قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 23/3/1430ھـ 2009-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان شەرىئەت يولغا قويغان پرىنسىپ ئاستىدا رىزقىنى ئىزدەشتە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىگە شۇكرى قىلىش، مۇسۇلمان ھاياتلىقنىڭ زىننىتى بولغان مال-دۇنيادىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىزدىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىسلام دىنىنىڭ ھورۇنلۇققا قارشى تۇرۇپ ھالال ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 ساغلام يول بىلەن رىزىق تەلەپ قىلىش توغرىسىدا

 

2009-يىلى03-ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"مال دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە ھېرىسمەنلىك ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقى تەقۋادارلىقتۇر.

ھەممىگە مەلۇمكى، مال- دۇنيا ھاياتنىڭ مۇھىم ئامىلى ۋە زىننىتىدۇر. ئىنسانلار ئەتتىگەن -ئاخشام پۇل تېپىشنىڭ كويىدا تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ. پۇل نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ۋە دىللىرىنى مال-دۇنيانىڭ مۇھەببىتى قاپلاپ كەتكەن. بەزىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە  قامدىسا، بەزىلەر كۆپنى تېخىمۇ كۆپەيتىمەن دەپ تىرىشىدۇ. بايلاردا تەمە، نائىنساپلىق ھۆكۈم سۈرسە، كەمبەغەللەردە غەم- قايغۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئوتتۇراھال يول تۇتقانلار بەك ئاز بولۇپ، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ رىزىق توپلاشتا ئوخشاش بولمىغان يول ۋە كەسىپلەرنى قوللىنىدۇ. ھەر بىر ئىنسان قەلبىدىكى ئارزۇسى، پۇل- مالغا بولغان ئېتىقادىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەركەت قىلىدۇ. بۇ ئاساستا مال- دۇنياغا ئىگە بولۇش يولىدا ئوخشاش بولمىغان يوللارغا ماڭىدۇ. ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ.

بەزىلەر كىچە كۈندۈز كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمەي داۋاملىق ھەركەت قىلىپ دۇنيانىڭ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. ئولتۇرسا-تۇرسا دۇنيانىڭ ئەندىشىسى ئۇنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالغان، دۇنيادىن باشقا ھېچنەرسىنى ئويلىمايدۇ ۋە قولى باشقا ئىشقىمۇ بارمايدۇ. ئۇنداق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ رەززاق ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ، ئۆزىنى ھايات- مامات ئارىلىقىدا قالغان كىشىگە ئوخشاش ھېسابلايدۇ. ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ دۇنيا توپلاش پرىنسىپىدا ھالال- ھارامنى پەرقىتىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار "غايىگە يېتىش ۋاسىتە تاللىمايدۇ" دېگەن پرىنسىپ بويۇنچە ئىش كۆرىدۇ. بۇنداق مال توپلىغان ئادەم پۇلنى كۆرگەندە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇيدۇ، پۇلنى كۆرگەندە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ مال دۇنياغا چەكسىز ئىشتىياق باغلايدۇ ۋە ھېچ تويمايدۇ. بۇنداقلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بەك ماس كېلىدۇ: "ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى تاغ ھەجمىدە ئالتۇنى بولسا ئۇنى ئۈچ قىلىمەن دەپ يۈگۈرەيدۇ، قارنى ھېچ تويمايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىنى توپىدىن باشقا ھېچنەرسە تويغۇزالمايدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر".

مال- دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ئىنساننىڭ نەپسى تويماس بالاغا قېلىپ، ئازغا قانائەت قىلمايدۇ، ئۆزىدە شۇنچە كۆپ بايلىق بولسىمۇ كۇپايىلەنمەيدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكى بايلىققا كۆز تىكىپ ئارام تاپالمايدۇ.

پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەكسىچە بەزى كىشىلەر باركى، دۇنيا بىلەن خوشى يوق، داۋاملىق يېتىپ-ئۇخلاپ، ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، جېنىنى ئۇپرىتىشنى خالىمايدۇ. كەمبەغەللىك، قەرزدارلىقتىن قورقمايدۇ. ئۆيىدە يېتىپ ئۇخلىسىمۇ بەلگىلەنگەن رىزىق قاچمايدۇ "ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش" دەپ ياشايدۇ ۋە دۇنيانىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغانلىق ئەخمەقلىق، ئۇنىڭدىن ئۆيدە يېتىپ ئارام ئالغان ياخشى دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ تەۋەككۇلچىلىك قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش تەۋەككۈلچىلىك ئەمەس، ھورۇنلۇق، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكتۇر. ئۇنداقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالسىڭىز سىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "سىلەر ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە خۇددى ئۇچار قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەكلا رىزىق بېرىدۇ. ئۇچار قۇشلار سەھەر ئۇۋىسىدىن ئاچ چىقىپ كېتىپ توق قايتىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟!" دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ.

بەزى كىشىلەر قانائەتچانلىق دېگەن ئۇقۇمغا زۇلۇم قىلىپ خارلىق، پەسكەشلىككە رازى بولۇشنى قانائەتچانلىق دەپ قارايدۇ.

ئۇلار ھاياتتا ئىگىلىك تىكلەش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، تىرىشىپ-تىرمىشىپ پۇل تېپىپ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن بىھاجەت قىلىپ، خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىلەرگە يېتىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ.

ھەقىقىي بەختلىك مۇسۇلمان رىزىق تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشتا ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ. داۋاملىق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەيدۇ، پېشانىسىدىن تەر ئاققۇزىدۇ. ھېچقاچان ھورۇنلۇق قىلمايدۇ. ھالال رىزىق تېپىش يولىدا نومۇس قىلمايدۇ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى تەركىدۇنيالىق، دەرۋىشلىقتىن چەكلەپ، دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن شەرىئەت نۇرى ئاستىدا پايدىلىنىشقا چاقىرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملىق كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەيتتى. ئىسلام دىنى داۋاملىق مۇسۇلمانلارنىڭ باي، كۈچلۈك، مەدەنىيەتلىك بولۇشىنى خالايدۇ.

ئىسلام ئىنسانلارنى كەمبەغەللىكتىن ھەزەر ئەيلەپ، ئىقتىسادلىق بولۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. باشقىلارغا يۈك بولۇشتىن چەكلەيدۇ. ئەينى چاغدا ئىنساننى ھەددىدىن ئېشىپ زالىملىققا ئېلىپ بارىدىغان بايلىقتىنمۇ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ھەقىقى مۆمىن ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىنى بايلىققا ئەمەس يەككە-يىگانە ئاللاھقىلا باغلايدۇ.

پۇل-مال كېلىپ - كېتىدىغان نەرسە. بەزىلەر بايلىققا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر بولسا كەمبەغەللىك، يوقسۇللۇقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. ھەقىقىي مۆمىن بەندە قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ سەۋەپ قىلىدۇ، رىزىقنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ. نەتىجىدە رىزىقنى كىمگە بېرىش كىمدىن توسۇپ قويۇش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. رىزىقنىڭ دەرۋازىسى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئېچىلمايدۇ، ئاللاھ ھەممە ئىنسانغا ئۆزىگە لايىق رىزىقنىڭ يوللىرىنى ياراتقان. ھېچكىشى - ھېچكىمنىڭ رىزقىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ، رىزىقمۇ بېرەلمەيدۇ. ئىنسانلار بىر- بىرىگە رىزىق ھاسىل قىلىش يولىدا پەقەتلا ۋاسىتىلىك رولىنى ئېلىشتىن باشقىغا قادىر ئەمەس.

ئاخىرقى ھېسابتا رىزىق بەرگۈچى، رىزىقنى توسۇپ قويغۇچى ئاللاھ تائالادۇر.

شۇ ھەقىقەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، تىرىشقان تاپىدۇ، تېرىغان ئورايدۇ. سەۋەبىنى قىلماستىن رىزىققا ئىگە بولۇش بولمىغاندەك، تېرىماستىن مەھسۇلاتقا ئىگە بولۇشمۇ يوق.

رىزىق مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپتۇر. بۇ ھەقتە بەندىلەر ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىنى بىلىپ، تېگى- تەكتىگە يېتىپ  بولۇشتىن ئەقلى ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، رىزىق بەرگۈچى ئاللاھتۇر. بىزلەرنىڭ رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدا سەۋەپ قىلىشتىن باشقا ئىشقا قۇدرىتىمىز يەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەرنىڭ رىزقى دېڭىز ئوكيانلارغا چېچىلغان بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ رىزقى ئاسمانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ رىزقى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن بولىدۇ، كانلاردا بولىدۇ. ھەقىقىي مۆمىن ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن رىزقىغا رازى بولىدۇ.

رىزىق ئەقىلغا باغلىق ئەمەس. كۆپلىگەن ئاقىللارنىڭ ئاچ قالغىنى، كۆپلىگەن ئەقىلسىزلارنىڭ بايلىقنى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ھال، مۆتىدىل دىن بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھال بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. رىزىق يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشاشنى خالىمايدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بەرگۈچى قول ئالغۇچى قولدىن ياخشىدۇر دېگەن". ئىش قانچە ئاددى، تۆۋەن بولسىمۇ بىكار يېتىپ باشقىلارغا يۈك بولغاندىن ياخشىدۇر.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "قولى بىلەن ئىشلەپ يېگەن تائامدىن لەززەتلىك تائام يوق. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئىشلەپ يەيتتى دېگەن".

ئاللاھ بارچىمىزنى ھالال رىزىقتىن رىزىقلىنىشقا نېسىپ قىلسۇن، بىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ھارامدىن ساقلىسۇن. ئامىن!.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز