قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 20/10/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا نامازنىڭ ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىيىنكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىبادەت ئىكەنلىكى، ناماز تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەتكە بۇيرۇلۇپ كەلگەن ئىبادەت ئىكەنلىكى، نامازنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋاستىسىز پەرز قىلىنغانلىقى، نامازنىڭ ئىنسان ھاياتى ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، قىز-خانىملارنىڭ نامازنى ئۆيلىرىدە ئادا قىلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى قاتارلىق بۇ ئىبادەتكە دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا نامازنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى

 

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە، "نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە پەزىلىتى" توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەر ئۈچۈن ناھايتى كاتتا، ئېسىل، ياخشىلىقى داۋاملىشىدىغان، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان، قەلبىڭلارنى تازىلايدىغان، ئەخلاقىڭلارنى تۈزەيدىغان، رىزقىڭلارنىڭ كەڭرى بولىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان،  دۇنيادىكى ھاياتلىقنى گۈللەندۈرىدىغان، جەننەتتىكى ئورنۇڭلارنى يۈكسەك قىلىدىغان، بۇ ئەمەلنى قىلىش ئارقىلىق سالىھلارنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغان، كۆزلىگەن ئارزۇيۇڭلاردىنمۇ يۇقىرى نەرسىگە ئېرىشىدىغان بىر نەرسە بار، بۇ كاتتا نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟!، ئۇ بولسىمۇ بارلىق پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىنغان نامازدۇر. ناماز ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىيىنكى ئەڭ يۇقىرى ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزى يولغا قۇيغان بارلىق ساماۋى دىنلاردا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان، ئاللاھ ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كىشىلەردىن ناماز ئوقۇمىغانلارنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ھەر ئۈممەت. ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ.» ھەج سۈرىسى 34-35- ئايەتلەر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمەت-شەپقىتى بىلەن بۇ ئۈممەتكە  ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرنىڭ ئېسىللىكى ۋە چۈشۈرگەن كىتابنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرگە ئاتا قىلمىغان نېمەتلەرنى مەرھەمەت قىلدى. ئاللاھ نامازنى ئىسلام ئۈممىتىگە مېراج كېچىسىدە پەرز قىلدى. ئاللاھ ئۆز بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەزى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاسمانلارنىڭ ئەڭ ئالىسىغا ئۆرلىتىلىپ سىدرەتىل مۇنتەھاغا يەتكۈزۈلدى. ئاللاھ ئۇنى ھېچ قانداق كىشى يېتەلمىگەن ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈردى. ھېچ بىر پەرىشتىنىڭ ۋاستىسىز بەش ۋاقىت ناماز ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ھەر نامازنى ئەۋۋەلقى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىدا ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئى مۇھەممەد! بۇ ئىككى ۋاقىت سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقتى ئىدى، دېدى.

ئاللاھنىڭ نامازنى جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى ئىمام قىلىپ، ئۆزى بىۋاستە پەرز قىلىشى نامازنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى ۋە ئالاھىدە پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ نامازنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنى  قۇرئاندا بايان قىلىپ بەردى ۋە بۇنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەردى ۋە ساھابىلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلىم بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا سەپەردە ياكى مۇقىم تۇرغان ۋاقىتلىرىدا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى ۋە كىشىلەرگە: «مىنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگىنىڭلار بويۇنچە ناماز ئوقۇڭلار» دېدى. ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىدىن بۇرۇنقىلاردىن نامازنى تەلىم ئالدى. ھېچ بىر كىشى ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي تەرەپتىن بولسۇن نامازغا سەل قارىمىدى. ئاللاھنىڭ بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ يارىتىپ، دىنىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ بەرگەنلىكىگە ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز.

ھەقىقەتتە نامازغا بارلىق ياخشىلىقلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، زېمىندا ناماز ئوقۇلىدىكەن دىن ساقلىنىپ قالىدۇ. نامازغا سەل قارىلىدىكەن دىن سۇسلىشىدۇ. ناماز ئوقۇلمايدىغان زېمىندا ساغلام دىن بولمايدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ئىنسانىيەت ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى ياكى توغرا يولدىن چەتنىشى بىلەن زېمىندا پاساتچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.

ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئادا قىلغاندەك ئادا قىلغان بولسا ئېدى، ئىسلام مىللىتى تۈرلۈك يامانلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىپ، بالا- مۇسىبەتلەردىن ئامان قالاتتى. ئاللاھ دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىغا ئۆزى كۇپايە قىلاتتى. ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالنىڭ ئەھۋالى ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىشلىرى رەتلىنىپ، ئاقىۋىتى ياخشى بولاتتى.

كىشىلەر نامازغا سەل قاراشقا باشلىدى. بەزىلەر نامازنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتتى ياكى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇدى. بەزىلەر تولۇق قائىدىسى بىلەن ئادا قىلمىدى. بەزىلەر مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشنى تەرىك قىلدى. نامازدا كۆرۈلگەن كەمچىلىك كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىدا ئەكىس تەسىر كۆرسەتتى نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزگەردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ تۈزۈك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن. كەھف سۈرىسى 24-ئايەت. ئەنەس ئىبنى مالىكنى بەزى يارانلىرى يوقلاپ كىرگەندە، ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇلار: نېمىگە يىغلايسىز؟ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: "كىشىلەرنىڭ نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئوقۇۋاتقانلىقىغا قاراپ يىغلايمەن" دەپ جاۋاپ بەردى. ناماز ئىسلامدىكى بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىشنىڭ بېشى ئىسلام، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى ناماز» دېگەن.

نامازنىڭ ئاساسى خۇشۇدۇر(يەنى ئاللاھنى چەكسىز ئۇلۇغلىغان ۋە قورققان ھالەتتە تۇرۇش)، سۈننەتكە مۇۋاپىق ھالەتتە جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئادا قىلىش نامازنىڭ ماھىيىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.» مۆمىنۇن سۈرىسى 1- 2-ئايەتلەر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازغا ئەزان ئوقۇلغاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ، سەۋەبسىز(بۇ يەردە نامازنىڭ ۋاقتىنى قەستەن كىچىكتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.-م-) نامازغا كەلمىگەن كىشىنىڭ كىيىن ئوقۇغان نامىزى ناماز ھېسابلانمايدۇ». ئەمما ئاياللار ۋە خانىم-قىزلارنىڭ نامازنى ئۆيدە ئادا قىلىشى ياخشىدۇر. ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىچكىرى ئۆيىدۇر».

ئاللاھ ھەممەيلەننى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ناماز ئارقىلىق قەلبىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن. ناماز ئارقىلىق قەلبلىرىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ بەرسۇن. نامازلىرىمىز ئارقىلىق قەلبلىرىمىزگە راھەت-بەخش ئاتا قىلسۇن.....ئامىن......

 

 

     

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز