ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى ()

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

 

بۇرنۇمنى گۈزەللەشتۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرماقچى ئىدىم، بۇنداق قىلىش ھاراممۇ؟ بۇ سەۋەبلىك ئىچىم بەك پۇشۇق، ئوپراتسىيە قىلدۇرمىسام بەلكى كىلىچەك ھاياتىمغا تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن. دوختۇرلارمۇ ئوپراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى دەيدۇ؟.

|

 ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى

حكم عمليات التجميل

مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

المترجم: سيف الدين أبو عبد العزيز

 ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال:

بۇرنۇمنى گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرماقچى ئىدىم، بۇنداق قىلىش ھاراممۇ؟ بۇ سەۋەبلىك ئىچىم بەك پۇشۇق، ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسام بەلكى كېلىچەك ھاياتىمغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. دوختۇرلارمۇ ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى دەيدۇ؟.

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: زۆرۈر بولغان ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى. بۇ ئىنسان جىسىمدىكى مەلۇم ئەيىبلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ، بۇ كېسەللىك ياكى قاتناش ھادىسىسى، كۆيۈك سەۋەبلىك، پۇت قولنىڭ بارماقلىرى ئارتۇق تۇغۇلغان بولسا، مەزكۇر بارماقنى كېسىۋېتىش ياكى قوش بارماقنى ئاجرىتىشقا ئوخشاش ئىنساننىڭ گۈزەللىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىبلەرنى  يوق قىلىشتىن ئىبارەت.

بۇ تۈردىكى ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسىنى قىلدۇرۇشتا، ئەيىب ئىگىسى ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلمىغاندا بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيىنى قىلىش جايىزدۇر. بۇ سۆزىمىزنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەرمۇ بايان قىلىنغان.

«ئەرپەجە ئىبنى ئەسئەدنىڭ بۇرنى، جاھىلىيەت دەۋرىدە يۈز بەرگەن بىر ئۇرۇشتا جاراھەتلەنگەن بولۇپ، كۈمۈش بۇرۇن سالدۇرغاندا بۇرنى ئۆزىگە سېسىق پۇرايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بۇيرىغان» بۇ ھەدىسنى تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇلغەلىل" ناملىق ئەسىرىنىڭ 824-نومۇرلۇق ھەدىستە ياخشى ھەدىس دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، قىشىنى تەردۈرگەن ۋە تىرىپ قويغان، تېخىمۇ گۈزەل بولىمەن دەپ ساق چىشلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئاچقۇزغان ئاياللارغا لەنەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم دەپ رىۋايەت قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىمام نەۋەۋىي يۇقىرىقى ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «تېخىمۇ گۈزەل بولىمەن دەپ ساق چىشلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئاچقۇزغان ئاياللارغا لەنەت» دېگەن سۆزى، گۈزەللىكنى مەقسەت قىلىپ قىلغانلارغا قىلىنغان لەنەتتۇر. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ياكى چىشلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىك دەپ قارالغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر".

ئىككىنچى: چىرايلىق بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش بولۇپ، چوڭ بۇرۇننى كىچىك قىلىش، كۆكسىنى چوڭايتىش ياكى كىچىكلەشتۇرۇش، قورۇق يوقۇتۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوپېراتسىيىلەردىن ئىبارەت.

بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيىنى قىلىش مەلۇم زۆرۈرىيەت ياكى ھاجەتتىن بولماستىن، بەلكى ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەس شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلى بىلەن ئويناشقانلىقى ياكى مەڭسىتمىگەنلىكى بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىش توغرا ئەمەس ۋە شەرىئەتتە ھارام دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن. شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ» سۈرە نىسا 117-118-119ئايەتلەر.

دېمەك؛ شەيتان بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. ( بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىراق بىلىشنى ئىستىگەنلەر مۇھەممەد مۇختار شەنقىيتىنىڭ "تىببى ئوپېراتسىيىگە ئائىت ئەھكاملار" ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلسۇن).

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىيندىن ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆگۈنۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:

ھۆسن تۈزەش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: مەلۇم ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەيىبلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇرۇشتا بۇرنى كېسىلگەن ئادەمنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بۇيرىغان.

ئىككىنچى: مەلۇم ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەيىبلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى گۈزەللىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ بۇنداق قىلىش ھارامدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىسىمدىكى مەلۇم ئەيىبلەرنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، قىشىنى تەردۈرگەن ۋە تىرىپ قويغان، چىشلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئاچقۇزغان، چاچ سالدۇرغان ۋە سىلىپ قويغان، بەدەنلىرىگە ھەر خىل رەسىم، خەت ۋە مەڭ چەكتۈرگەن ۋە چېكىپ قويغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.

ئەمما ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى ئۈگۈنۈش، پاكۇلتىتىنىڭ دەرس پروگراممىسىدا بولىدىكەن، بۇنى ئۈگۈنۈشنىڭ زېيىنى يوق. لېكىن باشقىلار تەلەپ قىلغاندا، بۇ بىلىمنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بەلكى ئوپېراتسىيىنى تەلەپ قىلغان كىشىگە نەسىھەت قىلىپ، بۇ تەلىپىدىن ياندۇرۇشى لازىم. چۈنكى كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا دوختۇرنىڭ نەسىھىتى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان جىسمىدا ئەيىب- ياكى كۆرۈمسىزلىك بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، بۇ ئەيىبنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا بولىدۇ. ئەمما گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.

ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.