قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ جۇمە خۇتبىسىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن ، بۇ خۇتبىدا تەقۋالىقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتى ۋە جەمىيەتكە كۆرسىتىدىغان ئۇنۇملىك تەسىرى، تەقۋانىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى نېگىزلىك چۈشەنچىسى،تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ چارىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قۇرئان ،ھەدىس ۋە بەزى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

مۇسۇلمان ھاياتىدا تەقۋادارلىقنىڭ ئەھمىيىتى
 

 

2/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىرىنچى خۇتبە

 

بارلىق ھەمدۇ ـ سانالار ئاللاھغا خاستۇر، ئۇنى ماختايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تىلەيمىز، نەپسىلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى مەدەتكار يوقتۇر.

ئاللاھنىڭ ھىچ قانداق شېرىكى يوق يەككە ـ يىگانە دەپ گوۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھنىڭ دىنىنى ھەممە دىنلاردىن ئالى قىلىش ئۈچۈن ئېۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى وە ئەلچىسى دەپ گۆۋاھلىق بىرىمىز.

ئې ئاللاھ ئوزلىرىدىن سىلىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بەندىلىرى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ  پاك ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىگە، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلەرگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئې قىرىنداشلار! ئاللاھتىن ھەقىيقى قورقۈڭلار،كېمكى ئاللاھتىن ھەقىيقى قورقىدىكەن ئۈ كىشى ھالاكەتتىن قۈتىلىدۈ ۋە مەرتىبىسى يۈقىرى بولىدۈ.

ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قەلىبنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئەمەللەرنى توغرا يوسۇن بىلەن قىلىشقا يوليورۇق بىرىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. ئاللاھ بۈ كىتاپنى قەلىبلەرگە شىپا ۋە ھېدايەت ئىستىگۈچىگە نۇرلۇق چىراق قىلىپ، ئۇنىڭدا ھەممە نەرسىلەرنى ئوچۈق بايان قىلىپ  چۈشۈرگەن روشەن كىتاپتۇر.  پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا   ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ . پەقەت ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى قۈرئان ـ كەرىمدىكى بۇ ئايەت بىلەن مۇنداق مەرھەمەت قىلىدۇ: «ئى مۆمىنلەر ! اﷲ دىن قورقۇڭلار،توغرا سۆزنى قىلىڭلار. اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ(يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)،گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كېمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ». يۇقىرىدىكى بۈ ئايەت ئارقىلىق ئىسلام ئەھلىنى ئىككى ئىشقا بۈيرىدى، بۈنىڭغا ئېتائەت قىلغانلارغا ئۈلارنىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋە كەلگۈسىدە، دۈنيا ۋە ئاخىرەتتە، ئىسلاھ قىلىش، گۈناھلىرىنى كەچۆرۈم قىلىش ۋە ئۈ لار ياخشى كۆرىدىغان، ۋە قىزىقىدىغان كاتتا نىجاتلىق بىلەن ۋەدە قىلدى.

ئىبنى مەسئۈد  مۈنداق دىگەن: سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ئې ئىمان ئېتقان مۈمىنلەر!» دىگەن ئايىتىنى ئاڭلىغان ۋاختىڭلاردا بۈ ئايەتنى ئوبدان قۈلاق سىلىپ تېڭشاڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۈ چاقىرىق بىلەن ياخشىلىققا بۈيرىيدۈ ياكى يامانلىقتىن توسىدۈ.

ئاللاھ تائالانىڭ« ئاللاھتىن ھەقىيقى قورقۈڭلار» دىگەن خىتابىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابى ئارىسىغا ئاللاھ بۈيرىغان بارلىق پەرىزلەرنى ئاداقىلىش، ئاللاھ توسقان بارلىق ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۈق ئادا قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىش توسىغىنى تۈرغۈزۈڭلار.

تەقۋالىقنىڭ ئاساسى بىدئەت، خۈراپاتتىن ۋە ھەر خىل شەكىلدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇشتىن ساقلىنىشنى تەقەززا قىلىدۈ. ئىبنى ئابباس بۇ ھەقتە مۈنداق دىگەن:« تەقۋادار كىشىلەر ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلىشى بىلەن دائىم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈت قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن پىرىنسىپلارغا ئىشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۈ.

ئەبىددەردا بۇ ھەقتە مۈنداق دىگەن: «ھەقىيقى تەقۋادارلىق بولسا، ئىنسان ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشتا ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن ھارام نەرسىلەرنىڭ ئارىسىنى توساش ئۈچۈن زەررىچىلىك ھارام دەپ قارالغان نەرسىلەردىن ساقلىنالىغاندىلا، ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى نامايەندە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى ئورنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دىدى:« كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» .

ياخشىلىق ئاددى بولسىمۇ تۆۋەن كورمەستىن تولۇق قىلىش، يامانلىق ئاددى بولسىمۇ  تۆۋەن كورمەستىن بۇنىڭدىن تولۇق ساقلىنىش كىرەك.

ھەسەن ئەلبەسري (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادار كىشىلەر دىگىنىمىز، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن تولۇق ساقلانغان، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى كامىل قىلغان كىشىلەردۇر».

تەلقى ئىبنى ھەبىب بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« تەقۋادارلىق دىگەن؛ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈت قىلىپ ئاللاھنىڭ ھېدايەت نۇرى بىلەن ئاللاھ  بۇيرىغان تائەت ـ ئىبادەتلەرنى قىلىش، ئاللاھنىڭ ئازاۋىدىن قورقۇپ ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش».

تەقۋالىق قىلىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارغا قىلغان تەكلىپى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە، رەھبەرلەرگە، ئوزىدىن كىيىنكى توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان ئىز باسارلارغا ۋە بارلىق سالىھ مۇسۇلمانلارغا قىلغان تاپشۇرىقى بولۇپ، بۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قۆرالى ۋە قىيامەت كۈنى مەنپەئەتلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلىقىدۇر . ئاللاھ تائالا بارلىق ئىززەت ـ ئېكراملارنى تەقۋا كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« كېمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. اللە ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كېمكى اللەقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن، اللە ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، اللە ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، اللە ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى» .

«كېمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى اللەدىن قورقىدىكەن، اللە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ».

«پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان- زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار».

ئاللاھ تائالانىڭ «توغرا سۆزنى قىلىڭلار»دىگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئېكرىمە مۇنداق دەيدۇ :بۇ ئايەتتىكى توغرا سوزنىڭ مەنىسى «ئاللاھ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھىچ مەبۇد بەرھەق يوق» دىگەندىن ئىبارەت دەپ چۈشەندىرىدۇ.

مۇجاھىد ۋە باشقا ئالىملار بۇنىڭ مەنىسى، ھەق سوزنى ۋە توغرا سوزنى قىلىشتىن ئىبارەت دەپ شەرھىيلەيدۇ.

ئايەتتە زىكىر قىلىنغان توغرا سوزنىڭ ئومۇمىي چۇشەنچىسى؛ ئاللاھ نىڭ بۇيرىغان پەرىز، ۋاجىپ، مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىيدىغان سوزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان پەرىز - ۋاجىپ قاتارلىق ئىبادەتلەرمۇ توغرا سوزنىڭ جۇملىسىدىندۇر. ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش،مۇسۇلمانلار ئىختىلاپلىشىپ قالغان ئىشلاردا قۇرئان ـ ھەدىسنىڭ روھىغا قايتىش بىلەن بىرگە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ ھەق سوزنى بايان قىلىش، كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بىرىش، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزنى پەيغەمبەر قىلىپ ئېۋەتىش بىلەن مۇقەررەرلەشتۇرگەن ئىسلام ئەقىدىسىنى قوغداش، دىن ـ شەرىئەت بىلىملىرىنى يىتەرلىك ھالدا ئىگەللەش ۋە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۇزۇش، ئىسلام دىنىنىڭ غەيرىدىكى كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى سوزلەپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقى ئېلىم بىلەن توغرا ئۇسۇلدا ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.

كىشىلەرنى ئاللاھنى دائىم ياد ئىتىشكە، نەپلە ئەمەللەرنى قىلىشقا تەۋىسىيە قىلىش، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  كوپ دۇرۇد ئېيتىشقا تەۋسىيە قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرمۇ قۇرئان كەرىمدە تەۋسىيە قىلىنغان توغرا سۆز دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ مۇمئىنلەرنى توغرا سوز قىلىشقا بۇيرىشىمۇ، ئۇلارنىڭ تەقۋادار، ئىمتىيازلىق مۇسۇلمانلاردىن بولىشىغا پۇرسەت بەرگەنلىكى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنى خاسلىق ۋە ئومۇملىق لەپزى بىلەن تەكىتلىگەن.

يۇقىردىكى ئايەتنىڭ لەپزىدىن توغرا سوز-ھەرىكەت قىلىشقا، مەنىسىدىن چەكلەنگەن سوز-ھەركەتلەرنى قىلىشتىن توسۇشقا بولغان بۇيرۇق ئىپادىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەلىللەر سوزلەنگەن بولۇپ ئومۇمەن بۇ ئايەت ـ ھەدىسلەرنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى كىشىلەرنى چەكلەنگەن،  سوز-ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، سوزلەشكەندە ياكى خەت يازغاندا ھارام، باتىل، چەكلەنگەن سوزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە بۇيرىيدۇ.

مۇئاز رەزىەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ:«مەن ساڭا ئىشنىڭ بېشى، ئۇنىڭ تۈۋرىكى ۋە ئۇنىڭ چوققىسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېۋىدى. مەن: شۇنداق قىلسىلا ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرىكى نامازدۇر، چوققىسى جىھادتۇر» دەپ ئاندىن:« مەن ساڭا ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن: شۇنداق قىلسىلا ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ:« بۇ تىلىڭنى يىغقىن» دېدى. مەن: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى، بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ ھېساب بېرىمىزمۇ ؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ھالىڭغا ۋاي، كىشىلەرنى دوزاخقا يۈزلىرى بىلەن يېقىتىۋىتىدىغان نەرسە پەقەت ئۇلارنىڭ تىللىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېدى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان :« بەندە ئويلاپ - ئويلىماي مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىلىقىدىنمۇ چوڭقۇر دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان سۆزنى قىلىپ سالىدۇ». (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە «كىشى نېمە دەۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماي، اﷲ غەزەپلەنگىدەك بىر سۆزنى قىلىپ سالىدۇ- دە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن اﷲ ئۇ كىشىنى يەتمىش يىللىق ئارلىقتىنمۇ چوڭقۇر دوزاخقا چۈشۈرۋېتىدۇ» . (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئاللاھ تائالا چەكلىگەن سوزلەرنىڭ قاتارىدىن توقۇلما ـ يالغان سوزلەر بولۇپ بۇ توغۇردا اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نېجىس بۇتلاردىن ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار»

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« مەن سىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېۋىدى. بىز: شۇنداق قىلسىلا ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى- دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاخشىتىش» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ بولۇپ، شۇ زامات رۇسلىنىپ ئولتۇردى -دە ، مۇنداق دېدى: « يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار!، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار!» دەپ بۇ سۆزنى تەكرارلاۋەردى. بىز: كاشكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمدى دىمىسىكەن دەپ ئۈمۈت قىلىپ كەتتۇق. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

ئاللاھ تائالا چەكلىگەن سوزلەرنىڭ قاتارىدىن ھەقنى باتىلغا ئارلاشتۇرۋىتىش، ھەقنى سوكەپ باتىلنى ماختاش، ھەقىقەتنى كىشىلەرگە يامان كۆرسۈتۈش ياكى كىشىلەرنى ھەقتىن يىراقلاشتۇرۇش، ھەقتە تۇرغان كىشىلەرنى يامان كۆرۈش ياكى ئۇلارغا ئازار يەتكۇزۇش، ئۇلارنى سوكەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:« ھەقنى باتىلغا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارلاشتۇرماڭلار،ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار».

ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتاپلارنى (يەھۇدي ۋە ناسارالارنى) ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن: «ئى ئەھلى كىتاب(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرۇپ ھەقنى باتىلغا ئارلاشتۇرىۋىتىسىلەر؟» .

ئاللاھ تائالانىڭ ئەھلى كىتاپلارنى يالغان ـ توقۇلمىلاردىن چەكلىگىنى بىز ئۈچۈنمۇ چەكلىمە، چۈنكى شەرىئىتىمىزدە بىزنىڭ سوز ـ ھەركەت ۋە يۇرۇش-تۇرۇشلىرىمىز ئەھلى كىتاپلارغا ئوخشاپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ .

ئەگەر يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ سوزى بىلەن ئۇكىشىنىڭ يامان نىيىتى بىرلەشسە بۇنىڭ جازاسى ئىغىر بولىدۇ ۋە يۈز بىرىدىغان بۇزۇقچىلىقمۇ ئۇنىڭ ھەجمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە  مۇھەممەد ئالەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى :«ئېتقىنكى ، ھەق دىن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردىن، كېمكى ئىمان ئېيتىشنى خالىسا مۆمىن بولسۇن، كىمكى كۇپىرنى خالىسا كاپىر بولسۇن».

ئەڭ مەنپەئەتلىك ئىش كىشىلەرگە ھەقنى باتىلدىن، ياخشىلىقنى يامانلىقتىن، توغرا يولنى ئازغۇنلىقتىن ئايرىپ بايان قىلىپ بىرىشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدىن :غەيۋەتخورلۇق ، سۇخەنچىلىك( ئارلىقتا گەپ توشۇش) بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «گەپ توشۇغۇچى سۇخەنچىلەر جەننەتكە كىرمەيدۇ» .

شۇنىڭدەك باشقىلارغا دەشنام قىلىش، زاڭلىق قىلىش، مەسخىرە قىلىش ۋە يالغان سوزلەش قاتارلىقلار تىلنىڭ ئاپىتى ۋە چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن ھىساپلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ «توغرا سوزنى قىلىڭلار!» دىگەن بۇيرىقىغا بويسۇنۇش دىگەن پىرىنسىپنىڭ قارشىسى بولغان يالغان سوزلەردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە بارلىق ئىش ـ ھەركەتلەردە توغرا سۆزلۈك بولۇشنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەمىلىلەشتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

ئې ئاللاھنىڭ «توغرا سۆزلۈك بولۇڭلار!»  دىگەن بۇيرىغىغا ئەمەل قىلىپ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار سىلەرگە ئاللاھ تەرەپتىن بولغان چەكسىز خاتىرجەملىك ۋە ئالاھىدە ساۋاپلار بىلەن خوش خەۋەر بولسۇنكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ھەرگىزمۇ ئوز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ ۋە كىشىلەرگە كىچىككىنەكمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا توغرا سۆزلۈك بولۇپ ھەقىيقى تەقۋالىق قىلغۇچىلارغا، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئىسلاھ قىلىش، گۇناھلىرىنى كەچۇرۇم قىلىپ، كاتتا ساۋاپ بىرىش بىلەن خوش خەۋەر بىرىپ مۇنداق دىدى: «ئى مۆمىنلەر ! اﷲ دىن قورقۇڭلار،توغرا سۆزنى قىلىڭلار.اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ(يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)،گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ،كېمكى اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئېتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ».

ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ماللىرىڭلار، شىركەتلىرىڭلارغا كىپىللىك قىلىشىغا قارىمامسىلەر؟! توغرا سۆزلۈك ۋە تەقۋالىقنى ھاياتىغا مۇجەسسەملەشتۇرگەن ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالا ھازىر ۋە كەلگۇسىدە خاتىرجەم قىلىدۇ، بارلىق ئىشلىرىدا ياردەمچى بولىدۇ. دۇنيا ـ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ئىش ـ ئەمەللىرىنى پاكلايدۇ، بەركەت بىرىدۇ ۋە زايا بولۇپ كىتىشتىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە بىزگە خەۋەر بىرىپ مۇنداق دېدى: « ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقىيقى تەقۋا كىشىلەر بىلەن بىرگە».

بۇيەردە « ئاللاھ تائالا ھەقىقى تەقۋا كىشىلەر بىلەن بىرگە» ۋە « ھەقىقى تەقۋا كىشىلەر ئاللاھ بىلەن بىرگە » دىگەن ئىككى سوزنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە پەرىق بار. ئاللاھ تائالانىڭ تەقۋا كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىشى ئاللاھ نىڭ خۇسىسى(مەنىۋى) تەرەپتىن بىرگە بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ساقلىشى، مۇھاپىزەت قىلىشى ۋە ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىدىن ئىبارەت، كىمكى ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى تاشلاپ ئاللاھ ياخشى كورىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىدىكەن ئاللاھمۇ ئۇكىشىنى ياقتۇرماسلىقتىن ياخشى كۆرۈشكە يۈزلىنىدۇ. كېمكى ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىشنى تاشلاپ ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشقا يۈزلىنىدىكەن ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنى ياقتۇرۇشتىن ياقتۇرماسلىق تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. كېمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن ھەقىقەتتە كاتتا نىجاتلىققا ئىرىشكەن بولىدۇ. ھەقىقى نىجاتلىق دىگەن كىشىلەر ئارزۇ قىلىدىغان ياخشىلىقنىڭ جەۋھىرى، سەسكىنىىغان ۋە ئوچ كورىدىغان بارلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسىدۇر.

ئى مۆمىنلەر!اﷲ غا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار،پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار ، ئاللاھ تائالا ماڭا ۋە سىلەرگە قۇرئان  كەرىمنىڭ سەۋەبى بىلەن بەركەت ئاتا قىلسۇن، ھەممەيلەننى ئاڭلىغان ئايەت ـ ھەدىسلەردىن مەنپەئەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن.ئاللاھتىن مىنىڭ ۋە باشقا بارلىق مۆمىن  مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى كەچۇرۇم قىلىشىنى سورايمەن، ھەممىڭلار ئاللاھتىن كەچۇرۇم سوراڭلار ئاللاھ گۇناھلارنى ئەڭ ياخشى كەچۇرۇم قىلغۇچىدۇر!

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان  ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى بىر، ھىچ شىرىگى يوق، يەككە ـ يىگانە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە راسچىل ئىشەنچىلىك ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئې ئاللاھ ئوزلىرىدىن سىلىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بەندىلىرى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پاك ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلەرگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرگە رەھمەت ـ مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئې مۇسۇلمانلار! ئاللاھ سىلەرنى بۇيرىغان رەۋىشتە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغانلىقىغا شۇكىر ئىيتىڭلار.

 ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئاشكارا ـ يوشۇرۇن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار ، ئاللاھ تائالادىن ھەقىيقى ر ەۋىشتە ھايا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە، ئاللاھقا بولغان تائەت ـ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش، چەكلەنگەن ـ ھارام ئىشلاردىن يىر اق بولۇش بىلەن شۈكرى ئىيتىپ ھەقىيقى مۆمىنلىكىڭلارنى ئىزھار قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شۈكرى ئېيتقۇچىلارغا نېئمەتلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بىرىشكە ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار، نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى)تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى نېمەت)قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ » دەپ جاكارلىدى. ئاللاھ تائالاغا بولغان شۈكىرنىڭ خۇلاسىسى بولسا ،  ئاللاھ پەرىز قىلغان نامازلارنى مەسجىدلەردە ئادا قىلىش، نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كورسەتكەندەك ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« كىشىلەردىن قىيامەت كۈنى بىرىنچى ھىساپ ئىلىنىدىغان ئەمەل نامازدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇلارنىڭ نامازلىرى قوبۇل قىلىنسا باشقا ئەمەللىرىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەگەر نامازلىرى قوبۇل قىلىنمىسا باشقا ئەمەللىرىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ » دىيىلگەن.

 ئې ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى! سىلەر ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان كۈندىن قورقۇڭلار، ئۇ كۈندە ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھىساپ بىرىدۇ، ئۇ كۈندە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

 ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇپ بۇنى ئالدى بىلەن ئوزى باشلىدى ئۇ بولسىمۇ؛  «اﷲ ھەقىقەتەن  پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ) ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن(پەيغەمبەرگە)مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر!سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار(چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر)».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« كىمكى ماڭا بىر قىتىم دۇرۇد ئىيتىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇكىشىگە ئون قىتىم رەھمەت يوللايدۇ».ئىلگىرى ۋە كىيىنكىلەرنىڭ ئالىجاناپراقى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار!

 ئې ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن. ھەقىقەتەن سەن مەدھىلەشكە لايىقدۇرسەن، شان ـ شەرەپ ئىگىسىدۇرسەن.

 ئې ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلەـ تاۋاباتلىرىغا ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىغا بەركەت ئاتا قىلغاندەك بەركەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن مەدھىلەشكە لايىقدۇرسەن، شان ـ شەرەپ ئىگىسىدۇرسەن.

ئې ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ۋە بۇلارنىڭ جۇملىسىدىن ئەبۇبەكرى، ئومەر، ئوسمان ، ئەلى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرى، ئۇلارغا  قىيامەتكىچە ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەردىن رازى بولغىن!

ئې ئاللاھ! بىزدىنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزۈڭنىڭ رەھمىتىڭ، نېئمىتىڭ ۋە خەيرى ـ ئىھسانىڭ بىلەن رازى بولغىن!

 ئې ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىززەتلىك قىلغىن! كاپىرلار ۋە مۇشرىكلارنى خار قىلغىن!

 ئې ئاللاھ! بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ خارلىغىدىن ۋە ئازاۋىدىن ساقلىغىن! بىزنى ۋە ئەۋلاتلىرىمىرنىڭ ھەرخىل شەيتانلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئە گەشكۈچىلىرىنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىغىن. جۇملىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىمۇ ساقلىغىن. ھەقىقىقەتەن سەن ھەممىگە قادىردۇرسەن.

ئى اﷲ!بىزنىڭ ئىلگىرى - كېيىن، مەخپىي ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى، سەن بىزدىن بەكرەك بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن. سەن خالىغان كىشىنى جەننەتكە ئىلگىرى ئەۋەتكۈچى ۋە خالىغان كىشىنى دوزاخقا قالدۇرۇپ قويغۇچى زاتتۇرسەن. سەن ھەممىگە قادىر زاتتۇرسەن.

ئې ئاللاھ! بىزنى نەپسىلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ساقلىغىن.

  ئې ئاللاھ ! بىزنى جازانە خورلۇق، ۋابا، زىنا، مۇناپىقلىق، يەر تەۋرەش، مال باھاسىنىڭ ئورلەپ كىتىشى، ھە رخىل بالاـ قازا لاردىن ۋە يوشۇرۇن ـ ئاشكارا پىتنە ـ پاساتلاردىن ساقلىغىن. بولۇپمۇ بىزنىڭ مۇشۇ شەھەرلىرىمىزنى ۋە ئومومى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىنى بۇ ئاپەتلەردىن ساقلىغىن.

ئې ئاللاھ! بىزنى ئەسكىلەرنىڭ يامانلىغىدىن ساقلىغىن، سەن ھەممىگە قادىر.

ئې ئاللاھ ! بىزنىڭ يۇرۇت ـ ۋەتەنلىرىمىزنى تىنىچ ـ خاتىرجەم قىلغىن. بىزلەرگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلارنى ئىسلاھ قىلسىلا. بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ ـ پاراۋ ان،خاتىرجەم، باياشات قىلغىن. ئې مىھرى ـ شەپقەتلىك ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. سەن بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز، بىز سىنىڭ رەھمىتىڭدىن بىھاجەت ئەمەسمىز، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن بىزدىن ئوز پەزلىڭنى چەكلەپ قويمىغىن. دىننى ئۇستۇن قىلغىن. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى ـ سوزىنى بىرلەشتۇرۇپ بەرگىن.  ئې ئاللاھ! بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە مەنپەئەتلىك قىلغىن. سەن ھەممىگە قادىر.

ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا،خەيرى ـ ئىھسان قىلىشقا، ئۇرۇق ـ تۇققانلارغا، پىقىر ـ مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن، ئىسلام ھاكىمىيتىگە قارشى چىقىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىپ مەنپەئەت ئىلىشىڭلار سىلەرگە بۇنى ئەسلىتىپ ئوتىدۇ، سىلەر ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. سىلەر قەسەمنى ئىچكەندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار. ھەقىقەتەن سىلەر بۇ ئىشقا ئاللاھنى ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرساڭلار ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھ غا شۈكرى ئېيتساڭلار ئاللاھ سىلەرگە نېئمىتىنى زىيادە قىلىپ بىرىدۇ، ئاللاھنى ياد ئىتىش ئەڭ بۈيۈك ئىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز