قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/9/1430ھـ2009-يىلى09-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىدارنىڭ مەرتىۋىسى، رامزان ئېيىدىكى سەدىقە ۋە ئېھساننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى قاتارلىق مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامزان ۋە ياخشى ئەمەللەر

 

2009-يىلى 09-ئاينىڭ 04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك تائەت-ئىبادەت ۋە ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى يولغا قويغانلىقى، جەننەتتە چەكسىز نېمەتلەردىن لەززەتلىنىشى ئۈچۈن زاماننىڭ بەزى ۋاقىتلىرىنى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك قىلغانلىقى، رامزان ئېيى ياخشىلىقنىڭ مەۋسۇمى ئىكەنلىكى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىبادەتلەر تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت ئەھلىنىڭ پاك نەرسىلەردىن لەززەتلىنىشىمۇ، دوزاخ ئەھلىنىڭ تارتىدىغان دەرت-ئەلەملىرىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ. جەننەتنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغۇچىلار كىرىدىغان بىر ئىشىكى، سەدىقە قىلغۇچىلار كېرىدىغان بىر ئىشىكى بار بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار كىرىدىغان رەييان ئىسىملىك ئايرىم ئىشىك بار. ھەر بىر ئىشىكتىن كىرگۈچىلەرگە باشقا ئىشىكتىن كىرگەنلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مۇكاپات ۋە نېمەتلەر تەييار قىلىنغاندۇر. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ دۇنيادا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان تۈرلۈك ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان لەززەتلىرىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ، دۇنيادىكى ئەمەللىرىنىڭ كۆپ ۋە ساغلام بولىشى بىلەن، ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان نېمەت، لەززەت ۋە كۈتىۋىلىنىشمۇ ئۇنىڭغا قاراپ بولىدۇ.

شۈبھىسىزكى؛ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ياخشىلىقلىرى كۆپەيتىلىنىدىغان، گۇناھ، خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بۇ ئېسىل ئاينى نېمەت قىلىپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا، كۈندە ئوقۇغان بەش ۋاقىت ناماز، بۇ ھەپتىدىكى جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچىلىك، رامىزان روزىسى كېلەر يىلى رامىزانغىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ». روزا ئۆز ساھىبىغا شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ. ئالىملار: "مۇسۇلماننىڭ ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىش، بەلگىلىمىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشتا روزىدىنمۇ بەكراق ياردەمچى بولىدىغان ئەمەل يوق" دېگەن.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابى بەك يۇقىرى بولۇپ،  ھەر بىر ھەرپكە بىر ياخشىلىق، ھەر بىر ياخشىلىق ئون ھەسسە كۆپەيتىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ دۇنيادا قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلىشى بىلەن ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مەرتىۋىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. قەبىردە، مەھشەردە قۇرئان ئاللاھ تائالادىن ئۆز ساھىبىغا شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ. قۇرئان نۇر، ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قەلبىڭلار پاك بولغان بولسا ئېدى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ كالامىغا قانمايتتىڭلار».

پەرز نامازدىن كىيىنكى ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىدە ئوقۇلغان ناماز بولۇپ، كېچىدە ناماز ئوقۇش بولسا جەننەت ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى. ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى.» زارىيات سۈرىسى 15- 18 ئايەتكىچە. كېچىدە ناماز ئوقۇش بولسا جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار،  يوقسۇللارغا تائام بىرىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقان كېچىنى غەنىمەت بىلىپ ناماز ئوقۇڭلار، خاتىرجەم جەننەتكە كىرىسىلەر». ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە نامازنى كۆپ ئوقۇغانلىقى سەۋەپلىك تاپانلىرى يىرىلىپ، پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەن ئېدى. ساھابىلەرمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرۇپ كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيتتى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز - نەسىھەتتۇر، (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.» سۈرە مۇزەممىل 19- ئايەت. كىمكى تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇپ يانسا، كېچىچە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

قىيامەت كۈنى ئىنسان ئاللاھ يولىدا قىلغان سەدىقىسىنىڭ سايىسى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « شەيتان سىلەرگە پىقىرچىلىقنى ۋەدە قىلىدۇ ۋە پاسكىنا ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىدىن بولغان كەچۈرۈم ۋە پەزىلەتنى ۋەدە قىلىدۇ». خەير-ئېھسان قىلغۇچى مۆمىن دۇنيا-ئاخىرەتتە خاتىرجەملىكتە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كېچە-كۈندۈز، ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالەتتە ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن قورقۇنچ- بىئارام بولۇش بولمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ». سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پۇل -مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، كەلىمە تەۋھىدنى تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۆپ سەدىقە قىلغۇچى ئېدى، بىر نەرسە سورىغۇچىنى قۇرۇق قايتۇرمايتتى، بەرگەن نەرسىنىڭ كۆپلىكىگە قارىمايتتى، كىشىلەرگە بىر نەرسە بېرىش بىلەن سەدىقە قىلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، باشقىلاردىن بىر نەرسە قوبۇل قىلغاندىن كۆرە، باشقىلارغا بىرنەرسە بەرسە بەك خۇرسەن بولاتتى.

زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن بولۇپ، ئىسلام ئىنسانلارنى زاكات بېرىش ئارقىلىق مېلىنى پاكلاش، زىيادە قىلىش، كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش، قولىدىكى نەرسىنى چىقىرىش، خالىس نىيەت بىلەن موھتاجلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. زاكاتنى چىقارغاندا قەلبىدە باشقا نەرسىلەرنى مەقسەت قىلىشتىن ھەزەرلەندۈرىدۇ. ئازغۇنلۇق، گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە ھارام-چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشمۇ قەلبنىڭ زاكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆي-ئىچىدە ئوقۇغان نامىزى مەسچىتتە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەل بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر». ئاللاھ ھەممەيلەننى تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن جەننەتتە تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن لەززەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز