قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/6/1429ھـ 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نېئمەت، قىممەتلىك گۆھەر ئىكەنلىكى، ھەر-خىل ساغلام بولمىغان كۈز قاراش ۋە ئىتىقاد، ناچار ئەخلاقلارنىڭ ئەۋىج ئالغان بۇگۇنكى كۈندە، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىمىزنى سۇي ئىستمال قىلماستىن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىش توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نېئمەت


 

مەككە مۇكەررەمە  ھەرەم مەسچىتىنىڭ 17/6/1429ھـ  2008-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى

 

 ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

" ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ئەڭ بۈيۈك نىمەت، قىممەتلىك گۆھەر بولۇپ ئۇنى ئۆزجايىدا ھىمايە قىلىپ پەرۋىش قىلىش لازىم " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

 

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئاللاھ ئادەم بالىسىنى بارلىق مەخلۇقلاردىن ئۈستۈن،ئولۇغ ياراتتى. جانلىق جانسىز مەخلۇقلارغا بەرمىگەن خۇسۇسىيەتلەرنى بەردى. ئەقىلدىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمىتىنى ئاتا قىلىپ، بىلىم،چۈشەنچە تۇيغۇسى بىلەن زىننەتلىدى. ئىنسان بۇ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ياخشى-ياماننى، پايدا-زىياننى پەرق ئىتەلەيدۇ ۋە بۇ ھېسسىيات بىلەن دۇنيادا بەخىتلىك ياشىيالايدۇ، ئەقىل ئارقىلىق بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىغان ئاساستا ئېلىپ بارالايدۇ. ئەقىل ئارقىلىق ئۈممەتلەر تەرەققىي قىلىدۇ، ھايات مۇساپىسى يۈرۈشۈپ تۇرۇدۇ، كىشىلىك جەمئىيەتتىكى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالالايدۇ.

ئىنسان ئەقىل  بىلەن ئاللاھنىڭ تاپشۇرۇقىغا لايىق بولىدۇ. دېمەك ئەقىل ئىنسانغا نىسبەتەن قىممەتلىك گۆھەر، ئۇنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن ئاسراشقا توغرا كىلىدۇ. ئەقىلنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، ئەقىلنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەرلا ئەقلىنى ئۇلۇغلاپ، ئاساسى مەقسەت قىلىپ يارىتىلغان غايە ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ.

ئىنسان ئەقلىنى يوقاتقان تەقدىردە باشقا مەخلۇقلاردىن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ. بەلكى ھايۋانلارنىڭ پايدىسى ئىنساندىن يوقۇرى بولۇپ قالىدۇ. ئەقلىنى يوقاتقان ئادەمدىن پايدا-مەنپەئەت كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە يۈك بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.

ئىنسانلار ئىچىدە ئۆزىگە ئەھمىيەت بەرمەي تاشلىۋىتىدىغانلار، ئۆزىنى مۇناسىپ يول بىلەن قوغدىمايدىغانلارمۇ بار. بەلكى ئەقلىنى قوغداپ،پەرۋىش قىلغاننىڭ ئورنىغا ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ،ئۆز ئەقلىنى ئۆز پۇتىدا دەسسەپ، چەيلەپ ۋەيران قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئىنسان ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئارقىغا كىرگەندىن كېيىنلا قەلب نۇرى بولغان مەنىۋى كۆزدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەقىلنى يوقاتقاندىن كېيىن ھاراق رومكىسى، ئاق تاماكو قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ، ئۇ، شۇ ئارقىلىق ئەقلىنى يوقىتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن خوشلىشىپ ئادىمى ھايۋانلار دۇنياسىغا قېتىلىپ كېتىدۇ. ئالدىغا كەلگەن ئىشنى قىلىدىغان، ھارام، پاھىشىلەردىن تەپ تارتمايدىغان يەرگە يېتىدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار كۆپەيگەن جەمئىيەتتە ھاياتلىق ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش پالەچ ھالەتكە كېلىدۇ، ئۈممەتنىڭ كۆركەم گەۋدىسى يىقىلىدۇ. مەس بولغان ئىنسان پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇيدۇ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، چىرايى سۈرۈن بولىدۇ، ئىرادىسىنى ئۆلتۈرىدۇ، ھايا كۆتۈرۈلىدۇ، بالىلىرىنى يىتىم قىلىدۇ، ئايالىنى تۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى سوقۇپ تۇرسىمۇ مەنىۋىيتى ئۆلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ساماۋىي شەرىئەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان بەش تۈرلۈك زۈرۈرىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئەقىل زۈرۈرىيتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

دەيمىزكى، ئەقىلنى ئاسراش ۋاجىپ. ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئىنسانىيەت مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىشتۇر. مەس قىلغۇچ ماددىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئەقلىنى يوقاتقانلار ئۆزىنى يوقىتىپلا قالماستىن مىللىتى، خەلقىنى يوقىتىپ جەمئىيەتنى ۋەيران قىلغان بولىدۇ. مەس بولۇش ئارقىلىق ئەقىلنى يوقىتىش قەبىھ ئىللەت بولۇپ، قېچىشقا تىگىشلىك يامان ئىشتۇر. ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىنسانلار ھاراق-شاراپلارنى ئىچىپ كېچىلىرى ئۇخلىماي ئەيشى-ئىشرەت قىلاتتى، ئۇنى پەخىرلىنىش ۋاسىتىلىرىدىن بىر ۋاسىتە دەپ بىلەتتى. شۇڭلاشقا جاھىلىيەت شائىرلىرى ھاراق-شاراپنى مەدھىيىلەپ شىېئىر، قەسىدىلەرنى تۈزگەن . ئۇلار شۇ ئارقىلىق بوش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزەتتى. ئەمما بۇنداق جاھىلىيەت دەۋرى ئاخىرلاشقىنىغا 14 ئەسىردىن ئاشتى.

ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەقىل-ھۇشىنى ئاسراپ ھىمايە قىلمىغان مىللەت ۋەيران بولغان مىللەتتۇر. ھاراق-شاراپ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىنسانلارغا نېمە ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلمىدى!.

 بىلىڭلاركى ! ھاراق شاراپ، زىنا پاھىشە،زەھەرلىك چېكىملىكنى خەلقى ئالەمدىن تەپ تارتماستىن ئاشكارا ئىچىش، چېكىشكە باشلىغان مىللەت بۇ دۇنيادا غەلبە قىلالمايدۇ. ! مىڭلارچە ، مىليونلارچە تەكرارلايمىزكى غەلبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.!!..

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدا مىراج ۋەقەسى توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: "مىراج كېچىسى ئاسمانغا چىققاندا ئىككى قاچا كەلتۈرۈلدى، بىرىدە سۈت يەنە بىرىدە ھاراق بارئىكەن .ماڭا بۇ ئىككى قاچىدىن خالىغىنىڭنى تاللا دېيىلدى، مەن سۈتنى تاللاپ ئىچتىم. ماڭا توغرىنى تاپتىڭ دېيىلدى. ئەگەر ھاراقنى ئالغان بولسىڭىز ئۈممىتىڭىز پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولاتتى، دېيىلدى" .

 ئۈممەت ھېچقاچان ھاراقكەشكە ئەگەشمەيدىغانلىقى بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئاشكارىلىنىدۇ. ئىنسانىي فىترەت(تەبىئەتتە) ھەم سۈت ھەمدە ھاراقتىن ئىبارەت ئىككى زىتلىق توپلاشمايدۇ. جاھىلىيەتنىڭ پەخرى ھېسابلىنىدىغان ھاراقنى ئىسلام دىنى كىلىپ تەدرىجى ھالدا قەتئى چەكلەپ ھارام قىلدى. مۇسۇلمان جامائەتلەر ھاراق شاراپ ۋەئۇنىڭ تۈرلىرىدىن قولىنى ئۈزدى . ئىسلام شەرىئىتى كىلىپ ئىنسانلارنى تەۋھىد ئەقىدىسىگە كىرگۈزۈپ، بەندىگە قۇللۇق قىلىشتىن ئاللاھنىڭ قۇللۇقىغا ئېلىپ باردى .شۇ ئارقىلىق ساھابىلار ھەممىسى دېگۈدەك ھاراق-شاراپ ئورۇنلىرى بولغان مەيخانىلارنى ئەبەدى تاشلىدى .ساھابە كىراملار دىندا شۇنداق مۇستەھكەم ئىدىكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نارازى بولىدىغان ھەرقانداق ئىشنى شۇنچە كۆپ پايدا كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ قىلمايتتى .

 قارايدىغان بولساق بىزنىڭ دىيارلىرىمىزدا ھاراق -شاراپ، تاماكو، زەھەرلىك چېكىملىكلەر شۇنچە كۆپ تارقاپ ئومۇملاشقاننى كۆرىمىز، بۇمۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ دىيارىمىزنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بۇزۇش،ۋەيران قىلىش تەدبىرلىرىدىن بىرىدۇر. دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇدرەتلىرىنى خورىتىپ، چىرىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئاپەتلەرنى سىڭدۈرمەكتە .

 مۇسۇلمانلار ئەۋلاتلىرىدىن يۈزمىڭلارچە ياش شۇ ئاپەتلەرگە گىرىپتار بولدى. ئۆزى، ئائىلىسى، ئەتراپىدىكىلەرنى ۋەيران قىلدى . ئۇلار ئۆزىنىڭ گۆرىنى ئۆز قولى بىلەن قازغانلاردۇر. زەھەرلىك چېكىملىك، ھاراق-شاراپ ئاپىتى ئىنسانلارنى جانسىز، روھسىز مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى . مەس قىلغۇچ بويۈملارنىڭ شەرىئەتتىكى ھاراملىقىدىن سىرت سەھىيە جەھەتتىن زىيانلىقى ئىنتايىن كۆپ. زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئىچىملىكنىڭ 120 خىلدىن ئارتۇق زىيىنى بارلىقىنى تىببى تەكشۈرۈشلەر ئىنىقلاپ چىققان. قىسقىسى ئىنسان مەس قىلغۇچى ماددىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئەقلىنى يوقاتقان تەقدىردە، ئۇ ئىنساننىڭ جەمئىيەتتە نېمە ئەھمىيتى قالىدۇ؟!..

جەمئىيەتتە زەھەرلىك چېكىملىك، ھاراق- شاراپ ئىستىمال قىلىش كۆپەيگەنسىرى جىنايى ئىشلار دىلوسى ھەسسىلەپ ئاشتى. جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتى تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى كۆتۈرۈلدى.

كېسىپ ئېيتىمىزكى ھاراقكەش پاسىقتۇر. ئۇنىڭغا سالام قىلىشمۇ توغرا ئەمەس. كېسىلىنى يوقلاشقا بولمايدۇ. مېھمانغا چاقىرسا بېرىشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ  ھاراق ئىچكۈچى، قۇيغۇچى، ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچى، ياسىغۇچى، ياساشقا ياردەملەشكۈچى، كۆتۈرۈپ يۆتكىگۈچىلەردىن ئىبارەت ھاراق بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق كىشىگە لەنەت قىلىدۇ.»

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ھاراق-شاراپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ يامان ئاپىتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

(ئاللاھتىن جەمىيىتىمىزدىكى ئازغۇن يوللارغا كېرىپ قالغان شۇ قىرىنداشلىرىمىزغا ھېدايەت ۋە ساغلام ئەقىل ئاتا قىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئۆز ياراتقۇچىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تونۇيدىغان، مىللەت، ۋەتەن ئالدىدىكى ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان ھەقىيقى ئىمانغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز.ئاللاھنىڭ ئۇلارغا گۈناھلىرىغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.-م-)

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز