قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/5/1430ھـ/ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويۇنچە قارىلىق تۇتۇشى ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن پرىنسىپلىرىدىن ئىكەنلىكى، قارىلىق تۇتۇش جەريانىدا بەزى ئىشلارنى ئاشۇرۇۋەتمەستىن شەرىئەت ھۆكمىنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ قارىلىق تۇتۇشى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام  ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە  «ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇشى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسى» دېگەن مەزمۇندا  تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر بىر جانلىققا ئۆلۈمنى بېكىتتى. ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرىگە قارىلىق تۇتۇشىنى شەرىئەت يولغا قويدى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئېرى ۋاپات بولغان ئاياللار ئۈچۈن بېكىتكەن بەلگىلىمىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» بەقەرە سۈرىسى 234-ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئاياللارنىڭ ۋاپات بولغان تۇغقانلىرىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارلىق تۇتۇشى توغرا ئەمەس، ئەمما ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتۇشى كېرەك».

ساھابىلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى بارلىق ئالىملار ۋاپات بولغانلارغا قارىلىق تۇتۇشنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلدى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتۇشىنىڭ ۋاجىبلىقى، باشقا تۇغقانلىرى ئۈچۈن بولسا 3 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق قارىلىق تۇتۇشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بايان قىلدى. قارىلىق تۇتۇش ئىسلامدا مەلۇم ھۆكۈملەر ۋە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان قائىدىلەر بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، ئاياللارنىڭ قارلىق تۇتقاندا مەلۇم رەڭدىكى كىيىمنىلا كىيىشى، چاچ تاراش، يۇيۇنۇش ۋە پاكىزلىققا دائىر ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىنىشى قاتارلىق بەزى ئىشلار شەرىئەتتە ئەسلى يوق ئىشلاردىندۇر. شۇنىڭدەك قارىلىق تۇتقۇچىلارنى دۇرۇس ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەش، بەزى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن، ئاي يورۇقىدا ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىشتىن چەكلەش، كىشىلەردىن مۇتلەق ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇش ياكى ھەرقانداق ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئىسلامدىكى قارىلىق تۇتۇش قائىدىلىرى دەپ چۈشىنىش توغرا ئەمەس. بۇنداق ئىشلار ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ بولغان ئەسلى يوق ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

قارىلىق تۇتۇش بولسا، توغرا نىكاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ گەرچە بىرگە بولۇشتىن بۇرۇن ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئايالنىڭ قارىلىق تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭدەك «رەجئى تالاق» قىلىنغان (ئىددەت ئىچىدە يېنىۋالسا بولىدىغان) ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئېرى ۋاپات بولسا ئۇ ئايالنىڭمۇ ئىرى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشىنى كۆپچىلىك ئالىملار ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ ئېرى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغۇش بىلەن تامام بولىدۇ، تۆت ئاي ئون كۈن توشمىسىمۇ قارىلىقنىڭ ۋاجىبلىقى ئادا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى(مەيلى قويۇۋېتىلگەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) بوشىنىش بىلەنلا تۈگەيدۇ».

قارىلىق تۇتۇشنىڭ ۋاقتى ئېرى ۋاپات بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، گەرچە بۇنى ئايال بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئوخشاش، ئېرىنىڭ ۋاپات بولغىنىنى كېيىن بىلسە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتمۇ ئىددەتكە ھېساب بولىدۇ ۋە ئىددەتنىڭ قالغىنىنى تاماملايدۇ. سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى بويۇنچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئارتۇق ئىددەت تۇتۇش توغرا بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى بويۇنچە قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى بەلگىلەنگەن بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچى: قارىلىق ئىددىتى ئىچىدىكى ئاياللار كىيىم-كېچەك ۋە بەدەنلىرىگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ئادەتتە زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغان مايلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

ئىككىنچى: قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئاياللار ئەرلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن پۇت-قوللىرىغا خېنە يېقىشتەك ئىشلارنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك. ئۈچىنچى: كۆپ يىغلاپ كۆزى ئاغرىپ قالىدىغان ئىشلار بولسا كەچتە سۈرمە تارتىپ، ئەتتىگەندە يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بايان قىلغان ھەدىسى بار.

تۆتىنچى: قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللار تەلپۈنىدىغان بەك چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئادەتتە كىيىدىغان كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ.

بەشىنچى: ئالتۇن-كۈمۈش ۋە مەرۋايىت، ئالماس ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىشى چەكلىنىدۇ. (چۈنكى بۇ تۈردىكى نەرسىلەر ئايال كىشىنىڭ جامالىغا ھۆسن قوشىدۇ ۋە باشقىلارنى جەلىپ قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.-م-)

قارىلىق ئىددىتى تۇتقۇچى ئاياللار قارىلىقنى ئادەتتە ئەر-ئايال بىرگە ياشىغان ئۆيدە تۇتىدۇ، لېكىن بۇ ئۆيدە تۇرسا مەلۇم زىيانغا ئۇچراش ياكى باشقا زۆرۈر سەۋەبلەر بولۇپ قالسا، باشقا ئۆيدە قارىلىق تۇتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋەقەلىك بولغان، پەرىيئەتە بىنتى مالىكنىڭ ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قارىلىق ئىددىتىنى قەيەردە تۇتۇشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىددەت توشقۇچە ئېرىڭنىڭ ئۆيىدە تۇرىسەن دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتقان.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندە، بۇ ئايالنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ بۇنىڭ ھۆكمىنى سوراپ، شۇ بويۇنچە ھۆكۈم قىلغان.

قارىلىق ئىددىتى تۇتۇۋاتقان ئايال زۆرۈر ھاجەت بولمايدىكەن قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز