قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/4/1430 ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ياخشىلىققا بۇيرۇش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇشنىڭ پەزلى، ئەمرى-مەرۇپنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىلارغا ئاللاھنىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ياخشىلىققا بۇيرۇپ چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇش جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى ئاساسلىق ئامىل

 

2009-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ئەھمىيىتى» توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ پەرزلەرنى بەلگىلىدى، بۇنى زايا قىلىۋەتمەڭلار، پرىنسىپلارنى بېكىتتى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمەڭلار، مەلۇم نەرسىلەردىن چەكلىدى، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە ھۆكۈم قىلمىدى، ئۇ توغرىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارماڭلار». ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلەرگە بىر-بىرىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنى پەرز قىلدى. چۈنكى بۇ ئىش دىن- دۇنيالىق تەرەپتىكى ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەتلەر، گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەت، بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىقنى چەكلەيدىغان ئامىل بولغانلىقىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر».

ئاللاھ تائالا بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۆز شەرىئىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ دىنىنى ئۆزگەرتمەي، ئۆز قەۋمىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگەن كىشىلەرنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن(يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار، ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ، ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر».

ياخشىلىق چۈشەنچىسى دىنىمىزدا؛ ئىسلام دىنى بۇيرىغان بارلىق پەرز، ۋاجىپ سۈننەت-مۇستەھەپ ئەمەللەردىن ئىبارەت بولۇپ، قۇرئان-ھەدىس كىشىلەرنى ئىككى دۇنيادا ياخشىلىقى بېكىتىلگەن ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالامۇ كىشىلەرنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا، دائىم نېمەتلىنىدىغان جەننەتكە كېرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار كۆزدە تۇتىلىدۇ.

يامانلىق چۈشەنچىسى دىنىمىزدا؛ دىندا چەكلەنگەن بارلىق ھارام، مەكروھ ئىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلام دىنى كىشىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە يامانلىقى بېكىتىلگەن، دۇنيادا بۇزۇقچىلىق-پاساتچىلىققا، ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار كۆزدە تۇتىلىدۇ.

ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىشىڭلار كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ سىلەرگە يېقىندىلا ئازابنى ئەۋەتىدۇ، ئاندىن ئاللاھغا دۇئا قىلىسىلەريۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن(ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن) ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن(سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق)ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر». بەزى ئالىملار ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى بۇ ياخشىلىقنىڭ ئىسلامدا بېكىتىلگەنلىكىنى بىلىشى، چەكلەنگەن يامانلىقنىڭمۇ ئىسلامدا چەكلەش بېكىتىلگەنلىكىنى دەلىللەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. شۇنداقلا ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى ۋە يامانلىقتىن توسقۇچى ئۆز

تەبىئىتىدە ھېكمەتلىك، ئېلىم-مەرىپەتلىك، بۇيرىغان ۋە توسقان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىدىغان، دەلىللەرنى ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىدىغان، ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش بولغاندا ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى يېتەكچى قىلىدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا يەنى ئىسلام دىنىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ».

دىندا چەكلىمە قويۇلغان ئىشلارنى قول بىلەن ئۆزگەرتىش ھوقۇقدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇن باسارلىرىغا خاس بولىدۇ، ھېكمەت بىلەن ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ تېلى بىلەن ئىنكار قىلىش بولسا مۇنكەر ئىشتىكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى بىلىدىغان ھەممە كىشىگە خاس بولىدۇ، دىلى بىلەن ئىنكار قىلىش بولسا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش بىلەن يامانلىقتىن توسۇش بىر-بىرىنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، ھەرۋاقىت بىر-بىرىنى لازىم تۇتىدۇ. كىمكى ياخشىلىقنى ياخشى كۆرۈپ يامانلىقنى ئۆچ كۆرمىسە، بۇ خاتالىق ھېسابلىنىپ سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسمايدىكەن، بىر ۋاجىپنى تەرىك ئەتكەن بولىدۇ، يامانلىقتىن توسۇپ ياخشىلىققا بۇيرۇمايدىكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ مۇستەھكەم تۇتقۇسى بولغان مۇھەببەت-نەپرەت قارىشى ئېنىق بولىشى كېرەك.

ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش؛ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈشتۇر.

ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش؛ ئاللاھ تائالا ئۆچ كۆرگەننى ئۆچ كۆرۈشتۈر. ياخشىلىققا بۇيرۇشتا ئالدى بىلەن ئۇ ياخشىلىقنى ياخشى كۆرۈش، يامانلىقتىن توسۇشتا ئۇ يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈش تەقەززا قىلىنىدۇ. سەلەپلەرنىڭ بەزىلىرى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچى كىشىلەر ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە توغرىلىسۇن دەيدۇ: «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب(يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر». ئاللاھ تائالا شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن». ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچى سەۋرچان بولىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسىلىرىگە ئەگىشىپ ئۇلارغا ئازار يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىلارغا دۇنيادا بېرىدىغان ساۋابى تىز بولىدۇ، بۇ ساۋاب ئاخىرەتكىمۇ كېچىكتۈرۈلىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ساۋابى دۇنيانىڭكىدىن كاتتا بولىدۇ، دۇنيادا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ(يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)». ئىنساندىن سادىر بولغان خاتالىق ناماز، روزا، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىنى كاتتا ساۋابىنىڭ نەتىجىسىدە گۇناھى سەۋەبىدىن دۈچ كېلىدىغان ئازابتىن قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا يامانلارنى يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىلارنى دەرتلىك ئازابتىن قۇتقۇزۇپ دائىملىق جەننەتتە تۇرغۇزۇشقا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېدى: «گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلار، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغۇچىلار، ئاللاھغا ھەمدۇسانا سانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار(يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ئەھلى جەننەتتۇر)، مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن».

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز