قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 3/7/1430ھـ 2009-يىلى06-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا غەپلەتنىڭ تۈرلىرى، قەلبنىڭ غەپلەتتە قىلىشىنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، دىنى مەجبۇرىيەتلەردىن غاپىل بولۇش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشتىن غاپىل بولۇش ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىنسان قەلبىنىڭ غەپلەتتە قىلىشى

 

2009-يىلى 06- ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى تەقۋادارلىق قىلىشقا،ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا  تەۋسىيە قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

دۇنيادىكى ھاياتلىق كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە يوقىلىدۇ ۋە ئەھۋاللار ئۆزگىرىدۇ. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھېچ مەخلۇقنى مەڭگۈ ياشايدىغانغا ياراتمىدى ۋە تائەت-ئىبادەتكە بۇيرۇلمايدىغان، گۇناھ- مەسىيەتتىن چەكلەنمەيدىغان، غەرەز ۋە نىشانسىز ياشايدىغان قىلمىدى. بەلكى ئۇلارنى ئۆز پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىپ، مېھرىبان-شەپقەتلىك ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختلىك بولىدىغان، ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىزلىككە دۇچار بولىدىغان قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار!» نىسا سۈرىسى 69 -ئايەت.

ھەقىقەتەن بۇ دۇنيادا ھەر كىشى ئۆلۈم شارابىنى ئىچىدۇ. سەكرات ئازاۋىنى تېتىيدۇ. دۇنيادا نېمەتلەندۇرۇلگەن بارلىق لەززەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ) ئال-ئىمران سۈرىسى 185-ئايەت. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار». يەنە بىر ھەدىستە: «ئۆلۈم ئىبرەت ئىلىشقا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن.  ئۆلۈمدىن كېيىنكى بولىدىغان ئەھۋاللارنى ئىنسان بىلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ قەبرىسىنىڭ جەننەتنىڭ باغلىرىنىڭ بىرى ياكى دوزاخنىڭ ھاڭلىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاخىرەت ھاياتى ياكى دائىم نېمەتلىنىدىغان ۋە ياكى ئەبەدىي-ئەبەت ئازابلىنىدىغان ھاياتلىقتىن ئىبارەت. ئىنسان دۇنيادا قەلبنىڭ ھاياتلىقى بىلەن بەختلىك بولىدۇ. قەلبى سەگەك ئىنسان بارلىق ئىشلىرىدا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ. كىمكى ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتلىك ھېسابى يەڭگىللىشىدۇ. مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆز نەپسىڭلاردىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇڭلار، ئەمەللىرىڭلار ئۆلچىنىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار. چوڭ ھېساب مەيدانىغا بېرىشتىن  بۇرۇن تەييارلىق قىلىڭلار». ھەقىقەتەن قەلبنىڭ ھاياتلىقى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەلبى ھايات ئىنسان ياخشى ئەمەللىرى سۇيۇنىدۇ ۋە ئۇنى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سىلىشى بىئارام قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر» ئەنپال سۈرىسى 24-ئايەت.

قەلبنىڭ ھاياتلىقى ئاللاھنى بىر بىلىش، ياخشى كۆرۈش، تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ئادەتلىنىش، ئىتائەت قىلىش بىلەن خۇرسەن بولۇش، ئاسىيلىق قىلىشنى ئۆچ كۆرۈش، مەڭگۈلۈك دىيارغا قايتىشقا تەييارلىق قىلىش، مەغرۇرلۇقتىن ھەزەر قىلىش، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. قەلب تولۇق ھاياتقا ئېرىشسە ئىنسان دۇنيادا پاكىزە ھاياتتا ياشايدۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى» سۈرە ئەنئام 122-ئايەت. ئەبەدىيلىك تولۇق ھاياتقا قەلبى ئىمان بىلەن، ئىش-ھەرىكەتلىرى قۇرئان-سۈننەت بىلەن زىننەتلەنگەن كىشىلەر ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن - كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقى ھايات (يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى)» سۈرە ئەنكەبۇت 64-ئايەت. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن ئاللاھنى ياد ئەتمەيدىغان كىشىنىڭ مىسالى ھايات بىلەن ئۆلۈككە ئوخشايدۇ». ئىنساننىڭ ھالاك بولىشى ئاللاھدىن غاپىل بولۇش ۋە ياخشىلىق يوللىرىدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن بولىدۇ. غاپىللىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى كۇپۇرلۇق ۋە ھەقىقى مۇناپىقلىق بولۇپ بۇ تۈردىكى كىشىلەر قەلبى ئۆلگەن، بەختسىز، بارلىق ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولغۇچى، تائەت-ئىبادەت ئەمەللەرنى قىلمايدىغان، گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلەنمەيدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھايۋانى ئىستەك، جەننەت ئۈچۈن رىغبەتلەنمەيدىغان، دوزاختىن ئەنسىرىمەيدىغان، تاپا-تەنىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمايدىغان، پەرز-ۋاجىبلارنى تەرىك قىلىپ، ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇدىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا - كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ، بۇ (يەنى ئازاب) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر ، ئۇلار راستلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر» سۈرە نەھل 106-109  ئايەتكىچە.

ئىككىنچىسى: كۇپۇرلۇق ۋە ھەقىقى مۇناپىقلىقتىن تۆۋەنرەك بولۇپ، بۇلارنىڭ پەرقى كىشىلەرگە ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق، مۇسۇلمان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق بىلەن نۇرغۇن ئەجىر-ساۋاپلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە كەمچىلىكىنىڭ باراۋېرىدە گۇناھ-مەسىيەتنى سادىر قىلىدۇ. بۇ ھەق-ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى ھېسابلىنىدۇ.

نېمەتكە شۈكۈر ئېيتماسلىق، يەپ-ئېچىپ يۇرۇپ نېمەتلەندۇرگۈچىنىڭ كاتتىلىقىنى ئويلىماسلىق، تىگىشلىك ھەققىنى ئادا قىلماسلىق، ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلىنىدىغان، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكنىڭ ئۆزىگە قايسى يول بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئويلىماسلىق، پۈتۈن دۇنيانىڭ بەدىلىگىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان تەن-ساقلىق ۋە تىنچ-ئامانلىقتىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە شۈكۈر ئېيتماسلىقتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرلۈك بۈيۈك نېمەتنىڭ قەدرىنى ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بىلمەيدۇ». ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەممە جانلىقلاردىن پەزىلەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا ئەقىلدىن ئىبارەت نېمەتنى ئاتا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بۇ نېمەتكە شۈكۈر ئېيتماستىن چەكلەنگەن ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ ۋە ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك، ھاراق-شاراب، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. ياخشىلىق ۋە پەزىلەتكە قارشى ئىشلىتىدۇ ياكى مەنپەئەتلەنمەستىن تاشلىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ بەرگەن مال-دۇنياسىغا شۈكۈر ئېيتماسلىق، مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماسلىق. دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى ئىسلاھ قىلماسلىق، جەمئىيەتتە تىنچ مۇھىت يارىتىشقا تىرىشماسلىق، مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىنى ئويلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز