قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 23/8/1430ھـ/2009-يىلى08-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختىشى، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، روزىدارنىڭ تولۇق بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان روزىغا دائىر ئەھكاملارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

روزىغا دائىر مۇھىم ئەھكاملار

 

2009-يىلى 08- ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاپ جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "رامىزان ئېيىغا دائىر مۇھىم ئەھكاملار" دېگەن تېمىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمان بۇ ئايدا پەم پاراسەتلىك بولۇپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىش، بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، بۇيرۇقلىرىغا تولۇق بويسۇنۇشى لازىم. بۇ مۇبارەك ئايغا خاس بەزى مۇھىم ئەھكاملار بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى تولۇق بىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تۆۋەندە بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بەزى مۇھىم تەۋسىيە ۋە ھۆكۈملەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1-بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنى مۇشەققەت بولمىسا روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. (بۇ سەلەپ سالىھلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئىستىكىنى تۇرغۇزۇشتا تۇتقان يوللىرىدىن.)

2-ياشانغان مويىسپىت ئەر-ئاياللارغا روزا تۇتۇش بەك قېيىن بولسا ئۇلار روزا تۇتماستىن ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن كەمبەغەللەرگە بىر يىرىم كىلو مىقدارىدا يېمەكلىك بېرىشى كېرەك. روزا تۇتۇشى قېيىن بولغان كېسەللەر  رامزاندا روزا تۇتماستىن ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى بۇيرۇلىدۇ. شۇنداقلا روزا تۇتسا كېسىلى ئەدەپ كېتىدىغان ياكى شىپا تېپىشى كىچىكىدىغان كېسەللەرمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كېرىدۇ.

روزا تۇتسا كېسىلىگە چوقۇم زىيان قىلىدىغانلىقى بىلىنسە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا روزا تۇتماسلىقنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى ئۆلىمالار ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى: بۆرىكىنى يۇدۇرغان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كېسەللەر بولسا ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەكلىك بېرىدۇ (بۇنىڭ ھۆكمى ياشىنىپ قالغانلىقتىن روزا تۇتالمىغان كىشىنىڭكىگە ئوخشاش). ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە روزا تۇتماستىن كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر پەقەت بالىسىغا زىيان يىتىپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە، قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەكلىك بەرسە ياخشى بولىدۇ.

3- رامزاندا سەپەر قىلغۇچىلار سەپەر ئۇستىدە  قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى مۆلچەرلەنسە مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقى ياخشى، قىيىن بولمىسا روزىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن بۇ توغرىدا ھەدىسلەر سۆزلەنگەن. ئەمما سەپەرنىڭ قىيىنچىلىقى تەكىتلەنسە بۇ ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل دەپ قارىلىپ، روزا تۇتۇش يامان كۆرىلىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلىق سەپەر ئۇستىدە روزا تۇتۇش ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.»[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

4-رامزاندا ۋە رامزاننىڭ غەيرىدە روزا تۇتقۇچىلار كىچىدە ئۆزىنىڭ روزا تۇتىدىغانلىقىنى نىيەت بىلەن بېكىتىشى كېرەك، ئەمما نەپلە روزا بولسا كۈندۈزى نىيەت قىلسىمۇ بولىدۇ، شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، كۈندۈزى روزىدار تۇرۇپ ئىپتار قىلىشنى نىيەت قىلىدىكەن گەرچە بىر نەرسە يېمىسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ نىيىتىگە ئاساسەن روزىسى بۇزۇلىدۇ(بۇ پەرز روزىدا شۇنداق بولىدۇ، نەپلە روزىدا بۇنىڭ زىيىنى يوق).

5- روزا تۇتقۇچى ناچار سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى ساقلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يالغان سۆز ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش، نادانلىقنى تەرك قىلماي تۇرۇپ يىمەي-ئىچمەي روزا تۇتقىنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچ نېمىگە پايدىسى بولمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

6-روزىدار كىشىگە رامزاننىڭ كۈندۈزىدە بىرەرسى دەشنام قىلسا مەن روزىدار دېيىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا قالقاندۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە ناچار سۆز قىلمىسۇن ۋە ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرمىسۇن، بىرەرسى ئۇنى تىللىسا ياكى دەشنام قىلسا ئۇ كىشىگە مەن روزىدار دېسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

7- ئادەت كۆرگەن، نىپاسدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلار كىيىن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ھەيىزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ساقايغانلىقىنى بىلسە ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولىدۇ، گەرچە غۇسلى قىلمىغان بولسىمۇ سوھۇرلۇق يەۋېلىپ تاڭ ئاتقاندىن كىيىن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. كۈندۈزى ھەيزنىڭ ئالامەتلىرىنى ھېس قىلغان ئەمما كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاشكارا بولغان بولسا ئۇ ئايالنىڭ بۇ كۈندىكى روزىسى دۇرۇس بولىدۇ. قىرىق كۈن بولۇشتىن بۇرۇن نىپاستىن ساقايغان ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ناماز ئوقۇشى پەرز بولىدۇ، ئەمما قىرىق كۈن ئىچىدە يەنە نىپاس ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇمۇ نىپاسدارلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

8-ئۆتكەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى سەۋەبسىز بۇ يىلقى رامىزانغىچە كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس، ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالغان بولسا روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەكلىك بېرىدۇ، ئىمكانىيەت تۇرۇپ سەۋەبسىز پەرز روزىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلماستىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇ كىشىنىڭ روزىسىنى تۇتىدۇ، ئەمما قازاسىنى قىلىشقا پۇرسەت بولماي ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا پەرزەنتلىرى ئۇ كىشىنىڭ مېلىدىن ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەكلىك بېرىدۇ.

9-شەرىئەت قائىدىلىرىدە روزا بۇزۇلىدىغان ئاساسلىق ئىشلار يېمەك-ئىچمەك، ئەر-خوتۇننىڭ كۈندۈزدە بىرگە بولىشى ياكى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن شەھۋەت بىلەن سپېرمىنى چىقىرىۋېتىش، ھىجامە قىلدۇرۇش، كۆپ مىقداردا قان ئالدۇرۇش ۋە قەستەن قەي قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما ئىختىيارسىز قۇسۇپ سالسا بۇنىڭ زىيىنى يوق. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان روزىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلارنى روزا تۇتقۇچى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، روزا تۇتۇش ۋاقتىنى بىلىشى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن روزىدا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يېسە-ئېچسە بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك بۇ ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان يېمەك-ئىچمىكى ھېسابلىنىدۇ. رامزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇپ قۇۋۋەت ئوكۇلى بولمىغان باشقا تۈردىكى ئوكۇللارنى سالدۇرۇش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، لېكىن بۇنى كېچىسى سالدۇرۇش ياخشى، ئەمما قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرسا روزىسى بۇزۇلىدۇ. روزا تۇتقۇچى بۇرنىغا دورا تېمىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتقۇچىلارنى تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا بەكراق سۇ كىرگۈزۈشتىن چەكلىگەن. زىققا نەپەس كېسىلىگە گرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ ئېھتىياجلىق سۈنئى ئوكسىگېننى سۈمۈرۈشى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئوكسىگېن ئاشقازانغا بارمايدۇ. روزا تۇتقۇچىنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشى ۋە پۇرىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما خۇشپۇراق نەرسىلەرنى بۇرنى بىلەن سۈمۈرۈپ كانايغا يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. روزا تۇتقۇچى كۆزىگە ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىش بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. رامزاندا روزا تۇتۇپ قەستەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە كاپارەت( يەنى جازا) كېلىدۇ، كاپارەت ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭ كاپارىتى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازات قىلىش، بۇنى قىلالمىسا ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتۇش بۇنىمۇ قىلالمىسا ئاتمىش كەمبەغەلگە تويغۇدەك يىمەكلىك بېرىش بولۇپ بۇ كۈندە ئۇلارنىڭمۇ قازا روزىسىنى تۇتۇشى پەرز بولىدۇ.          

ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئۇلۇغ ئايدا بارچە ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن. ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز