قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتۇر بۇ ماقالىدا كېلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا نېمەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەھۇدى ۋە خرىستىئان دىنىدىكى غۇللۇق ئالىملارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىراپلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە


 

كېلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپ

  ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان ھادىسىلەرگە، خەلقئارالىق ئىسلام ئويغىتىش ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالغان كىشى ئىسلامنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ بىشارىتىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.

غەلبىنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى شۇكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىق مۇسۇلمانلار ئاممىسى، بولۇپمۇ ئىسلام ياشلىرى "نەبۇۋۋەت يولى " غا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلار تەۋھىد ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەش، شېرىك ئەقىدىدىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرىنى دوست توتۇش، دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتۇشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا، تەپرىقىچىلىك، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىشقا، بىدئەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرماقتا. سەلەف سالىھلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تەۋەررۈك مىراسلىرىغا قونغان چاڭ توزانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا تىرىشماقتا.

  خەلقئارالىق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى ھەر خىل ھىيلە - مىكىرلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ ھەرىكەتكە زەربە بېرىشكە باشلىغان ۋە ئىسلام ئۇممىتى ئەمدى قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ لېكىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەقىقەت يولىدا جان - مېلىنى پىدا قىلىدىغان ئىسلاھاتچى ئالىملار باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۈشمەنلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن قەلبلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى مۇبارەك سۆزلىرى ئارقىلىق قايتىدىن ئۈمىت بېغىشلىماقتا:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ». (سۈرە يۈسۈپ 87- ئايەت).

  «ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ». (سۈرە تالاق 7- ئايەت). «ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر  ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر». (سۈرە شۇرا 28- ئايەت). «ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ». (سۈرە يۈسۈف 21- ئايەت).

  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان پىداكار قىز - يىگىتلەر ئىمان كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا بارلىقىنى تەقدىم قىلغان، بۇ يولدا يەتكەن ھەر خىل قىيىن - قىستاق، ئازاپ - ئوقۇبەتلەرگە سەبرى قىلغان، ئاللاھنىڭ غەلبە ئاتا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلغان ھالدا ئاللاھ نىڭ كىتابىغا، دىنىغا قايتىشقا چاقىرماقتا.

  ئىمان، تەۋھىد قوشۇنلىرىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا پۈتۈن دۇنيا ئاۋاز قوشماقتا.

  «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن». (سۈرە ئال ئىمران 193- ئايەت).

  مىسىر، تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار كۇۋەيت، شام، ماراكەش، سۇدان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى، ھەتتا ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى ئىسلام ياشلىرى ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ بولغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە يۈزلەنمەكتە.

ئامېرىكا قوشما شتاتىدىكى سان فرانسىسكۇ مەيدانىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ياشلار، دېڭىز بويلىرىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ياشلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

  خەلقئارالىق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، دۈشمەنلەر بۇ ھەرىكەتنى يوقىتىش يولىدا بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ھەركەت تېخىمۇ جانلىنىپ ئەتراپتىكىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى بىلەن بىشارەت بەرمەكتە.

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

  «مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى». (سۈرە سەف 9- ئايەت).

  روشەن بېشارەتلەر: شەددات بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى قاتلاپ بەردى، مەن زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىنى كۆردۈم، ئۈممىتىم چوقۇمكى، مەن ئۈچۈن قاتلانغان زېمىنلارغا  ئىگە بولىدۇ " (مۇسلىم رىۋايىتى 2889)

  تەمىم بىن ئەۋس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « بۇ ھەقىقەت (يەنى ئىسلام دىنى) چوقۇمكى، كىچە - كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگىچە يىتىپ بارىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ دىننى ئەزىزنىڭ ئىززىتى، خارنىڭ خارلىقى بىلەن خىش ياكى چېدىر ئۆيلەردىن بىرنىمۇ قويماستىن بارلىق ئۆيلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەزىز كىشى بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلىدۇ، خار كىشى بىلەن كۇفرىنى خار قىلىدۇ » (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 4/130).

ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ جددىلىشىشىدىن، ھودۇققىنىدىن ئۇلارنىڭ ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ھالاكەت ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئاشكارە بولماقتا. ئىسلامنىڭ ھەقىقىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىتى، ئەقىدىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم رەقىبلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەزى ئورۇنلاردا ئۆز ئارا قىلىشقان سۆزلىرى ئىسلامنىڭ ئىززەتكە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى سۆزلىرىنى نەقلى قىلىپ كەلتۈرىمىز:

  ئىسرائىلىيە گەۋدىسىنى تەشكىللىگۈچى بىن گوريۇن مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كومىنىستلاردىن، ئىنقىلاپچىلاردىن، دىمۇكراتچىلاردىن قورقمايمىز، بىز پەقەت ئوزۇن زامانلار ئۇخلاپ قالغان لېكىن ھازىر ئويغىنىشقا، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان پەلۋاندىن - يەنى ئىسلام دىنىدىن قورقىمىز"

   يازغۇچى يەھۇدى شەئيا بومان ئەندىشە ئىچىدە مۇنداق دەيدۇ: " ياۋرۇپا ئەللىرى مەككە مۇكەررەمىنى چىقىش قىلىپ، ئەگەشكۈچىلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، تىز سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىۋاتقان ئىسلام دىنىگە دىققەت قىلىشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىھات ئىسلامنىڭ مۇھىم رۇكنىلىرىدىندۇر. شۇڭا ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ داۋاملىق ئاگاھ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر".

  شەرقشۇناس شاتلى مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامنىڭ شەۋكىتىنى سۇندۇرماقچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان ئىسلام ئەقىدىسىنى يوقاتماقچى بولساڭلار پۈتۈن كۇچىڭلارنى ئىسلام ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مۇقەددەس كىتابى بىلەن پەخىرلىنىش روھىنى ئۆلتۈرۈشكە قارىتىڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈش، ئۆزۈڭلارنىڭ تارىخ مەدىنىيىتىڭلارنى نەشر قىلىش، ئىباھىيەت (لىبېرالىزىم) روھىنى نەشر قىلىش ۋە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ياشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يوقۇتۇش قاتارلىقلار بىلەن ھاسىل بولىدۇ"

  « ئىسلام ئافرىقا قىتئەسىدە » دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى دوكتۇر لىندۇن ھارىس مۇنداق دەيدۇ: "ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسلام بۇ قىتئەدە خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ۋە ئەڭ ئېغىر تەھدىت بولىۋاتىدۇ".

  ئەرەب ھازارىتى، مىسىر ھازارىتى، ئەندەلوستىكى ئەرەب ھازارىتى قاتارلىق بىر قانچە كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان، شەرقشۇناس تەتقىقاتچى، فرانسىيىلىك دوكتۇر گۇستاف لوبۇن مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەب ھازارىتىمۇ ئىلگىركى ھازارەتلەرگە ئوخشاش ئۆز نوپۇزىنى يوقاتقان بولسىمۇ لېكىن باشقا دىنلار كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نوپۇزىنى ساقلاپ كەلمەكتە. قۇرئان كەرىمنى بىر خىل تىلدا تىلاۋەت قىلىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمىگە يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇلاردىكى پائالىيەت بىرلىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنى بىر بايراقنىڭ ئاستىغا قايتا يىغمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ".

  « تارىخ تەتقىقاتى » دېگەن ئون ئىككى قىسىملىق مەشھۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئەنگلىيىلىك ئارنولد تويىنبى (Arnold Toynbee) مۇنداق دەيدۇ: "توغرا، ئىسلام بىرلىكى ھازىرچە ئۇخلاۋاتىدۇ، ئۇخلاپ قالغانلارنىڭ ھامان ئويغىنىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. غەربكە قارشى تۇرۇش چاقىرىقى ھامان ئىسلامنىڭ كۆرەش روھىنى ئويغىتىپ  قويۇشى مۇمكىن.

ئىسلام بىرلىكى ئەسھابۇلكەھفىدەك ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ خەلقئارادىكى بۇ چاقىرىق ئىسلام قەھرىمانلىقىنى ئويغىتىپ قويۇشى تەبىئىى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىسلام غەرب نوپۇزىغا ئىككى قېتىم  تارىخى خاراكتېرلىك زەربە بەرگەنىدى (ئىسلام، توغرا يول تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدە سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى يۇناننىڭ تەخمىنەن مىڭ يىل داۋاملاشقان ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلغان. ئىككىنچى قېتىم ئىسلام، نورىددىن، سالاھىددىنلەر دەۋرىدە سەلىب ۋە موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ئۆزىنىڭ قەلئەسىنى ساقلاپ قالغان). خەلقئارادا ھازىر يۈز بىرىۋاتقان ئېرىقى ئۇرۇشلارنى توختىتىشتا ئىسلام يەنە بىر قېتىم تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن".

  « تارىخ ئىلمى بوسۇغىسىى ئالدىدا » دېگەن بەش توملۇق مەشھۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى جورج سارتون مۇنداق دەيدۇ: "ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقلەر يوناندىن ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئىككى مىڭ يىل، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۆت يۈز يىل دۇنياغا ھۆكۈمران بولغان خەلقدۇر. شۇڭا ئۇلارنى كېلەچەكتە (مەيلى يېقىن مەيلى يىراق بولسۇن) دۇنياغا ئىككىنچى قېتىم ھۆكۈمران بولالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ".

  ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەب خەلقىنى ئەجدادلىرىنىڭ يولىغا قايتىپ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمران بولالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياغا قايتا ھۆكۈمران بولىشى ئاسان ئىش بولمىسىمۇ لېكىن بۇ مۇمكىنچىلىكى بار ئىشتۇر".

  ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ماددى تەرەققىيات ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە باشلايدىغان تەرەققىيات بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ  مۇتلەق تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ. دىن، ئىلىم - پەن، ئىخلاس، مۇھەببەت، ئادالەت ئۈستىگە قورۇلغان تەرەققىيات ھەقىقى توغرا تەرەققىياتتۇر... ".

  « مۇھەممەد ۋە قۇرئان، ئىسلام ۋە كېلىچىكى » دېگەن كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، جەنۋ ە ئۇنېۋىرسسىتېتىدىكى شەرق تىللىرى ئۇستازى مىسيو مونتە مۇنداق دەيدۇ: "ئافرىقىدا ئىسلام بىلەن رىقابەتلىشەلىگىدەك باشقا دىنلار بولمىغانلىقتىن بولسا كېرەك، ئۇ يەردە ئىسلام ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كېڭەيمەكتە...".

  يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا  يەنە ئىسلامنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېىتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشارەتلەر بار بولۇپ، بۇلارمۇ ھەم  كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يەر شارىغا چۈشۈرۈلگەن ھەق دىن ئىكەنلىكىنى، كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىلمى پاكىتلار بىلەن چۈشەنگەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئىسلامغا يۈزلەنمەكتە.

  تۆۋەندە مىسال تەرىقىسىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:

  خرىستىيان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھاياتتا ئىسلامغا قارشى نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ، نۇرغۇن سورۇنلاردا ئىسلامنى ئەيىبلەپ نوتۇق سۆزلىگەن خرىستىيان ئالىمى ئىبراھىم خەلىل فلوبوس مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى خىرىستيانلار قۇرۇلتىيىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىندىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىسلامغا قارشى ئېيتىلغان كونا - يېڭى بارلىق ماقال - تەمسىللەرنى كەلتۈرۈپ، ئوزۇن سۆز قىلدىم، سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن مەندە: مەن بىر ئۇستاز تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلىدىم دېگەن سۇئال پەيدا بولدى. روھى ھالىتىم ياخشى بولمىغانلىقتىن قۇرۇلتاي تۈگەشتىن بورۇن قايتىشقا ئىزنى سورىدىم، كۆڭلۈم غەش ھالدا يىغىن زالىدىن چىقىپ ئۆيۈم تەرەپكە ماڭدىم، ئىچىم سىقىلىپ، قەلبىمنىڭ تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى سەزدىم، ئۆيگە كېلىپ خاس كىتاپخانامدا قۇرئان ئوقۇش، پىكىر قىلىش بىلەن بىر كېچىنى  ئۆتكۈزدۈم، قۇرئان كەرىمدىكى: «ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز» دېگەن ئايەت ئۈستىدە ئوزۇن توختالغاندىن كىيىن شۇ كېچىسى ھايات قارارىمنى قايتىدىن بەلگىلەپ مۇسۇلمان بولدۇم، كىيىن ئائىلە ئەزالىرىممۇ مۇسۇلمان بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، پەلسەپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن، سوربۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇستاز بولۇپ ئىشلەۋاتقان چوڭ ئوغلۇم ئۇسامە ئىسلامغا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن مۇسۇلمانلار ئائىلىسىگە يەنە بىر ئائىلە قوشۇلدى".

  ئامېرىكىدىكى ئونىۋىرسېتېتلارنىڭ بىرىدە قانۇندىن دەرس بېرىدىغان مىسىرلىق بىر ئۇستاز مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى قانۇن ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانىدۇق، قانۇن ئۇستازلىرىدىن بىر يەھۇدى ئۇستازمۇ بىز بىلەن بىرگە بۇ سۆھبەتكە قاتناشقانىدى. ئۇ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز ئېچىشقا باشلىدى، مەن ئۇنىڭ سۆزىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن: ئامېرىكا دەستۇرىدىكى مىراس قانۇنىنىڭ ھەجمىنى بىلەمسىز دەپ سورىدىم، ئۇ: بىلىمەن ئۇ سەككىز تومدىن كۆپرەك كېلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا: ئون قۇردىن ئوشۇق كەلمەيدىغان مىراس قانۇنىنى سىزگە ئېيتىپ بەرسەم، ئىسلامنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ دېدىم، ئۇ: بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دېدى. مەن ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىكى مىراس ئايەتلىرىنى تەقدىم قىلدىم، ئۇ بىر قانچە كۈندىن كىيىن يېنىمغا كېلىپ: تۇغقانچىلىق ئالاقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ، ھېچكىمنى ئۇنتۇلۇپ قالماي، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلماي بۇنداق ئادالەت بىلەن مىراس تەقسىم قىلىنىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر ئىشتۇر دېدى، ئاندىن كىيىن بۇ كىشى مۇسۇلمان بولدى".

  پەقەت مىراس ئايەتلىرىلا بۇ يەھۇدى ئادەمنى ئىسلامغا قانائەتلەندۈردى.

  1856- يىلى تۇغۇلۇپ، 1887- يىلى مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام ئەقىدىسى، ياخشى جاۋابلار دېگەن كىتابلارنىڭ يازغۇچىسى، ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر شەيخ ئابدۇللاھ گويلىيام مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم ھېكمەتلىك كىتاپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبلىرىنىڭ بەدىئىيلىكىگە، ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالغان كىشى، قۇرئان كەرىم نازىل بولغىلى بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ خۇددى مۇشۇ ئەسىردە  نازىل قىلىنغاندەك ھازىرقى زامانغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى، قىسقا ۋە ئاسان بولىشى بىلەن بىرگە مول مەزمۇنلۇق، بالاغەت - پاساھەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر قانداق زامان ۋە ماكانلارغا ماس كىلىدىغانلىقىنى، يېزىقچىلىق سەنئىتى تەرەققى قىلغان زامانلاردىمۇ ئۇنىڭدىكى بالاغەت، پاساھەت قۇدرىتىنىڭ ئاقىللارنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئېھتىياجىدىن چىقىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا - ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ".

  خرىستىئان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، پەلسەپە ئىلمىگە ئاشىق بولۇپ كاناداغا سەپەر قىلغان، ئۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نىجرىيىدىكى ئالى مەكتەپتە مۇدەررىس بولۇپ ئشلىگەن ئائىشە بىرجېت ھونى Honey  Ayesha Bridgetمۇنداق دەيدۇ: "غەرب دۇنياسى بۈگۈنكى كۈندە زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، غەرب ھازارىتىنىڭ ئىنسانىيەتنى بۇ زۇلمەتتىن قۇتقۇزالىشىدىن ئۈمىت يوق. غەرب جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقى ۋەزىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ماددى تەرەققىيات چاقمىقى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خەلقئارالىق بۇ ئەندىشىنى بايقىماقتا. خەلقلەر ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرىۋاتقان بۇ ئۆتكەللەردىن قۇتقۇزغۇچى ئۈستىدە ئىزدەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى نەتىجە بەرمەيدىغان ئىزدىنىشتۇر... جەسەت بىلەن روھنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان تەڭپۇڭلۇق بۈگۈنكى كۈنلەردە كۈچلۈك تەسىر قوزغيالىشى مۇمكىن. غەرب ھازارىتىگە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە، غەربلىكلەرگە ھاياتنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى تەقدىم قىلىشقا، ئۇلارنى ئاللاھ رازىلىقى يولىدا كۆرەش قىلىشقا قانائەتلەندۈرۈشكە پەقەت ئىسلام دىنىلا قادىردۇر".

   سەھرا ئەلچىسى، ئەلئەسۋاتۇل ئامىرە دېگەن مەشھۇر كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى كوفھى لال گابا  K. Lal Gaba  مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامدا ھازىرقى ئەسىر ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش تاقىتى بار. بۇ يەردە ئىسلامغا ئوخشاش يېڭى ئەسىر مەسىلىلىرىنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشقا قادىر بولالايدىغان باشقا بىر دىن يوق. مەسلەن: بۇگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىق، باراۋەرلىككە دۇنيا ئەڭ ئېھتىياجلىقتۇر، بۇنىڭغا ئوخشىغان پەزىلەتلەر پەقەت ئىسلامدىلا تېپىلىدۇ".

  "شەكسىزكى، ئىسلام ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل دىندۇر. باشقا دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بىكار قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەسچىتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ ياشلار بىلەن كۈندە بەش قېتىم تولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكىدەك ياخشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئىسلام مۇسۇلمانلار ھاياتىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرگەن، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز كونتىرۇللىقىغا ئالغان. ھازىرقى ئەسىر ئىنسانلىرىنىڭ بارلىق مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان ئىسلامدىن باشقا يەنە بىر دىن يوق. بۇ پەقەت ئىسلامنىڭلا ئالاھىدىلىكىدۇر".

  مانا شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، كائىناتنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى، ئىنساپ ئىگىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، قورقۇنچاق ھەسەتخورلارنىڭ دەرد - پەرياتلىرى، تۆھمەتخورلارنىڭ سۆز - چۆچەكلىرى بىزنى شەكسىزكى، كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپتۇر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىرلا نەتىجىگە باشلايدۇ.

  ھەيرانلىق، گاڭگىراش ئىچىدە ياشاپ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە دەيمەنكى، شەكسىزكى، كېلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپتۇر. ئىسلامغا يۈزلىنىڭلار!.

  قورقۇنچاق ھەسەتخورلارغا دەيمەنكى، شەكسىزكى، كېلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپتۇر. نىجاتلىق پەقەت ئىسلامدا. نىجاتلىقىڭلارنى ئىسلامدىن ئىزدەڭلار!.

  كىلىچەكنىڭ ئىسلامغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە چىن ئىشەنگۈچىلەرگە دەيمەنكى، شەكسىزكى، كېلىچەك ئىسلامغا مەنسۇپتۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. تەۋرەنمەڭلار، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇڭلار!.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز