قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/3/1430 ھـ / 2009-يىلى03-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ھاياتىدا نەسىھەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى، نەسىھەت قىلىش ئەنبىيالارنىڭ خىسلەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ياخشى سۆھبەتداش باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتا ياردەمچى بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشىپ تۇرۇشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى

 

2009- يىلى 03-ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھەقنى كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ھاياتىدا ئەمەلىلەشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەقنى كۆرسەتتى، ھەق يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدىغان ياردەم بېرىدىغان، ئاللاھدىن يىراقلىشىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللارنى چەكلەيدىغان ياخشى ياردەمچىلەرنى ھەمراھ قىلدى. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيادىكى پاساتچىلىقنى ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي جەھەتتىن تەپەككۇر قىلغان كىشى، بۇنىڭ غاپىللىق ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشتىن بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ".

مۇسۇلمان كىشى ئۆز قېرىندىشىدا بىرەر كەمچىللىكنى كۆرسە بۇنى تۈزۈتۈش زۆرۈر بولۇپ بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە چىرايلىق نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، دىننىڭ ماھىيىتىمۇ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىن كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشتۇر». ئىمام نەۋەۋىي «دىن كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن ھەدىسنى، دىننىڭ ئەۋرىشكىسىدۇر دەپ ئىزاھلايدۇ. كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىش ئەھلى-سۈننەت جامائىتىنىڭ ئەقىدىسىدىن بولۇپ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ئەھلى-سۈننەت جامائىتى دىنى قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت قىلىشنى ئىمانى مەجبۇرىيەت دەپ قارايدۇ». بۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن». ھۇد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەت قىلغۇچىمەن». سالىھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىنى ياقتۇرمىدىڭلار». شۇئەيب ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم». ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرگە ۋەز- نەسىھەتلەرنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئەۋەتتى: «بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋىمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر». پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خاس سۈپەتلىرىنىڭ بىرىمۇ كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئەسلىتىش ئېدى، بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلدى: «سەن ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلىگەندە بىزگە ئاللاھنىڭ كۈنلىرىدىن ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى». باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش بولسا ياخشى كىشىلەرنىڭ خىسلەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا لوقمان ھېكىم ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ساھابىلارغا بۇ ئىبادەتنى قىلىشنى شەرت قىلدى. جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈن بەيئەت قىلغان ۋاقتىمدا ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشنى شەرت قىلدى". مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ھەققىدىن ئىبارەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ، مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولۇپ؛ ئۇچراشقاندا سالام قىلىش، چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش، نەسىھەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئاللاھغا ھەمدۇ ئېيتسا، ئۇنىڭغا جاۋابەن (يەرھەمكەللاھ) دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا دەپنە قىلىشقا قاتنىشىشتىن ئىبارەت». ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ۋاقىتلاردا بەندىنىڭ قىلىدىغان بەزەن ئەمەللىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش قالىدۇ". شەيخ قاسىم مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشىلىقنى سۆيۈش، ناچار-يامان ئاقىۋەتلەردىن بىئارام بولۇش ئىماننىڭ مۇھىم خىسلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ». ئىمام زەھەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ۋە ئومۇمىي خەلق ئۈچۈن نەسىھەت قىلمايدىكەن ئۇ كىشىنىڭ دىنى تولۇق بولمايدۇ". نەسىھەت جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ. قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇ نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ قەلبىنىڭ ساپلىقى، سىنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كىشىلەرنى بەك ياخشى كۆرەتتى. گەرچە ئەسلىتىلگۈچى كاتتا شان-شەرەپ ۋە ياخشىلىق ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەسلەتكۈچىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇغا قۇرئاننى توپلاپ رەتلەش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى، شۇ سەۋەبلىك قۇرئان توپلاندى، بۇنىڭدىن كىشىلەر مەنپەئەت ئالدى. ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي بىر قېتىم تالىپلىرىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ توپلىغان بولساڭلار دېدى، بۇ ئورۇندا ئىمام بۇخارىيمۇ بار ئېدى، ئۇ كىشىنىڭ قەلبىگە ھەدىسلەرنى توپلاش ئىشتىياقى چۈشتى، ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشچانلىق قىلىش ئارقىلىق سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلاپ چىقتى. ئىمام مۇسلىممۇ باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر كىتابىنى توپلاپ چىقتى، بۇ كىتابلاردىن پۈتۈن ئالەم مەنپەئەتلەندى ۋە مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ.

غەپلەتتە قالغان كىشى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھىتىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا چاقىرىلدى، كېيىن ئۇ ئۇممەتنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچىسى بولدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان ئىبنى ئەپپان، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋپ، تەلھە، ئەبۇبەكرى، ئۈبەيدە ئىبنى جەرراھ ۋە زۈبەير ئىبنى ئەۋۋاملارنى دىنغا دەۋەت قىلدى. ئۇلار جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگۈچى ئون كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولدى. نەسىھەت قىلىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ ۋاجىپ بولىدۇ، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولۇش، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۈگۈنۈش ۋە باشقىلارغا ئۈگۈتۈش، چۈشۈنۈش ۋە ئەمەل قىلىش، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، شەرىئەتتە بىدئەت پەيدا قىلماسلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىلىرى ئۈچۈن ھەقتە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ھەقنى ئەسلىتىش، ئۇلار ھەققىدە ياخشى دۇئالارنى قىلىش، ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىش، يامانلىقتىن مۇداپىئە قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «رەسۇلۇللاھ دىن نەسىھەت قىلىشتۇر دېدى. بىز كىم ئۈچۈن يا رەسۇلۇللاھ؟ دېسەك، ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مۇسۇلمان يول باشچىلار ۋە ئومۇمىي خەلق ئۈچۈن دېدى». ئاللاھ ھەر بىر ئىنسانغا نەسىھەت قىلىشنى بۇيرىدى، گەرچە ئۇ ئىنسان بەك ھەددىدىن ئېشىپ گەدەنكەشلىك قىلسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى نەسىھەت بىلەن ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا مۇنداق دېگەن: «پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ ھەددىدىن ئاشتى». ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇناپىقلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك ساھابىلارغىمۇ نەسىھەت قىلىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى. بۇنىڭ مىسالى؛ رەسۇلۇللاھ ئىبنى ئابباسقا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇل! سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھمۇ سىنى ياد ئېتىدۇ».

نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، نەسىھەت قىلىنغۇچىغا ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ قانائەتلەندۈرىشى زۆرۈر، ھايا قىلىپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتىن چەكلىنىپ قالماسلىق لازىم. نەسىھەتتە سۆزنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە تەسىرلىكلىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا يەنى ئىسلام دىنىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن». نەسىھەت چىرايلىق، يۇمشاق سۆزلەر بىلەن بولىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇشى مۇمكىن». نەسىھەت سەن بىلەن نەسىھەت قىلىنغۇچىنىڭ ئارىسىدا مەخپىي بولىشى كېرەك. ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" سەلەپلەر بىر كىشىگە نەسىھەت قىلماقچى بولسا مەخپىي قىلاتتى". ئەگەر سەن نەسىھەتنى مەخپى قىلمىساڭ، باشقىلار ئالدىدا نەسىھەت قىلىمەن دەپ، بىراۋلارنىڭ ئەيبىنى ئىچىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن، بۇ ھالەتتە سەن نەسىھەت قىلغۇچى بولماستىن بەلكى ئەيبلەرنى ئاچقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭ مۇمكىن.

ئەگەر نەسىھەت قىلىنغۇچى نەسىھىتىڭنى رەت قىلسا بۇنىڭغا بىئارام بولما، چۈنكى سەن مەسئۇلىيتىڭنى ئادا قىلدىڭ، ئۇنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغىن. ئىنسانلار ئارىسىدا ھىدايەتنى ئۈمىد قىلمايدىغان كىشى بولمايدۇ.

بۇ  ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى مۇمكىن، ياكى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن».

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ۋەز-نەسىھەتلەردىن پايدىلانغىلى مۇۋەپپەق قىلسۇن.

   

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز