قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 8/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەپەككۇر قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى«سەن ئاللاھقا قىلىۋاتقان ئىبادىتىڭنى خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتتا قىلىشىڭ كېرەك» ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئېھساننىڭ تەقەززاسى بىلەن سۇپەتلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ئېھسان توغرىسىدا

 

8/7/1429ھـ 2008-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە چۇشەنچىسى

 

 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"ئېھسان (يەنى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ دېگەن ھېسسىياتتا بولۇش) ئىنساننى يۈكسەك روھىي دۇنياغا كۆتۈرىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

 ئىنسان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولسا، مۆمىننى ئىسلام دىنىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىنتايىن روشەن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.  ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە قارايدىغان بولساق خۇددى بۈگۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نازىل بولغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئوچۇق، پەلسەپىۋى مۇجمەللىكى يوق. مۇسۇلماننىڭ ھەقىقىتى ئۇ ئىگەللىگەن لەززەت، قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلەر بولماستىن بەلكى، روھىي ئۈستۈنلۈك بولۇپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى يۇقىرى كۆرەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىشنى خەلق ئاممىسى ياخشىلىق، رەھىمدىللىق دەپ چۈشىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەرخىل يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىش، خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى  ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئىپپەت نومۇسلۇق، ئىشەنچىلىك ئىماندار، دىنغا،ۋەتىنىگە، مىللىتىگە كۆيۈنىدىغان ياشلارنى يېتىلدۈرۈشتە.

كىچىك بالا قانداق تەربىيىلەنسە شۇ ئاساستا چوڭ بولىدۇ. ياخشى تەربىيىلەنسە ياخشى ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ، تەربىيە ياخشى بولماي قالسا ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەت بېشىغا بالايۇ-ئاپەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن: « جىبرىل  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئېھسان توغرىلىق سوئال سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېھسان: سەن ئاللاھقا قىلىۋاتقان ئىبادىتىڭنى خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتتا قىلىشىڭ كېرەك، سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن. بۇ ئىپادە شۇنداق ئاجايىپ ئىخچام ۋە كۈچلۈك ئىكەنكى، شۇنچە قىسقا بىر قانچە كەلىمە سۆز ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئۇلى قۇرۇلىدىغان بىر بۈيۈك ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت ئۆزىنىڭ بارلىق قانۇن-قائىدىلىرى، ھايات مىزانى، يوليورۇقلار، سوت داۋا ئىشلىرى، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئائىلە تۈزۈملىرىنى شۇ ئاساستا بەلگىلەيدۇ.  شۇ ھەقىقەتنى بارلىق ئىنسان بىلىش كېرەككى ئاللاھ بارلىق ئاشكارا-مەخپى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر.

ئىنسان ئاللاھنى ئۆزىگە بارلىق ئىشلاردا كۆزەتچى بىلىپ شۇ پرىنسىپ بويىچە ماڭسا داۋاملىق ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بولغان بولىدۇ. ھېچقاچان تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەيدۇ. ئىنسان ھېسسىياتىدا مېنى ئاللاھ كۆرۈۋاتىدۇ دېگەن تۇيغۇ بىلەن ئىبادەت قىلسا ئەلۋەتتە سەمىمىيلىك، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇنداق بولغاندا بەندىنىڭ ئىبادىتى ئاللاھتىن قاچقان كىشىنىڭ ئەمەس ئاللاھ تەرىپىگە يۈزلەنگەن كىشىنىڭ ئىبادىتى بولىدۇ. ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇ بىزدە بولسا ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇپ، ئاللاھنى تېخىمۇ ياخشى ئۇلۇغلاپ ئىبادەت قىلىمىز. بۇنداق ئىمان ئەڭ ئەۋزەل ئىمان ھېسابلىنىدۇ.

ئېھسان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق تەبىقىسىدە ئوخشاش مەۋجۇت بولىشى كېرەك. مەسىلەن قازى ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇدا بولسا ھېچقاچان باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ. بەلكى ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. ئىش ئەكسىچە بولۇپ قازى ئاللاھتىن قورقمىغان تەقدىردە يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ۋەقپىلەرنى، مەسئۇللار بىلەن بىرلىشىپ يەيدۇ، پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئۆزى ھارام يېگەندىن سىرت باشقىلارغىمۇ ھارام يېگۈزىدۇ.  شۇڭلاشقا ئېھسان بەك ئوچۇق بىر ئىش بولۇپ، مۇساپىسى ئۇزۇن يولدۇر. ئىنسانلار ئېھساننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنگەن تەقدىردە بارلىق ھاياتىدا كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ. ئەر ئۆيىدىن كۈن، ئاي- يىللاپ غايىپ بولۇپ قالغان پەيتلەردە ئەنە شۇ ئېھسان ئەر-ئايال  ھەر ئىككىسىنى ھارامدىن ساقلايدۇ.

ئالىم ئۈچۈن ئېھسان تولىمۇ مۇھىم. ئالىمغا كىشىلەر ئىنتايىن ئولۇغ كۆزدە قارايدۇ، شۇنىڭغا لايىق ئالىملاردا ئېھسان ئەڭ يۇقىرى پەللىدە بولۇش كېرەك. ئالىم بولغان كىشى ئىلىم ئارقىلىق باشقىلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىش، دۇنيادا مەنسەپ، ئىناۋەتكە ئېرىشىنى مەقسەت قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر. ئالىم ھەقىقىي ھالدا ئاللاھ مېنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ  دېگەن تۇيغۇدا خىزمەت قىلىدىغان بولسا دىنى مەجبۇرىيىتىدە مىللىتى ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۆگەتكەن بىلىمىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن كىشىلەر ھىدايەت تاپىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ قالغان تەقدىردە بىر ئۆمۈر ئىلىم يولىدا ئۆتسىمۇ بىلىمى نە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدۇ، نە باشقىلارنى ھىدايەتكە باشلاپ ھەقنى كۆرۈپ، ھىدايەت تېپىشقا سەۋەپ بولالايدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەت بۇنىڭغا ئوخشاش بەزى بىر ئىللەتلەردىن خالى ئەمەس. يۇقىرىدىكى نەسىھەتلەرلەردىن ئېھساننىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئاللاھ بىزلەرنى ئېھساننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا نەسىپ قىلسۇن ئامىن!

 

 

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز