قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، ھەج قىلغۇچىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم بولغان ئەھكام ۋە پائالىيەتلەرنى رەتلەپ قايتىدىن نەشىرگە تەييارلىدى. بۇ ئەسەردە، ھەجنىڭ شەرتلىرى، نىيەتنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى، ھەجنىڭ تۈرلىرى، ئەركانلىرى، ۋاجىپلىرى، سۈننەتلىرى ۋە ئېھرامدا مەنئى قىلىنغان ئىشلار، تاۋاپنىڭ شەرتلىرى ۋە سۈننەتلىرى، سەئيىنىڭ شەرتلىرى ۋە سۈننەتلىرى قاتارلىق ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتى ۋە ھەج قىلغۇچىغا دائىر مەسىلىلەرگە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھەج- ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە بىلىم

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

مۇسۇلماننىڭ ھاياتتا بىر قېتىم ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشى پەرزدۇر. ئۇ ئىككىسىنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك:1- مۇسۇلمان بولۇش 2- ئاقىل بولۇش.   3- بالاغەتكە يەتكەن بولۇش. 4- ھۆر بولۇش.  5- بېرىپ - كېلىشكە قادىر بولۇش، يەنى بېرىپ - كېلىش ئۈچۈن يەتكۈدەك ئوزۇق ـ تۈلۈك ۋە ئۇلاغقا ئىگە بولۇش.كىكى ھەجگە سەل قاراپ ئادا قىلماستىن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ پۇل- مېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرىگە يەتكۈدەك پۇل- مال چىقىرىلىدۇ. كاپىرنىڭ ياكى ساراڭنىڭ ھەججى قوبۇل قىلىنمايدۇ. كىچىك بالىنىڭ ۋە قۇلنىڭ ھەجلىرى قوبۇل بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەججى پەرز ھەجگە كۇپايە قىلمايدۇ. كەمبەغەلگە ئوخشاش ھەج قىلىشقا قادىر ئەمەس كىشى قەرز ئېلىپ ھەج قىلسا، پەرز ھەججى ئادا تاپىدۇ. ئەمما قەرز ئېلىپ تۇرۇپ ھەج قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ.

ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى قىلمىغان كىشى باشقا بىراۋنىڭ نامىدىن ھەج قىلسا(يەنى بەدەل ھەج)، بۇ ھەج ئۆزىنىڭ گەدىنىدىكى ھەجگە ھېساب بولىدۇ.

ئېھرام باغلاش: ئېھرام باغلىماقچى بولغان كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشى، تازىلىق قىلىشى،  خۇشپۇراق ئىشلىتىشى، تىكىلگەن كىيىمنى كىيمەسلىكى، ئىككى پارچە پاكىز ۋە ئاق رەختنىڭ بىرىنى تامبال قىلىشى (يەنى تامبالنىڭ ئورنىدا يوپكا شەكلىدە باغلىشى) يەنە بىرىنى رىدا قىلىشى، ئاندىن: «ئى اﷲ!ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھازىرمەن» دېيىشى ياكى: «ئى اﷲ! ھەج قىلىش ئۈچۈن ھازىرمەن» دېيىشى ۋەياكى: «ئى اﷲ! ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھازىرمەن» دېيىشى سۈننەتتۇر. ئەگەر يولدا  توسۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە: «ئەگەر مېنى بىرى توسۇۋالسا، ئېھرامدىن چىقىدىغان يېرىم توسۇلۇپ قالغان شۇ يەردۇر» دېيىشى شەرت قىلىنىدۇ.

ھەج قىلغۇچىنىڭ « ھەججى تەمەتتۇئ»، « ھەججى ئىفراد » ۋە « ھەججى قىران » دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ھەجنىڭ بىرىنى قىلىش ئىختىيارى بار. ئەڭ ئەۋزىلى ھەججى تەمەتتۇئ بولۇپ، ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىگە ئېھرام باغلايدۇ، ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولۇپ ئېھرامدىن چىقىدۇ. ئاندىن شۇ يىلى ھەج كۈنلىرى يېتىپ كەلگەندە، ھەجگە ئېھرام باغلايدۇ. ھەججى ئىفرادتا پەقەت ھەج قىلىش ئۈچۈنلا ئېھرام باغلايدۇ. ھەججى قىراندا ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىراقلا ئېھرام باغلايدۇ ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلايدۇ، ئاندىن ئۆمرە تاۋىپىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆمرىگە قوشۇپ ھەجگىمۇ نىيەت قىلىدۇ.

ھەج قىلغۇچى ماشىنا ياكى ئايرۇپىلانغا چىققاندا: «لەببەيكەللاھۈممە لەببەيك، لەببەيكە لاشەرىيكە لەكە لەببەيك، ئىننەلھەمدە ۋەننىئمەتە لەكە ۋەلمۇلك، لاشەرىيكە لەك» دەپ تەلبىيە ئېيتىدۇ. تەلبىيەنى كۆپ ئېيتىش، ئاياللاردىن باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئېيتىشى مۇستەھەبتۇر.

ئېھرامدىكى ۋاقىتتا چەكلەنگەن ئىشلار: تۆۋەندىكىدەك توققۇز تۈرلۈكتۇر : 1 ـ چاچنى چۈشۈرۈش. 2 ـ تىرناق ئېلىش. 3 ـ ئەرلەرنىڭ تىكىلگەن كىيىم كىيىشى. پەقەت بېلىنىڭ تۆۋىنىگە باغلايدىغان لاتا تاپالمىغان ئادەم ئىشتان كىيسە بولىدۇ، ئاياغ تاپالمىغان ئادەم ئۆتۈكنى ئاپقۇتىغىچە كېسىۋېتىپ كىيسە بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا فىدىيە كەلمەيدۇ. 4ـ ئەرلەرنىڭ باشنى يېپىشى. 5 ـ بەدىنىگە ۋە كىيىملىرىگە خۇشپۇراق ئىشلىتىش. 6 ـئوۋ ئوۋلاش. ئوۋ ھايۋانلىرى گۆشى ھالال بولغان ياۋايى ھايۋانلاردۇر. 7-نىكاھلىنىش. نىكاھلىنىش ھارامدۇر، فىدىيە كەلمەيدۇ. 8 ـ شەھۋەت بىلەن قۇچاقلاش. ئۇنىڭ فىدىيەسى بىر قوي ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ۋەياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. 9 ـ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش. ئەگەر بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قالغان بولسا ھەججى بۇزۇلىدۇ، ئۇ ھەججىنىڭ قالغان قىسمىنى تاماملايدۇ ۋە بىر تۆگە ئۆلتۈرۈپ مەككە كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە كېلەر يىلى قازاسىنى قىلىدۇ. ئەگەر بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىقىشتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قالغان بولسا، ھەججى بۇزۇلمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا بىر تۆگە فىدىيە ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر ئۆمرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۆمرىسى بۇزۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوي فىدىيە كېلىدۇ. ئۆمرىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن ھەج ياكى ئۆمرە بۇزۇلمايدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ئېھرام باغلايدۇ، ئەمما ئۇلار تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. چۈمپەردە، پۈركەنچە ۋە پەلەي كىيمەيدۇ.

فىدىيە: فىدىيە مۇنداق ئىككى قىسىم بولىدۇ: 1 ـ ئىختىيارى ھالدا ئادا قىلىدىغان فىدىيە بولۇپ، چاچ چۈشۈرۈش، خۇشپۇراق ئىشلىتىش، تىرناق ئېلىش، باشنى يېپىش ياكى ئەرلەرنىڭ تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىشى قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭ فىدىيەسى ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ھەر مىسكىنگە بىر يېرىم كىلودىن ( kg 1.5) ھېسابلاپ ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىش ياكى بىر قوي بوغۇزلاش لازىم. شىكارنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئەگەر ئوۋلانغان ھايۋانغا ھەر جەھەتتە ئوخشاش ھايۋان تېپىلسا، شۇ ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ سەدىقە قىلىش لازىم، ئەگەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ھايۋان تېپىلمىسا، ئۇنىڭ قىممىتىنى بېرىش لازىم. 2 ـ تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىدىغان فىدىيە بولۇپ، ھەججى تەمەتتۇئ ۋە ھەججى قىران قىلغۇچىنىڭ فىدىيەسى بىر قويدۇر. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ فىدىيەسى بىر تۆگە بوغۇزلاشتۇر. ئەگەر تۆگە تاپالمىسا، ھەجدە ئۈچ كۈن، يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا يەتتە كۈن روزا تۇتىدۇ. فىدىيە ئۈچۈن بوغۇزلانغان مال ۋە تاماق پەقەت ھەرەم كەمبەغەللىرىگىلا بېرىلىدۇ.

مەككىگە كىرىش: ھەج قىلغۇچى ھەرەم مەسچىتىگە كىرسە، ھەرەم مەسچىتىگە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ھەججى تەمەتتۇئ قىلغان بولسا، ئۆمرە ئۈچۈن تاۋاپ قىلىدۇ. ئەگەر ھەججى ئىفراد ياكى ھەججى قىران قىلغان بولسا، قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋىپىنى قىلىدۇ. رىدانىڭ ئوتتۇرىسىنى ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىغا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى سول يەلكىسىگە تاشلاپ، ئوڭ دولىسىنى ئوچۇق قويىدۇ. تاۋاپ قىلىشنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلايدۇ، ئۇنى سىلايدۇ ۋە سۆيىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ ۋە: «بىسمىللاھى ئەللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ (ھەر قېتىملىق تاۋاپتا مۇشۇنداق قىلىدۇ). ئاندىن بەيتۇللاھنى سول تەرىپىگە قىلىپ يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ. دەسلەپكى ئۈچ قېتىملىق تاۋاپتا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە قەدەملىرىنى كىچىك ئېلىپ  تىز ماڭىدۇ، قالغان تاۋاپتا نورمال ماڭىدۇ. ھەر قېتىم رۇكنۇل يەمانى نىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، ئەگەر قادىر بولالىسا، ئۇنى سىلاپ ئۆتىدۇ ۋە ئىككى رۇكنىنىڭ ئارىلىقىدا «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار» دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ. تاۋاپنىڭ قالغان قىسمىدا خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ. ئاندىن ئىمكان بولسا، مەقامى ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى رەكئەت نامازدا سۈرە كافىرۇن بىلەن سۇرە ئىخلاسنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن زەمزەم سۈيىنى قانغىچە ئىچىدۇ، ئاندىن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئىمكان بولسا، ئۇنى سىلايدۇ. ئاندىن ھەجەر ئەسۋەد بىلەن كەئبىنىڭ دەرۋازىسى ئارىلىقىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن سەفاغا چىقىپ: «اﷲ باشلىغان نەرسە بىلەن باشلايمەن» دەيدۇ ۋە اﷲ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇيدۇ: «سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن اﷲنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ باك يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن اﷲ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە شۈكرىنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر». [سۈرە بەقەرە، 158 ـ ئايەت]

ئاندىن كەئبە تەرەپكە قاراپ تەكبىر ۋ ە ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ،. ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن سەفادىن چۈشۈپ يېشىل بەلگىگە كېلىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە بىر يېشىل بەلگىگىچە يۈگۈرىدۇ، ئاندىن مەرۋىگە كېلىدۇ. ئاندىن سەفادا قىلغانغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاندىن مەرۋىدىن چۈشۈپ بىرىنچى سەئيىدە قىلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. سەفادىن مەرۋىگىچە بىر قېتىم، مەرۋىدىن سەفاغىچە بىر قېتىم بولۇپ، مۇشۇ ھالەتتە يەتتە قېتىملىق سەئيىنى تامام قىلىدۇ. ئاندىن چېچىنى قىسقارتىدۇ ياكى چۈشۈرتىدۇ، لېكىن چۈشۈرۈش ئەۋزەلدۇر. پەقەت ھەججى تەمەتتۇئ قىلغۇچى يۇقىرىقىدەك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەجنى كېيىن قىلىدۇ. ئەمما ھەججى ئىفراد ۋە ھەججى قىران قىلغۇچىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامدىن چىقىشى جايىز ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھېيت كۈنى جەمرە ئەقەبەگە(يەنى چوڭ شەيتانغا) تاش ئېتىپ بولمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىدۇ، ئەمما ئاياللار كەبىنى تاۋاپ قىلغاندا ۋە سەفا بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلغاندا يۈگۈرمەيدۇ.

ھەجنىڭ سۈپەتلىرى: تەرۋىيە كۈنى (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 ـ كۈنى) يېتىپ كەلگەندە، ھەججى تەمەتتۇئ قىلغان كىشى مەككىدە تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن ئېھرام باغلاپ، توققۇزىنچى كۈنى كىرىدىغان كېچىسى مىنادا قونۇش ئۈچۈن مىناغا قاراپ ماڭىدۇ. توققۇزىنچى كۈنى كۈن چىققاندا، ئەرافاتقا قاراپ ماڭىدۇ. ئاندىن كۈن قايرىلغاندا، پېشىن نامىزى بىلەن دىگەر نامىزىنى جەملەپ ۋە قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ. ئەرافاتنىڭ « ئۇرۇنە » دېگەن يېرىدىن باشقا ھەممە يېرىدە تۇرۇشقا بولىدۇ، «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» دېگەن زىكىرنى كۆپ ئېيتىدۇ، دۇئا قىلىدۇ، تەۋبە قىلىدۇ، اﷲ قا قاتتىق يالۋۇرىدۇ.

كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، تەلبىيە ئېيتقان ۋە اﷲ نى ياد ئەتكەن ھالدا ئېغىر بېسىقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇزدەلىفىگە قاراپ يول ئالىدۇ. مۇزدەلىفىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ۋە قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ، ئاندىن مۇزدەلىفىدە قونىدۇ. ئاندىن بامداتنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، ئاندىن تاڭ ئاقارغىچە شۇ جايدا دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. ئاندىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى مىنا تەرەپكە قاراپ يول ئالىدۇ، «مۇھەسسىر» دېگەن جىلغىغا كەلگەندە، مىناغا يېتىپ بارغىچە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ناھايىتى تېز ماڭىدۇ. مىناغا بارغاندىن كېيىن «جەمرە ئەقەبەگە» تاش ئېتىشنى باشلايدۇ. شەيتانغا پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تال تاش ئاتىدۇ، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاتىدۇ. تاش قارىغا تەگمىگەن تەقدىردىمۇ ئازگالنىڭ ئىچىگە چۈشۈشى شەرت قىلىنىدۇ. تاش ئېتىشنى باشلىغاندا تەلبىيە ئېيتىشنى توختىتىدۇ. ئاندىن قۇربانلىقنى قىلىدۇ. ئاندىن باشنى چۈشۈرتىدۇ ياكى چېچىنى قىسقارتىدۇ، چۈشۈرتۈش ئەۋزەلدۇر. تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھەممە ئىش جايىز بولىدۇ. مانا بۇ، بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىقىش ھېسابلىنىدۇ.

ئاندىن مەككىگە قايتىپ بارىدۇ ۋە قايتىش تاۋاپىنى قىلىدۇ. ئۇ ۋاجىپ تاۋاپ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ھەج تاماملىنىدۇ. ئاندىن ئەگەر ھەججى تەمەتتۇئ قىلغان ئادەم بولسا ياكى قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىنى قىلغاندا سەفا بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىلىقىدا سەئيى قىلمىغان ئادەم بولسا، سەفا بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىلىقىدا سەئيى قىلىدۇ. بۇ تاۋاپلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەممە نەرسە، ھەتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ھالال بولىدۇ. مانا بۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىقىش ھېسابلىنىدۇ.

ئاندىن مىناغا قايتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قونۇش ۋاجىپ بولغان كېچىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، جەمرىلەرگە(شەيتانلارغا) تاش ئاتىدۇ. ھەر كۈنى كۈن قايرىلغاندىن كېيىن ھەر جەمرىگە يەتتە تال تاش ئاتىدۇ. تاش ئېتىشنى كىچىك جەمرە(كىچىك شەيتان) بىلەن باشلايدۇ. ئاندىن ئازراق ئىلگىرىلەپ توختايدۇ ۋە اﷲ قا يېلىنىپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئوتتۇرانجى شەيتانغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ تاش ئاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن جەمرە ئەقەبەگە(چوڭ شەيتانغا) تاش ئاتىدۇ، ئۇ يەردە توختىمايدۇ. ئىككىنچى كۈنىمۇ ئالدىنقى كۈنىدىكىگە ئوخشاش تاش ئاتىدۇ.

بۇ پائالىيەتلەردىن كېيىن، ئالدىراپ مىنادىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئادەم كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن يولغا چىقىدۇ. ئەگەر زۇلھەججىنىڭ 12 ـ كۈنى (يەنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى) ئۇ مىنادىكى چاغدا كۈن ئولتۇرۇپ كەتسە، مىنادا قونۇش ۋە ئەتىسى جەمرەلەرگە (شەيتانلارغا) تاش ئېتىش ۋاجىپ بولىدۇ. پەقەت يولغا چىققان، ئەمما قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن مىنادىن چىقىپ كېتەلمىگەن بولسا، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. ھەججى قىران قىلغۇچىمۇ ھەججى ئىفراد قىلغۇچىغا ئوخشاش پائالىيەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھەججى تەمەتتۇئ قىلغۇچىغا ئوخشاش قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر يۇرتىغا سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن يۈزلەشكەن ئاخىرقى ۋاقىت بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلماي تۇرۇپ يولغا چىقمايدۇ. پەقەت ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايالدىن خوشلىشىش تاۋىپى ساقىت بولىدۇ. خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئۇ تاۋاپنى قايتا قىلىدۇ. كىمكى خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلىشتىن بۇرۇن يولغا چىققان بولۇپ، مەككىدىن يىراقلاپ كەتمىگەن بولسا قايتىپ كېلىدۇ. ئەگەر يىراقلاپ كەتكەن بولسا گەدىنىگە قان كېلىدۇ (يەنى بىر قوي بوغۇزلاش جازاسى كېلىدۇ).

ھەجنىڭ ئەركانلىرى تۆتتۇر: 1-ئېھرام باغلاش. ئۇ ھەج پائالىيىتىگە كىرگەنلىكنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 2 ـ ئەرەفاتتا تۇرۇش. 3 ـ تاۋاپۇل ئىفادە(پەرز تاۋاپ) قىلىش. 4 ـ ھەجنىڭ سەئيىسىنى قىلىش.

ھەجنىڭ ۋاجىپلىرى سەككىزدۇر: 1 ـ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام باغلاش. 2 ـ ئەرەفاتتا قاراڭغۇ چۈشكىچە تۇرۇش. 3 ـ مۇزدەلىفەدە يېرىم كېچىدىن ئۆتكىچە قونۇش. 4 ـ تەشرىق كۈنلىرى مىنادا قونۇش. 5 ـ چوڭ كىچىك شەيتانلارغا تاش ئېتىش. 6 ـ چاچنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش. 7 ـ ۋىدالىشىش تاۋىپىنى قىلىش. 8- تەمەتتۇئ ۋە قارىن ھەججى قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى .  

ئۆمرىنىڭ ئەركانلىرى ئۈچتۇر: 1-ئېھرام باغلاش. 2 ـ ئۆمرىنىڭ تاۋىپىنى قىلىش. 3 ـ ئۆمرىنىڭ سەئيىسىنى قىلىش.

ئۆمرىنىڭ ۋاجىپلىرى ئىككىدۇر: 1 ـ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام باغلاش. 2 ـ چاچنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش.

كىمكى بىرەر ئەركاننى تەرك ئەتسە، ھەج ياكى ئۆمرە ئۇنىڭسىز تاماملانمايدۇ. كىمكى بىرەر ۋاجىپنى تەرك ئەتسە، قان قىلىش (مال بوغۇزلاش) جازاسى كېلىدۇ. كىمكى بىرەر سۈننەتنى تەرك ئەتسە، ئۇنىڭغا ھېچ جازا كەلمەيدۇ.

كەئبىنى توغرا رەۋىشتە تاۋاپ قىلىشنىڭ شەرتلىرى 13 دۇر: 1 ـ مۇسۇلمان بولۇش. 2 ـ ئاقىل بولۇش. 3- ئېنىق نىيەت قىلىش. 4- تاۋاپ قىلىش ۋاقتىنىڭ كىرىشى. 5- قادىر بولالىغان كىشىنىڭ ئەۋرەتنى يېپىشى. 6- تاھارەت بولۇش. بۇ كىچىك بالىغا شەرت قىلىنمايدۇ. 7- ئىشەنچ بىلەن يەتتە قېتىمنى تولدۇرۇش. 8- كەبىنى سول تەرىپىگە قىلىپ ئايلىنىش ۋە خاتا قىلغان ئىشنى قايتىدىن توغرا قىلىش. 9- مېڭىۋاتقاندا ئارقىغا يانماسلىق. 10- قادىر بولالىغان كىشى ئۆزى مېڭىش. 11- ئارقا - ئارقىدىن ئايلىنىش. 12 ـ مەسچىتى ھەرەمنىڭ ئىچىدە ئايلىنىش. 13 ـ تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلاش.

تاۋاپنىڭ سۈننەتلىرى: ھەجەر ئەسۋەدنى سىلاش، سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تەكبىر ئېيتىش. رۇكنۇل يەمانىنى سىلاش. ئوڭ مۆرىنى ئەۋۋەلقى ئۈچ تاۋاپتا ئوچۇق تۇتۇش. تىز ماڭىدىغان قېتىمدا تىز مېڭىش، نورمال ماڭىدىغان قېتىمدا ئاستا مېڭىش. تاۋاپ جەريانىدا دۇئا قىلىش ۋە زىكىر ئېيتىش. كەئبىگە ئىمكان قەدەر يېقىن ئايلىنىش. تاۋاپتىن كېيىن مەقامى ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش.

سەئيىنىڭ شەرتلىرى توققۇزدۇر: 1 ـ مۇسۇلمان بولۇش. 2 ـ ئاقىل بولۇش. 3 ـ نىيەت قىلىش. 4 ـ ئارقا- ئارقىدىن سەئيى قىلىش. 5 ـ قادىر بولالىغان ئادەمنىڭ ئۆزى مېڭىشى. 6 ـ يەتتە قېتىمنى تولدۇرۇپ سەئيى قىلىش. 7 ـ سەفا بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىلىقىنى تولۇق مېڭىش. 8 ـ كەبىنى توغرا رەۋىشتە تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەئيى قىلىش. 9 ـ تاقنى سەفادىن، جۈپنى مەرۋىدىن باشلاپ سەئيى قىلىش.

سەئيى قىلىشنىڭ سۈننەتلىرى: تاھارەت ئېلىش. ئەۋرەتنى يېپىش. سەئيى قىلىش جەريانىدا زىكىر قىلىش ۋە دۇئا قىلىش. يۈگۈرىدىغان يەردە يۈگۈرۈش، ماڭىدىغان يەردە مېڭىش. سەفا ۋە مەرۋە تۆپىلىكىگە ئۆرلەش. تاۋاپ بىلەن سەئيىنى ئارقا-ئارقىدىن قىلىش.

  ئەسكەرتىش: تاشنى ئۆز كۈنىدە ئېتىش ئەۋزەلدۇر. ئەگەر بىر كۈنلۈك تاش ئېتىشنى ئەتىسىگە كېچىكتۈرسە ياكى تاش ئېتىش كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرسە بولىۋېرىدۇ.

قۇربانلىق قىلىش: قۇربانلىق قىلىش تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلغانغا قەدەر چاچ ياكى تىرناق ئالدۇرۇشى ۋەياكى بەدىنىدىن بىرەر نەرسە ئېلىشى ھارامدۇر.(بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھەجگە چىقمىغانلار ياكى ئۆز يۇرتلىرىدا قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىلەر).  ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز