قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 15/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەتكە بەخت-سائادەت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقى، ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە پرىنسىپلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، گاھىدا ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن ئوبرازى خۇنۇكلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى، ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىلىشى، دىننى قوغداش ۋە ئۇنى تارقىتىشتىن قول ئۈزگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئەھلى ۋە ئەھلى كىتابلار ئوتتۇرىسىدىكى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دېئالوگ، ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە


 

 

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر

 

 

 15/ 7/ 1429 ھ 2008- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

« ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ۋەسىلە بولىشى كېرەك » دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ساماۋى دىنلار ئىچىدىكى، ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىرادە قىلغان دىن(يەنى ئىسلام دىنى) بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ۋەسىلە بولىشى كېرەك، دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ نىزا، سۈركۈلۈشلەرگە سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك. ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخى پاجىئە، مۇسىيبەتلەر دىننىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى، ساماۋى دىنلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئىچىدىن چىققان بىر قىسىم رادىكال كۈچلەرنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، سىياسىي ئەقىدىسى سەۋەبىدىن بولغان.

دىنلار ئارا دېئالوگ دىنلار ئارىسىدا بىرىكىش ياكى بىرلىشىپ كېتىش، يېقىنلىشىش ئەمەس بەلكى، ئىسلام ئەھلى ۋە ئەھلى كىتابلار ئوتتۇرىسىدىكى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دېئالوگ، سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش، جەڭگى-جېدەلگە ئېلىپ بارماسلىق دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما ئۇ يەردە شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشكە، ھالقىشقا بولمايدىغان ئىشلار بار، ئۇ ھەقتە گەپ ئېچىشقىمۇ يول يوق. كىمىكى ئۆز ئەقىدىسى ۋە دىنىدىن ۋاز كېچىكىدىكەن، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىمام يەنە مۇنداق دېدى: ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىپ دۇنيانى گۈللەندۈرۈشنى خالىدى، ئۇلارنىڭ دۇنيانى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن بارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىنسانىيەت ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېڭىلىنىپ ئادەم نەسلى داۋام قىلىدۇ. ھەزارەت كەتسە ئورنىغا يىڭى ھەزارەت، مەدەنىيەت كەتسە ئورنىغا يىڭى مەدەنىيەت كېلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىرق، دىن، رەڭلەرگە ئايرىپ ياراتقان بولۇپ ئۇنىڭ ھېكمىتىنى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:« بىز سىلەرنى ھەرخىل مىللەت ۋە قەبىلىگە بۆلۈپ ياراتتۇق. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىنىڭلار تەقۋادارلىرىڭلاردۇر». بۇ ئاساستا بارلىق ئىنسانىيەت، مىللەتلەر، ئۇممەتلەر، ئۆرپ-ئادەتلەر، دىنلار، مەزھەپ، ئېقىملار بولسىمۇ ھەممىسىنىڭ نەسەبى ئادەمگە مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ دىندارلىقتىكى ئەسلى مەنبەسى تەۋھىدتىن ئىبارەتتۇر. لېكىن ئۇلار كېيىن ئوخشاش بولمىغان گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپكەتكەن.

ئاللاھ تارىختىن بېرى قانچىلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن بولسا ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت تەۋھىدگە چاقىرغان.ئەمما ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت-تۈزۈملىرىدە ئوخشاش بولمىغان. بۇنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ خاتىمە قىلىپ ئەۋەتكەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام شەرىئىتى بولۇپ، بۇ تا قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ بارلىق ئىنسانىيەتنى بۇ شەرىئەتكە بويسۇنۇشقا چاقىرغان. ئاللاھ بۇ شەرىئىتى مۇھەممەدىيەدە ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ياخشىلىقى، قانۇن تۈزۈملەرنىڭ ھەممىنى توپلاپ دۇنيانىڭ تۈگەنچىسى بولغان قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس ھالدا مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « بۈگۈن سىلەرگە دىنىڭلارنى تولۇقلاپ بەردىم، نېمىتىمنى مۇكەممەل قىلدىم، ئىسلامنى سىلەر ئۈچۈن توغرا دىن قىلىپ بەردىم ۋە رازى بولدۇم».

قۇرئان كەرىمگە نەزەر سالىدىغان بولساق ئەھلى كىتابلار، باشقا دىندىكىلەرگە نۇرغۇن ئورۇنلاردا خىتاب قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاللاھ ئەھلى كىتابلارغا: ئى ئەھلى كىتاب دېيىش ئارقىلىق خىتاب، دېئالوگ ئۇسۇلىنى بىز مۇسۇلمانلارغا ئۆگەتتى. قۇرئان كەرىم خىتاب قىلىنغۇچى مۇخاتەب كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئەقلىگە  ھۆرمەت بىلدۈردى. چىرايلىقچە خىتاب قىلدى، ئازار قىلمىدى. ھەتتاكى ئەقىدىسىگىمۇ ھۇجۇم قىلمىدى.

بىز ھازىر ئەخلاق پىرىنسىپى ئۇستىدىن، ماددى كۈچ غالىب كېلىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. يەنىلا كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ سۈركۈلۈشلىرىدە دىننى كوزىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خۇددى ئۇلار دىننىڭ ئەسلى مەنبىيى بىر ئەمەستەك ھەرىكەتلەرنى قىلىشىۋاتىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئۇتۇقچىلىقلىرى ئوتتۇرىدىن غايىپ بولۇپ، ھەرخىل خىرىسلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بەزىدە دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا بەزىدە ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ ۋە ئوبرازى خۇنۇكلاشتۇرىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىچىدىن قۇدرىتى بارلار بارلىق مەيدانلاردا دىننىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىشى كېرەك. ئىككى ھەرەم خادىمى تەتقىقاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىملارغا قىلغان تەۋسىيىسىدە؛ ئىنسانىيەت دىننى، دىننىڭ گۈللىنىشىنى ئىستىمەيدىغان ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ جاھىللاردىن ئەمەس، بەلكى، دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەن ئالىملار، ئىختىساس ئىگىلىرىدىن ئېلىشى لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئاخىردا ئاللاھ  بارلىق ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلاپ، ھىدايەت قىلسۇن، ھىدايەت تاپقانلارنى ئازدۇرمىسۇن ئامىن!

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز