قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ28/12/1429 ھـ / 2008-يىلى12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتى، ئەقىل ئىگىسى ئىنسان ۋاقىتنى دۇنيا -ئاخىرەتلىكىگە مەنپەئەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغانلىقى، ئۆز نەپسىنى تەكشۈرۈپ چوڭ-كىچىك ھەممە قىلمىشلىرىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىش قاتارلىقلار مۆمىننىڭ خىسلەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

 

2008- يىلى 12- ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى  جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە «ئۆز نەپسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەرقانداق مۆمىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

كېچە-كۈندۈز ئەمەللەر خەزىنىسىدۇر. ھايات ياشانغانلارنى ئۇزۇتۇپ ياشلارنى قېرىتىدۇ، يىللار قوغلىشىپ ئۆتۈۋېرىدۇ، ئەۋلادلار ئىز قوغلىشىپ كىلىۋېرىدۇ، نەتىجىدە بىرى ساق، بىرى كىسەل ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈزلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن بىر كۈن بىر يىلدەك تۇيۇلسا يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بىر يىل بىر كۈندەك ئۆتەۋاتىدۇ. ئاي-يىللارنىڭ ئىز قوغلىشىپ ئايلىنىشىدا ھەممە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت ۋە نەسىھەتلەر باردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار».

ئىنسانلار ئۆتكەن بىر يىللىق ئۆمۈر بىلەن خوشلاشتى، قىيامەتتە ھېساب بېرىدىغان بىر يىللىق ئەمەللىرى بىلەن ۋىدالاشتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۈچۈن ئۇ كۈندە ھەممە ئەمەللىرىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ». ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھاياتىدىن مەنپەئەت ئالغان، يىڭى يىلىنى ئۆزىدىن ھېساب ئىلىش بىلەن كۈتۈۋالغان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!.

ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ھايات يۆلىنىشىنى توغرىلاپ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ مېڭىشقا ئىرادە قىلغان كىشى، ئۆزىدىن كىچىدە سادىر بولغان خاتالىقلارنى كۈندۈزدە، كۈندۈزدە سادىر بولغان خاتالىقلارنى كېچىدە تۈزىتىپ ماڭىدۇ.

قەلبنىڭ ساغلام بولىشى نەپسىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن، بۇزۇلۇشى نەپسىنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش بىلەن بولىدۇ. ئىبنى ھىببان مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىل-پاراسەت ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى دائىم ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ". ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشنى ئۇنۇتقان كىشى ھاۋايى-ھەۋەس قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىدۇ. كاپىرلارنىڭ قارىغۇلۇق دولقۇنىغا چۆكۈپ كېتىشىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز گۇمانىدا ھېسابسىز، كۆزەتكۈچىسىز ياشايمىز، خالىغاننى قىلىمىز دېگەن چۈشەنچىسىدىن بارلىققا كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار(يەنى كاپىرلار) ئاخىرەتتە ھېساب بولۇشنى ئۈمىت قىلمايتتى». ئۆزىنىڭ ئەيىب نۇقسانلىرىنى بىلىش ئىنساننى ئازغۇنلۇقتىن توسىدۇ، ئىنسان ئۆز نەپسىنى ئېتىراپ قىلغاندا، بارار جايىنىڭ قەبرە ئىكەنلىكىنى ئويلىغاندا ئاللاھقا بولغان ئىمانى كۈچىيىدۇ، قىلغان ئەمەللىرى ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ، گۇناھى گەرچە كىچىك بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى، پەزلى-ئېھسانىنى بىلگەندە، دەرھال ئاللاھغا بويسۇنىدۇ. ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىش ئۈچۈن ئەۋۋەلدە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى سېلىشتۇرغاندا ئارىلىقتىكى پەرق ئاشكارا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ پەزلى- مەرھەمىتى بولمىسا ئۆزىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى بىلەلىگەن كىشى نەپسىنى پاكلاپ گۇناھتىن تازىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، ئۆز نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسق-پۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولىدۇ».

ئىنسان نەپسىنى ئۆز خاھىشىغا قويۇۋېتىپ تىزگىنلىمەي، ھېساب ئالماي شەھۋانىيلىققا بېرىلسە ئاقىۋەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىگە يۆلىنىۋېلىپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان مەغرۇر كىشىلەرنىڭ ھالىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىدا كىچىك گۇناھلارنى قىلىش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟».

ھەسەن بەسرىي مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن كىشىنىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالماي، ئۆز نەپسىنى ئىدارە قىلماي ياشىشى توغرا ئەمەس، ئەمما پاجىرلار ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئالماي ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ-دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن خالاس بولىدۇ». بۇ دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرغۇچى كىشىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ھېسابى قىيىن بولمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە دۇنيادا ھېساب ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ.

مۇسۇلمان ئادەتتىكى گۇناھلار بولسىمۇ كىچىك سانىماستىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان قايسى ۋاقىتتا دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، يىڭى بىر يىل ئاخىرلاشقاندا ئۆتكەن يىلدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئىلىپ كىلىدىغان يىلدا ئاللاھقا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشقا  تەييارلىق قىلىشى كېرەك. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەتتە ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۆز نەپسىڭلاردىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار، ئەمەللىرىڭلار ئۆلچىنىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار».

مۇسۇلمانلار يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، نامازنى جامائەت بىلەن تولۇق ئادا قىلىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى، تىلىنى غەيۋەت، سۇخەنچىلىك ۋە ناچار سۆزلەردىن ساقلىشى، ھالال بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن يىراق بولۇشى، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياردەم بېرىشى، قەلبىنى ھەسەتخورلۇق، دۈشمەنلىشىش ۋە ئاداۋەتتىن پاكلاشقا تىرىشىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىنى ساقلىشى، ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى، ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشى، جەمئىيەتتىكى ناچار قىلىقلارغا ئەگەشمەستىن ئەكسىچە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

ھەر بىر كىشى يىڭى يىلنى يىڭى سەھىپە بىلەن كۈتۈۋېلىشى، بولۇپمۇ قىز-خانىملار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلگىرىكى ساھابە ئاياللاردىن ئۆرنەك  ئىلىپ ھىجابقا كېرىپ ھايالىق بولۇشى مۇھىمدۇر.

بىر كۈن ئاخىرلىشىش بىلەن ئىنساننىڭ بىر كۈنلۈك ئۆمرى قىسقىرايدۇ، ئەقىللىق كىشى ئۆتكەن كۈنىدىن ئىبرەت ئىلىپ، بۈگۈنىدە تىرىشىپ ئەتىسىگە تەييارلىق قىلىدۇ. تەييارلىقنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەقۋادارلىق بىلەن بولغىنىدۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئالى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلار ئاللاھدىن بەك قورققۇچى كىشىلەردۇر. «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەردىن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر».

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز