پەقەت بىر رىسالە! ()

ناجى ئىبراھىم ئەرپەج

 

پەقەت بىر رىسالە! ناملىق بۇ رىسالە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن كىيىن، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئادەم، نۇھ، مۇسا، ئىسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بىر رىسالىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەزكۇركىتابلار ۋە قۇرئان كەرىمدىن دەلىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىنى روشەن ۋە قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

|

 پەقەت بىر رىسالە!

رسالة واحدة فقط!

پەقەت بىر رىسالە!

ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن ھەقىقەتنى ئىزدىگۈچىلەرگە، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە بېغىشلايمەن.

 ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى سوئاللار:

1-«پەقەت بىر رىسالە»  ناملىق بۇ  ئەسەردىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟.

2- مۇقەددەس كىتاب بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟.

3-بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم نېمە دەيدۇ؟.

4-ئاخىرىدا سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟.

    تېمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

    ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ئىنسانىيەت تارىخىدىن تارتىپ ئۇلارنى بىر ئاساسقا يىتەكلەش ۋە ئۇلارغا مەزكۇر ئاساسنى ئەسلىتىش، نەتىجىدە ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەككە-يېگانە رەب سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن) غا ئوخشاش پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئوخشاش ئاساسقا ئىگە «ئىبادەتكە لايىق بولغان ھەقىقى ئىلاھ بىردۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن رىسالىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

 «ئىبادەتكە لايىق بولغان ھەقىقى ئىلاھ بىردۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار».

 ئىبادەتكە لايىق بولغان ھەقىقى ئىلاھ بىردۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار.

 ئەۋەتتى:                             بۇ رىسالىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن:                       

نۇھ ئەلەيھىسسالامنى:           يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى:      يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنى:          يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار. ئىسا ئەلەيھىسسالامنى:    

     يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى:            يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار.


    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىمتىيازغا ئىگە بىزگە ئىسىملىرى بىلدۇرۇلگەن ۋە بىلدۇرۇلمىگەن پەيغەمبەرلەرنى تۆۋەندەكى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى:

    1-ئىلاھى ۋەھيىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قەۋمى-مىللىتى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە يەتكۈزۈش.

    2-كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغىلا ئىخلاس بىلەن قىلىشنى تەلىم بېرىش.

    3-ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يىتەكلەشتە كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئەگىشىشى ئۈچۈن سۆز-ھەركەتلەردە ئۈلگە بولۇش.

    4- ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىش، تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا يېتەكلەش.

    5-ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە دىنى ئەھكاملارنى ئۈگىتىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى تەلىم بېرىش.

    6-بۇت ۋە باشقا باتىل ئىلاھلارغا چوقۇنىۋاتقان مۇشرىك ۋە ئاسىيلارنى توغرا يولغا باشلاش.

    7-كىشىلەرگە ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىدە قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھىساب ئېلىنىدىغانلىقى، يەككە-يىگانە بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، بۇنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدىغانلىقى،ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن، ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.

    بارلىق پەيغەمبەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئاللاھ ياراتتى، ئۇلارنى ئىنسانىيەتكە تەۋھىدنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

    كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە، جانلىق ياكى جانسىز بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنى، ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ھاشارەتلەرنى ياراتقۇچىدۇر، ئۆلۈمنى، يوقالغۇچى ھاياتلىقنى ۋە ئەبەدىلىك ھاياتنى ياراتقۇچىدۇر.

    مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ۋە بىرلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

    ھەقىقەت ئىزدىگۇچى، قۇرئان كىرىم ۋە باشقا مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئىخلاس ۋە ئىلاھى تېمىلارنى چۈشۈنۈپ دەرىسلىك قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، باشقا باتىل ئىلاھلار شېرىك بولمىغان ئايرىم-خاس سۈپەتلىرىنى ئايرىيالايدۇ. بۇ سۈپەتلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

    1-ھەقىقى ئىلاھ بولسا يارىتىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر.

    2-ھەقىقى ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئۇ بىر قانچە ئەمەس، دادىسى يوق ۋە بالىسىمۇ يوقتۇر.

    3-ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ شەكىللەندۈرىشىدىن پاكتۇر. ئاللاھ تائالانى دۇنيادا كۆزلەر كۆرەلمەيدۇ.

    4-ئاللاھ تائالا ئەبەدىدۇر، ئۆلمەيدۇ، ئۆزى ياراتقان نەرسىلەردىن بىرەر نەرسە بىلەن مۇجەسسەملەشمەيدۇ ۋە بىرلەشمەيدۇ.

    5-ئاللاھ تائالا ئەبەدى ئۆز زاتى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، غەيرىگە ئىھتىياجى بولمايدۇ، ئۆز بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانىسى، خوتۇن-بالىسى يوق، يىمەك-ئېچمەككە ياكى بىرەر كىشىنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجى يوق، ئەمما ئاللاھ تائالا ياراتقان بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھ تائالاغا ئىھتىياجلىقدۇر.

    6-ئاللاھ تائالا يۈكسەكلىك، كامالەت ۋە گۈزەللىك سۈپەتلىرى بىلەن يەككە-يېگانىدۇر، بۇ سۈپەتلەردە ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا شېرىك بولالمايدۇ، مەخلۇقاتلاردىن ھېچ بىرى ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر.

    يۇقىرىقى ئۆلچەم ۋە سۈپەتلەرنى (بۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى)باشقا باتىل ئىلاھلارنى رەت قىلىش ۋە رەددىيە بېرىشكە ئىشلىتىش مۇمكىن بولىدۇ.

    ئەمدى ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار! مەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بىرلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا قايتاي، بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىم ۋە باشقا مۇقەددەس كىتابلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى كۈچلاندۇرىدىغان بەزى دەلىللەرنى نەقل قىلىمەن، لېكىن دەلىلنى نەقل قىلىشتىن ئىلگىرى سىلەر بىلەن تۆۋەندىكى نوقتىدا پىكىر بىرلىكى  تۇرغۇزۇشنى خالايمەن:

 بەزى خىرىستىئانلار ھەيران قىلىپ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى روشەن ھەقىقەت، بىز بىر ئاللاھقا ئېشىنىمىز، ئۇنداقتا سىلەر يەنە نېمە دېمەكچى؟، دەيدۇ.

    ھەقىقەتەن مېنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم، مەن خىرىستىئانلار توغرىسىدا كۆرگەن  ماتىرياللار ۋە ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم ئىلىپ بارغان دىئالوگلار نەتىجىسىدە، «ئاللاھ» دېگەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە (بەزىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە) تۆۋەندىكى ئېتىقادى قاراشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    1- «ئاللاھ» ئاتا.

    2- «ئاللاھ» ئوغۇل.

    3- «ئاللاھ» مۇقەددەس روھ.

    ئاددى چۈشەنچە ۋە ساغلام پىكىر بۇ تېما ھەققىدە ئىزدەنگۈچىنى خىرىستىئانلاردىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە سوئال سوراشقا تۈرتكە بولىدۇ:

سىلەرنىڭ «ئاللاھ» بىر دېگەن سۆزۈڭلاردىن نېمىنى چۈشىنىمىز؟، سىلەر شۇنداق دەپ تۇرۇش جەريانىدا ئۈچ ئىلاھنى كۆرسىتىسىلەر؟.

    بىر ئاللاھ ئۈچ نەرسە بىلەن مۇجەسسەملەشتىمۇ؟ ياكى ئۈچ نەرسە بىر ئاللاھ بىلەنمۇ؟، (يەنى بىر ئۈچكە چۈشتىمۇ ياكى ئۈچ بىرگە چۈشتىمۇ)؟.

    بۇنىڭدىن سىرت بەزى خىرىستىئانلارنىڭ ئىتىقادى بويىچە مۇشۇ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئورۇندايدىغان ۋەزىپىلىرى، ماھىيەت ۋە شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ:

    1- «ئاللاھ» ئاتا= ئۇ ياراتقۇچى.

    2- «ئاللاھ» ئوغۇل= ئۇ خالاس قىلغۇچى(قۇتقازغۇچى)

    3-«ئاللاھ» مۇقەددەس روھ= ئۇ مەسلىھەت بەرگۈچى(كۆيۈنگۈچى، ياردەم بەرگۈچى).

    مەسىھ (ئىسا ئەلەيھىسسالامنى) ئاللاھنىڭ ئوغلى ياكى ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغانلار تەۋرات-ئىنجىلنىڭ تىكىستلىرى بىكىتكەن ھۆكۈمگە تامامەن زىت قاراشتا بولغان بولىدۇ. چۈنكى تەۋارت-ئىنجىلدىكى تىكستلاردا: "ئاللاھ تائالانى دۇنيادا ھېچ كىشى كۆرەلمەيدۇ" دەپ بىكىتىلگەن.

    "سىلەر ئاللاھنىڭ ئاۋازىنى ھەرگىز ئاڭلىيالمايسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا يۈزىنى كۆرەلمەيسىلەر". (ئىنجىيل يوھەننا 5/37).

   "ئاللاھ تائالانى ھېچ كىشى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ".

(تىيمۇساۋىسكە يىزىلغان تۇنجى خەت 6/16).

   "ھايات بولغان ھېچ قانداق ئادەم مېنى كۆرەلمەيدۇ".(ئەلخۇرۇج 33/20).

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تىكستلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تىكستلەرگە كۆرە، مەن ئامانەتدارلىق، سەمىمىلىك ۋە ھەيرانلىق بىلەن شۇنى سورايمەنكى: ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا دېگەن كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزى بىلەن دۇنيادا ھېچ كىشى ئاللاھ تائالانى كۆرەلمەيدۇ ۋە سۆزىنى ئاڭلىيالمايدۇ؟ دېگەن تېكىستنى تەكىتلىگەن مۇقەددەس كىتابلاردىكى دەلىللەرنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟!.

    يەھۇدىيلار شۇنى بىلمەمدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (بەزى خىرىستىيان مۇرىدلىرى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىتىقاد قىلىدىغان)مەسىھ-ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟.

    تەۋرات ۋە ئىنجىل ئاللاھ تائالانى ھېچ كىشى كۆرەلمەيدۇ ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ دېگەن تىكىستنى قانداق بېكىتتى؟ چۈنكى بىز ئۆز دەۋرىدە ھەممە كىشى كۆرگەن ۋە سۆزىنى ئاڭلىغان ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆپ ئۇچراتتۇق؟، بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىتىگە ئالاقىدار بولغان يوشۇرۇن سىر بارمۇ قانداق؟!.

    تەۋرات بۇنىڭ ئەكسىنى كۈچلاندۇرىدۇ. تەۋراتتا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى نەقىل قېلىنىدۇ: "مەن پەرۋەردىگار، بۇ يەردە مەندىن باشقا ئىلاھ يوق، مەن يوشۇرۇن سۆزلىمەيمەن، نىشانىمنى مەخپى قىلمايمەن، مەن ئاللاھ، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن، مەن راست نەرسىنى ئېلان قىلىمەن."  (ئىشئىيائ 45/19).

 ئۇنداقتا ھەقىقەت قايسى؟

ئىلگىرىكى تېكستنى تەكرار ئوقۇپ، چوڭقۇر پىكىر قىلىپ بېقىڭ.

    مۇقەددەس كىتاب ۋە قۇرئان كەرىمدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئىلىپ بېرىش سەپىرىگە تەڭ ئاتلىنىش ئۈچۈن، سىلەر مۇشۇ تېمىنى ئىنساپ بىلەن تەپسىلى ئوقۇپ، بايان قىلىنغان تېكست ۋە ئايەتلەرنى ياخشى تەپەككۇر قىلغاندىن كىيىن سىلەرنىڭ كۆز-قاراش، پىكىرلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ پىكرىمگە مۇۋاپىق كىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

تېمىغا رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئىزاھات بەرمەستىن دەلىللەرنى كەلتۈرىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ھۆكۈم ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئالماشتۈرىۋەتمەستىن تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈپ پىكىر

 مۇقەددەس كىتابتا ئاللاھ تائالا ھەقىقى بىر ئىلاھتۇر. (ئەھدۇل قەدىم) .

    ئى ئىسرائىل! قۇلاق سال: بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئىلاھىمىزدۇر، پەرۋەردىگارىمىز بىردۇر. (ئەتتەسنىيە 6/4).

    بىزنى بىر ئاللاھ ياراتمىدىمۇ؟، ئۇ ئاللاھ بىزگە ھاياتلىق ۋە رىزىق ئاتا قىلمىدىمۇ؟ (مەلاخى 2/15).

    بىلىڭلار ۋە ماڭا ئىشىنىڭلار، تىپىڭلار، مەن مەن ئۇ ئاللاھ، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس، مەندىن كىيىنمۇ ھېچ ئىلاھ بولمايدۇ، مەن پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا قۇتقازغۇچى يوق. (ئىشئىيائ 10-11).

    مەن ھەممىدىن ئەۋۋەل، مەن ھەممىدىن كىيىن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، كىم ماڭا ئوخشايدۇ؟. (ئىشئىيائ 44/6).

    مەن پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ئەمەسمۇ؟ مەن ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە ئۇلارنى قۇتقازغۇچى، بۇ يەردە مەندىن باشقا ئىلاھ يوق. (ئىشئىيائ 45/21).

 يۇقىرىقىدەك دەلىللەرنى ئەسلىيەلەمسىز؟

 مۇقەددەس كىتابتا ئاللاھ تائالا ھەقىقى بىر ئىلاھتۇر، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. (ئەھدۇل جەدىد) .

    ئەبەدى ھاياتلىق بولسا سېنى ھەقىقى ئىلاھ دەپ تونۇشتۇرىدىغان ۋە يەسۇئ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى سەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدۇرىدىغان ھاياتتۇر. (ئىنجىيل يۇھەننا 17/3).

    ئىلاھىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، خىزمەت، تائەت-ئىبادەتنى پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىڭلار. (ئىنجىيل مەتتا 4/10)

    ئى ئىسرائىيل قۇلاق سال: بىزنىڭ رەببىمىز ئىلاھىمىزدۇر، رەببىمىز بىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. (ئىنجىيل مىرقەس 12/28-33).

ھەقىقەتەن ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋاستە بىردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلاردىن بولغان مەسىھ يەسۇئدۇر. (تىيمۇساۋىسكە يىزىلغان تۇنجى خەت 2/5).

    بىر ئادەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى سالىھ كىشى! مەن ئەبەدىيلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشقا يارايدىغان ئىش قايسى؟ دەپ سورىغاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: "نېمە ئۈچۈن مېنى سالىھ دەپ چاقىرىسەن؟، بۇ يەردە پەقەت بىرلا سالىھ بار ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادىن ئىبارەتتۇر" دېدى. (ئىنجىيل مەتتا 19/16-17، پادىشا جىمىس نۇسخىسىدىمۇ شۇنداق).

بۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تائالانىڭ (ئۈچ ئەمەس) پەقەت بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان تېكستلەرنى كەلتۈرەلەمسىز؟.

 قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا ھەقىقى بىر ئىلاھتۇر.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ هُوَ اللَّـهُ أَحَدٌ . اللَّـهُ الصَّمَدُ . لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ .وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُوًا أَحَدٌ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» [سۈرە ئىخلاس 1-2-3-4-ئايەتكىچە].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ﴾ تەرجىمىسى: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار دەپ ۋەھيى قىلدۇق.» [سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّـهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا إِلَـٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِن لَّمْ يَنتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.» [سۈرە مائىدە 73-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ إِلَـٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك - شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر.» [سۈرە سەففات 4-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَإِلَـٰهٌ مَّعَ اللَّـهِ ۚ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى،ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار.» [سۈرە نەمل 64-ئايەت].

تەۋھىد (يەنى ئاللاھنىىڭ ۋەھدانىيىتىنى تونۇتۇش) قۇرئان كەرىمدىكى ئاساسى تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

 خاتىمە

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا مۇقەددەس كىتاب ۋە قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان يۈزلەرچە دەلىللەر ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر ھەق ئىلاھنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئىسرائىل قۇلاق سال: رەببىمىز بىزنىڭ ئىلاھىمىزدۇر، رەب بىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر". (ئىنجىيل مىرقەس 12/28-33).

    قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ قُلْ هُوَ اللَّـهُ أَحَدٌ ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللاھ بىردۇر.» [سۈرە ئىخلاس 1-ئايەت].

    مۇقەددەس كىتاب پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەپلا قالماستىن بەلكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىردىن بىر ياراتقۇچى يەككە-يىگانە قۇتقازغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ:" بىلىڭلار ۋە ماڭا ئىشىنىڭلار، مەن مەن ئۇ ئاللاھ، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس، مەندىن كىيىنمۇ ھېچ ئىلاھ بولمايدۇ، مەن پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا قۇتقازغۇچى يوق". (ئىشئىيائ 10-11).

     شۇنىڭ بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى مۇقەددەس روھنىڭ ياكى باشقا ئاتالمىش مەبۇدلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرنىڭ ھېچ قانداق دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان يالغان سۆز ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭمۇ   ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغان يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ كائىنات ئىشلىرى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى، ئۇلار ئىلاھمۇ ئەمەس ياكى ئاللاھ تائالانىڭ نامايەندىسىمۇ ئەمەس ياكى ئاللاھ تائالانىڭ شەكلى ۋە ئوخشىشىمۇ ئەمەس، مۇقەددەس كىتاب ۋە قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان بويىچە ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوق.

     ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ ئازغۇنلىقى ۋە ئۆزىدىن باشقا ئىلاھقا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا غەزەبلەندى، "پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ كايىدى".(ئەل ئەدەد 25/3). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالتۇن موزىيىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

     يەنە بىر تەرەپتىن خىرىستىئانلار ئېچىدىكى ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغۇچى مۇۋەھھىدلار (تەۋھىدچىلەر) ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەنلىكى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئاللاھ تائالانى بىر بىلىشتىن ئىبارەت بولغان) توغرا تەلىماتىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغانلىقى، بولىس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قولىدا مەيدانغا كەلگەن ئۈچ ئىلاھلىق ئىددىيىسىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، باشقا شېرىك ئىتىقادتىكى خىرىستىئانلار تەرىپىدىن قاتتىق بىسىم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئاللاھ تائالا ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى(ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن) ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشى، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن پەقەت بىر ئاللاھقا قىلىشى، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

                                                           .

 ئىبادەتكە لايىق بولغان ھەقىقى ئىلاھ بىردۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار

   بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى بىر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىمۇ بىر، ئۇنداقتا ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى نېمە؟.

    ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ تۈپ ماھىيتى "ئاللاھقا بويسۇنۇش" ئاساسىغا قۇرۇلغان. بويسۇنۇش دېگەن سۆز ئەرەپ تىلى چۈشەنچىسىدە "ئىسلام" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

    قۇرئان كەرىم ئىسلامنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ھەقىقەتكە، مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان تېكىستلارنى ئەگەشتۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ. (ئاللاھ تائالا خالىسا كىيىنكى كىتابچىدا مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ ھەقىقەتكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز).

    ئاخىرىدا، بىز تەۋھىدنىڭ ساپ جەۋھىرىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا ئىخلاس ۋە سەمىمىلىك بىلەن ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى بىزنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ، (بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش، كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش بولسا، بەخت-سائادەتلىك ئەبەدىي ھاياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

    ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈن چىن قەلبىدىن ئىزدىنىۋاتقان قېرىندىشىم!، ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كىلىپ ھاياتلىق پۇرسىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىڭ، ئويلىنىڭ، چۈنكى ئۆلۈمنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنى (ئاللاھتىن باشقا) ھېچكىم بىلمەيدۇ؟.

    بۇ مۇھىم ۋە كەسكىن ئىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئويلىنىپ پىكىر قىلغاندىن كىيىن، ھەقىقەتنى تاپىدىغان ئەقىل ۋە ساغلام قەلب بىلەن شۇنى قارار قىلىشقا قادىر بولالايسىزكى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بىردۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بالىسىمۇ يوق، بالا تاپقانمۇ ئەمەس دەپ ئاللاھ تائالاغا شەكسىز ئىشىنىسىز، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا(ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن) ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز. 

    ئەگەر سىز خالىسىڭىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ سۆزلەرنى قايتىدىن تەكرارلايسىز:

 ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.

بۇ شاھادەت (گۇۋاھلىق سۆزى) بەخت-سائادەتكە تولغان ئەبەدىيلىك ھاياتلىق يولىغا بىسىلغان تۇنجى قەدەمدۇر، مانابۇ جەننەت ئېشىكلىرىنى ئاچىدىغان ھەقىقى ئاچقۇچتۇر.

 ئەگەر سىز ھەق يولدا مېڭىشنى قارار قىلغان ۋاقتىڭىزدا، دوستىڭىزدىن ياكى مەسچىتكە يېقىن بولغان مۇسۇلمان خوشنىڭىزدىن ياكى ئىسلام مەركىزىدىن ياردەم سورىشىڭىز  مۇمكىن، ئەگەر ماڭا تىلىپۇن قىلسىڭىز ياكى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز مېنى شەرەپلەندۈرىسىز ۋە (مەن بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن).

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ  وَأَنِيبُوا إِلَى رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار.» [سۈرە زۇمەر 53-54-55-ئايەتلەر].          

ئاخىرىقى پىكىر:

 بۇ رىسالىنى ئالدىرىماي ئويلىنىپ، پىكىر قىلىپ ئوقۇغاندىن كىيىن، ھەقنى ئىزدەشتە سەمىمى ئىنسان تۆۋەندىكى سوئاللارنى ئۆزىدىن سورىماي تۇرالمايدۇ:

 1-ھەقىقەت نېمە؟.

2-خاتالىق نەدە؟.

3- نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟.

  ئاللاھ تائالا خالىسا مەزكۇر سوئاللار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا كىيىنكى ئەسىرىمدە ئىزدىنىش ئىلىپ بارىمەن. ئەسەرگە تۈزىتىش ۋە پىكىر بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىرىقلىنى ئاتا قىلسۇن.