قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا دەججالنىڭ چىقىشى ۋە پىتنىلىرى توغرىسىدا ئانالىز ئىلىپ بېرىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىمانسىزلىق، پىتنە-پاسات ۋە ئەخلاقسىزلىققا ئوخشىغان ئىشلارنى دەججالنىڭ چىقىشى بىلەن باغلاپ چۈشەنچە بېرىدۇ. دەججالنىڭ زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ پىتنە ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ساغلام ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشى دەججالغا ئوخشاش مەلئۇنلارنىڭ پىتنىلىرىدىن ساقلاپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

دەججال ھەققىدە چۈشەنگەنلىرىم

 

قەدىرلىك قېرىنداشلار! دەججال توغرىسىدا زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلىرىمىز ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. دەججالنىڭ پىتنىلىرى شۇنچىلىك ئاشكارە بولىۋاتقان، ئازغۇنلۇق ئەتراپىمىزنى قاپلىغان، ئەتراپتىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئالماستىن بەخىرامان يۈرۈۋاتقان مۇسۇلمانلىرىمىزغا قاراپ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججال ھەققىدە ساھابىلەرگە ئېيتقانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ، دەججال; ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنى بېيىتىش ئارقىلىق، ئىمانىمىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولىشى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۇممىتىنى ئاگاھلاندۇرغان بۇ دەججال زادى كىم؟ بىزنىڭ دەججالغا بولغان چۈشەنچىمىز قانچىلىك؟ بۇ توغرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پىكىر ئورتاقلىقى تۇرغۇزۇش نىيىتىدە قەلەم تەۋتىرىۋاتىمەن.

  دەججال ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنىدىن ئىبارەت بىر مەخلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن باشلاپ قىيامەت قايىم بولغىچە ئارىلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت دەججالنىڭ چىقىشىدۇر.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

دەججال ئىنسان پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاخىر زامان بولغاندا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىلىقىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىققاندا، دەسلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىكنى، ئاندىن ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، سۆزىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاسمانغا بۇيرۇق قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زېمىنغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا سۇ ۋە ئوت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتى سوغۇق سۇدۇر، سۈيى ئوتتۇر. ھەر بىر مۆمىن ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلىشى، ۋاقىت يار بەرسە سۈرە كەھفنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇشى، ئۇنىڭ پىتنىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]

دەججال يەر يۈزىدە 40 كۈن تۇرىدۇ، بىر كۈنى بىر يىلدەك، يەنە بىر كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك ئۇزۇن بولىدۇ. قالغان كۈنلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ مەككە ۋە مەدىنىدىن باشقا ھەممە يېرىگە بارىدۇ. ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

  ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن، ساھابىلەرگە دەججال ھەققىدە مۇنۇلارنى دېگەن: "مەن سىلەرنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرمىغان بىرمۇ پەيغەمبەر يوق، ھەتتا نوھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما مەن سىلەرگە ھېچقايسى پەيغەمبەر ئوز قوۋمگە ئېيتمىغان بىر ئىشنى ئېيتىمەن. بىلىڭلاركى دەججال بىر كۆزلۈك، ئاللاھ بىر كۆزلۈك ئەمەس." [بۇ ھەدىسنى  مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججال توغرىسىدا سۆزلىگەن ھەدىسلىرىدە، بىزنى ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھ بولۇشقا ۋە ئاللاھقا سېغىنىپ داۋاملىق پاناھ تىلەشكە تەۋسىيە قىلغانلىقى، ئۇنىڭ مۇسۇلماننىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ بۈيۈكلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى دۇئانى ئەتراپىدىكىلەرگە خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى. «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ جەھەننەم ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ».. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى دەججالنىڭ خەتىرىدىن بۇ دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن، بىز چوقۇم ئۇنى تونۇشىمىز ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىگە يولۇقۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىشىمىز لازىم.

ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئوچۇق ئاشكارا بولىۋاتقان ھاياسىزلىقتىن كوچىغىمۇ چىققىڭىز كەلمەيدۇ. زەھەر چېكىدىغانلار ئۇچۇن مەخسۇس رايونلار تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يەردە ھەممە ئادەم كۆرىدىغان سورۇنلاردا زەھەر چېكىۋېرىدۇ، ھاياسىز، ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىۋېرىدۇ . ئەتراپىدا ساقچىلار خۇددى ئۇلارنى ھىمايە قىلىۋاتقاندەك قاراپ تۇرىدۇكى، ئۇلارنى توسمايدۇ. ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا ئىنسانىيەتنى، خالىغاننى كۆڭلى تارتقاننى قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەت ئارىسىدا پاساتچىلىقنى تېرىماقچى. يىغىنچاقلىغاندا مانا بۇ سىز ھەۋەسلىنىۋاتقان ياۋروپانىڭ رېئاللىقى. بىز ئۇلارنى دورىماستىن، دىنىمىز بىلەن ئىززەتلىك، مىللىتىمىز بىلەن شەرەپلىك، ۋەتىنىمىز بىلەن پەخىرلەنگەن ھالدا، ئىسلامى ئەخلاق ۋە ئىدىيەنى ھاياتىمىزدا ئابىدە تىكلەپ ياشىساق، ئاللاھ بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چىقىش يولى ئاتا قىلغۇسى ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ ساقلاپ قالغۇسى!.

زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاتالمىش مەدىنىيەتلىشىش شوئارى ئاستىدا، ئىنسانىيەت ئەخلاقسىزلىققا يۈزلەندى ۋە يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بالىلار، ياشلار بۇ بۇزۇقچىلىقلارنى قەيەردىن ئۆگىنىدۇ؟ ئۇلارغا بۇ ئۇچۇرلارنى كىم يەتكۈزىدۇ؟ ئەلۋەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن، تېلېۋىزور ۋە ئىنتىرنت، جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سېرىق مەزمۇندىكى گېزىت ماتېرىياللاردىن ئۆگىنىدۇ. بەلكى سىز مەندىن بۇلارنىڭ دەججال بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. جاۋابىم شۇكى، يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ دەججال بىلەن ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار. مىسالغا ئالساق: فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بىر فىلىم ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەيدۇ. سىز بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ فىلىملەرنى شۇنچە جىق پۇل سەرپ قىلىپ ئىشلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكى سىز ئاددىيلا قىلىپ "ئەلۋەتتە  پۇل تېپىش ئۇچۇن" دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن ، چۈنكى بىز دەل مانا مۇشۇ "ھەممە پۇل ئۇچۇن" دېگەن ئىدىيە بىلەن چوڭ بولغان ھەم بالىلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئىدىيە بىلەن چوڭ بولىۋاتىدۇ.  بىز نېمە ئۇچۇن شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىمىز، ئەخلاقىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات مەزمۇندىكى فىلىملەرنى كۆرۈشتىن ئۆزىمىزنى تارتالمايمىز؟!. بىز ئۆزىمىزنى دىنىمىزدا چەكلەنگەن ۋە ئەھمىيەتسىز دەپ قارالغان ئىشلاردىن چەكلىيەلىسەك، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ ساقلىنىپ قالالايمىز. دېمەك؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشىمىز لازىم. چەكلەنگەن، ئەھمىيەتسىز ئويۇن-تاماشالار دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن بىر پىتنىدۇر. بىز ئاللاھقا قانچىلىق يېقىنلاشساق، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە ياردىمىنى شۇنچە قولغا كەلتۈرەلەيمىز.(يەنى بىز مىللەت ئۈچۈن ئويۇن-تاماشالار ئارتۇقچىلىق قىلىدۇ، بىز ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ۋە كۆڭۈل بولىدىغان مۇھىم ئىشلار ئىنتايىن كۆپتۇر. كىلىچەك ئەۋلادلىرىمىزىنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، بىلىم ئىلىشىمىز، تەلۋىلەرچە تىرىشىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن غەيرەتكە كىلىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر).

بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە بولسا ياشلىرىمىز ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇچۇن دېسكوخانا، پاھىشخانىلارغا يۇگىرەيدىغان بولدى.(چۈنكى بىز ناخشا-مۇزىكا دېگەن نەرسىلەردىن ئېغىز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ) ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەجدادلىرىمىز ئىچ پۇشۇقىنى دىن، ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، كېلىچىكى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمەلىي مەيداندا خىزمەت قىلىش بىلەن چىقىراتتى. بۈگۈنگە قەدەر بىزگە يىتىپ كەلگەن مۇقەددەس ساغلام ئەقىدىمىز، مىللى ئۆرپ-ئادىتىمىز، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق تارىخى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

ئەمدى سىزدىن سوئال سوراپ باقاي؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ دىنى ئېتىقادىڭىز، مىللى ئەنئەنىڭىز، ئىنسانى ئەخلاققا زىت ئىشلارنى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كېرىپ شىرىن خىياللىرىڭىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىۋاتقان پەيتلەردە ئاللاھنى ئەسلەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىڭىز؟ ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىدىغانلىقىڭىز قاتارلىقلارنى ئېسىڭىزگە ئالامسىز؟ ئەلۋەتتە ئالمايسىز!!. ئەگەر سىزدە ھەقىقى ئىمان، راستچىللىقنى چىقىش قىلغان مىللەتچىلىك مەۋجۇت بولسا، تاغۇتلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماستىن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ پرىنسىپىگە مەھكەم ئېسىلىسىز، ئەجدادلىرىڭىزنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆرنەك قىلىسىز.

جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا شېرىك كەلتۈرەتتى. ئاللاھنى يوق دەيدىغان ئىنساپسىزلار يېقىنقى بىر قانچە ئون يىل مابەينىدە مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ بارلىققا كەلدى. ئۇلار ياراتقۇچىنى، ئۆلۈمنى، ۋە قىيامەتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئاتالمىش تەرەققىياتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى. جەمئىيىتىمىزدىمۇ، دەججال كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا ئاللىبۇرۇن تەييارلىق قىلىپ قويغان، مۇسۇلمانمىكى دېسىڭىز مۇسۇلماندارچىلىقتا يوق، مىللەتچىمىكى دېسىڭىز مىللەتچىلىكتە يوق، نومۇسسىز بەزى بىر كىشىلەر ھاياتىنى ئىرادىسىزلىك قورشىغان مەنىسىز تۇرمۇش ئىچىدە ياشىماقتا.

ئىبنى جۇنادەھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "دەججال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ سول كۆزى كۆرمەيدۇ. ئۇ(دەججال) تۇغما قارىغۇ ۋە ماخاۋ كېسەللىرىنى داۋالايدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. ئو كىشىلەرگە "مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار" دەيدۇ. كىمكى، "شۇنداق، سەن بىزنىڭ رەببىمىز" دەيدىكەن، ئو چوڭ پىتنىگە قالىدۇ. كىمكى "مىنىڭ رەببىم ئاللاھ "دەيدىكەن،  ئۇ كىشى تاكى ئۆلگىچە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھېچقاچان فىتنە ۋە ئازاب يەتمەيدۇ. دەججال زېمىندا ئاللاھ خالىغان مەزگىلگىچە قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەيسا ئىبنى مەريەم غەرب تەرەپتىن چىقىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ". بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.  

مۆمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئۆرنەك ئىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ پاك سۈننىتى بىلەن تۇرمۇش كەچۇرىۋاتسا، ئاللاھدىن غاپىل كىشىلەر ئاتالمىش چولپانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ياشاۋاتىدۇ.

ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق مۇسۇلمان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرگىزمۇ ئوز نەپسى-خاھىشى بىلەن گەپ قىلمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ، ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى» سۈرە نەجم 3- 4-5- ئايەتلەر.

ئى قېرىندىشىم! سىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان دىنى ئەھكام ۋە ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئەگىشىپ، رېئاللىق تۇرمۇشىمىزدا ئۇ زاتنىڭ سۈننىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە تىرىشقىنىمىزدەك، جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر كىشىلەر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن قوبۇل قىلغان ھەر بىر سۆزگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتىدۇ، رېئال ھاياتتا تەتبىقلاۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل ئىبادەتنىڭ ئۆزىدۇر! ئىبادەتنىڭ مەنىسى بوي سۇنۇش، ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر. ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، دىنى پرىنسىپ، مىللى ئەخلاقتىن يىراقلىشىپ ھايات كەچۈرسە، دەججالنىڭ ئۆزى كەلگەندە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ - دە! چۈنكى ئۇلار ئاللاھدىن غاپىل قالدى، ئاللاھنى قويۇپ ئوز نەپىسى - خاھىشى، ئەيش-ئىشرەت، ئويۇن-تاماشالارنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئويۇن-تاماشا ۋە ئەخلاقسىزلىقنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھېس-تۇيغۇغا كىلىپ قالدى. مانا بۇ دەل دىن دۈشمەنلىرىنىڭ، ئىنسانىيەتنى خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنى رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىز قىلىپ، ئۆز ئەقىدىسى، مىللىتى، ۋەتىنىدىن تانىدىغان، ئۆز ھەق-ھۆقۈقلىرىدىن ۋاز كىچىدىغان، مەيدانسىز، غۇرۇرسىز، جۇرئەتسىز قىلىپ يېتەكلەپ، ئىسلام ئەھلىنى دەججالنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلاۋاتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەججال ئۇچۇن قوشۇن تەييارلاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قوشۇنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بىلەن ئەلۋەتتە غەلبە قىلىدۇ.

شەكسىزكى، ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىن كوپ ھەرتۈرلۈك پىتنىلەر بار. بىز چوقۇم ئىمانىمىزنى قوغداپ، شەيتاننىڭ ئالدام خالتىسىغا چوشۇپ كەتمەسلىك ئۇچۇن دەججال ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىدىن  داۋاملىق ھۇشيار بولىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۇچۇن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل قالماسلىقىمىز ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن بويىچە ئاللاھدىن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن داۋاملىق پاناھ تىلىشىمىز لازىم .

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا: بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىغا ئەگىشىشىمىز، رېئال تۇرمۇشىمىزنى ئىمان ۋە ئىسلامى ئەخلاق بىلەن بىزىشىمىز، جەمئىيەتتىكى ئازغۇن ۋە ناشايان ئىشلارغا ئەگەشمەستىن قارشى تۇرۇشىمىز، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەججالدىن ئىبارەت بۇ مەلئۇننىڭ پىتنىسىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، گۈزەل ئىسلامى ئەخلاقنى بەرپا قىلىپ، مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتىدۇر.

سۆزۈمنى جانابى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ» سۈرە رەئد 11-ئايەت.

ئاللاھ ھەممىمىزنى رەھمىتى بىلەن ئوز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئۆزۈم  ئۇچۇن ۋە  بارلىق مۆمىن ئەر ۋە ئاياللار ئۇچۇن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز