىڭ«ئىسلام فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى»ناملىق ئەسىرى 3-توم 48-بەت.

([16]) ۋەھبە زۇھەيلىينىڭ «ئىسلام فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق ئەسىرى 3-توم47-بەتتىن ئىلىندى.

([17]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

 ([18])«مۇنداق قىلىش قەتئىي ھارامدۇر« دېگەن سۆز، تاپقان پۇلنىڭمۇ ھاراملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 ([19])شۇرا سۈرىسى20-ئايەت.

([20]) ئىبنى تەيمىيە- تولۇق ئىسمى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇسسالام ھىجرىيىنىڭ 661-يىلى (1263م) ھازىرقى سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى ھەرران دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن، ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى ئەڭ زور بولغان، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ۋە مۇجتەھىد ئالىم. «شەيخۇلئىسلام» دېگەن ئېسىل ئۇنۋانغا نائىل بولغان. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مازارلارغا چوقۇنۇش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش قاتارلىق بىدئەت ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. بۇ سەۋەبتىن شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، سۈرىيىنىڭ تۈرمىسىدىنمۇ پالىنىپ مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە تۈرمىسىدە ياتقان، كېيىنچە دەمەشىق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنە تۈرمىگە مەھكۇم بولغان. فىقھى، تەپسىر، ھەدىس، ئەقىدە قاتارلىق ماۋزۇلاردا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. شېئىرمۇ يازغان. ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى«ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى» بولۇپ، 27 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسەردۇر. تەقۋالىقتىمۇ تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ « بۇ دۇنيادا بىر جەننەت بار، ئۇنىڭغا كىرەلمىگەن ئادەم ئاخىرەتتىكى جەننەتكىمۇ كىرەلمەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ زىكرىدۇر» دېگەن سۆزى شۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان. ھىجرىيىنىڭ 728-يىلى (1328م) 67 يېشىدا تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

 ([21])«سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»نىڭ100/11-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىن.

([22]) دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ- 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 2001-يىلى ماگىستىرلىق، 2008يىلى 1-ئاينىڭ 2- دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.

 ([23]) www.sajiye.net

([24]) ۋەھبە زۇھەيلىينىڭ «ئىسلام فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق ئەسىرى 3-توم 58-بەتتىن ئىلىندى.

([25]) «ئوكاز» گېزىتى تور بېتى.

 ([26])تەپمە ھالال دېگەن سۆز بوغۇزلانماستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنىڭ ھارام بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، شەرىئەتتىن بىر يول چىقىرىپ بولسىمۇ، بۇ مالنىڭ گۆشىنى ھالال قاتارىغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆلۈپ بولغان مالنى تېپىپ قويۇپ، « ئەنە مىدىرلىدى جېنى تېخى چىقىپ بولماپتىكەن، بۇغۇزلاپ ئۈلگۈردۇق» دەپ ئۆزىنى ۋە خەلقنى ئالدىغانغا ئوخشاش ئالداش ئۇسۇللىرىغا قويۇلغان بىر ئىسىمدۇر.

([27]) ئال ئىمران سۈرىسى97-ئايەت.