قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ22/1/1431-ھىجرىيە 2010-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىكى ۋاجىپ ئىكەنلىكى، ئاللاھ كائىناتتىكى بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىپ ۋە تەرتىپكە سالغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ شەرىئەت، ئەقىل ۋە مەنتىقمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ئىش ئىكەنلىكى، ئەقىل ئىگىسى ئىنسان كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ تەپەككۇر قىلسا، ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە ھەقلىق يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

يېگانە ئاللاھقىلا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا

 

2009-يىلى 01-ئاينىڭ 08- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئىبادەتنى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە قىلىش بۈيۈك جىنايەت، ئاللاھنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىش لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن قۇدرىتى، كاتتىلىقى ۋە زاتى سۈپەتلىرىنىڭ بۈيۈكلىكىگە دەلىل-ئىسپات بولىشى ئۈچۈن كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى يارىتىلغۇچى باشقا نەرسىلەردەك سۈپەتلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ سۈپەتلەر ئاللاھنىڭ زاتىدىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشى، بويسۇندۇرۇشى ۋە بېكىتىپ تەدبىر قىلىشى ئاستىدا بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. يەككە-يىگانە ھالەتتە خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر. مەڭگۈ ھايات قالغۇچىدۇر. جازا-مۇكاپاتنىڭ ئىگىسىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھغا مۇھتاجدۇر. ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى چەكلىگۈچى ياكى تولۇقلىغۇچى يوقتۇر، بۇيرۇقىنى رەت قىلغۇچى ياكى ئىتىراز بىلدۈرگۈچى يوقتۇر. ئۆز قۇدرىتى بىلەن ھەممە نەرسىنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا ھەممە باش ئەگكۈچىدۇر. ئۇ ھەممىنى ياراتقۇچى، شەكىلگە كەلتۈرگۈچى، تەدبىر قىلغۇچى، بويسۇندۇرغۇچى، تەقدىرىنى بىكىتكۈچىدۇر، ھېچقانداق نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ زېمىننى ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە يايدى، ئۇنى تەۋرەنمەس تاغلار بىلەن مۇستەھكەم قىلدى، ئېقىپ تۇرىدىغان دېڭىز، دەريا ۋە ئۆستەڭلەرنى پەيدا قىلدى، زېمىننى كىشىلەرنىڭ قارار ئىلىشى ۋە ياشىشىغا مۇۋاپىق قىلدى، ئىنسانلارنىڭ زېمىن يۈزى ۋە قىتئەلىرىدە سەير قىلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.

ئاللاھ زېمىننى بىر-بىرىگە يېقىن بولغان بىر قانچە پارچە قىلىپ ياراتتى، سۈيى تۇزلۇق دېڭىزلار، تاتلىق سۇلۇق دەريا-بۇلاقلار، قۇملۇق زېمىنلار ۋە تاشلىق سايلارنى پەيدا قىلدى، بۇ زېمىندا تۈرلۈك چارىپايلارنى پەيدا قىلدى، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، ھەرخىل دانلارنى چىقاردى، ئۈزۈملۈك تال باراڭ ۋە خورمىلىق باغلارنى ئۆستۈردى، ئاسماننى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكسىز، ئەتراپلىرى كەڭرى كەتكەن تەكشىلىك بىلەن ياراتتى. قاراڭغۇ كېچىلەرنى يورۇتىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدى، ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى ياراتتى، ئۇنى تۆشۈك ۋە يوچۇقلۇقتىن خالى مۇكەممەل ياراتتى، قۇياش بىلەن ئاي بىر-بىرىگە ئەگىشىدۇ. كېچە-كۈندۈز بىر-بىرىگە يېقىنلىشىدۇ. ئاللاھ كۆيدۈرگۈچى ئوتنى، بۆلۈنۈپ ئاقىدىغان دېڭىزلارنى، دېڭىزلاردا دولقۇن يىرىپ ماڭىدىغان پاراخۇت-كېمىلەرنى ياراتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان يۈك-تاقىلىرىنى زېمىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە يۆتكەيدۇ، ئاسماننى زىننەتلەپ نۇر چېچىپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قۇرۇقلۇق ۋە چۆللۈكتە، قاراڭغۇ كىچىدە دېڭىز يۈزىدە يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ يول تېپىشى ۋە زىرائەت-مېۋىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە پىشىش ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن ياراتتى.

ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر بىرىدىن چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى، ئاۋازلارنى ئاڭلىشى ئۈچۈن قۇلاقنى پەيدا قىلدى، كۆرۈنگەن نەرسىلەرنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن كۆزنى ياراتتى، ئۇلار ئۈچۈن چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەرنى قىلدى، تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن تۈرلۈك نەرسىلەردىن رىزىق قىلىپ بەردى، ئاشۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان يەككە-يىگانە ئاللاھتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى، جىنايەتنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن : «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! گۇناھنىڭ كاتتىسى قايسى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى سىنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت دېدى».

ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تاش-تۇپراقلىرىغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ، ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نەزىر-چىراق قىلىپ مال بوغۇزلىغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ قەبرىسىنى ئايلىنىپ ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى تىلەپ، بالا-قازالارنى دەپئى قىلىشنى سورايدۇ، بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا كۆتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئېتىقادىغا توقۇلما-يالغان ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ يالغان ھەدىس: سىلەرگە قىيىنچىلىق يەتكەندە، قەبرە ئىگىلىرىگە ئىلتىجا قىلىڭلار، بۇ ئوپ-ئوچۇق ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان بۆھتاندۇر.

ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ھېچقانداق پايدا-زىيان ۋە ياخشىلىق-يامانلىققا ئىگە بولالمايدىغان قەبرە ئىگىلىرىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھغا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچكىم) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھدەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.» [پاتىر سۈرىسى 13-14- ئايەت].

كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھنىڭ كاتتا قۇدرىتى ۋە كائىناتتىكى ئالامىتى دەپ چۈشۈنۈپ، قەبرە ئىگىلىرىنى پايدا-زىيان، ياخشىلىق-يامانلىق يەتكۈزەلمەيدۇ دەپ چىن قەلبىدىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان كىشى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كېسەللىك يەتكەندە، سېھرىگەر، رەمبال، داخانلارغا ياكى كىشىلەرنىڭ دىنىنى، ئەقىدىسىنى بۇزىدىغان دەججاللارغا ئىلتىجا قىلماستىن بەلكى بارلىق شەيئىلەرگە پايدا-مەنپەت يەتكۈزىدىغان، دۇئا-تەلەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئاللاھغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ) چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغىچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». ئەبى تەمىمىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، سىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھە-ئە، شۇنداق دەيدۇ. ئۇ كىشى: نېمىگە چاقىرسىز؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ساڭا بىرەر زىيان يەتسە دۇئا قىلساڭ قىيىنچىلىقىڭنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، قەھەتچىلىك يەتكەندە دۇئا قىلساڭ زىرائەت ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان، چۆل-باياۋاندا ئېزىپ كېتىپ دۇئا قىلساڭ يولۇڭنى كۆرسىتىپ قويىدىغان يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىمەن دېدى».

مۇسۇلمانلار ئىبادەتلەرنى خالىس بىر ئاللاھقىلا قىلىشقا چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتنى يارىتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم.» سۈرە زارىيات 56-ئايەت.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز