قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 17/7/1430ھـ/ 2009-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا بەندىنىڭ ھەقىقەت ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى، مۇسىبەت ۋە كېلىشمەسلىككە سەبرى قىلىشى، ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھتىن ياخشى گۇماندا بولىشى قاتارلىقلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانغا ئاتا قىلغان بۈيۈك پەزىلىتى ئىكەنلىكى، ئىماننى ئاجىزلىتىدىغان پىتنە-پاسات، ھېسسى ۋە مەنىۋى بۇزۇقچىلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم تەۋسىيەلەر ھۆزۈرۈڭلاردا.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر

 

2009-يىلى07-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، مۇسۇلماننىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ئاشكارا-يوشۇرۇن نېمەتلەرگە چۆمدۈردى. نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل-ئالىيلىرىنى تاللاپ خالىغان بەندىلىرىگە بەردى. ئۇ بولسا توغرا يولغا يېتەكلەش. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نېمەتلەردىن مەنپەئەتلىنىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئۇلارنى بۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ» سۈرە ھىجر 2-ئايەت.

بۇ كافىرلار  يوقاتقان نېمەتنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەلبلەر ئاللاھنىڭ ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئاللاھ ئۇنى ئۆز خاھىشى بىلەن تەسەررۇپ قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئەۋلادلىرىغا نېمەتنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان: « ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى» بەقەرە سۈرىسى 132-ئايەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن نېمەتنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى قەلبلەرنى ئۆرۈگۈچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن».  ئىلىم ئەھلىلىرى مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى ئازدۇرۇۋەتمىگىن».  ھەر بىر مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشنىڭ سەۋەبى بولغان نېمەتنى  ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن نامازلىرىدا دائىم دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان. يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرغان پىتنىلەر بەزى ۋاقىتتا بۇ نېمەتلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر تامچىلىرىنىڭ ئورنىنى كۆرگەندەك پىتنىنىڭ ئورنىنى كۆرەلەيمەن». پىتنە-پاسات ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەردىن باشقا بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. پىتنىگە يېقىنلاشقان كىشى ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدۇ. ھايات كىشى پىتنىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «پىتنىلەر قەلبكە بورا ياغىچىدەك ئايرىم-ئايرىم ھالدا توغرىلىنىدۇ، قايسى قەلب بۇنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇ قەلبكە قارا چېكىتلەر ئۇرىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.  بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزى سەزمىگەن ھالدا دىندىن چىقىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«سىلەر قاراڭغۇ كېچىدەك زۇلمەت قاپلىغان پىتنىلەرگە ئۇچراپ قىلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، ئەتتىگەندە مۆمىن بولغان كىشى كەچتە كافىر بولۇپ كېتىدۇ ياكى كەچتە مۆمىن بولغان كىشى ئەتتىگەندە كافىر بولۇپ كېتىدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا تىگىشىۋېتىدۇ» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئەرلەر ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن ھەزەر قىلمىغىنىدا، ئۇلار سەۋەبلىك ئاسانلا پىتنىگە چۈشۈپ قالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن كېيىن ئەرلەر ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنە ئاياللاردۇر» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

مال-دۇنيا، بايلىق ئىسلام ئۈممىتىگە بېرىلگەن پىتنىدۇر. بەزى ۋاقىتلاردا مال ئىنساننى دىنغا كىرگۈزىدۇ ۋە دىندىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچىمۇ بولىدۇ. توغرسى مالنى ھالالدىن تېپىپ يۈرەككە تاڭماستىن قولىدا تۇتۇپ ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك. ھۆكۈملەرنىڭ مۇئەييەن بولمىغانلىرىنى ئىزدەش، ھالال-ھارام مەسىلىلىرىدە رۇخسەت قىلىنغانلىرىنىلا تۇتۇش، ھارام ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ھىلە ئىشلىتىش  مۇسۇلماننىڭ دىنى ئېتىقادىغا داغ چۈشۈرىدىغان ئىشلاردىندۇر. كىچىك گۇناھلارغا سەل قاراش ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھنى تۆۋەن ساناشتىن ساقلىنىڭلار، گۇناھلار جۇغلىنىپ ئاخىرىدا ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. ياراتقۇچىسىغا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلماسلىق بىلەن  ئىنسان ئاللاھتىن يىراقلىشىدۇ. بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»سۈرە سەپ 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 ئۆزىدىن ۋە قىلغان ئەمەللىرىدىن ئەجەبلىنىش، پەخىرلىنىش ئىنساندا تەكەببۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇقنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام  ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھدىن ياردەم سورىدى، ئاللاھ ئۇنى ساقلىدى.«يۇسۇف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۈر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۇسۇفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» سۈرە يۇسۇپ 33- 34-ئايەتلەر». ياخشىلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراش، ئەمەلدىن سۇسلىشىش كېيىن ياخشى ئەمەللەردىن چېكىنىشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىخلاس بىلەن ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم، جەمئىيەتتە كۆرۈلۈۋاتقان خاتالىقلارغا قاراپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئۈمىدسىزلىنىش نەپسىنىڭ ئاجىزلىقىدۇر. قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش، مۇسۇلماننىڭ دىندا بىلىشى زۆرۈر بولغان ھۆكۈملەر توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىش دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ (ئىمانىنى) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى» سۈرە نەھل 102-ئايەت. تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغان، يامانلىقلاردىن يىراق تۇرغان كىشى دىندا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى.گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى» سۈرە نىسا 66-ئايەت.

ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئىماننى كۇچلاندۇرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغان ئەمەل، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەلدۇر» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغان ئەمەلنىڭ نەتىجىسى كۆپ قىلىپ ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەلدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولىدۇ".  

بىلىملىك كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇش قەلبكە راھەت بېغىشلاپلا قالماستىن ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئىنساننى پەزىلەتكە يېتەكلەيدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخي ۋە تەرجىمىھاللىرىنى ئاڭلاش ھىممەتنى ئاشۇرۇپ ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت، ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» سۈرە ھۇد 120-ئايەت. ئاللاھ تەرىپىدىن پۈتۈلگەن بالا-مۇسىبەت، قىيىنچىلىقلارغا رازى بولۇش دىننىڭ ئاساسىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەملىك ۋە خۇرسەنلىك ھاسىل بولىدۇ. مۆمىن كىشى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە بالا-مۇسىبەتكە بەك سەۋىر قىلغۇچى، قاتتىقچىلىقتا دىندا مۇستەھكەم تۇرغۇچى، زۇلۇم ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغاندا ئاللاھتىن ياردەم سورىغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە قانائەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھتىن ياخشى گۇمان قىلىش ئاللاھقا ئېسىلىش ۋە دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. (يەنى مۆمىن بىرەر ئىشقا مۇپتىلا قىلىنسا ئاللاھتىن ياخشى گۇمان قىلىپ، بۇ ئىشتا ئاللاھ بىزگە بىر ياخشىلىق ئىرادە قىلغان بولىشى مۇمكىن دەپ چۈشىنىشى ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.-مۇھەررىر-) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھغا بويسۇنغان، كۇپايە قىلغۇدەك رىزىق بىرىلگەن، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە قانائەت قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشتى» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئىمانمۇ كېيىم كونارغاندەك كونىرايدۇ، ھەر ۋاقىت تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش بىلەن ئۇنى يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى نېمەتلەرنى ئۈمىت قىلىش  نەپسىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىشتىن تىزگىنلەيدۇ.  ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشىغا مۇيەسسەر قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىشى زۆرۈردۇر. ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئەقىدىگە دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەش دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىندۇر. نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، موھتاجلارغا ئېھسان قىلىش...قاتارلىقلار مۆمىننى پىتنىدىن ساقلاپ، ئاللاھنىڭ پەزلىنى ھەرۋاقىت يادلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز