قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنىڭ خەتىرى، بىدئەتنىڭ ساغلام ئەقىدە، دىنى ئەمەللەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قايسى شەكىل بىلەن بولسۇن خاتىرىلەشنىڭ دىنى مۇراسىملاردىن ئەمەسلىكى، مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ، سۈننەتنى ئەھيا قىلىشقا توھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بارلىق ھەمدۇ- سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ جانابى ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەرلەرنىڭ سەرخىلى، شېرىك ۋە زالالەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە چاقىرغان، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم: شەرىئەت ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئازغۇنلۇق يولى دەپ سۈپەتلىگەن بىدئەت نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ توغرىدا سىزگە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

 بىدئەت  سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى  ئىجاد ،  ئىختىرا  ۋە  پەيدا قىلىش  دېمەكتۇر.

شەرئى مەنىسىدە: شەرىئەت ئەمەللىرىدە، سۈننەتنىڭ ئورنىغا تۇرغۇزۇلغان دىنى ئىجادىيەت، ياكى دىندا ئەسلى يوق بىر نەرسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشنى دېمەكتۇر.

قېرىندىشىم تۆۋەندە سىزگە بىدئەت توغرىسىدا كەلگەن بەزى تېكىستلەر بايان قىلىنىدۇ:

1- ئىرباد ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:  سىلەردىن كىمىكى مەندىن كىيىن ياشىسا، دىندا كۆپلىگەن نورمالسىزلىقلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىم ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى، ئىزباسار خەلىپىلىرىمنىڭ يوليورۇق ۋە ئىش-ئىزلىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇڭلار. دىندا ئەسلى يوق ئىشقا ھەرگىزمۇ يېقىنلاشماڭلار، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر . بۇ ھەدىسنى، ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، دارىمىي، ھاكىم، ئىبنى ھىببانلار زىكىر قىلىدۇ. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ قارايدۇ.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەيدۇ:   ئاللاھ ھىدايەت قىلغۇچىنى ئازدۇرغۇچى، ئاللاھ ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوق. سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ كالامى، يوليورۇقنىڭ ئەڭ گۈزىلى ۋە ئۇنۇملىكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئەمەللەرنىڭ ناچىرى دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش. دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر  مۇسلىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. نەسائى يۇقىرىقى ھەدىسنى   ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ  دېگەن ئىبارىلەرنىڭ زىيادىلىكى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە:  كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ  بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە:  كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئەمەللەرنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ .

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ، " دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر  دېگەن ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ جۈملە شەرئى قائىدە بولۇپ، بىدئەت شەرىئەتتىن ئەمەس، چۈنكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمى پرىنسىپلىرى ھىدايەتتۇر. بىدئەت ئازغۇنلۇق يولىدۇر. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىس زاھىرى ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ ناھايىتى كۆپ مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىككى خىل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

بىرىنچى: بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنماستىن ئۆزىگە قايتۇرىلىدىغانلىقى.

ئىككىنچى: بىدئەتچى ئاللاھنىڭ شەرئى ھۆكمىگە قارشى چىقىپ، دىندا ئەسلى يوق ئىشلارنى ئىبادەت ياكى دىنى پائالىيەتلەر تۈرىگە كىرگۈزدى".

تۆۋەندە بىدئەت توغرىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نېمە دەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلايلى:

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  ساغلام سۈننەتكە ئەگىشىپ، بىدئەت پەيدا قىلمىغىنىڭلارنىڭ ئۆزى، سىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ  تەبەرانى، دارىمىي رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  خالايىق بىدئەتنى ياخشى ئەمەل دەپ قارىغان ھالەتتىمۇ، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر  دارىمىي رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە توپلىشىپ تاش بىلەن ساناپ، بىرسىنىڭ باشلامچىلىقىدا "ئەلھەمدۇلىللاھ"، "سۇبھانەللاھ"، ئاللاھۇ ئەكبەر"نى يۈز قېتىمدىن ئېيتىڭلار دىسە، يۈز قېتىمدىن ئېيتىۋاتاتتى، بۇنى كۆرگەن ئىبنى مەسئۇد ئاچچىقلىنىپ، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقىدىنمۇ ئۇستۇن كۆرىسىلەر ياكى سىلەر ئازغۇنلۇق يولىغا ئىشىك ئىچىۋاتىسىلەر دېگەنىدى، ئۇلار: بۇ ئەمىلىمىزدىن ياخشىلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە ئىرادە قىلمايمىز دېدى. ئۇ: ياخشىلىق ئىرادە قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەممىسىدە توغرىلىق بولىۋەرمەيدۇ دېدى  دارىمىي، ئەبۇ نەئىم رىۋايەت قىلغان.

تۆۋەندىكى قۇرلاردا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىدئەتكە قارىتا چۈشەنچىسى:

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئىسلامدا يوق نەرسىنى، ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلىدىغان نەرسە دەپ قارىسا، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋەھىيگە خىيانەت قىلدى دېگىنى بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:  بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم  سۈرە مائىدە 3-ئايەت. ئۇ كۈندە دىن دەپ قارالمىغان نەرسە، بۈگۈنمۇ دىنىمىزدىن ئەمەس.

ئىمام شاپىئى مۇنداق دەيدۇ:  كىمىكى ئۆز گۇمانىدا ساۋاب بولىدۇ دەپ، دىندا يوق ئىشنى قىلىدىكەن، خۇددى شەرىئەتكە بىر نەرسە قوشقانغا ئوخشايدۇ 

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل مۇنداق دەيدۇ:  بىز سۈننەتكە ئەگىشىشتە، ساھابىلارنى ئۆرنەك قىلغان ئاساستا، بىدئەتكە قارشى تۇرىمىز، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر 

بىدئەتنىڭ خەتىرى:

1-ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىدئەتچىلەرنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

2-كىمىكى بىدئەت ئەمەلنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن تەۋبىنى پەردىلەپ قويىدۇ.

3-قىيامەت كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ھەۋز-كەۋسەردىن سۇ ئىچىشىدىن چەكلىنىدۇ.

4- كىمىكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىدئەت ئىشلىگەن بولسا، ئۇنىڭ گۇناھى تا قىيامەتكىچە بىدئەتنى مەيدانغا چىقارغۇچىغا يېتىپ تۇرىدۇ.

5- بىدئەت ئىگىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ لەنىتىگە ئۈچرىغۇچىدۇر.

6- بىدئەت ئىگىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن داۋاملىق يىراقلىشىدۇ.

7- بىدئەت سۈننەتنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىل.

8- بىدئەت دۇنيا - ئاخىرەتتىكى رەسۋالىققا سەۋەپ بولىدۇ.

9-بىدئەت ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇپرى قىلغانلىق.

10-بىدئەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

11- بىدئەتچىنىڭ كۆز قارىشىدا، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاساسى يوق دېيىش، پاسىقلىق ۋە ئىسيانكارلىقتۇر.

بىدئەت توغرىسىدىكى بەزى بىر ئايدىڭلاشمىغان مۇجمەل مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە:

 مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسىنى، ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدۇ، مۇسۇلمانلار يامان دەپ قارىغان نەرسىنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ 

بىرىنچى: يۇقىرىقى سۆز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسى بولماستىن بەلكى ئىبنى مەسئۇدنىڭ سۆزىدۇر. ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە قارشى بولمايدۇ. ساغلاملىق ۋە قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇنلىقى بىلەن  ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىجتىھادى بىلەن ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەن نەرسە  ئىجما بولۇپ، ئىجما شەرئى ئەھكاملاردا دەلىل ئورنىدا كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما كىمىكى بىدئەت ئەمەللەرنى دىندىن دەپ قارايدىكەن، بۇ ھالدا ئىجما بىدئەتكە دەلىل شەكلىدە قوللىنىلمايدۇ. ئىجمانىڭ ئېتىراپلىق ئاساسى بولسا، ھەر زامان ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆز ۋاقتى ۋە زامانىدا بىرلىككە كېلىشى كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ.

دىنى ئەھكاملارنى دوراپ قىلغۇچىلار(يەنى ماھىيىتىنى چۈشەنمەستىن) ئەھلى -ئىلىملاردىن ئەمەسلىكىدە گەپ يوق، كۆپىنچە ھالدا بىدئەت ئەمەللەرنى سادىر قىلغۇچىلار، دىنى ئەمەللەرنى دوراپ ئىشلىگۈچىلاردۇر.

ئىككىنچى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ:  بۇ نېمىدېگەن ياخشى يېڭىلىق-ھە!  دېگەن سۆزى.

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى تەراۋىھ نامىزى بولۇپ، ئەسلى دىندا بار بولغان، پەيغەمبرىمىز ئۈممىتىگە ۋاجىپ بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەرك ئەتكەن نەپلە ئىبادەتنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قايتىدىن ئەھيا قىلىپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بۇ ئىبارىسىدە "بىدئەت" كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتكە چىراغلارنى يورۇتقانىدى، باشقا ساھابىلار توپلاشتى ۋە يېڭىلىق بىر ئىشنى كۆرگەندەك بولۇشتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ۋاقىتتا ساھابىلارغا: بۇ نېمىدېگەن ياخشى يېڭىلىق-ھە!  دېدى. شۇنداقلا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا، سۆزلىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولسا، شەرئى دەلىل ۋە ئىسپات ئورنىدا ئىلىنىدىغان ئىزباسار خەلىپىلەردىندۇر.

ئۈچىنچى: كىمىكى ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلىدىغان، ئەسلى بولغان ئىشنى راۋاجلاندۇرىدىكەن بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. كىمكى بۇ ئەمەلنى قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ ئەمەلنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كەمەيتىلىۋەتمەستىن بېرىلىدۇ 

بۇ ھەدىستە مۇنداق قىسسە بايان قىلىنىدۇ: مۇدەر قەبىلىسىدىن بىر توپ يالاڭئاياغ، بەدەنلىرىنى يىلپىز تېرىسىدە ئورىۋالغان كىشىلەر كېلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ بۇ دەرىجىدە يوقسۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرىدى ۋە جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلدى. ئاندىن كىيىن مۇنبەرگە چىقىپ سەدىقە توغرىسىدا خۇتبە سۆزلىدى. خۇتبىدىن كىيىنلا، سەدىقە ۋە ئىئانىلار ئىككى دۆۋە يۇغلاشقۇنچە قەدەر ساھابىلار بەس-بەستە يېمەك- ئىچمەك، كېيىم-كېچەك قاتارلىق ھاياتلىققا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى ئىلىپ كېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويدى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  كىمىكى ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلىدىغان، ئەسلى بولغان ئىشنى راۋاجلاندۇرىدىكەن بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. كىمكى بۇ ئەمەلنى قىلسا، ئۇنىڭغىمۇ ئەمەلنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كەمەيتىلىۋەتمەستىن بېرىلىدۇ  دېگەنىدى.

بۇ ھەدىستە: سەدىقە ۋە ئىئانە قىلىشنى، سەدىقە بەرگۈچى يولغا قويماستىن، بەلكى سەدىقە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سۈننەتنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كىشىگە ساۋابى يېتىپ تۇرىدۇ.

تۆتىنچى: ئۆرپ- ئادەت

زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر، بىدئەت ئىشلارنى ئىبادەت ياكى ساۋابلىق ئىشلار دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىشى، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان بەزى خوراپى ئۆرپ-ئادەتلەرگە مەھكەم ئېسىلىۋالغانلىقىدىندۇر. بۇ مۇشرىكلارنىڭ  بىز ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز  دەپ ھەقىقەتكە ئىنكار قىلىشىغا ئوخشايدۇ. جامائەت سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەن بولماستىن، بەلكى سانى ئاز بولسىمۇ سۈننەتكە ئۇيۇسا جامائەت ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:   ئىسلام غىرىپلىق ھالەتتە باشلاندى، قانداق باشلانغان بولسا شۇ ھالەتتە قايتىدۇ، بۇ كۈنلەردە دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا جەننەت بىلەن بىشارەت بولسۇن دېدى. ساھابىلار: ئۇلار كىملەر يا رەسۇلۇللاھ! دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلار، ئىنسانلار پىتنە-پاساتقا چۆمگەندە ئىسلاھات ئىلىپ بارىدىغان سەرخىل بەندىلەردۇر دېدى  سەھىھ ھەدىس.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:   كىمىكى ھەققە ئۇيىدىكەن ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ جامائەت دېگەن شۇ 

بىدئەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەبلەر:

1-ساغلام سۈننەت ۋە ھەدىس ئىلمىدىن تەلىم ئالماسلىق، سەھىھ ھەدىس بىلەن يالغان ھەدىسنى پەرق ئىتەلمەسلىككە ئوخشىغان ئىشلار ئاساسلىق سەۋەبلەردىندۇر. بەزى بىدئەتچىلەرنىڭ دەلىل ئورنىدا قوللىنىدىغان بەزى ئويدۇرما ھەدىسلىرىنى مىسالغا ئالساق: "نۇرى مۇھەممەد" ناملىق بىدئەتچىلەر گۇرۇھى  ئى جابىر! ئاللاھ ھەممىدىن بۇرۇن پەيغەمبىرىڭنىڭ نۇرىنى ياراتتى . كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياراتتى دەيدىغان بىدئەتچىلەر، بۇ قىپقىزىل يالغان ھەدىسنى دەستەك قىلىدۇ:  سېنى دېمىسەم كائىناتنى ياراتمايتتىم  دېگەن يالغان ھەدىسنى توقۇغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى ياراتمىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:   (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق  سۈرە ئەنبىيا 107- ئايەت.

2-مۇسۇلمانلار دىنى تەلىم-تەربىيە، شەرئى ئەھكاملارنى ئىلىمسىز كىشىلەردىن تەلىم ئالغانلىقى.

3- مەۋلۇت ۋە ماتەم بىدئەتلىرىگە ئوخشاش شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن، ئەقىل ۋە مەنتىقمۇ قوبۇل قىلمايدىغان خوراپاتلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەرىئەت ھەرگىزمۇ قوللىمايدۇ.

4-ئىمام مۇجتەھىدلەرنى ھۆكۈمدە خاتالاشمايدۇ دەپ قاراش، پىر ۋە چوقۇنغۇچىلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئەنبىيالارنىڭ ئورنىغا كۆتۈرۈش.

5- لەۋزى ئوخشاش بولغان(مۇتەشابىھ) ئايەت ھەدىسلەرگە، نېمە ھۆكۈم توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى ئايرىماستىن ئەگىشىش.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى مۇراسىم:

بۇ بىدئەتنىڭ تۈنجى مەيدانغا كېلىشى: بۇ بىدئەت ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە قاھىرەدە "پاتىمىييۇن خەلىپىلىرى" تەرىپىدىن رەسمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلار خوراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان تەسەۋۋۇپچى زىندىقلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە راپىزىلىقنى دەۋا قىلاتتى ئەمما ھەقىقەتتە قىلمىشلىرى كۇپرى ئەمەللەردىن ئىدى. ئۇلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمى، ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەسەن -ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، خەلىپەتۇل ھادىر قاتارلىق يۇقىرىدىكى ئالتە كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمىنى دىنى مۇراسىم دەپ يولغا قويغان بولۇپ، ئەلئەبزەل ئىبنى ئەمىر ئەلجۇيۇشنىڭ خىلاپەتلىك دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئامىر بىئەھكامۇللاھ ئەلپاتىمىي دەۋرىدە، ئىنسانلار ئۇنتۇغان بۇ بىدئەتلەر ھىجرىيىنىڭ 524-يىلىگە كەلگەندە قايتىدىن جانلاندۇرۇلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمىنى ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، پادىشاھ مۇزەپپەر ئەبۇ سەئىد كۆك بۆرە تەرىپىدىن ئىربىل شەھىرىدە رەسمىي دىنى مۇراسىم قىلىپ يولغا قويۇلغاندىن بىرى تا بۈگۈنكى قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ مەۋلۇت مۇراسىمى ئىلگىرىكى ئەۋزەل ئۈچ ئەسىردە ياكى تۆت مەزھەب ساھىبلىرى ۋە سەلەپ ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن جايىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن ئىشلاردىندۇر. بەلكى بۇ بىدئەت زىندىق ۋە جاھالەت پىرلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ بايرام ئىسلام دىنىدىن ئەمەستۇر. ھەرقانداق كاپىر ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىگە ئىھتىقار بىلەن قارىغىنىدەك، بىدئەتچىلەرمۇ گەرچە سۆيگۈ دەۋاسى قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئورنىدىن چۈشۈرۈپ ئاھانەت قىلغان بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، چەكلىگەن شەيئىلىرىدە توختاش بىلەن بولىدۇ.

بۇ ھەقتە پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان مۇنداق دەيدۇ: " كىشىلەر ئارىسىدا رەبىيئەل ئەۋۋەل ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاش بىدئەت مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلار نەچچە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر تۈرلىكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىر جايغا توپلىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە دائىر قىسسە ۋە قەسىدىلەرنى ئوقۇپ ئۆتسە، بەزىلىرى يېمەك-ئىچمەك تەييارلاپ كەلگەنلەرگە تارقىتىدۇ.

بەزىلىرى بۇ پائالىيەتنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزسە يەنى بىر قىسىملىرى مەسچىتلەردە ئۆتكۈزىدۇ.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپلا قالماستىن، ئەر-ئايال ئارىلىشىپ ئولتۇرۇش، ناخشا-مۇزىكىغا ئوخشاش مۇنكەر ئىشلاردىن تاشقىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەدەت ۋە نۇسرەت تىلەشتەك شېرىك ئەمەللەرمۇ بۇ كۈندە سادىر بولىدۇ. بۇ كۈندە، بۇ كۈننى ئۇلۇغلاشقا دائىر ھەرقانداق ئىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

مۇسۇلمان ھەرقانداق ئەمەلنى ئىشلەشتىن ئىلگىرى بۇ ئىش توغرىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشى كېرەك. مۇسۇلمان سۈننەتنى ئەھيا قىلىشقا تىرىشىپ، بىدئەتنىڭ يوقىلىشىغا كۈچ چىقىرىشى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!.

مەۋلۇت مۇراسىمىنىڭ باتىللىقى:

1- پەيغەمبرىمىز مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنىلىكلەردە بىر نەچچە تۈرلۈك ھېيت-بايراملار بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  بىز ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت-بايرىمىمىز، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتىدۇر  دەپ، باشقا مۇراسىملارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

2- ئىسلام شەرىئىتى بىدئەتتىن توسىدۇ ۋە ئۇنى ئازغۇنلۇق دەپ مۇقىملاشتۇردى.

3- شۇڭلاشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھېيت-بايرام مۇراسىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

4- بۇ راپىزە ۋە زىندىقلارنىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار قەبرىلەرگە گۇمبەزلەرنى قاتۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ باتىل ئەقىدىسىنى رېئاللىقتا ئىسپاتلىدى.

5- بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى، ئىمانى بىزدىن بۈيۈك، ھەققە ئەڭ يېقىن، رەسۇلۇللاھنى بىزدىنمۇ كۆپ ياخشى كۆرىدىغان، قۇرئان سۈننەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان سەلەپ-سالىھلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ، بۇ مەۋلۇت مۇراسىمىنى قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

مەۋلۇت مۇراسىمىغا ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلار:

-1مەۋلۇت مۇراسىمىنى قوللايدىغانلار، ئۇلار ئەھلى-ئىلىملاردىن بولماستىن بەلكى سۈننەتنى چۈشەنمەيدىغان، بىدئەتنىڭ ماھىيىتى ۋە خەتىرىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنسىمۇ جاھىللىقىدىن ئۆز پىكىرىدە قالىدىغان، بىدئەتنى جان-جەھلى بىلەن قارىغۇچىلارچە ياقىلاشقا تىرىشىدىغان ئىنسانلاردۇر.

2- ئىنسانلار ئىچىدىن بەزى جاھىل-نادانلار "مەۋلۇت"نى ئىبادەت، ساۋاب بولىدۇ دېگەن ئىتىقاد بىلەن، ئازغۇن پىر ياكى جاھىل يول باشلىغۇچىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ.

3- بەزى ئىنسانلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يەپ ئىچىش قورساق تويغۇزۇشنى نىيەت قىلىدۇ.

گەپنىڭ خۇلاسىسى: مەۋلۇت مۇراسىمىغا قاتنىشىش، رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا مەۋلۇت ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش قاتارلىق، بۇ ئاينى ئۇلۇغلاش تۇسى ئالغان ھەرقانداق پائالىيەتلەر چەكلىنىشى زۆرۈر بولغان بىدئەت بولۇپ، مۇسۇلمان بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆرگەندە توسۇشى ۋە ئىشتىراك قىلماسلىقى، سۈننەتنى ئەھيا قىلىپ، بىدئەتنىڭ يوقىلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشى ۋاجىب بولىدۇ. گەرچە بىدئەت ۋە مۇنكەر ئەمەللەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان تەقدىرىمۇ ئۇ باتىلتۇر. سۈننەتكە ئەگەشكۈچىلەر ئاز بولغان ھالدىمۇ، ھەق ئۇلار بىلەن بىللە. ھەقىقەت ئەركەكلەر بىلەن بىلىنمەستىن، بەلكى ئەركەكلىك ھەقىقەتنى ياقىلىشى بىلەن نامايەندە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئاتا-ئانىمىز، جۈملىدىن ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن. ئاللاھ تائالا قەلبلىرىمىزنى ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم قىلىپ، بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ، سۈننەتنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە يايىدىغان مۆمىنلەردىن قىلسۇن. ۋەسەللەللاھۇممە ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەد ۋە ئەلا ئالىھى ۋە سەھبىھى ئەجمەئىين.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز