قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1430/3/30 -ھىجرىيە 2009-يىلى 03-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئەپۇچانلىقنىڭ پەزىلىتى، ئەپۇچانلىق گۈزەل ئەخلاقلاردىن بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ سۈپەتلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئەپۇچانلىقنىڭ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكى، ئاچچىق كەلگەندە سەۋر قىلىش، نادان بىلەن ئالاقە قىلغاندا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلىشنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئەجىرلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەپۇچان بولۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى

 

2009-يىلى 03-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق ۋە خەير-ساخاۋەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق، خەير-ئېھسان قىلىشتا بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى، ھەمراھلىرىدىن كۆرۈلگەن ئەدەپسىزلىكلەرنى، بىر-بىرىدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىش، خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سالماسلىق، ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا قارىماسلىق ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىش، كاتتا سۈپەت ۋە ئېسىل خىسلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كىلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار، تەقۋادارلار كەڭچىللىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئادىللىقنى يولغا قويدى، ئۇ قىساس ئېلىشتۇر. ئېھسان قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئۇ قاتىلنى ئەپۇ قىلىشتۇر. ئەپۇ قىلىش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. بۇنىڭ نەتىجىسى چەكسىز بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئەپۇ قىلىش ئىنساننى ئىززەتلىك قىلىدۇ. كەمتەرلىك مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ». خاتالاشقانلارغا سەۋر قىلىش، جاھىللارغا كەڭ قوساق بولۇش، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىش ئالى مەرتىۋە، شەرەپلىك خىسلەتلەردىن بولۇپ، بۇنىڭغا توغرا يول تۇتۇپ سەۋر قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋىرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ». ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ زات قوپال، يىرىك ئەمەس، كوچىلاردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايتتى، يامانلىق قىلغۇچىلارغا يامان مۇئامىلە قىلمايتتى، ئۇلارنى ئەپۇ قىلاتتى ۋە كەچۇرۇۋېتەتتى».

ئىنسان قەلبى كۆرۈنەلمەسلىك ۋەسۋەسىسى، ئۆچمەنلىك نەپرىتى، دۈشمەنلىك ئوتلىرى ۋە ھەسەت تۇيغۇلىرىدىن سالامەت بولمىغىچە خاتىرجەملىك، راھەت ۋە بەخت-سائادەت تاپالمايدۇ. قەلبىدە ئاداۋەت ساقلىغان كىشى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىدۇ. ئەسكىلىك قىلىغان كىشى ئۈچۈن يامانلىقنى يوشۇرىدۇ، تۇرمۇشى خاتىرجەملىكتە بولمايدۇ، قەلبىدە داۋالغۇش، بەدىنىدە ئاجىزلىق ھېس قىلىپ ئۆز ئابرويىنى يوقىتىدۇ. خاتىرجەملىك چىقىشقاقلىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ.

ئىمام ئەھمەدتىن خاتىرجەملىك ئون پارچە بولۇپ بۇنىڭدىن قانچە پارچىسى كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ، خاتىرجەملىكنىڭ ئون پارچىسىنىڭ ھەممىسى  كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كۆڭلۈم ئاداۋەت غەملىرىدىن راھەتلىنىپ، ھېچكىشىگە ئۆچمەنلىك قىلمىغىنىمدا خاتىرجەملىك ھېس قىلىمەن». ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قوساق بولۇشنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىشقا، دەۋاگەرلىك قىسىنچىلىقىدىن ئەپۇچانلىق راھىتىگە، قىيىنچىلىقتىن تۇرمۇشنىڭ ئاسانچىلىقىغا يۈزلىنىشكە، ئارىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىپ دوستلۇقنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا ئۆزرۈلەرنى قوبۇل قىلىپ، مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى ئۆزرىنى قوبۇل قىلىش گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. سىلەر يامانلىق قىلغۇچىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر بولغاندا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئىنتىقام ئېلىش قۇربىتى بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىپ ئەپۇ قىلىۋېتىڭلار. ئابدۇللا  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى، رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! خىزمەتچىلىرىمىزدىن قانچىلىك ئەپۇ قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىدى، ئىككىنچى قېتىم سورىغىنىدا يەنە گەپ قىلمىدى، ئۈچىنچى قېتىم سورىغىنىدا، ئۇ كىشىگە: ھەر كۈنى ئاز بولغاندا يەتمىش قېتىم ئەپۇ قىلغىن دېدى».

ئاللاھ ھەممىمىزگە بۇ ئۇلۇغ خىسلەتنى ئاتا قىلىپ، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلالايدىغان، سەۋرچانلىق بىلەن زىننەتلەنگەن گۈزەل ئىمان ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز