قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ10/12/1430ھـ2009-يىلى11-ئاينىڭ27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مەككە مۇكەررىمىنىڭ ئۇلۇغ زېمىن ئىكەنلىكى، ھەرەم زېمىنىنىڭ پەزىلىتى، قۇربان ھېيت كۈنلىرى ۋە پائالىيەتلەر، ھېيت پەقەت يېڭى كىيىم-كېچەك كېيىش، ئويۇن-تاماشا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلماستىن بەلكى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتسۇن ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئۈچۈن ھېيت-بايرام ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەر ھۆزۈرۈڭلاردا.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

مەككە مۇكەررىمىنىڭ پەزىلىتى ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى

 

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ھەرزامان ۋە  ھەرماكاندا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىبادەت يالغۇز ئۆزى ئۈچۈنلا قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ بۈيۈكلىكىنى دەلىللەيدىغان ئالامەتلەرنى ئارقىمۇ-ئارقا چۈشۈردى.

زاماندىكى ئالامىتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولسا، ماكاندىكى ئالامىتى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن زېمىن ھەرەمدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ». ئاللاھنىڭ تىنچ ماكانى مەككە شەھىرىدە مۇسۇلمانلار دىننىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى بولغان ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ پائالىيەت پەقەت مۇشۇ زېمىندىلا ئادا قىلىنىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر تىنچ-خاتىرجەم بولىدۇ، ھەتتا بۇ خاتىرجەملىك زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ يېتىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ دەرەخلىرى كېسىلمەيدۇ ۋە ھايۋانلىرى ئوۋلانمايدۇ. ھاۋادىكى قۇشلارغىمۇ زىيان سېلىشقا بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان نەرسىلىرى ئېگىسىگە قايتۇرۇش مەقسىتىدىن باشقا مەقسەتتە ئېلىنمايدۇ. بۇ يەرگە كەلگەنلەرنى ئاللاھ تائالا پاكىزە ھالال يېمەك-ئىچمەكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئىكرام قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنى بىز تېنچ ھەرەمگە ئورۇنلاشتۇرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ. (بۇ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ». مۇسۇلمان خاتىرجەملىك ۋە باياشاتلىق ئىچىدە ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە قورقۇپ ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەھەر تىنچ، ھەرەم ئۇلۇغلىنىدۇ، بۇ شەھەر قۇرۇلغاندا تىنچلىق بىرگە قويۇلغان".

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئىنسانلارنىڭ بۇ قۇرغاق جىلغىغا كېلىپ ھەج قىلىشىنى تىلىگەن، ئاللاھ  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ھەرزامان مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردۇق».

ئاللاھنىڭ بۇ ئۆيى ئىمان ۋە تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا سۈيىقەست قىلغانلارنى ئاللاھ ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟». كىمكى بۇ مۇقەددەس زېمىندا مۇستەھكەم تەۋھىد ئەقىدىسىنى شېرىككە ياكى زۇلۇمغا ياكى ئۆز نەپسانىيىتىگە ئەگەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى دەرھال كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مەسجىدى ھەرامدا زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز». ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرەمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، كىمكى بۇ شەھەردە بىرەر يامانلىقنى مەقسەت قىلىدىكەن، گەرچە ئۇ كىشى بۇ يامانلىقنى روياپقا چىقارمىسىمۇ بۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئەجرى كاتتا بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرەم بەيتۇللاھنى ياسىغانلىقتىن ئىبارەت ئىش-ئىزلىرىنى ئاشكارا قىلدى. بۇ قىلىنغان ئەمەللەردىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنغانلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمەللەر شەكلى ۋە سانى جەھەتتىن پەزىلەتلىك بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەمەللەر قەلبتە ئۇلۇغلىنىش بىلەن پەزىلەتلىك بولىدۇ".

مەسىلە ئەمەلنى قىلىشلا ئەمەس بەلكى قىلغان ئەمەللەرنى بۇزۇلۇپ كېتىش ۋە ساۋابى بىكار بولۇپ كېتىش، رىيا بولۇپ قىلىش، دۇنيا مەنپەئەتى ئارىلىشىپ قىلىش ياكى ياخشى ئىشتىن كىيىن يامانلىق سادىر قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار، بىر جامائە (سان ۋە مال- مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامەئەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىسىلەر». ھەج ئىبادىتىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى جىنسى، ئىرقى، تىل سىستېمىسىدىكى ۋە چېگرا ئايرىمىسىدىكى پەرقلەر يوقىلىپ، ئىمان بىلەن تەقۋالىقنىڭ ئۆلچىمى ئاشكارا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». ھاجىلار ئەڭ ئۇلۇغ كۈن بولغان ئەرەپات كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز-بىچارە، مىسكىنلىكىنى ئىپادىلەپ ئېھرام كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى نامايەن قىلىدىغان سۆزلەر بىلەن تەلبىيە ئېيتىپ ئاللاھتىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى، ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈشنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە رىزىق بەرگۈچى ۋە تىلەكلىرىگە يەتكۈزگۈچىدۇر. ئاللاھ بىر نەرسە سورىغان كىشىنى  قۇرۇق قايتۇرمايدۇ ۋە ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن، تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن». ئەرەپات كۈنىدىن كىيىن ھاجىلار ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا يىلنىڭ ھەممە كۈنلىرىدىن بۈيۈك بولغان بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قۇربان ھېيت كۈنىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ كاتتا كۈن قۇربان ھېيت كۈنى، ئۇنىڭدىن قالسا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدۇر». ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربان ھېيت كۈنى ئىككى ھېيت كۈنىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.

ئىككى ھېيتنىڭ بىر كۈندە بولىشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خۇرسەنلىكنى زىيادە قىلىدۇ، جۈمە كۈنى بىر ھەپتىنىڭ ھېيتى، قۇربان ھېيت كۈنى بولسا ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ھېيتتۇر، بۇ كۈننىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ھۆرمىتى بولۇپ، بۇ كۈندە ھېيت نامىزى ئوقۇغان كىشى جۈمە نامىزى ئوقۇماستىن پېشىن نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما ھېيت نامىزى بىلەن جۈمە نامىزىنى تەڭ ئوقۇسا بۇنىڭ پەزىلىتى كاتتا بولىدۇ.  ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەۋزى-كەۋسەردىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىپ ناماز ئوقۇپ، قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىغان. ئاللاھ بارلىق كىشىلەرگە قۇربان ھېيت كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە مال بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىشقا بۇيرىدى. مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە تۈرلۈك پىسق-پۇجۇر ئورۇنلىرىدىن يىراق بولىشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلماستىن، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى ھېيت كۈنى ھېسابلىنىدۇ.  

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائەت-ئىبادىتىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز