قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 9/11/1429ھـ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا شەرىئەت ئىلمىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، شەرىئەت بىلىملىرى شەخس ۋە جەمئىيەت دۈچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرزىسقا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى، دىنى ئۆلىمالار ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ پەزلى ۋە ئۇلار سەۋەبلىك ئىنسانلار ئارىسىدا رەزىللىك تۈگەپ جەمئىيەتتە پەزىلەت ۋە ئادالەتنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقى...قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

شەرىئەت بىلىملىرىنىڭ ئەھمىيتى ۋە رولى

 

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"بارلىق مۇسۇلمانلارغا شەرىئەت بىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، دىن ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئىسلاھ قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش مۇھىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

قەدىمى ئەسىرلەردىن بىرى بارلىق دىنلار ئۆزىنىڭ ئالىملىرى، پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىنى شۇ دىنلارنىڭ شەرئى قانۇنلىرى بويىچە بىتەرەپ قىلاتتى. ھاكىملارنىڭ ئالىملارغا قانچىدىن-قانچە يېقىن بولىشى ئۇممەتنى  شۇ ئۇممەتنىڭ شەرىئىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇراتتى. ئەكسىچە بولغاندا يەنىلا ئۇممەت شەرىئىتىدىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئالىملار بىلەن ھاكىملار ئوتتۇرىدىكى يېقىنلىق ئىسلامنىڭ باشلانغۇچ ئەسىرلىرىدە نامايەن بولغان. ئىسلام شەرىئىتى گۈللەنگەن بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيا تەرەققىياتىدىمۇ گۈللىنىش يۈز بەرگەن. تارىختىن بىرى دىن ئىشلىرىدا تەرەققىيات يۈز بەرسە دۇنيا ئىشلىرىدىمۇ تەڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يۈز بېرەتتى. ئۆتكەن ئەسىر ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن دۇنيا بىلىملىرى ئالدىنى قىلىپ يىڭى كەشپىياتلار ئېچىلىشقا باشلىدى. بىلىم-مەرىپەت پارتلاش خاراكتېرلىك باسقۇچقا كېرىپ، نەتىجىدە سىياسىي ۋە سانائىي تەرەققىيات يۈزبەردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەدەبىي ۋە فىكرىي يۈكسىلىش يۈز بېرىپ ئىنسانىيەت ماددىي پاراۋانلىققا يۈزلەندى. زامانىۋى بىلىملەرنى ياخشى بىلگەن، تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئاجىزلارنى مۇستەملىكە قىلىش ھېسسىياتى تۇغۇلۇپ، مۇستەملىكىدە قالغان مىللەتلەر كۆپەيدى. مۇستەملىكىدە قالغانلار كۆپۈنچە ھاللاردا مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنى كىيىم-كىچىكى، يېمەك-ئىچمىكى، ھەتتاكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا تەقلىد قىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق غەلىبە غەيرى مۇسۇلمانلارغا بولغانلىقى ئۈچۈن گەپ شۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن دىننى يىراقلاشتۇردى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەغلۇب بولغان مىللەتلەرمۇ دىندىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ دىننى ياقتۇرمايدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەندى. ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كىشىلىك شەخسىيىتىنى يوقاتقان بولسا، تەبىئىي ھالدا كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىدىغان، شۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. غالىب مىللەت دىننى بىرچەتكە قايرىپ قويغان بولسا، ئالىملىرىنى خورلىسا، بۇنداق يوقۇملۇق كىسەل ئىسلام دۇنياسىغا تەسىر قىلماي قالمىغان بولۇپ، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالايمىز.

لېكىن ئاللاھ تائالا مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ پاسكىنا ئاياغلىرىدىن ساقلىغان بولۇپ، مۇستەملىكە قەدەم باسمىغان بىردىن بىر زېمىن مەككە ۋە مەدىنە شەھرىدۇر.

شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، شەرىئەت بىلىملىرى ئىگىسىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن:"ئاللاھ بىر كىشىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلغان بولسا ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ". دىنى ئالىم بارلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. دىنىدا ئالىم بولۇش پەيغەمبەرلەرگە ۋارىس بولۇش دېمەكتۇر. شەرىئەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ئالىملار دۇنيا -ئاخىرەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، ئۆلۈپ تۈگىشى ئىلىمگە بولغان قىزىقىشنىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. جاھالەت ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئاللاھ، قىيامەت، ئەخلاق دېگەندەك ئېسىل ئەخلاقلار يوقايدۇ. بۈگۈنكىدەك مەلۇمات پارتلىشى يۈزبەرگەن ۋاقىتتا مەلۇمات ئېلىش ۋاسىتىلىرى كۆپ بولۇپ كىشىلەر بىلىشكە تىگىشلىك مەلۇماتنى نەدىن ئېلىش، قانداق ئېلىش ئىشلىرىدا گاڭگىراپ قالىدۇ، ھەممە ئادەم مېنىڭ توغرا دەيدىغان بىر ئېقىم ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ھەقىقىي شەرئىي بىلىمنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

دىنى بىلىم پەقەتلا مەلۇمات ئېلىش بانكىسى بولماستىن بەلكى ئۇ فىقھى، دىن ، ئىمان ، قائىدە-ئۇسۇل، ۋەقەلىكلەر، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە چارە-تەدبىر مەنبەسىدۇر. ھەرزامان ۋە ماكاندا دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا دىننىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇل، دۇنياۋى دىن ۋە ئاخىرقى دىن بولغاچقا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش چارىسى باردۇر. ھەمدە شەرىئەتنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھېچقانداق تەرەپكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. چوڭ-كىچىك، باي-كەمبەغەل، پادىشاھ-گاداي ھەممىنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا چارە تەدبىر قوللىنىدۇ. قىسقىسى دۇنيا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ چارىسى ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىلىرىدە بارلىقىنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلمايدىغان تەرەپلەرمۇ ئېتىراپ قىلغان بىر ھەقىقەتتۇر. ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىساد كرىزىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە شەرىئەت ئىقتىساد تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر.

ئىسلام شەرىئىتى ئىقتىسادنى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان بولۇپ، كەمبەغەللەرنى تېخىمۇ ئىزىدىغان جازانىخۇرلۇققا تۈپتىن قارشى تۇرغاندۇر. دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا ئىقتىسات كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئىسلام ئىقتىساد تۈزۈمىنى، ئۆسۈمدىن خالى ئىقتىسادقا ئاساسلانغاندا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز