قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/6/1429 ھـ / 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۇسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلۇپ، يىتىملارنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋىلىش،ئاياللىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلماسلىق، ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەققىنى ۋاختىدا بەرمەسلىك، بار تۇرۇپ قەرزنى قايتۇرماسلىق ۋە شۇنداقلا ئادىللىقنىڭ پەزىلىتى، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئادىللىقنىڭ پەزىلىتى، زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تۈرلىرى

 

16/6/1429ھـ 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

 

ناھايىتى ئۇلۇغ مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

 

بىرىنچى خۇتبە

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ياخشى كىشىلەرنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ئاللاھغا مەنسۇپتۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچى زالىملار ئەڭ ئەشەددى دۇشمەنلەردۇر، ئىلگىركى ۋە كىيىنكىلەرنىڭ ئېلاھى بولغان ئاللاھنى يەككە ـ يىگانە، ھىچ شېرىكى يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئې ئاللاھ ئوزلىرىدىن سىلىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بەندىلىرى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىگە، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرگە رەھمەت ـ مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئې مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن، تەقۋالىق بولسا غەلبە ـ نىجاتلىقنىڭ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ  ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىدۇر .

ئې مۇسۇلمانلار! بارلىق ياخشىلىقنىڭ مەنبىيى ئېلىم بىلەن ئادىللىقتىن، بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبىيى زۇلۇم بىلەن جاھالەت ـ بىلىمسىزلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان ۋە ئاچچىغىنى كەلتۇرىدىغان بىردىن ـ بىر ئىش كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىگە ھەددىدىن ئىشىشى ۋە زۇلۇم قىلىشلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «ئاللاھ زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ» زالىملار دىگەن:نىجاتلىقتىن مەھرۇم بولغان، بەخىت ـ سائادەتتىن يىراقلاشقان كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:« ھەقىقەتەن زالىملار مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ».

ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ جىنايەت ۋە ئىغىر گۇناھ . ئىمام مۇسلىمنىڭ كىتاۋىدا ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن يەتكۇزگەن ھەدىس قۇدسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:« ئې بەندىلىرىم مەن ئۆزۈمنى زۇلۇمدىن چەكلىدىم سىلەرنىمۇ ئۆز ـ ئارا بىر-بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلىشىڭلاردىن چەكلىدىم، بىر ـ بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلىشماڭلار».

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى ئوز ـ ئارا زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« زۇلۇم قىلىشتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن زۇلۇم قىيامەت كۈنىسى ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەنى كەلتۇرىدۇ».

ئې مۇسۇلمانلار! زالىمنىڭ زۇلمى ھەرقانچە چىكىدىن ئىشىپ كەتسىمۇ ياكى ئۇزۇن داۋام قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا زالىملارنى دائىم كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « اﷲ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىغا مۆھلەت بېرىدىيۇ،  ۋاختى كەلگەندە بىر تۇتىدۇ - دە، ئۇ ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ». ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر».(  دېگەن (سۈرە ھۇد 102- ئايەتنى) ئوقىدى.

ئې باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنى مەخسەت قىلغۇچى ئىنسان! سەن زۇلۇم قىلىنغۇچى كىشىنىڭ كۈچلۈك قورالىنىڭ بارلىىغنى، ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىكەنلىگىنى بىلىپ قويغىن، ئاللاھنىڭ سەندىن ھازىر ياكى كىيىنلىكتە ئىنتىقام ئىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن.

 دانىشمەن كىشىلەردىن بىرى مۇنداق دىگەن: سەن  كۈچلۈك ـ قۇدرەتلىك بولساڭمۇ باشقىلارغا زۇلۇم قىلمىغىن، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ساڭا پۇشايمان ـ نادامەت ئىلىپ كىلىدۇ، سەن بىخۇتلۇقتا يۇرگەن بىلەن زۇلۇم قىلىنغۇچى دائىم ئاگاھ يۇرىيدۇ، سەندىن ئىنتىقام ئىلىش ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم سورايدۇ، ئاللاھ ئەلبەتتە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كۈچ ـ قۇدرىتىنى ئۇنۇتۇپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغان ئې ئىنسان! بىلگىنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دۇئاسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت قىلىنىدىغان تەڭداشسىز قورال. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە:« زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن اﷲ ئوتتۇرىسىدا (دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدا) پەردە يوق» دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىجابەت قىلىنىدىغان دۇئالار توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن ساقلانغىن دىيىلگەن». ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئاسىنى بۇلۇتلار ئۇستىدىن كوتۇرۇپ ئاسماننىڭ ئىشىكىنى ئىچىۋىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمنىڭ بۈيۈكلىكىم بىلەن قەسەمكى مەن ساڭا زالىمنىڭ ئۇستىدىن ئىنتىقام ئىلىشىڭ ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بولسىمۇ ياردەم بىرىمەن».

تارىختىكى بىرقىسىم ۋەقەلىكمۇ بىزلەرگە زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى كىيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلىغۇچىلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

 بىر ئايال سەئىيد ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مىنىڭ زىمىنىمنى تارتىۋالدى دەپ شەھەر باشلىقى مەرۋان ئىبنى ھەكىمنىڭ يىنىغا ئەرىز قىلىپ كەلدى. ئەسلىدە بۇ يالغان دەۋا ئىدى. سەئىيد ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ دەۋانىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ ئوزىنىڭ بۇ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دىدى: ئې ئاللاھ بۇ ئايالنىڭ دەۋاسى يالغان بولسا بۇ ئايالنىڭ كوزىنى كورمەس قىلغىن ۋە مۇشۇ زىمىندا جىنىنى ئالغىن، ئۇ ئايال ئومرىنىڭ ئاخىردا كوزى تۇتۇلۇپ ئوزىنىڭ يالغاندىن داۋا قىلغان زىمىنىدا  بىر ئازگالغا چۈشۈپ ئولدى.

تارىخچىلار مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ: خالىد ئىبنى بەرمەك ئوغلى بىلەن تۇرمىدا پۇت ـ قوللىرى باغلاغلىق ياتقاندا بالىسى مۇنداق دىدى: ئې دادا! بىز بۇرۇن شان ـ شەرەپ، ئىززەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن، ھەممە كىشى سوزىمىزنى ئاڭلايدىغان ھالەتتە ياشىغان ئىدۇق، بۇگۇنكى كۈندە قولىمىز باغلىنىپ تۇرمىدە ياتىمىزغۇ؟!. خالىد ئىبنى بەرمەك ئوغلىغا مۇنداق دىدى: ئې ئوغلۇم كىچىلەردە بىز غاپىل ياتقان بىلەن ئاللاھ تائالا بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن غاپىل ئەمەس، زۇلۇم قىلىنغۇچىلارنىڭ كىچىلەردە قىلغان دۇئاسى بىزگە يەتتى.

ئىمام زەھەبي مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ: بىر ئەسكەر بىلىقچىغا زۇلۇم قىلىپ ئۇرۇپ بىردانە يوغان بىلىقنى تارتىۋالىدۇ، بۇ ئەسكەر بىلىقنى كۆتۈرۈپ يولدا كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلام ئۇ بىلىق بۇ ئەسكەرنىڭ باش بارمىغىنى چىشلەپ ئۇزىۋالىدۇ، بۇنىڭ تەسىرىدىن بىر مەزگىلدىن كىيىن قولى كىسىلىدۇ، بۇ ئەسكەر ئوزىنىڭ بىلىقچىغا قىلغان زۇلۇمىنى ئەسلەپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىلىقچىنىڭ يىنىغا كىلىپ :مەن ساڭا زۇلۇم قىلغاندا مىنىڭ زۇلمۇمدىن ئاللاھغا شىكايەت قىلىپ دۇئا قىلغانمۇ؟ دەپ سورايدۇ، بىلىقچى مۇنداق دەيدۇ: ھەئە، سەن ماڭا زۇلۇم قىلغان، مەن ئاللاھقا: ئې ئاللاھ بۇ ئوزىنىڭ كۇچىغا تايىنىپ مىنىڭ ئاجىزلىغىمدىن ماڭا زۇلۇم قىلدى. ئې ئاللاھ!بۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ تەڭداشسىز كۈچ ـ قۇدرىتىڭنى كورسەتكىن دىدىم. بىز يۇقىردا ئاڭلاپ ئوتكەندەك ئاللاھ ئوزىنىڭ قۇدرىتىنى كورسەتتى.

مۇسۇلمان قىرىنداشلار! قانداق بىر جەمئىيەتتە زۇلۇم ئومۇملىشىدىكەن، كىشىلەر  مىھرى ـ شەپقەت، ئادالەتتىن يىراقلىشىدىكەن، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئىتىدىكەن، بۇ ۋااقىتتا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازاۋى چۈشۈپ ئۇلارنى تەل ـ توكۇس يوقۇتىدۇ، يۇقۇردا ئالىملار  سوزلەپ ئوتكەندەك ئىبنى تەيمىيە (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار ئارىسىدا زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك، ئادىللىقنىڭ ئاقىۋىتى مەدھىيەلىك .

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇشتۇر. بارلىق ماختاشلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنى ھالاكەتكە يۇزلەندۇرگەن ئىش: ئۇلار ھەقنى ئوز ئىگىسىگە قايتۇرۇشتىن باشقىلارنى چەكلىگەن، كىشىلەرنىڭ زۇلۇم قىلىنىشىغا يول قويغان.

مۇسۇلمان قىرىنداشلار! باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياكى مال ـ مۇلكىگە، ياكى ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىك، ياكى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىپ ھۆكۇمدە ئادىللىق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلار كىمدىن سادىر بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

يەنە يىتىمنىڭ مىلىنى ئىلىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىكمۇ زۇلۇمدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن:« زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى(ناھەق)يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان)ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا(يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ».

يەنە كىشىلەردىن قەرىز ئىلىپ قەرىزگە تىنىۋىلىش ياكى پۇلى بار تۇرۇپ قەرىزنى كىچىكتۇرۇپ ۋاختىدا بەرمەسلىك ياكى قەرىز ئىلىپ كىشىلەرنىڭ مال ـ مۇلكىنى بۇزۇپ ـ چىچىشمۇ زۇلۇمنىڭ جۈملىسىدىن ھىساپلىنىدۇ. پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «پۇلى بار كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەققىنى كىچىكتۇرىشى زۇلۇمدۇر، قەرىزنى قايتۇرۇشقا قۇدرىتى بار تۇرۇپ قەرىزنى ۋاختىدا قايتۇرمىغان كىشىنىڭ يۈز ـ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈپ جازالاش ھەقلىق».

يەنە ئاياللارنىڭ تويلۇق، مىھرى ھەققى ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خىراجەتلەرنى تولۇق بەرمەسلىك ۋە مىلىنى يوشۇرىۋىلىش، ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بەك مايىل بولۇپ يەنە بىرىنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىكمۇ زۇلۇمنىڭ بىرتۈرى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ بىرىگە بەكراق مايىل بولۇپ كەتسە قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى بىر تەرىپى قىسايغان ھالەتتە تىرىلدۇرىلىدۇ، (ئىبنى ھەجەربۇ ھەدىسنىڭ ئىسننادىنى سەھىھ دىگەن)

ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىكمۇ زۇلۇمنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مەن قىيامەت كۈنى ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ دەۋاسىنى قىلغۇچى دەپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئادەم ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن بولسا مەن شۇ كىشىنىڭ دەۋاسىنى قىلغۇچى». بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

باشقىلارنىڭ يەر ـ زىمىن ۋە ئوي ـ جايلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش، ئىگىسى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشمۇ زۇلۇمدىن بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى بىر غېرىچ زېمىننى زۇلۇم بىلەن ئىلىۋالىدىكەن، ئاخىرەتتە ئۇ بىر غېرىچ يەر ، يەتتە قات زېمىننىڭ تىگىگىچىلىك يەتكۈزۈلۈپ ئۇ ئادەمنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدۇ».

 پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:« كىمكى بىر ئادەمنىڭ زىمىنىنى زۇلۇم قىلىپ ئىلىۋالىدىكەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇ ئادەمگە غەزەپلەنگەن ھالەتتە ئۇچرايدۇ».

سىلەر ئادىل خەلىپە ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوزىنىڭ ۋالىلىرىنىڭ بىرىگە يازغان خىتىدىكى بۇ سوزىگە قۇلاق سىلىڭلار: زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن ئىھتىيات قىلغىن، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنغۇچىدۇر.

پىقىر ـ مىسكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇش، مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۇزۇش، ئۇلارغا كىلىدىغان مەئىشەتنى قەستەن ئۇلارغا ياكى مال ـ مۇلكىگە زىيان سىلىش ئۈچۈن كىچىكتۇرۇشمۇ زۇلۇم ھىساپلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئى اﷲ ‍! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن. كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھىرىبان بولغايسەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

دوستلۇق ياكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت ياكى مەلۇم مەنپەئەتنى دەپ لاياقىتى بولمىغان كىشىلەرنى خىزمەتتە لاياقەتلىك كىشىلەردىن يۇقۇرى ئورۇنلارغا قويۇشمۇ زۇلۇمدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئون ئادەمگە باشلىق بولغان ئادەم بولسا قىيامەت كۈنى پۇت ـ قوللىرى باغلانغان ھالەتتە كەلتۇرلىدۇ، ئەگەر ئادىللىق بىلەن ئىش قىلغان بولسا باغلاقتىن قۇتىلىدۇ، زۇلۇم قىلغان بولسا جەھەننەمدە جازاغا ئۇچرايدۇ». ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

بىرقىسىم مۇسۇلمانلاردىكى مىراس ۋە ۋەسىيەت ئىشلىرىدا ئادىللىق قىلماسلىق، مىراسخورلارنىڭ بەزىنى بەزىسىدىن پەرىقلەندۇرۇپ باشقىلارغا زىيان سىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ زۇلۇمدۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «بىر ئادەم يەتمىش يىل ياخشى ئىش قىلىپ ئاخىرقى ھاياتىدا مىراس توغىرسىدا قىلغان ۋەسىيىتىدە خاتالىشىپ ھاياتى خاتالىق بىلەن ئاخىرلىشىپ دوزاخقا كىرىدۇ، يەنە بىر ئادەم يەتمىش يىل يامان ناچار ئىشلارنى قىلىپ ئاخىرقى ھاياتىدا مىراس توغىرسىدا قىلغان ۋەسىيىتىدە ئادىللىق قىلغانلىق سەۋەپتىن ھاياتى ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلىشىپ جەننەتكە كىرىدۇ». تىرمىزي رىۋايەت قىلغان ھەدىس.

مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئىسىل ئەخلاقنىڭ ئەسلى ئاساسى زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشتۇر، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى كىشىلەرنى ئەپۇ قىلسا ۋە ئارىسىنى ئىسلاھ قىلسا بۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بىرىدۇ».

پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: «كىمىكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەخسەت قىلىپ ئوزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلىدىكەن ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ئىززەت ـ ھورمىتىنى، دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ».

مەن ئاللاھتىن مىنىڭ، سىلەرنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى كەچۇرۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن، سىلەرمۇ تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ گۇناھلارنى بەك كەچۇرۇم قىلغۇچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز خەيرى ـ ئىھسان مەرھەمەتلىرىگە ئۇنى چەكسىز ماختايمىز ۋە چەكسىز نىئمەتلىرى ئۈچۈن ھىساپسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنى كاتتىلايمىز، ئاللاھنى بىر يەككە ـ يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە چاقىرغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.

 ئې ئاللاھ ئوزلىرىدىن سىلىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە بەندىلىرى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز موھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە ـ تاۋاباتلىرىگە، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان كىشىلەرگە رەھمەت ـ مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋا بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى تەقۋالىق دىگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى ئۇممەتلەرگە قىلغان تەۋسىيەسى.

ئې مۇسۇلمانلار ! ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەت پىرىنسىپىدا  قىرىنداشلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى توغۇرسىدا، زۇلۇم قىلىنغۇچىلارغا ياردەم بىرىش، زۇلۇم قىلغۇچىغا نەسىھەت قىلىپ، تەربىيە بىرىپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەش بايان قىلىنغان.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «قىرىندىشىڭلار زۇلۇم قىلىنغۇچى ياكى زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ئۇلارغا ياردەم بىرىڭلار، ساھابىلاردىن بىرى: ئې ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم بىرىمىز، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم بىرىمىز؟! دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دىدى: زالىمنى زۇلۇم قىلىشتىن توسۇڭلار، بۇ ئۇنىڭغا قىلىنغان ياردەم بولىدۇ».

مۇسۇلمان قىرىندىشىم! باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭ، ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى كىشىلەرگە قىلغان زۇلۇمدىن پاكلىنىڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «كىمكى ئۆز قىرىنداشلىرىغا مال ـ مۇلكى، يۈز ـ ئابرۇيى ياكى باشقا تەرەپلەردىن زۇلۇم قىلغان بولسا، ئالتۇن ـ كۇمۇشلەر مەنپەئەت قىلمايدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بۇ زۇلۇمدىن خالاس بولسۇن، قىيامەت كۈنىدە زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقلىرى بولسا زۇلۇم قىلىنغۇچىغا بىرىلىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقى بولمىسا زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىق ۋە گۈناھلىرى زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدۇ».

ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا كوپلەپ دۇرۇد ئىيتىش، سالام يوللاشتىن ئىبارەت.

ئې ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلەـ تاۋاباتلىرىغا رەھمەت  ئامانلىق ۋە بەركەت ئاتا قىلغىن.

 ئې ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ۋە ئۇلارنىڭ  جۇملىسىدىن ئەبۇبەكرى، ئومەر، ئوسمان ، ئەلى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرى ئۇلارغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەردىن رازى بولغىن!

ئې ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىززەتلىك قىلغىن! كاپىرلار ۋە مۇشرىكلارنى خارقىلغىن! سىنىڭ ۋە دىننىڭ دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن، بارلىق مۇسۇلمانلارنى سەن ياخشى كورىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇلارنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇلارنى بىر ـ بىرىنى ياخشى كورىشىدىغان، ياخشى ئىشلاردا ئوز ـ ئارا ياردەملىشىدىغان ھەقىقى دىنى قىرىنداشلاردىن قىلغىن، بىزگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يول باشچىلىرىمىزنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كورىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇلارغا ياردەم بەرگىن، ئې ئاللاھ! بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى دىنغا، ۋەتنىگە ۋە خەلقىگە مەنپەئەتلىك قىلغىن، ئۇلار بىلەن خەلىق ئارىسىنى ئادىللىق ۋە ھەقىقەتكە جۇغلىغىن.

 ئې ئاللاھ! بىزنى زۇلۇمغا ئۇچراشتىن ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىغىن، بىزگە ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشنى مەخسەت قىلغانلارنىڭ يامانلىغىنى ۋە ھىلە ـ مىكىرلىرىنى ئوزىگە قايتۇرغىن، ئې ئاللاھ دۇنيانىڭ ھەممى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى مۇھاپىزەت قىلغىن، پەلەستىندىكى،ئىراقتىكى، ئابغانىستاندىكى ۋە باشقا ئىزىلىۋاتقان،ئىگىسىز قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆزۈڭ مۇھاپىزەت قىلغىن. ئۇلارنىڭ غەم ـ قايغۇلىرىنى كوتۇرۋەتكىن، ئۇلارغا قىيىنچىلىقتىن كىيىن ئاسانلىق بەرگىن، ئۇلارغا ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مىھرى ـ شەپقەت قىلغىن، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇشمەنلىرىگە ئۆزۈڭ تاقابىل تۇرغىن، ئۇلار سىنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ ۋە يىڭەلمەيدۇ.

 ئې ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئىيىغا ئۇلاشتۇرغىن، ئې ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئىيىغا ئۇلاشتۇرغىن، رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بىزگە بەركەت ئاتا قىلغىن.

 ئې ئاللاھ! مۇسۇلمان، مۇئمىن ئەر ـ ئاياللارنى، ئۇلاردىن ھايات قالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كەچۇرۇم قىلغىن.

 ئې مۇسۇلمان قىرىنداشلار! ئاللاھنى كوپ ياد ئىتىڭلار، ئەتتىگەن ـ ئاخشاملاردا ئىبادەتنى كۆپ قىلىڭلار، بىز ئاللاھنى ساغلام رەۋىشتە تونۇيدىكەنمىز، ئالۋەتتە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىز مۇسۇلمانلارغا بولغۇسى. بىزنىڭ ئاخىرقى تىلىگىمىز بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز