ھىسنۇل مۇسلىم قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر ()

سەئىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەپ ئەلقەھتانى

 

«ھىسنۇل مۇسلىم» ناملىق بۇ كىتاپچە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ياراتقۈچى ئوتتۇرىسىدا دائىمى ئالاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈچرايدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلىم بېرىدۇ.

|

 ھىسنۇل مۇسلىم قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر

د. سەئىد ئىبنى ئەلى ۋەھف ئەلقەھتانى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 كېرىش سۆز

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، بىز ئۇنى داۋاملىق مەدھىيەلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىزئاللاھقا سىغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن پاناھ تىلەيمىزئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق، ئۇ يەككە-يېگانە ۋە ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەنمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە چەكسىز رەھمىتى بولسۇن

ئۇنىڭدىن كىيىن

قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر بىلەن دەم سىلىپ داۋالاش ناملىق ئەسىرىمنىڭ خۇلاسىسىدىنقولىڭىزدىكى بۇ كىتابچىنى سەپەرلەردە ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، دۇئا ۋە زىكرىلەر" بۆلۈمىنى نەقىل كەلتۇرۇش بىلەن ۋە دۇئا-زىكىرلەرنىڭ تېكىستىنىمۇ ئالدىمۋە ئەسلىدە بار بولغان بىر ياكى ئىككى مەنبەنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىممەزكۇر دۇئا ياكى زىكىرنى رىۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ياكى توپلىغۇچىلار ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىغۇچىلار ئەسلى مەنبەگە مۇراجىئەت قىلسۇنئاللاھتىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ، بۇ ئەمىلىمنى خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى، ھايات ۋە ماماتلىقىمدا بۇنىڭ بىلەن مېنى ۋە ئۇنى ئوقۇغان ياكى باستۇرۇپ تارقاتقان ۋە تارقىتىشقا ھەمكارلاشقان، تەرجىمە قىلغان كىشىلەرنى مەنپەئەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەنشۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھلىدۇر ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇرپەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئاپتور

ھىجرىيە 1409- يىلى سەپەر

 زىكرىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ

مېنى تائەت ئىبادەت بىلەن ياد ئېتىڭلار، مېنى ياد ئەتسەڭلار مەنمۇ سىلەرنى ساۋاپ بېرىش، مەغپىرەت قىلىش بىلەن ياد ئېتىمەن.ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار

ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى

پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇرەببىنى زىكرى قىلغان كىشى بىلەن زىكرى قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالى ھايات بىلەن ئۈلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ پاك ھېسابلىنىدىغان، دەرىجەڭلەرنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئالتۇن - كۆمۈش ئېھسان قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلار بىلەن ئېلىشقاندىنمۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دەيدۇ. ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن ئىبارەتتۇر، دەيدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە مەن ئۇنى مەزكۇر جامائەتتىننمۇ ياخشىراق جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەنئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستەبىر كىشى يا رەسۇلۇللاھ، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەمەللەر ماڭا ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى(بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى نەپلە ئىبادەتلەر)، مەن چىڭ ئېسىلىدىغان بىر نەرسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تىلىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توختاپ قالمىسۇن، دېدىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇكىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ،ئەلىف، لام، مىمبىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇرئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇبىز مەسجىدنىڭ سۇپىسىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ: سىلەردىن كىم ھەر كۈنى بۇتھان ياكى ئەقىق دېگەن جايغا بېرىپ گۇناھ سادىر قىلماستىن، سىلە-رەھىمنى ئۈزمەستىن چوڭ لوككىلىق ئىككى تۆگە ئەكىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟، دېۋىدى. بىز: يا رەسۇلۇللاھ! بىز شۇندق قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىككى ئايەت بىلىش ياكى ئوقۇش ئۈچۈن سەھەردە مەسچىتكە بارمامدۇ؟! بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تۆگىدىن ياخشى، ئۈچ ئايەت ئوقۇش ئۈچ تۆگىدىن، تۆت ئايەت ئوقۇش تۆت تۆگىدىن ياخشى. تۆگىلەرنىڭ سانى ئايەتلەرنىڭ سانى بويىچە بولىدۇ، دېدىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇكىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ئولتۇرىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇ. كىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ياتىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇقانداق بىر جامائەت بىرەر ئورۇندا ئولتۇرغاندا ئاللاھنى ياد ئىتىپ، پەيغەمبىرىگە دۇرۇت ئېيتمىسا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا ھەسرەت بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇلارنى ئازابلايدۇ، خالىسا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇھەر قانداق بىر جامائەت بىرەر ئورۇندا ئولتۇرۇپ، ئاللاھنى زىكرى قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ياخشىلىقتىن ئىشەكنىڭ تاپىدىن قاچقاندەك بولىدۇ، بۇ سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى نادامەت تارتىدۇ

 ئۇيقىدىن ئويغانغاندا ئوقۇلىدىغان زىكرىلەر

جىمى ھەمدۇ سانا بىزنى ۋاپات قىلغاندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر، بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىمىز

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەرنەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ پاكتۇر، بارلىق ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، ئى رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن

بارلىق ھەمدۇ-سانا تېنىمنى سالامەت قىلغان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئۆزىنى زىكرى قىلىشىمغا مېنى مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا خاستۇر

شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار

ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): ‹پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ

پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن

پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن

ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى:مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار

كاپىرلارنىڭ (پۇل-مال، ئابروي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن

بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ

پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇيەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۈرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان داۋامىي يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر

ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

ئى مۆمىنلەر! تائەت - ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)

 كىيىم كىيگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

بارلىق ھەمدۇ-سانا ماڭا بۇ كىيىمنى كىيدۈرگەن ۋە ئۇنى چارە - تەدبىر ۋە كۇچ - قۇۋۋىتىمسىز ماڭا ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر

 يېڭى كىيىم كىيگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، بۇ كىيىمنى ماڭا سەن كەيدۈردۈڭ، سەندىن بۇ كىيىمنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ تەييارلىنىشىدىكى مەقسەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. بۇ كىيىمنىڭ شەررىدىن، ئۇنىڭ تەييارلىنىشىدىكى مەقسەتنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

 يېڭى كىيىم كىيگەن كىشىگە قىلىنىدىغان دۇئا

ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن، ئاللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن

يېڭىنى كېيىڭ، مەدھىيلىنىپ ياشاڭ، شېھىتلەرچە ئۆلۈڭ

 كىيىم سالغاندا ئوقۇلىدىغان زىكرى

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (كىيىمىمنى سالىمەن)

 ھاجەتخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (كىرىمەن)، ئى پەرۋەردىگارىم! ئەركەك - چىشى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

 ھاجەتخانىدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى (تىلەيمەن)

 تاھارەت ئېلىش ئالدىدا ئوقۇلىدىغان زىكرى

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)

 تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكرى

ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن

ئى ئاللاھ، مېنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋە گۇناھتىن پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن

ئى ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تۆۋە قىلىمەن

 ئۆيدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكرى

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (چىقتىم) ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ ـ قۇۋۋەت يوقتۇر

ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئېزىپ كېتىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇشتىن، خاتالىشىشتىن ياكى خاتالاشتۇرۇلۇشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن، جاھىللىق قىلىشتىن ياكى جاھىللىق قىلىنىشتىن ساڭا سىغىنىمەن

 ئۆيگە كېرىشتە ئېيتىلىدىغان زىكرى

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق، رەببىمىزغىلا تەۋەككۇل قىلدۇق، دەپ ئاندىن ئائىلە تاۋاباتلىرىگە سالام قىلسۇن

 مەسجىدكە ماڭغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى پەرۋەردىگارىم! قەلبىمنى نۇرلۇق قىلغىن، تىلىمنى نۇرلۇق قىلغىن، قۇلىقىمنى نۇرلۇق قىلغىن، كۆزۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئۈستۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئاستىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئوڭ تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، سول تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئالدىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئارقامنى نۇرلۇق قىلغىن، روھىمنى نۇرلۇق قىلغىن، مېنى بۈيۈك نۇرلۇق قىلغىن، يۈكسەك نۇرلۇق قىلغىن، مېنى نۇرلۇق قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا نۇر بەرگىن، نىرۋامنى نۇرلۇق قىلغىن، گۆشۇمنى نۇرلۇق قىلغىن، قېنىمنى نۇرلۇق قىلغىن، چېچىمنى نۇرلۇق قىلغىن، چىرايىمنى نۇرلۇق قىلغىن

ئى پەرۋەردىگارىم! قەبرەمنى ماڭا نۇرلۇق قىلىپ بەرگىن، سوڭەكلىرىمنى نۇرلۇق قىلغىن. ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن. ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن. ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن. ماڭا نۇر ئۈستىگە نۇر بىغىشلىغىن

 ھاجەتخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئوڭ پۇتى بىلەن مەسجىدگە كېرىدۇ

مەلئۇن شەيتاننىڭ شەررىدىن ئۇلۇغ ئاللاھقا، ئۇنىڭ بۈيۈك زاتىغا، ئەزەلى سەلتەنىتىگە سىغىنىمەن. ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (كىردىم). رەھمەت، سالام ۋە دۇرۇتلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولسۇن. ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمىتىڭنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچقىن

 مەسجىدتىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (چىقتىم). رەھمەت، سالام ۋە دۇرۇتلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولسۇن. ئى ئاللاھ! پەزلى-رەھمىتىڭدىن سورايمەن، ئى ئاللاھ! مېنى مەلئۇن شەيتاندىن ساقلىغىن دەپ سول پۇتى بىلەن چىقىدۇ

 ئەزان ئېيتىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئەزان ئېيتىلغاندا (ئەزاننى ئاڭلىغۇچى) مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى تەكرارلايدۇ، لېكىن مۇئەززىن: "ھەييى ئەلەسسەلات ۋە ھەييي ئەلەلفەلاھ" دېگەندە

لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، دەيدۇ

مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. پەرۋەردىگارىمنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە، دىنىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم

مۇئەززىن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇنداق دەيدۇ

مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزان كەلىمىلىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇيدۇ

بۇ ئۇلۇغ چاقىرىق ۋە بەرپا قىلىنغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىق ۋە پەزىلەت ئاتا قىلغىن، ئۇنى ئۆزەڭ ۋەدە قىلغان ماقامى مەھمۇد (قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەت مەرتىۋىسى) گە ئېرىشتۈرگىن، جەزمەنكى سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن

ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ئۆزىگە دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولىدۇ

 ناماز باشلىغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مەن بىلەن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىلىقىنى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقىدەك يىراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكىزلىغاندەك پاكىزلىغىن. ئى ئاللاھ! خاتالىقلىرىمنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن

ئى ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئىسمىڭ بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

مەن يۈزۈمنى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، مەن مۇشرىكلەردىن ئەمەسمەن. ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقى پادىشاھدۇرسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن مېنىڭ رەببىم، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھىمغا ئىقرارمەن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت سەنلا كەچۈرىسەن. مېنى گۈزەل ئەخلاقلارغا يىتەكلىگىن، گۈزەل ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يىتەكلەيسەن. مېنى يامان ئەخلاقلاردىن قايتۇرغىن، يامان ئەخلاقلاردىن پەقەت سەنلا قايتۇرىسەن. مەن (ئەمرى - پەرمانىڭغا) ھازىرمەن، بارلىق ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، مەن قۇدرىتىڭ بىلەن مەۋجۇتمەن، سەن تەرەپكە قايتىمەن، سەن بەرىكەتلىك ۋە بۈيۈكتۇرسەن، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن

ئى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارى!، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى، غايىب ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ، سەن بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىدە ھۆكۈم قىلىسەن. سەن مېنى ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەردە ئىزنىڭ بىلەن توغرىغا باشلىغىن. سەن ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايسەن

ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، بارلىق ھەمدۇ- سانا ئاللاھقا خاستۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ داۋاملىق پاكتۇر (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ). مەلئۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن، ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇققا ئۇندىشىدىن ۋە يامانلىقنى ئۈگۈتىشىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن

ئى ئاللاھ، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان- زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ نۇرىسەن. بارلىق ھەمدۇ- سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانل، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنى باشقۇرغۇچىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ساڭا مەنسۇپتۇر. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق پادىشاھىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ھەقدۇرسەن، ۋەدەڭ ھەقتۇر، سۈزۈڭ ھەقتۇر، قىيامەتتە سەن بىلەن ئۈچرۈشۈش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا قايتتىم، سەن ياردىمىڭ بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتتىم، ھەقگە ئىنكار قىلغانلارنى ساڭا قويدۇم، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۇناھلىرىمنى، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەن ئەۋۋەلسەن، سەن ئاخىرىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئىلاھىمسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

 رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. (ئۈچ قېتىم)

ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن

ئاللاھ پاكتۇر، مۇقەددەستۇر، پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىئىلنىڭ رەببىدۇر

ئى پەرۋەردىگارىم! ساڭا ئىبادەت قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلىقىم، كۈزەم، يىلىكىم، مېڭەم، سۆڭىكىم، زېھنىم ۋە قەدىمىم ئىگە بولغان نەرسىلەر ساڭا بويسۇندى

كۈچ - قۇدرەت، پادىشاھلىق، كاتتىلىق، بۈيۈكلۈك ئىگىسى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن

 رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

كىمكى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ (ھەمدىسىنى) ئاڭلايدۇ

ئى رەببىمىز، چەكسىز بەرىكەتلىك پاك ۋە مۇبارەك ھەمدۇ-سانالار ساڭا خاستۇر

ئى مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ ئىگىسى ئاللاھ! ئاسمان- زېمىننى تولدۇرغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى تولدۇرغۇدەك ۋە بۇندىن باشقا سەن خالىغان نەرسە تولغۇدەك چەكسىز ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر. سەن بەندەڭ ئېيتقان ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ ھەقلىقسەن. ھەممىمىز ساڭا بەندىمىز. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، سەن توسۇپ قويغان نەرسىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ئابرويلۇقلارنىڭ ئابرويى ئەسقاتمايدۇ

 سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ھەممىدىن يۈكسەك رەببىمنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن

ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن

ئاللاھ پاكتۇر، مۇقەددەستۇر، پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىئىلنىڭ رەببىدۇر

ئى ئاللاھ، ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا بويسۇندۇم، يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، گۈزەل شەكىلگە كىرگۈزگەن، ئۇنىڭغا قۇلاق ۋە كۆزنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدى. ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى يۈيۈكتۇر

كۈچ - قۇدرەت، پادىشاھلىق، كاتتىلىق، بۈيۈكلۈك ئىگىسى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن

ئى ئاللاھ! بارلىق چوڭ-كىچىك، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن

ئى ئاللاھ، غەزىبىڭدىن رازىلىقىڭغا، ئازابىڭدىن كەچۈرۈم قىلشىڭنى تىلەپ ساڭا سىغىنىمەن. مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيەلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن

 ئىككى سەجدىنىڭ ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن

ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنىڭ كەمچىللىكلىرىمنى تۈزۈتۈپ بەرگىن، مېنى ئەپۇ قىلغىن، ماڭا رىزق بەرگىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرىجەمنى كۆتۈرگىن

 تىلاۋەت سەجدىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا

مېنىڭ يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، كۈچ - قۇدرىتى بىلەن قۇلاقنى، كۆزنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدى. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر

ئى ئاللاھ! بۇ سەجدەم ئارقىلىق ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدا ئەجىر يازغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەندىن گۇناھنى ئېلىپ تاشلىغىن، ماڭا ئۇنىڭ ساۋابىنى دەرگاھىڭدا ساقلىغىن، مەندىن ئۇنى بەندەڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن

 تەششەھھۇد (ئەتتتەھىيياتۇ)

ئېھتىراملار، ناماز، دۇئا ۋە ياخشى ئەمەللەر ئاللاھقا خاستۇر، ئى پەيغەمبەر! سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكتى بولسۇن. بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالام بولسۇن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن

تەشەھھۇدتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاش

ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زاتسەن

ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام - نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام - نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زاتسەن

 ئاخىرقى تەشەھھۇدتىن كېيىن سالامدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات - مامات پىتنىسىدىن، دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن

ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساڭا سىغىنىمەن، ھايات - مامات پىتنىسىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھ-مەسىيەتتىن، قەرزدارلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، ئۆز پەزلىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۈيۈنگۈچىسەن

ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىن، مەخپى ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى، ھەددىن ئاشقانلىقىمنى ۋە سەن مەندىن ئوبدان بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن ئەزەلدىن بار بولغان ۋە مەڭگۈ قالىدىغان زاتسەن، سېنىڭدىن ئۆزگە ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر

ئى ئاللاھ! سېنى زىكرى قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا گۈزەل قۇلچىلىق قىلىشىمغا ياردەم قىلغىن

ئى ئاللاھ! بېخىللىقتىن ساڭا سىغىنىمەن، قورقۇنچاقلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن، بەك قېرىپ كېتىشتىن ساڭا سىغىنىمەن، دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن ۋە قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن

ئى ئاللاھ! مەن سەندىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

ئى ئاللاھ! غەيبى ئىلمىڭ بىلەن، مەخلۇقلىرىڭ ئۈستىدىكى قۇدرىتىڭ بىلەن، مەن ئۇچۈن ھاياتلىقنى ياخشى، دەپ بىلسەڭ (مەن ئۈچۈن ھاياتلىق خەيرلىك بولغان بولسا)، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر مەن ئۈچۈن ئۆلۈمنى ياخشى، دەپ بىلسەڭ (مەن ئۈچۈن ئۆلۈم خەيرلىك بولغان بولسا)، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىن. ئى ئاللاھ! مەن ئاشكارا - يوشۇرۇن ھالەتلەردە سەندىن قورقىدىغان بولۇشنى سورايمەن، مەمنۇنلۇق ۋە خاپىچىلىق ھالەتلىرىدىمۇ ھەق سۆزلەشنى سورايمەن، بايلىق ۋە نامراتلىق ھالەتلىرىدىمۇ سېنى كۆزلەشنى سورايمەن، تۈگىمەس نېمەت سورايمەن، تۈگىمەس خۇشاللىق سورايمەن، ھۆكمىڭگە رازى بولىدىغان قىلىشىڭنى سورايمەن، ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى ھايات ئاتا قىلىشىڭنى سورايمەن، ئازدۇرغۇچى پىتنىنىڭ ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغان ھالدا گۈزەل جامالىڭغا قاراشقا مۇيەسسەر بولغان ھالدا ساڭا ئۇچرىشىشنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىمان زىننىتى بىلەن زىننەتلىگىن. بىزنى توغرا يولدا ماڭغۇچى ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن

ئى ئاللاھ! سەن ھېچ تەڭدىشى بولمىغان، پەرزەنتىمۇ بولمىغان، ئاتا-ئانىسىمۇ بولمىغان، ھەممىنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان يەككە - يېگانە زاتتۇرسەن. ئى ئاللاھ! مەن سەندىن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشڭنى سورايمەن. شۈبھىسىزكى، سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە دائىمى مېھرىبانسەن

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن جىمى ھەمدۇ سانانىڭ ساڭا خاسلىقىنى، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلىقىنى، سېنىڭ يەككە-يېگانە، تەڭداشسىزلىقىڭنى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىڭنى شېپى كەلتۈرۈپ (تىلەكلىرىمنى) سورايمەن. ئى كەرەملىك ئۇلۇغ ئاللاھ! ئى ئاسمان - زېمىننى نەمۇنىسىز ياراتقۇچى ئاللاھ! ئى ئەبىدى ھايات ئاللاھ! ئى ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭلا ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلىقىغا، ھېچبىر تەڭدىشىڭ بولمىغان، پەرزەنتىڭمۇ بولمىغان، ئاتا-ئاناڭمۇ بولمىغان، ھەممىنىڭ ئېھتىياجى ساڭا چۈشىدىغان يەككە-يىگانە زات ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمنى شېپى كەلتۈرۈپ (تىلەكلىرىمنى) سورايمەن

 .نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن. (ئۈچ قېتىم). ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق زادى سېنىڭدىن. ئى ئۇلۇغ ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ! سېنىڭ بەرىكىتىڭ بۈيۈكتۇر

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ، سەن بەرگەن نەرسىنى چەكلىگۈچى، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ئابرويلۇقلارنىڭ ئابرويى ئەسقاتمايدۇ

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز كۈچ - قۇدرەت يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ نېمەت ۋە پەزلى - كەرەم ئىگىسىدۇر، ئۇ شۇكۇرگە ۋە ئەڭ ئېسىل ھەمدۇ-سانالارغا لايىقتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىپ، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلىمىز

ئاللاھ پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. (33 قېتىم). ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئى مۇھەممەد ئېيىتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر

ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر

ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس

ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنسۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەنمەخلۇقاتنىڭ شەررىدىنقاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىنتۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىنھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىنناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن پاناھ تىلەيمەن، دېگىنئىنسانلارنىڭ پادىشاھىئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئاللاھقا سىغىنىپكىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مەخپىي ۋەسۋەسە قىلغۇچىيوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىجىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان

ھەر نامازدىن كېيىن

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇرھەر نامازدىن كىيىن ئوقۇلىدۇ

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.(بامدات ۋە شام نامىزىدىن كېيىن ئون قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ)

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، پاك رىزق، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىشىڭنى سورايمەن.(بامدات نامىزىنىڭ سالىمىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ)

 ئىستىخارە نامىزى دۇئاسى

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىشلىرىمىزدا بىزگە ئىستىخارە قىلىشنى ئۈگۈتۈپخۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى

سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، ئاندىن مۇنداق دېسۇن، ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭغا سىغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشىم مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىب قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن

ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سورىغان ۋە كىشىلەر بىلەن كېڭىشىپ ئىش كۆرگەن ئادەم كېيىنكى پۇشايماندىن خالى بولىدۇئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەنئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن، (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن

 ئەتىگەن-ئاخشامدا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر

بارلىق ھەمدۇ-سانا يەككە يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالام ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇن

قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئى مۇھەممەد ئېيىتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇرھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇرئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەسھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنسۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەنمەخلۇقاتنىڭ شەررىدىنقاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىنتۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىنھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىنناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن پاناھ تىلەيمەن، دېگىنئىنسانلارنىڭ پادىشاھىئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئاللاھقا سىغىنىپكىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مەخپىي ۋەسۋەسە قىلغۇچىيوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىجىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان

ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ

بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپلۇق ھالەتتە تاڭ ئاتتى، بارلىق ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى رەببىم سەندىن بۇگۇن ۋە ئەتىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن. ئى رەببىم ساڭا سىغىنىپ بۇگۇن ۋە ئەتىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبرىدىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن

ئى ئاللاھ! سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەتىگەن تۇردۇق، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر

ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان) ئەھدەڭنى ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ساڭا سىغىنىپ، ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچكىم مەغپىرەت قىلالمايدۇ

ئى ئاللاھ! مەن سېنى ۋە سېنىڭ ئەرشىڭنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەرنى، جىمى پەرىشتىلىرىڭنى، بارلىق مەخلۇقاتلىرىڭنى، سېنىڭ بىرلا ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلىقىغا، يالغۇز ئىكەنلىكىڭگە ۋە شېرىكىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇم.(تۆت قېتىم ئوقۇلىدۇ)

ئى ئاللاھ! ماڭا ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئەتىگەندە ئاتا قىلىنغان قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم سېنىڭدىندۇر. سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە شۈكۈر پەقەت ساڭىلا خاستۇر. پەرۋەردىگارىم، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ كاتتىلىقى ۋە شەئنىڭنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق جىمى ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر

ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ كۇپۇرلىقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.يەتتە قېتىم ئوقۇلىدۇ

ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا سالامەتچىلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سىغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن

ئى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچى، ئاسمانلار-زېمىن ۋە ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئىگىسى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىپ قىلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن

نامى ئاتالغاندا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ

پەرۋەردىگارىمنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە، دىنىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم.(ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ)

ئى ئەبىدى ھاياتقا ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ، ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزۇشۇڭنى تەلەپ قىلىمەن. مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى ياخشىلاپ بەرگىن ۋە مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن

بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاس بولغان ھالدا تاڭ ئاتتى، ئى ئاللاھ! سەندىن بۈگۈننىڭ ياخشىلىقىنى، غەلىبىسىنى، نۇسرىتىنى، نۇرىنى، بەرىكىتىنى، ھىدايىتىنى سورايمەن، بۇ كۈننىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يامانلىقلاردىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

بىز ئىسلام (تەبىئىتى) بىلەن، ئىخلاس كەلىمىسى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بىلەن، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان، مۇسۇلمان بولغان، مۇشرىكلەردىن بولمىغان ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق

ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. 10قېتىم، ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. 10قېتىم، ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم

ئاللاھنى مەخلۇقلىرىنىڭ سانى، ئۆزىنىڭ رازىلىقى، ئەرشىنىڭ ۋەزنى ۋە كەلىمىلىرىنىڭ سىياسى (رېڭى) مىقدارىچە ھەمدە ئېيتىش بىلەن بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. ئەتىگەندە ئۈچ قېتىم

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، پاك رىزق، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىشىڭنى سورايمەن. (بامدات نامىزىنىڭ سالىمىدىن كېيىنلا ئوقۇلىدۇ)

ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن.كۈندە يۈز قېتىم

ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سىغىنىمەن. كەچتە ئۈچ قېتىم

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەرھەمەت قىلغىن ۋە سالام يەتكۈزگىن. (ئون قېتىم)

 ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكرىلەر

ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ جۈپلەپ تۇرۇپ سۈپلەيدۇ ۋە دۇئالارنى ئوقۇيدۇ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئى مۇھەممەد ئېيىتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇرھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇرئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەسھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنسۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەنمەخلۇقاتنىڭ شەررىدىنقاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىنتۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىنھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىنناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن پاناھ تىلەيمەن، دېگىنئىنسانلارنىڭ پادىشاھىئىنسانلارنىڭ ئىلاھىي ئاللاھقا سىغىنىپكىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مەخپىي ۋەسۋەسە قىلغۇچىيوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى

جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان

دۇئالارنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككى قولى بىلەن بەدىنىنى قولى يەتكەن يېرىگىچە بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ سىپايدۇ. ئۈچ قېتىم قىلىدۇ

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر

پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار): ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ

ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار): پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، دەيدۇ

رەببىم، يېنىمنى ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قويدۇم، ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ كۆتىرىمەن. مېنى قەبزى روھ قىلساڭ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر روھىمنى قويۇپ بېرىدىغان(ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان)بولساڭ، ئۇنى ياخشى بەندىلىرىڭنى مۇھاپىزەت قىلغىنىڭدەك مۇھاپىزەت قىلغىن

ئى ئاللاھ! جېنىمنى سەن ياراتتىڭ، سەن ۋاپات قىلدۇرىسەن، ئۇنىڭ ھايات - ماماتلىقى سەن ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنى ھايات قويساڭ، ئۇنى ساقلىغىن، ئەگەر ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن ھەقىقەتەن سالامەتلىكنى سورايمەن

ئى ئاللاھ مېنى بەندىلىرىڭنى تىرىلدۇرىغان كۈندىكى ئازاپتىن ساقلىغىن

ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئۆلىمەن ۋە تىرىلىمەن

ئاللاھ (نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ھەر بىرى 33 قېتىمدىن، ئاخىرقىسى 34 قېتىم ئوقۇلىدۇ

ئى يەتتە قات ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ۋە ھەممە شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، دان ۋە ئۇرۇقلارنى بىخلاندۇرغۇچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ، سەن كوكۇلىسىدىن تۇتىدىغان بارلىق شەيئىلەرنىڭ شەررىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! سەن ھەممە شەيئىنىڭ ئەۋۋىلىسەن، سەندىن ئىلگىرى ھېچ بىر شەيئى مەۋجۇت بولغان ئەمەس. سەن ھەممىنىڭ ئاخىرىسەن، سەندىن كېيىن ھېچبىر شەيئى مەۋجۇت بولمايدۇ. سەن زاھىرسەن، ھېچ بىر شەيئى سېنى ئۈستۈڭدىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، سەن باتىنسەن، ھېچ بىر شەيئى سېنىڭ زاتىڭنى ئۆز ماھىيىتى بىلەن تونۇپ يېتەلمەيدۇ، بىزدىن قەرزنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىزنى نامراتلىقتىن قۇتقازغىن

بارلىق ھەمدۇ-سانا بىزگە تائام بەرگەن، بىزنى سۇغارغان، قانچىلىغان ئاچ-يالىڭاچ ۋە ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر ئارىسىدىن، بىزگە ھاياتلىقىمىزدا كۇپايە قىلغان ۋە ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆي-ماكان ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر

ئى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچى، ئاسمانلار-زېمىن ۋە ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئىگىسى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىپ قىلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن

سۈرە سەجدە، سۈرە تابارەكنى ئوقۇيدۇ

ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا بويسۇندۇردۇم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، يۈزۈمنى ساڭا يۈزلەندۇردۈم، رەھمىتىڭدىن ئۈمىد كۈتتۈم، ئازابىڭدىن قورقتۇم، ئازابىڭدىن پەقەت سەن تەرەپكە يۈزلەنگەندىلا ئاندىن نىجات تاپقىلى بولىدۇ، نازىل قىلغان كىتابىڭغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭە ئىمان كەلتۈردۈم

 كېچىسى ئۆرۈلگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

قۇدرەتلىك بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىپتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

 چۆچۈپ ئويغانغاندا ۋە يالغۇز قالغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن، ئازابىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋىسىلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ماڭا ھازىر بولىشىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرى بىلەن سىغىنىمەن

 يامان چۈش كۆرگەندە قانداق قىلىش توغرىسىدا

سول تەرىپىگە(ئۈچ قېتىم)تۈپلەيدۇشەيتاندىن ۋە كۆرگەن چۈشىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىدۇ. (يەنى ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم) دەيدۇ.(ئۈچ قېتىم)چۈشىنى ھېچكىمگە سۆزلەپ بەرمەيدۇبىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلىدۇئەگەر خالىسا ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ

 ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسى

ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەت قىلغىن، سەن ساغلاملىق بەرگەنلەر قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن. ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئېگىسىسەن. ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. سەن ئەزىز قىلغان كىشى خارلانمايدۇ، سەن خارلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز، سەن يۈكسەك ۋە بەرىكەتلىكسەن

ئى ئاللاھ، غەزىبىڭدىن رازىلىقىڭغا، ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سەندىن سورايمەن ۋە ساڭا سىغىنىمەن، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن

ئى ئاللاھ! بىز ھەقىقەتەن ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، ساڭىلا ئىنتىلىمىز ۋە تەلپۈنىمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، شەكسىزكى، سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا لايىقتۇر. ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم سورايمىز، سەندىن كەچۈرۈم سورايمىز، ساڭا ھەمدۇ- سانا ئېيتىمىز، ساڭا كۇپرىلىق قىلمايمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، ساڭا بويسۇنىمىز، كىمىكى ساڭا ئىنكار قىلىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن ئادا-جۇدامىز

 ۋىتىر نامىزىنىڭ سالىمىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

مۇقەددەس پادىشاھ ئاللاھنى بارچە ئەيىپ نوقسانلاردىن پاكلايمەن. ئۈچ قېتىم

ئۈچىنچى قېتىمدا ئۈنلۈك ئاۋازدا: ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىبرىئىلنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، دەيدۇ

 غەم قايغۇدا قالغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، بەندەڭنىڭ ۋە قۇلىڭنىڭ ئوغلىمەن، مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ قولىڭدىدۇر، سېنىڭ ھۆكمىڭ ماڭا ئۆتكۈچىدۇر، ھەققىمدە چىقارغان ھۆكمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر، سەن كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى مەخلۇقلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىلمى غەيبىڭ قاتارىدا ساقلاشنى ئىرادە قىلغان، قىسقىسى سەن ئۆزەڭنى ئاتىغان ۋە ساڭا مەنسۇپ بولغان بارلىق ئىسىملىرىڭ بىلەن، قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، دىلىمنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن

ئى ئاللاھ! غەم - قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەر ئالدىدىكى تىل قىسىنچىلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن

 مۇسىبەتكە يولۇققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇلۇغ، مۇلايىم (بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان) ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن، ھەممە ئىشىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، مەن ھەقىقەتەن (گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدىم

ئى پەرۋەردىگارىم ئاللاھ، ساڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن

 دۈشمەن ياكى زوراۋان ھاكىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىمسەن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن سەير قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت تاپىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن

ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ھىمايە قىلغۈچى-ھە!

 پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قورققان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى يەتتە ئاسماننىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىدىن، ئۇنىڭ مەخلۇقلىرىڭدىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرىدىن، ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ ئۈستۈمدىن غالىپ كېلىشىدىن ياكى ھەددىدىن ئېشىشىدىن ماڭا مەدەتكار بولغىن، سېنىڭ مەدەتكارلىقىڭ شەرەپلىكتۇر، ساڭا بولغان مەدھىلەر بۈيۈكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

ئاللاھ بۈيۈكتۇر! ئاللاھ بارچە مەخلۇقلىرىدىن غالىپتۇر، ئاللاھ مەن قورققان ۋە ئېھتىيات قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان، يەتتە قات ئاسماننى ئۆزىنىڭ ئىزنىسىز زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىغۇچى ئاللاھ، سېنىڭ بەندەڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىنس-جىنلاردىن بولغان لەشكەرلىرىنىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ، گورۇھلىرىنىڭ يامانلىقىنىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! سەن ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا قارشى ماڭا مەدەتكار بولغىن، ساڭا بولغان مەدھىلەر بۈيۈكتۇر، سېنىڭ مەدەتكارلىقىڭ غالىپتۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.(ئۈچ قېتىم)

 دۈشمەنگە قارشى ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى كىتابنى نازىل قىلغۇچى، تېز ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلغىن. ئى ئاللاھ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىن ۋە ئارىلىرىنى ئايرىۋەتكىن

 بىرەر قەۋمدىن قورققان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! سەن خالىغان نەرسە بىلەن مەن ئۈچۈن ئۇلارغا تېتىغىن

 ئىمانىغا شەك قىلغۈچى كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا

لەنەتكەردى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەنشەك قىلغان نەرسىدىن چەكلىنىدۇئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبرىگە ئىمان كەلتۈردۈم، دەيدۇئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇيدۇئاللاھنىڭ ئىپتىداسى، ئىنتىھاسى يوقتۇر، ئاللاھ ئاشكارىدۇر (بارلىقىنىڭ دەلىللىرى بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىدۇر (ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى ۋە ئۇ زاتنىڭ ماھىيىتىنى ئەقىل بىلەن تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

 قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مېنى ھالال نەرسەڭ بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزلى - مەرھىمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزەڭنىڭ غەيرىدىن بىھاجەت قىلغىن

ئى ئاللاھ! غەم - قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەر ئالدىدىكى تىل قىسىنچىلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن

 ناماز ۋە تىلاۋەتتە شەيتان ۋەسۋەسە قىلسا ئوقۇيدىغان دۇئا

لەنەتكەردى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن دەپ سول تەرىپىڭىزگە ئۈچ قېتىم تۈپلىۋېتىڭ

 قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! سەن ئاسانلاشتۇرغاندىن باشقا ئاسانلىق يوق، ئەگەر سەن خالىساڭ قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرىسەن

 گۇناھ سادىر قىلغان كىشى نېمە قىلىشى ۋە نېمە دېيىشى كېرەك

بىرەر بەندە بىرەر گۇناھ قىلىپ سالغاندا كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇغاندىن كىيىن ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ

 شەيتان ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا

لەنەتكەردى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن، دېيىش

ئەزان ئېيتىش

 زىكرى ئېيتىش ۋە قۇرئان ئوقۇش

ئۆزى رازى بولمايدىغان ئىشقا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ

 پەرزەنتلىك بولغان ئادەمنى مۇبارەكلەش ۋە ئۇنىڭ جاۋابى

تەبرىكلەنگۈچى مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: پەرزەنتىڭىزگە ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇ پەرزەنتنى ئاتا قىلغۇچىغا شۈكۈر قىلغايسىز، ئۇ قۇرامىغا يەتكەي، سىز ئۇنىڭ ۋاپاسىغا ئېرىشكەيسىزتەبرىكلەنگۈچى مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇئاللاھ سىزگە ۋە سىزگە تەۋە نەرسىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، ئاللاھ سىزگىمۇ شۇنداق پەرزەنت ئاتا قىلسۇن، سىزگە كۆپ ساۋاپ ئاتا قىلسۇن

 بالىلارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ ئوقۇلىدىغان دۇئا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۈسەينگە دۇئا ئوقۇپ دەم سېلىپ قوياتتىئىككىڭلار ئۈچۈن، شەيتاننىڭ ھەرقانداق يامانلىقىدىن، (يىلان-چايانلارغا ئوخشاش) زىيانداشلارنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بارلىق يامان كۆزدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سىغىنىمەن

 كېسەل يوقلىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ھېچقىسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ كېتىسىزبۈيۈك ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن.(يەتتە قېتىم)

 كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتى توغرىسدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن

بىر ئادەم مۇسۇلمان قېرىندىشىنى يوقلىغاندا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانغا قەدەر جەننەتنىڭ مېۋەزارلىقىدا ماڭىدۇ، ئۇ ئادەم ئولتۇرغاندا ئۇنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئورايدۇ. ئەگەر ئەتىگەن بولغان بولسا، كەچكىچە، كەچ بولغان بولسا تاڭ ئاتقۇچە 70مىڭ پەرىشتە ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيدۇ

 ھاياتىدىن ئۈمىت ئۈزگەن كېسەل ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ قاتارىغا قوشقىن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنى سۇغا چىلاتقۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى سىلاپ

بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سەكراتى باردۇر، دېگەن

ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر

 سەكراتتىكى كىشىگە شاھادەتنى ئەسلىتىش

كىمنىڭكى ئاخىرىقى سۆزى ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق دېگەن سۆز بولىدىكەن، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ

 مۇسىبەتگە گىرىپتار بولغان كىشى قىلىدىغان دۇئا

بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدادۇرمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇرمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى ئاللاھ! ماڭا كەلگەن بۇ مۇسىبەت ئۈچۈن ماڭا ئەجىر بەرگىن، ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراقنى تولۇقلاپ بەرگىن

 مېيتنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! پالانى ئۈچۈن (ئىسمىنى ئاتايدۇ) مەغپىرەت قىلغىن، ھىدايەت تاپقۇچىلار قاتارىدا ئۇنىڭمۇ دەرىجىسىنى كۆتۈرگىن، ئۇنىڭغا ئەۋلادلىرىنى ئىز باسار قىلىپ بەرگىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭرى قىلغىن، قەبرىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرلۇق قىلغىن

 جىنازا نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى خاتىرجەم قىلغىن، ئەپۇ قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆركەم، كىرىش ئېغىزىنى كەڭ قىلغىن، ئۇنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك ئۇنى خاتالىقلاردىن پاك قىلغىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورۇ - جايىدىن ياخشىراق قورۇ - جاي، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە، خوتۇنىدىن ياخشىراق خوتۇن بەرگىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنىڭغا قەبرە ئازابى ۋە دوزاخ ئازابىدىن پاناھلىق بەرگىن

ئى ئاللاھ! ھاياتلىرىمىز ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىرىمىزنى، بۇ يەردە بارلىرىمىز ۋە يوقلىرىمىزنى، كىچىكلىرىمىز ۋە چوڭلىرىمىزنى، ئەرلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمگىكى ھاياتلىق بەرسەڭ ئىسلام ھاياتلىقىنى بەرگىن، كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىماننىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قىلمىغىن، بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغىنىڭدىن كېيىن بىزنى ئازدۇرمىغىن

ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى سېنىڭ باش پاناھلىقىڭدىدۇر، سېنىڭ ھەمراھلىقىڭدىدۇر. ئۇنى قەبرە پىتنىسىدىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. سەن ۋاپا ۋە ھەق ئەھلىدۇرسەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە دائىمى مېھرىبانسەن

ئى ئاللاھ! ئۇ سېنىڭ بەندەڭدۇر، سېنىڭ قۇلىڭنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ سېنىڭ رەھمىتىڭگە موھتاجدۇر، سەن ئۇنىڭغا ئازاپ قىلىشتىن بىھاجەتسەن. ئەگەر ئۇ ياخشى ئىش قىلغۇچى بولسا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ئەگەر ئۇ خاتالاشقۇچى بولسا گۇناھىدىن ئۆتىۋەتكىن

 كىچىك بالىنىڭ جىنازە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

بۇ دۇئانى دېسە ياخشىراقتۇرئى ئاللاھ! ئۇنى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان سوۋغات، زەخىرە (ساقلاپ قۇيۇلغان بايلىق)، دۇئاسى ئىجابەت قىلىنغان شاپائەتچى قىلىپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ئۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغىن، ئۇنى مۆمىنلەر قاتارىغا قوشقىن، ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپالىتىدە قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورۇ-جايىدىن ياخشىراق قورۇ-جاي، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە بەرگىن. ئى ئاللاھ! ئەجدادلىرىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن، بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن

ئى ئاللاھ! ئۇنى بىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان سوغات، ئالدىن يوللانغان ياخشى ئەمەل ۋە بىزگە تەييارلانغان ئەجىرلەردىن قىلىپ بەرگىن

 تەسەللى ۋە تەزىيە دۇئاسى

شۈبھىسىزكى، ئالغىنىمۇ، بەرگىنىمۇ ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇئەييەن مۇددەتلىكتۇر. سەبرى قىلغىن، ئەجرى ئۈمىد قىلغىنئەگەر مۇنداق دېسە تېخىمۇ ياخشىدۇرئاللاھ سىزگە كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن، سىزگە ئەڭ گۈزەل سەبىر بەرسۇن، مېيىتىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن

 مېيىتنى قەبرىگە ئەكىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بويىچە (قويىمەن)

 مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنى (ھەق سۆز ئۈستىدە) مۇستەھكەم قىلغىن

 قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىن - مۇسۇلمانلار قەبرىستان ئەھلى، ھەقىقەتەن بىزمۇ ئىنشائاللاھ سىلەرگە قوشۇلىمىز، بىزدىن بۇ يەرگە كېلىپ بولغانلارغىمۇ، كېلىدىغانلارغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھتىن بىز ۋە سىلەر ئۈچۈن تىنچ - ئامانلىق تىلەيمەن

 شامال چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ياخشىلىقنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى يامانلىقتىن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن يامانلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن

 ھاۋا گۈلدۈرلىگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

گۈلدۈرماما ۋە پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇپ ھەمدۇ-سانا ۋە تەسبىھ ئېيتىدىغان زاتنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن

 يامغۇر تەلەپ قىلىش دۇئاسى

ئى ئاللاھ! بىزنى سىڭىشلىك، مول مەنپەئەتلىك، زىيان يەتكۈزمەيدىغان يامغۇر بىلەن كېچىكتۈرمەستىن سۇغارغىن

ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن

ئى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنى، ھايۋانلىرىڭنى سۇغارغىن، رەھمىتىڭنى يايغىن، ئۆلۈك زېمىنىڭنى تىرىلدۈرگىن

 يامغۇر ياغقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مەنپەئەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن

 يامغۇر يېغىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

بۇ يامغۇر بىزگە ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھىمىتى بىلەن ياغدى

 يامغۇر ئاپىتىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىش دۇئاسى

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۇستىمىزگە ئەمەس ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن. ئى ئاللاھ! دۆڭلەرگە، جىلغىلارغا، ئورمانلىقلارغا ياغدۇرغىن

 ھىلال ئاينى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ! ئۇ ئاينى بىزگە تىنچ - ئامانلىق بىلەن، خاتىرجەملىك بىلەن، ئىمان - ئىسلام بىلەن، سەن ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن. بىزنىڭ ۋە سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھتۇر

 ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەملەندى، ئاللاھ خالىسا ئەجرىمۇ ھاسىل بولدى

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمىتىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن

 تائامدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا

سىلەرنىڭ بىرىڭلار تائام يېمەكچى بولسا "بىسمىللاھ" دېسۇن، ئەگەر باشتا ئۇنتۇپ قالغان بولسا ئېسىگە كەلگەندە، "بىسمىللاھ فى ئەۋۋەلىھى ۋە ئاخىرىھى" دېسۇن

ئاللاھ تائام بەرگەن كىشى مۇنداق دەيدۇئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى تائام بەرگىن دېسۇن. ئاللاھ سۈت بىلەن سۇغارغان كىشى:ئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنىڭدىن بىزگە تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرگىن، دېسۇن

 غىزالانغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

جىمى ھەمدۇ-سانا مېنىڭ چارە-تەدبىر ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز، ماڭا بۇ تائامنى رىزق قىلىپ بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر

ئى رەببىمىز! تۈگىمەس ۋە بىز كۇپايىلەنگىدەك نېمەتلەرنى بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن، پاك ۋە مۇبارەك، توختاۋسىز ھەمدۇ-سانالار ساڭا بولسۇن

 مېھماننىڭ ساھىبخانغا قىلىدىغان دۇئاسى

ئى ئاللاھ! سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان رىزقنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارغا رەھىم قىلغىن

يېمەك-ئىچمەك تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ماڭا تائام بەرگەن كىشىنى غىزالاندۇرغىن، ماڭا ئۇسۇزلۇق بەرگەن كىشىنى سۇغارغىن

 باشقىلارنىڭكىدە ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

سىلەرنىڭكىدە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە رەھمەت تەلەپ قىلدى

 نەپلە روزا تۇتقۇچىنىڭ مېھمانغا تەكلىپ قىلىنىشى توغرىسىدا

سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېھمانغا چاقىرىلسا بارسۇن، ئەگەر روزىدار بولسا دۇئا قىلىپ قويسۇن، ئەگەر روزىدار بولمىسا تائام يېسۇنمەناسى: دۇئا قىلىپ قويسۇن

 روزىدارغا بىرەرسى ئازار بەرگەندە نېمە دېيىشى توغرىسىدا

ھەقىقەتەن مەن روزىدارمەن، ھەقىقەتەن مەن روزىدارمەن

 مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! مېۋىلىرىمىزدە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، شەھىرىمىزدە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، جىڭ-تارازىلىرمىزدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن

 چۈشكۈرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا

سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە: (ئەلھەمدۇ لىللاھ) دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان ھەمراھى: (يەرھەمۇكەللاھ) دېسۇن، چۈشكۈرگۈچى: (يەھدىكۇمۇللاھ، ۋەيۇسلىھۇ بالەكۇم) دېسۇن

 كاپىر چۈشكۈرۈپ "ئەلھەمدۇ لىللاھ" دېسە، نېمە دېيىش توغرىسىدا

يەھدىكۇمۇللاھ، ۋەيۇسلىھۇ بالەكۇم) دېسۇن. (يەنى ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن، ھالىڭلارنى ئىسلاھ قىلسۇن)

 نىكاھلانغۇچىغا ئوقۇلىدىغان دۇئا

سىز ۋە سىزگە تەۋە نەرسىلەرگە ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلىق ئىچىدە جەم قىلسۇن

 نىكاھلانغۈچى ۋە ئۇلاغ سېتىۋالغۈچى ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى، سەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن خۇسۇسىيىتىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، سەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن خۇسۇسىيىتىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئەگەر تۈگە سېتىۋالغان بولسا لوكىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىنى دېسۇن

 ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئالدىدا ئوقۇيدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). ئى ئاللاھ! بىزدىن شەيتاننى يىراق قىلغىن. بىزگە رىزق قىلىپ بەرگەن پەرزەنتتىنمۇ شەيتاننى يىراق قىلغىن

 ئاچچىقى كەلگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا

قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

 مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغۈچىنى كۆرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا

جىمى ھەمدۇ-سانا سېنى گىرىپتار قىلغان نەرسىدىن مېنى ئامان قىلغان ۋە مېنى نۇرغۇن مەخلۇقلىرىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا خاستۇر

 يىغىلىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندىن قوپۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم:ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن. ھەقىقەتەن سەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، دەيتتى

 سورۇننىڭ كاپپارىتى

ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن بىرگە سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن، گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىمەن

 ئاللاھ سىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دېگەن كىشىگە دېيىلىدىغان دۇئا

سىزگىمۇ ئوخشىشى بولسۇن

 سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە قىلىدىغان دۇئا

ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن

 دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا

كىمكى سۈرە كەھفىنىڭ ئاۋۋالقى ئون ئايىتىنى ياد ئالسا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇھەر نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدتىدا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا قىلىش

 مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دېگۈچىگە دېيىلىدىغان دۇئا

سەن مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن بولساڭ، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن

 ئىقتىسادى ياردەم بەرمەكچى بولغان كىشىگە دېيىلىدىغان دۇئا

ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە مېلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن

 قەرزنى قايتۇرغاندا دېيىلىدىغان دۇئا

ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە مېلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ھەقىقەتەن قەرز بەرگەننىڭ مۇكاپاتى قەرزنى قايتۇرۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتۇر

 ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى ئاللاھ! بىلىپ-بىلمەي ساڭا شېرىك كەلتۈرۈپ سىلىشتىن ساڭا سىغىنىمەن ۋە بىلمەي سادىر قىلىپ قويغان گۇناھلىرىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن

 ئاللاھ سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن دېگۈچىگە دېيىلىدىغان دۇئا

ئاللاھ سىزگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن

 شۇم پال ئىلىشنى يامان كۆرۈش توغرىسىدا

ئى ئاللاھ! سەن تەقدىر قىلغان شۇملۇقتىن باشقا شۇملۇق يوقتۇر، سېنىڭ ياخشىلىقىڭدىن باشقا ياخشىلىق يوقتۇر، سەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر

 ئۇلاغ ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ئولتۇرغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. بارلىق مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇربىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مېنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇقبىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىزجىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، جىمى-ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، جىمى-ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ! سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مەن ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالمايدۇ

 سەپەر دۇئاسى

ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇربىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مېنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇقبىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىزئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن بۇ سەپەرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقنى، سەن رازى بولىدىغان ئەمەلنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە يولىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، بالا-چاقىلىرىمىزنى ھىمايە قىلغۈچىسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىدىن، چۈشكۈنلىك ۋە غەم - قايغۇدىن، پۇل-مال ۋە ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەنسەپەردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ يۇقىرىقى دۇئانى قىلىدۇئاللاھقا قايتقان ۋە تەۋبە قىلغان، رەببىمىزگە ئىبادەت قىلغان ۋەئۇنى مەدھىيىلىگەن ھالدا قايتتۇق

 بىرەر شەھەرگە كېرىشتە ئوقۇيدىغان دۇئا

ئى يەتتە قات ئاسمان ۋە ئۇلار سايە تاشلاپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، يەتتە قات زېمىن ۋە ئۇلار كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، شەيتانلار ۋە ئۇلار ئازدۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، شاماللار ۋە ئۇلار ئۇچۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! سېنىڭدىن بۇ يۇرتنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن

 بازارغا كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، چەكسىز سەلتەنەت ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ ھاياتتۇر ۋە ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ، ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

 ئۇلاغ مۆدۈرۈپ كەتكەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)

 مۇساپىرنىڭ مۇقىمغا قىلىدىغان دۇئاسى

سىلەرنى ئامانەتلەرنى زايا قىلمايدىغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم

 مۇقىمنىڭ مۇساپىرغا قىلىدىغان دۇئاسى

دىنىڭىزنى، ئامانىتىڭىزنى ۋە ئەمەللىرىڭىزنىڭ تۈگەنجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم

ئاللاھ سىزگە تەقۋادارلىقنى ئۇزۇق قىلىپ بەرسۇن، گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن ۋە قەيەردە بولسىڭىز سىزگە ياخشىلىقنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرسۇن

 سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان تەكبىر - تەسبىھلەر

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ

سەپەردە ئېگىزگە چىقساق تەكبىر ئەيتىپ، پەسكە چۈشسەك تەسبىھ ئەيتاتتۇق

 مۇساپىرنىڭ تاڭ ئاتقاندا ئوقۇيدىغان دۇئاسى

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە، گۈزەل ئېھسانلىرىغا بىنائەن ئېيتقان ھەمدىلىرىمىزنى بىر ئاڭلىغۇچى ئاڭلىدى. ئى رەببىمىز! بىزگە ئىگە بولغىن ۋە مەرھەمەت قىلغىن، ساڭا سىغىنىپ دوزاختىن پاناھ تىلەيمىز

 بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سىغىنىمەن

 سەپەردىن قايتقاندا ئوقۇيدىغان دۇئا

ھەر قانداق ئېگىز جايدا ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن دەيدۇ

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى

 خۇش-خەۋەر ياكى شۇم-خەۋەر يەتكەن كىشىنىڭ نېمە دېيىشى توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خۇش-خەۋەر يەتسە مۇنداق دەيتتىجىمى ھەمدۇ-سانا ئۆز نېمىتى بىلەن ياخشىلىقلار تامام بولىدىغان ئاللاھقا خاستۇرئەگەر شۇم خەۋەر يەتسە مۇنداق دەيتتىھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنكىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇمېنىڭ قەبرەمنى زىيارەتگاھقا ئايلاندۇرىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، سىلەرنىڭ ماڭا ئېيتقان دۇرۇتۇڭلار سىلەر قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئى نەزەر، ماڭا يىتىپ تۇرىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇمەن تىلغا ئېلىنغان جايدا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان ئادەم بېخىلدۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇھەقىقەتەن زېمىندا ئاللاھنىڭ ساياھەتچى پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇبىرەر كىشى ماڭا سالام قىلسا ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرغىنىمغا قەدەر، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەتگاھقا ئايلاندۇرىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، سىلەرنىڭ ماڭا ئېيتقان دۇرۇتۇڭلار سىلەر قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئى نەزەر، ماڭا يىتىپ تۇرىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

مەن تىلغا ئېلىنغان جايدا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان ئادەم بېخىلدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ھەقىقەتەن زېمىندا ئاللاھنىڭ ساياھەتچى پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

بىرەر كىشى ماڭا سالام قىلسا ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرغىنىمغا قەدەر، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ

 سالاملىشىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن

سىلەر(ھەقىقى)مۆمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۆمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ بىر-بىرىڭلارغا سالام قىلىڭلار

ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە ئىمانى تۇلۇق ئۆزلەشكەن بولىدۇ. (بۇ خىسلەتلەر):ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش، ئۇچرىغانكى كىشىگە سالام قىلىش، موھتاج تۇرۇپ كەڭ قول بولۇشتىن ئىبارەتتۇر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇبىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن

 كاپىر سالام قىلسا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سىلەرگە ئەھلى كىتاب (يەھۇدى-ناسارالار) سالام قىلسا ۋەئەلەيكۇم (يەنى سىلەرگىمۇ) دەپ جاۋاپ بېرىڭلار

 خوراز چىللىغاندا، ئېشەك ھاڭرىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا

سىلەر خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ پەزلىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ پەرىشتىنى كۆرىدۇ. ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار، چۈنكى ئۇ شەيتاننى كۆرىدۇ

 كېچىسى ئىت ھاۋشىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا

كېچىدە ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى، ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ

 تىللاپ سالغان كىشىگە قىلىدىغان دۇئا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنئى ئاللاھ! مەن تىللاپ سالغان ھەر قانداق مۆمىنغا، ئۇنىڭ مەندىن ئىشتكەن ئاھانىتىنى، قىيامەت كۈنى ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب قىلىپ بەرگىن

ئى ئاللاھ! مەن تىللاپ سالغان ھەر قانداق مۆمىنغا، ئۇنىڭ مەندىن ئىشتكەن ئاھانىتىنى، قىيامەت كۈنى ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب قىلىپ بەرگىن

 مۇسۇلمان مۇسۇلماننى مەدھىيىلىسە نېمە دېيىشى توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنسىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى مەدھىيىلىسە، پالانىنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ ئۆزىدۇر، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى ئاقلىمايمەن، دىسۇن

سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى مەدھىيىلىسە، پالانىنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ ئۆزىدۇر، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى ئاقلىمايمەن، دىسۇن

 باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى باھا بېرىلگەندە نېمە دېيىش توغرىسىدا

ئى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى سەۋەبلىك مېنى جاۋابكارلىققا تارتمىغىن، ئۇلار بىلمەيدىغان (خاتالىقلىرىم) نى مەغپىرەت قىلغىن، مېنى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە ئېرىشتۈرگىن

 ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغۇچىنىڭ قانداق تەلبىيە ئېيتىشى توغرىسىدا

ئى ئاللاھ! مەن چاقرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، مەن چاقرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر، شەكسىزكى، ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر

 ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، بەيتۇللاھنى تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ تاۋاپ قىلدى، ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەن ئۆزىدە بار نەرسە بىلەن ئىشارەت قىلىپ تەكبىر ئېيتاتتى

 رۇكنى يامانى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەد ئوتتۇرىسىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

 سافا-مەرۋىدە تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سافاغا يېقىنلاشقاندا بۇ ئايەتنى ئوقۇيتتىسافا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇرئاللاھ باشلىغان نەرسە بىلەن باشلايمەنسافانىڭ ئۈستىگە بەيتۇللاھ كۆرۈنگىدەك ھالەتتە چىقىپ، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنى يەككە-يېگانىلىقىنى تىلغا ئىلىپ، تەكبىر ئېيتتىئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدىئاندىن كىيىن دۇئا قىلدى ۋە بۇ تەسبىھنى ئۈچ قېتىم ئوقۇغان

سافا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر

ئاللاھ باشلىغان نەرسە بىلەن باشلايمەن

سافانىڭ ئۈستىگە بەيتۇللاھ كۆرۈنگىدەك ھالەتتە چىقىپ، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنى يەككە-يېگانىلىقىنى تىلغا ئىلىپ، تەكبىر ئېيتتى

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى

ئاندىن كىيىن دۇئا قىلدى ۋە بۇ تەسبىھنى ئۈچ قېتىم ئوقۇغان

ئاندىن مەرۋىدىمۇ سافادا قىلغاندەك پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ

 ئەرەفات كۈنى ئوقۇلىدىغان دۇئا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەندۇئانىڭ ياخشىسى ئەرەفە كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان ئەڭ ياخشى سۆز: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق، جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر،» دېگەن سۆزدۇر

دۇئانىڭ ياخشىسى ئەرەفە كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان ئەڭ ياخشى سۆز: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق، جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر،» دېگەن سۆزدۇر

 مەشئەرۇل ھەرامدا ئوقۇلىدىغان زىكىر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسۋائ دېگەن تۈگىگە مېنىپ مەشئەرۇل ھەرامگە كەلگىنىدە، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى، تەكبىر ئېيتتى، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇ ھالەتتە تاڭ يۇرۇغۇچە تۇردى، ئاندىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ يەردىن يۇرۇپ كەتتى

 شەيتانغا تاش ئاتقاندا ھەر بىر تاش بىلەن تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن ئازراق ئىلگىرلەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. ئۈچ شەيتاننىڭ ھەربىرىگە تاش ئاتقاندا تەكبىر ئەيتىدۇ

ئەمما چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندا ھەر بىر تاشنى تەكبىر بىلەن ئاتىدۇ، ئاندىن توختىماستىن ئۇ جايدىن ئايرىلىدۇ

 ئەجەبلىنەرلىك ۋە خۇشاللىنارلىق ئىشقا يولۇققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر

ئاللاھ كاتتىدۇر

 خۇش-خەۋەر يەتكەندە نېمە قىلىش توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، خۇشاللىنارلىق بىرەر ئىش يۈز بەرسە ياكى ئۇنىڭغا خەۋىرى كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن دەرھاللا سەجدە قىلاتتى

 بەدىنىدە بىرەر ئاغرىقنى ھېس قىلغاندا نېمە قىلىش توغرىسىدا

بەدىنىڭىزدىكى ئاغرىغان جايغا قولىڭىزنى قويۇپ تۇرۇپ: "بىسمىللاھ"نى ئۈچ قېتىم ئېيتىڭ ۋە مەن ھېس قىلىۋاتقان، ھەزەر ئەيلەۋاتقان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سىغىنىمەن، دېگەن سۆزلەرنى يەتتە قېتىم ئېيتىڭ

 باشقىلارغا كۆزى تېگىپ كېتىشتىن قورققان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا

سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشى ياكى ئۆزىدىن ياكى مېلىدىن تەئەججۈپلەندۈرىدىغان بىرەر ئەھۋالنى كۆرسە، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن. چۈنكى كۆز تېگىش ھەقتۇر

 چۈچۈگەندە نېمە دېيىش توغرىسىدا

ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىش كېرەك

 مال بوغۇزلىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (بوغۇزلايمەن)، ئاللاھ كاتتىدۇر. ئى ئاللاھ! (بوزلىنىۋاتقان نەرسە) سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھ! مەندىن بۇنى قوبۇل قىلغىن

 شەيتاننىڭ ھىلە-مىكىرلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئاللاھ ياراتقان، ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ۋە روياپقا چىقارغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن، ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن، زېمىندا مەۋجۇت بولغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن، كېچە - كۈندۈزنىڭ پىتنىسىدىن، ياخشىلىقتىن خالى ھەر قانداق ئىشىك قاققۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھنىڭ سالىھلارمۇ ۋە پاسىقلارمۇ ھالقىپ كېتەلمەيدىغان ئۇلۇغ سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سىغىنىمەن

 ئىستىغپار ۋە تەۋبە توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەنپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئى ئىنسانلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار، جەزمەنكى، مەن ئاللاھقا كۈنىگە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەنپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇكىمكى ئۇلۇغ ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ئۇ زاتقا تەۋبە قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھاياتتۇر، مۇتلەق ئىدارە قىلغۇچىدۇر"، دېسە ئۇ گەرچە جەڭ مەيدانىدىن قاچقان كىشى بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇپەرۋەردىگار بەندسىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت كېچىنىڭ ئاخىرىدۇر، شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكرى قىلغانلاردىن بولۇشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق بولغىنپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇبەندە پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت، سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. (سەجدىدە) كۆپ دۇئا قىلىڭلارپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇھەقىقەتەن بەزىدە مېنىڭ قەلبىمگىمۇ سەۋەنلىك يېتىپ قالىدۇ. جەزمەنكى، مەن كۈنىگە ئاللاھ تائالادىن يۈز قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن

ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ئى ئىنسانلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار، جەزمەنكى، مەن ئاللاھقا كۈنىگە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

كىمكى ئۇلۇغ ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ئۇ زاتقا تەۋبە قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھاياتتۇر، مۇتلەق ئىدارە قىلغۇچىدۇر"، دېسە ئۇ گەرچە جەڭ مەيدانىدىن قاچقان كىشى بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

پەرۋەردىگار بەندسىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت كېچىنىڭ ئاخىرىدۇر، شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكرى قىلغانلاردىن بولۇشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق بولغىن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

بەندە پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت، سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. (سەجدىدە) كۆپ دۇئا قىلىڭلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ھەقىقەتەن بەزىدە مېنىڭ قەلبىمگىمۇ سەۋەنلىك يېتىپ قالىدۇ. جەزمەنكى، مەن كۈنىگە ئاللاھ تائالادىن يۈز قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن

 سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىشنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنكىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېسە ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ يوققا چىقىرىلىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇكىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېسە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن تۆت قۇلنى ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم)تەرجىمىسى:ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن سۆزلەردۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇسىلەرنىڭ بىرىڭلار كۈنىگە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كىلەمدۇ؟ دېگەندەئۇنىڭ سورۇنداشلىرىنىڭ بىرى: بىر ئادەم قانداقمۇ ھەركۈنى مىڭ ياخشىلىق قىلالايدۇ؟! دەپ سورىۋىدىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىشى يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا ئۇنىڭغا مىڭ ياخشىلىق بېرىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ

كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېسە ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ يوققا چىقىرىلىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

كىمكى ئون قېتىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېسە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن تۆت قۇلنى ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم)تەرجىمىسى:ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن سۆزلەردۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

سىلەرنىڭ بىرىڭلار كۈنىگە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كىلەمدۇ؟ دېگەندە

ئۇنىڭ سورۇنداشلىرىنىڭ بىرى: بىر ئادەم قانداقمۇ ھەركۈنى مىڭ ياخشىلىق قىلالايدۇ؟! دەپ سورىۋىدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىشى يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا ئۇنىڭغا مىڭ ياخشىلىق بېرىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ

ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر تۈپ خورما دەرىخى تىكىلىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئى ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس! ساڭا جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بولغان بىر خەزىنىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېۋىدى، مەن: بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ! دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» (لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى)نى ئوقۇغىن»پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈك سۆز تۆتتۇر: (سۇبھانەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھى، ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋەللاھۇ ئەكبەر) ئۇلارنىڭ قايسىسىنى بۇرۇن دېسىڭىز بولاۋىرىدۇ

ئى ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس! ساڭا جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بولغان بىر خەزىنىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېۋىدى، مەن: بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ! دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» (لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى)نى ئوقۇغىن»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ

ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈك سۆز تۆتتۇر: (سۇبھانەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھى، ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋەللاھۇ ئەكبەر) ئۇلارنىڭ قايسىسىنى بۇرۇن دېسىڭىز بولاۋىرىدۇ

بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ماڭا بىر سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، دېگەنلەرنى ئوقۇغىن دېگەندە، ئۇ كىشى: بۇلار رەببىم ئۈچۈندۇر، ئۆزەم ئۇچۈنچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن دېگىن، دېدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىم مۇسۇلمان بولسا ناماز ئوقۇشنى تەلىم بېرەتتى، ئاندىن بۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيتتىئى ئاللاھ! مەن ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ماڭا رىزىق بەرگىن

ئى ئاللاھ! مەن ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ماڭا رىزىق بەرگىن

شەكسىزكى، دۇئانىڭ ئەۋزىلى (ئەلھەمدۇ لىللاھ)، زىكرىنىڭ ئەۋزىلى (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)دۇر

ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تەسبىھ ئېيتقانلىقى توغرىسىدا

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسبىھ "يەنى سۇبھانەللاھ" ئېيتقاندا ئوڭ قولى بىلەن ساناۋاتقانلىقىنى كۆردۈمئوڭ قولى بىلەن

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسبىھ "يەنى سۇبھانەللاھ" ئېيتقاندا ئوڭ قولى بىلەن ساناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم

ئوڭ قولى بىلەن

 ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنكەچ كىرگەندە كىچىك بالىلىرىڭلارنى تاشقىرىغا چىقىشتىن چەكلەڭلار. چۈنكى بۇ چاغدا شەيتانلار تارىلىدۇ، كەچنىڭ بىر قىسمى ئۆتۈپ بولغاندا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىكىڭلارنى تاقاڭلار. چۈنكى شەيتان تاقالغان ئىشىكنى ئاچالمايدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ تۇلۇمۇڭلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قۇيۇڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قاچا-قاچىلىرىڭلارنىڭ ئۇستىنى يۆگەپ قۇيۇڭلار. ھېچ بولمىغاندا بىرەر نەرسە بىلەن بولسىمۇ يېپىپ قۇيۇڭلار ۋە چىراغلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈڭلار

كەچ كىرگەندە كىچىك بالىلىرىڭلارنى تاشقىرىغا چىقىشتىن چەكلەڭلار. چۈنكى بۇ چاغدا شەيتانلار تارىلىدۇ، كەچنىڭ بىر قىسمى ئۆتۈپ بولغاندا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىكىڭلارنى تاقاڭلار. چۈنكى شەيتان تاقالغان ئىشىكنى ئاچالمايدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ تۇلۇمۇڭلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قۇيۇڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قاچا-قاچىلىرىڭلارنىڭ ئۇستىنى يۆگەپ قۇيۇڭلار. ھېچ بولمىغاندا بىرەر نەرسە بىلەن بولسىمۇ يېپىپ قۇيۇڭلار ۋە چىراغلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈڭلار

ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە، ئائىلە - تاۋاباتلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارگە ساداقەت بىلەن قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە ئامانلىق تىلەيمىز ۋە سالام يوللايمىز