تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ()

پەزىلەتلىك شەيخ پەھەد ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇمەيد

تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!
تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى

|

 تەۋبە قىلغۇچىلار  باغچىسى

جنان التائبين

المؤلف: فهد بن عبدالرحمن الحميد


 تەرجىماندىن

مۆھتەرەم مۇسۇلمان، ھۆرمەتلىك كىتابخان!

قولۇڭلاردىكى بۇ كىتابچىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەسلى نۇسخىسى شەرەپلىك شەھەر مەككىدىكى ھەج مەزگىلىدە ھەدىيە سۈپىتىدە تارقىتىلغان بولۇپ، كىتابچىنىڭ تاش ۋارىقىغا «تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى» (جنان التائبين) دېگەن ئىسم ئۇنىڭ ئاستىغا بىر پارچە رەڭلىك سۈرەت بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتتىكى نۇرلۇق قۇياش، زەڭگەر ئاسمان، زۇمرەت ئۆستەڭ، ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يۇمران كۆكاتلىق، خىلمۇخىل گۈل – گىياھلار پايانسىز يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، سۈرەتكە قارىغان كىشىنىڭ قارىغانسىرى قارىغىسى كېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا، ئاللاھنىڭ جەننىتى بۇنىڭدىنمۇ تۈمەن ھەسسە گۈزەلدۇر – ھە، دېگەن خىيالغا كېلەتتى.

كىتابچىدە نەقىل قىلىنغان قىسسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئىلىم دۇنياسىدىكى داڭلىق ئالىملاردىن رىۋايەت قىلىنغان، مۆتىۋەر كىتابلاردىن ئېلىنغان بولۇپ ۋەقەلىكىنىڭ ئەينەنلىكى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى بىلەن دىققىتىمىزنى چەكتى. ھەر بىر قىسسىىنىڭ مۇئەييەن تەرىپىدىن ئۆزىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكى ئاللىكىملەرنى كۆرگەندەك بولۇپ چۆچىدۇق.

گۇناھ پاتقىقىغا كەينى – كەينىدىن پېتىپ، شۇ گۇناھلارنى قىلغاندا خىجىل بولمىغان بىلەن، گۇناھىمىزنى ئەسلىسەك، ئەسلىتىلسەك خىجىل بولىدىغان بىزدەك بەندىلىرى ئۈچۈن، جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا تەۋبىدىن ئىبارەت بۇ قۇتۇلۇش يولىنى رەھمەت سۈپىتىدە قالدۇرغان ئىكەن، بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولساق، جانابى ئاللاھنىڭ « ئەلغاففار » (مەغپىرەت قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى) دېگەن ئۇلۇغ ئىسمىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ قالىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى تەۋبە قىلغۇچىلار، پاكلانغۇچىلار قاتارىدىن قىلسۇن، (ئامىن!)

خۇددى ئوخشىغان تاماقنى خوشنىمىزغا سۇنغان كەبى، بۇ كىتابچىنى دەرھال تەرجىمە قىلىپ، سىلەرگە ئازدۇر – كۆپتۇر مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە سۇندۇق.

تەرجىمىدە، گەرچە بىر قىسىم ئەرەبچە سۆز – ئىبارىلەر ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر ساھە، ھەر ياشتىكى ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ سۆز – ئىبارىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق. شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجابىي قاراشتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمىدە ئۇقۇم ۋە تىل جەھەتتىن خاتا كەتكەن، چۈشۈرۈپ قويغان، زىيادە قىلىپ تاشلىغان جايلىرىمىز بولسا پېقىر، كەمىنە – كەمتەرىن، ئىلمى ناقىس، قەلىمى گال، تەجىربىسى چولتا بالا تەرجىمان قەلىمى توختىمىغان، چىكىت قويۇلمىغان، سىياھ قۇرىمىغان، سول مۈرىمىزدىكى پەرىشتە بۇ گۇناھنى يېزىپ ئۈلگۈرمىگەن مۇشۇ پەيىتنىڭ ئۆزىدە، جانابى ھەقتىن بۇ بۈيۈك گۇناھىمىزنى رەھمەت سەترىلىرى بىلەن يېپىشىنى، بىزنى ئۇلۇغ كۈن (قىيامەت) دە، بۇ گۇناھىمىز ئۈستىدە سوئال – سوراققا تارتماسلىقىنى بەدىنىمىزدىكى ئەڭ شەرەپلىك ئەزا يۈزىمىزنى تۇپراققا قويۇپ (سەجدىدە) تۇرۇپ تىلەيمىز.

بۇ كىتاپچىنىڭ قەلىمىمىزدىن ئۇيغۇرچە زۇۋانغا كىرگەن بۇ ۋەقەلىكتىن ئىبرەت ئالغان، قەلبى تىترىگەن ئۇيغۇر تىللىق ئىمان ئەھلىنىڭ چاڭقىغان دىلىنىڭ تەۋبە شەربىتى ئىچىپ، ھىدايەت نۇرىنى قايتىدىن تېپىپ، دۇنيالىق بەختنىڭ تەمىنى تېتىپ، جەننەت ۋىسالىغا يېتىپ ئىككى دۇنيالىق مۇرادىغا مۇيەسسەر بولۇشىغا تۈرۈتكە بولۇپ قېلىشىنى، بۇ ئازغىنا ئەمگىكىمىزنى نىيىتىمىزگە يارىشا، ئۈزۈلمەس سەدىقە (سەدىقە جارى) قىلىپ بېرىشىنى قەلىبلەر ئىلكىدە بولغان ئاللاھتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

چۈنكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) «ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلغىنى، سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ[] ياخشىدۇر »[] دېگەن ئەمەسمۇ! 

                       - ئا. ئابدۇراھمان خاقانى

ھىجرىيە 1428 – يىلى رەبىئۇل ئەۋۋالنىڭ 15 – كۈنى.

مىلادى 2007 – يىلى 3- ئاينىڭ 20 – كۈنى.


 كۈل بولۇپ كېتەي

ھەممىمىز خاتالىشىمىز، گۇناھ ئۆتكۈزىمىز، ئەمما ئاللاھ تائالا بىزگە مۆھلەت بېرىپ جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا تەۋبە قىلغۇچىلار ۋە پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇ سەۋەب، ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ئۆزىنى تارتىپ توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈن تەۋبىدىن ئىبارەت بۇ يولنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ – كىچىك خاتالىق ۋە گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇ زاتقا ئەزەلدىن – ئەبەتكىچە، ئاشكارا ۋە مەخپىي ماختاش (ھەمىد) لار بولسۇن.

بۇ ھەقتە، «سەھىھۇلبۇخارى» دا كەلتۈرۈلگەن مۇنداق بىر قىسسىنى مىسال ئېلىش مۇمكىن:

ئىسرائىل ئەۋلادى[]دىن بولغان بىر كىشى، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلانماي، ئۆز نەپسىگە كۆپ زۇلۇم قىلىپ، قاتىللىق، پاھىشۋازلىق، ئوغرى – يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، يالغان گۇۋاھچىلىقتەك پۈتكۈل ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ھەددىدىن ئاشقان.

ئەمما ئۇ ئاللاھ تائالانى بىر دەپ بىلىپ، ئۇ زاتقا ھېچقانداق نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمىگەنىكەن.

بۇ كىشىگە ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمىگەن، مال – مۈلۈك، بالا – چاقا، ئەمەل – مەنسەپ، شان – شەرەپ، ئابرۇي – ئاتاقمۇ ئەسقاتمايدىغان شۇنداق بىر پەيت يەنى، ئۆلۈم سەكراتى يېقىنلىشىۋاتقاندا، بالىلىرىنى يىغىپ، ئۇلاردىن سورىدى:

- سىلەرگە قانداق دادا بولدۇم؟

- ئەڭ ياخشى دادا بولدىڭىز – دەپ جاۋاب بېرىشتى بالىلىرى.

دادىسى دېدىكى، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەن « بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە ياراتقۇچى يوقتۇر. » دەپ گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا ھېچقانداق بىر ياخشىلىق قىلىپ باققىنىم يوق. مەن ئۆلسەم، شۇنداق بىر ئۇلۇغ ئوت يېقىپ مېنى تاشلاڭلار، جىسمىم كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسۇن. ئاندىن قۇتىغا ئېلىپ كۈلۈمنى كۆككە سورىۋېتىڭلار...

ئۇ كىشى قازا تاپقاندا، ئۇنىڭ ۋەسيىتى بويىچە، گۈلخانغا تاشلاندى، كۈلى كۆككە سورۇلدى. جەسەت كۈلى شامالدا تاغ چوققىلىرىغا، دەرەخ باشلىرىغا، ئويمان- دالىلارغا، دەريا – ئۆستەڭلەرگە چېچىلدى. ئەمما، ئەھۋال شۇكى، ئۇنى دەسلىپىدە ياراتقان زات يىغىدۇ.

جانابىي ھەق ئۇنىڭغا «بول» دېدى، تەن ئەسلىگە قايتتى.

سورىدى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ھەي بەندەم، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ سەن مېنىڭ ئەيىپلەرنى ياپقۇچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەنمىدىڭ!؟

ئى، پەرۋەردىگارىم، سەندىن قورقتۇم، گۇناھلىرىمدىن قورقتۇم - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

بۇ پەيىتتە جانابىي ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ: ھەي، مەلائىكلىرىم، سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، شەك – شۈبھىسىزكى، مەن بۇ بەندەمنى مەغپىرەت قىلدىم. ئۇنى جەننەتكە نائىل قىلدىم.

«بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوق» ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە نەقەدەر رەھمىدىل! نەقەدەر مەرھەمەتچىل! نەقەدەر كەڭ قورساق – ھە!

]كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ ئاندىن ئاللاھتىن مەغفىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغفىرەت قىلغۇچى ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.[ (‹نىسا› سۈرىسى، 110- ئايەت)


 قويۇپ بېرىڭ چىقىپ كېتەي

ئۇ ئۆزىنى پەقەت يۈز دىنارنى ساق ئېلىپ كەلگەنلەرگىلا تاپشۇرىدىغان ئىنتايىن گۈزەل ۋە جەلىپكار بىر پاھىشە ئايال. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئايال بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بۇ يەردە ئاللاھ ئىبادىتى بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغان، شۇ نەپسىگىچە، ياراتقۇچىسىغا ھېچ بىر ئاسىيلىق قىلىپ باقمىغان بىر ئىبادەتگۇي بەندە ئۇ ئايالغا قاراپ ھەيرانە- ھەسلىككە چۈمىدۇ، شەيتان قاپقىنىغا چۈشىدۈ.

 «دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن قورقۇڭلار.» دېگەن مۇبارەك سۆزنى قىلغان ئاللاھنىڭ رەسۇلى (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ھەقىقەتەنمۇ راست سۆزلىگۈچىدۇر.

ھېلىقى ئىبادەتگۇي (ئابىد) نىڭ گېپىگە قايتساق، ئۇ يولىدىن تېيىلىدۇ. ئايالدىن ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈز دىنارلىق بۇ ئايال قورۇق قول كەلگەن بۇ كىشىنى رەت قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ئارتۇق پۇلى تۇرماق، جېنىنى ئاران جان ئىتىپ كېتىۋاتقان بۇ ئابىد يۈز دىنار كويىدا ئىبادەتخانىنى تاشلاپ، ئۆزىنى رىيازەت كوچىسىغا باشلاپ، مىڭ بىر جاپا – مۇشۇقەتتە يۈز دىنارنى يانچۇققا توملاپ، پاھىشە ئايالنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى ئالدىدا ئىشىك چېكىدۇ. ئايالغا تونۇشلۇق بېرىپ، يۈز دىنارنى ساق ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلەن سۆز تېشىدۇ. ئايال ئۇنى قەسىرىگە باشلاپ ئالتۇن يالىتىپ تولىمۇ كۆركەم زىننەتلەنگەن كارۋىتىغا جىلۋە بىلەن تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ كىشى ئولتۇرۇپ قالسا بولىدۇ.

«ئەجابا، سىز بىلەن چوقۇم بىرگە بولىمەن دەۋاتمامتىىڭىز!؟ ئەمدى، ئولتۇرۇپ قالدىڭىزغۇ؟» سورايدۇ، ئايال.

ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا ئەززە ۋە جەلنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغانلىقىم خىيالىمدىن كېچىۋىدى. تىنىم جېنىمنى كۆتۈرەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم. دېگەن جاۋابنى بېرىۋىدى. ئۇ ئايالنىڭ ھەم قەلبى تىترەپ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، قورقۇپ كېتىدۇ ۋە «مەن بىلەن توي قىلماي تۇرۇپ بۇ ئۆيدىن چىقمايسىز.» دەپ تۇرىۋالدى.

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز بىلەن توي قىلمايمەن. بۇ دىنارلارنى ئېلىڭ، مېنى قويۇپ بېرىڭ، مەن چىقىۋالاي.» دەپ يالۋۇرىدۇ، ئبادەتكار.

ئەمما ئايال ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش تەلىپىدە يەنىلا چىڭ تۇرىۋالدى.

ئۇ كىشى زىنا ئۈچۈن پول تاپىمەن دەپ، ئىبادەتنى تەرك ئېتىپ، گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ يۈرگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، بۇ پاھىشە ئايالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مېنىڭ يۇرتۇم پالانى يەردە، ئەگەر سىز تەۋبە قىلغان ھالەتتە كەلسىڭىز، سىز بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن- دەپ ئۇ ئايالدىن يىراقلاشتى.

خۇددى مۇشۇ قىسسىدە بايان قىلىنغاندەك، بۈگۈنىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلماقتا. ئۇلار پۇل توپلاپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بۇزۇقچىلىققا ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلىرىگە بېرىشىدۇ...

ئاندىن ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك قايتىپ كېلىشىدۇ. گويا ھەممىدىن ئىززەتلىك، ئۈستۈن، پاك ۋە بارلىق ھەمدۇسانا ماختاشلار ئۆزگە خاس بولغان يۈكسەك كۈچ قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىدىن باشقا شەھەرلەردە كۈزىتىپ تۇرمايدىغاندەك.

ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!

ئەلقىسسە، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئايالنى پاھىشىنىڭ قەبىھلىكى چۆچۈتىدۇ، ئەشەددىي گۇناھتا ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىچ- باغرىنى ئۆرتەيدۇ.

بۇ پاھىشە ئايال ئاخىرى ياراتقۇچىسىغا قايتىپ، ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىدۇ. ۋە بۇ تەۋبىگە سەۋەب بولغان كىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ تاپىدۇ.

ئايال ئۇ ئىبادەتگۇينىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ. ئىشىڭ تۈۋىدە تۇرغان پاھىشىنى كۆرگەن كىشى ھېلىقى چاغنى ئەسلەپ ئۆزىنى يوقىتىدۇ - دە، دەھشەتلىك بىر پەرياد ئۇرۇپ جان تەسلىم قىلىدۇ.

ئۇ ئايال بۇ ئىشتىن كېيىن، قاتتىق قايغۇرىدۇ. بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەت – مۇھەببەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىرەر تۇغقىنى بىلەن بولسىمۇ توي قىلىمەن دېگەن نېيەتكە كىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھېلىقى ئىبادەتگۇي سالىھ (توغرا يول تۇتقۇچى) كىشىنىڭ ئاق كۆڭۈل، تەقۋا بىر كەمبەغەل قېرىندىشى بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.

پەرۋەردىگارى ئالەم (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى) نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇرۇغىدىن يەتتە نەپەر دىندار، ئىبادەتكار، ئىتائەتمەن، تەقۋادار پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر! تەۋبە نېمە دېگەن ئۇلۇغ! تۆۋبە قىلغۇچلاغا قىلىنغان شاپائەت نېمە دېگەن كاتتا – ھە! قېنى كىم تەۋبە قىلغۇچى بولالايدۇ؟!

بۇ قىسسە ئىبنى قۇدامەنىڭ «تەۋبە قىلغۇچىلار» (ئەتتاۋۋابىن) دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان.


 ئۇ قاچقۇچى، ئاللاھ يولىغا قايتقۇچى ئايال

مەن بۇ قىسسىلەرنى پەقەت ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈنلا بايان قىلىۋاتمەن.

]ئۇلارنىڭ قىسسىسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ.[ (‹يۇسۇف› سۈرىسى، 111- ئايەت)

رەبىئ ئىبنى خەسىيم ئىسىملىك ئوتتۇز ياشلاردىكى بىر ياش بولۇپ، ئۇ بوي – بەستى كېلىشكەن، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەستۇ – ھەۋىسى قوزغالغىدەك يىگىت ئىدى.

ئەمما ئۇنىڭدىكى ياشلىق ئىشقى پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ مۇبارەك سۆزلىرىگە باغلانغان ئىشىق ئىدى.

رەبىئۇنىڭ شەھرىدە باشقىلارنى يولدىن چىقرىش ئۈچۈن بەدپىلان تۈزۈپ يۈرۈيدىغان بىر ئۇچۇم بەدئەخلاق، ئىپلاس، پاسىقلار بولۇپ ئۇ ناكەسلەر مەخسۇس خوتۇن – قىزلارنى، ياش – ئۆسمۈرلەرنى، قېرى – چۈرى، ئاجىز – ماجىزلارنى جان – جەھلى بىلەن ئاللاھ يولىدىن قايتۇرۇپ دوزاخقا يېتەكلەش بىلەن بەنت ئىدى.

شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش ئارتۇق ئەمەسكى، بۇنداق نائەھلىلەر رەبىئۇنىڭ يۇرتىدىلا ئەمەس ھەممەيلەننىڭ ئەتراپىدا بار.

تەنبىھ ، (ئاگاھلاندۇرىمىزنكى) كىمىكى ئۇلارغا ئەگىشىدىكەن، ئالدىدا پەقەت يېنىپ تۇرغان ئوتلا باردۇر.

ئۇلار رەبىئۇنى بۇزۇش مەقسىتىدە، تىلىنى بىر قىلىپ، بىر ساھىبجامالنى مىڭ دىنارغا سېتىۋىلىپ، ئۇ خوتۇندىن رەبىئۇنى بىر سۆيۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ خوتۇن ئېيتىدۇكى، « ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى مەن بىلەن زىنامۇ قىلىدۇ.»

دەرۋەقە، ئۇ بىر خىلۋەتتە، رەبىئۇغا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭغا نازۇ – كەرەشمە قىلىدۇ.

بۇنى كۆرگەن رەبئۇ: «ھەي، ئاللاھنىڭ قۇلى، ئۆلۈم پەرىشتىسى شۇنداقلا چۈشۈپ جان تومورۇڭنى كېسىپ تاشلىسا، ھالىڭ نە بولۇر!؟ مۇنكەر، نەكىر سوراق قىلغاندا، نېمىمۇ دەرسەن!؟ رەببىڭدەك كاتتا زات، پەرۋەردىگارى ئالەمگە يۈزلىنش پەيتىدە، نېمە كۈن كۆرەرسەن!؟ تەۋبە قىلمىساڭ، گۇناھكارلار جەھەننەمگە تاشلىنىۋاتقان كۈندە، سەن نېمە ئاقىۋەت كۆرەرسەن!؟ » دېگەن سوئاللارنى تاشلايدۇ. بۇلارنى ئاڭلىغان ئايال « ئاللا – توۋا » سالغىنىچە، قېچىپ كېتىپ، ئاللاھ تائالاغا قايتىدۇ ۋە تەۋبە قىلىدۇ. كېچىلىرىنى قىيامدا (نامازدا) تۇرۇپ كۈندۈزلىرىنى سىيامدا (روزىدار) بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.

كېيىنچە ئۇ ئايال كۇفىنىڭ[] ئىبادەتكارى دەپ لەقەبلەنگەن.

ھېلىقى بىر ئۈچۇم نائەھلىلەر بولسا، ئۇ ئايالنى رەبئىنى بۇزۇشقا ئەۋەتسەك، رەبئى بىزگە قارىشى ئۇ ئايالنى بۇزۇپ تاشلىدى، دېيىشەتتى.

]ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشلەر (يەنى كۇففارلار) گەئىتائەت قىلىساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ.[ (‹ئەنئام› سۈرىسى، 116- ئايەت)

]سەن گەرچە ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.[ (‹ئەنئام› سۈرىسى، 116- ئايەت)

ئەي، قېرىنداىشىلىرىم، ھەمشىرىلىرىم، يامانلىققا، گۇناھقا چاقىرغۇچىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ ھەدىسىگە قۇلاق تۇتۇڭلار. ئۇ زات سىلەرنى قايسى ماكان، قايسى زاماندا بولماڭلار خاتىرجەملىككە چاقىرىدۇ.

«مەيلى قەيەردە بول، ئاللاھ تائالادىن قورق، بىرەر يامانلىق قىلىپ سالساڭ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ بىرەر ياخشىلىق قىلغىن. ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرۈدۈ. كىشىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن» - تىرمىزى رىۋايىتى.

](ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن.[ (‹زۇخرۇف› سۈرىسى، 43- ئايەت)

]قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر. سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نىئمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر.[ (‹زۇخرۇف› سۈرىسى، 44- ئايەت)

ھەممىمىز گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەرمىز، ئەمما، ياخشىلىقلىرىمىز يامانلىقلىرىمىزنى ئۆچۈرىدۇ.

گۇناھنى چوڭ – كىچىك دەپ قارىماي، ئۆزىڭىز ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ شۇ قەدەر ئۇلۇغلىقىغا قاراڭ.

بىر ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالا دېگەن: « ئىززىتىم ۋە ئۈستۈنلىكىم بىلەن قەسەمكى، قايسىبىر بىر بەندەم مەن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشتىن مەن يامان كۆرىدىغان بىر ئىشقا ئۆزگەرسە، مەن ئۇنى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىدىن يامان كۆرىدىغان ئىشىغا بۇرىۋىتىمەن.»


 كېچە سائەت بىر

خۇش بېشارەت ئېلپ كەلگۈچى كىشىلەر نۇرغۇن.

«بەختلىك ۋە بەختسىزلەر قىسسىسى » دېگەن كىتابنىڭ قەلەم ئىگىسى بايان قىلغان تۆۋەندىكى ھېكايەتتە ئۇنىڭغا قۇلاق تۇتقانلىكى قەلىب ساھىبلىرىغا ئىبرەت ۋە نەسىھەت باردۇر.

دەھشەتلىك قاتناش ھادىسىلىرى، ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ لەختە – لەختە بولۇپ كەتكەن ئەزالىرى، ھەتتا تەندىن ئاجراپ كەتكەن باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، بىر تەرەپ قىلىشتەك قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرۈپ يۈرىكى قېتىپ كەتكەن، بۇ قەدەر مەنزىرىلەر تەسىر قىلمايدىغان بۇ تاش باغىر كىشى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، نامازدىن يىراق، گۇناھىي كەبىرلەرگە غەرق بۇ ئىنسانغا تا بىر كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەگە قەدەر، ئاللاھ ئەسلىتىلسە ئەسلىمەس، ۋەز – نەسىھەت قىلىنسا قوبۇل قىلماس ئىدى.

شوپۇر رىياد[]نىڭ كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن شۇ كېچىدىكى ھادىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

كېچە سائەت بىر بولغان ئىدى، ماشىنا بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا يېتىپ كەلدىم. بىر ئاق پىكاپ سىمتاناپقا سوقۇلغان ئىكەن. ئالدى بىلەن شۇ رايۇننىڭ توكىنى ئۈزىۋېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا، پىكاپتىن چىقىۋاتقان بىر شولىنى بايقاپ ھەيران قالدىم، يېقىنلىشىپ قارىسام، ماشىنا ئىچىدە، قويۇق ساقاللىق، ئايدەك نۇرانە يۈزلۈك بىر كىشى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يۈزىنىڭ نۇرى ماشىنا ئىچىگە لىق تولۇپتۇ. بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى خېلىلا قاتتىق زەخمىلەنگەن ئىكەن. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئورۇندۇقنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋېدىم. ئۇ:

- مېنى قۇتقۇزماقچىمۇسەن ئوغلۇم؟ دەپ سورىدى.

- شۇنداق، جاۋاپ بەردىم ئۇنىڭغا.

- ئۇنداقتا، خاپا بولماي تاماكاڭنى ئۆچۈرۈۋەتكىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭدىن قورق...

قولۇمدىكى تاماكىنى ئۆچۈرۈپ، ئىشىمغا مەشغۇل بولدۇم. ئەمما ئۇنى يەنىلا ئورۇندۇقتىن تولۇق چىقىرالمايۋاتاتتىم.

- مېنى راستىنلا قۇتقۇزغۇڭ بارمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ قايتىلاپ.

- ئەلۋەتتە، دېدىم ئۇنڭغا.

پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) شۇنداق دېگەن: « كىمىكى سىلەرگە بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىڭلار ».

جانابىي ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى، ئوغلۇم، مېنى قۇتقازغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا بېرىدىغان بىر نەسىھەتتىن باشقا مۇكاپاتىم يوق. ئۇنى قوبۇل قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.

- قېنى ئېيتىڭ.

ئاللاھقا تەقۋالىق قىل! ئاللاھقا تەقۋالىق قىل! ئاللاھقا تەقۋالىق قىل! ناچار ھەمراھتىن ھەزەر ئەيلە...!

«”ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە ياراتقۇچى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇر“ دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.»- دەپ شاھادەت ئېيىتىپ جان ئۈزدى.

جايىمدىن مىدىرلىيالماي، تىترەپ كەتتىم. بوۋاينى ئېلىپ ماشىنىغا سالدىم. كېچە سائەت ئۈچتە ئۇنى دوختۇرخانىنىڭ ھادىسە بۆلىمىگە تاپشۇردۇم...

قايتىپ كېلىپ، كۆزۈمگە نە ئۇيقۇ كەلمەيتتى، بوۋاينىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى.

ساباھ (بامدات) نامىزىغا تۇردۇم، تاھارەت ئېلىپ، مەسجىدكە كىردىم. نامازدىن كېيىن، بولغان ۋەقەنى ئىمامغا سۆزلەپ بېرىۋىدىم، ئۇ:

ئۇ كىشىنىڭ ۋاپاتى بىلەن سېنى تىرىلدۈرگەن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمىدلەر ئېيت، سەن ئۇ كىشىگە دۇئا قىل، دۇئايىڭ ئۇنىڭغا سۇنغان ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىڭدۇر- دېدى.

ئاللاھتىن، ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلىشىنى، مېنى ئۇنىڭ بىلەن جەننەتتە بىرگە قىلىشىنى تىلىدىم.

«ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلغىنى، سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ[] ياخشىدۇر»- ھەدىس شەرف

ئاخىرىقى نەپەسلىرىدە تۇرۇپمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، ئۇنى يەتكۈزەلىگەن كىشىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ قانداق قىلدى؟

ئۇ ئۇنىڭغا، «تاماكاڭنى ئۆچۈر، ئاللاھتىن قورق» دېدى. ئەمما بەزىمىز نى – نى ئېغىر گۇناھلارنى قىلىۋاتقانلارنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرسىمۇ، شەيتانغا ئوخشاش پەرۋا قىلمايمىز.

ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ يولىدا ھەقنى سۆزلەشتە مالامەتتىن قورقماڭلار، شۈبھىسىزكى، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىدۇ.

جانابى ئاللاھنىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى، سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىدۇر.


 گۆھەر زۇننار ھەققىدە قىسسە

كىمىكى، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىر نەرسىنى تاشلايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ.

ئىبنى رەجەبنىڭ «ئاخىرىقى ھەنبەلى ئۆلىمالىرى» (زەيىل تەبەقاتۇل ھانابىلە) دېگەن كىتابىدا، بەززاز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مۇنداق بىر قىسسىسىنى بايان قىلغان.

مەككىدىكى كۈنلىرىمنىڭ بىىردە، ماڭا ئىنتايىن ئاچلىق يېتىپ، يېنىمدىن ئاچلىققا دال بولغىدەك ھېچنىمە تاپالماي، يېمەك ئىزدەپ سىرتقا چىققان ئىدىم. تۇيۇقسىز يىپەك بوغقۇچتا چىگىلگەن بىر يىپەك ھەميان تېپىۋالدىم. ئۆيۈمگە كىلىپ ئۇنى يەشتىم. قارىسام، بۇ ئۆمرۈمدە كۆزۈم كۆرمىگەن ئاجايىپ گۆھەر بولاپكىلار تۇرۇپتۇ. خالتىنى شۇ پېتى چىگىپ قويۇپ، غىزا كويىدا يەنە كوچىغا چىققان ئىدىم. كىم بىر ھەميان تېپىۋالدى؟ تېپىۋالغۇچىغا بەش يۈز ئالتۇن دىنار بېرىلىدۇ - دەپ توۋلاپ يۈرگەن بىر مويسىپىتنى ئۇچراتتىم. ئۆز – ئۆزۈمگە:

مەن شۇ تاپ ئاچلىق ۋە مۇھتاجلىقتىمەن، ھەمياننى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇ دىنارنى ئېلىپ پايدىلىناي دېدىم- دە، ئۇنى ئۆيۈمگە باشلاپ كېلىپ، بوۋايدىن ھەميان ۋە گۆھەرنىڭ ئالامەتلىرى، گۆھەرنىڭ سانى توغرىسىدا تەپسىلىي سورىۋېدىم. ئەينەن دەپ بېرەلىدى. ھەمياننى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم. ئۇ دېگىنىدەكلا ماڭا بەش يۈز دىنارنى سۆيۈنچە سۈپىتىدە سۇندى. مەن ئۇنىڭغا ھەمياننى قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلدىم. ئۇ ھەم سۆزىدە چىڭ تۇرىۋالدى.

«ئۆزۈم مۇھتاجچىلىقتا تۇرساممۇ، ئۆزىدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بولمىغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىشىمغا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن مۇكاپات ئالمايمەن» دېدىم ھەم ئۇ دىنارنى ئالمىدىم. بوۋاي بىلەن خوشلاشتىم. ھەج مەۋسۇمى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن مەككىدىن ئايرىلىپ، دېڭىز سەپرىگە چىقتىم. سەپەردە، كېمە دەھشەتلىك دولقۇنغا ئۇرۇلۇپ، پاچاقلىنىپ ئادەم ۋە مال – مۈلۈكلەر تامامەن سۇغا غەرىق بولۇپ كەتتى. كۆرۈپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگارى ئالەمنىڭ ھىمايىسى بىلەن بىر پارچە تاختاي ئۈستىگە چىقىپ قاپتىمەن. تاختاي ئۈستىدە توختاۋسىز تەۋرىنىپ، لەيلەپ كېتىۋاتاتتىم. تاكى، دولقۇنلاردا لەيلەپ بىر ئارالغا چىقىپ قالغۇچىلىك، بىر تاختاي ئۈستىدىكى جىسمىمنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىنى ئۆزۈم ھەم بىلمەيتتىم.

ئۇ ئارالنىڭ ئاھالىسى نە ئوقۇش نە يېزىشتىن بىخەۋەر ساۋاتسىز كىشىلەر ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ مەسجىدىدە، قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرسام، مېنى كۆرگەن كىشىلەر يېنىمغا كېلىپ، ئۆزلىرىگە قۇرئان ئۈگىتىپ قويۈشۇمنى تەلەپ قىلىشتى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسگە قۇرئان ئۈگەتتىم. بۇ ئىشىمنىڭ ئەجرىدىن نۇرغۇن ياخشىلىق كۆردۈم. بىر قېىتم مەن ئۇ مەسجىددە يىرتىلىپ كەتكەن بىر قۇرئاننى قولۇمغا ئېلىۋىدىم.

يېزىقنىمۇ بىلەمسىز؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار.

مەن بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرغا خەت يېزىشنى ئۆگەتتىم. بۇ ئىشىمنىڭ ئەجرىدىن ھەم ئاجايىپ ياخشىلىقلارنى كۆردۈم.

شۇندىن كېيىن، ئارالدىكىلەر، مېنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى، شۇ يەردىكى قول ئىلكىدە بار بىر يېتىم قىزنى ماڭ چېتىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتىشتى.

دەسلەپتە قوشۇلمىدىم. ئەمما ئۇلار ناھايىتى چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ئارتۇق رەت قىلالمىدىم. ئۇلار بارلىق توي تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، قىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويدى. قىزنىڭ تۇغقانلىرى قىز كۆچۈرۈپ كەلگەندە، ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغان ئىدۇق. تۇيۇقسىز قىزنىڭ بوينىغا ئېسىلغان زۇننارغا كۆزۈم چۈشۈپ، ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قالدىم. بۇ مەن مەككىدە تېپىۋالغان زۇننارنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. قىزنىڭ تۇغقانلىرى:

بۇ دىلى سۇنۇق يىتىمنىڭ قەلبىگە قارىماي، ئەجەپ بوينىدىكى زۇننارغا قاراپ قالدىڭىزغۇ – ئۇستاز؟ دەپ سوئال قىلدى.

بۇ زۇننار ئاجايىپ بىر قىسسىگە ساھىب زۇننار – دېدىم ۋە ئۇلارغا پۈتكۈل قىسسىنى سۆزلەپ بەردىم. تەھلىل (لا ئىلەھە ئىللەللاھ)، تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر) ۋە تەسبىھ (سۇبھانەللاھ) چوقانلىرى پۈتكۈل ئارالدا جاراڭلاپ كەتتى.

ئاللاھ ھەممىدىن پاكتۇر! (سۇبھانالاھ!) سىلەرگە نېمە بولدى؟ دېسەم، ئۇلار ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.

سىز گۆھەرلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇ كىشى دەل بۇ قىزنىڭ دادىسى بولىدۇ. ئۇ ھەجدىن قايتقىچە، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن جاھاندا، مەككىدە ماڭا گۆھەرلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەن كىشىدەك مۇسۇلماننى كۆرۈپ باقمىدىم، ئى، رەببىم، مېنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرغىن، قىزىمنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قوياي» دېگەن سۆزلەرنى قايتا – قايتا دەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتتى – بىراق، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، سىز ئۇنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدىڭىز.

مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل بىرگە ياشىدىم. ئۇ تولىمۇ ياخشى ئايال ئىدى. ئارىمىزدا ئىككى بالىمۇ بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن. ئاندىن ئىككى ئوغلۇم بىلەن ئۇ گۆھەرلەرنىڭ ۋارىسى بولدۇق. كېيىن، بالىلىرىممۇ بىر – بىرىنىڭ كەينىدىن ۋاپات تاپتى. شۇنداق قىلىپ، گۆھەرلەر ئۇ ئىككىسىدىنمۇ ماڭا مىراس قالدى.

كېيىنچە ئۇ گۆھەرلەرنى يۈز مىڭ دىنارغا ساتتىم. شەكسىزكى، ھازىرغىچە خەجلەۋاتقىنىم شۇ پۇللاردىن. ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!

كىمىكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىر ئىشنى تاشلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ.

]كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يۇلى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزق بېرىدۇ.[ (‹تالاق› سۈرىسى 2-،3- ئايەت)

]كىمكى ئاللاھتن قورقىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.[ (‹ تالاق› سۈرىسى 4 – ئايەت)

 بۇ ئۇلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىسى

ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن جەننەتتە ھازىرلىغان نېمەتلىرى ئۈستىدە ئويلان، تەپەككۇر قىل!

ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى جەننەت ئەھلىگە تەقدىم قىلىنغىنى ئارىلىقى مىڭ يىل مۇساپىسىدىكى قەسىر بولسا، ئۇنداقتا، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى جەننەت ئەھلىنىڭ مەرتىۋىسى قانداقتۇ – ھە!؟

«سەھىھۇل مۇسلىم»دا مۇغىيرە ئىبنى شوئبە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) دىن رىۋايەت قىلىنغان مۇبارەك ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇنداق دېگەن:

« مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن: جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھېكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ئۇ شۇنداق كىشىكى، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، كېلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن جەننەت تۇلۇپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋە جەل ئۇنىڭغا:

جەننەتكە كىرگىن، دېگەندە، بەندە:

ئى، پەرۋەردىگارىم، ھەر كىم قارارگاھىغا چۈشۈپ، ئۆز نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغان تۇرسا، مەن نەگىمۇ باراي؟! دەيدۇ.

جانابىي ھەق مۇبارەك لەفىزلىرى بىلەن: جەننەتكە كىر- دەپ قايتا ئەمىر قىلغاندا، بەندە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى يەنە تەكرارلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن رەھم سۈپىتىگە ھەقلىق پەرۋەردىگارى ئالەم ئۇنىڭغا سوئال تاشلايدۇ:

دۇنيا پادىشاھلىرىدىن بىر پادىشاھنىڭ مۈلىكىچىلىك مال – دۇنيا بېرىلسە رازى بولامسەن؟

- رازىمەن ئاللاھىم، رازىمەن! رازى بولماي ھەددىممۇ مېنىڭ! دەپ كېتىدۇ.

جانابىي ھەق:

شۇنچىلىكى سېنىڭ بولسۇن، يەنە شۇنىڭچىلىكى بولسۇن، يەنە شۇنىڭچىلىكى بولسۇن، يەنە شۇنىڭچىلىكى بولسۇن - دەپ بەشىنچى قېتىمغا كەلگەندە، ئۇ بەندە:

ئى، ئاللاھ، رازى بولدۇم، ئى، ئاللاھ، رازى بولدۇم! – دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا، سېنىڭ مۈلىكىڭ، شۇنىڭ ئون ھەسسىسىچىلىك بولسۇن، ۋە ئۇندىن باشقا يەنە كۆڭلۈڭ تارتقان، كۆزۈڭ كۆرگەننىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن، سەن ئۇنىڭكى ئەبەدىيلىك ساھىبى » دەيدۇ.

]ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اﷲنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نىئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.[ (‹سەجدە› سۈرىسى، 17- ئايەت)

«سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «مۇسلىم» دا رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بەندىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر كىشى دوزاختىن ئازاد قىلىنسىمۇ ئەمما، دوزاخقا يوزلەندۈرۈلگەن ھالدا قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن ئۇ جەننەتكمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىشىكىگىمۇ يولىتىلمايدۇ. بەندە شۇ ھالەتتە ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ:

پەرۋەردىگارىم، يۈزۈمنى دوزاختىن بۇرىۋەتكىن، ئى، رەببىم، رەھمىتىڭ بىلەن يۈزۈمنى دوزاختىن بۇرۇۋەتكىن. ئۇنىڭ بەد بۇيىدىن قىينىلىپ، چاچراندى يالقۇنىدا كۆيۈپ كېتىۋاتمەن.

بەندە تاكى رەھمان تائالا خالىغان بىر مۇددەتكىچە، شۇ تۇرۇقتا دۇئا قىلىدۇ.

ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دەيدۇ:

ئەگەر يۈزۈڭنى دوزاختىن بۇرىۋەتسەم مەندىن باشقا نەرسە سورىماسسەنمۇ؟

- ئىززىتىڭ ۋە ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن، يۈزۈمنى دوزاختىن بۇرىۋەتكىن، يا رەببىم- دەپ نىدا قىلىدۇ، بەندە.

ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ۋە ئەپۇچان زات ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن بۇرىۋىتىدۇ.

ئۇ ئاللاھ خالىغان بىر ۋاقىتقىچىلىك جىم تۇرۇپ ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن تىلەيدۇ:

پەرۋەردىگارىم، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى جەننەت ئىشىكىگە يېقىنلاشتۇرۇغان بولساڭ! مېنى جەننەت ئىشىكىگە يېقىنلاشتۇرۇغان بولساڭ!

- ھەي ئادەم بالىسى، سەن نېمانچە ۋاپاسىز، نېمانچە چىدىماس، ئەجابا سەن ماڭا، مەندىن باشقا نەرسە سورىماسلىققا ئەھدى – پەيمان بەرمىگەنمىدىڭ!؟

- پەرۋەردىگارىم، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى جەننەت ئىشىكىگە يېقىنلاشتۇرۇغىن...!

- ئەگەر سورىغىنىڭنى بەرسەم، مېنىڭدىن يەنە باشقا نەرسە سورىماسسەنمۇ؟

- ئىززىتىڭ ۋە ئۈستۈنلىكىڭ بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن.

ئاندىن راھمان تائالا ئۇنى جەننەتنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ قويدۇ. بەندە شۇ يەردە يەنە ئاللاھ خالىغان بىر مۇددەتكىچىلىك تۇرغاندا، جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى، ھۆر – پەرىلەر، قەسىرلەر، باغچىلار، ۋە نىمەتلەرنى ئەينەن كۆرۈپ تۇرۇدۇ ۋە يەنە يالۋۇرۇدۇ:

پەرۋەردىگارىم، مېنى جەننەتكە كىرگۈزۋەتكەن بولساڭ.

- ۋاي، ساڭا، ئەي ئادەم بالىسى، سەن نېمە دېگەن ۋاپاسىز، نېمە دېگەن چىدىماس! سەن مەندىن باشقا نەرسە سورىماسلىققا سۆز بەرگەن ئەمەسمىدىڭ!؟

 - پەرۋەردىگارىم، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى جەننەتكە كىرگۈزۋەتكىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى جەننەتكە كىرگۈزۋەتكىن!

- ئەگەر سېنى كىرگۈزسەم، مەندىن باشقا نەرسە سورىماسسەنمۇ !؟

- ئىززىتىڭ ۋە ئۈستۈنلىكىڭ بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئۇنىڭدىن باشقىنى سورىمايمەن.

ئاندىن جانابى ئاللاھ ئۆز رەھمىتى، سىخيلىقى ۋە پەزلى بىلەن ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىۋىتىدۇ. بۇ ئۇ بەندىگە يېتەرلىك ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

ھەي، بەندەم، سورايدىغىنىڭنى سورا ! تىلىكىڭنى ئېيىت !

ئاندىن ئۇ تىلەيدۇ، سورايدۇ. راھمان تائالا پەزلى – رەھمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى تۈگىگەنگە قەدەر ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا: سورا – دېگەندە، ئۇ بەندە:

- ئەمدى، ھېچنېمىدىن تامايىم يوق، رەببىم- دەيدۇ.

ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇبارەك لەفىزلىرى بىلەن شۇلارنى دەيدۇ:

ئالغانلىرىڭ سېنىڭ بولسۇن، ۋە شۇنىڭ ئون ھەسسىچىلىك بولسۇن، كۆڭلۈڭ خالىغان، كۆزۈڭ كۆرگەننىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن، سەن ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىسەن. »

]ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.[ (‹سەجدە› سۈرىسى، 17- ئايەت)

مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىككىنچى مەرتە شۇنداق سوئال قىلىدۇ:

ئى، پەرۋەردىگارىم، بۇ تۆۋەن دەرىجىسى بولىدىغان بولسا، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكىنىڭ مەرتىۋىسى قانداق بولىدۇ؟ ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، ئۇلار مەن خالىغان شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت دەرىخىنى ئۆز قولۇم بىلەن تىكتىم. بۇ دەرەخلەرنى باشقىلارنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن پىچەتلىۋەتتىم. ئۇلارنى ھېچ قانداق كۆز كۆرگىنى يوق، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىغىنى يوق، ھېچبىر ئىنسان زاتىنىڭ كۆڭلىدىن كەچكىنى يوق.

]ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نىئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.[ (‹سەجدە› سۈرىسى، 17- ئايەت)

ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن مېھرىبان! نېمە دېگەن كۆيۈمچان – ھە! رەھىمى تامامى ئالەمگە يېتىدىغان راھمان تائالادىن بىزگە رەھىم قىلىشىنى سورايمىزكى، ئۇ زات ھەممىدىن پاك ۋە ماختىلىشقا ھەقىقىي لايىقتۇر.


 ئىشىك تاقاقلىق ئىكەن

يىتىك ئىسلام ئالىمى، جامائەت ئەربابى ئبنى قەييۇم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئارىفلار[] دىن بىر كىشىنىڭ بىر كۈنى كوچىدا كېتىۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ بالىسىنى يىغلاپ، يالۋۇرغىنىغا قارىماي ئۇنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكىنىچە، ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇ بالا بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن، ئۆز ئۆيىدىن باشقا بارىدىغان جايى ۋە ئۆز ئانىسىدىن باشقا ئۇنى قوينىغا ئالىدىغان كىشىسىنىڭ يوقلىقىنى ئويلاپ، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا ئۆيىگە قايىتىپ بارسا، ئىشىك تاقاقلىق تۇرغان، بالا بوسۇغىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. شۇ ئەسنادا ئانىسى چىقىدۇ- دە، بالىنى شۇ ھالدا كۆرۈپ، بالىغا ئۆزىنى ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ:

جېنىم بالام، نەگە، كىمنىڭمۇ قېشىغا باراتتىڭ؟ مەندىن باشقا كىممۇ سېنى ئۆز قوينىغا ئالسۇن؟ مەن ساڭا سىزغان سىزىقىمدىن چىقما دېمىدىممۇ؟ ساڭا قىلغانلىرىم، كۆيۈنۈشۈم، مېھرىبانلىقىمغا شۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ دېگىنىچە بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئېلىپ كىرىپ كەتكەنلىكىدەك بىر قاتار ئەھۋاللارنى كۆرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

ئۇ ئايالنىڭ «ساڭا قىلغانلىرىم، كۆيۈنۈشۈم، مېھرىبانلىقىمغا شۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن» دېگەن سۆزلىرى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ «ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ ئارتۇق مېرىباندۇر» دېگەن مۇبارەك ھەدىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ.

ئاللاھ ئەززە ۋە جەلنىڭ رەھمىتى ئالدىدا ئانىنىڭ رەھمىتى دېگەن قانچىلىك ئىدى- ھە!

ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە بوش - بوشاڭلىق، ھورۇن – بىغەملىك بىلەن ئىرىشكىنى بولامدۇ، ياكى، ئەقىدە – ئىخلاس، ئىش – ئەمەل بىلەنمۇ؟

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كىملەرگە بېغىشلىغان؟

]مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسگە ئورتاقتۇر. رەھمىتمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا (ماللىرىنىڭ) زاكىتنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن.[ (‹ئەئراف› سۈرىسى، 156- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

]ئۇلار ئەلچىگە - ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپتىنىڭ) يېزىلغانلىقنى كۆرىدۇ.[ (‹ئەئراف› سۈرىسى،157- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىخۇدلۇق چۆلىدە ئازغان، لايغەزەللىك پاتقىقىغا پاتقان غاپىللار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئەمەل قىلغۇچىلار ئۈچۈن، چىن ئىخلاس بىلەن تەۋبە قىلغانلار ئۈچۈن بېغىشلانغاندۇر.

(بۇ قىسسە تامام)

ھارامغا قاراپ تاشلىغان ئەنسارى يىگىتنىڭ تۆۋەندىكى قىسسىسى تەپەككۇر دەرۋازىمىزنى چەككۇسى.


 نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسەن؟

ئەنسارى[] جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئەنسارى يىگىت ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ يېنىدا يۈگۈر – يىتىم ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇنى بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) مەلۇم بىر ئىشقا ئەۋەرتكەندە، ئۇ ئەنسارىلاردىن بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالغا قاراپ تاشلاپ، قىلغان ئىشى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە ۋەھىي چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغقا قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئالالمايدۇ.

جېبرئىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) غا، «ئى، مۇھەممەد، (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام ، ئۈممىتىڭدىن بىر كىشى مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغلاردا ئازابىمدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۆمەر، سەلمان ئىككىسىنى سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھماننى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئىككىسى مەدىنىدىن چىقىپ، زۇفافە ئىسىملىك بىر پادىچىنى ئۈچرىتىدۇ، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭدىن سەئلەبە ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بۇ تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟- دەپ سورايدۇ.

ئۇ: سىلەرنىڭ دىگىنىڭلار دوزاختىن پاناھ تىلەپ يۈرگەن ھېلىقى كىشى بولمىسۇن – يەنە!؟ دېگەندە، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ جەھەننەمدىن قاچقۇچى ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ - دەپ سورىغاندا، ئۇ پادىچى:

«چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۈن نىسپىدە تاغدىن چىقىپ، بېشىنى چاڭگاللىغان ھالدا،‹ ئى، رەببىم، روھىمنى روھلار بىلەن جىسمىمنى جەسەدلەر بىلەن بىرگە قەبزى روھ قىلىپ، ھۆكۈم كۈنى مېنى چىقارمىغان بولساڭمۇ كاشكى!› دەپ ھەسرەت – نادامەت بىلەن قېشىمىزغا كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىزدەۋاتقانلىرىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، دېگەندەك، شۇ كىچىسى، سەئلەبە ئاشۇ ھالەتتە ئاشۇ نىدالار بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.

ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ يېنىغا ئوقتەك بېرىپ ئۇنى قۇچاقلايدۇ. سەئلەبە ئۇنىڭدىن:

ھەي ئۆمەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گۇناھىمدىن خەۋەر تېپىپتىمۇ؟ دەپ سورايدۇ.

ئۆمەر ئۇ خەۋەرنى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ بۇيرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سەئلەبەنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ، سەئلەبەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇنى پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېلىپ كىرىشىدۇ. سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىشى بىلەن بەدەن – بەدىنىنى تىترەك بېسىشقا باشلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نامازدىن كېيىن، « ئۆمەر، سەلمان، قېنى دەڭلار، سەئلەبە نېمە ئىش قىپتۇ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇلار:

سەئلەبەنىڭ ئىشلىرىنى بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بېرىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئورنىدىن تۇرۇپ سەئلەبەنى يىنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ:

«مەندىن نېمىشقا قاچىسەن، نېمىگە يوقاپ كېتىسەن؟» دەپ سورايدۇ.

- ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى سىلىدىن قاچۇرۇۋاتقىنى گۇناھلىرىم.

- ئۇنداقتا، مەن ساڭا گۇناھنى يۇيۇپ، خاتالىقنى ئۆچۈرۈدىغان بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويسام، قانداق ؟

- بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن.)

پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): « پەرۋەردىگارىم بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن » (رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىينا ئازابەننار) ]رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار[ دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.

ئۇ، «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنىڭ گۇناھىم بۈيۈك» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) «بەلكى، ئاللاھنىڭ كالامى بۈيۈك» دەيدۇ – دە، ئۇنى ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.

سەئلەبە ئۆيىدە سەككىز كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، سەلمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرىمز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە «ئى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، سەئلەبە بىلەن كۆرۈشكىلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەنلەرنى يەتكۈزىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنى باشلاپ بېرىپ، سەئلەبەنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تىزىغا قويىۋىدى. ئۇ بېشىنى تارتىۋالىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا، «بۇ بىر گۇناھقا تولۇپ كەتكەن باش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟ دەپ سورىغاندا، سەئلەبە: «تېرە – گۆشلىرىم، ئۇستىخان – سۆڭەكلىرىم ئارىسىدا چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىۋاتىمەن» دەپ ئۆز ھالىنى سۈرەتلەيدۇ.

ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەپەندىمىز: «كۆڭلۈك نېمە تارتىدۇ؟» دەپ سوئال قىلغاندا، ئۇ «پەرۋەردىگارىمنىڭ مەغپىرىتىنى» دەيدۇ.

شۇ ئەسنادا، جىبرئىل ئەلەيھىسسالام «ئى، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)، پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئەگەر بۇ بەندەم زېمىنغا تەڭداش گۇناھ بىلەن كەلسە، ئۇنى زېمىنغا تەڭداش مەغپىرىتىم بىلەن كۈتۈۋالىمەن دېدى» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) دىن بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن سەئلەبە قاتتىق بىر «ئاھ» ئۇرۇپلا جان ئۈزۈدۈ.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەتكەندىن كېيىن، نامىزنى چۈشۈرۈشكە كېتىۋېتىپ، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىدۇ. ساھابىلەر ئۇنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، رەسۇلى ئەكرەمگە: «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ ماڭغانلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدۇق – يا!» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتە – مالائىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتۇمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم » دېگەن ئىكەن.

 مېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىدەك بىرسىنى بىلەمسىز؟

نۇرلۇق شەھەر مەدىنە (مەدىنە مۇنەۋۋەر) دىكى « خەلقئارا ئىسلام ئونىۋېرسىتېتى » قاتارلىق بىر قانچە ئورۇننىڭ گۇۋاھنامىسى ۋە تەۋسىيەناملىرىغا ساھىب ئەقىللىققىنە بۇ يىگىت، مەدىنىنىڭ پۈتكۈل ئىدارە – ئورگان، شىركەت، جەمىيەتلەرنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ چىققان بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن پۇت سىغقۇدەك ئورۇن تاپالماي، مەدىنە مۇنەۋۋەردەك ئۇلۇغ شەھەردە قېلىش ئارزۇسىنى روياپقا چىقرالمايۋاتاتتى.

ئەمەلىيەتتىمۇ، مەدىنىدەك ئەزىزانە شەھەردە ياشىغان، ئاسايىشلىق ياشامىغا تەلپۈنىگەن كىشىنىڭ ئۇندىن كەتكۈسى كەلمەيتتى.

ئۇ مەدىنىنىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى، ھەر بىر كوچىسىدىن سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ۋە ھۆرمەتلىك ساھابە (ساھابە ئىكرام) لەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) نىڭ ئەسلىمە، ئىزنالىرىنى تاپاتتى. جانابىي رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن)نىڭ، «زېمىن يۈزىدە دەججالنىڭ قەدىمى يەتمىگەن جايى قالمايدۇ، ئەمما مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدۇ. مەدىنىنىڭ ھەر بىر كىرىش ئېغىزىنى سەپ – سەپ پەرىشتىلەر قوغداپ تۇرۇدۇ. ئاندىن، مەدىنە ئۆز ئاھالىسىنى ئۈچ قېتىم قاتتىق سىلكىيدۇ. شۇندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا دىنسىز ۋە مۇناپىقنىڭ بىرىنى قويماي چىقىرىپ تاشلايدۇ» دېگەن ھەدىس شەرىپگە ئاساسەن، مەدىنە ئەھلى قاتارىدا پەزىل – ئىكرامىغا نائىل بولۇش ئۈمىدىدە ئىدى.

ئۇ يىگىت پەزلۇ – پەزىلەت، ئىززەت – ئىكرام ساھىبى بولغان بىر ئۇستازنىڭ ھوزۇرىغا كېلىدۇ. ئۇ كىشى شۇنداق كىشىكى، ئۇ كىشىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش، ئولتۇرۇش – قوپۇشلىرى، ئىش – ئەمەل، لەپىز – كالاملىرىدىكى ئىخلاسمەنلىك، تەقۋالىق ساڭا ھەم ئاللاھنى ئەسلىتىدۇ...

ئۇنى ئاللاھقا پاكلىمايمىز.

ئۇ ئۇستازغا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىزلەپ، بارمىغان ئىشىك، قاقمىغان دەرۋازىسى قالمىغانلىقى، ھەممىسىدىلا بۇرنىغا يەپ قايىتقانلىقى، ئۆزىنىڭ مەدىنىدىن كەتكۈسىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ، «ئى، ئۇستاز مېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالىغىدەك بىرەرسىنى تونۇرسىزمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە چىن پۈتكەن ئۇستاز:

سېنى ئەڭ تىز ۋاقت ئىچىدە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بىرسىنى تونۇيمەن – دەيدۇ.

شاتلىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي قالغان يىگىت: ئاللاھ تائالا سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، كۆكلەپ كېتىڭ، ئۇستاز! كىم ئۇ ؟ - دەپ سورايدۇ، ھاياجان بىلەن.

شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەلدۇر – دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئۇستاز.

بۇنى ئاڭلىغان يىگىت بىر ئاز ناخۇش بولغاندەك چىرايى تۇتۇلىدۇ – يۇ، لام – جىم دېمەيدۇ. بۇنى سەزگەن ئۇستاز:

ئەجەبكى، ناۋادا ساڭا، پالانى رەھبەر، پوكۇنى باشلىق دېگەن بولسام خۇش خەۋەر دەپ بىلەتتىڭ. بىراق، يەرۇ – كۆكنىڭ خەزىنىلىرى ئىلكىدە بولغان، ئاسمان – زېمىننىڭ شاھىنشاھى، بارىلىق ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى بولغان قادىر ئاللاھنى كۆرسەتسەم، چىرايىڭدىن ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ۋەدىسىگە چىن پۈتمىگەندەك بىر ئالامەت مارىلاپ قېلىۋاتىدۇ.

]ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار.[ (‹زارىيات› سۈرىسى، 22- ئايەت)

ھەي، ئوغلۇم، كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى بولغان سۈبھى (بامدات) نامىزىدىن بۇرۇنقى تۈن پەيتىلىرىدە، «پەيغەمبەر مەسجىدى» گە بېرىپ، ئاللاھقا يېقىنلاشقىن، جانابى ئاللاھنىڭ ئىشىڭنى ھەل قىلىپ بېرىدىغالىقىغا شەكسىز ئىشنىمەن – دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا،

خىجىلچىلىقتىن ئۆزىنى قويغىدەك جاي تاپالماي قالغان يىگىت ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ چىقىدۇ. شۇ كېچە، سائەت ئۈچتە قوڭغىراق سائەتنىڭ جىرىڭلىشىدىن ئويغىنىپ، تاھارەتلىنىپ، تەسۋىرىلىگۈسىز دەرىجىدىكى تولۇپ – تاشقان ئىمان بىلەن «پەيغەمبەر مەسجىد» گە بارىدۇ ۋە گەردىنىگە يېزىلغان نامازلىرىنى ئوقۇپ، ئىچى – ئىچىدىن چىققان يىغا كەلكۈنىدىن دۇئاغىمۇ قول كۆتۈرەلمەي قالىدۇ. ئۇ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

 ھېلىلا روھى چىقىپ كېتىدىغاندەك بىر ھالدا ئىدىم. ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويغانلىقتن، ئانچە ئۇزۇن دۇئا قىلالمىدىم. ئاللاھ قەلىبلەردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر...

سۈبھى نامىزى (ناماز بامدات)نى جامائەت بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن، مەسجىددىكى بىر ئالىمنىڭ دەرسىگە قاتنىشىپ ئۆيۈمگە قايتتىم.

ئۆيگە قايتقۇچە، يول بويى ھېچنەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى. كاللامدا ياراتقۇچى رەببىمدىن ئۆزگە ھېچ نەرسە يوق ئىدى. خۇددى ماڭا بىرسى بۇ يولدا ماڭ دېگەندەك، بىر يولدا كېتىۋاتسام، ماڭا بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى ئۇچرىدى. ئۆتۈپ كېتەي دېدىم – يۇ، توختا، بىر كرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دېدىم – دە، ئىشخانىغا كىرسەم، مېنى بىرسى تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋالدى. ئى، قېرىندىشىم، مېنىڭ بۇ يەردە تونۇغىدەك ھېچكىمىم يوق، مەن ئۇزۇندىن بېرى خىزمەت ئىزدەپ تاپالماي كېلىۋاتىمەن. ئەگەر مەن ئارقىلىق ئاللاھتىن ئەجىر ئېلىشنى خالىسىڭىز، بۇ مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللىرىم دەپ ئۇلارنى ئۇ كىشىگە سۇنىۋېدىم. ئۇ مېنىڭ ماتېرىياللىرىمغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا تازا بىر قارىۋېتىپ، « سۇبھانەللاھ ! بىز ھەم ئۇزۇندىن بىرى سىزدەك بىرسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىدۇق، قەيەردە ئىدىڭىز؟ نەدىن كەلدىڭىز؟ ئاللاھ خالىسا (ئىنشائاللاھ)، ھازىرلا خىزمەتكە ئورۇنلىشىڭ » دېمەسمۇ! ئورنۇمدىن تۇرۇپ، شۇ ئىشىخانىدىلا ئاللاھقا شۈكۈر سەجدىسى قىلدىم. كۆز چاناقلىرىمدىن توختىماي ياش سىرغىييتى، ئۇستازنىڭ سۆزىنى توختىماي تەكرارلايتتىم، « ھېچ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەلدۇر، ھېچ شۈبھىسىزكى ئۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەلدۇر! ».


 ۋاقتى كەلدى، ۋاقتى كەلدى!

تارىخچىلار تىلىدا قەيىت قىلىنغاندەك، مالىك ئىبنى دىنار بەنى ئابباس ساقچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ يولىدىن قاچقان، ئۆزىنى قاچۇرۇپلا تۇرىدىغان بىر ھاراقكەش ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر ئايالنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ، ئەمما ئۇ خۇدانىڭ كۈنى ھاراق ئىچىپلا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر قىز پەرزەنتلىكمۇ بولىدۇ.

پەرزەنت ئىشقى ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇ ئىشتىن كېلىپلا قىزىنى ئوينىتاتتى، ئەركىلىتەتتى. ئۇ ھاراق ئىچىپ كەلگەن چاغلىرىدا بولسا، قىزى ئەكىلىگىنىچە بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراق بوتۇلكىسىنى چۈشۈرىۋېتەتتى. ئۇ گويا، جېنىم دادا، ئاللاھتىن قورقۇڭ، ھاراق دېگەن مۇسۇلمانغا قەتئىي لايىق ئەمەس، دەپ خىتاپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىز بىلەن دادا ئەنە شۇ تەرىزدە ئۆتىشەتتى. بىر كۈنى ئۇ قىزىنى ئەركىلىتىپ، ئاسمانغا ئېتىپ ئوينىتىۋاتقاندا، قىزى چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن دادا ھەسرەت – نادامەت ئىچىدە قالىدۇ.

شۇ كېچىسى ئۇ چىلاشقىدەك ئىچىپ، قاتتىق مەست بولىدۇ. ئۇ شۇ كۈنكى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

ئۇ كۈندىكى دەردىمنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ھېس قىلالمايتتى. شۇ ھەسرەتتە ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە، قىيامەت قايىم بولغىدەك، كىشىلەر قەبرىلىرىدىن يالاڭئاياغ، يالىڭاچ ۋە خەتنىسىز ھالدا چىقىپ، باشلىرىنى ساڭگىلتىشىپ، مەھشەر مەيدانىدا خار – زەبۇن بولغان ھالدا يۈرۈشكىدەكمىش. شۇ ئەسنادا، ناھايىتى چوڭ بىر يىلان ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن مېنى نىشانلاپ، كېلىۋاتقۇدەك، دەم تارتىۋاتقۇدەكمىش...

مەن قاچقۇدەكمەن، قاچقۇدەكمەن. ئۇ ھەم مېنى قوغلىغىدەك، قوغلىغىدەك، يۇرۇكۈم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دېگەندە، سالاپەتلىك، تەمكىنگىنە كەلگەن بىر مويسىپىت مۆتىۋەللى[] ئۇچىرىغۇدەك، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى چوقۇم قۇتقۇزۋېلىڭ!» دېسەم، ئۇ: «قولۇمدىن كەلمەيدۇ، سەن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغان كىشىنىڭ قېشىغا بارغىن» دېگۈدەكمىش، ھېلىقى يىلان بولسا مېنى توختىماي قوغلاۋاتقۇدەك، مەن جەھەننەمنىڭ لىۋىگە كېلىپ توختىغۇدەكمەن.

ئارقىمدا يىلان، ئالدىمدا جەھەننەم، ئۆزۈمنى جەھەننەمگە تاشلاي دەپ تۇرىشىمغا، غائىبتىن: «قايت، سەن ئۇنىڭ ئەھلى ئەمەس!» دېگەن ئاۋاز كەلگۈدەك.

مەن يەنىلا ئارقىمدىن يىلان قوغلاۋاتقان ھالدا، قىيامەت مەيدانىغا قايتىپ، ھېلىقى، مويسىپىتتىن: «سىزدىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مېنى قۇتقۇزۇشىڭىزنى، ياكى پاناھلانغۇدەك بىرەر جاينى كۆرسىتىپ قويۈشىڭىزنى سورايمەن» دېسەم، ئۇ: «قولۇمدىن كەلمەيدۇ، بىراق ساڭا ئاۋۇ قەسىرنى كۆرسىتىپ قوياي، ئۇنىڭدىن نىجاتلىق تېپىشىڭ مۇمكىن» دېگۈدەكمىش، ئاندىن ئۇ قەسىرگە قاراپ مېڭىۋاتقۇدەكمەن، ئارقىمدىن يىلان قوغلاۋاتقىدەك.

قەسىر سېرىق گۆھەر، لەيلى – ياقۇت، ئۈنچە – مارجانلار ۋە تۈرلۈك – تۈمەن جاۋاھىراتلار بىلەن بېزەلگەنمىش، تۇيۇقسىز، «پەردە ئېچىلسۇن!» دېگەن خىتاب بىلەن تەڭ پەردە ئېچىلىپ، بىر توپ ئاي يۈزلۈك ئوماق بالىلار چىقىپ، بۇ قورقۇنچلىق مەنزىگە قاراپ قالغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قىزىم ئۇشتۇمتۇت چىقىپ كېلىپ، «دادا!» دەپ بىر توۋلاپلا يىلان بىلەن مېنىڭ ئارامغا ئۆزىنى ئاتقۇدەك...

قىزىم يىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر نىمىلەرنى دېسە، يىلان كېتىپ قالغۇدەك، ئاندىن قىزىم ساقىلىمغا ئېسىلىپ، مەيدىلىرىمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، جېنىم دادا، ]مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟[ (‹ھەدىد› سۈرىسى، 16- ئايەت)

كەلدى، كەلدى، دەپ بولۇپ، ئۇ نېمە يىلان دېسەم، ئۇ سىزنىڭ يامان ئەمەللىرىڭىز بولۇپ، سىزنى دوزاخقا چۈشۈرىۋەتكىنى تاس قالدى – دەپ جاۋاب بەرگۈدەكمىش.

ئۇ مويسىپىت كىشىچۇ؟ دېسەم،ئۇ سىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭىز بولۇپ، يامان ئەمەللىرىڭزگە قارىشى تۇرۇشقا ئاجىز كەلدى. دەپ، مەيدەمگە ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇپ تۇرۇپ، جېنىم دادا، «مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟» (‹ھەدىد› سۈرىسى، 16- ئايەت) دېگۈدەكمىش.

چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، بامدات نامىزىغا مەسجىدكە باردىم...

ھەيران قالارلىقى، «فاتىھە» سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغان ئىمام ]مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقت كەلمىدىمۇ؟[ دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئۇلۇغ ئايەت گوياكى ماڭىلا خىتاپ قىلىنىۋاتقاندەك ئىدى.

↷ـــــــــــــــــــ‹بىرىنچى قىسسە تامام›ـــــــــــــــــــــــ↶

ئەلقىسسە: ئىسرائىل ئەۋلادىدىن (بەنى ئىسرائىل) بىر كىشى قىرىق يىل ئاللاھ تائالانىڭ تائەت – ئىبادىتىدە بولغاندىن كېيىن، يامان يولغا تېيىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر چىشلەم گۆش[] لىك ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ، قىرىق يىل گۇناھ – مەئسىيەت ئىچىدە ياشايدۇ.

ئاندىن راھمان تائالاغا قول كۆتۈرۈپ، «ئى، پەرۋەردىگارىم، قىرىق يىل تائەت – ئىبادىتىڭدە بولدۇم. شۇنداقلا، قىرىق يىل گۇناھ – مەئسىيەت ئىچىدە، ئىتائىتىڭدىن چىقتىم. ئەمدىلىكتە مەن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، تەۋبە قىلىپ، ئىش – ئەمەللىرىمنى تۈزەتسەم، تەۋبەم قوبۇل قىلىنارمۇ؟» دېگەندە، شۇنداق بىر سادا كەلگەن:

سەن بىزگە ئىتائەت قىلدىڭ، بىز ساڭا يېقىنلاشتۇق. بىزگە ئاسيلىق قىلدىڭ، سىنى ئالدىراتمىدۇق. ئەگەر تۆۋبە قىلىپ بىزگە قايتساڭ، بىز سېنى قارشى ئالىمىز.

ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر! ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمە دېگەن ئەپۇچان- ھە! ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمە دېگەن كۆيۈمچان- ھە!

رەھمىتى پۈتكۈل شەيئىگە يېتىدىغان راھمان تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن بىزلەرگە رەھىم قىلىشىنى سورايمەن.

       (بۇ قىسسە تاماملاندى)


 ئۇنى دەرياغا تاشلاڭ

ئىسرائىل ئەۋلادى (بەنى ئىسرائىل) ئۆز زامانىسىدا، زامانداشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز پادىشاھ پىرئەۋننى ھۆكۈمران قىلغان ئىدى. پىرئەۋن ئۇلارنى كېچە – كۈندۈز دېمەستىن ئۆزىنىڭ ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ناچار ئىشلىرىغا سېلىپ، ئارام بەرمەيتتى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن تارتىپ، تا ئۇنىڭ خەلقىگىچە ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەس كۆرگەنلىكى ۋە كەمسىتكەنلىكىتىن، شۇنداقلا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرەتتى. قىزلىرىنى خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن تىرىك قالدۇراتتى.

پىرئەۋن بۇ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەركەكلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى.

پۈتۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايتتى. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتى - مۆرىتى كەلسە ئۇ ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. ھەر بىر ۋاقىتنىڭ ھۆكمى بولىدۇ. جانابى ھەقنىڭ بۇ ھەقتىكى كالامى:

]مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى «مۇسانى ئېمىتكىن ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز. پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى پىرئەۋن ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى.پىرئەۋننىڭ ئايالى:(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز› دېدى. ھالبۇكى ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 7-، 8-، 9-، ئايەتلەر)

پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئوغۇللىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قىبتلار[11] ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەركەكلىرىنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئۆلتۈرىۋېرىپ، ئۇلار ئىشقا سالىدىغان ئەرلەر قالماي، زور ئەمگەكنىڭ ئۆزلرىگە يۈكلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، پىرئەۋنگە: «ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆلۈپ تۈگەپ، ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاياللىرى ئەرلىرى قىلالىغان ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ئىشلار بىزگە قالىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئوغۇللارنى بىر يىل ئۆلتۈرۈپ، بىر يىل ئۆلتۈرمەسلىككە پەرمان چۈشۈرىدۇ. ھارۇن ئەلەيھىسسالام، ئوغۇل بوۋاقلار ئۆلتۈرۈلمەيدىغان يىلى تۇغۇلغان. يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان نۆۋىتى كەلگەن يىلى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلىدۇ.

پىرئەۋننىڭ بۇ ئىشقا مەخسۇس بەلگىلىگەن ئادەملىرى بار بولۇپ، بۇ ئادەملەر تۇغۇت ئانىلىرى ئارقىلىق ھامىلدار ئاياللارنى تىزىمغا ئېلىپ، ئۇلار يەڭگىيدىغان چاغدا، پەقەت قىبت ئاياللىرىلا تۇغۇت ئانسى بولاتتى. ئەگەر ئۇ ئايال قىز تۇغسا ئۇلار بالىغا چېقىلماي كېتەتتى. ئوغۇل تۇغسا، ھېلىقى مەخسۇس ئادەم قاسساپلىرى پىچاقلىرىنى بىلەپ كىرىپ، بالىنى بوغۇزلىۋىتەتتى.

قاھھار (قەھىر قىلغۇچى) سۈپىتىگە ساھىب ئاللاھ ئۇ نائەھلىلەرنى رەسۋا قىلىۋەتسۇن!

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلدار بولغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە، تۇغۇت ئانىلىرى بايقىيالمىغان. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى يورۇغاندا، ئانىسى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن قورقۇپ، تىت – تىت بولاتتى، بالىسىغا ئىچى ئاغرىيتتى.

مۇسانى كۆرگەنلىكى كىشى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. مەيلى ئۆزلىكىدىن بولسۇن، مەيلى دىن يۈزىدىن بولسۇن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئادەم بەختلىكتۇر. جانابىي ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

«ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم» (‹تاھا› سۈرىسى، 39- ئايەت)

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، چوڭقۇر بىر تەشۋىش ئىلكىدە قالىدۇ. شۇ چاغدا، خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيىتقاندەك، قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئىلھام بىلەن كۆڭلىگە چۈشىدۇ، خىيالىدىن كېچىدۇ.

«مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى «مۇسانى ئېمىتكىن ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز.» (‹قەسەس› سۈرىسى، 7- ئايەت)

بۇ قىسسىنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئۆيى نىل ساھىلىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بىر ساندۇق ياسىتىپ، دەرياغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ئانىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆيىدە ئېمىتەتتى، ئەگەر يېنىغا بىرەر يوچۇن كىشى كىرىپ قالغۇدەك بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپ، ھېلىقى ساندۇققا سېلىپ، ساندۇقنى ئارقان بىلەن باغلاپ، ئارقاننىڭ بىر ئۇچىنى قىرغاققا چىگىۋېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر ئادەم كىرىۋېدى، ئانىسى ئۇنىڭ بالىنى بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپ، ھېلىقى ساندۇق بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ساندۇقنى باغلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ساندۇق سۇدا لەيلەپ بېرىپ، پىرئەۋننىڭ تۇرالغۇسى ئالدىدىن ئۆتكەندە، كېنىزەكلەر ساندۇقنى سۈزۈۋېلىپ، پىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشىدۇ- يۇ، ئەمما بۇ كېنىزەكلەر ساندۇقنى پىرئەۋننىڭ ئايالىدىن بۇرۇن ئېچىپ قويۇپ، گەپكە قېلىشىدىن قورقۇپ ساندۇقنى ئاچمىغاچقا، ئۇنىڭدا نېمە بارلىقىدىن بېخەۋەر ئىدى. ھالبۇكى، ساندۇقتىن ئاجايىپ چىرايلىق، كەم – كۇتىسىز يارىتىلغان، ئوماققىنە بىر ئوغۇل چىقىدۇ. ئۇ ئايال بالىغا بىرلا نەزەر تاشلايدۇ – دە، ئاللاھۇ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن قەلبىگە بالىنىڭ مۇھەببىتى چۈشىدۈ. نېھايەتتە، بۇ مۇھەببەت جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ ئايالنىڭ بەختلىك بولىشى، ئىززەتلىك بولىشىنى، ۋە ئېرىنىڭ بەدبەخت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ نىشانىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى كالامى: ]پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 8- ئايەت)

بۇ ئۇلۇغ ئايەت (ئايەتى كەرىم) نىڭ تەپسىرىلىك مەنىسى: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا خاپىلىقنىڭ مەنبەسى ۋە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ساندۇقنى سۈزىۋېلىشنى تەقدىر قىلغان ئىدى.»

 بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن قورققانلىقىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىغا كۈچلۈك دەلىلدۇر. پىرئەۋن بالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغاندا، پىرئەۋننىڭ ئايالى خانىش ئاسىيە كىچىك مۇسا ھەققىدە، پىرئەۋن بىلەن تالاش – تارتىش قىلىپ، بالىنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇنى پىرئەۋنگە ياخشىچاق قىلىپ:

«بۇ بالا ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خوشاللىق) بولسۇن.» دېگەندە، پىرئەۋن: «سەن ئۈچۈن شۇنداق، ئەمما مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس» دەيدۇ.

ئىش ئەمەللىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئاللاھ تائاللاھ پەيغەمبەر مۇسانىڭ سەۋەبى بىلەن ئاسىيەنى ھىدايەت قىلدى، جەننەتكە مۇيەسسەر قىلدى، پىرئەۋننى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ھالاك قىلدى.

ئاسىيە كىچىك مۇسانى بالىچىلاپ بېقىۋالماقچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پىرئەۋندىن بولغان ئوغلى يوق ئىدى. ئۇلار دەريادىن سۈزۈۋالغان بۇ بالا ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىنىڭ قانداق بۈيۈك، قانداق ئاجايىپ ھېكمەتلەرنى ئېرادە قىلغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيتتى.

]مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس- ھۇشىنى يوقاتتى (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى. ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە:(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن› دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى ئۇلار (ئۇنى) تۇيمايتتى. (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: ‹سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قۇيايمۇ­ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ› دېدى. ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.[ (‹قەسەس› سۈرىسى، 10- ئايەتتىن، 13- ئايەتكىچە)

مۇسانىڭ ئانىسىغا كەلسەك، ئوغلىنى دەريادا ئېقىتىپ قويغان ئانىنىڭ پۈتكۈل ئەس – يادى بالىسىدا بولۇپ، ئولتۇرسا – قوپسا بالىنىڭ غېمىدە ئىچ – ئىچىدىن ئۈزۈلىدۇ. «بەندىسىنى خاتىرجەم قىلغۇچى» (ئەلمۆئمىن) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب ئاللاھ مۇسانىڭ ئانىسىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىپ، سەبىرگە نائىل قىلىمىغان بولسا ئىدى، ھەسرەت – نادامەتتىن ئۆزىنى يوقاتقان ئانا بىر ئوغلىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمە كۈنگە قالغانلىقىنى دەپ تاشلىغان، مەخپىيەتلىكنى ئېچىپ تاشلىغان بولاتتى.

 ئۇ چوڭ قىزىنى مۇسانىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىشكە، شەھەر ئەتراپلىرىدىن بۇ ھەقتە نېمە پاراڭلار بولىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.

مۇسانىڭ ھەمشىرىسى قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشىدۇ.

مۇسا ھازىر پىرئەۋننىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشقان بولۇپ ئۇنىڭغا خانىش تولىمۇ ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى. كىچىك مۇسا ئوردىدىكى ئىنىك ئانىلارنىڭ ھېچقايسىنى ئەمگىلى ئۇنىمايدۇ.

ئۇلار ئىنىك ئانا ئىزدەپ مۇسانى ئېلىپ بازارغا بارىدۇ. مۇسانىڭ ھەمشىرىسى ئىنىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدا كۆرىدۇ- يۇ، چاندۇرمايدۇ.

بۇ كەلگۈسىدىكى پەيغەمبەر مۇسانىڭ ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا ئىززەت – ئىكراملىق بولغانلىقى ۋە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇنى ئۆز ئانىسىدىن باشقا بىرسىنى ئېمىشتىن ساقلاپ قالغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۆز ئانىسىنىڭ ئىمىتىشىگە سەۋەب قىلغانلىقىدىندۇر.

مۇسانىڭ ھەمىشىرىسى سۈت ئانىسى ئىزدەپ پىتراپ كېتىشكەن بۇ ئاياللارنى كۆرگەندە، ]سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قۇيايمۇ­ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ[ دېدى. (‹قەسەس› سۈرىسى، 12- ئايەت)

مۇسانىڭ ھەدىسى بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، ئۇلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ بېرىپ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ.

ئۇلار قىزنى، «ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇسانى ئىخلاس بىلەن ئېمىتىپ، كۆيۈنۈپ باقىدىغانلىقىنى سەن قانداق بىلىسەن؟» دەپ سوراقلىغاندا، ھەدىسى ئۇلارغا: «ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىنى ئىخلاس بىلەن ئىمىتىشى، كۆيۈنۈشى، پادىشاھنىڭ شاتلىقى، ۋە شاھنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۈر» دەپ جاۋاب بېرىپ قۇتۇلىدۇ – دە، ئېنىك ئانىسى ئاياللار بىلەن بالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشىدۇ. ئانىسى مۇسانى ئېمىتىۋېدى، بالا ئېمىدۇ. بۇنى كۆرگەن خوتۇنلار بۇ خۇش خەۋەرنى ئېلىپ، خانىشنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كېتىدۇ.

بۇنى ئاڭلىغان ئاسىيە مۇسانىڭ ئانىسىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا زور ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ، ئاسىيە گەرچە بۇ ئايالنىڭ مۇسانىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، بالىنىڭ ئۇنى ئەمگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھەدىيە – تارتۇقلارنى ئىنئام قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئوردىدا تۇرۇپ بالىنى ئېمىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسانىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ ئەرلىك ۋە بالىلىق ئايال ئىكەنلىكىنى خانىشنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش ئۇنىڭغا بىئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خالىسا، بالىنى ئۆز ئۆيىدە ئېمىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قويىدۇ. خانىش ئاسىيە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، كىچىك مۇسانىڭ ئانىسىنى نۇرغۇن سوۋغا – سالاملار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. مۇسانىڭ ئانىسى قەلب خانىسى خاتىرجەملىك نۇرىغا چۈمۈلگەن ھالدا بالىسىنى ئېلىپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ.

«قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغۇچى، رىزىق – رەھمەتنى ئاشۇرغۇچى» (ئەلفاتتاھ) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب جانابى ھەق ئۇنىڭ قورقۇنچىنى، ئىززەت – ئابرۇيغا، سەكپارىلىقىنى، دىل ئارامىغا ئايلاندۇرۇپ بەردىكى، پىشكەلچىلىك بىلەن ئۇندىن قۇتۇلغىچىلىك بولغان ۋاقىت پەقەت شۇنچىلىك ئىدى.

ئىشلار ئىلكىدە بولغان ئاللاھ پاكتۇر! ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇ بولىدۇ. نېمىنى خالىمىسا شۇ بولمايدۇ. جانابىي ھەق ئۆزىدىن قورقىدىغان كىشىگە ھەر قانداق غەم – غۇسسە، پېشكەل – پالاكەتچىلىكتىن كېيىن چىقىش يولىنى ھەم ئۆزى بېرىدۇ.

بۇ قىسسە تامام


 يۇسۇفنىڭ ئوخشىشى

ئىمام ئىبنى قەييۇم «ياخشى كۆرگۈچىلەر باغچىسى» (رەۋزەتۇلمۇھىببىين) دېگەن كىتابىدا، خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ زامانىدىكى بىر قىسسىنى بايان قىلغان.

ئەلقىسسە: بۇ بىر سالىھ (توغرا يول تۇتقۇچى) يىگىت ھەققىدىكى قىسسە بولۇپ، ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ تەقۋا، دۇرۇسلىقىغا مەستلىكى كېلەتتى، ئۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش ئىدى. ئۇنى كۆرمەي قالسا ئىز – دېرىكىنى قىلىپ تۇراتتى.

ئۇ يىگىتنى كۆرگەن بىر ساھىبجامال ئايال ئۇنىڭغا ئاشىق – بىقارار بولىدۇ – دە، ئۇنىڭغا ئېرىشمەك كويىدا بولىدۇ.

بىر موماي ئۇنى بۇ ئايالىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ھېلىقى يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ، «مېنىڭ بىر ساغلىق قويۇم بار ئىدى، سېغىشقا كۈچۈم يەتمىدى. مەندەك بىر قېرىغا ياردەم قىلساڭ ئەجىر ئالاتتىڭ، ئوغلۇم» دەيدۇ.

ساۋابلىق ئىشنى ئىزدەپ – سوراپ قىلىدىغان بۇ يىگىت مومايغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئۆيدىن قوي ئەمەس، چىرايلىق بىر ئايال چىقىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يىگىت ئايالدىن ئۆزىنى بىر چەتكە ئالىدۇ ۋە ئاللاھنى زىكرى قىلىدۇ.

يىگىتكە قايتا – قايتا سۈركىلىپمۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئايال، «ۋاي، بۇ مېنىڭ نۇمۇسۇمغا تەگمەكچى بولدى!» دەپ چوقان – سۈرەن سالىدۇ. توپلانغان كىشىلەر ئۇنى راسا ئۇرىدۇ.

ئەتىسى يىگىتكە تامامەن ئىشەنگەن ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)، «ئى، رەببىم ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتمىگىن» دېگەن ئۈمىت بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ ۋە يىگىتتىن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سوايدۇ.

ئىشنىڭ راستىنى ئاڭلىغان ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇ ئايالنىڭ قوشنا – خۇلۇملىرى ئىچىدىكى مۇمايلارنى چاقىرىتىپ كېلىپ، يىگىتكە تونۇتىدۇ. تۇتۇلغان مومايدىن ئىشنىڭ راستىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۈ. مومايدىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلىغان ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن): « بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ يۇسۇفنىڭ ئوخشىشىنى چىقارغان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ – سانالار بولسۇن! » دەيدۇ


 مەن ئەما

 ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىردە، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن باش تارتىپ، ئىلىم كويىدا ئىزدەنگەن تەقۋا بىر ياش ئۆتكەنىكەن. قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن يېگۈدەكمۇ بىر نەرسىسى قالمىغان بۇ يىگىت بىر كۈنى قورساققا دال بولغىدەك بىرەر نەرسە ئزدەپ چىقىدۇ ۋە مېڭىپ – مېڭىپ بىر ئالمىلىق باغدا ئاياغلاشقان خالتا كوچىدا توختاپ قالىدۇ. قارىسا، بىر شاخ ئالما يولغا ساڭگىلاپ تۇرغان، «ھېچكىم كۆرمىگەندىكىن بۇ ئالمىدىن بىرەر تال يەپ قورسىقىمنى گوللاپ تۇرسام، ھېچ گەپ بولماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر تال ئالمىغا بۇ باغنىڭ مېۋىسى كەملەپ كەتمەس» دېگەنلەرنى ئويلىغان يىگىت ئالمىدىن بىر تال ئۈزۈپ يەيدۇ.

ئەمما، ئۆيىگە قايتقاندىن كېين، ئۆز – ئۆزىنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ:

مۆئمىن كىشىمۇ مۇشۇندا قىلامدۇ؟! مەن قانداقسىگە بىر مۇسۇلماننىڭ تەئەللۇقاتىدىن ھېچقانداق ئىزىن – ئىجازەتسىز ھالدا ئۆز نەپسىگە قول ئۇزاتتىم – ھە!؟

ئۇ شۇ خىياللار بىلەن باغنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە: «تاغا، تۈنۈگۈن ماڭا ئاچلىق يىتىپ، بېغىڭىزدىن بىر تال ئالمىنى ئۈزۈپ يەپ سالغان ئىدىم. مانا بۈگۈن شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ئىزىن سوراپ كەلدىم» دېگەندە، باغۋەن ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا سېنىڭ ئۈستۈڭدىن داۋا قىلىمەن!» دەيدۇ.

مۆئمىن يىگىت ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ، يىغلاپ يالۋۇرىدۇ: « مېنى كەچۈرىۋېتىدىغانلا بولسىڭىز، مەن ھەرقانداق ئىشقا تەييار، مېنى بۇ ئىشتىن خالاس قىلىۋېتىڭ» ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان باغۋەن ئۇنى تاشلاپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ. يىگىت ئۆينىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئەسىر نامىزىغا چىقىشىنى ساقلايدۇ.

باغۋەن ئۆيىدىن چىقىپ، يىگىتنىڭ تېخىچە ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ساقاللىرى ئارقىلىق دومىلاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىدىن، چىرايدىن ئىلىم ۋە تائەت – ئىبادەتنىڭ نۇرلىرىدىن باشقا يەنە ئاللىقانداق بىر نۇرنىڭ پارلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.

يىگىت يەنە يالۋۇرىدۇ: «تاغا، مەن قېلىپ قالغان بۇ ئۆمرۈمدە بېغىڭىزدا ئىشلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە، نېمىگە بۇيرىسىڭىز شۇنى قىلىشقا تەييارمەن، مېنى كەچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز!»

بۇ چاغدا، باغۋەن ئويلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «ئى، ئوغلۇم مەن سېنى كەچۈرىۋېتىشكە تەييار، بىراق بىر شەرتىم بار» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان يىگىت كۆزلىرىدىن ھاياجان ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ تۇرۇپ سورايدۇ: «كۆڭلىڭىزگە كەلگەنلىكى شەرتنى قويۇڭ ، تاغا»

«شەرتىم شۇكى، مېنىڭ قىىزم بىلەن توي قىلىسەن» دەيدۇ باغۋەن.

يىگىت بۇ شەرتنى تازا چۈشىنەلمەي، ھاياجان ۋە ھەيرانلىقتا تېڭىرقاپ قالغاندا، باغۋەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ:

«ئەمما، ئوغلۇم شۇنى بىلىپ قالغىنكى، مېنىڭ قىزىم كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئىشتمەس، تىلى ئىشلىمەس، پۇتى باسماس بىر قىز. مەن ھەم ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ قىزىمنى لايىق كۆرگىدەك بىر ئەر ئىزدەۋاتقان ئىدىم. قىزىمنى لايق كۆرسەڭ گۇناھىڭدىن كەچتىم»

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يىگىت ئۆزىگە كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق مۇسىبەتتىن بېشى قاتقان، ھەيرانىلىك دېڭىزغا پاتقان ئىدى. ئون گۈلىنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغان بۇ بىتەلەي يىگىت ئەمدى ئۆمۈر بوي ئاشۇ مەجرۇھ قىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاي – پېتەك بولۇپ ئۆتسۈنمۇ!؟ ئۇنىڭ خىياللىرى قىزغا بېرىپ توختىغاندا، «قىزغا دۇنيالىقىڭدا سەۋر قىلىسەن، ئەمما ئاخىرەتتىكى ئالما دەۋاسىدىن قۇتۇلىسەن» دېگەنلەرنى ئويلىدى – دە، «تاغا، قىزىڭىزنى لايىق كۆردۈم، جانابى ھەقتىن نېيىتىمگە ئەجىر بېرىشىنى، ماڭا يەتكەن بۇ ئىشلاردىن ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىنى سورايمەن» دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ.

«ئەمىسە، شۇنداق بولسۇن، ئوغلۇم! ئالدىمىزدىكى پەيشەمبە توي زىياپىتڭلارنى بېرەي، قىزىمنىڭ مېھىر ھەققى مەندىن بولسۇن» دەپ گەپنى ئۈزىدۇ، باغۋەن.

پەيشەمبە كۈنى كەلگەندە، توي بولىدىغان بۇ يىگىت توي بولىدىغاندەك ئەمەس، ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ - سۆرەپ، غەم دەرياسىدا لەيلەپ – لەيلەپ يېتىپ كېلىدۇ. قىزنىڭ دادىسى ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ، سالام – سائەتتىن كېيىن، «ئايالىڭنىڭ قېشىغا كىرگىن ئوغلۇم، ئاللاھ تائالا ئىشىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، ئاراڭلارنى ياخشىلىق رىشتىسىدە يېقىن قىلسۇن!» دەپ ئۇنى قىزنىڭ ھوجرىسىغا يىتىلەپ ئاپىرىپ قويىدۇ.

يىگىت قارىغۇدەك بولسا، غۇنچە بويلۇق، ئاي يۈزلۈك، چولپان كۆزلۈك، سۇمبۇل ساچلىق بىر ساھىبجامال قىز: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆمۈر يولدىشىم!» دېگىنىچە سالام بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.

جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن پەرى كەبى بۇ قىزنى كۆرگەن يىگىت، دادىسىنىڭ قىز ھەققىدىكى سۈپەتلىرىنى ئەسلەپ گاڭگىراپ، قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالغان ئىدى.

يىگىتنىڭ خىيالىدىن نېمىلەر كېچىۋاتقانلىقىنى سەزگەن قىز، ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولىغا مېھىر بىلەن سۆيىدۈ – دە، ئېيتىدۇ: «شۈبھىسىزكى، ھارام ئۈچۈن كۆزۈم كور، ھارام سۆزلەر ئۈچۈن تىلىم تۇتۇق، ھارام پاراڭ ئۈچۈن قۇلىقىم پاڭ، قەدەملىرىم ھارام ئۇچۈن پالەچتۇر، مەن دادامنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى، دادام ماڭا بىر نەچچە يىلدىن بىرى لايىق ئىزدەۋاتقان ئىدى، سىز ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئالما ئۈچۈن ئىزىن سوراپ كېلىپ، ياش تۆكتىڭىز. دادام دېدى، ‹شۈبھىزكى، بىر ئالما چاغلىق كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورققان كىشى، ئەلۋەتتە، ئاللاھتىن قورقۇپ قىزىمغا ھەقسىزلىك قىلشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.› مېنىڭ سىزگە ئۆمۈر ھەمراھى بولغانلىقىم ۋە سىزنىڭ دادامغا ئوغۇل بولغانلىقىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن!»

يىل ئۆرۈلۈپ، ئۇ قىز بىر ئوغۇل يەڭگىيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئوغۇل ئىسلام ئۈممىتى تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغانلاردىن بىرى ئىدى. سىز ئۇ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟

ئۇ مەشھۇر فقھىيشۇناس (ئىسلامى قانۇنشۇناس)، ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ھەنىيفە[12]دۇر.

(قىسسە تامام)


 تاش چۈشۈپ كەتتى

ھەي، بىمار! كېسەللىك سېنىڭ قۇدرەت ساھىبى ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېھتىياجىڭنى نامايەن قىلماقتا، مۇھتاجلىقىڭنى ئاشكارىلىماكتا. شەك – شۈبھىسىزكى، سەن ئاللاھقا بىر تىنىقىڭغا چاغلىق ۋاقىت ئىچىدىمۇ مۇھتاج بولماي تۇرالمايسەن.

قەلبىڭ ياراتقۇچىڭغا باغلانسۇن، غاپىللىق دەملىرىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا يۈزلەنگىن!

 بىر ھەكىم شۇنداق بىر ھېكمەتنى دېگەنىكەن، «بەزى ئەزالاردىكى كېسەللىك يەنە بەزى ئەزالارنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ.»

 قوللىرىڭنى كۆتۈر، كۆز ياشلىرىڭنى مەيلىگە قوي، پەردىلەنگەن مۇھتاجلىقىڭنى ئاچ، ئاجىزلىقىڭغا تەن بەر.

سەئىد ئىبنى ئەنبەسە مۇنداق بىر رىۋايەتنى قىلىدۇ:

بىر كىشى تاش ئويناپ ئولتۇرۇپ ئۇنى ئاسمانغا ئاتىدۇ، تاش چۈشۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كېتىدۇ. باشقىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى چىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاش ئۇنىڭ قۇلىقىدا قېلىپ، ئۇنى خېلى بىر مەزگىلگىچە ئازابلايدۇ.

بىر كۈنى ئولتۇرۇپ، بىرسىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن، « نەمىلە » سۈرىسىدىكى ]بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋېتىدىغان كىم؟[ (62- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنى ئاڭلاپ قالىدۇ – دە، «ئى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى رەببىم، مەن بىر بېشىغا كۈن چۈشكەن مۇھتاجمەن. مېنى بۇ ھالدىن قۇتقۇزغىن!» دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىشىغىلا، قۇلىقىدىن تاش چۈشۈپ كېتىدۇ.

ھەيران قالمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ئۇ بىر ئىشنى ئىرادە قىلىپ، ئۇنىڭغا بول دېسە، شۇ بولىدۇ.

ھەي، بىمار، كېسىلىڭ ئۇزاققا سوزىلىپ كەتسە، ئاللاھ تائالاغا نامۇۋاپىق گۇماندا بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلە!

 «ئاللاھ تائالا مۇشۇ كۈننى بېشىمغا سېلىشنى ئىرادە قىپتۇ، ساقلىقىمنى خالىماپتۇ، ماڭا مۇشۇ زۇلۇمنى خالاپتۇ» دېگەن ھالاكەتلىك قاراشتا بولۇپ قالما، بىلگىنكى، بۇنداق گۇمان ئىنتايىن خەتەرلىك.

ئىمام ئەھمەد ئەبۇ ھۈرەيرىدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ (توغرا) ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇنداق دېگەن:

«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ، بەندەم مېنىڭ قانداق بولىشىمنى ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياخشى دەپ ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا ياخشى بولىمەن. ئەگەر يامان گۇمان قىلسا، مەن ئۇنىڭغا يامان بولىمەن.»

بالايى – قازا، ئاپەت – مۇسىبەت، قىيىن – قىستاڭچىلىقتا قېلىش، قەرىزگە بوغۇلۇپ قېلىش، كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان نامىراتلىق بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا دەرد ئېيتشقا، ھاجىتىنى تىلەشكە مۇھتاج قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر.

تالايلىغان قەرىزدار ئەھدىگە ۋاپا قىلالمايۋاتىدۇ. سانسىزلىغان نامراتلار قوۋناق ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالماي، بەختسىزلىك كوچىلىرىدا قېلىۋاتىدۇ. غەم – غۇسسىدىن كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان، كۈندۈزى قېقىلىپ – سوقۇلىۋاتقان، بۈگۈنىگە تاپسا، ئەتىسىگە يوق، بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرالمايۋاتقانلار، قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىۋاتقان ياكى تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلار، ئىجارىلىك ئۆي، چۆچۈرىدەك بالىلىرى بىلەن قارىغۇچىسىز قالغان مىسكىن ئايال ساخاۋەتىچىلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىشى ياكى، ناتوغرا يولغا مېڭىپ كېتىشىنى بىلمەيدۇ

تۆۋەندىكىسى قەرزدارلىقتىن تۈرمىگە سولانغان بىر ئەرگە ئايالىنىڭ يازغان خېتى:

«بىز توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىز تۈرمە زۇلمىتىدە غايىب بولدىڭىز. سىزنى يوقىتىپ قويغىنىمغا قانچىلىك بولغانلىقى، ئاللاھنىڭ سىزگە نېمىلەرنى تەقدىر قىلغانلىقى، سىزنىڭ ھازىرغىچە ھايات ياكى ئەمەسلىكىڭىز ماڭا قاراڭغۇ. ھايات بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قازايى – قەدەر يەتكەن بولسا ھەم، خەۋرىڭىزنى كۈتىمەن.

مېنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ بولۇپمۇ كەنجىڭىزنىڭ ھالىنى بىلگەن بولسىڭىزمۇ، كاشكى! مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم، ئاللاھنىڭ ۋە سىزنىڭ ئامانىتىڭىزگە خىيانەت قىلايمۇ؟ سىزنىڭ نىكاھىڭىزدا تۇرۇپ باللىرىمىز ئۈچۈن ھارام يولدىن نان تاپايمۇ؟ ياكى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ باللىرىڭىزنى ھالاك قىلايمۇ؟...» (بۇ قىسسە ‹قەرز بەرگۈچىلەر ۋە ئالغۇچىلارغا› دېگەن كىتابتىن ئېلىنغان.)

بۇ ئەرنىڭ ھالىتىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ قانداق بولۇپ كېتەر؟

قەرىز، تۈرمە، غەم – غۇسسە، نارەسىدە بالىلار، كۆزگە ئىلىنماسلىق، كەمسىتىلىش، بويۇن قىسىش...

تۆۋەندىكى كىشىنىڭ تۆككەن دەردلىرىنى ھەم ئاڭلاپ باققايسىلەر:

«مەن قەرزىمنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن تۈرمىگە قامالغىلى بىر يېرىم يىل بولاي دېدى. ماڭا كېپىل بولغىدەك بىرسى چىقمىدى. مېنىڭ قولۇم قىسقا ئەمما، مېنىڭ ئائىلەم، بالا – چاقام بار، مېنى تۈرمىگە قامىشى توغرىمۇ!؟»

مۇشۇلاردەك، ۋە بۇلاردەك ھالغا قالغان كىشىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:

شۇنچە ئىشىكلەرنى قاقىسىلەر- يۇ، نېمىشقا ئۆزىگە قول تەڭلىگەن بەندىلىرىنى قۇرۇق قايتۇرغۇسى كەلمەيدىغان ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىشىكىنى قېقىش ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ!؟

ئەسسەرى ئەسسەبتى مۇنداق دەيدۇ: «بالا ئاتا – ئانىسىغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسا، ئۇ بالا ئولتۇرۇپ يىغلايدۇ. سەن ھەم گوياكى بىر كىچىك بالا بولغىنكى، ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن سورىساڭ، ئۇ ساڭا بەرمىسە، سەنمۇ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا يىغلىغىن»

ئەبۇ داۋۇد كىتابىدا، ئەبى سەئىدىلخۇدرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان قەرىز توغرىسىدىكى مۇنداق ھەدىسنى تىلغا ئالغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) بىر كۈنى مەسجىدتە ئەبۇ ئەمامە ئىسىملىك بىر ئەنسارىنى كۆرۈپ، ‹ ناماز ۋاقتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ سىنىڭ مەسجىدتە ئولتۇرغىنىڭنى كۆرىمەنغۇ؟› دېگەندە، ئۇ ‹مېنى ئولتۇرغۇزغىنى غېمىم ۋە قەرىزلىرىم، ئەي، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ، ‹ئۇنى قىلساڭ، ئاللاھ تائالا غەملىرىڭنى كۆتۈرىۋېتىپ، قەرىزدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر دۇئانى ئۈگىتىپ قويايمۇ؟› دېگەندە، ئۇ ‹ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇ چاغدا، جانابى رەسۇلۇللاھ ‹ھەر ئەتىگەن – ئاخشامدا، ئى، ئاللاھ، غەم قايغۇدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئېغىر قەرىزدىن ۋە زولۇمدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىن»

ئەبۇ ئەمامە شۇنداق دەيدۇ: «شۇ دۇئانى قىلدىم، ئاللاھ تائالا غەم – قايغۇلىرىمنى كۆتۈرىۋەتتى، قەرزدىن قۇتۇلدۇردى.»

قەلىبلەرنى ئاللاھ تائالاغا باغلىغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ سالام ۋە سالاۋات (بەرىكەت) لىرى بولسۇن!

بەيھەقى ئۆز كىتابىدا، ھىماد ئىبنى سەلمەدىن رىۋايەت قىلىنغان زامانىسىدىكى قارىلارنىڭ ئۇستازى ئەبى ئىسھاق ھەققىدىكى مۇنداق بىر قىسسىنى نەقىل كەلتۈرگەن:

ئەبى ئىسھاق شۇنداق دېگەن: «ماڭا نامراتلىق يېتىپ، بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا مۇھتاج بولۇپ بېرىپ قالدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ناخۇش تەلەتىدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قايتتىم. ئاندىن چۆلگە چىقىپ، يۈزۈمنى تۇپراققا قويۇپ، ئاللاھقا يېلىندىم: ‹ ئى، بارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىلغۇچى، رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچقۇچى رەببىم، ئاڭلاپ تۇرغۇچى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى پەرۋەردىگارىم! ھاجەتلەرنى راۋا قىلغۇچى ئاللاھىم! مېنى سەن ھالال قىلغان ئىش - ئەمەل ۋە نەرسىلىرىڭ ئارقىلىق ھارام قىلغان ئەمەل ۋە نەرسىلىرىڭدىن ساقلاپ قالغىن! فەزلىڭ بىلەن سېنىڭدىن باشقىغا ھاجەت قىلمىغىن! › » ئۇ ئاللاھ تائالاغا يۇقارقى دۇئالار بىلەن يېقىنلىشىدۇ.

ئەبى ئىسھاق ئۆز كەچمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەجدىدىن بېشىمنى كۆتۈرمەي تۇرۇپلا يېقىنلا بىر يەرگە بىر نەرسىنىڭ چۈشكەن تىۋىشىنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، بىر قۇش بىر قىزىل خالتىنى تاشلىغان ئىكەن. خالتىنى ئېلىپ قارىسام، ئۇنىڭدا سەكسەن دىنار ۋە پاختىغا ئورالغان جاۋاھىراتلار تۇرۇدۇ. ئاندىن مەن بۇ جاۋاھىراتلارنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن پۇلغا ساتتىم، دىنارلارغا يەر سېتىۋالدىم. ئۇنى ماڭا ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ – سانالارنى ئېيتتىم.

شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم دۇئالارنى ئاڭلىغۇچىدۇر، كىمىكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلسا (قاتتىق ئىشەنسە) ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كىتابىدا، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان غەم – قايغۇ ۋە بىقارارلىق توغرىسىدا كەلگەن مۇنداق بىر ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، كىمگە غەم – قايغۇ يېتىپ قالسا، ‹ئى، ئاللاھ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ئوغلىمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، كوكۇلام سېنىڭ قولۇڭدا، ئۈستۈمدىكى ھۆكۈمىڭ جارىدۇر، سېنىڭ مەن توغرۇلۇق چىقارغان ھۆكۈمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر. سەن كىتابىڭدا چۈشۈرگەن (نازىل قىلغان) ياكى مەخلۇقاتلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى سىر (غەيب) ئىلمىڭ قاتارىدا ساقلاشنى خالىغان ئىسمىڭ بىلەن شۇنداقلا، سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، سەن ساھىب بولغان بارلىق ئىىسملار بىلەن سورايمەنكى، قۇرئاننى قەلىب باھارىم، دىل نۇرۇم، قايغۇمنى كۆتۈرگۈچى، غېمىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بەرگىن!› دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ غەم – قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شاتلىق (يەنە بىر رىۋايەتتە، ‹چىقىش يولى› دېيىلگەن) ئاتا قىلىدۇ.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) دىن «ئى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنى بىز ئۆگەنمەمدۇق؟» دەپ سورالغاندا، «ئەلۋەتتە، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن.

دەرھەقىقەتكى، بىز ئىنسانلار ھەقىقەتەن ئاجىزمىز...

ئەگەر بىرسىنى غەم – قايغۇ، دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىلىرى بېسىۋالسا ئۇنىڭ ھالى قانداق بولماقچى؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى تېخىمۇ بىلىنىشىدۇ، غەم – ئەندىشە ۋە روھى بېسىمنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.

قارايدىغان بولساق، پىسخىك كېسەللىكلەر بولىمىگە كىرىپ – چىقىدىغانلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپلىكىنى بايقايمىز. ئالتۇندەك ياشلىقتىكى قىز – ئوغۇللار، «قىينچىلىق ۋە سىقىنچلىقنى ھەل قىلغۇچى» (ئەلفەتتاھ) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب ئاللاھقا دەرد – ئەھۋال ئېيتىش، ۋە ئۇ زات بىلەن ھەقىقىي ئالاقە باغلاشتىن يىراق.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىملارنىڭ ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تىن رىۋايەت قىلىغان، مۇسبەت يەتكەندە، قىينچىلىق، قەھەتچىلىكتە، ئىچ سىقىلغاندا ئوقۇيدىغان دۇئالاردىن بىر نەچچىنى يەتكۈزىمىز:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) قىينچىلىققا يولۇققاندا مۇنداق دۇئا قىلغان، ‹ئەلئەزىمۇل ھەلىم (بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان، ئۇلۇغ) ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ ھەم زېمىننىڭ ۋە ئېسىل ئەرىشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر.»

ھەدىسشۇناس ئىمام مۇسلىم ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ‹بىرەر بەندىگە قانداقلا بىر مۇسىبەت كەلمىسۇن، ‹بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى، ئاللاھ مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ساۋاب ئاتا قىلىپ، ئۇ يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ› ئۇممۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ، ‹ئەبۇ سەلەمە[13] قازا قىلغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە دېگەن ئىدىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ئەبۇ سەلەمەدىن ياخشىراق بولغان رەسۇلۇللاھنى ئورنىغا بەردى[14]


 دادا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى

تۆۋەندىكىسى شۇنداق قىسسىكى، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان كىشلەر، ئىماننىڭ تېرەنلىكىگە ھەقىقى چۆككەندىن كېيىن، دۇئانىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر قورال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇ قورال بىلەن بالا – قازا ۋە قېيىنچىلىقنى يەڭگەن كىشىلەردۇر.

ئەسباغ ئىبنى زەيد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە ئۈچ بالام قورساققا دال بولغۇدەك ئوزۇق – تۈلۈكىمىز قالماي نېمە قىلارمىزنى بىلمەي قالدۇق. كىچىك قىزىم، چىقىپ، ماڭا ‹دادا، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى› دېدى»

كۆرۈڭكى، قىز دادىسىغا ئاچلىقتىن شىكايەت قىلدى، ئەمدى بۇ دادا كىمگە شىكايەت قىلىدۇ. (ئاپتور بايانى - ت)

قىسسىنىڭ داۋامى، «ئاندىن مەن تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئېسىمگە كەلگەن دۇئالارنى قىلدىم، ۋە ئاخىرىدا، ئەي مېھرىبانلارنىڭمۇ مېرىبانى بولغان ئاللاھ، ماڭا شۇنداق رىزىق ئاتا قىلغىنكى، ئۇنىڭدا ھېچ كېشىنىڭ مىننىتى بولمىسۇن، مەن ھەم ئاخىرەتتە، بۇ ھەقتە ھېساب بەرمەيدىغان بولاي» دەپ ئۆيگە قايىتتىم.

چوڭ قىزىم كېلىپ ماڭا، «ھەي، دادا بىر كىشى كېلىپ، ‹مەن سىزنىڭ تاغىڭىز، بۇ دەرھەم[15] لەرگە لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىڭلار› دەپ بۇ پۇللارنى بەردى، ۋە‹ قېرىندىشىمغا سالام ئېيتىپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ھاجىتى بولسا مۇشۇ دۇئانى قىلسا، ھاجىتى راۋان بولىدۇ › دەپ كېتىپ قالدى» دېدى.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ھېچقانداق قېرىندېشىم يوق ئىدى، بۇ سۆزلەرنى قىلغان كىشىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بىراق، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىگە قادىردۇر.

(ئەسباغ ئىبنى زەيدنىڭ قىسسى تامام)

شەقىق ئەلبەلخى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ، بىر كۈنى ئايالىم ماڭا، « بۇ بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن قانداق ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ » دېدى. ئاندىن مەن تاھارەت ئالدىم. مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ ماڭا دائىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ، قانداقلىكى ھاجىتىم بولسا، ئۆزىگە ئېيتىشىمنى ۋە ئۇنىڭدىن يوشۇرماسلىقىمنى جېكىلەيتتى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆيدىن چىقتىم. مەسجىدنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئەبى جەئفاردىن رىۋايەت قىلىنغان ‹كىمنىڭ مەخلۇققا ھاجىتى چۈشۈپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالادىن تىلىسۇن› دېگەن بىر سۆز خاتىرەمدىن كەچتى.

ئاندىن مەسجىدكە كىرىپ، ئىككى رەئكەت نامازغا تۇردۇم، تەشاھۇدتا ئولتۇرغاندا مېنى ئۇيقا بېسىۋالدى، شۇ ئەسنادا، چۈشمۇ كۆرۈپ كېتىپتىمەن، چۈشۈمدە، ‹ ھەي، شەقىق، ئاللاھنى قويۇپ، بەندىلەرگە مۇراجەت قىلىپ، ئاللاھنى ئۇنۇتامسەن؟ ھەي، شەقىق، ئاللاھنى قويۇپ، بەندىلەرگە مۇراجەت قىلىپ، ئاللاھنى ئۇنۇتامسەن؟ › دېگەن سادا كەلگۈدەكمىش. ئاندىن ئويغۇنۇپ، بۇ چۈشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

تاكى ناماز خۇپتەنگىچە مەسجىدتە بولدۇم، مەسجىدتىن چىقىپ، ئۇ دوستۇمنىڭكىگە بېرىشتىن ۋاز كېچىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىپ (قاتتىق ئىشىنىپ) ئۆيگە قايتتىم. ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ دوستۇم مەن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆيۈمگە ئۆز قولى بىلەن ئەكىلىپ بەرگەنىكەن.

شەك – شۈبھىسىزكى، جانابى ھەق دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. كىمىكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۇپايە (يېتەرلىك) ئىكەنلىكىدىن ھېچبىرىمىز گۇمان قىلمايمىز – ئەلۋەتتە.

(شەقىق ئەلبەلخىنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)

تەتقىقاتچى ئالىم ئىبنى قەييۇم (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ سۈرە « فاتىھە » بىلەن قىلغان دۇئاسى ۋە بۇ ھەقتىكى قىسسىسىنى ئاڭلاڭ:

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەككىدە تۇرغان چاغلىرىمدا، ماڭا بىر تۈرلۈك كېسەل چاپلاشتى. كېسىلىمگە نە دوختۇر، نە دورا تاپالمىدىم. ئاندىن سۈرە ‹فاتىھە› ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋلاشقا باشلىدىم. بۇ سۈرىنى ئوقۇيمەن –دە، ئۇنى زەمزەم سۈيىگە دېمىدە قىلىپ ئىچىمەن. شۇنداق قىلىپ ساقايدىم. سۈرە ‹فاتىھە› نىڭ ئاجايىپ شىپالىق تەسىرى بارلىقىنى مۇشۇنداق ئۆز تەجىربەمدىن ئۆتكۈزگەن بولدۇم. كېيىن بۇ تەجىربەمنى باشقا كېسەل بولۇپ قالغان مۆمىنلەرگە تونۇشتۇردۇم. ئۇلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۈرە ‹ فاتىھە › نىڭ داۋالىشى بىلەن شىپالىق تېپىپ ساقىيىپ كەتكەنىدى.

 (ئىبنى قەييۇمنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)

 ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە، بىر يۇرتنىڭ باشلىقىغا سۈرە «فاتىھە» ئوقۇلغاندا، ئۇ باش ئاغرىقىدىن سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن. بۇ ھەم «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ پەزىلىتىگە شاھىتتۇر.

دۇئانىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى گۈزەل ۋە نادىر (ئاز ئۇچرايدىغان) بىر مىسالنى قەيىت قىلىشىمىز ئارتۇقچە بولماس:

 سەئىد ئىبنى جۈبەيىر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ بىر خورىزى بولۇپ، ئۇ ھەر كېچىسى ئاشۇ خورازنىڭ چىللىشى بىلەن ئويغىنىدىكەن. ئەمما ئۇ خوراز بىر كېچىسى چىللىماي قويىدۇ – دە، سەئىد تەھەججۇد[16] نامىزىغا تۇرالماي تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ھار كېلىدۇ ۋە ئاللاھقا بۇ خورازنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ. سەئىدنىڭ دۇئاسى ئىجابەت ئىدى. دېگەندەك، شۇندىن كېيىن، خورازنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەئىدنىڭ ئانىسى، «بالام، سەن بۇندىن كېيىن، بىر نەرسە ئۈستىدىن دۇئا قىلمىغىن» دېگەنىكەن.

 (سەئىد ئىبنى جۈبەيىرنىڭ قىسسىسى تاماملاندى)

دەئۋەتچىلەردىن بىرى كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن بىر قىسسىدە، داۋاملىق ئاللاھ تائالانىڭ تائات – ئىبادىتىدە بولىدىغان، ئاللاھنى ھەر زامان تەۋبە بىلەن ئەسلەپ تۇرىدىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قىلغان بىر چۆل سەپىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

ئېلىۋالغان سۈيىمىز تۈگەپ كېتىپ، سۇ ئىزدەپ بىر كۆلنى تېپىۋېدىم، ئۇ بىر قۇرۇق كۆل بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىم. ئاندىن ھەممىمىز تۆت تەرەپكە قاتراپ ئىزدەپ، بىر تېمىممۇ سۇ تاپالمىدۇق. ھەممىمىز ئۇسساپ، قاغجىراپ كەتتۇق.

 شۇنداق قىلىپ، مەن ھەممىدىن پاك، ئىززەتلىك، بەندىلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچى، قۇللىرىغا ناھايىتى يېقىن بولغان پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەپ، تەيەممۇم قىلىپ، قىبلىگە يۈزلەندىم. ئىككى رەئكەت ناماز قىلىپ، تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردۈم. ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن كامالى ئىشەنچ بىلەن سورىدىم، ۋە ئۇ زاتنىڭ، «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋېتىدىغان كىم؟» (‹نەمىل› سۈرىسى، 62 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزىنى ئەسلىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا، كۆكتە نە ئاق بۇلۇت نە قارا بۇلۇت يوق ئىدى. تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ چۆلدىكى مەن تۇرغان ئورۇننى بىر ئالدى – دە، شارقىراپ يامغۇر يېغىپ، ئەتراپىمىزدىكى كۆللەر لىقمۇلىق تولدى. بۇ سۇدىن قانغۇچە ئىچتۇق، يۇيۇنۇپ، تاھارەت ئالدۇق، ۋە جانابى ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدى (ماختاش) ئېيتتۇق.

بىر دەمدىن كېيىن، ئالدىمىزغا قاراپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، ئۇ جايلاردا يامغۇردىن ئەسەرمۇ يوق، قۇپقۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇ بۇلۇت ئارقىلىق دۇئايىم بىلەن سۇغارغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ۋە ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا چەكسىز ھەمدۇ – سانالار ئېيتتىم.

]ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر مەدھىيەگە لايىقتۇر[ (‹شۇرا› سۈرىسى، 28 – ئايەت)

(بۇ قىسسە تاماملاندى)

بۇ كىتابتا يەنە تۆۋەندىكى قىسسىمۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ئەلقىسسە: بىر مۇسۇلمان كىشى بىر دۆلەتكە بېرىپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىق گۇۋاھنامىسى (گىراژدانلىق ھوقۇقى) نى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ھەممىلا جايدىن بۇرنىغا يەپ قايتىدۇ. بۇ كىشى قولىدىن كەلگەنلىكى ئامالنىڭ ھەممىنى قىلىپ، تونۇش – بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە يېلىنىپ باقىدۇ، يەنىلا نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، تەقۋادار بىر ئالىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزنىڭ ئوسال بىر ھالغا قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئاندىن ئۇ ئالىم ئۇنىڭغا، «سەن كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇ زات ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغۇچىدۇر.» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.

ئۇ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن بەندىدىن ياردەم سورايدىغان ئىشلارنى تاشلاپ، ئۇ ئالىمنىڭ دېگىنىدەك، كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بېرىدە ناماز ئوقۇشنى باشلىدىم. سەھەردە، ئاللاھنى سېغىنىپ، ئۇ زاتقا دۇئا قىلاتتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئادەتتىكىدەكلا، ماتېرىياللىرىمنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا تاپشۇردۇم. ئارىمىزدا ۋاسىتىچى ھەم يوق ئىدى. ئۇلار ماتېرىيالىمنى يۇقىرغا يوللىدى. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئۇ ئورگانغا چاقىرىتىلغىنىمدىن شۇنچىلىك ھەيران قالدىمكى، مۇشۇنداق پاسسىپ شارائىتتا تۇرۇپمۇ «پۇقرالىق گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكىنىمگە شۇنچىلىك ھەيران قالدىم .

پەرۋەردىگارىمنىڭ دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ئىجابەت قىلغۇچى، بەندىلىرىگە ئىلتىپاتلىق ۋە يېقىن زات ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. بىراق، نۇقسان ئۆزىمىزدىدۇر. بىز چوقۇم ئاللاھ تائالاغا قايتىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمز كېرەك. ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ دۇئالارنىڭ ئاڭلاپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇش بېشارەت.

ئاياغىنىڭ بوغقۇچى ئۈزۈلۈپ كەتسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا مۇراجەت قىلىپ ھال ئېيتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھەم ئاڭلىمىدۇقمۇ!؟ شۇنداق، ئۇلار شۇنداق بەندىلەركى، ئاياغ بوغقۇچىنىلا ئەمەس بەلكى، بىر چىمدىم تۇزنىمۇ ئاللاھتىن سورايدۇ.

ھەي، ھاجەتمەنلەر! ھەي، كېسەللەر! ھەي قەرىزدارلار! ھەي قېيىنچىلىقتا قالغانلار، ھەي زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار!

ھەي، پالاكەت پاتقىقىغا پېتىپ، غەم دەرياسىدا ئېقىپ يۈرگەنلەر! ھەي، نامراتلىق ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ، ھەق – ھوقۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلار! ھەي، ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشىدا بەخت، بەخت دەپ بەختسىز بولغانلار! ھەي، پەرزەنت تىلەپ، قىلمىغىنى قالمىغانلار! ھەي ئوقۇشتىن ئۇتۇق، خىزمەتتىن ئورۇن ئىزلەپ يۈرگەنلەر! ھەي، مۇسۇلماننىڭ ئىشى دېسە، ئۆز ئىشىم دەپ جان كۆيدۈرىدىغانلار!

ھەي، ھاجەتمەنلەر! ھەي، كەڭرى زېمىن تار تۇيۇلغانلار، «شۇنچە خەقنىڭ بەختى پاتقان دۇنيادا، كىچىككىنە مېنىڭ بەختىم پاتماسمۇ؟» دەپ قوشاق توقۇغانلار! بىز نېمە ئۈچۈن دەردىمىزنى ئاللاھقا دېمەيمىز!؟ ھالىمىزنى ئاللاھقا ئوقۇمايمىز!؟

ئەجابا، ]ماڭا دۇئا قىلىڭلار مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)[ (‹غافىر› سۈرىسى، 60 – ئايەت) دېگەن سۆزنى قىلغان ئاشۇ زات ئەمەسمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز مۇھتاجلىق بىلەن سونۇلغان قوللىرمىزنى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا كۆتۈرمەيمىز.

ئۇ زات ]مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن.(يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن) ماڭا دۇئا قىلسا مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن.[ (‹بەقەرە› سۈرىسى، 186 – ئايەت) دېگەن ئۇلۇغ سۆزنى ئېيتقۇچىدۇر.


 تاغلاردەك مەزمۇت

ئۇ ھەم باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ھاياتنى سۆيىدىغان، ئىمان – ئېتىقادلىق ئايال ئىدى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا، ئىشلىرىغا ئېگە بولغۇچى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە رازى بولغان، ئۇ زاتنىڭ ھۆكمىگە ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىمان ئېمتىھانى ئېلىنغان، راستچىللىقى سىنالغان، ۋە پىتنىگە يولۇققاندا بۇ ئېمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكەن.

ئۇ ھېچنىمنى ئاڭلىماس بىر گاسمۇ تاقەت قىلالمايدىغان تىل – ھاقارەت، بالايى – ئاپەتكە قالغاندا، تاغدەك مەزمۇت، پولاتتەك ئىرادە بىلەن ئۆز مەيدانىدىن تەۋرىمىگەن. جىستۈ – جاسارەتلىك، غەيرەت – شىجائەتلىك ئايال ئىدى. جانابى ھەق ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي ئىمان، مۇستەھكەم ئېتىقادقا يارىشا، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقان. ئۇنداقتا، ئۇ ئايال كىم؟

ئۇ يەنە شۇنداق ئايالكى، تالاي يىللار كۇپۇر[17] ۋە شېرىكتە ئۆتۈپ، ھاياتىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىدا، ئىمان بىلەن شەرەپلەنگەن. ئۇنداقتا، ئۇ زادى كىم؟

ئۇ ئايالنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) تەرىپىدىن خەۋىرى بېرىلگەن. ئەمدى بۇ ئۇزۇن قىسسىنىڭ بايانىغا كېلىمىز:

سۇھەيب (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ شاھنىڭ بىر سېھرىگىرى بار ئىدى. ئۇ سېھرىگەر قېرىغاندا پادىشاھتىن، ‹پېقىرغا قېرىلىق يەتتى، بىر شاگىرتقا ئىجازەت قىلسىلا، ئۇنىڭغا ھۈنىرىمنى ئۆگەتكەن بولسام › دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ. شاھ ئۇنىڭغا بىر بالىنى شاگىرتلىققا ئىۋەرتىدۇ.

بالا ئۇستازىنىڭ قېشىغا كېتىۋېتىپ، بىر راھىبقا ئۇچراپ قالىدۇ – دە، ئۇنىڭ قېشىدا سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ راھىبقا قىزىقسىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھەر كۈنى سېھرىگەرنىڭ يېنىغا بارغۇچە راھىبنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن. سېھرىگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇستازى ئۇنى‹كېچىكىپ قالدىڭ› دەپ ئۇرىدىكەن. بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىلىپتۇ. راھىب ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سېھرىگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۇرۇپ قويدى› دېگىن، ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ، ‹مېنى سېھرىگەر ھايال قىلىپ قويدى› دېگىن- دەپتۇ.

بالا شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بېرىدە، ئۇشتۇمتۇت يوغان بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى توسىۋاپتۇ. بالىنىڭ كۆڭلىگە، ‹راھىب ئۈستۈنمىدۇ ياكى سېھرىگەرمىدۇ؟ بۈگۈن بۇنى بىر بىلىپ باقاي› دېگەن خىيال كەپتۇ – دە، قولىغا يوغان بىر تاشنى ئېلىپ، ‹ئى، ئاللاھ، ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھرىگەرنىڭكىدىن ياخشى بولىدىغان بولسا، قولۇمدىكى بۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن.› دەپ تاشنى بىر ئاتقانكەن، ھايۋان ئۆلۈپتۇ. يول راۋانلىشىپتۇ. بالا بۇ ئىشنى راھىبقا دېگەن ئىكەن. راھىب، ‹بالام، سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن، مەن يەتكەن ماقامغا يېتىپسەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، سىناققا دۇچ كېلىسەن، سىنالغان چېغىڭدا مېنى ئاشكارىلاپ تاشلىما.› دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ. كېيىنچە بالا قارىغۇ، ئاق كېسەل ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ بىر كور بولۇپ قالغان ئۈلپەتدېشى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن سوۋغا – سالاملار بىلەن كېلىپ، بالىغا دەپتۇ: ‹ئەگەر كۆزۈمنى داۋالىيالىساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن.›

‹مەن ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن. پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ، سەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتساڭ، مەن ئاللاھقا دۇئا قىلاي، ئاللاھ ساڭا شىپالىق بەرسۇن› دەپتۇ. ئۇ كىشى ئىمان ئېيتىپتۇ، ئاللاھ شىپالىق بېرىپتۇ.

ئۇ كشى شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاۋالقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. شاھ ئۇنىڭدىن ‹كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى› دەپ سورىغانىكەن، ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپتۇ:

- سېنىڭ مەندىن باشقىمۇ پەرۋەردىگارىڭ بارمۇ – ئەجابا!؟

- ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ. بالا شاھنىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بالىغا:

ئوغلۇم، سېنىڭ سېھر ماھارىتىڭ شۇ دەرجىگە يېتىپتۇكى، قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنىمۇ داۋالىيالايدىكەنسەن، خېلى – خېلى ئىشلارنىمۇ قىلالايدىكەنسەن – ھە!؟ - دەپتۇ.

- ياق، مەن ھېچكىمنى داۋالىيالمايمەن، شىپالىق پەقەت ئاللاھ تەرەپتىندۇر – دەپتۇ، بالا. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىمۇ قاتتىق قىيىن – قىستاققا ئاپتۇ. ئاخىرى بالا راھىبنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. راھىب ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ.

پادىشاھ ئۇنى دىنىدىن يېنىشقا قىستاپتۇ، راھىب ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ راھىبنىڭ بېشىنى ھەرىدەپتۇ، راھىبنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ھېلىقى ئۈلپەتدېشىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ، ‹دىنىڭدىن يان› دەپتۇ. ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىمۇ ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىپتۇ. نۆۋەت بالىغا كەپتۇ. ئۇنىمۇ دىنىدىن يېنىشقا زورلاپتۇ. بالا ئۇنىمىغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنى قول ئاستىدىكى بىر توپ ئاتارمەن – چاپارمەنلەرگە تاپشۇرۇپ، سىلەر بۇنى پالانى تاغقا ئېلىپ چىقىڭلار، تاغ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ يەنىلا دىنىدىن يانمىسا ئۇنى تاغدىن تاشلىۋېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلىپتۇ. ئۇلار بىر تاغقا چىقىپتۇ. بالا، «ئى، ئاللاھ، مېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىر رەۋىشتە ساقلاپ قالغىن» دەپتۇ. شۇ ئان، تاغ تەۋرەپ، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن، ‹قېشىڭدىكىلەرگە نېمە بولدى› دەپ سوراپتۇ. ‹ئاللاھىم مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، بالا.

پادىشاھ بالىنى يەنە بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، بالا، «ئى، ئاللاھ، ئۆزۈڭ خالىغان بىر رەۋىشتە مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالغىن» دەپ دۇئا قىپتۇ. شۇ چاغدا، كېمە ئۆڭتۈرىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن، ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟› دەپ سوراپتۇ. بالا، ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. سەن مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىغۇچە، مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن.› دەپتۇ. پادىشاھ، ‹قېنى ئېيىت!› دەپتۇ. بالا، «سەن خالايىقنى بىر تۆپىلىككە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن ئوقدىنىمدىن بىر تال ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، ‹‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئاتساڭ، مېنى ئۆلتۈرەلەيسەن› دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن شاھ خالايىقنى بىر دۆڭگە يىغىپ، بالىنى بىر خورما شېخىغا ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى چىقىرىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ، ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ پىشانىسىنى تۇتقان ھالدا جان بېرىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغۇن خالايىق، ‹بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىشەندۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق› دەپ توۋلىشىپ كېتىپتۇ. كىشلەر شاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ‹باق، ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيىتتى.› دەپتۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن پادىشاھ دوقمۇش – دوقمۇشقا چوڭقۇر ئازگال كولاپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت ئۇلغىيىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ، ‹كىمدە كىم دىنىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوت ئازگىلىغا تاشلاڭلار، ياكى ئۆزىنى سەكرىتىڭلار› دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇنداق قىلىپتۇ. شۇ ئەسنادا، قولىدا، بوۋىقىنى كۆتۈرگەن بىر ئىمانلىق ئايال ئوت ئازگىلى ئالدىدا، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغاندا، بالىسى زۇۋانغا كېلىپ، ‹چىداڭ، ئانىجان، شۈبھىسىزكى، سىز ھەقىقەت ئۈستىدە.›» دەپتۇ.

- مۇسلىم رىۋايىتى

قانداق ئېسىل مۆئمىن ئايال – ھە، ئۇ! ئۇ ئۆزىنىڭ ئوت دېڭىزنىڭ بويىدا تۇرغانلىقىنى، ئۆزىنى كۈتىۋاتقىنىنىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت قاينىمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ – يۇ، تايماستىن، قايماستىن ئالدىغا قەدەم تاشلىيالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئوت يالقۇنىدا ھالاك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

ئۇ ھېچ قانداق گۇناھسىز ۋە غۇبارسىز بىر سەبىگە قارىۋىدى. بالا زۇۋانغا كېلىپ، ئىشەنچ بېغىشلاپ، ئۇنى ئوتقا ئالدىراتتى. «ئانىجان، چىدىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەت ئۈستىدە».

ئادەتتە، ئوتتىن كىچىكلەردىن بەكرەك چوڭلار قورقىدۇ. ئوت ھارارىتى ۋە يالقۇنى بىلەن قورقۇتىدۇ. بۇ بوۋاق ئانىسىنى ئالغا ئۈندىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئاللاھ تەرەپتىن ئۇ ئايالغا ئىنئام قىلىنغان مۇستەھكەملىكتۇر، بەس!

ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنئام ئايالنىڭ ھەقىقىي ئىمانىغا بېرىلگەن. بۈگۈنىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاياللار ئۇنداق لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنغا ئىتتىرىلمەيدۇ بەلكى، ياپ – يېشىللىق بوستانلار ئۇلارنىڭ ئارامگاھى، ئۇلار پەقەت ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشكە، ئۆز گۈزەللىكىنى نامەھرەملەرنىڭ نالايىق نەزەرلىرىدىن يوشۇرۇپ، ئىسلامى كېيىنىشكە چاقىرىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ياپ – يېشىللىق بوستاننى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى ئۆزى خاھىشى بىلەن دوزاخ ئوتىغا باشلاپ قېلىۋاتىدۇكى، بۇ ئىماننىڭ مىۋىسى ئەمەس بەلكى، ئاسىيلىقنىڭ ئوقىبىتى، خالاس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇبارەك لەفىزلىرى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار، بىر كىشى ئوت ياققان، ھاشارەت، پەرۋانىلەر ئۆزىنى ئۇ ئوتقا ئېتىۋاتقان، يەنە بىر كىشى بولسا، ئۇلارنى ئوتتىن توسۇۋاتقان بىر كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى،  مەن بولسام ئوتقا چۈشۈپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلاردىن تۇتىۋېلىۋاتىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئوتقا تاشلاۋاتىسىلەر» - بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

شۇنداق، ئۆز نەپسى – خاھىشىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئۆزىنى ئوتقا تاشلاۋاتقانلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئاخىرەت ئوتىدىن قېچىپ، ئالدىدىكى ئوتقا ئۆزىنى تاشلاۋاتقانلار ھەم باركى، «بۇرج» سۈرىسىدە، تىلغا ئېلىنغان ئۇ قەۋم دەل ئىمانى مۇستەھكەملىك بىلەن ئاخىرەت ئوتىدىن قېچىپ، ئالدىدىكى ئوتقا ئۆزىنى ئېتىشقا ئالدىرۋاتقانلاردۇر.

ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، پادىشاھ كوچا ئېغىزلىرىغا چوڭقۇر ئازگال كولاپ، ئۇنىڭغا ئوت ياقتۇرۇپ، ئوت ئۇلغايغاندا، «كىم دىنىدىن يانىدىكەن، ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، ئەگەر يانمايدىكەن، ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دەپ پەرمان چۈشۈرىدۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى كىشىلەرنى ئوتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، دىنىدىن يېنىشقا كۈشكۈرتىدۇ. بىراق ئۇ ئىمان ساھىبلىرى قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي جەننەتلەر ۋە ئۆستەڭلەرگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.

]مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار شۈبھىسىزكى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.[ (‹ بۇرۇج › سۈرىسى، 10-، 11- ئايەتلەر)


 پەقەتلا بەش رىيال

ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ. ئالدىدا مولدۈرلەپ ئولتۇرغان جۈپ – جۈپ قارا كۆزلەر ئالدىدىكى ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى، بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئاتا – ئانا دېگەن ئۆز بالىسىنى يات بىركىمگە تاپشۇرمايدۇ – يۇ، پەقەت مەكتەپكىلا ئۆز ئېختىيارلىقى بىلەن تاپشۇرىدۇ. بالا مەكتەپتە ئۆتكەن ئالتە سائەت ۋاقتىدا، ئاتا – ئانىسىنى ئويلىمايدۇ، ئاتا – ئانا ھەم خاتىرجەم ھالدا ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بالىلار مەكتەپتە زادى نېمىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ؟ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.... مەكتەپتىكى مەسئۇلىيەت نېمانچە چوڭ، نېمانچە ئېغىر!

ئۇنىڭ ئەس – يادى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشتا ئىدى. ھالبۇكى، بۇلار چۈشىنىش قابىلىيىتى تېخى تولۇق يېتلىپ بولالمىغان، كىچىك بالىلار بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەتكۈزگەنلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قوبۇل قېلىىپ مېڭىۋاتقىنىنى سەزدى.

سەدىقىنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلىۋىدى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەدىقە بېرىشكە ئالدىراشقانلىقىلىرىنى بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلاپ تۇردى.

ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ئىشتىياقى چۈشكەن. ئادەتتە، ئاللاھ رەھمەت قىلغاندىن باشقا خېلى كۆپ مۇسۇلمانلارمۇ سۈبھى نامىزى (ناماز بامدات) غا مەسجىدكە كېلىپ بولالمايدۇ. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلار سۈبھى نامىزىغىمۇ مەسجىدكە كېلەتتى ۋە «ئۇستاز بىزگە بۇنىڭ پەزىلىتىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى» دېيىشەتتى.

ئۇ زور بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى مەسجىدلەردىكى قۇرئان يادلىتىش دەرىسلىرىگە تەشكىللەپ، ھەر قايسى مەسجىدلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى ھەدىيە بىلەن زىيارەت قىلىپ تۇراتتى.

ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئىستەكتە ئىدى. باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غېمىنى يەيتتى، باشقىلارغا ئېغىر كەلگەن ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلارغا مېھرىنى ئايىماي بېرەتتى، تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇلارنى يوقلاپ تۇراتتى. بالىلار ھەم ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇ بىر كۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى: «ئاراڭلاردىن كىم ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرغۇچى داھى[18] بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟»

ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ھەممىمىز خالايمىز!» دېگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئان تىلاۋىتى ياكى مۇناسىۋەتلىك لىكسىيە (تەبلىغ) لېنتىلىرىنى بۇيرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن لېنتىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئاڭلاشقا، ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ، لېنتىلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

بۇ بەرىكەتلىك (مۇبارەك) چاقىرىق (دەئۋەت) پائالىيىتى ئارىيەتكە مەسئۇل قىلىنغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ باشچىلىقىدا، لېنتىلاردىن ئۆتۈپ، ئىسلامى كىتابچىلار بويىچە داۋاملىشىپ تۇردى.

بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا بىر خەتنى تاپشۇرۇپ بەردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:

ھۆرمەتلىك تەربىيىچى، بۇ بىر تەشەككۈرنامە شۇنداقلا ئەيىبنامە. سىز كىچىك ئىنىم ئېلىپ كەلگەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ بىزگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز.

شۇنداق، بۇ لېنتا ئائىلە ھاياتىمىزنى تامامەن ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋەتتى. بۇ ئائىلە ئەسلىدە ھايات لەززىتىنى سۈرۈشتىن باشقا غېمى بولمىغان بىر ئائىلە ئىدى. دادام بىزگە ئارغامچىنى ئۇزۇن قويىۋەتكەن، ئىشلارنى تامامەن ئىختىيارىمىزغا بەرگەن بىر كىشى. ئانام بولسا، ئۆز دىنىدىن قىلچىلىك خەۋرى بولمىغان بىر ئايال. بىزنىڭ ھايات يولىمىز ئاللاھ يولىدىن تولىمۇ يىراق ئىكەن. ناماز، ئۇ ئاخىرىدا ئويلىشىدىغان مەسىلە. ئۆيمىزدە ئۇ توغرىدا پاراڭ بولۇپ باققانمۇ ئەمەس. بىز ناماز نى تاشلىغانلىقىمىز ئۈچۈن تاياق يىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغانمۇ ئەمەس!

ئويۇن – تاماششا، بىكارچىلىق، ئىچ سىقىنتىلىق، مەنىسىزلىك... مانا بۇ بىزنىڭ ياشامىمىز. بىز ھەشەمەتخور دۇنيانىڭ رەڭۋاز چېقىنلىرىنى قوغلىشىپ يۈرمەكتىمىز. ئوغۇللار خىزمەت، تەنتەربىيە، ساياھەت كويىدا، ئەمما بىز قىزلار بازار چۆگىلەش، مودا قوغلىشىش، مۇسابىقە، كىنو، كۆپ قىسىملىق تىلۋېزىيە تىياتىرلىرىنى ئۈزمەي كۆرۈش، بىلەن ئاۋارە.

بىراق مەن ئۆزلىكىم (نەفسىم) دە، ھەقىقەتەن روھىمنى غاجاپ تۈگەتكىدەك بىر ھالاكەتلىك قاغجىراشنىڭ ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ھاياتلىق ئىلمى فاكولتېتىنىڭ ئەلاچى ئوقوغۇچىسى بولساممۇ، ئىچ سىقىلىش، روھى بېسىم ئىسكەنجىسىدە مۇجۇلۇپ ياشىغانمەن. مەن تاكى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ئاخشىمىغىچىلىك ھاياتىمدىكى ھەقىقىي بەختنى يوقىتىپ قويغان ئىكەنمەن.

شۇ كۈنى ئېنىم كېلىپ، ماڭا بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى بەردى. ئۇ لېنتىنىڭ «ئەمەلىيەت بىلەن چۈش ئارىسىدىكى بەخت» دېگەن ئىسمىغا قىزىقسىندىم.

ئۇنى ئاڭلاپ، دىندارلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى بەختنى بىر چۈشىنىپ باقمايمۇ، دېدىم. لېنتىنى بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم ئاڭلىدىم. بۇ لېنتىدىكى ئۇستازنىڭ سۆزلىرى گويا ماڭىلا قارىتىلغاندەك ئىدى. ئۇ ئۇستازغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

لېنتىدىن كېلىۋاتقان سۆز – جۈملىلەردىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى بەخت ئىچىدە ئەمەس بەلكى ساختا بەختنىڭ ۋەھىمىسىدە قالغانلىقىمغا قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش تەستىكى ئۇرۇلغاندەك، ئەمدىلىكتە بولسا، مەن يوقاتقان ھەقىقى بەخت يولىغا چاقىرىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

بەخت ھەققىدىكى قارىشىم ئۆزگىرىپ، مېنىڭ بەخت دېگەنلىرىم ئەمدىلىكتە پەگاھقا[19] چۈشۈپ قالدى.

شۇنداق، ئۇ مېنى ئەھرەمەن دېۋىنىڭ ئۇيقۇسىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاباھەتلىك بىر ئۇيقۇدىن ئويغاتقان تۇنجى سادا بولدىكى، بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشىمنى ئۇ ئۇستازنىڭ سۆزلىرىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، سىز ئىنىمگە شەنبە كۈنى بەرمەكچى بولغان لېنتىنى كۈتىۋاتاتتىم. ئىنىمنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرسام ئۇ لېنتىنى ئېلىپ كەلدى. لېنتىنىڭ ئىسمى، «مېنى چۆچۈتتى» بولۇپ، بۇ ئىسىم ماڭا ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ، «ئاگاھ بول، ساڭا رەھىم قىلىنمايدىغىنى شەكسىزدۇر» دەۋاتقان بىلدۈرگۈسىدەك تۇيۇلدى.

لېكسىيە ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ئىدى. «... بۇ مېنىڭ ئاقىۋىتىممۇ؟» دەپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىدىم. ناۋادا مەن نامازنى تاشلىغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام، يۇيۇلمامتىم؟ كېپەنلەنمەمتىم؟ نامىزىممۇ چۈشۈرۈلمەمتى؟

ھەي، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى خار ئىنسان!

چۈشلۈك تامىقىمنىمۇ يېمەي، تاھارەت ئېلىپ، پېشىن نامىزنى ئوقۇدۇم، ئۆتكۈزگەن بارلىق گۇناھلىرىم ئۈچۈن سەجدىدە مەغپىرەت تىلىدىم.

خېتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن يەنە شۇنى دېۋالاي، مېنى ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر، ھۆرمەتلىك تەربىيچىلەر، سىلەر ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلىرىڭلارنى ئادا قىلمايۋاتىسىلەر، پەرزەنتىلىرىمىز سىلەر ئۈچۈن ئامانەت، ئۆيىدىكىلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى بىر ئەلچى ئىدى.

جانابى ھەقتىن قورقۇڭلار، ئامانەتكە تولۇق مەسئۇل بولۇڭلار، مەسئۇلىيىتىڭلارنى تولۇق ئادا قىلىڭلار. ماڭا ئوخشاش تالايلىغان بالىلار تىڭىرقاش ئىچىدە ياشىماقتا. تىڭىرقاش ئىچىدىكى ئۇ بالىلار ھېچقانچە ماددى قىممەتنى تەلەپ قىلمايدىغان بۇ خىل لېنتىلارنى سېتىۋېلىشقا قادىر تۇرۇغلۇق بۇ قىممەتلىك لېكسىيىلەردىن يىراق قالماقتا.

ھۆرمەتلىك تەربىيىچى، شۇنداق قىلىپ، ھالاكەت گىرۋىكىدىكى بۇ ئائىلە بەش رىياللىق لېنتا بىلەن تامامەن ئۆزگەردى.

سىلەر بۇ دەۋەت (چاقىرىق) پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرارسىلەرمۇ!؟


 راھەتكە چىقتىم

يەتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاينى تونۇيتتىم. ئۇ ماڭا شەرەپلىك پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبەۋى شەرف) دە، روزىدار ھالىتىدە، بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئون بەش ياشتىن قىرىق ياشقىىچە تازا يىگىرمە بەش يىل ھاراققا چىلىشىپ ياشىغانىكەن. (بۇنداق ئىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز)[20]

بىر كۈنى دوختۇرغا كىرىپ قالىغاندا، دوختۇر ئۇنىڭ پۈتكۈل تىنىنىڭ ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا، « ساڭا ئەمدى داۋا يوق، سەن پەقەت بۇرۇنقىدەك يۈرىۋەرسەڭلا ھاياتىڭنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرالايسەن » دەيدۇ. (بۇنداق ئىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز .)

بوۋاي ماڭا مۇنداق دېدى: ماڭا دوختۇر ئۇ گەپلەرنى قىلغاندا، مەن گويا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم ۋە «سىلەر داۋالىيالماسسىلەرمۇ؟ دېدىم. ئۇ: «داۋا يوق» دېدى. ئىلاجمۇ بار، داۋامۇ بار دېدىم – ئۆز – ئۆزۈمگە، ۋە شۇ ھامان ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم. شەرەپلىك پەيغەمبەر مەسجىدىدە ناماز ئوقۇدۇم. ئۆيۈمگە قايتىپ، تەۋبە بىلەن ئېھرام باغلاپ، مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، تۈن نىسپى بىلەن ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە (مەككە مۇكەررەمە) گە يېتىپ كەلدىم.

ئۆمرە[21] پائالىيەتلىرىدىن ئادا بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ يىغلىدىم، يىلىنىپ يالۋۇردۇم: «ئى، پەرۋەردىگارىم ماڭا شىپا ئاتا قىلغىن ياكى مېنى مۇشۇ تەۋبە قىلغان ھالىتىمدە قەبزى روھ قىلغىن!»

ماڭا بىرسى «زەمزەم ئىچ!» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، زەمزەم بار جايغا باردىم. ئۇ كۈنلەردە زەمزەم چېلەك بىلەن ئۇسسۇلاتتى. قورسىقىم ھەم ئاچ ئىدى، زەمزەمدىن بىر چېلەك ئۇسسۇپ ھەممىنى ئىچىۋەتتىم. زەمزەم بىلەن ئاللاھ تائالا جىسمىمگە قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.

بىر چېلەك زەمزەمنى ئىچىپ بولغاندا، كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بولۇپ، قۇسقۇم كەلدى. ئىبراھىم دەرۋازىسىغا[22] كەلگەندە قوسۇشقا باشلىدىم. قۇسۇق بىلەن يوغان بىر پارچە قاپقارا ئۇيۇل قاننى قۇسۇپتىمەن. قۇسقاندىن كېيىن، ئاجايىپ راھەتكە چىقتىم.

ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. راھمان تائالانىڭ قولىدا ئىنساننىڭ ھېچ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ياخشىلىق ۋە رەھمەتنىڭ بارلىقىغا، ئۇنىڭغا ئىلتىجالا قىلسا ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىغا جەزىم قىلدىم. ئىككىنچى قېتىم كامىل ئىشەنچ ۋە ھەسسىلەنگەن ئىمان بىلەن دۇئا قىلدىم. ئىلتىجا قىلدىم. ۋە ئاللاھتىن يىغلاپ تۇرۇپ سورىدىم: «ئى، پەرۋەردىگارىم ماڭا شىپا ئاتا قىلغىن ياكى مېنى مۇشۇ تەۋبە قىلغان ھالىتىمدە قەبزى روھ قىلغىن!».

يەنە ئاللىقانداق بىر كۈچ مېنى زەمزەم ئىچىشكە ئۈندەيتتى، شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر چېلەك زەمزەم ئىچتىم. يەنە ئاۋالقى قېتىم زەمزەم ئىچكەندەك ھالەت يۈز بەردى. ئىشك تۈۋىگە بارا – بارىمايلا يەنە قۇستۇم. بۇ قېىتم ئالدىنقىسىدىن ئازراق قۇسۇپتىمەن.

ئۈچىنچى قېتىم دەممۇ دەم ئېشىۋاتقان ئىمان ۋە ئىشەنچىم بىلەن قايتىپ بېرىپ دۇئا قىلدىم، ئىلتىجا قىلدىم. ئاندىن يەنە بىر قېتىم بېرىپ زەمزەم ئىچتىم. ئاندىن قورسىقىم غولدۇرلاپ، زەرداپ ياندۇردۇم.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئۆمرۈمدە ھېس قىلمىغان ئاجايىپ بىر راھەت جىسمىمنى قۇچتى. قايتىپ، دۇئا قىلدىم. راھمان تائالانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان راھەتچىلىكى بىلەن ئۇيقىغا چۈمۈپتىمەن. سۈبھى نامىزنىڭ ئەزىنى بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، «ئاللاھنىڭ بۇ مۇبارەك ئۆيى (كەئبە) دىن ئۈچ كۈنگىچە مىدىرلىماسلىققا ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇ كۈنلەرنى ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە ساقلىق تىلەپ، زەمزەم ئىچىپ ئۆتكۈزدۈم.»

مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مېنى دۋالىغان دوختۇرغا قايتا كۆرۈندۈم.ئۇ مېنىڭ ھېدايەت نۇرى بىلەن رەڭلەنگەن يۈز – كۆزلىرىمگە بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بەدىنىمنى قايتا تەكشۈرۈشكە باشلىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا بولسا، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە ئۆزىنى ئاران ئىشەندۈرگەندىن كېيىن، «ھەي ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھ تائالا ساڭا تىبابەت ئىلمى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بىر مۆجىزىۋى نەتىجىنى ئاتا قىپتۇ» دېدى.

مەدىنىدە ئۇ ماڭا ئۆز كەچمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ چاغ بولسا، ئۇنىڭ شىپا تېپىپ، ئوتتۇز يىل ساغلام ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ خەيىرلىك ئاخىرلىشىشىنى كۈتىۋاتقان دەملىرى ئىدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ماڭا روزىدار ھالەتتە تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇ خەيرلىك ئۈستىدە ۋاپات تاپتى.

         (بۇ قىسسە تاماملاندى)


 ئەقلىمدىن ئادىشىپ قالغاندەك تۇرۇپتىمەن

ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئوقۇش ۋە ئەخلاقتا ئالدىنقى قاتارىدىكى قىز ئىدىم. بىر كۈنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقسام، بىر يىگىت ماڭا خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەك تىكىلپ تۇرۇپتۇ. يولۇمغا ماڭدىم، ئۇ كەينىمدىن مېڭىپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتقاندەك قىلاتتى. ئاندىن ئۇ يولۇمنى توسۇپلا دېدى: « سىزنىڭ ئەخلاقلىق بىر قىز ئىكەنلىكىڭىز ماڭا مەلۇم، سىزگە ئۇزۇندىن بېرى دېققەت قىلىپ كەلدىم، مېنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇم بار ... »

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن چۆچۈدۈم – دە، قەدىمىمنى تىزلەتتىم. ئۆيۈمگە كېلىۋالغۇچە ھېرىپ، پۈتۈن بەدىنىمنى تەر بېسىپ كەتتى. شۇ كېچىسى، ئۇنىڭ گەپلىرى ۋە مېنى چۇلغىۋالغان بىر قورقۇنچ بىلەن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشىكىم ئالدىغا كەلگەندە، تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان خېتىنى ئېلىپ، ئوقۇدۇم. ئۇ خەت سۆيگۈ ۋە ئۆزرە سۆزلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ ماڭا بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تېلىفۇن ئۇرۇپ، «خەتنى ئوقۇدىڭىزمۇ» دەپ سورىۋېدى، «ئەگەر ھوشىڭىزنى يىغمايدىكەنسىز، ئۆيۈمدىكىلەرگە دەيمەن، ئۇ چاغدا، كۆرگىلىكىڭىزنى كۆرۈسىز» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە تېلىفۇن قىلىپ، دوستلىق ئىزھار قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق يامان نېيىتىنىڭ يوقلۇقى، ئۆزىنىڭ بىر مىليونىر ئىكەنلىكى، مېنىڭ ئارزۇ – ئۇمىدلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئىزىپ – ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. قەلبىم بىردىنلا ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا چۈشۈپ، شۇندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ساقلايدىغان بولدۇم. مەكتەپتىن يانغاندا كۆزلىرىم ئۇنى ئىزدەيتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قىن – قىنىمغا پاتماي قالدىم – دە، ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ، بىللە شەھەر ئايلاندۇق.ئۇ شۇ چاغدا، مېنىڭ ئۇنىڭ ئايالى بولىدىغانلىقىمنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا تامامەن ئىشەنگەن ئىكەنمەن.

بىر كۈنى مەن ئادەتتىكىدەكلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقتىم. ئۇ مېنى بىر ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئۆيگە باشلاپ كەلدى. بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە مايىل قىلغان ئىدى. بىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق...

بىز جەھەننەمگە باشلايدىغان چوڭ گۇناھتىن بىرنى قىلدۇق. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئولجا بولغانلىقىمنى، قولۇمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى يوقىتىپ قويغانلىقىمنى بىلگىنىمدە، ئەقلىمدىن ئاداشقاندەك بىر ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، «مېنى نېمە قىلدىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدىم. ئۇ بولسا، «قورقماڭ، مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز» دەپ كۆڭلۈمنى بەزلىدى. «مەن تېخى سېنىڭ نېكاھىڭغا ئۆتمىگەن تۇرسام!» دەپ چالۋاقىدىم. ئۇ، «ئۇزۇنغا قالماي شۇنداق بولىدۇ» دەيتتى. ئۆيۈمگە خامۇش بىر ھالدا قايتىپ كېلىپ، قاتتىق يىغلىدىم. ئوقۇشۇممۇ بىر چەتتە قالدى. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ بۇ ھالىمنى ئەسلا بىلەلمىدى. مەن توي قىلىش تاماسىدا ئولتۇراتتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن توي ئىشىنى مەسلىھەتلىشىمىز دەپ ئويلاپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئۇ چىرايىدىن مۇز ياغقۇدەك بىر ئەلپازدا كەپتۇ ۋە، «توي ئىشىنى مەڭگۈ ئويلىماڭ، نېكاھسىز ئۆتىۋېرىمىز» دېۋىدى، ئىختىيارسىز ھالدا، تازا كېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر تەستەك سالدىم: «مەن تېخى سىنى بىلىپ – بىلمەي ئۆتكۈزۈپ سالغان بۇ سەۋەنلىكنى ئۆزى ئوڭشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، سېنىڭ بۇنچە چۈپرەندە بىر نېمىلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم» دېدىم- دە، ماشىنىدىن يىغلىغانچە چۈشۈپ كەتتىم. ئۇ: «بۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇڭ، بۇنىڭ بىلەن ھاياتىڭىز ۋەيران بولىدۇ» دېگىنىچە قولىدا بىر سىنئالغۇ لېنتىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى. «نېمەڭ بۇ؟» دېدىم زەردە بىلەن. «بۇياققا كېلىپ، كۆرۈپ باقمامسىز» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ، قارىسام، ئۇ ئارىمىزدا بولغان ھارام ئىشنىڭ تولۇق ئېلىنغان سىنئالغۇ لېنتىسى ئىكەن. ئۇنىڭغا، « ھەي، پەسكەش، ئىپلاس، نېمە قىلدىڭ» دېدىم.

ئۇ: «بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بارلىق گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەرنى سۈرەتكە ئالىدىغان مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامىرا ئارقىلىق تارتىلغان. بۇ لېنتا بۇندىن كېيىن سىزنى بويسۇندۇرۇپ تۇرىدىغان قۇرالىم بولىدۇ» دېدى.

 بۇ پاجىئە ئائىلەم بىلەن چېتىشلىق ئىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، يالۋۇردۇم. بىراق ئۇ ناھايىتى چىڭ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۇنىڭ ئەسرىگە ئايلاندىم. ئۇ مېنى بىر ئەردىن يەنە بىر ئەرگە سېتىپ، پۇل تاپاتتى...

ھاياتىم بىر ھالاكەت پاتقىقىدا داۋاملىشىۋاتاتتى. ئۆيۈمدىكىلەر بۇنى بىلمەيتتى. سىنئالغۇ لېنتىسى تارقىلىپ، نەۋرە ئاكامنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ. ئاندىن دادام بىلىپ قالدى. بۇ شەرمەندىچىلىك شەھرىمىزگە پۇر كەتتى. بۇ نۇمۇسسىزلىق بىلەن ئائىلىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشتى. مەن جېنىمنى قوغداش ئۈچۈن قېچىپ كەتتىم. دادام بىلەن ھەمشىرەمنىڭ ھەم بۇ رەسۋاچىلىقتىن قېچىپ، باشقا شەھەرگە ھېجرەت قىلىپ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن پاھىشە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋەردىم. بۇ ئىپلاس، نامەرد مېنى خۇددى تاناپقا باغلانغان ياغاچ قونچاقنى ئويناتقاندەك ساراسىمگە سېلىۋەتتى، ۋە نۇرغۇن قىزلارنى بۇزۇپ، نۇرغۇن ئائىلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىش نېيىتىگە كەلدىم.

ئۇ قاتتىق مەس ھالەتتە قايتىپ كەلدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇنىڭغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈردۈم. ئىنسانلار ئۇنىڭ شەررىدىن خالاس تاپتى. مەن ئۆلۇمگە لايىق بولدۇم.

دادام دەرد ئىچىدە قازا قىپتۇ. ئۇ: « ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامى!، مەن سەندىن قىيامەت كۈنگىچە نەپرەتلىنىمەن.» دېگەنلەرنى كۆپ تەكرارلاپتۇ. بۇ نېمىدېگەن ئېغىر ھاقارەت – ھە!


 سەن نېمە بىلىسەن؟

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم كۆرمىگەننى كۆردۈم ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە) (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق كۆز دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال- سوراق قىلىنىدۇ.[ (‹ئىسرا› سۈرىسى، 36- ئايەت)

ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «كىمىكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن، ياكى جىم تۇرسۇن» دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) دىن «كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە كۆپ سەۋەب بولىدىغىنى نېمە؟» دەپ سورالغاندا، «قوش كالپۇك ۋە قوش پۇت ئارىسىدىكى ئەزا (يەنى تىل ۋە ئەۋرەرت)» ـ تىرمىزى رىۋايىتى.

مۇئاز ئىبنى جەبەل (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) دىن جەننەتكە كىرگۈزىدىغان، دوزاختىن يىراق قىلىدىغان ئەمەلنى سورىغاندا، جانابى رەسۇلى ئەكرەم ئۇنىڭغا، ئىشنىڭ بېشىدىن، تۈۋرىكىدىن ۋە چوققىسىدىن خەۋەر بېرىپ بولغاندىن كېيىن، «مەن ساڭا شۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دەيدۇ. ئۇ، «شۇنداق قىلسىلا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ، «سەن بۇنى يىغقىن» دېدى. ئۇ: «بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ ھېساب بېرەمدۇق، يا رەسۇلۇللاھ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «ۋاي نادانەي! كىشىلەرنى دوزاخقا يۈزلىرىچە يىقىتىۋاتقان نەرسە پەقەت ئۇلارنىڭ تىللىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن – تىرمىزى رىۋايىتى.

قاراڭ، ئىشنىڭ چوڭلىقىغا، سۆزنىڭ خەتىرىگە! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇنداق دېگەن: «بەندە ئويلاپ،ئويلانمايلا مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ سالىدۇ» - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

بۇ ھەقتە، ئەبۇ بەكىر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تىلىنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مانا مۇشۇ بارىدىغان يېرىمگە ئېلىپ بارىدۇ» (‹سۈزۈكلەرنىڭ سۈپىتى› (سىفەتۇسسەفۋە) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

سەلەف[23]لەر دىن بىر كىشى ياخشى – يامان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغانىكەن.

بەزى ئىلىم پىشىۋالىرى چۈشىدە ئۆز ھالىدىن سورالغانلىقىنى قەيىت قىلىشقان، بۇلاردىن بىرى مۇنداق چۈش كۆرگەن: «مەن ئۆزۈم ئېيتقان سۆزۈمنىڭ ئۈستىدە تۇرغۇزۇلۇپ، ‹ئىنسانلار يامغۇرغا نېمە دېگەن مۇھتاج – ھە!› دېگۈدەكمىشمەن. ئاندىن ‹سەن نېمە بىلىسەن؟ بەندىلىرىمگە مەنپەئەتلىك نەرسىنى مەن بىلىمەن!› دېگەن سادا ئاڭلانغۇدەكمىش.» - بۇ قىسسە، «يېتەرلىك جاۋاب» (ئەلجاۋابۇلكافى) دېگەن كىتابنىڭ 173- بېتىدىن ئېلىنغان.

خالىد رەبىئى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن جامائەت توپلانغان مەسجىدلەرنىڭ بىرسىدە ئىدىم. كىشىلەر ھەدەپ بىرسىنى غاجىغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى توسىۋىدىم، كىشىلەر غەيۋەتتىن توختىدى – يۇ، يەنە باشقا بىرسىنىڭ كەينىدىن بىر پەس گەپ قىلىشقاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە باشتىكى كىشىنىڭ گېپىگە قايتىشتى. ئەمما مەن، ئۇلارنىڭ بىر گېپىگە شېرىك بولۇپ قالدىم. شۇ كېچە چۈشۈمدە، ماڭا بوي – بەستى ئېگىز، رەڭگى- رويى قاپ – قارا كەلگەن بىر كىشى بىر تەخسە چوشقا گۆشى تەڭلەپ تۇرۇپ، «يە!» دېگۈدەكمىش. مەن: «چوشقا گۆشى يەمدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنى ھەرگىز يېمەيمەن» دېسەم، ئۇ مېنى قاتتىق دۆشكەلەپ، «بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر نەرسىنى يېگەن ئىدىڭغۇ!؟» دەپ، تاكى مەن ئۇيقىدىن ئويغانغىچە، چوشقا گۆشىنى ھەدەپ ئاغزىمغا تىقىۋاتقىدەك...

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئوتتۇز – قىرىقكۈنگىچە ئاغزىمغا گىياھ سالماي تۇرۇپمۇ، ئاشۇ گۆشنىڭ تەمى ۋە پۇرىقىنى سېزىپ تۇردۇم. «غاپىللارغا ئاگاھلاندۇرۇش» (تەنبىھۇل غافىلىن) دېگەن كىتابنىڭ 177- بېتىدىن ئېلىنغان.)

بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ساھابىلىرىغا: «سىلەر كىمنىڭ يالاڭتۆش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «يالاڭتۆش دېگەن بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى پۇلى يوق، مېلى يوق كىشى» دەپ جاۋاب بېرىشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «يالاڭتۆش دېگەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكات قاتارلىق ئەمەللەر بىلەن كەلگەن، بىراق، بىرسىنى تىللىۋالغان، بىرسىگە بۆھتان چاپلىغان، بىرسىنىڭ مېلىنى ناھەق يېۋالغان، بىركىمنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە بىرسىنى ئۇرىۋالغان كىشى بولۇپ گۇناھلىرىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ياخشىلىقلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازىراق، بۇنىڭغا ئازىراق بېرىپ، ھەتتا ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتكەندە، باشقىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا تاشلانغان كىشىدۇر» دېدى. – مۇسلىم رىۋايىتى.

كىشىلەر دۇچار بولغان ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى، شۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن بىر نەرسىنى ياكى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ياكى تەقۋادار ئەۋلىيالىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقلىق بولغاندۇر.

ئىبنى خەلكان مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «بۇسرا[24] تەرەپتە، نەپسى – خاھىشىغا بېرىلىپ ئىش قىلىدىغان ئابا سۇلامە ئىسىملىك بىر ھەزىلكەش كىشى بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم مىسۋاك ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدىكى پاراڭنى ئاڭلاپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ دېگەن كۆتكە داۋا، كۆتكە!» دەيدۇ – دە، ئۇ مىسۋاكنى ئېلىپ، ئارقىسىغا بىر سۈركەپ چىقارغان. بۇ ئىش بولۇپ، توققۇز ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ۋە ئارقا تەرەت يولى ئاغرىپ ۋايجىنى چىققىلى تۇرىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ھەزىلكەش تۆت پۇتلۇق، بېشى بېلىقنىڭ بېشىغا ئوخشاش، تۆت دانە غەلىتە مەگەن چىشلىق، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق، تۆت بارماقلىق، ئارقىسى توشقاننىڭ مەقىتىگە ئوخشايدىغان چوڭ تۇلۇم چاشقانسىمان بىر مەخلۇق تۇغىدۇ. ئاندىن ئۇ ھايۋان ئۈچ قېتىم دەھشەتلىك چىرقىرايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىزى شۇ ھامان بۇ مەخلۇقنىڭ بېشىنى يەنجىپ تاشلايدۇ.

ئۇ ھەزىلكەش بۇ مەخلۇقنى تۇغۇپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ: «مۇشۇ ھايۋان ئۈچەيلىرىمنى ئۈزۈپ ئۆلتۈرىۋەتتى» دېگەن ئىكەن.

 تەفسىرشۇناس ئالىم ئىبنى كەسىر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شۇ جايدىكى جامائەت ۋە خەتىپلەرنىڭ بەزىسى ئۇ ھايۋاننى ھايات كۆرگەن بەزىسى ئۇنى ئۆلگىنىدىن كېيىن كۆرگەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشكەن».

بۇ قىسسە، «باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش» (ئەلبىدايە ۋەننىھايە) دېگەن كىتابنىڭ 13- تۇم 263- بېتىدىن ئېلىنغان.


 دۈۋەت قەلىمىم يىڭىمدە

بەقىي ئىبنى مۇخەللەد ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئىلمى تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئاندولۇس تىن باغدادقا پىيادە تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ، چۆل – جەزىرىلەرنى كىزىپ، دەريا – دېڭىزلاردىن كىچىپ كەلگەن بولۇپ شۇ چاغدا ئۇ يىگىرمە ياش ئىدى.

ئۇ باغدادقا كېلەي دەپ قالغاندا، « قۇرئان كەرىم » توغرىسىدىكى بىر دەتالاشىتا، ئىمام ئەھمەدكە پېشكەلچىلىك يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش، دەرس بېرىشتىن چەكلىنىپ، ئۆيىگە بەنت قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. بەقىي بۇ شۇم خەۋەردىن قاتتىق قايغۇرىدۇ – يۇ، سەپىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ باغدادقا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بىر چوڭ مەسجىدكە بارىدۇ. ئاندىن ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىشىك چېكىدۇ. ئىشكنى ئىمام ئەھمەد ئۆزى ئاچقاندا، بەقىي ئۇنىڭغا، «مەن سىزدىن ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى (تالىب) بۇ شەھەرگە مۇساپىرمەن» دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ.

ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭدىن: «سەن قەيەردىن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «مەن مەغرىپنىڭ شەرقىدىن، ئاندولوستىن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭغا: «ھەقىقەتەن يىراقتىن كەپسەن، ساڭا ياردەم قىلىشنى خالايمەن، ئەمما، مەن ئۆيۈمدە نەزەربەند ئاستىدىمەن» دەپ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدۇ. بەقىي: «مەن بۇ شەھەرگە مۇساپىر، مېنى باغداد ئەھلىدىن ھېكىم تونۇمايدۇ. ئەگەر قوبۇل كۆرسىڭىز، مەن ھەر كۈنى بىر دېۋانە تۇرقىدا كېلىپ، سەدىقە سوراي، شۇ چاغدا سىز ئىشكنى ئېچىپ، ماڭا بىر ھەدىس بولسىمۇ سۆزلەپ بېرىڭ» دەپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئىمام ئەھمەد: «بولىدۇ، ئەمما بىر شەرت، سەن باشقا ھەدس مۇددەرىسلىرىنىڭ دەرىسىگە قاتناشمايسەن» دەپ ماقۇللۇق ئالىدۇ.

بەقىي شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

قولۇمدا ھاسا، ئۇچامدا يىرتىق چاپان، قەغەز – قەلەملىرىمنى يېڭىمگە تىقىپ: «ياردەم قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ!» دەپ توۋلىغىنىمچە يېتىپ كېلەتتىم. ئۈنۈمنى ئاڭلىغان ئىمام ئەھمەد چىقىپ، ئىشىكىنى ئاچاتتى – دە، دەرۋازىسىنى تاقاپ، ماڭا ئىككى – ئۈچ ھەدىس سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئۈچ يۈزدەك ھەدىس توپلىدىم. كېيىن، ئاللاھ تائالا ئىمام ئەھمەدنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ۋە مەسجىدلەردە مۇددەرىسلىك قىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كەلسەم، ئۇ ماڭا قېشىدىن ئورۇن بېرىپ، شاگىرتلىرىغا: «بۇ تالىپ[25]، ئىسمى – جىسمىغا لايىق تالىپ » دەپ ئارىمىزدىكى قىسسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.

بىر قېتىم مەن ئاغرىپ قالغاندا، ئۇستاز ئىمام ئەھمەد مېنى شاگىرتلىرى بىلەن يوقلاپ كەپتىكەن. شاگىرتلىرىنىڭ قوللىرىدا قەلەم، ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى خاتىرلەيتتى.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى زېمىنغا ياغقان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. بەزى يەرلەر مۇنبەت بولۇپ، يامغۇرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە نۇرغۇن ئوت-چۆپلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى يەرلەر گىيا ئۈنمەس، سۇ سىڭمەس تېتىر بولۇپ، ئۈستىدە سۇ لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭدىن كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. شۇ سۇدىن كىشىلەر ئىچىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈزلەڭ، شور يەرلەر بولۇپ، ئۈستىدە سۇمۇ تۇرمايدۇ. گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىدىكىلەر ئاللاھ تەئالانىڭ دىنىنى چۈشىنىپ، مەن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن كەلتۈرگەن تەلىماتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىنىڭ مىسالىدۇر، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇ تەلىماتقا باقمىغان ۋە مەن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر.»

        –– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.


 بۇ نېمە پۇراق؟

سۇلايمان تەيمى نەئىمە ئەتتارى دېگەن ئايالنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

 «ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئايالىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەتىرىدىن ئۇنىڭغا سېتىشقا بېرىدۇ. مەن بىر قېتىم ئۇنىڭدىن ئەتىرە ئالغان ئىدىم، ئۇ ئەتىرنى تەڭشىگىچە ئەتىر شىشىشىنىڭ ئاغزى سۇنۇپ كېتىپ، ئەتىردىن ئۇنىڭ قولىغا بىر نەچچە تامچە تېمىمىپ كېتىۋىدى. ئۇ ئەتىر يۇقى قۇلىنى ياغلىقىغا سۈركىۋەتتى. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كىرىپ قېلىپ، ‹بۇ نېمە پۇراق› دەپ سورىدى. ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ئىشنى ئېيتىۋىدى، ئۇ: ‹سىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەتىرىدىن سۈركىۋالدىڭىز؟› دېدە – دە، ئۇنىڭ ياغلىقىنى بېشىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، بىر كوزا سۇ ئېلىپ كېلىپ، ياغلىققا قۇيۇپ، ئاندىن ياغلىقنى توپىغا مىلەپ، تاكى ياغلىقتا پۇراق قالمىغۇچە پۇراپ بېقىپ، قايتا – قايتا يۇدى.

شۇ ئىش بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يېنىغا يەنە بىر قېتىم ئەتىر سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىم. ئەتىرنى جىڭلىغۇچە بارمىقىغا يۇقۇپ قالغان ئەتىرنى بارمىقىنى بىر كوزىغا چىلاپ، بىر توپىغا بۇلاپ يۈرۈپ چىقىرىۋەتتى. بۇ ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ تەقۋالىقتىكى زىللىقى، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈندۈر. ئىش ئۇندا بولمىسا ئىدى، ئۇ ئەتىرنى مۇسۇلمانلارغا قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمىغاندىكىن، ياغلىقنى يۇيۇپلا بولدى قىلغان بولاتتى. لېكىن، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىشتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ، نەچچە تامچە ئەتىر يۇقىدىنمۇ پايدىلانغىلى قويماي ئايالىنى قاتتىق توسقان ئىدى.

 بۇ قىسسە «ھاياتلار» (ئەلئەخياھ) دېگەن كىتابنىڭ 2 – توم 109 – بېتىدىن ئېلىنغان.


 بۇ ئايالنىڭ كەينىگە چۈشكىن

ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق رىۋايەت قىلىغان:

بىر كۈنى ئۆيدە دادام ئىككىمىز بار ئىدۇق. ئىشىك چېكىلىدى. قارىسام، بىر ئايال ئىكەن. ئۇ ئايال ماڭا: «ئابدۇللاھنىڭ دادىسىدىن ماڭا ئىجازەت سورغىن، ئوغلۇم» دېدى. دادامدىن ئىزىن سورىسام، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىشىمنى ئېيتتى.

ئايال كىرىپ، سالام – سائەتتىن كېيىن، دادامغا دېدى:

«ئى، ئابدۇللاھنىڭ دادىسى[26] ، مەن كېچىلىرى يىپ ئىگىرىدىغان بىر چاقىچى ئايال. بەزىدە، جىن چىرىغىم ئۆچۈپ قالسا، ئايدىڭدا يىپ ئىگىرىمەن. شۇنى بىلىمەكچىدىم، ئىگىرگەن يىپلىرىمنى ساتقاندا، خېرىدارغا چوقۇم ئايدىڭدا ئىگىرگىنىم ياكى چىراغدا ئىگىرگىنىمنى ئەسكەرتىشىم كېرەكمۇ؟»

دادام ئۇنىڭغا: «ئەگەر يىپلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىدە پەرىق چىقىپ قالغان بولسا، خېرىدارغا ئەسكەرتىشىڭىز زۆرۈر» دەپ پەتىۋا[27] بەردى.

ئايال ئاندىن يەنە سورىدى: «كېسەلنىڭ ئاغرىقتىن ئېڭىرشى شىكايەت[28] ھېسابلىنامدۇ؟»

دادام، «مەن ئۇنىڭ شىكايەت بولماسلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ھال ئېيتىش بولۇشنى ئۈمىت قىلىمەن.» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاندىن ئۇ دادام بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كىتىۋىدى. دادام ماڭا: «ئوغلۇم، مەن بۇ ئايالغا ئوخشاش مەسىلىگە ئىنچىكە قاراپ، بۇنداق سوئال سورىغان ئىنساننى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم. سەن بۇ ئايالنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ قەيەرگە كىرىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ باققىن» دېدى.

مەن ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ بەشىر ئىبنى ھارىسنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ ئايال ئۇنىڭ ھەمشىرىسى ئىكەن. دادامغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ: «راست، بۇنداق ئايال پەقەت بەشىردەكلەرنىڭلا قېرىندىشى بولىدۇ» دېدى.

بۇ قىسسە «ھەنبەلىلەر مەزھىپى ئۆلىمالىرى» (تەبىقاتۇلھەنابىلە) دېگەن كىتابنىڭ 427 – بېتىدىن ئېلىنغان.


 كىشىلەر تەلپۈندى

ئبىراھىمنڭ ئانىسى ھاسىمىييە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) بەسرە[29] دىكى ئىبادەتكار بىر سالىھە (توغرا يول تۇتقان) ئايال ئىدى.

رۇملار مۇسۇلمانلار پورتدىن بىرىگە ھوجۇم قىلىغان يىلى، كىشىلەر ئاللاھ يولىدىكى جىھاد ئۈچۈن ئاتلىنىپ كېتىشتى. سالىھ كىشى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد خەلق ئارىسىدا ۋەز – تەبلىغ ۋە خۇتبە سۆزلەپ، كىشىلەرنى جىھادقا ئىلھاملاندۇرىۋاتاتتى. بۇ تەبلىغنى ئاڭلاۋاتقانلار ئىچىدە، ئىبراھىمنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد خالايىقنى جىھادقا قىزىقتۇرۇپ ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلەپ كېلىپ، جەننەتتكى ھۆرۈل - ئەين لەرنىڭ ھۆسن – جامالىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەيتتى. بۇ سۈپەتلەرنى ئاڭلىغانلىكى قۇلاق ئىگىسىنىڭ جەننەتكە نەپسى تاقىلدايتتى. جەننەتنى سېغىناتتى. قەلىبلەر ساھىبجامال ھۆرۈل – ئەينلەرگە تەلپۈندى.

ئىبراھىمنىڭ ئانىسى كىشىلەر توپىدىن تۇرۇپ، ئابدۇل ۋاھىدقا ئېيتتى:

ھەي، ئۇبەيدنىڭ دادىسى، سىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىبراھىمنى بىلەمسىز؟ مېنىڭ ئوغلۇمغا بەسرە ئەھلنىڭ ھەر – ھەر يۇرت چوڭلىرى قىزلىرىنى چېتىپ قويۇشقان. مەن ئوغلۇمنى ئۇلارغا بېرىشكە چىدىمايمەن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىز سۈپەتلەپ بەرگەن ھۆرۈل – ئەيىنلەر مېنىڭ ئەقلىمنى لال قىلدى. مەن ئوغلۇم ئىبراھىمغا ئەنە شۇنداق ھۆر – پەرىلەرنىڭ خوتۇن بولىشىغا رازىمەن. ئۇ بۇ جىھادقا سىز بىلەن بىللە چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز يولىدىكى شېھىتلىك بىلەن ئۇنى رىزىقلاندۇرۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئۇ چاغدا ئوغلۇم دادىسى ئىككىمىزگە قىيامەت كۈنى شاپائەتچى بولاتتى. سىز ئۇ ھۆر – پەرىلەرنىڭ مېھىر ھەققىگە ئون مىڭ دىنار ئېلىپ، ئۇلارنى ئوغلۇمنىڭ ئەمىرىگە ئېلىپ بېرەلەسىزمۇ؟

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد ئۇنىڭغا: «ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، سىز، ئىرىڭىز ۋە ئوغلىڭىز ناھايىتى كاتتا ئۇتۇق قازانغان بولىسىلەر، دېدى.

ئانىسى ئىبراھىمنى چاقىرىدى. ئوغلى كىشىلەر ئارىسىدىن، «ئىتائىتىڭىزدىمەن، ئى، ئانىجان» دەپ چىقىپ كەلدى. ئانىسى ئۇنىڭدىن: «گۇناھ يولىنى تاشلاپ، ئاللاھ يولىدىكى شېھتىلىككە بېلىڭنى باغلاپ، بۇ ھۆر – پەرىلەرىنى ئەمرىڭگە ئېلىشقا رازىمۇ سەن؟» دەپ سورىدى. يىگىت: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تامامەن رازىمەن، ئانىجان» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ئانىسى: «ئى، ئاللاھ مەن سېنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، بۇ ئوغلۇمنىڭ گۇناھنى تاشلاپ، سېنىڭ يولۇڭغا جېنىنى ئاتىشىغا بۇ ھۆر – پەرىنى نىكاھلىدىم. ئۇنى مېنىڭدىن قوبۇل ئەيلىگىن. ئەي رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم قىلغۇچىسى!» دېدى ۋە ئون مىڭ دىنار ئېلىپ كېلىپ، «ئى، ئابدۇللاھنىڭ دادىسى بۇ پۇل ھۆرۈل – ئەيىننىڭ مېھرى، ئۇنى جىھادقا خىراجەت قىلىڭ» دەپ ئۇنى ئاللاھ يولىدىكى مۇقەددەس جەڭ (غازات) گە ئاتىدى.

ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئوغلى ئبىراھىم ئۈچۈن ئېسىل ئاتتىن بىرنى ۋە قورال – ياراق سېتىۋالدى. غازاتچى قوشۇن جانابى ئاللاھنىڭ «تەۋبە» سۈرىسى 111- ئايىتىدىكى «شۈبھسىزكى ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ) (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راسىت ۋەدىسدۇر ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار­ (يەنى ئاللاھتىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.» دېگەن سۆزلىرىنى جاراڭلىتىپ ئۇرۇشقا ئاتلاندى.

ئىبراھىمنىڭ ئانىسى ئۇنى ئۇزىتىدىغان چاغدا، ئۇنىڭغا كېپەنلىك ۋە مىيىت ئەتىرى بېرىپ، ئۇنىڭغا: «جېنىم بالام، دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان چاغدا، بۇ كېپەنلىك بىلەن كېپەنلەنگىن، بۇ مىيىت ئەتىرىنى سۈرتىۋالغىن. ئاللاھنىڭ سېنى ئۆز يولىدا غەيرەتسىز ھالدا كۆرۈپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلە!» دېدى- دە، ئۇنى باغرىغا بېسىپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرپ ئېيتتى: «ئاللاھ تائالا بىزنى قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتۇرغاي!»

ئابدۇلۋاھىد مۇنداق دەيدۇ: بىز دۈشمەنگە يۈزلەنگەن چاغدا، ئىبراھىم ئالدىنقى سەپتە ھازىر بولدى. ئۇ نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار توپلىشىپ كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى.

غازات ئاخىرلىشىپ، ئۇرۇش غەنىمەتلىرى بىلەن بەسرەگە قايتقان چېغىمىزدا خالايىق بىزنى كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىبراھىمنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ: «ئى، ئۇبەيدنىڭ دادىسى، ھەدىيەم قوبۇل قىلىنىپ، ماڭا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ، ياكى، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپ، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلامسىز؟» دەپ سورىدى.

مەن ئۇنىڭغا: «ھەدىيىڭىز قوبۇل قىلىندى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىسا، ئوغلىڭىز ئىبراھىم شېھىتلەر بىلەن بىرگە ھاياتتۇر» دېدىم.

ئىبراھىمنىڭ ئانىسى شۇ ھامان ئاللاھقا شۈكۈر سەجدىسى ئۈچۈن باش قويۇپ مۇنداق دېدى: «جىمى ھەمدۇ – سانا مېنىڭدىن قۇربانلىقىمنى قوبۇل ئەيلىگەن. مېنى نائۈمۈد قىلمىغان ئاللاھقا خاستۇر»

ئەتىسى ئۇ مەسجىد كىرىپ، قېشىمغا كەلدى ۋە: «ئى، ئوبەيدنىڭ دادىسى، خۇش خەۋەر! خۇش بېشارەت!» دېدى.

مەن ئۇنىڭغا: «ياخشىلىق تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟» دېسەم، ئۇ: «تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمدە ئوغلۇمنى ناھايىتى چىرايلىق باغچىنىڭ ئىچىدە، يېشىل گۈمبەزنىڭ ئاستىدا، بىر مەرۋايت كارۋاتنىڭ ئۈستىدە، بېشىغا تاج كەيگەن ھالدا كۆرۈپتىمىشمەن، ئۇ ماڭا، ‹خۇش بېشارەت بولسۇنكى، مېھىر ھەققى قوبۇل قىلىندى، كېلىن يىگىتنىڭكىگە كۆچۈرۈلدى!›» دېگەنلەرنى يەتكۈزدى.


 ئەجەل ئاچقۇچى

گۈزەل شەھەر كېچە جىمجىتلىقىغا چۆككەن، ياتقان دادا ئۆرۈلۈپ، ئايالىنىڭ ھەم ئويغاقلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، «تېخىچە ئۇخلىماپسەنغۇ؟» دەپ سورايدۇ.

«ئوغلىمىز يىگىرمە ئالتىگە كىرىپ قالدى. ئەمما تېخىچە ئۆيلىمىدۇق. شۇنىڭ غېمى كاللامغا كىرىۋالدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئانا. «ئەنسىرىمە، بۇ توغرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئەتىلا سۆزلىشىمەن» دەپ ئايالىنى تىنچلاندۇردى، دادا.

دادىسى ئەتىسى ناشتىغا ئولتۇرغاندا، ئەرەب ئەدەبىياتىدا دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن ئوغلىغا، ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى بىلەن بولىدىغان توي ئىشى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىۋىدى، ئوغۇل ئارتۇق گەپ قىلمايلا ماقۇل بولدى.

كۈنلەر بىر – بىرلەپ ئۆتۈپ، تويمۇ تۈگەپ، ئۇلار بەختلىك ئەر – خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئالتە ئوغۇلنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەرنىڭ خىزمەتكە بېرىش، ئۆيگە قايتىش، ئايالى ۋە باللىرىنى ئېلىپ دېڭىز ساھىلىغا ئاپىرىشتىن باشقا ئىشى يوق ئىدى.

ئۇ ئائىلىۋى بەختىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بېرىدە، شەيتان ۋە ئۇنىڭ چوماقچىلىرى ئۇ بەختلىك ئائىلىنى تەل – تۆكۈس ۋەيران قىلمىغۇچە بولدى قىلمىدى.

ئۇ بىر كۈنى ئەتىگەندە، باشقا شەھەردىن يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدارىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن بىرسىنى كۆرۈپ بىر ئاز ئەجەبلەندى.

ئۇ يېڭى خىزمەتدىشىنىڭ «ھە» دېسىلا كۈلكە چاقچاقنى كۆپ قىلىدىغانلىقىنى سەزدى – يۇ، ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ خىزمەتدىشى ئىدارىدىكى ھەممەيلەننى كەچلىك تاماققا ئۆز ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى. تاماقتىن كېيىن، مېھمانلارنىڭ كۆپى ئۇزاپ، بىر قىسمى قېلىپ قالدى. ئۆيدە قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەھەرگە يات كىشىلەر ئىدى.

ئۇ دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئانچە دېققەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاق خالتىدىن كۇكۇنسىمان بىر ماددىنى چىقىرىپ، ئۇنى سۈمۈرۈشكە باشلىغاندا، ئۇلاردىن ئەجەبلىنىپ سورىدى: «بۇ نېمە؟»

خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا پوچىلارچە جاۋاب بەردى: «خىروئىن دېگەن نوچى شۇ!» بۇ جاۋاب ئۇنىڭغا خۇددى قۇرۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك تۇيۇلدى- دە، «ئۇ دېگەن بىر قاتىل!» دېدى. ئەمما ئۇنىڭ خىزمەتدېشى مەسخىرلىك كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھەي، شاكىچىك، ئۇ ساڭا ئوخشاش ئاجىزلار ئۈچۈن قاتىل» دېدى.

خىزمەتدىشىنىڭ ئاخىرىقى سۆزى ئۇنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. دەل شۇ چاغدا، شەيتان مەيدانغا سەكرىدى – دە، ئۇنى دەيدەيگە سېلىشقا باشلىدى: «قارا، ئۇ سېنى زاڭلىق ئېتىپ، شاكىچىك دەۋاتىدۇ. ئالە، سەنمۇ بىر چىكىپ، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقى ئەركەكلىكىڭنى كۆرسىتىپ قوي!»

ئۇ دىلغۇلىلىق ئىچىدە قولىنى ئۇزاتتى ۋە بىر خالتا خىروئىننى ئاچ كۆزلەرچە چىكىشكە چۈشتى. ئاندىن ئۇ چوڭقۇر بىر مۇڭغا چۈمۈپ كەتتى.

سائەت سىتىرىلكىسى چۈشتىن بۇرۇن ئوننى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئايالى ھېچقاچان سىرتتا قونۇپ قالمايدىغان ئىرىدىن ئەنسىرەپ، تىت – تىتچلىقتا ئۆزىنى قويارغا جاي تاپالماي قېلىۋاتاتتى.

ئۇ ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئايالى ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، نېمە بولغانلىقىنى سورىۋىدى. ئۇ ئايالىغا ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان بىر قوپاللىق بىلەن، «سېنىڭ نېمە كارىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدى. ئايالى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن بولسىمۇ، بەلكىم چارچاپ قالغاندۇ – دەپ توغرا چۈشەندى.

ئەمما بۇ ھالەت ئۈچ ئايغىچە داۋاملىشىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى كۈنسىرى ئوساللاشقىلى تۇردى.

ئۇنىڭ خىيالىغا نە ئائىلىسى، نە باللىرى كىرىپ چىقمايتتى. ئىشقىمۇ كېچىكىپ بېرىپ، بالدۇر قايتىپ يۈرۈپ، خىزمەتتىن ھەيدەلدى.

پاجىئەلىك كېچە ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ئۇ سەھەر سائەت بەشكە ئاز قالغاندا، كەيىپ ھالدا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كاللىسىى ھېلىقى شېرىن كېچە، تاتلىق خىياللار بىلەن تولغان ئىدى.

ئۇ بۈگۈن ئادەتتىكىدىن كۆپرەك چىكىۋالغان بولۇپ، ماشىنىسىنى توختىتىپ تۇرىشغا ياتاق ئۆيىدە كىمدۇر بىرسىنىڭ مىدىرلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندەك قىلدى – دە، ئەقلىنى تورموزلىغان زەھەرنىڭ تەسىرىدە ئويلاشقا باشلىدى، ئۆيۈمدە يات بىر ئەر بولۇشى مۇمكىن، توغرا، ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، مەن تىزدىن چىقىپ، بۇ ئىشنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلاي. بىراق، ھوشىيار تۇراي، ئۇ ئەر قۇراللىق بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزۈم قول سېلىشىم كېرەك... دېگەنلەرنى ئويلاپ، قولىغا يوغان بىر كۇلۇچنى ئالدى.

بامدات نامىزىغا ئەزان چىقىۋاتاتتى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ، ئايالىم ھازىر مېنىڭ كېلىپ قالغانلىقىمنى سېزىپ، ئۇ ئەرگە ئۆزىنى يوشۇرۇشنى ئېيىتتى... دېگەن خىياللار بىلەن ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئاچتى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئۇ «ئايالىم ماڭا خىيانەت قىلدى.» دەپ قەتئي جەزملەشتۈردى – دە، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا، ئايالىنى جاينامازدا رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، قولىدىكى كۈلۈچ بىلەن بېشىغا قاتتىق بىرنى سالىدۇ. ئايالى دەھشەتلىك چىقىرايدۇ – دە، ئىككىنچى قېتىم يەنە تەككەن كۇلۇچ زەربىسىدىن يىقىلىدۇ. بۇ ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتكەن خوشنا – خۇلۇملار ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چىكىدۇ.

ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئىشىك قوڭغىرىقىنىڭ ئاۋازى كىرمەيتتى، بەلكى، «خائىننى ئۆلتۈر»، «قاچۇرۇپ قويما» دېگەن خىيالدا ئىدى.

ئۇ كۇلۇچنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئايالىنىڭ ئارقا مېڭىسىگە يەنە بىرنى ئۇرىشىغا فونتاندەك قان ئېتىلىپ چىقىپ، ئايال قاتتىق بىر ۋارىقىرغىنچە، ئېرىگە ئەلەم بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، جىمجىت تىزلىنىپ يىقلدى.

قوشنىلار ئىشكنى سۇندۇرۇپ كىرىپ كېلىشتى – دە، ئايالنىڭ جايناماز ئۈستدە قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى.

ئوغۇللار ئويغىنىپ، ئۆيىگە ئولىشىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆردى ۋە ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئانىسىنىڭ ئۈنسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ قىيا – چىيا سېلىشتى. بىراق بۇ نالە - پەريادلارغا تۆت تامدىن قايتقان ئەكىس سادادىن باشقا جاۋاب يوق ئىدى.

قوشنىلاردىن بىرى ۋارقىرىدى: «ھۇ، قاتىل، ئايالىڭنى نېمە دەپ ئۆلتۈردۈڭ؟»

«ئۇ ماڭا خىيانەت قىلدى!» دېدى- ئۇ غەزەپ بىلەن. قوشنىسى ئۇنىڭ نورمالسىزلىقىنى بىلدى. بىرسى ئۇنىڭ قولىدىن پاك قان بىلەن بۇلغانغان كۇلۇچنى ئۇستىلىق بىلەن ئېلىۋالمىغان بولسا ئۇ قوشنىسى ئۇرىۋەتكىنى تاس قالغان ئىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، ساقچىلار كېلىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سوراشقا باشلىدى.

بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ، ئۇ بارا – بارا ھوشىنى يىغدى. ساقچى باشلىقى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىپ تۇرۇشىغا، ئۇ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى: «نېمە ئىش بولدى؟ ئايالىمنى كىم ئۆلتۈردى؟»

ئۇلار ئۇنىڭ ئەپيۇندىن ئەقلى تورمۇزلانغانلىقىنى بايقىدى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئەمدى قان دېڭىزغا قاراپ يىغلاشقا، «شەرىفە! شەرىفە! شەرىفە!، ئۇ بۇ ئالەمدىكى ئەڭ پاك ئايال ئەمەسمىدى!» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.

ئاندىن ئۇ ئايالىغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولىۋىدى، ساقچىلار توسۇپ قالدى- دە، ئۇنى تۇتۇپ كېتىشتى.

ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يىراقتا بولغاچقا ئالتە ئوغۇلنى قوشنىلىرى ئېلىپ كەتتى. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ ئەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، بالىلار «دارىلتام» غا بۇيرۇپ بېرىلدى.

شەرىفەنىڭ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ قەلبىنى تىترىتىدىغان بۇ پاجىئەسى شۇنداق ئاخىرلاشتى.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، زەھەرلىك چېكىملىك بارلىق بالا – قازانىڭ بېشى.


 ئۇ نېمە دېگەن جۈرئەتلىك

مۇئەززىننى «نامازغا كېلىڭلار!» (ھەييا ئەلەسسالاھ) دېگەن چاقىرىقنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ، نامراتلار مەھەلىسىدىكى بىر كىچىك مەسجىدكە كىردىم.

ئۈنلەتكۈ (مىكروفۇن) ئالدىكى كىچىك بالىنىڭ، «ناماز تۇرغۇزۇلدى، ناماز تۇرغۇزۇلدى» (قەد قامەتىسسالاھ) دېگەن ئىنچىكە ئاۋازى دۇئا ۋە ئۈمىد – تىلەكلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.

پەرۋەردىگارىمغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ، ھۆرمەت – ئېھتىرام بىلەن تۇردۇم. ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقنى ئىستەپ، ئۆزۈمنى ئۇ زاتقا تاپشۇردۇم.

ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇش نېمە دېگەن ئېسىل تۇرۇم – ھە!

تۇيۇقسىز بىر كىچىك بالا مېھرابقا چىقىپ، بىز تەرەپكە ئۆرۈلۈپ، «سەپنى رۇسلىۋېلىڭلار، سەپنى تولۇقلاپ تۇرۇڭلار» دېدى، مۇلايىم بىر ئاۋازدا، ئۇنىڭ جۈرئىتى مېنى ھەيران قالدۇردى.

ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭدىن يېشى چوڭ، ئىلمى كۆپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى ۋە نەسەب جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كىشىلەر تۇرۇپ، ئىماملىقتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتلىك مۇنبەرگە قانداقمۇ چىقالىغاندۇ – ھە!

كاللامغا ھەرخىل سوئاللار ئارقا – ئارقىدىن ئۇرۇلىۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك يېغىشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ «ئاللاھۇئەكبەر!» دېگەن تەكبىرى بىلەن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىپ، قەلبمنى خىيالدىن قۇرۇقداپ، ساپ دىل بىلەن نامازغا تۇردۇم.

ناماز ئەسناسىدا، يېقىشلىق ئاۋاز بىلەن مۇڭ ئارىلاش قىلىنغان شۇنداق بىر قىرائەتنى ئاڭلىدىمكى، بۇ ئاۋازدىن بىر ئاجىز قۇلنىڭ ئۇلۇغ خوجىسى ئالدىدا قۇللۇقنى لايىقىدا قىلالمايۋاتقانلىق قورقۇنچى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. تىنم «شۇررىدە» ئېرىگەندەك بولۇپ، قەلبىمنى ئاجايىپ بىر قورقۇنچ چۇلغىۋالدى. بۇ قورقۇنچتىن ئۆزۈمنى قايتا تونىۋاتاتتىم. ئۆز – ئۆزۈمگە دېدىم: «توۋا، مەن ھەر كۈنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ‹فاتىھە› سۈرىسى مۇشۇ شۇمۇ؟» «فاتىھە» سۈرىسىدىن كېيىن، ئۇ باشقا ئايەتلەرنى قوشۇپ ئوقۇدى.

گويا تەن – جانىمدىكى غەشلىكنى يۇيۇپ تاشلىماقچى بولغاندەك، ئىسسىق ياشلىرىمنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئاھ، مەن بۇ كۆز ياشلارغا قانچە قېتىملاپ تەشنا بولغان ئىدىم – ھە!

روھىمنى گويا ئۇنىڭ بىلەن بىللىدەك سەزدىم. ئۇنىڭ رۇكۇ قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلىپمۇ قالدىم. بىراق، ئۇ رۇكۇغا باردى. بۇ نامازنىڭ ئاخىرلىشىشى گويا بىر قورقۇنچلىق ئىشتەك تۇيۇلۇپ، شۇ تۇيغۇدا نامازنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

جامائەتلەر تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بالا ئىمام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىدىم. ئۇ ئىسمى ۋە نەسەبىنى راۋان تىلدا ئېيتىپ بەردى.

- قانچىگە كىردىڭىز؟

- ئون بىر ياشقا- دېدى، ئۇ يېقىملىققىنە بىر كۈلىۋىتىپ.

- قۇرئاندىن قانچىلىك يادقا ئالدىڭىز؟

- ئاللاھقا شۈكۈر، تولۇق يادلاپ بولغان، دېدى، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن بېشنى سىلاپ قويۇپ.

مۇشۇ بالىنىڭ يېشىدىكى باشقا ئىسلام پەرزەنتلىرى ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ئۇلار ، قايسى شاكال ئىستەك، قايسى پۈچەك غايىلەرنىڭ كويىدا يۈرىدۇ.

ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ، باغرىمغا بىر باسقۇم كەلدى.

بالام سىزنىڭ جامائەت نامىزىنى ئوقۇپ بېرىشڭىزگە كىم تۇرۇتكە بولدى؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ مېنى مەخسۇس نازارەت ئۈچۈن كەلگەن ھۆكۈمەت خادىمى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك، ھودۇقۇپ گېپىنى تاپالماي قالدى.

سوئالىمنى تەكرارلىدىم. ئۇ تىترەپ تۇرۇپ، «دادام» دەپ جاۋاب بەردى.

- ياق، سىزنى بۇ مېھرابقا چىقارغىنى ئاللاھ تائالادۇر. جانابى ئاللاھ بۇ « قۇرئان كەرىم » بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى مەرتىۋىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ.

مەن ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدىن «قۇرئان كەرىم»نى باسقان، تارقاتقان ۋە ئۇنى ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەت، نۇرى – ھېدايىتىگە سەۋەب قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.


[] قىزىل تۆگە ئەينى زامان ئەرەبلىرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مال ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ساۋاب كۆزدە تۇتۇلغان – ت

[] بۇخارى – 2787 .

[] ئىسرائىل ئەۋلادى – ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئەۋلادى بولۇپ، يەھۇدىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ – تەرجىماندىن.

[] ئىراقتىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسىمى

[] رىياد – سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى – ت

[]  قىزىل تۆگە ئەينى زامان ئەرەبلىرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مال ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ساۋاب كۆزدە تۇتۇلغان – ت

[] ئارىف ئاللاھنى بىر قەدەر ياخشى تونۇغان بىر تۈركۈم كىشىلەر – ت

[] مەدىنىلىك مۇسۇلمان.

[]

[]  بۇ «بىر چىشلەم گۆش» دېگەن كەلىمە، ئەرەبچىدىكى «مۇدغە» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «مۇدغە» نىڭ ئەسلى لوغەت مەنىسى، «بىر چىشلەم گۆش»، «پارچە-پۇرات» دېگەن مەنىدە. مېدىتسېنا ئالىملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ تۆرەلمىگە ئائىت ئايەتلىرىدىن بايقىشىچە، تۆرەلمە تۆرىلىپ، 25- 26 كۈنلۈك بولغاندا، لاتىنچە «c» ھەرپى شەكلىدە بولىدىكەن- ت.

[11] قىبت- قەدىمكى گىرگچە سۆز بولۇپ، ئەينى زاماندا، « مىسىر ئاھالىسى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ھازىر مىسىردىكى خىرىستىيانلارنى كۆرسىتىدۇ - ت.

[12] ئىمام ئەبۇ ھەنىفە – مۇجتەھىد، فىقھىشۇناس، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى، ئىراقنىڭ كۇفە شەھرىدە ياشىغان، دەسلەپكى ئۆمرىدە گەزمال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلغان، كېيىن، ئوقۇتۇش، پەتىۋا بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. تەقۋا، كۈچلۈك ناتىق، سېخى ۋە كېلىشكەن كىشى ئىدى – ت

[13] ئەبۇ سەلەمە - ئۇممۇ سەلەمەنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى – ت

[14] ئۇممۇ سەلەمە ئېرى ئەبۇ سەلەمەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئۆتكەن – ت

[15] دەرھەم: ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى پۇل بىرلىكى – ت

[16] تەھەججۇد – كېچە نامىزى – ت

[17] كۇپۇر ( كۇفۇر ) – ئىشەنچسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق – ت

[18] داھى ئەرەب تىلىدىكى «دائى» (داعي) دېگەن سۆزدىن فونېتىكا ئۆزگىرىشى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان سوز بولۇپ، «دەۋەت قىلغۇچى» «چاقىرغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ – ت

[19] پەگاھ ئەسلى پايگاھ ( پاي – ئاياغ دېگەن مەنىدە، گاھ – ئورۇن دېگەن مەنىدە ) دېگەن سۆزنىڭ تاۋۇش ئۆزگەن ھالىتى بولۇپ، ئەسلى مەنىدە، ئاياغ ئورنى، كۆچمە مەنىدە، مەرتىۋىسى تۆۋەن، كەش بازىرى ( كەمسىتىش تۇيغۇسىدا قوللىنىلىدۇ ) دېگەنلىك بولىدۇ – ت

[20] ئەرەپ تىلىدىكى «نەئۇزۇبىللاھ مىن زەلىك» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنىڭ تەرجىمىسى – ت

[21] ھەجدىن باشقا ۋاقىتتا ھەرەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سۇننەت ئىبادەت – ت

[22] ئەينى چاغدىكى ھەرەم دەرۋازىلىرىدىن بىرى – ت

[23] «سەلەف» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى، «ئۆتكەنكىلەر»، «ئىلگىرىكىلەر» دېگەن مەنىدە بولىدۇ – ت

[24] بۇسرا – سۇرىيەدىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسمى – ت

[25] تالىپ – ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى – ت

[26] ئەرەبلەردە «كۇنيە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىسىم ئىشلىتىش ئادىتى بولۇپ، بۇ ئادەتتە، ئىسىم ئىگىسى ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ۋاسىتە قىلىپ، پالانىنىڭ دادىسى دەپ چاقىرىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ بەكىر (بەكىرنىڭ دادىسى)، ئەبۇلقاسىم، ( قاسىمنىڭ دادىسى)، (بۇ پەيغەمبىزنىڭ كۇنيەسى بولۇپ، قاسىم ئىسىملىك ئوغلى بولغان. پەيغەمبىرىمىز بۇ كۇنيەنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىدىن توسقان. شۇ سەۋەب ئەرەبلەردە، بۇ كۇنيە ئىشلىتىلمەيدۇ – ت

[27]  «پەتىۋا» ئىسلام شەرىئىتى ( قانۇنى) دىكى قىلىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغان ئىشلار توغرىسىكى ھۆكۈمنى كۆرسىتىدۇ – ت

[28]  شىكايەت – نارازىلىق بايانى – ت

[29] بەسرە – ئېراقتىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسىمى – ت