قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 18/11/1430ھـ 2009-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەج پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەككە مۇكەررەمىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بەس-بەستە كېلىۋاتقانلىقى، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكى، كەئبە شېرىف ئىنسانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن زېمىن يۈزىدە تۈنجى سېلىنغان مۇقەددەس ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) ئىكەنلىكى، بەيتۇللاھنىڭ بىنا قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا ھەجنىڭ ئورنى ۋە رولى

 

2009-يىلى 11- ئاينىڭ 06- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىليونلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ھەج ئىبادىتى ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى، مەككە مۇكەررەمە ئۇلۇغ زېمىن، ئىسلام دىنىدا ھەجنىڭ ئورنى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بۇ مۇبارەك زېمىندا جىبرىئل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دەرھال ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈپ، ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشكە ئاتلاندى.

مەككە مۇكەررەمە بۈيۈك تارىخ ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئىگە زېېمىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر. ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر. » [سۈرە ئال-ئىمران 96- 97- ئايەتلەر].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام كەئبىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلۇغ دىننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتلىرى ئاجىز كەلگەن ئىنسانىي پىرىنسىپ ۋە ھايات مىزانىنىڭ خەرىتىسىنى سىزدى.

ئىنسانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھاياتىدا سادىر قىلغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىگە تەۋبە-ئىستىغفار ئېيتىش، مەنىۋىيىتىنى دۇنيانىڭ غەلىغەشلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس زېمىنغا كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەت بولىدۇ.

ھەج ئىبادىتى دىننىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنىڭ ئورنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يۇقىرىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ھەجنى رەسمىي ھالدا پەرز قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر». [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

ھەج ئىبادىتى بولسا، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ پايدىلىق تىجارىتىدۇر. ھەج قىلغان كىشى ئىككى دۇنيادا پايدىغا ئېرىشىدۇ. ھەج قىلىش ئارقىلىق چەكسىز ساۋاپقا ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلىدۇ. خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ.

ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى ھەج قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تاشلاپ، بارلىق ئىمكانىيىتىنى سەرپ قىلىپ پۇل چىقىم قىلىپ مەزكۇر مۇقەددەس ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىن مەككە مۇكەررىمىگە كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجىگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئۇرۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئۇرۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن،» [سۈرە ھەج 27- 28- ئايەتلەر].  ئەمما بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنى قىلىشقا ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، ھورۇنلۇق قىلىپ، ھەج قىلمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ھەج پەرز بولغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ھەج قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ھەج ئىبادىتى ساغلام ۋە خاتىرجەم، سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆتۈشى ئۈچۈن جېدەل-ماجرا قىلىش، ئەخلاقسىزلىقلارنى سادىر قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇكەممەل ئەمەل قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبادەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار» دېگەن. ھاجىلار ئىبادەتلىرىدە بىلمىگەن يەرلىرى بولسا، ئالىملاردىن سورىشى لازىم. يەنە بىر ھەدىستە ھەجىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ قايسى ئەمەلنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسدا سورىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۇرۇش دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دەپ سورىلىۋىدى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېدى، ئاندىن كېيىنچۇ دېۋىدى، ساغلام ئادا قىلىنغان ھەج ئىبادىتى» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىنىڭ خىزمىتىگە مۇشەررەپ بولغان خادىملار ھاجىلار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇشى، ھاجىلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى سۈيئىستىمال قىلماسلىقى، ھاجىلارغا ئازار بەرمەسلىكى، قولىدىن كېلىشىچە ھاجىلارغا خىزمەت قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە تەۋسىيە قىلدى.

ئاللاھ تائالا ھاجىلارنىڭ بۇ بۈيۈك ئىبادەتنى خالىس نىيەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز