قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/6/1430ھـ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئالىملارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسى، مىللەتنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دەرس لاھىيەسىنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىلگىرى ۋە ھازىرقى ئەسىردە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئىلىم ۋە ئالىملارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىش لازىم، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى كۆتۈرۈشتە ئىلىمنىڭ ئورنى ئىنتايىن چوڭدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقى تەقۋادارلىقتۇر.

ئەرەبلەر ئىجات قىلغان مەدەنىيەت مائارىپىنىڭ باشلىنىشى مەسچىتتىن باشلانغانلىقىدا شەك يوق. مەسچىت بىنا قىلىنىپ ئىلىم شۇ مەسچىتتىن دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن دۇنيا خەلقى ئەرەبلەرنىڭ كىملىكىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بورۇن ئەرەبلەر تارىخ سەھنىسىدىن يىراق ئىدى.

ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى تەربىيە بىلەن يانداشقان ئىلىم ئارقىلىق ئىنسانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى بىلگەنلىكى، ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ. ھازارەت ۋە مەدەنىيەتلەر بىلىم ئارقىلىق بىنا قىلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىشى، گۈللىنىشى ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بىلىم ئىمان بىلەن بىزەلگەندە دۇنيا-ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ.

تەپەككۇر ئىجات قىلىدىغانلار، تىل تەتقىقاتچىلار، مىللەتنىڭ كېلىچەك تەقدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، پەرزەنتلەرنى دىنى ئاڭ، مىللى كۆز قاراش، ۋەتەن سۆيگۈسى روھى بىلەن تەربىيىلەپ چىققۇچىلار ئەنە شۇ ئالىملاردۇر. ئالىملار بارلىق ھۆرمەت-ئېھتىرامغا سازاۋەردۇر. مۇئەللىم ۋە مۇئەللىمەلەر ئۆزىگە لايىق مەرتىۋىگە سازاۋەر بولۇشنى خالىسا ئۇلار ئاشكارا مەخپى ھاللاردا ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك. باشقىلارغا بارلىق ئىشلىرىدا ئۈلگە بولىشى كېرەك. مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئەنە شۇ ئۇستازلارنىڭ بوينىغا يۈكلەنگەن ئامانەتتۇر. ئاللاھ ئۇستازلاردىن، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ ئۆز لايىقىدا بىلىم ئۆگەتتىمۇ يوق؟ دەپ ھېساب ئالىدۇ. مۇئەللىم شاگىرتلىرىغا ئەخلاق پەزىلەت ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆزى شۇ ئەخلاق پەزىلەتنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىشى كېرەك. )دىنى ئېتىقات، مىللى مەنپەئەت، ۋەتەن چۈشەنچىسى بولمىغان ئۇستازلاردىن كېلىچەك ئەۋلادلارنى غايىلىك، جۈرئەتلىك، ھەقىقەتپەرۋەر قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشى ناتايىن.

بىلىش كېرەككى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، بىلىم تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن ياراملىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش لازىم. ئۇ مەبلەغ ھەقىقىي پايدا بېرىدىغان سەرمايىدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنسانلارنى دىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ. ئەنە شۇ بىلىملەر ئارقىلىق مىللەتنىڭ كېلىچەك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولالايدۇ، باشقىلارغا بېقىندى بولمايدۇ.

زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئىجادىيەت، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. مائارىپ تەرەققىياتى چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتقان ھازىرقى زاماندا، زامانىۋى پەن- تېخنىكىلار ھېچكىشىگە قاراپ تۇرمايدۇ. پايدىلىق بىلىم ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش كېرەك ۋە شۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ھەرساھەدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش لازىم.

ئۇستازلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامانەت تاپشۇرۇلغان ئامانەتدارلاردۇر. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇلار ئەۋلادلارنى ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا تەربىيىلەش، تەۋھىد ئەقىدىسى بويىچە ئىبادەت قىلىشقا كۆندۈرۈش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇنداقلا ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىسى، پىكرى ساغلاملىقىغا مەسئۇلدۇر.

مائارىپ ۋە مائارىپ ساھەسى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانى خوجىلىق مەسىلىسى بولۇپ، ھەربىر دۆلەتنىڭ مۇكەممەل ئەركىنلىكى بولىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تەلىم-تەربىيە سىستېمىسىنى باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىش توغرا ئەمەس. ھەربىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ ئادەتتە ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، مائارىپ ساھەسى بويىچە دەرسلىك لايىھە تۈزۈشتە شۇ خۇسۇسىيەتلەرگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك. تەلىم تەربىيە سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان مال بولماستىن، بەلكى ئۇ مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئېتىبار بىرىلگەن ئاساستا دەرسلىك لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا مەزكۇر مىللەتنىڭ مۇنقەرز بولىشىدا گەپ يوق. بۇ بىر ھەقىقەت بولۇپ ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ كۆرۈشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى بارلىق تەلىم-تەربىيە پىلانلىرىدا مىللىي، دىنى كىملىكىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ئەۋلادلار ئىسلامى كىملىك بىلەن تەربىيىلىنىشى لازىم. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، مائارىپ تۈزۈمىدە قىزلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، جىنس پەرقىگە رىئايە قىلىش ئەقلى ۋە شەرئىي جەھەتتىن ھېچكىشى ئىختىلاپ قىلمايدىغان مەسىلىدۇر. بۇ ساھەدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەجرىبىسى ئالاھىدە بولۇپ، يۇنىسكونىڭ دوكلاتىدا ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغاندۇر. ياۋرۇپالىقلارمۇ قىزلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىشنى مۇناسىپ كۆرگەنلىكى ھەممىگە ئايان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مائارىپ سىياسىتىدىكى ئۆزگىچىلىكتىن بىرى ئوتتۇرىھاللىق ۋە مۆتىدىللىقتۇر.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز