قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/9/1430ھـ/2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئىچىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقى، ئېتىكاپنىڭ شەرت ۋە ۋاجىبلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى

 

2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى نېمە دېگەن تىز! مانا رامزان ئېيى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەر بىرىمىز رامزاننىڭ قالغان ۋاقىتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ، بىزنى ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەختىمىزگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشايلى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

بىز ھازىر پەزىلەتلىك ۋە ساۋابى كاتتا بولغان رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە تۇرۇۋاتىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈندە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرگەندە بېلىنى چىڭ باغلاپ تېرىشىپ كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن بىدار ئۆتكۈزەتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. بۇ ئون كۈندە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بىر كېچە بولۇپ، بۇ كېچىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ئىبادەت بىلەن بىدار بولغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى تاق كېچىلەردە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.  بۇ كېچىدە دۇئا قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن قەدىر كېچىسىنى تاپسام  نېمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭغا: ئى ئاللاھ! سىلە كەچۈرۈم قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىلا، مېنى كەچۈرۈم قىلسىلا دېگىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

بۇ ئون كۈندە قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلارنىڭ بىرى ئېتىكاپ قىلىشتۇر، يەنى ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتنى لازىم تۇتۇشتۇر. بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئېتىكاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان».

ئېتىكاپ قىلىشتىكى مەقسەت: ئىنسان ئۆز نەپسىنى ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرۈش، دۇنيا ئىشلىرى ۋە كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلارنى مۇددەتلىك ئۈزۈش، قەلبىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە بېغىشلاپ، ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن  چەكلەپ قويىدىغان ئىشلاردىن خالى قىلىپ، تۈرلۈك ئىبادەت ۋە ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن زىننەتلەش كېرەك.

بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: "ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتى بىر كېچە ياكى بىر كۈندۈز بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يىراقلارغا كېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇندىن باشقا قانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېتىكاپتىمۇ تولۇق ھىجابلانغان ۋە ھايالىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئېتىكاپ قىلغۇچى شەرئى تەرەپتىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپ قىلىۋاتقان ئورۇندىن سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. ئەمما جۈمە نامىزى ئوقۇش، چوڭ-كېچىك تاھارەت ئېلىش، يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا يېمەكلىك ئېلىش ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چېقىشى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلىۋاتقاندا زۆرۈر ئىش بولمىسا ئۆيگە كىرمەيتتى». ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا كېسەل يوقلاشقا چىقمايدۇ. جىنازا نامىزىغا بارمايدۇ. ھەتتا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىشقا بارمايدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكى ئىشلارنى ئېتىكاپقا كېرىش ۋاقتىدا شەرت قىلغان بولسا قىلسا بولىدۇ. بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ياخشىسى رامزاننىڭ 21-كېچىسى كۈن ئولتۇرغاندا مەسچىتكە كېرىشى كېرەك. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك ھېيت كېچىسى ئۆزىنىڭ ئېتىكاپ قىلغان ئورنىدا قىلىپ ئەتتىگەندە ھېيت نامىزىغا چىقسا ياخشى بولىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەت بولغان ئېتىكاپنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارنى زايا قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ياخشى، چۈنكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۆزىگىلا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلاردىن ياخشى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئېتىكاپ قىلىشتىن چەكلىسە، ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك. شەرىئەت قائىدىلىرى ۋە توغرا بولغان دەلىللەرمۇ بۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېتىكاپ قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىشى، ئەگەر بالىلار كېچىك بولسا ئېھتىماللىقى بولغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بەكراق كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. ئېتىكاپتىن بولغان مەقسەتكە زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، كېچە-كۈندۈزدە يوقلاپ كېلىدىغان زىيارەتچىلەر بىلەن ئورۇنسىز پاراڭلارنى قىلىپ ۋاقىتنى زايا قىلىش، بولۇپمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئېتىكاپنى بىكار قىلىۋېتىدىغان غەيبەتلەرنى قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. چۈنكى شەيتان بۇنداق بولىشىنى بەك ياقتۇرىدۇ، ئەمما يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن نورمال پاراڭلىشىپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرسا بۇنىڭ زېيىنى يوق، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەپىييە رەزىيەللاھۇئەنھا يوقلاپ كەلگەندە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان.

ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپتىن ئىبارەت بولغان ئالى مەقسەتنى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن زىيادە ئۇيقىدىن، ئورۇنسىز پاراڭلاردىن ۋە كىشىلەر بىلەن ئارتۇقچە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى ياخشى بولىدۇ. شۇنداقلا مەسچىتكە كەلگەن باشقا ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، مەسچىتنىڭ ئەدەپلىرى ۋە تازىلىقىغا رىئايە قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ بەيتۇللاھ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئېتىكاپتا تۇرۇۋاتقانلار ناماز ۋاقىتلىرىدا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تۇرماستىن بەلكى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ تۇرۇشى كېرەك.

ئېتىكاپ قىلغۇچىلار توپلىشپ ئىلمى ۋە پىقھى مەسىلىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ئېتىكاپ قىلىش دېگەن خالى-تىنچ يەردە تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئىمام مالىك ۋە ئەھمەدتىن بايان قىلىنىشچە ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئالى مەقسەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشقىلارغا قۇرئان، پىقھى دەرسلەرنى ئۆگىتىشىمۇ ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېيىلگەن.        


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز