قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 11/2/1430 ھـ 2009-يىلى02-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان ھاياتىدا سەۋرچانلىقنىڭ ئەھمىيتى ۋە رولى، ئىنسان ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا سەۋرچان بولغىنىدەك، گۇناھ-مەسىيەتكىمۇ سەۋىرچان بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى، سەۋرچان بولۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئامىللار ۋە سەۋرنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

سەۋرچانلىق نېمە دېگەن گۈزەل ئەخلاق ھە!

 

2009-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، سەۋرچانلىقى ۋە توغرا سۆزلۈكى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشى بىلەن بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى :

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئاخىرەتتە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ». ھەدىس قۇددۇستا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم ! پەقەت ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھغا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن».

ھەقىقەتەن سەۋرچانلىق ئېسىل ئەخلاق، ئالى سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ ياخشى كىشىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «ئىمان ئىككى بۆلۈك بولۇپ: بىر بۆلۈكى سەۋرچانلىق، يەنە بىر بۆلىكى شۈكرى ئېيتىشتىن ئىبارەت دېيىلگەن». سەۋر دېگەن ئۆز نەپسىنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا، دائىم گۇناھ- مەئيسەتتىن ساقلىنىشقا بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت. سەۋرچانلىق بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسىنى تۆۋەندە زىكىر قىلىمىز سەۋرنىڭ كاتتىسى: گۇناھ- مەسىيەت ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلار، پەرز نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدىغانلار، يەنى بىلمەستىن يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار، ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ». كۆپچىلىك كىشىلەر تائەت-ئىبادەتتە سەۋىرچان بولىدۇ . ئەمما گۇناھ-مەسىيەت، چەكلەنگەن ئىشلارغا دۈچ كەلگەندە سەۋر قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشتا سەۋىرچان بولغۇچىلار ئېرىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ . ھەقىقىي تەقۋادار-سەۋرچان بولمىغان كىشىلەر گۇناھ-مەسىيەتتە سەۋر قىلالمايدۇ . مۇسۇلمان ھەقىقىي سەۋرچانلىق بىلەن سۇپەتلەنمىسە، مەلۇم ۋاقىتلاردىن كىيىن شەھۋەت لەززەتلىرىدىن ئۆزىنى يىغالماي ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئىرادىسى ئاجىزلىشىدۇ، سەۋرچانلىقى تۈگەپ چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارغا چۆكۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ مەڭگۈلۈك بەختسىزلەردىن بولۇپ قالىدۇ . ئىنساننىڭ ھارام ئىشلاردىن سەۋر قىلىشى ماشىنىنىڭ تورمۇزىغا ئوخشايدۇ. تورمۇزى ئىشلىمىگەن ماشىنا ھالاكەت ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتكەندەك، سەۋرسىز ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىمۇ دۇنيادا خار-زەبۇنلۇق ياكى تۈرمىدە ياكى ئالى نېمەتلەردە بولسۇن، ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب ۋە مەڭگۈلۈك ئوقۇبەتتە ئۆتىدۇ .

سەۋرنىڭ يەنە بىر قىسمى: ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە دائىم سەۋر قىلىش، ئەمەللىرىنى سۈننەتكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا سەۋر قىلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : « سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». ھەسەن ئەلبەسرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئاللاھ رازى بولۇپ تاللىغان ئىسلام دىنىدا سەۋرچانلىق بىلەن خۇرسەنلىك-خاپىلىق، قىيىنچىلىق- كەڭرىچىلىك ھەتتا ئۆلۈم كەلگىچە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى سەۋىرچان بولۇشقا، تائەت- ئىبادەت ئورۇنلىرىدا ۋە ئاللاھ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاداققىچە بوشاشماسلىققا بۇيرۇلدى". ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئاللاھ خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟ دېگەندە، كىشىلەر: شۇنداق قىلسىلا ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۈشكۈل ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش ۋە نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىش ۋە بىر نامازدىن كىيىن يەنە بىر نامازنى كۈتۈش، مانا بۇ ئەمەللەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا ئوخشاشتۇر» دېدى .

سەۋرنىڭ ئۈچىنچى تۈرى: ئىنسانغا يېتىدىغان تەقدىر-قىسمەت، بالا- مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەھۋاللارغا ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، بالا-مۇسىبەتنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ گۇناھ- مەسىيەتتىن بولغانلىقىنى بىلىپ سەۋر قىلغاندا ئاللاھ ماختىغان سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. سەۋر قىلسا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئىش ئاللاھ ئىرادىسى بىلەن بولىۋېرىدۇ، سەۋرسىزلىك قىلىپ دات-پەرياد قىلسا گۇناھكار بولىدۇ، ئىش يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىۋېرىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەھمەتلەرگە سەۋر قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ، ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر». ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەۋرچانلار توغرىسىدا : " ئۇلار ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشكۈچى ۋە ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر" دەيدۇ .

ئاللاھ تائالا كۆپ ئايەتلەردە مۇتلەق سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد ! ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، سەۋرىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ». قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە مەلۇم ئىشلار بىلەن سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى، تەقدىرگە ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفىرلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن». كافىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سىلەر ماللىرىڭلاردا سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىش بىلەن ۋە جانلىرىڭلاردا قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە سەۋر قىلساڭلار يەنى سۆزۈڭلار ۋە ھەركىتىڭلاردا ئاللاھدىن قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلاردىندۇر».

ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش جەريانىدا دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ لوقماننىڭ بالىسىغا قىلغان نەسىھىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇلچىقىم ! نامازنى ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر». ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى كىشىلەرنى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەممە ئىشتا سەۋىرچان بولۇشقا بۇيرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا ئەلەيھىسسالام كۆپ ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغان». ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى تائەت-ئىبادەتتە مۇستەھكەم تۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن سۈپەتلىنىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋ ە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر». ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا نەپسىنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر ماكاندا سەۋرگە ئادەتلەندۈرۈشكە بۇيرىدى. ئىبادەتلەر بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ .

بۇخارىي-مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كىمكى سەۋىرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى سەۋىرچان قىلىدۇ، كىمكى بىھاجەتلىكنى تەلەپ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى بىھاجەت قىلىدۇ» دېيىلگەن. ئاللاھ تائالا سەۋر قىلغۇچىلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ كاتتا ساۋاپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھېسابسىز بېرىدۇ». ئاللاھ تائالانىڭ سەۋر قىلغۇچىلارغا بېرىدىغان ساۋابىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مۇنداق دەيدۇ: «ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئېچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ ھەر بىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: دۇنيادا سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولىشى نېمىدېگەن ئوبدان ! دەيدۇ».

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرىغا يېتەكلىسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز