قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 5/9/1429ھـ 2008-يىلى09-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە فۇرقان ئېيى ئىكەنلىكى، قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئۈزۈلمەس مۇستەھكەم ئارغامچىسى، توغرا يولدىن ئىبارەت زىكىر ۋە ھېكمەتلىكى. قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ بارلىقى. ئۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان فاسىللىقى، قۇرئان كەرىم ئويۇن تاماشادىن سۆزلىمەستىن بەلكى ھەق ئۇستىگە نازىل بولغان ھەقنىلا سۆزلەيدىغانلىقى، كىمكى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلسا ساۋاپقا ئېرىشىپ ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى، كىمكى قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمگە چاقىرسا ھىدايەتكە چاقىرىدىغانلىقى، كىمكى قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمدىن باشقا نەرسىنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا چىقىش يولى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھامان ئازىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

قۇرئان كەرىم ئىنسان قەلبىگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ


        2008-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"قۇرئان كەرىم ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن روھنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

مۇبارەك رامىزان ئېيى روزا، سەدىقە، تەراۋىھ، ناماز ئېيى بولغاندىن سىرت قۇرئان كەرىم ۋە فۇرقان ئېيىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئۈزۈلمەس مۇستەھكەم ئارغامچسىدۇر. توغرا يولدىن ئىبارەت زىكىر ۋە ھىكمەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر توغرىسىدا خەۋەرلەر باردۇر. ئۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان فاسىلدۇر. قۇرئان كەرىم ئويۇن تاماشادىن سۆزلىمەيدۇ. ھەق ئۇستىگە نازىل بولغان ھەقنىلا سۆزلەيدۇ كىمكى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلسا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، ئەجىر بېرىلىدۇ. كىمكى قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. كىمكى قۇرئان كەرىمگە چاقىرسا ھىدايەتكە چاقىرىدۇ. كىمكى قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدىن باشقا نەرسىنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا چىقىش يولى قىلىدىكەن، ئۇ ھامان ئازىدۇ. بەلكى ئاللاھ ئۇنداق كىشىنى خار قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بېرىلىدۇ. ئەلىف لام مىم بىر ھەرپ دېمەيمەن. ئەلىف بىر ھەرپتۇر. لام بىر ھەرپتۇر. مىم بىر ھەرپتۇر».

ئاللاھنىڭ كىتابى ھاياتقا نىسبەتەن روھنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ھىدايەت ئۈچۈن نۇردۇر. قۇرئاننى ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان كىشى ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. قۇرئانغا ئەمەل قىلماستىن ئىنسان سۆزلىسۇن، يېسۇن-ئىچسۇن ئۇنىڭ روھى ئۆلۈكتۇر. قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرمىگەن كىشى بولسا ئازغۇندۇر. ئۇنداق ئادەم قانات ياساپ ئۇچسىمۇ،دېڭىزدا ئۈزسىمۇ قۇرئانسىز ئىنسان سۇسىز، ھاۋا ئوكسىگېنسىز ھايات كەچۈرگەندەكلا گەپ. بەلكى قۇرئان كەرىم كېسەلگە  داۋادۇر، دىلغا شىپادۇر. ھايات يولى توسۇلۇپ قالغانلار ئۈچۈن تەسەللىي بولغۇچى ھەمراهدۇر. قۇرئاننى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشى ھېچ زېرىكمەيدۇ. ھالاكەتكە يولۇقمايدۇ، ھەرقانداق بوران-چاپقۇنلاردا يېڭىپ چىقالايدۇ. مۆمىن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا باشقا بىر راھەت، كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم شۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىدۇكى« دېگىن ئىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: بىزگە ئاللاھنىڭ يېزىۋەتكەن تەقدىرىدىن باشقا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلغان كىشى بارلىق يامان ۋەسۋەسەلەردىن خالى بولىدۇ.

مۇسۇلمان ئىنسان ئاللاھنىڭ كىتابى ئالدىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن ھەيران قالىدۇ. ئەتراپىنى قاراڭغۇ-زۇلمەت ئورىۋالغانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. دۆلەتلەر ۋەيران بولىدۇ، جەمئىيەتلەر ۋەيران بولىدۇ، مىللەتلەر ۋەيران بولىدۇ، بەلكى خەرىتىدىن يوقاپ كېتىدۇ ئەمما ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت شۇ ئۇلۇغ نۇر تۇرۇپ يەنىلا شۇ ئىپلاس، ئازغۇن دىنسىزلارنىڭ ئارقىسىدىن يالاق يالاپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە ئىشنىڭ ھېچ ئوڭ سېپىنى تاپالمايدۇ.

مۇسۇلمانلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى. بەزىلەر قۇرئان كەرىمنى تاماملايدۇ ئەمما تاماملىغاندىن كېيىنكى ھالىتى باشلاشتىن بۇرۇنقىدىن ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ. مەنىلىرىنى تەدەببۇر قىلمايدۇ. مەزمۇنىنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ.

شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھاياتىدا قۇرئان كەرىمنى پىكىر قىلىش، ئۇنى تۇرمۇشىدا تەتبىقلاشتىن ياخشى، پايدىلىق نەرسە يوق. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى ھىكمەت، ئىبرەت، نەسىھەتتۇر. ئۇنىڭ بىپايان دېڭىزىدىن بەھرىمەن بولغان كىشى تۈگىمەس پۈتمەس ياخشىلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ قانداق غەرق بولغانلىقى، ئاد، سەمۇد گۇرۇھىنىڭ قانداق ھالاك بولغانلىقى، فىرئەۋننىڭ قانداق ئاقىۋەتتە ئۆلگەنلىكى، قارۇننى قانداق يەر يۇتقانلىقى مەلۈم بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنى تەئەممۇل قىلىپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئاخىرەت بىلەن ياشىيالايدۇ. خۇددى ئۆزىنى قىيامەت كۈنىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

بىزلەرنىڭ قەلبىمىزدە غاپىللىق، قاتتىقلىق ھۆكۈم سۈرگەن، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنسا كۆز يېشى قىلىدىغان كىم بار؟ قىيامەتنى ئەسلىگەندە تىنى جۇغۇلدايدىغان كىم بار؟ مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا خۇشۇ-خۇزۇدىن يىغلاپ كېتەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغاندا ئىچىدىن خۇددى قازاننىڭ قاينىشىدەك ئاۋاز ئاڭلىناتتى.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنى ھۇد، ۋاقىئە، مۇرسەلات، ئەممە يەتەسائەلۇن ۋە ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرەت سۈرىلىرى قېرىتىۋەتتى دېگەن. بۇ قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغان، قۇرئانغا ئىشىنىدىغان مۆمىنلەرلا ئەمەس دىنسىزلارمۇ قۇرئان كەرىمدىن ھەيران قالغان. ھەتتا جىنلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان . مەنە بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز