قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 17/10/1429ھـ 2008-يىلى10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ھاياتلىق بېغىشلاشتىكى مەقسىتىنى بايان قىلىشى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ئىنساننى مۇيەسسەر قىلىشىنىڭ ئۆزى بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىش كېرەكلىكى، جازانە، چەكلەنگەن يوللار بىلەن كەسىپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى، دۇنيادا يۈزبېرىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۇستىدە توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن ساغلام يول بىلەن پايدىلىنىش توغرىسىدا

 

2008- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئىنسان ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى، ئاللاھ  ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى  تەپەككۇر قىلىشى ئىنساننىڭ بەخت -سائادىتىنىڭ دەلىلىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

دۇنياغا كەلگەن ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قانداق بۇ دۇنياغا كېلىپ قالغانلىقى، يارىتىلىشنىڭ نېمە غايىسى بارلىقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىكەن، ئۆزىنى ھەقىقىي بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ، چۈنكى مەقسەتنى چۈشىنىش، نىشاننىڭ ئۇچۇق بولىشى، يۆنىلىشنىڭ توغرىلىقىدۇر. ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلگەن ئىنسان خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايدۇ، تېڭىرقاش ئىچىدە ياشىمايدۇ.

ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمىتى ۋە ئېھسانى ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن نېمە مەقسىتى بارلىقىنى ئاشكارا بايان قىلىشىدۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ئىنسانلار ئارىسىدا بۇ مەسىلە تۈگىمەس-پۈتمەس دە-تالاشلارغا سەۋەپ بولغان بولاتتى. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسان، جىنلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «وما خلقت الجن والإنس إلا ليعبدون» "مەن ئىنسان بىلەن جىنلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتىم".

ئاللاھ ئىنساننى ياراتقاندىن كېيىن تاشلاپ قويماستىن يەر يۈزىدە ئۆزىگە ئورۇنباسار قىلدى. لېكىن ئاللاھ بۇ ئورۇنباسارلىق تاجىنى ئىنسانغا شەرتلىك ھالدا ئاتا قىلدى. ئاللاھ بەندىلەرگە رىزىق بېرىپ، يەر-ئاسماننى مۇسەخخەر قىلىپ بېرىپ، رەڭگارەڭ نازۇ-نېمەتلەرنى ئاتا قىلىپ ئاندىن ئورۇنباسارلىق مەنسىپىنى بەرگەن بولسىمۇ بۇنى شەرتلىك قىلغان بولۇپ، يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش شەرتى بىلەن ئورۇنباسار قىلدى. ئىنسانغا ئۆزى خالىغان ئىشنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرگەن مال دۇنيا ئاللاھنىڭ نېمىتى بولۇپ، ئاللاھ بەرگەن شۇ مالنى ئۆز جايىغا سەرپ قىلىشقا بۇيرىغان. ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئورۇنباسارى بولۇش دېمەك ئاللاھقا مۇكەممەل بويسۇنۇپ ئاللاھ بۇيرىغاننى بىجا كەلتۈرۈپ ئاللاھ توسقاندىن يېنىش دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا ئىنسان مەيلى مال-دۇنيا توپلىسۇن، مەيلى ئۇنى سەرپ قىلسۇن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئىچىدە ھەركەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق پەرمان قىلغان: «ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال ـ پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر»

 ئەمما ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلىش توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونو ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ: «قىيامەتتە بەندىنىڭ تاپىنى ئورۇنلىشىشتىن بورۇن ئاللاھ بەرگەن ئۆمرىنى نەگە سەرپ قىلغانلىقى، ئاللاھ بەرگەن ئىلىمنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى، ئاللاھ بەرگەن مال-دۇنيانى قايسى يول بىلەن تېپىپ نېمىگە سەرپ قىلغانلىقى، گۈزەل جىسمىنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە سورىلىدۇ".

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن شۇ ھەقىقەت مەلۈم بولىدىكى، ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى بۇ دۇنياغا پەيدا قىلىپ، نېمەت بېرىپ، گۈزەل شەكىلدە يارىتىپ سان-ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنىڭ ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتى بار. ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا بەرگەن سانسىز نېمەتلىرىنىڭ بەدىلىگە ئەمەلىي جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەللىرىمىز ئاللاھقا خالىس بولىشى، نىيەتلىرىمىز دۇرۇس بولىشى كېرەك. بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئورتاھاللىقنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسراپنى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭ قارشىسىدا بېخىللىقمۇ ئىسلام دىنى تەنقىدلەيدىغان يامان ئىللەتتۇر. ئاللاھ بەندىگە مال نېمىتىنى بەردىمۇ ئۇنىڭ مىسكىنلەرنىڭ ھەققى بولغان زاكات پەرزىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى پەيدا بولىدۇ. زاكىتىنى جايىدا ئادا قىلغان مال كۆپىيىدۇ. كېمىيىپ كەتمەيدۇ. مال دۇنيا ئىنسانلار ئارىسىدا جەمئىيەت رىشتىسىنى ئۈزۈشكە سەۋەپ بولماسلىقى، ئۈممەتنىڭ پۈتۈنلۈكنى خورىتىدىغان ئاپەت بولماسلىقى كېرەك. مال دۇنيا ساھەسىدە ئەڭ يامان ئىللەت ئالدامچىلىق، مونوپول قىلىش، جازانىخورلۇق بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازانىخورلۇقنى ئىنساننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئاپەتنىڭ ئەڭ يامىنى دەپ كۆرسەتكەن.  ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدا ئىلىم-سېتىمدىن ئىبارەت تىجارەت يوللىرىنى ھالال قىلدى. لېكىن ئۆسۈمدىن ئىبارەت جازانىنى ھارام قىلدى. كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى. بەندىلەر ئوتتۇرىدا كىشىلەرنىڭ مال دۇنياسىنى ناھەق يەۋالمىغان ھالدا قىلىنغان سودا مۇئامىلە ھالالدۇر، لېكىن مۇئەييەن پايدا بېكىتكەن ھالدا كېلىشم تۈزۈش ئارقىلىق قىلىنغان سودا مۇئامىلە كېلىشىمى جازانىدۇر. جازانە ھارامدۇر. ئۆسۈمگە ئاساسلىنىپ مال-دۇنيا توپلاشنى خالىغانلار نورمالدا كەسىپ قىلىشتىن قاچىدۇ، جازانە باشقىلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە مال-دۇنيا توپلاشتىن ئىبارەتتۇر. جازانىخورلار سىلە - رەھىم، مېھىر- شەپقەت، كەمبەغەلنى يوقلاش، خەيرىيەت ئىشلىرىغا مال چىقىم قىلىشتەك ئىشلارنى قەتئىي قىلمايدۇ. جازانىخورنىڭ دىلى قارا، باغرى قاتتىق كېلىدۇ. جازانىخورلۇق بايلارنىڭ ھەسسىلەپ باي بولىشىنى، كەمبەغەللەرنىڭ كۆتۈرەلمەيدىغان قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ تۈزۈم كاپىتالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بولۇپ باي كەمبەغەل ئوتتۇرىدىكى بوشلۇق چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. شۇ ئاساستا ئاللاھ بەدەلسىز ئۆسۈمنى چەكلەپ جازانە دەپ بېكىتىپ قەتئىي ھارام قىلغان. كاپىتالىزم ئىدىيىسى غەربلىكلەرنىڭ تارقاتقان زەھەرلىك ئىقتىسادى تۈزۈمى بولۇپ، ئۇ جازانە سىستېمىسى ئۈستىگە قورۇلغان. دۇنيا ئىقتىسادىنى شۇ ئاساستا بەلگىلىگەن، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئەنە شۇ كاپىتالىستىك تۈزۈم بىلەن ماڭمىغان تەقدىردە تەرەققىي قىلمايدۇ دېگەن باتىل ئىدىيىنى ئىنسانلار ئېڭىغا سىڭدۈرگەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭى، مەدەنىيىتى، مەرىپەت مەنبىئىنى شۇ پرىنسىپ بويىچە كاپىتالىزىمدىن ئىبارەت جازانىخورلۇق تۈزۈمىگە بېكىتكەن بولۇپ، يېقىندا يۈزبەرگەن دۇنيا ئىقتىساد كرىزىسى ئەنە شۇ تۈزۈمنىڭ خاتالىقى، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتى، ئىسلام ئىقتىساد تۈزۈمىگە قايتماستىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.  


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز