قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ ماقالىدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر دىنى زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىر ئىكەنلىكى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈتماسلىقى، ھەر قانداق ۋاستلارنى قوللىنىش ئارقىلىق دىنى دەۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆزى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىق، دىنى دەۋەتنى كۆز قارچۇغۇسىدەك بىلىش، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىش ۋە دىنى دەۋەتچىلىكىمىزدىكى بەزى بىر كەمچىلىكلەر...قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت، سىيرە ۋە تارىخ سەھىپىلىرىدىن دەلىل كەلتۇرۇپ تەپسىلى توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

چەتئەل ۋە  ۋەتەن ئىچىدە  ئىلىم تەھسىل قىلغان دىنى زىيالىلار ۋەزىپىسىنى ئۇنۇتتىمۇ؟

 

مەلۇمكى، بىز  ئەركىن دۇنيادا ئىلىم تەھسىل قىلىپ خەلقىمىزگە ئىلىم - ئىرپان چېچىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش، ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايە - نىشان بىلەن يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ، ياتلارنىڭ يۇرتىدىكى ھىجران كوچىلىرىدا يۈرۈشكە ئاتلانغان ئىدۇق. چەتئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلغانلار بۇ يولدا كۆپ بەدەللەرنى تۆلىدۇق. بۇنىڭ ئەڭ يامىنى ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ بېرىپ، ئوقۇغان ئىلمىمىزنى ئىشلىتىپ، خەلقىمىزنى مەنىۋى قاششاقلىقتىن، نادانلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىمىزدۇر. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ ئۆتكۈنچە ۋەزىيەت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى دۇنيادا ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ۋە كۆزى يەتمىگەن ئىشلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنىلا ئۈمىدنى قولدىن بەرمەسلىك ئەڭ ياخشى تەدبىردۇر. چۈنكى قورساقتا ئوماچ بولسا ئۇنى چوقۇم  ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان قېرىنداشلىرىمىز مۇنداق ئىككى تۈرلۈك زور سىناققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بىرىنچىسى، ۋەتەنگە قايتالماسلىق، ئىككىنچىسى چەتئەللەردە بولسىمۇ ئوقۇغانلىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىك. بۇ بىر كىرىزىس. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ دىنىنى تارقىتىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، چىقىش يولى بولمىغان بىر كىرىزىسمۇ ئەمەس. نىيەت خالىس بولسا ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە بىر چىقىش يولى بېرىدۇ.

دەۋەت يولى شەرەپلىك يولدۇر:

ئاللاھ ئاتالانىڭ ئۇلۇغ دىنىغا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىش ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغانلىقىدۇر. مانابۇ، ياخشىلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر. چۈنكى كىشىلەرگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان ۋە ئۇلارغا خاتىرجەملىك، بەخت سائادەت ۋە ياخشىلىق تىلەيدىغان ئادەم چوقۇم ئۇلارنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا بۇيرۇپ، ئۆزلىرىگە ۋە كېلىچېكىگە زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن توسىدۇ. بۇ خۇددى بىر مېھرىبان ئاتىنىڭ ئۇماق بالىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى تەربىيە قىلغىنىغا ئوخشاش بىر مېھرىبانلىقتۇر. ئىسلام ئۇممىتى ئەنە شۇنداق ھەممىگە شەپقىتى كەڭ، كۆيۈمچان بىر ئائىلىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنى ماختاپ مۇنداق دېگەن:« (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر.»(ئال ئىمران 110- ئايەت).

چەتئەللەردە دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلغانلار ۋە قىلىۋاتقانلار  ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك، ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئونۇتماسلىقى لازىم. چۈنكى بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسلەكىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەرنىڭ مەسلەكىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپكە نائىل بولغان ۋە شۇ يولدا داۋام قىلغانلار  ھەقىقەتەن بەختلىك كىشىلەردۇر.

تەبىئىيكى، كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش مەسچىدلەردە ۋە سورۇنلاردا ۋەز ئېيتىش دېگەن ئاددى مەنىدە ئەمەس، بەلكى دەۋەتنىڭ ۋاسىتىلىرى كۆپتۇر. تىل بىلەن بېۋاسىتە ۋەز - نەسىھەت قىلىش، دىنىي دەرسلەرنى ئۆگىتىش، كىتاب، ماقالا يېزىپ تارقىتىش، تېلېۋىيە ۋە رادىئولاردا سۆزلەش ۋە ئېنتېرنېت ئارقىلىق دەۋەت قىلىش، ئەڭ ئۆنۈملۈكى ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ۋە مۇئامىلىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىختىن بىرى كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغانلار  ئۆزلىرىنىڭ زامان ۋە ماكان پەرقلىرىگە قاراپ ئىلاھىي دەۋەتنى  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بارغان.  

ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقاتقۇچىلار ھەمىشە جاپا چەككەن:

بىز ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا جاپا چەككەن قەدىمقىلەرگە قاراپ باقايلى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىتلىرى، مۇرىتلىرىنىڭ مۇرىتلىرى خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش يولىدا خەيىمخەتەرلەرگە ئۆزلىرىنى ئاتقان. ئۇلار مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردىن تاكى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى چارىكىگە قەدەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىن تارقىتىش يولىدا تارىختا كۆرۈلمىگەن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى ۋە قەتلىئاملارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قارا كۈنلىرى  يەھۇدىيلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۇيقەست پىلانلىغان ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ. ئەمما بارغانلىكى جايلىرىدا توپلاپ ئۆلتۈرۈلۈشلەرگە ۋە دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك  قىيىن - قىستاقلارغا دۈچ كېلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ ئۈچ ئەسىرلىك ئازاب ئىچىدە خرىستىئان دىنىنىڭ دەستۇرى بولغان ئەسلى ئىنجىلدىن ۋە بۇ دىننىڭ ئاللاھ چۈشۈرگەن ۋاقىتتىكى ماھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ،« خرىستىئان دىنى » دېگەن بۇ دىننىڭ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، رىم ئىمپىراتورلىرىدىن باشلاپ كۆپلىگەن ئىمپىراتورلۇقلارنىڭ بۇ دىننى ئاخىرى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دەۋەت يولىدا غەلىبە قىلىدۇ. شۇندىن بىرى نامدا بولسىمۇ خرىستىئان دىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ  دىننىڭ بىرسىگە ئايلىنىپ داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسلام دەۋىتى ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىش بىلەن باشلانغان :

ئەمدى بىزنىڭ ھەق دىنىمىز ئىسلام دىنىغا كەلسەك، ئىسلام دىنىغا كىرىش ۋە بۇ دىننى تەشۋىق قىلىش ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىش، ئۆلۈش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋە قۇربان بېرىش دېگەن قانائەت بىلەن باشلاندى. بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە كەلگەن بۇ ئۇلۇغ دىننى تەشۋىق قىلىش يولىدا جېنىنى ئاتاپ قويغانلارنىڭ ئالدىنقىسىدۇر! پەيغەمبىرىمىز ھەق دىننى تەشۋىق قىلىش يولىدا، ئۆزىنىڭ ئەرەبلەر ئىچىدىكى بارلىق ئېتىبارىنى، مەرتىبىسىنى، خاتىرجەملىكىنى ۋە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ھۆرمىتىنى، شۇنداقلا دۇنيالىقتىن بولغان قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى قۇربان قىلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقەتلىك ساھابىلىرىمۇ مۇشۇ يولنى تاللىدى.  ئىسلام تارىخىدىن خەۋىرى بولغانلار بىلىدۇكى، ھەزرىتى بىلالنىڭ بۇ ئۇلۇغ دىندىن ۋاز كەچمەسلىك يولىدا تارتقان ئازابلىرى ۋە ئېلىنغان قىيىن - قىستاقلىرىنى،  تۇنجى ئىسلام شېھىدلىرى بولغان ھەزرىتى ياسىر بىلەن ئايالى سۇمەييەلەرنىڭ قانداق ۋەھشى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ دىننى تارقىتىش يولىدا قانچە مىڭلىغان ئەزىمەتلەرنىڭ زالىملار تەرىپىدىن ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ياخشى بىلسە كېرەك.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ سانلىقى  ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا - بۇرۇن كۆرمىگەن، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ۋەھىيمىلىك جايلارغىمۇ تارقىلىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ساھابىلارنىڭ تولىسىنىڭ قەبىرلىرى  نېرىسى خىتاي، تۈركىستان، يېقىنى شام، مىسىر، ئىئوردانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ساقلىنىپ تۇرماقتا. ساھابىلاردىن كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بۇ يولنى شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قەبىرلىرىمۇ كىشى كۆرمەس جايلاردا، دالىلاردا ئىز - دېرەكسىز قالدى.

باتىل دىننىڭ دەۋەتچىلىرىمۇ دەۋەت يولىدا قۇربان بېرىشتىن قورقمىغان:

ئىسلام دەۋىتى چىدام ۋە سەبىر تەلەب قىلىدۇ :

ئەمدى، ئىسلام دەۋىتىدىن  ئۆزۈم كۆرگەن مىساللارنى كەلتۈرەي، 1991- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۆمۈر تاپانلىرى ئاستىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەرەب ۋە تۈركلەردىن بولغان كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دەۋەتچىلەر ئىسلام دەۋەىتىنى بۇ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردە قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەسجىدلەردە دەۋەت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، كۆپ سانلىقى مەكتەب - مەدرىسىلەرنى ئېچىپ، پىلانلىق تۈردە دەۋەت ئېلىپ بېرىش يولىنى تاللىغان ئىدى.  ئۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىبى ۋە ھەر تەرەپتىن تولىمۇ قالاق ئىدى. لېكىن ئىستانبۇلدىكى ئىسسىق ئۆيىنى، قەۋم - قېرىنداشلىرىنى تاشلاپ، يىلنىڭ ئالتە ئېيىدا قار ياغىدىغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سوغۇق گۆكىرەپ كىرىپ دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان مۇزدەك ياتاقلىرىنى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن يوچۇن، مىجەزى سوغۇق دوستلارنى تاللاشقا رازى بولغان تۈرك مۇئەللىملىرىنىڭ بۇ يوچۇن مەملىكەتلەردىكى  كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. ئەرەب ۋە تۈرك مۇئەللىملىرىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە تۇنجى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرى تىل بىلمەسلىك ۋە ئۇجاينىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئادەمگە يېقىنلاشمايدىغان ئۆزگىچە مىجەزى ئىدى. چۈنكى رۇسلار  سىياسىي غەرەزلىرى بىلەن ئۇلارغا ئەرەب بىلەن تۈركنى  ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىمۇ ئۆچ كۆرسىتىۋەتكەن. پاكىستاندىن كەلگەن تەبلىغچىلەرگە يەرلىك خەلقنىڭ قولاق سېلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ بىچارىلەرنى مەسجىدلەردە ۋاقىتلىق يېتىپ قوپۇشتىنمۇ مەھرۇم قىلىپ ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى. لېكىن ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتكەن بۇ كەمتەر دەۋەتچىلەر بۇنچە قوپال مۇئامىلىلەرگە  كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بېرەتىتى. ئۆزلىرىگە قوپال مۇئامىلە قىلغانلارغىمۇ تەسبىھ، قۇرئان كەرىم ۋە مىسۋاك دېگەندەك ھەدىيەلىرىنى بېرىپ تۇراتتى. مەسجىدلەردىن ئورۇن تەگمىگەنلىكى ئۈچۈن  بوران دارىپ تۇرغان تۈپتۈز دالىلارغا قازاننى تەتۈر ئېسىپ قۇرۇق رۇتى(نان)لىرىنى پىشىرىپ يەپ ئىشىغا داۋام قىلاتتى.

ئەرەبلەر بولسا، ھەر قايسى مەكتەبلەرگە بېرىپ، ھەقسىز ئەرەب تىلى دەرس بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىغا سۆيۈنۈپ، بارچە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئۇلۇغ دىنىمىزنى تەشۋىق قىلاتتى. بولۇپمۇ ئەرەبىستاندەك پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋە ئىسسىققا ئۆگىنىپ قالغان بۇ كىشىلەر  يىلنىڭ ئالتە ئېيىدا ئىككى مېتىر  قار ياغىدىغان بۇ سوغۇق مەملىكەتتە تارتقان جاپالىرىدىن ھۇزۇر - ھالاۋەت ھېس قىلاتتى. ئىستانبۇل ۋە ئەرەبىستانلاردا ئۆيىگە كىرسە ئىسسىق شورپىسى بىلەن ئىسسىق نېنى ھازىر تۇرىدىغان بۇ پىداكار كىشىلەر كەچ سائەت بەشتىن كېچىكىپ قالسا ئاچ قالىدىغان بۇ مەملىكەتلەردە سائەت ئۈچ ۋە تۆتلەردىن باشلاپ رۇسنىڭ قاپقارا بولكىسىغا ئۆچرەت تۇتاتتى.  بۇ بولكىلارنى  ھەر بىر كىشىگە مەلۇم مىقداردىن كۆپمۇ بەرمەيتتى. بەزى مۇئەللىملەرنىڭ مەكتەپتىن ئۆيىگە بارغىچە ئالغان بولكىسىنىڭ يېرىمىنى يەپ  تۈگىتىپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. قورساق ئاچقاندا قۇرۇق  نانمۇ لەززەتلىك تائاملاردەك تېتىيدىكەن ئادەمگە. مۇئەللىملەرنىڭ ئۆيلىرىدە يەيدىغىنىمۇ ئاساسەن پۇشۇرۇلغان كۆك پۇرچاق بىلەن بولكا ئىدى. ئۆيلەرنى ئىسسىتىش مەكىزى سىستېمى مۇستەقىللىقتىن كېيىن ھەممىلا جايدا بۇزۇلغانلىقتىن، ئۆيلەر ئاساسەن ئىسسىمايتتى، شەھەر سىرتىدىكى رايونلاردىكى ئۆيلەرئەسلا  ئىسسىمايتتى. ئۇجايلاردا مەكتەب ئاچقان تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ھەممىسى دېگۈدەك مەكتەبلەرنى  يېزىلاردا ۋە شەھەر سىرتىدىكى كىچىك ناھىيىلەردە ئېچىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. تۇربىلاردىن ئاققان سوغۇق سۇ قول - پۇتنىڭ سۆڭەكلىرىگىچە ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇڭا  مۇئەللىملەر ئارىسىدا زۇكامداش ۋە سوغۇق تېگىشلەر كۆپ يۈز بېرىپ تۇراتتى. كىچىك يۇرتلاردا قاتناشمۇ ئىنتايىن ئەپسىز ئىدى. كېچىدە زۆرۈر ئەھۋال بولۇپ قالسا تاكسى تېپىش مۇمكىن ئەمەستى. ئايالىنى تۇغۇتنىڭ تولغىقى تۇتقاندا شەھەرگە ئېلىپ بېرىشقا تاكسى تاپالمىغانلىقتىن، ئايالىنىڭ يىغىسىغا مۇڭ بولۇپ  بىر كېچە ئۇخلىماي كۈندۈزنى كۈتكەن مۇئەللىمنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ئاۋات شەھەر ئىستانبۇلدىن كېلىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان پىداكار ئىدى. مۇئەللىملەرنىڭ مائاشىمۇ ساخاۋەت ئىگىلىرىدىن يىغىپ ئەۋتىلىدىغان پۇل بولغانلىقتىن، مائاش بىر قانچە ئايلاپ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، خۇسۇسەن قازاقىستاندا دوللارنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتى ئاز، بازاردىكى نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسى قىممەت ئىدى. ئەرەبىستان ۋە ئىستانبۇلدەك قىش - ياز كۆكتات ئۈزۈلمەيدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇئەللىملەر يىلنىڭ ئالتە ئايلىق قىش كۈنلىرىدە مېۋە يېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن،  تاماققا قوشىدىغان كۆكتاتلىرى كارتوشكا بىلەن پىياز ، ئاندا - ساندا گۆش، تولىراقى قۇرۇق كۆك پۇرچاق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يوقلۇققا سەبىر بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ھالىدىن شىكايەت قىلمايتتى. چۈنكى ئۇلار ھاياتىدا ساھابىلەرنى ئۈلگە قىلغان كىشىلەر ئىدى.  

بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئەكىسىچە بولماقتا:

ئەمدى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا كېلەيلى، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز يۇقىرىقىلارنىڭكىنىڭ ئەكسىچە بولماقتا. بىز ئىقتىسادى نامرات، يالاڭ ئاياغ تۇپراققا دەسسەپ يۈرىدىغان يېزا - قىشلاقلاردىن ئىقتىسادى سەۋىيىسى يۇقىرى، پۇتىمىزغا چىرايلىق پايپاق كىيىپ، ئايىغىمىزنى مايلاپ پارقىرىتىپ يۈرىدىغان ئېسىل دۆلەتلەرگە كەلدۇق. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزمۇ ھېچ بولمىغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ 80- يىللاردىكى سەۋىسىيىدىن يۇقىرى، ئىستىگەنلىرىمىزنى يەپ، ئىستىگەنلىرىمىزنى كىيەلەيمىز. ئاللاھقا شۈكۈر بۇ بىز ئۈچۈن زور نېمەت. ئەمما ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمىز. تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە ياشاشنىڭ تەلەبلىرىمۇ كۆپ بولىشى، شۇنداق يۇقىرى سەۋىيە تەلەب قىلىشىمۇ ئېنىق. چۈنكى بىز پەرىشتە ئەمەسمىز.  بىزمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش يەپ، ئىچىدىغان ۋە كىيىنىدىغان ئىنسان. ئۆي ئىجارىسى، بالىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ لازىمەتلىرى بىزنى پۇل تېپىشقا قىستايدۇ. ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ۋە ئائىلەڭنى خاتىرجەم قىلماي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلىمەن دېيىش قىيىن. بۇ رىئاللىق. ئەمما بۇ بىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنى دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان، يۇرتتىن ئايرىلىپ چىقىشىمىزنىڭ بىردىنبىر تۈرتكىسى بولغان ئۇلۇغۋار نىشانىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىزگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىزنىڭ كۆپىنچىمىز - پېقىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە -  ئەسلى ۋەزىپىمىزنى، نېمە ئۈچۈن مۇساپىر بولغانلىقىمىز، ئۈستىمىزدىكى ئامانەتنى ئۇنتۇغان ھالدا، خۇددى ئادەتتىكى باشقا ئىنسانلارغا  ئوخشاش باياشات، خاتىرجەم ياشاش، كۆپرەك پۇل تېپىپ باي بولۇش ئۈچۈنلا  تىرىشىۋاتىمىز. دىنىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ئوقۇغانلىرىمىزنى خەلققە يەتكۈزۈش ئىشى بىزنىڭ بوش ۋاقتىمىزنى تولدۇرىدىغان، زىرىككىنىمىزنى چىقىرىدىغان بىر ئاددى ئىشقا ياكى ۋاقتىمىزدىن بېرىلگەن سەدىقىگە ئوخشاپ قالغان. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىمىز بولغان دەۋەت ئىشىغا ۋاقتىمىزنى ئايرىشقا شۇنچىلىك بېخىللىق قىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلار پىلان تۈزۈشكە بەك ئۇستا، سۆزلەشكە ماھىر، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشتە سېھىرلىك كىشىلەرمىز. ئەمما ئەمەلگە كەلگەندە يوق دېسەكمۇ بولىدۇ.  ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالى بىزگە ئېنىق. دىنىي ئەركىنلىكىمىز چەكلەنگەن. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتېئېزم تەربىيىسىگە زورلانغان، ئاچا- سىڭىللىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زورلاپ ئېلىپ كېتىلگەن، مىللىي كىملىكىمىز يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان، خەتەر بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشىغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىزنىڭ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا بېغەم كۈن ئۆتكۈزىشىمىز مەنچە بەكمۇ ئىنساپسىزلىق بولسا كېرەك. بىز مۇشۇ ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ شاراپىتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك يولدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقمىغان بولساق، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھازىر قانداق بولار ئىدى؟ بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن بولسا قانداق بىئارام بولار ئىدۇق؟ ئەمدى ۋەتەندىكى شۇ بىچارە قىزلار بىزنىڭ ئۆز ئاچا - سىڭىللىرىمىزغا ئەمەسمۇ؟  ئاپئاق قەغەزدەك پاك قەلبلىرىگە ئاتېئېزم ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلىۋاتقان شۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىزنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىمىزگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ بىز ئۇلار بىلەن بىر قان ئەمەسمۇ؟! شۇنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇكى؛ ۋەتىنىمىزنىڭ بەزى بىر شەھەرلىرىدە دىنى زىيالى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇگۇنكىدەك ناچار بىر ۋەزىيەتتە دىنى مەرىپەتشۇناشلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ خۇددى چوغنى ئالقىنىدا ساقلىغىنىدەك، مىللىتىمىزنىڭ ئۆلۈش گىرداۋىغا كىلىپ قالغان چاڭقىغان روھانى ھۇجەيرىلىنى تىرىلدۇرۇشكە -ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن- ئۆلۈپ تىرىلىشىگە باقماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تەقدىرلەشكە تېگىشلىك بىر ئىشتۇر. ئەمما بىزنىڭ ۋەزىيىتمىز ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيە ۋە جان-جەھلىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز، مىللىتىمىزدىكى دىنى سەۋىيە بوشلىقىنى تولدۇرىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارغا، خىزمەتلىرىدە ئىخلاس ۋە ئىزچىل قەدەم ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز!

ۋەتەنگە بارالماسلىق باھانە ئەمەس :

بىزنىڭ بۇ بىپەرۋالىقىمىزغا كوممۇنىست رېژىمى تۈپەيلى ۋەتەنگە قايتالمىغانلىقىمىزنى باھانە قىلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن بۇ بىزنىڭ ئوقۇغان ئىلمىمىزنى تارقىتىشقا توسقۇن بولالمايدۇ. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر مىسالنى كەلتۈرەي: ئىمام بۇخارىمۇ خۇددى بىزدەك ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،  16 يىل دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئالىم بولغاندىن كېيىن، ئۆز ۋەتىنىگە قايتماقچى بولغىنىدا، ئۇ ۋەتىنىدىن مەھرۇم قىلىنىپ يەنە مۇساپىرلىق كوچىسىغا تەقدىرداش بولغان. لېكىن ئۇنىڭ ۋەتىنىگە بارالمىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى توپلاپ چىقىپ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن تا قىيامەتكە قەدەر ئۇنتۇلماس ئۇلۇغ خىزمەتنى قىلىشىغا توسقۇن بولغانمۇ؟ ياق! ئۇنداقتا ئۈستىمىزدىكى ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئادا قىلالماسلىققا ۋەتەنگە بارالمىغانلىقىمىز باھانە بولالمايدۇ.

ھازىرقى دەۋرئۇچۇر دەۋرى. ئاللاھ بىزنى ۋەتەنگە بېرىپ خەلقىمىزگە بىلگەنلىرىمىزنى ئۈگىتىشكە مۇيەسسەر قىلمىغان بولسىمۇ، پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى بىزنىڭ ئۇلۇغۋار دەۋەت يولىمىزغا قوللىنىش ئۈچۈن ئەقىل، ئىلىم ۋە ئىدراك ھەمدە شەرت - شارائىت بەردى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئاللاھ بىر ئىشىكنى يېپىۋەتسە، يەنە بىر ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئېنتېرنېت ۋە كومپىيوتېر ئاللاھنىڭ بىزگە دەۋەت ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن ئىشىكى دەپ بىلسەك خاتا بولمايدۇ. كۆپلىگەن مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋەتىنىدە دىنىي ئەركىنلىك ھۆكۈم سۈرگەن، دىننى نەقمۇ نەق تەشۋىق قىلالايدىغان تۇرۇپمۇ، شۇ يوللارنىمۇ قولدىن بەرمىگەن ھالدا پۈتۈن زىھنىنى تېخنىكا ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان دەۋەتكە بېغىشلاۋاتقان يەردە، بىزدەك دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلغان، پەرزەنتلىرى ئاتېئېزم تەربىيىسگە زرولىنىۋاتقان، يات مەدەنىيەت تىڭىلۋاتقان، كېملىكىمىز ھالاك بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان، ئاغزىلىرىمىز قىزىل بايراق بىلەن تېنىمسىز دۇملىنىۋاتقان،  دىننى تەشۋىقات قىلىش ۋاستىلىرى پۈتۈنلەي قولدىن ئېلىنغان بىر مىللەتنىڭ كىشىلىرى تۇرۇپ بېغەم يۈرسەك بولارمۇ؟! باشقىلار ئۈچۈن قوشۇمچە قورال ئورنىدا رول ئوينايدىغان تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر چەتئەللەردىكى بىزلەر ئۈچۈن بىرلا قورال بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلمىدۇقمۇ؟ ئېنتېرنېتنىڭ ئىسلام دەۋىتىنى ئېلىپ بېرىشتىكى رولىنى ئاددى ساناشقا قەتئىي بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئېنتېرنېت تورلىرىدىكى ئىسلامىي دەۋەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن غەربلىكلەردىن خېلى كۆپ كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي مەسىلىلەرنىڭ تورلار ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى ۋە باشقىلار بۇ دېگەنلىرىمىزنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولسا كېرەك.

كومپىئوتېر بىلەن ئېنتېرنېت دەۋەتنىڭ ۋاستىلىرىدۇر:

ھازىرقى كۈندە كومپىئوتېر ئىشلىتىشنى، ئېنتېرنېت قوللىنىشنى بىلمەيدىغانلار ساۋاتسىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى دەۋر ئۆزگەردى. ھازىرقى دەۋرنىڭ تەلىبى شۇ. چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلاردىن بۇ ئىككىسىدىن خەۋەرسىز ياشاۋاتقانلار ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كاللىسى بىلەن يۈرىۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار ياكى دىننىڭ روھىنى توغرا چۈشەنمىگەن ياكى بىپەرۋالىقىدىن بۇ نېمەتتىن مەھرۇم قالغانلاردۇر. مەن بۇ سۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنى كومپىئۇتېر ۋە ئېنتېرنېتنىڭ ئۇستىسى قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئەمەسمەن. مەنمۇ ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان چالا ساۋاتلاردىن بىرىمەن. لېكىن ئوقۇغانلىرىمىزنى قانداق قىلغاندا خەلققە يەتكۈزگىلى بولىدۇ ۋە قانداق قىلغاندا بۇ ئامانەتنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھۆددىىسىدىن چىققىلى بولىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ باش قاتۇرغىنىمدا ئەقلىمغا بۇ ئىككى نېمەت كەلدى. بۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم ۋە پىكرىم. بۇنىڭدىن ياخشى پىكىر بېرىدىغان دوستلىرىم بولسا ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

 يېزىق بىلەن دەۋەت قىلىشمۇ ھازىرقى زاماننىڭ تەقەززاسى:

ئۆتمۈشلەردە  يۇرتىمىزنى باشقۇرۇپ كەلگەن بېسىمدارلار خەلقنى بىلىمسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقىمىزنى ئوقۇش ۋە يېزىشتىن توسۇپ كەلگەننى ئاز دېگەندەك، مەدرىسىنىڭ تۆت تېمىدىن باشقىنى كۆرمىگەن موللىلار  تالىبلارنى خەت يېزىشنى ئۆگىنىشتىن توسۇپ كەلگەن ئىكەن. ھەتتا مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللام باشلاتقان يېڭىچە مائارىپقا جان جەھلى بىلەن قارشى چىققانلارمۇ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بىلەن يەنە شۇ  ئازازۇل موللىلار ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ بىلمەيمەن. دىنىي مەكتەبلەردە، ھەتتا چەتئەللەردىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ئۇيغۇر تالىبلىرىنىڭ خېتى ناچار، گرامماتىكىسى يوق. تالىبۇل ئىلىملەر ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ئالاھىدە يۇقىرى ئورنى بار كىشىلەردۇر. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە :« تالىبۇل ئىلمنىڭ ماڭغان يولىغا پەرىشتىلەر قاناتلىرىنى يېيىپ تۇرىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن. ئاللاھ نەزەرىدە شۇنداق ئۇلۇغ ماقامغا كۆتۈرۈلگەن تالىبلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشى، «تالىب»دېيىلسە ئومۇم خەلق تەرىپىدىن ئادەتتىكى داشۆسىڭلارغا ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بېرىلمەسلىكى ئەپسۇسلىنارلىقتۇر. بۇنى يەنە ئۆزىمىزدىن كۆرىشىمىز كېرەك. خەلق پەقەت كۆرگىنىگە ۋە بىلگىنىگە باھا بېرىدۇ. سەن كىشىلەرگە بىلىم تارقىتىدىغان ۋە ئۆزۈڭنى مەرىپەت ئەھلى دەپ يۈرگەن بىر ئادەمسەن. سەن بىر پارچە سالام خەتنى توغرا يازالمىساڭ سېنى نېمە دېگىلى بولسۇن؟ خىتاينىڭ پەننىي مەكتەبلىرىدە ئوقۇغان باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى بالىلارمۇ توغرا، گىرامماتىكىلىق خەت يېزىشنى بىلىدۇ. ھەتتا بىرىنچى سىنىپنىڭ دەرسلىكىدىمۇ « مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراش خېتى»دېگەن دەرسلىك بار. ئىلىم ئەھلى بولغان ئادەم زاماننىڭ تەقەززاسىغا قاراپ تەدبىر ئېلىشنى بىلىشى كېرەك. ھازىرقى زاماندا سىز مەدرىسىلەردە ئۆتمۈشلەردىكىدەك مۇكالىمە سۆزلىيەلمەيسىز. ھەتتا ۋەتەندە مۇنداق بىر مەدرىسىنىمۇ ئاچالمايسىز. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوقۇغانلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلەن گۆرگە ئېلىپ كېتەمسىز ياكى بىر چارە ئىزدەمسىز؟ ئۈستىڭىزدىكى شەرەپلىك شەرئىي ئىلىمنىڭ ئامانىتىنى ئادا قىلىش نىيىتىڭىزدە راستچىل بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ چارىسىنى ئىزدەيسىز. ھازىرقى كۈندە سىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنى تەبلىغ قىلىشتىكى ۋاسىتىلىق چارىڭىز يېزىق، كومپىئۇتېر ۋە ئېنتېرنېتتۇر.

بەزى دوستلار  خەتنى دۇرۇس يازالماسلىقىغا كىچىكىدە پەننىي مەكتەبكە بارمىغانلىقىنى باھانە قىلىشى مۇمكىن. ئەمما مەن بىلىمەنكى، ئۆمرىدە بىر كۈن بولسىمۇ پەننىي  مەكتەب كۆرمىگەن، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا پەقەت دادىسىنىڭ تەربىيىسىدىلا ئوقۇپ يېتىشكەن بىر دوستۇمنىڭ شۇنچە چىرايلىق ۋە گرامماتىكا جەھەتتىمۇ توپتوغرا خەت يازىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى ماقالىلارنى تەھرىرلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. دېمەك، مەسىلە تىرىشچانلىقنىڭ كەملىكىدە. تىرىشقان، ئىزدەنگەن ۋە ئۆگەنگەن ئادەم چوقۇم قىلالايدۇ. ھازىر دۇنيادا داڭلىق تور بەتلىرىنى باشقۇرىۋاتقانلار ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەكتەبتە كومپىئۇتېر دەرسلىكى ئوقۇغان ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا كومپىئۇتېر دەرسلىكى ئەمەس، كومپىئۇتېرنىڭ ئۆزىمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئۇلار زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماسلىشىپ  ئىزدەنگەن  ۋە ئۆگەنگەن كىشىلەردۇر.  بىزمۇ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالمايمىز؟ بىزنىڭ ئۇلاردىن نېمىمز كەم؟ ئېنىقكى، بىزنىڭ غەيرىتىمىز، جۈرئىتىمىز ۋە شۇجائىتىمىزلا كەم!

 خۇلاسە كالام: بىز ئىلىم شەرئىي تەھسىل قىلىش يولىدا بەدەل تۆلىدۇق. گۈزەل ئىللىق ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ ياتلارنىڭ يۇرتىدا گاھ يەكلىنىپ، گاھ ھىجران دەردىدە ياش ئاققۇزۇپ غۇربەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بۇ بىز تۆلىگەن ئەڭ ئېغىر بەدەل! مۇشۇنچىلىك چوڭ بەدەل تۆلەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بۇ ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلەيلى، ئۇنىڭ ئامانىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشايلى، ئۆزىمىزنى ئەركىن دۇنيا كىشىلىرىگە ئوخشاتمايلى، ئانا ۋەتەندە دىننى خۇددى چوغنى تۇتۇپ تۇرغاندەك قىيىنچىلىقتا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان قېرىندىشلىرىمىزنى ئۇنۇتمايلى، ئاپئاق قەغەزدەك پاك قەلبلىرى ئاتېئېزم تەربىيىسى بىلەن كىرنىلىۋاتقان سەبىيلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيلى، ئەڭ مۇھىمى ئەسلى ۋەزىپىمىزنى ھېچ ئۇنۇتمايلى! ۋە شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى ئىمانى مەسئۇلىيىتىمىزگە قىيامەت كۈنى قانداق جاۋاپ بىرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم جىددى ئويلۇنۇپ كۆرۇش بىلەن بىرگە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك دىنى تۆھپىمىزنى قوشالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كىچىككەن بولساقمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم بوپ قالغانلىقىنى ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئىنسان بىلەلەيدۇ.

ئى دىنى زىيالى قىرىندىشىم! ئاللاھ يولىدا مىللىتىمىزنىڭ چاڭقىغان قەلبىنى ھەقىقەت سۇلىرى بىلەن سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىككىلەنمەستىن ئاتلىنىڭ! ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە! سىز بىلەن مۇسۇلمانلار پەخىرلەنگۈسى! مىللىتىڭىز شاتلانغۇسى! ۋەتىنىڭىز بەرىكەتكە تولغۇسى ۋە بەختكە چۆمگۈسى!

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز