قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 22/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا، مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ئاخىرەتنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى، بۇ ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچە دىيار ئىكەنلىكى، دۇنيا ئىشلىرىنى ئاخىرەت ئىشلىرىدىن ئەۋزەل كۆرمەسلىكى، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەقىقى ھايات ئاخىرەتتە ئىكەنلىكى، خۇددى دۇنيا ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك دۇنيا توپلاش بىلەنلا مەشغۇل بولماسلىقى، مۇسۇلمان ھاياتتا قۇرئان سۈننەتنى ئۆلچەم قىلىشى...قاتارلىق مەسىلىلەردە تەپسىلى توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ پەزىلىتى

 

 

22/7/1429هـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىرىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئەبەدىي يەككە بولغۇچى ئاللاھغا خاستۇر. ھەممىدىن بۈيۈك ۋە كاتتا بولغان ئاللاھنى يەككە يىگانە، ھىچ شېرىكى يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى، بىزنىڭ يول باشچىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن دائىم رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، كىمكى ئاللاھقا تەقۋادار بولىدىكەن ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاش بىلەن بەخىتلىك بولىدۇ. ئى مۇسۇلمانلار! بىز قۇلاق سىلىپ ئاڭلاش ئەڭ لايىق سۆز ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدۇر،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممەتكە قالدۇرغان بۈيۈك تەۋسىيەلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنىڭ مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:« سەن دۇنياغا خۇددى مۇساپىردەك ياكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان كىشىدەك مۇئامىلىدە بولغىن» دېدى.  ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيتتى: ئەگەر كۈننى كەچ قىلساڭ، تاڭ ئېتىشنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزساڭ كەچ بولىشىنى كۈتمىگىن، كېسەل بولۇپ قېلىشىڭدىن ئىلگىرى ساغلام ۋاقتىڭنى غەنىمەت بىل،  ئۆلۈپ كېتىشىڭدىن ئىلگىرى ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىل. (بۇخارىيدىن). ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسى بولۇپ ئىنسان ھاياتى دۇنيانى ئاساسلىق نىشان غايە قىلىپ دۇنياغا تايىنىۋالماسلىق لازىم. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: سەن دۇنياغا تايىنىۋالمىغىن، دۇنيانى دائىملىق ماكان قىلىۋالمىغىن، كۆڭلۈڭدە مەن دۇنيادا ئۇزۇن ياشايمەن دەپ دۇنياغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگىن، دۇنيا بىلەن مۇساپىر ئادەم ئۆز ۋەتىنىنىڭ غەيرىدە ياشىغاندەك مۇئامىلىدە بولغىن.              

بەزەن ئالىملار بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: دۇنيا دېگەن ئۆتكۈنچى دىيار، كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادىكى بارلىق مەقسەت نىشانى ئاللاھقا تائەت ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش، دۇنياغا نىسبەتەن ئۈزۈلمەس ئارزۇ، تۈگىمەس غايىگە يېتىشنى مەقسەت قىلىپ، خۇددى دۇنيا ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك دۇنيا توپلاش بىلەنلا مەشغۇل بولماسلىق كېرەك. ئاللاھ تائالا پىرئەۋن خانىدانىدىكى مۆمىن كىشىنىڭ سۆزىنى ھېكايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك قارارگاھتۇر».

ئى مۇسۇلمانلار! بۇ بۈيۈك ھەدىس دۇنيا توپلاش بىلەن مەشغۇل بولغان، دۇنيانى ئاساسلىق ئۆلچەم قىلىۋالغان، دۇنيا ئۈچۈن دوسىت بولىدىغان ۋە دۈشمەن كۆرىدىغان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ بۈيۈك ھەدىس دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغۇچى، دۇنيانى ئاخىرەتلىك بەخت سائادەتكە يېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قىلىشتىن باش تاراتقان، مەڭگۈلۈك قارارگاھ بولغان ئاخىرەت دىيارىغا تەييارلىق قىلىشتىن غاپىل بولغان، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ ناھايىتى بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا دۇنيا ئىشىنى ئاخىرەت ئىشىدىن مۇھىم بىلىپ، ئاللاھقا بوي سۇنۇشتىن باش تارتىپ، ۋاقتلىق دۇنيا بىلەن مەغرۇرلانغانلار  ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار يەنى ئاللاھغا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار، دۇنيا تېرىكچىلىكىدىن بەھرىمان بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار، ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا دۇنيانىڭ كېرىكى يوق، مەن دۇنيادا پەقەت دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپ ئارام ئېلىپ، يولىغا راۋان بولغان يولۇچىغا ئوخشاش ئادەممەن»،

سەلەپلەردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: دۇنيا دېگەن شەيتاننىڭ ھارىقى، بۇنىڭ بىلەن مەست بولغان كىشى پەقەت جان ھەلقۇمغا كەلگەندە مەستلىكتىن يېشىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆتكەن زىيانغا پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇ كىشى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىدۇ.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئالى مەقسەت نىشانى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىش، ئاللاھنىڭ غەزىپى كىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ۋە ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇش كېرەك. «ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن زاد راھىلە ئېلىۋېلىڭلار،ئەڭ ياخشى زاد راھىلە تەقۋادارلىقتۇر»

ئى مۇسۇلمانلار!پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق  ۋەسىيەتلىرىدىن بايان قىلغۇچى ساھابە ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) نىڭ  يەتكۈزگىنى، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن كاتتا ۋەسىيەت بولۇپ مۇسۇلمان كىشى ھەر ۋاقىت ھەر زامان ئاخىرەتكە تەييارلىق  قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ياخشى ئورۇنلاش، تولۇق ئىتائەت قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش، ئاللاھ بۇيرىغان پەرز ئەمەللەرنىڭ ھىچ بىرىنى كېچىكتۈرمەستىن ۋاقتىدا ئورۇنلاش، ئاللاھنىڭ ھەققى بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققى بولسۇن تولۇق ئادا قىلىش، ئۈزۈلمەس ئارزۇلار ئىنساننى تائەت ئىبادەتلەر بىلەن ئاخىرەتكە ئوزۇقلۇق تەييارلاشتىن، ئاللاھغا تۆۋە قىلىشتىن ۋە ئاللاھ تەرەپكە قايتىشتىن توسۇپ قويماستىن، بەلكى،  ئاللاھغا تائەت ئىبادەت قىلىشقا، بەخت سائادەتكە يېتىشكە، ئاللاھقا يېقىن بولۇشقا تۈرتكە بولىشى كېرەك. «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرگە ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان كەمبەغەللىك، مەغرۇرلاندۇرىدىغان بايلىق، بەدەننى بۇزىدىغان كېسەل، ئالا-جوقا سۆزلەيدىغان دەرىجىدىكى قېرىلىق، تۇيۇقسىز ئۆلۈم، يامانلىقى كۈتۈلىۋاتقان دەججال، قېيىن ۋە قورقۇنۇشلۇق قىيامەت قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ئىش كېلىشتىن بۇرۇن سىلەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار».

مەككە شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر ئايال ھەركۈنى كەچ ۋاقتىدا ئۆز نەپسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيتتى: ئى نەپسىم! سەن ئىبادەتكە تىرىشقىن، بۇ سىنىڭ كېچەڭ، سەن ئۈچۈن بۇ كېچىدىن باشقا كىچە يوق، تاڭ يورىغان ۋاقىتتا يەنە شۇنىڭدەك خىتاب قىلاتتى.

ئى مۇسۇلمانلار! ئىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) نىڭ  يەتكۈزگىنى ۋەسىيىتى ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىگە ساغلام ساق ۋاقتىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش، كېسەللىككە چۈشۈپ قىلىش ۋە ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە مەنپەئەتى بولىدىغان خەيرى ئېھسان سەدىقىلەرنى كۆپ قىلىۋېلىشنى ئەسلىتىدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كۆپچىلىك كىشىلەر  تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ».

ئىلگىركى ياخشى كىشىلەر ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا دائىم كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيەتلىرى بىلەن ۋەز نەسىھەت قىلىپ: بەش تۈرلۈك ئىشنى يەنە بەش تۈرلۈك ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى غەنىمەت بىلىشكە يەنى «قېرىلىق يېتىشتىن ئىلگىرى ياشلىقنى، كىسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساقلىقنى، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن ئىلگىرى بايلىقنى، ئىش ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئىلگىرى بوش ۋاقىتنى ۋە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ھاياتلىقنى غەنىمەت بىلىشكە بۇيرۇيتتى».

مۇسۇلمان كىشىلەر شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن دەرھال يېنىش، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئۇلارنى ئاخىرەت ئۈچۈن تائەت ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەرنى  قىلىشتىن چەكلەپ قويماسلىقى لازىم.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ھەر بىر كىشى ئۆلگەندىن كىيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ، ساھابىلار قانداق پۇشايمان قىلىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ياخشى ئىش قىلغۇچى بولسا ياخشىلىقنى يەنىمۇ زىيادە قىلالمىغىنىغا، ئەگەر ئەسكى ئىش قىلغۇچى بولسا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى تۆۋە قىلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ». ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن،  مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

ئىككىنچى خۇتبە                                                                    

گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، ياخشى  كىشىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ  گۇۋاھلىق بىرىمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى بولغان يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئىنسانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزق بېرىدۇ.

ئى مۆمىنلەر! بىرقىسىم كىشىلەر  بەزەن ۋاقىتلارنى ھىچ قانداق دەلىل ئىسپاتسىزلا مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاسلاشتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدى، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ  قاتارىدىن بەزەن كىشىلەرنىڭ گۇمانىدا رەجەپ ئېيىنى مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەس، سۈننەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كىشىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: بەزەن كىشىلەرنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى جۈمە كېچىسى ئوقۇيدىغان (سالاتۇل رەغائېب) ئارزۇ تىلەك نامىزى بولۇپ بۇنداق ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنمىغان، بەلكى بۇنداق قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزلەنگەن دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باتىل ئەسلى يوق ئىكەنلىكىنى مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن ئىمام نەۋەۋىي، ئىبنى رەجەپ، ئىبنى ھەجەر ۋە باشقا ئالىملار بايان قىلغان.

رەجەپ ئېيىنىڭ  يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۆز گۇمانىدا بۇ مىراج كېچىسى (پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىچىدە مەككىدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن كىچە دەپ) يىغىلىپ ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تەتقىقاتچى ئالىملار بۇنداق قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن دىندا ئەسلى يوق، يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى. شۇنداقلا ھەدىسشۇناس ئالىملارمۇ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ئۆز گۇمانىدا بۇ مىراج كېچىسى (پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىچىدە مەككىدىن پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتىگە بېرىپ ئۇ جايدىن يەتتە قات ئاسمانغا ئۆرلەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ قايتىپ چۈشكەن كىچە دەپ) بىكىتىشنىڭمۇ قىلچىلىك ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: بەزەن مەدداھ ۋائىزلار كىشىلەرگە رەجەپنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى مىراج كېچىسى دەپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، مىراج كېچىسىنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىگە مۇئەييەنلەشتۇرۇشنىڭ ئۆزى يالغان ۋە ئەسلى يوق سۆزلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ئەمەل، ئىبادەتلەرنى قىلىشقا ئالدىراش توغرىسىدا سۆزلىگەن ھەدىسلىرى بىزگە كۇپايە قىلىدۇ ۋە يىتىپ ئاشىدۇ. كىمكى دىندا ئەسلى يوق ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىشنىڭ جىنايىتى ۋە ئاقىۋىتىگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇ كىشى جاۋاپكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق بولغان نەرسىنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ».

ئاللاھ تائالا بىزنى ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت، ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تاغۇتلارنى تارمار قىلغىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە يامانلىقنى مەقسەت قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن مەشغۇل قىلغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە مىكىر باتىللىرىنى تارمار قىلغىن.

ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى قۇرئان ھەدىسنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغىن. ئى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى قۇرئان ھەدىسنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغىن.ئى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى قۇرئان ھەدىسنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغىن.

ئى دائىم ھايات بولغۇچى، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولى بىلەن ماڭىدىغان قىلغىن.

ئۇلارنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بىدئەت مۇنكەر ئىشلاردىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! مۆمىن ئەر- ئاياللارنى، مۇسۇلمان ئەر- ئاياللارنى، ھايات قالغان ۋە ۋاپات بولغان ئەر- ئاياللارنى كەچۈرگىن، مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ غەم قايغۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ كېسەللىكىگە شىپالىق بەرگىن.

ئى ئۇلۇغ كەرەملىك ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پاجىر پاسىق ئەسكىلىرىنى ئىگە قىلمىغىن.

ئى ئاللاھ! خەلق بىلەن رەھبەرلەرنىڭ ئارىسىنى قۇرئان ھەدىس بىلەن بىرلەشتۈرگىن، ئۇلارنىڭ قەلبىنى قۇرئان ھەدىسكە بىرلەشتۈرگىن. ئى دائىم ھايات بولغۇچى، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ قەلبىنى ياخشىلىق، تەقۋالىق ۋە ھىدايەتكە بىرلەشتۈرگىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھنى كۆپ يادىتىڭلار، ئەتتىگەن كەچ تەرەپلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بىزنىڭ ئاخىرقى تىلىكىمىز بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز