بارات كېچىسى، يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنى ھەققىدە ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرى ()

نىزامىددىن تەمكىنى

«بارات كېچىسى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالە بىدئەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن بۇ ئايدا يۇز بېرىدىغان بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەت پائالىيەتلەرگە قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «بارات كېچىسى» توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە چۇشەنچە بىرىدۇ.

|

 بارات كېچىسى، يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنى ھەققىدە ئىسلامنىڭ بەلگىلىمىلىرى

 البدع في شعبان

  

خەلقىمىز ئارىسىدا بارات ئېيى، بارات كېچىسى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى توغرىسىدا ھەرخىل تالاش ـ تارتىشلار بولۇپ، بۇ تالاش ـ تارتىشلار ۋە شەئبان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، شەرىئەت كۆرسەتكەن ئەمەل- ئىبادەتلەر، شۇنىڭدەك بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەتلەرگە قىسقىچە ئىشارە قىلىپ ئۆتمەكچىمىز:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىدىكى ئەمەللىرى توۋەندىكىچە:

ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

ـ ئىي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ رۇزا تۇتقانلىقىڭنى كۆرمىگەن ئىدىم ـ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

"- بۇ رامىزان بىلەن رەجەب ئېيى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل بولۇپ قالىدىغان بىر ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا كۆتۈرىلىدۇ، مەن ئەمەلىمنىڭ رۇزىدار چېغىمدا ئاللاھقا كۆتۈرىلىشىنى ياخشى كۆرىمەن"  -  بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ رۇزا تۇتمايتتى. شەئباندا تولۇق دېگۈدەك رۇزا تۇتاتتى." – بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.

دېمەك؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنى ياخشى، سالىھ ئەمەللەر، بولۇپمۇ رۇزا بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. يۇقىرىدىكى روشەن ھەدىسلەر مەۋجۇد ئىكەن ئارتۇق ئىزاھنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى كىچىسىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئاللاھ تائالا شەئبان ئېيى يېرىملاشقان كۈنى كېچىسى بەندىلىرىگە كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇشرىك، ئاداۋەتخور- ھەسەتخورلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ." – بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي 1144- رەقەم بىلەن خاتىرلەپ، ئۇنى سەھىھ دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ھەدىسنى ئۆلىمالار تۆۋەندىكىچە ئىزاھلايدۇ: يەنى بۇ كېچىدە ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن ھاجىتىنى تىلەشنىڭ ئورنىغا مەخلۇقلاردىن ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بىرىشنى ياكى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا ۋاستىلىك رول ئويناپ بىرىشىنى سورىغان، مەخلۇقلارنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئارتۇق كۆرگەن، قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن بەلگۈلىمىلەرنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنىڭغا مەسخىرە ئارىلاشتۇرغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىمات ۋە يوليۇرۇقلىرىغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئۇنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا بۇ كېچىدە

مەغپىرەت قىلمايدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا قەلبىگە ھەسەت ۋە ئاداۋەت ئاتەشلىرى ھۆكۈمران بولىۋالغان، ھاكاۋۇرلۇق ئازگاللىرىدىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كۈندىكى مەغپىرەتتىن نەسىۋە ئالالمايدىغانلىقىغا ئىشارە بىرىلىدۇ.

مۇلاھىزە: ئەمما سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى مەرھۇم ئىبن باز بۇ كېچە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاھىدە پەرقى يوق. بۇ خۇسۇستا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ رىۋايىتىنىڭ مەنبەسى ئاجىز ياكى مەسىلە بار... ئىبن باز يۇقىرىدىكى ھەدىسنىمۇ ئاجىز دەپ قارايدۇ.

شەئبان ئېيىدا كۆپ يۈز بىرىدىغان بىدئەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە:

شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى كېچىسىنى نۇرغۇن كىشىلەر بارات كېچىسى دەپ ئاتىشىدۇ ۋە بۇ كېچىدە ئىبادەت نامى بىلەن نۇرغۇن بىدئەت ئەمەللەرنى قىلىشىدۇ. بىز بۇ ئەمەللەرنى قىسقىچە ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز (ئىزاھات: بۇ بىدئەت دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشلار ياكى ئەمەللەر مۆتىۋەر ئىسلام فەقىھلىرىنىڭ قاراشلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، قۇرئان ياكى ھەدىستە ھېچقانداق ئاساسقا ئېگە ئەمەس دەپ قارالغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ):

- بارات كېچىسى- بارات نامىزى دەپ، مەخسۇس بۇ كېچىدە يۈز رەكئەت ناماز ئوقۇش.

- كىشىلەردىن بىھاجەت بولىدۇ، بالا- قازادىن يىراق تۇرىدۇ ۋە ئۆمۈر ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش.

- بارات كېچىسى دۇئاسى دەپ، بۇ كېچىگە ئاتاپ دۇئا قىلىش.

- بۇ كېچىنى شىبى قەدىر كېچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىش.

- مەشھۇر مازارلارغا بىرىپ ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى تىلەش.

-  بۇ كېچىدە، ئۆلگەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ تاماق ۋە قۇيماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ قەبرىستاننى زىيارەت قىلىش.

- شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنى روزا تۇتۇش.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خەلقىمىز ئارىسىدا شەئبان ئېيى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ بەزى ئىجتىھادلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بىدئەتلەر ئاساسىي ئۇرۇننى ئىگەللىگەن. مەسىلەن يۇقىرىدا بىدئەت دەپ سانالغان ئەمەللەرنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن ساناش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلەر يۇقىرىدىكى ھەدىسنى سەھىھ ھەدىس دەپ قاراپ، ئاللاھ تائالا بۇ مۇبارەك كېچىدە ھەممە گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغانكەن، نېمىشقا گۇناھلارنى قانغۇدەك قىلىۋېلىپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى كۆتمەيمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش كۇپرانە خىياللارنى قىلىپ، ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. يەنە ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ قاپاق كۆيدۈرۈش قاتارلىق باشقا دىنلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ئەگىشىپ كىتىشىدىن بارلىق كۈچى بىلەن توسۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئىسلام ھېچقاچان ۋە ھېچقانداق يەردە قەستەن گۇناھ سادىر قىلىش، جىنايەت ۋە ئاسىيلىققا يول قويمايدۇ ۋە قويمىغان. شۇڭا بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىنى ئۆز خىيالىي قاراشلىرىمىز بويىچە سۈيئىستىمال قىلماسلىقىمىز، ھالاكەت يولىغا مېڭىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. جانابىي ئاللاھدىن بىزنى بۇ خىل پالاكەتلەردىن ساقلىشى ئۈچۈن كۆپلەپ پاناھلىق تىلەيلى! ئىي ئاللاھ! بىزنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىغىن!

بىزنىڭ بۇ ئايدا قىلىدىغان ئىبادەتلەر ھەققىدىكى تەۋسىيىمىز:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش كۆپ رۇزا تۇتۇش، قۇرئان ئۇقۇش، كۆپلەپ ياخشى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى چىنىقتۇرۇپ رامىزان ئېيىنى قىزغىن كەيپىيات ۋە رۆھلۇك ھالەتتە كۈتۈۋىلىشقا تەييارلىق قىلىش، ئەمما بارات كېچىسى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى دېگەنگە ئوخشاش كۈنلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شەرىئەت بەلگۈلىمىلىرىدە ھېچ ئاساسىي بولمىغان ئىبادەتلەر بىلەن شوغۇللانماي، بۇ ئاي ۋە باشقا ئايلارنىڭ ئىمكان يار بەرگەن كۈن ۋە ۋاقىتلىرىدا ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىش. بىدئەت ئەمەللەر ئىنساننى ئاللاھدىن يېراقلاشتۇرۇپلا قالماستىن ھاياتلىق دۇنياسىدىمۇ ھېچ قاچان ئۇ  ئىنسان ئۆزىنى راھەت ھېس قىلالمايدۇ. بارات كېچىسىنى ئىبادەتكە خاسلاشتۇرۇش، بىدئەت بولۇپ ساۋاپ بولماستىن بەلكى گۇناھ ئوتكۇزگەنلىك بولىدۇ.بەلكىم بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ، ئۇ كېچىدە نامازۋە قۇرئان ئوقۇلسىمۇ گۇناھكار بولامدۇ؟! دىگەندەك سوئاللار زېھنىڭىزدىن كەچسە كىرەك، بۇ ھەقتە سىزگە قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن جاۋاپ بىرىمىز. بىدئەتكە ئەگەشكەنلىك ۋە ئۇنى تارىتىش...قاتارلىقلار، ھەقىقەتتىن يۆز ئۆرىگەنلىك بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز». ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ. اﷲ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن». ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنى ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر» تاھا سۈرىسى 124-ئايەتتىن 127- ئايەتكىچە.

بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىراقى ئاللاھنىڭ كالامى، ئىنئاملارنىڭ ياخشىراقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى، ئەمەللەرنىڭ يامانراقى دىنغا يېڭى بىر نەرسىنى قوشۇش، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم! يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىبادەت ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن قەيت قىلىنغان ۋاقىت ۋە  ماكاندىن باشقا، ۋاقىت ۋە ماكاننى ئىبادەت نېيىتى بىلەن خاسلاشتۇرۇشىمىز ئىبادەت ئەمەس بەلكى ئۇ ئەمەل سەۋەبى بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ قالىدىغان ئامىللاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى تارازە بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆلچەپ كۆرەيلى.

ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشىدا ئىككى شەرت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1-   ئىبادەتتە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش.

2-   ئىبادەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولۇش.

قېنى قىرىندىشىم! ئېيتىپ بىقىڭچۇ؟ سىز ئۆزىڭىنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟

خۇلاسە: بىدئەت، شەرىئەتتە ئاساسى يوق، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر تۇركۇم قىرىنداشلىرىمىزكۈز قارىشىدا ئىبادەت سانىلىپ كىلىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ  كۆپ قىسمى سوپىزىم تەرىقىسىدىكى قىرىنداشلىرىمىزدا بىراز ئېغىر ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونىشى  ئازغۇن يولدىن قايتىپ ئاللاھغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن ھېدايەت نۇرىنى يورۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ۋە ئۈلۈغ ئاللاھدىن ئۇلارنى ھېدايەت قىلىشىنى سورايمىز. ئى ئاللاھ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، شېرىكتىن خالى سۈننەتكە ئۇيغۇن ساپ ئەقىدە بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتقىن.