ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئايرىغان زامان

قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/1/1430ھـ 2009-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلامدا دىنى قېرىنداشلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ئىسلامنىڭ پەزلى ۋە شەپقىتى، تارىختا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئازادلىقى، نۇسرەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرى، بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئىسلامدىكى ۋە مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنى قاتارلىق بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئايرىغان زامان

    [ئۇيغۇرچە]

    الفرقان بين المسلم والكافر

    [باللغة الأويغورية]

    خاتىپ: شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم

    المفتي: الشيخ سعود بن إبراهيم الشريم

    تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

    المترجم: سراج الدين عزيزي

    تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى

    المراجعة: ن. تمكيني

    رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى

    المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض

    1430 – 2009

    ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئايرىغان زامان

    2009-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

    "ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن ياردەمدە بولۇش دىنى ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر" دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:

    ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

    ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈردى.ئەقلى ۋە قەلبىنى ئولۇغلىدى. ياخشى، پايدىلىق نەرسىلەرنى ھالال قىلدى. زىيانلىق نەرسىلەرنى چەكلىدى. بەلكى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئوچۇق خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:

    « ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ ئۇ سېنى ياراتتى، ئەزالىرىڭنى بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى. سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى»(ئىنفىتار سۈرىسى)

    ئاللاھ مەخلۇقلىرى ئارىسىدىن ئىنساننى تاللاپ مەرتىۋە، شەرەپ، پەزىلەت ئاتا قىلدى. ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. كىتابلارنى چۈشۈردى. ئاللاھ بۇ دەرىجىدە ئۇلۇغ قىلغان ئىنساننى ئاللاھ تاشلاپ قويىدۇ دەپ ھېچ ئىنسان گۇمان قىلمىسۇن. ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھامان ھېساب بېرىش ئۈچۈن بېرىشتىن گۇمان قىلمىسۇن. ھەقىقىي مۆمىنلەر باشقا دىندىكى ئىنسانلاردىن نىشان بىرلىكى، مەنبە بىرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئىمتىيازدا پەرقلىقتۇر.

    بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىدىن باشقا چىقىش يولى بولمايدۇ. ئىسلام دىنىنى دەۋا قىلغۇچىلار، دىنى ئەھكاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بوران-چاپقۇنلار قانچە دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولسىمۇ ئىسلام دىنى يىقىلمايدۇ. دىن ئەھلى قانچە چارچاپكەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا "دىن" چارچىمايدۇ. ئىسلام دىنى قېرىمايدۇ. ئىسلام دىنى خۇددى قۇياشقا ئوخشاش. قۇياشمۇ مىليونلارچە يىللاردىن بېرى نۇر چېچىپ، شەرقتىن كۆتۈرلۈپ غەربتە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ نۇرى ئاجىزلاپ قالغىنى يوق. دىن دۈشمەنلىرى بۇ ئۇلۇغ دىننى يوقىتىش، ئاۋازىنى بوغۇشقا تىرىشسىمۇ ئىسلام نۇرى ھەر ۋاقىت پارلاپ تۇرىدۇ. دۈشمەنلەر قاچانلا ئۇرۇش ئوتىنى ياندۇرسا ئاللاھ ئۇ ئوتنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدۇ.

    يېقىنقى ئەسىرلەر تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۆز زېمىنىدا دەرد-ئەلەمگە دۇچ كەلگەن، زالىملارنىڭ زوراۋانلىقىغا، دۈشمەنلەرنىڭ خىرىسلىرىغا ئۇچرىغانلار مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.

    ھەقىقىي مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە ھەر ۋاقىت قانداق قىلغاندا مەزلۇم قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش توغرىسىدا پىكىر قىلىشتىن زېرىكمەيدۇ. چۈنكى دەرد ئەلەم قاچىسى تولۇپ تاشقاندۇر، دۈشمەنلەرنىڭ ئاداۋەت، ئۆچمەنلىكلىرى ھەرتەرەپتىن كەلگەن بولۇپ، قاچا تولسا تاشىدۇ. غەم-قايغۇ، ئەلەملىرىمىز شۇنچە كۆپ، ئېغىر بولسىمۇ يىغا-زارە ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ. كۆز ياشلىرىمۇ ئارىيەت ئېلىنمايدۇ. قايغۇرۇپ، ئەپسۇسلىنىش يوقالغان نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. لېكىن دەرد-ئەلەمنى يەڭگىللىتىش يولىدا ئەمىلى ھەركەت قىلىشتىن باشقا يول يوق. بۇ ھەقتە ئەمىلى ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە قايتىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىسلام ئۈممىتى ھەقىقىي قېرىنداشلىقنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقنى ھەق بويىچە، باتىلنى باتىل بويىچە بىتەرەپ قىلغاندا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى زامان مەغلۇبىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ھەيران قالارلىقى يوق. ھەمدە مۇقەددىمە-ئاخىرسىز تاسادىپىلىقمۇ ئەمەس. بەلكى بۇ مۇسۇلمانلاردىكى خاتالىق، تەڭپۇڭسىزلىق، ھەقىقىي مەيداندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇمىغانلىقتىن بولغانلىقىدا شەك يوق. مۇسۇلمانلار قاچانكى دىندىن يىراقلاشتى، كۈچ-قۈۋۋەتتىن يىراقلاشتى، ئۆز ئارا ياردەملىشىش روھىنى يوقاتتى دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا يولۇقۇشقا باشلىدى.

    دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارغا قارىتا تىنچلىق ۋاقتىدا ھىلە-مىكىر بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قوللۇق قىلدى. تىنچلىق ۋاقتىدا تۇيدۇرماي زەھەر سالدى. قوپاللىق قىلغاندا ياۋايىلارچە مۇئامىلىدە بولدى.

    يۇقىرىقى مۇقەددىمىلەر قەلبىمىز تولۇپ تاشقانلىقى ئۈچۈن ئېيتىلغاندۇر.

    ھازىر بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق؛ مۇسۇلمانلارنىڭ تۈنجى قىبلىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېراجغا چىققان ئورۇن، ئۈچىنچى ھەرەم بولغان پەلەستىن.

    شۇنداق! دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغان بېشى ئۈستۈن پەلەستىن.

    مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەشتە نۇقتىلىق مەركەزدۇر. پەلەستىن مەسىلىسى دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ مۇقەددەس زېمىن تارىختىن بىرى ئىسلام لەشكىرى بىلەن خرىستىيان ۋە يەھۇدىلاردىن ئىبارەت مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۈچ سېلىشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. مۇسۇلمانلار پەلەستىننى فەتھى قىلىپ غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن كىرگەندە قان تۆكمىگەن، تالان-تاراچ قىلمىغان، قېرى-چۈرى، كىچىك بالا ۋ ە ئاياللارنى ئۆلتۈرمىگەن. بەلكى ئۆز ۋاقتىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مەشھۇر خىتاپنامىسىنى ئوقۇغان كىشى ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەرنىڭ ھەقىقىي ئادالەت، ئىنساپ، كەچۈرۈمچانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ خىتابنامە زەپەر قازانغان قوشۇن بىلەن مەغلۇب بولغان تەرەپ ئوتتۇرىدىكى مۇخالىپەتچىلىككە ئىشەنمەيدۇ. ئەھلى سەلىبلار پەلەستىندىن ئىبارەت مۇقەددەس زېمىننى بىر قانچە ئەسىردىن كېيىن ئىشغال قىلغاندا ئەھلى سەلىب قوشۇنىنىڭ قوماندانى جەڭنى شۇنداق سۈپەتلىگەنكى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىدىن ھاسىل بولغان قان دەرياسىنى كېچىپ ئۆتكەنمىش. ئەھلى سەلىب قوشۇنلىرى شۇنداق ۋەھشىيلىك بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغانكى، بەيتۇلمۇقەددەستىكى شېھىتلەرنىڭ سانى ئونمىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن توپتوغرا بىر ئەسىر كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنى سالاھىدىن ئەييۇبى قوماندانلىقىدا "ھېتتىن جېڭى" دەپ تونۇلغان مەشھۇر جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىدۇ. لېكىن قان تۆكمەيدۇ، بەيتۇلمۇقەدەستىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئادالەت، كەچۈرۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى غەربلىك تارىخچىلار ئېتىراپ قىلغاندۇر. ئۇندىن كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا قارىغۇلارچە ۋەھشىيلىك بىلەن زىيونىزىمچى جۇھۇتلار مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ۋەھشى قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلدى. بۇ1948-يىلقى قىرغىنچىلىق بولۇپ، قەتلىئامنىڭ ئېغىرلىقى، جىنايەتنىڭ ۋەھشىلىكىدىن پەلەستىندە 800مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكتىن قېپقالغىنى 160مىڭدىن ئاشمىغان. ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ بىر ئىش شۇكى، ئەنە شۇ قىرغىنچىلىق، قەتلىئام جىنايىتىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان "ئادەم قاسسىپى" نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئاقىللار چىدىماس دۈشمەنلەردە تىنچلىق ئېڭىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىۋېلىشى كېرەك. ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى ھەربى ۋولقان ئاساسلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربى تاجاۋۇزلىرى سەۋەپتىن مۇستەملىكە قىلىپ كەلدى. ئاتالمىش دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارا قانۇنلار ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن تاجاۋۇزغا شېرىك بوپقالدى. بولۇپمۇ ئىش مۇسۇلمانلارغا ئالاقىلىك بولغاندا كۈچلۈك دۆلەتلەر داۋاملىق مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋان تەرەپكە يان بېسىپ كەلدى. بۇنىڭ ئەمىلى مىسالىنى خەۋپسىزلىك كېڭەشتە ئىشلىتىلىۋاتقان "ۋېتۇ " ھوقۇقلىرىدىن كۆرۈۋالماق ئانچە قېيىن ئەمەس.

    شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى، جەڭدە غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش ئۆلچىمى قوشۇن سانىنىڭ كۆپلىكى، كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى كۈچى، دىلىدىكى ئىمانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ماددىي كۈچ تەڭپۇڭلىقى ھەقىقىي ئۆلچەم بولالمايدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولىشىغا قارىماي غەلىبە قىلغان. ھۇنەيىن ئۇرۇشىدا بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۆپ تۇرۇقلۇق مەغلۇب بولغان.

    ھازىرقى مەسىلە غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىگە قىلىنغان جۇھۇتلارنىڭ ۋەھشى تاجاۋۇزى بولۇپ، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ، قەتلى ئام جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بارلىق ئىمكانىيىتىمىز بىلەن مەيلى ھاكىم مەيلى مەھكۇم، خەلق ئاممىسى، ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە ھەرتەبىقە ئىنسانلار بىردەك تاقابىل تۇرمىساق، غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مۇكەممەل ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ دۈشمەنلەرنىڭ ۋەھشى تاجاۋۇزىنى توسۇشقا ئاتلانمىساق ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن مۇكەممەل قوللاپ ياردەم بېرىشىمىز ۋاجىبتىنمۇ ئۆتۈپ پەرزدۇر.

    بۇ قېتىم ھېچقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھورۇنلۇق قىلىپ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئولتۇرساق بىز دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ياشاش ھەققىمىزنى يوقىتىپ قويغان بولىمىز. ئاللاھنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قالمايدۇ.شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەقىقەت كۈنلەر، ئايلار، ھەتتا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىمەيدۇ ۋ ە يوقالمايدۇ.گەرچە بەزىدە بوران-چاپقۇنغا يولۇقسىمۇ يەنىلا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ھېچقاچان ناھەق ھەق، ھەق ناھەق بولۇپ قالغىنى يوق. پەلەكنىڭ چەرخى ئايلىنىپ ھەقسىزلەر باشقىلارنىڭ زېمىنىدا دۆلەت قۇرىۋالغان بولسىمۇ ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققى بۇنىڭ بىلەن كۆمۈلۈپ كېتەرمۇ؟ ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس!.

    ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇنداق مۇسىبەتلەرگە دۈچ كەلگەن، يەنىلا ئورنىدىن تۇرغان. ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئاللاھ تەرىپىگە قايتقاندىن كېيىن ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان. ئۇچار قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسۇن ھامان ئۇچقان يېرىگە چۈشمەي قالمايدۇ. كېچىنىڭ كۈندۈزى بارلىقىدا شەك يوقتۇر.

    ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ » سۈرە يۈسۈف 21-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

    ئاللاھ غەززىدىكى مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت، سەبرى-تەھەممۇل ئاتا قىلسۇن. ھەددىدىن ئاشقان زالىم جوھۇتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە خار قىلسۇن ئامىن.


    كاتوگۇرىيە تۈرى:

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز