قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 25/2/1430 ھـ / 2009-يىلى02-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا قەلب پاكلىقىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرۈدىغان ئاپەتلىرى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەرۋاقىت ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

پاك قەلبتە ھەسەتكە ئورۇن يوق

 

2009 -يىلى 02- 20 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ جۈمە نامىزىغا جۇغلاشقان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا « قەلب پاكلىقى ۋە ھەسەتخورلۇق» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

قەلب ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتلىنىشى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىگە ئوخشاش بولۇپ ئاللاھنىڭ دوستىنى دوست بىلىش، دۈشمىنىنى دۈشمەن بىلىش بىلەن ساۋاپقا ئېرىشسە، باشقىلارغا ھەسەت قىلىش، پەخىرلىنىش ۋە رىياخورلۇق بىلەن جازاغا تارتىلىدۇ، قەلبنى ئىسلاھ قىلىش نەپلە ئىبادەت قىلغاندىن ئەۋزەل بولۇپ، مۇسۇلمان قەلبىدىكى ھەسەت-ئۆچمەنلىكنى يوقاتماي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلىقى تولۇق بولمايدۇ. قەلبنىڭ پاك بولىشىو پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام يەنى مۇشرىكلىكتىن، پاك دىل بىلەن كەلگەن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى ئىككى قېتىم يىرىلغان بولۇپ، بىرى ئۆسمۇرلىكىدە بولغان بولۇپ، قەلبىدىن بىر پارچە قاننى ئېلىۋەتكەن، يەنە بىر قېتىم مېراجغا چىقىشتىن ئىلگىرى قەلبى ئالتۇن قاچىدا زەمزەم سۈيى بىلەن يۇيۇلغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە تەلىم قىلىپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئى ئاللاھ! مىنى توغرا يولغا باشلىغىن، قەلبىمدىكى ئۆچمەنلىكنى تارتىۋەتكىن» . قەلبنى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچ كۆرۈشتىن تازىلاش، جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: « مۇشۇ يولدىن سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى چىقىدۇ دېگەن، ئەنسارىلاردىن بولغان بىر كىشى چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار: ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىدىن سورىغاندا، ئۇ كىشى: مەن قەلبىمدە مۇسۇلمانلارغا ھىلە-مىكىر ئويلىمايمەن، ئاللاھ بىر كىشىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا ئۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ ھەسەت قىلمايمەن دېدى» . قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانغا ئىمان بىلەن ساغلام قەلب مەنپەئەت بېرىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە، ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ  دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزىلىدۇ». ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ سەۋىرچانلىقى ۋە شۈكرىسىنى ئاشكارا قىلىشى ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە پەزلى بىلەن خەير-ئېھساندا پەرقلىق قىلدى . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى».

ھەقىقەتەن ھەسەتخورلۇق سۆكۈلگۈچى رەزىل سۈپەت بولۇپ،  بۇ تۈردىكى كىشىلەر  ئاللاھ نېمەت بەرگەن پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھەسەت قىلىدۇ، بۇ ئىبلىسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولۇپ، ھەسەت قىلغانلىقتىن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان . بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ ئىبلىسقا: سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟ دېدى، ئىبلىس: مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ دېدى» . بۇ ئاسماندا ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىنغان تۇنجى گۇناھتىن ئىبارەت ئىدى، ھەسەتخورلۇق يەھۇدىي-ناراسالارنىڭ تۇغما تەبىئىتى بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ ».

بۇ دىلىدا كېسەل بار كىشىلەرنىڭ سۆزى بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ھۇدەيبىيگە چىقماي قېلىپ قالغانلار، غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى»دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ خەيبەر غەنىمىتىنى ھۈدەيبىيىگە چىققانلارغا خاس قىلغانلىقتىن ئىبارەت سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن: « ئۇلار: ئۇنداق ئەمەس، يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر دەيدۇ»، ھەسەتخورلۇق ئىگىسىنى كۇفىرلىققا ئىلىپ بارىدۇ، ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى» . ھەسەتخورلۇق بىلەن ئىسلامنىڭ غەيرىدىكىلەر مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇشنى  مەقسەت قىلىدۇ . ئاللاھ   بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ».

ھەسەتخورلۇق ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە پەيدا بولغان پىتنىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «ئۇلارنىڭ: ئاللاھ ئارىمىزدىن ھىدايەت قىلىش بىلەن ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق، يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش، بىلەن باي-چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق» . ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ ئىنسانلار تەبىئىتىدىكى ھەسەتنى بايان قىلىپ، ھەسەتتىن ئۆزىنى ساقلىغان كىشى بەختلىك كىشىدۇر. ھەسەت ئىماننىڭ ئىماننىڭ تولۇق بولىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدە ئىمان بىلەن ھەسەت جەم بولالمايدۇ» . يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى بۇ كېسەللىكتىن ھەزەر قىلدۇرۇپ مۇنداق دېگەن: « ھەسەت قىلىشماڭلار، غەزەپ قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا تەدبىر قىلىشماڭلار.....»، ئىنساندىكى ھەسەت قىلىنىدىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەت ئىسلام نېمىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ» . ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا ھەسەت قىلىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار: بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ دېيىشتى».

ھەسەت قىلىنغۇچى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋر قىلىشى، تەقۋالىق قىلىشى، ئەپۇ قىلىشى ۋە كەڭ قورساق بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كىيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەرنەرسىگە قادىردۇر».

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا: « بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن دېدى».

قەلبتىكى ھەسەت ئۇچقۇنلىرى خەير-ئېھسان ئارقىلىق ئۆچۈرۈلىدۇ، ھەسەت قىلغۇچىنىڭ ھەسەتخورلۇقى زىيادە بولغانسېرى، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان خەير-ئېھساننى زىيادە قىلىپ، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش بىلەن بىرگە، نەسىھەت قىلىش كېرەك .

ھەسەتخورلۇق ئىنسان قەلبىدە ئىماننىڭ كۈچىيىشىنى چەكلەيدۇ.

ھەسەتخورلۇق ئۆز-ئارا يامان كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىتتىپاقلىققا زور دەرىجىدە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھەسەتخورلۇق بىر قېرىندىشىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، مەزكۇر نېمەتنىڭ ئۆزىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىش بولۇپ، بۇ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بەلكى مۇسۇلمان بىر قېرىندىشىغا بېرىلگەن نېمەتنى كۆرگەندە ۋە بىلگەندە، ئۇ قېرىندىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاللاھتىن تىلىشى كېرەك ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمەتكە مۇشەررەپ قىلغانلىقىغا تەشەككۇر ئېيتىشى لازىم. جانابى پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆز قېرىندىشى ئۈچۈن ( يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن) ياخشى كۆرمۈگىچە مۇسۇلمان بولالمايدۇ ».  

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز