قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 10/7/1430ھـ 2009-يىلى07-ئاينىڭ03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا ياشلارنىڭ يازلىق تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەتىلنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە مەنپەئەتلىك پائالىەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى، دىن ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتكە يات ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

يازلىق تەتىل ۋە ئۇنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

 

2009-يىلى07- ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللىغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە جامائەتكە "مەكتەپلەردە تەتىل بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئوغۇل ۋە قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز پۈتكۈل تىرىشچانلىقىلىرىنى سەرپ قىلىپ، يۈكسەك ھىممەت بىلەن ئىمتىھانلىرىنى ئاياغلاشتۇردى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەر بېرىشىنى تىلەيمىز.

ئەمدى ئالدىمىزدا يازلىق تەتىل بار. بۇ ۋاقىتلىرىنى كەلگۈسى ياخشىلىقى ئۈچۈن پۇرسەت بىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشقانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!

ۋاقىت يا پايدىلىق دوست ۋە يا زىيانلىق دۈشمەندۇر. ئۇنىڭ دۈشمەنلىكى ئۇنى زايا قىلىۋېتىشتا، ئۇنىڭ دوستلىقى ئۇنىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلىشىتىدۇر. ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىر نەچچە يەردە ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلغان. مەسىلەن: ئەسىر ۋاقتى بىلەن قەسەم، تاڭ ۋاقتى بىلەن قەسەم، كېچە بىلەن قەسەم، كۈندۈز بىلەن قەسەم، چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەر ۋاقىتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى.» [سۈرە فۇرقان: 62]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئىككى نېمەت بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ؛ بىرى سالامەتلىك يەنە بىرى بوش ۋاقىت» دەيدۇ.

زامانىۋى ھاياتنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىمۇ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا مەلۇماتلارغا ئىگە بولىشى، ۋاقىتلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئۆتكۈزۈشى ھاياتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. ئارام ئالماي داۋاملىق ئىشلەش ئىنسانغا مالاللىق، ئىشقا خوش ياقماسلىق ئېلىپ كېلىدۇ ـ دە، ئىنساننىڭ ھىممىتى ئاجىزلىشىدۇ. ئەمما يىلنىڭ ئىچىدە مەلۇم مۇددەت دەم ئېلىش، زېھنىنى ئارام ئالدۇرۇش، بىر يېڭىلىنىش بولۇپ، ئىنسانغا قىزىقىش، ئېنېرگىيە ۋە ئىشلەش تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.

ئىنسانلارغا مەنپەئەتلەر ئېلىپ كېلىش ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىسلام شەرىئىتى ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاسانلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان ئىشلار بىلەن باغلىۋالمايدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز.» [سۈرە يۈسۈف: 12]

ئۆلىمالار دەم ئېلىشتىن مەقسەت: كۆڭۈل ئېچىش ۋە زېرىكىشنى يوقىتىش دەيدۇ. ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالمىغان تەقدىردە دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئىسلامدا ھالال ئىشتۇر. ئىبنى جامائە رەھىمەھۇللاھ: "ئىنسان مالال بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلسا، كۆڭلىنى ئارام ئالدۇرۇشى مۇھىمدۇر" دەيدۇ. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: "كىشىنىڭ مۇباھ بولغان ياخشى ئىشلار بىلەن ھەقكە ياردەم ئىزدىشى سالىھ ئەمەللەردىندۇر" دەيدۇ.

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشتىكى تەلىماتىنى بىلمەسلىك، بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىدىن خەۋەرسىز بولۇش، مىللەت ۋە جەمئىيەتلەرنى بوشاڭلىق ۋە تۇرغۇنلۇق چوڭقۇرىغا تاشلايدۇ. بۇنىڭدا پايدىلىنىشقا تېگىشلىك قۇدرەتلەر، ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئېگە تالانتلار زايا بولۇپ كېتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى ئارام ئېلىش ئۇسۇلى بوش ۋاقىت ۋە تەتىللەرنى خۇشاللىق، ئۈمىد ۋە ئارزۇلار بىلەن قارشى ئالىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بىر خىل ئىشتا ئىشلەۋېرىپ، مالاللىق، زېرىكىش، ئىشقا خوش ياقماسلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولۇشىنى يامان كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك سەلبىي كۆڭۈل ئېچىش، ھاۋايى ھەۋەس، نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىش، كۆڭۈل ئېچىش باھانىسى بىلەن ھەر تۈرلۈك نا شەرئى ئىشلارنى قىلىشقا، ئاخىرىتىنى دۇنياغا، سائادىتىنى زاۋاللىققا تېگىشىشكە رازى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىنساننى ھورۇنلۇققا، ئىشتىن قېچىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ھورۇنلۇق ئەۋج ئالغان مىللەتلەردە پەزىلەت نۇرى ئۆچۈپ، رەزىللىك، چۈشكۈنلۈك باش كۆتۈرىدۇ-دە، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق تۇيغۇسى بارلىققا كېلىدۇ. قىلالايدىغان ئىشلاردىنمۇ كۆز قورقۇتىدىغان ئەھۋاللار بارلىققا كېلىدۇ.

شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان دەم ئېلىش-ھالال يول بىلەن كۆڭۈل ئېچىش، ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى يوقلاش، تائەت ـ ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، بىلىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزىلەر تەتىل بولسا باشقا مەملىكەتلەرگە سەپەر قىلىدۇ. بۇنىڭمۇ شەرىئەتتە قائىدىسى بار. ئەگەر سەپەر قىلىش باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، يېڭى ئىجادىيەتلەرنى كەشپ قىلىش ئۈچۈن بولسا، بۇ شەرىئەت تەرغىب قىلىدىغان سەپەر بولىدۇ. ئەگەر سەپەر قىلىش كاپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىپ، ئۆز يۇرتىدا قىلالمىغان ئويۇن ـ تاماشلار ۋە ھارام ئىشلارنى راھەت قىلالىشى، تونۇيدىغان كىشلەر يوق يەردە ھەر تۈرلۈك شەھۋانىي ئىشلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىش نىيىتىدە بولسا، بۇ شەرىئەتتە ھارام بولغان سەپەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دەم ئېلىش، راھەتلىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتا ئىسلام تەلىماتلىرى، گۈزەل ئەخلاق، مىللى ئۆرپ-ئادەت ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا مېڭىشنى نېسىپ قىلسۇن، ياشلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك يامان يوللارغا كېرىپ كېتىشتىن ساقلاپ، دىن ۋە مىللەت-ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان ئوغلانلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز