قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 17/10/1429 ھـ 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، بۇ خۇتبىدا تەۋبىگە ئالدىراشنىڭ پەزىلىتى، تەۋبىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئېنىقلىمىسى، تەۋبىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ پايدىسى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش بولسا، ئىنساننى ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلاپ قالىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇستىدە توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار  تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، مېھرىبان، بەندىلەرنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلگۈچى ۋە ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدىغان ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ماختايمىز، ھېسابسىز پەزلى - ئېھسانى ۋە نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىمىز. غالىب بولغان، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يەككە- يىگانە، بارلىق ئېسىللىق بىلەن  سۈپەتلەنگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.

ئى ئاللاھ! سەندىن  كۈچلۈك پرىنسىپ ۋە توغرا مەسلەك بىلەن كەلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋالىق قىلىڭلار. تەقۋالىق بولسا ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يىڭىشنىڭ ئاساسى، گۇناھ - مەسىيەتتىن ساقلىنىدىغان قورغان، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىلىنىدىغان قالقاندۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىپ، سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلدى. پەرز- ۋاجىبلارنى بېكىتتى، ئۇ ئەمەللەر ئۈچۈن ئەجرى ۋە مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلدى، خاتالىقلىرىنى ئۆز پىتى قويدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋاپقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ» (ئەنئام سۈرىسى 160-  ئايەت).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتتى، كىمكى بىرەر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمايدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا ئۇنى ئاللاھ ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەجرى بېرىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىق  قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلمايدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان يامانلىقنى قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئۆز پىتى يازىدۇ، زىيادە قىلمايدۇ» (بۇخارىيدىن).

ئاللاھ ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى كۆپ قىلدى، پەرز ۋە ۋاجىپ ئەمەللەر خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ، دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ئوقۇغان بەش ۋاخ نامىزى، ناماز بىلەن نامازنىڭ ئارىلىقىدىكى (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ ۋە ئوقۇغان جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك بولغان (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ، تۇتقان روزىسى يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى (كىچىك) گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ» (مۇسلىمدىن).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىرىق خىسلەت بار، ئۇنىڭ يۇقىرىسى بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ئۆچكىنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئىچىۋېلىش ئۈچۈن ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشتۇر، قانداق بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە ئاللاھنىڭ  ۋەدىسىنى تەستىقلاپ ئاشۇ خىسلەتلەرنىڭ بىرەرسىگە ئەمەل قىلسا شۇنىڭ ساۋابى بىلەن ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» (بۇخارىيدىن).

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئىمان 60 ياكى 70 نەچچە شاخچە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېيىش، (يەنى ئېغىز بىلەن دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئىماننىڭ پۈتۈن تەقەززالىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىش- مۇھەررىر-) ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋىنى يولدىن ئىنسانلارغا ئەزىيەت يېتىدىغان نەرسىنى ئېلىۋىتىشتۇر ۋە ھايا ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ئەبى زەر ۋە ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، قايسى ئەمەل ئەۋزەلرەك؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى. مەن: قايسى قۇلنى ئازات قىلىش ئەۋزەلرەك؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«خوجايىننىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىلى، قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى»دېدى. مەن: ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسامچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«بىرەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمگە ياردەم بەرگىن ياكى ئۆز ئىشىنى قاملاشتۇرالمىغان بىرەر ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگىن» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ باقسىلا، ئەگەر شۇ ئەمەللەرنىڭ بەزىسىنى قىلىشقا ئاجىز كەلسەمچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن ئۆزۈڭنى يىغقىن، بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن  بولغان بىر سەدىقىدۇر» دېدى.( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « سەن كىچىككىنە بىر ياخشىلىقنىمۇ ئاددى كۆرمە، ھەتتاكى بۇرادىرىڭگە ئىللىق چىراي بىلەن ئۇچرىشىپ تەبەسسۇم بىلەن قارىغىنىڭ تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىغان ياخشىلىقتۇر» دەپ تەۋسىيە قىلدى(مۇسلىمدىن).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماقلىرىدا، يېگەن ۋە ئىچكەن نەرسىلىرىگە شۈكرى ئېيتقان بەندىلىرىدىن بەك رازى بولىدۇ»(مۇسلىمدىن).

شۇنىڭدەك ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ نام - ئەمەل تارازىسىنىڭ ئېغىر بولىشى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ يەڭگىل بولىشى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاخىرەتتە نىجات تېپىپ، بەخت -  سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ يوللىرى ۋە سەۋەبلىرىنى كۆپ قىلدى، يامانلىق ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن توستى، گۇناھ -  مەسىيەت ۋە بۇزۇقچىلىقتىن چەكلىدى، بۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، كىشىلەرگە ناھەق چېقىلىشنى، ( ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھىچ قانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى» (ئەراپ سۈرىسى 33- ئايەت).

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن دەرھال يېنىڭلار، ئەگەر بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى تاقىتىڭلار يەتكىچە قەدەر قىلىڭلار»( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسى، ئىشلارنىڭ ئاساسى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىگە ئاللاھغا ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار». (نۇر سۈرىسى1 3- ئايەت).

تەۋبىنىڭ مەنىسى ئاللاھ تەرەپكە قايتىش، يەنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، گۇناھ  مەسىيەتلەرنى تەرىك قىلىپ، پەرز ۋە ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، سەمىمى بولۇپ ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھ - مەسىيەتلەرگە پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدۇ، يۈز بېرىش ئالدىدىكى ۋە كىيىنكى جازادىن ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھالاك بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن بەھرىمان قىلدۇق». (يۇنۇس سۈرىسى98- ئايەت).

ئىبنى جەرىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  قەتادە مۇنداق دېگەن: "ھالاك بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، ئۇلار پەيغەمبىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندىن كىيىن، ئۆزلىرىگە ئازاب يىقىنلاپ كەلگەندەك ھېس قىلىشتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەۋبە قىلىشنى ئىلھام قىلدى، ئۇلار ئاددى كىيىملىرىنى كىيىپ، دۇنيالىق ئىشلىرىدىن ئايرىلىپ 40 كۈن ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىپ يىغلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ھەسرەت نادامەت چېكىپ  سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى تەۋبە قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا يىقىنلاپ كەلگەن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتى." تۈگىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە(يەنى ئۆمۈرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكىچە ھاياتى دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمان قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر( ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار،(ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن»( ھۇد سۈرىسى - 3 ئايەت).

ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تەۋبە قىلىشى ۋاجىپتۇر، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبە قىلىش كېرەك. ئىنسان گۇناھ ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈم كېلىپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، شۇنداقلا كىچىك گۇناھلار ئۈچۈنمۇ تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى كىچىك گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇش چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىپ سىلىشىغا ئاساس سالىدۇ. پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلمىغان ياكى چوڭ گۇناھلاردىن قول ئۈزمىگەن كىشىلەرنىڭ تەۋبىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە  تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشىنى توسۇپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ ئاللاھغا يېلىنىشى كېرەك. ئەغرى ئىبنى يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەي خالايىقلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن مەن كۈندە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن»(مۇسلىمدىن).  

تەۋبىنىڭ ئىشىكى كەڭرى بولۇپ، تەۋبە ئارقىلىق ئاللاھ سۆيۈدىغان كۆپ ياخشىلىقلار قولغا كېلىدۇ. ئىنسان ھەممە گۇناھتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشىلىقى زىيادە بولۇپ خاتالىقلىرى تۈگەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئۇلار ئاللاھغا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ(گۇناھلار) نى قىلىدىكەن،( ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت ( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) بۇ دۇنيادىكى چېغىدا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(پۇرقان سۈرىسى 70 - ئايەت).

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكى، پەزلى-ئېھسانى، مەرھىمىتىنىڭ كاتتىلىقىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ھەر ۋاقىت تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ئۇممەتنىڭ مىسكىن ئاجىزلىق ھالىتىنى كۆزدە تۈتۈپ ئۇلارغا رەھمەت دەرۋازىسىنى كەڭرى ئېچىۋەتتى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەك شۈبھىسىزكى، كۈن غەربتىن چىققۇچە ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن، كۈندۈزدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ» (مۇسلىمدىن).

تەۋبە قىلىش  ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتلەردىن بولۇپ، كىمكى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولىدىكەن، نىجات تېپىپ بەختكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولىشى ئۈمىدلىكتۇر» ( قەسەس سۈرىسى 67 - ئايەت).

تەۋبە قىلىش بىلەن شەرەپكە ئېرىشىش ۋە بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ خۇرسەنلىكى ئىنسانغا كۇپايە قىلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىگە بولغان خوشاللىقى، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قۇملۇقتا ئۇلاغ بىلەن كېتىۋاتقاندا، ئۈستىدە يېمەك-ئىچمىكى يۇكلەنگەن تۆگىسىنى قۇملۇقتا يوقۇتۇپ قويۇپ تېپىۋالغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقتىنمۇ ئارتۇقتۇر» (مۇسلىمدىن).

تەۋبە قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى،(ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايتى مېھرىباندۇر» (تەۋبە سۈرىسى117- ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئاللاھ! سىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، مەن ساڭا تەۋبە قىلدىم دېدى».

ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «دىندا كۈچلۈك بولغان بەندىمىز داۋۇتنى ئەسلىگىن، ئۇ پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى، ئاللاھغا تەۋبە قىلدى». (ساد سۈرىسى -17 ئايەت).

ئاللاھ يەنە تەۋبە قىلغۇچىلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « (گۇناھلىرىدىن )تەۋبە قىلغۇچىلار،(ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار،( ئاللاھغا) ھەمدۇ سانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار،(يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر).مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن»،(تەۋبە سۈرىسى 112- ئايەت).

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئالى سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، پۈتۈن ئەزالىرىنى گۇناھتىن پاكلاپ ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، تەۋبىسى قوبۇل بولغان كىشى ئۈچۈن بۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر خۇرسەنلىكتۇر، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك گۇناھنىڭ ھەممە كىرلىرىدىن پاك بولۇپ بەختكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ گوياكى تولۇن ئايدەك بولۇپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن سەن ئاناڭدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن ئىچىدىدۇرسەن، خوش بېشارەت ئالغىن».(بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن).

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەرنى چوڭ خاتالىقلار ئوراپ تۇرىدۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان مۇسىبەتلەر يۈزبىرىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارغا ساناقسىز مۇسىبەتلەر كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئاللاھغا ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن بولىدۇ، زېمىندىكى ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ئاياللارنىڭ چوڭ كىچىك ھەممە گۇناھتىن تەۋبە قىلىشى زۆرۈردۇر، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاللاھنىڭ رەھمەت مەغپىرىتىگە ئېرىشىشىمىز ۋە يۈز بىرىۋاتقان بۇ قىيىنچىلىقتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلەملىك ئازاب ئوقۇبىتىدىن قۇتىلىشىمىز مۇمكىن. ئالىملار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق گۇناھقا تەۋبە قىلىش ۋاجىپتۇر، ئەگەر گۇناھ ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا بولسا، ئادەمنىڭ ھەققى بىلەن ئالاقىدار بولمىسا، ئۇنىڭغا ئۈچ شەرت لازىمدۇر، 1 - گۇناھتىن يېنىش. 2- گۇناھقا پۇشايمان قىلىش. 3- شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.

ئەگەر ئۇ ئۈچ شەرتنىڭ بىرى ھازىرلانمىسا ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولمايدۇ، ئەگەر گۇناھ بەندىنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا، ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆتتۇر، يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئەگەر مالنىڭ ئوخشىشى بولسا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئەگەر بۆھتان بىلەن جازالاتقان بولسا ياكى  شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار بولسا، ئۇنى ئۆچ ئىلىشقا پۇرسەت بېرىش ياكى ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئەگەر غەيۋەت قىلغان بولسا ئاشۇ كىشىدىن ئەپۇ سوراش كېرەك، ئەگەر ھەق ئىگىسىنىڭ ئالدىدا تەۋبە قىلماقچى بولغان ئادەم چوڭ - كىچىك بارلىق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش كېرەك.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىدىن سىلەر سورىغاندىنمۇ ئارتۇق ھېسابسىز نېمەت ئاتا قىلدى، ئۇزۇن ئۆمۈر بەردى، تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىڭلار، ئىلگىرى گۇناھقا چۆمۈپ كېتىپ كىيىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئەسلەڭلار، تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەققە ئىنتىلىدىغان، گۇناھتىن يىراق بولىدىغان بەختلىك كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى، ئۇلار يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك، ئىلگىرى ھېچقانداق بىر گۇناھ ئۆتكۈزمىگەندەك خۇرسەنلىككە چۆمۈپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشىشقا باشلىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا سەمىمى تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىتكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان  جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە( يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ  بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار:«ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.( تەھرىم سۈرىسى 8- ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇشۇ كاتتا قۇرئان بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇنىڭدىكى ۋەز - نەسىھەت ۋە ھۆكۈملەر بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن. ئاللاھ تائالادىن ئۆزۈمگە، سىلەرگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا گۇناھلارىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم تىلەيمەن، سىلەرمۇ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنى بەك كەچۈرگۈچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسى، ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى، دائىم ھايات بولغان ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ماختايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز. ئاللاھدىن كەچۈرۈم ۋە ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئاللاھدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە، كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن -گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ- ئىسلام دىنىنى ھەممە دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز .

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ھەق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، دۇنيادا ياخشىلىق بىلەن ئاخىرەتتە ئالى دەرىجىلەرگە ئىرىشكەن بارلىق ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دائىم تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋالىق قىلىڭلار. گۇناھتىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەلەملىك ئازاب ئوقۇبەتلىرىدىن ساقلىنىڭلار.

قېرىنداشلار! ئاللاھ سىلەرگە دۇنيادا ھاياتلىق بېرىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، سىلەر دۇنيانى بۈيۈك ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان  ۋاسىتە قىلىڭلار. ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئىنسان گۇناھلاردىن پاكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلار( جەننەتنىڭ ئېسىل ئۆيلىرىدە( ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ».( سەبەئ سۈرىسى37- ئايەت).

بىلىڭلاركى، سىلەرنى ئەجىلىڭلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئۆلۈمنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر، ئۇشتۇمتۇت ئەجەل كەلگەندە سىلەر ئۈچۈن ئەمەلىڭلارنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە تەۋبە قىلىشقا پۇرسەت بولماي قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى،« پەرۋەردىگارىم مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن».( ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبىرلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنىگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا(ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ» ( مۆمىنۇن سۈرىسى - 99 ئايەت).

ئەبۇ ئەئلا شەددات ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەقىللىق كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىدۇ، نادان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى -ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھدىن قۇرۇق ئۈمىت قىلىدۇ»( تىرمىزىيدىن).

ئى ئىنسان! ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن بىزنىڭ  مۇشۇ ۋاختىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەرنى ئەسلەپ باقايلى، قانچىلىغان ئەجدادلىرىمىز ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ دۇنيادىن كەتتى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مىڭىۋاتىمىز ۋە يېقىندا ئۇلارغا قىتىلىمىز، ئۇلاردىن بىرەر كىشىنىڭ ھازىرغىچە ھايات ياشىغانلىقىنى كۆرمىدۇق ياكى ئاڭلىمىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:« ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار»(تىرمىزىيدىن).

سەمىمى تەۋبە قىلىش بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىسىغا ناچار ئەمەللەرنىڭ توسانچا بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭلار، ئۆلۈم ئالدىدا بەختسىز بولغان ئادەم مەڭگۈ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن. دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، دىنىڭغا، كىتابىڭغا ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بەرگىن. مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرگىن، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۆز - ئارا ھەقكە ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىدىغان قىلغىن. دىن دۈشمەنلىرىگە ئۆزۈڭ كۇپايە قىلغىن، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن. مۇسۇلمانلاردىن قەرىزدارلارنىڭ قەرزىنى، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازاۋى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن. بىزدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىپ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكىن. بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، بىزنى رەھمەت- مەغپىرىتىڭ بىلەن سۇغارغىن. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگىن. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن. ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن. سەن ھەممىگە قادىر ۋە قۇدرەتلىكسەن. بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن. سەن ھەممىدىن ئەۋۋەل ۋە كىيىن سەندىن باشقا ئىلاھ يوق. بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ دىشۋارلىقىدىن ساقلىغىن. بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە يامانلىقنى مەقسەت قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن مەشغۇل قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر باتىللىرىنى تارمار قىلغىن. ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن. خاتالىقلىرىمىزدىن ئۆتىۋەتكىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى-ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار. ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر،  ناھايتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز