قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/2/1431ھـ/2009-يىلى01-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقى، مۇسۇلمان كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ئىنسان ھاياتىغا زۆرۈر بولغان بارلىق ئامىللاردا شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى لازىم تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ خەتىرى

 

2009-يىلى 01- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ئىسلامىي پرىنسىپتىن چەتنەپ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا بويسۇنۇش ئازغۇنلۇقتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنساننىڭ نەپسى ياخشى كۆرىدىغان، ياقتۇرىدىغان ۋە تەلەپ قىلىدىغان، رېئاللىققا ئايلىنىشىنى  ھەۋەس قىلىدىغان نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلار مەۋجۇدتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن - كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (ۋاقىتلىق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك». [ئال- ئىمران سۈرىسى14-ئايەت].

دىن ۋە دۇنيا ھاياتىغا خەتەرلىك بولغىنى، شەرىئەت ھارام قىلغان شەيتانى ھەۋەسلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يوشۇرۇنغان ئامىللاردىن ئىبارەت بولۇپ، بەندە ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈش، قورقۇش، ئۈمىت قىلىش، رازىلىق، غەزەپ، ئۇلۇغلاش، تىز پۈكۈش قاتارلىق ئىشلىرىنى نەپسانىي ھەۋىسى ئۈچۈن قىلىدۇ. بىراۋنى ياخشى كۆرسە ياكى ئۆچ كۆرسە ياكى بىر نەرسە بەرسە نەپسى خاھىشى ئۈچۈن بېرىدۇ. گەرچە قىلغان ئىشلىرى كىتاپ-سۈننەتنىڭ ھۆكمى ۋە ئىلاھى پرىنسىپقا زىت كەلسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى نەپسى خاھىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق پايدىنى كۆزلەپ قىلىدۇ.

قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان كۆڭلى تارتقانكى ئىشنى قىلىش ئارقىلىق  نەپسىنى قاندۇرسا، كۆڭۈلگە ئەگىشىشتىن توسىدىغان تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھدىن قورقۇش بولمىسا، ئۇ كىشى نەپسى خاھىشىغا چوقۇنغان بولىدۇ." ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟». [سۈرە پۇرقان 43-ئايەت]. سەلەپ-سالىھلارنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ زېمىندا چوقۇنىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ئەڭ رەزىلى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتۇر".

ئىنسانلار، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمەستىن ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىدىكەن، ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ئۇلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرىۋېتىدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئەمەللىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ». [سۈرە قەسەس 50-ئايەت].

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان، چەكسىز پىتنە-پاساتلارغا سەۋەپ بولغان نەپسانىي خاھىشلار تۈرلۈك شەكىلدە بولۇپ، بۇنىڭ بەزىلىرى گېزىت-ژۇرنال، تېلېۋىزور، رادىئو، ئىنتىرنىتكە ئوخشىغان مېدىيا قوراللىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىندى ۋە قىلىنىۋاتىدۇ. ئىقتىسادى ساھەلەردە بولسا كىشىلەر ھالال-ھارامنى ئايرىماستىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ جازانىخورلۇق، ھىيلە-مىكىر قىلىش، جىڭ-تورۇزۇلاردا ئېغىر ئىلىپ، كەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن نېمە بولسا بولسۇن  ئىقتىساد توپلاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرەۋاتىمىز. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەر بىر مىللەت دۇچ كىلىدىغان پىتنە بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادىن ئىبارەتتۇر» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

بەزى كىشىلەر خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە تۈرلۈك ساھەلەردە نەپسى خاھىشى بويۇنچە ئىش قىلىدىغان بولۇپ، ھېچ خىجىل بولماستىن ۋە ھايا قىلماستىن شەخسى مەنپەئەتنى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىدىن يۇقىرى بىلىشتەك رەزىل قىلمىشنى ھاياتىدا چىقىش يولى قىلىپ تاللىغانلاردۇر. بەزى ئىدارە-جەمئىيەت باشلىقلىرىنىڭ شەخسى مەنپەئەتنى دەپ سالاھىيىتى توشمايدىغان، لاياقەتسىز كىشىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، يېقىن يورۇقلىرىنى يېنىغا تارتىش، مىللەت تەرەققىياتى ۋە مەنپەئەتىنى ئويلاپمۇ قويماستىن، ئۆز ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغان يارامسىز مەمۇرلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. يۇقىرىقى رەزىللىكلەرنى دىن، ئەقىل، ئەخلاق، مىللى ئۆرپ-ئادەتنىڭ ھېچبىرى قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى بۇ توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈگەنلىك، ئىنسانىيلىقتىن چەتنىگەنلىك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۈيۈك سۈننىتىدىن قىيىپ كەتكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ...». [سۈرە ساد 26-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرى، باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشتا نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش، باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش، تەئەسسۇبىيەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، كىچىككىنە خاتالىقىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش، تىلى ۋە دىلى ئارقىلىق باشقىلارغا ئازار بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئەخلاقسىزلىقلار خىلى ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى بەزى كىشىلەرنىڭ ئەرزىمەس دۇنيا مەنپەئەتىنى دەپ قىلىۋاتقان ئىشىدۇر. ئەسلىدە ئاللاھنىڭ پرىنسىپىدا ھەرقانداق ئىشتا ئىنساپلىق ۋە ئادىل بولۇش، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەسلىك، باشقىلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش بېكىتىلگەن ئېدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغىچىدۇر». [سۈرە نىسا 135-ئايەت].

ئىنساننى ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇنىڭ كېسىلى ۋە داۋاسىنى، ساغلام بولىشى ۋە قىيىپ كېتىشىنى،  كېسەل ۋە ئىللەتلەرنىڭ قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئىنسانغا نېمىنىڭ پايدىلىق نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىسلامدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ سائادىتى قىلىپ بېكىتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ». [سۈرە نازىئات 40-41- ئايەت].

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەگەر ئۇ ئىش ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسا قىلىدىغان، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا قىلمايدىغان كىشىگە جانابى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن".

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىنىڭ كۆزى ھەقنى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ھەقنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى دىننىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش بولماستىن، بەلكى نەپسىنى ۋە ئۆز گۇرۇھىنى ياخشى كۆرۈش، رىياخورلۇق قىلىش، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ياكى مەلۇم مەنپەئەتكە ئېرىشىش بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى گەرچە ئۇلار ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدىغان ئالىملار بولسىمۇ يامان كۆرىدۇ. ئۆز كۆز قارىشىغا مۇۋاپىق كەلگەنلەردىن مەمنۇن بولىدۇ، گەرچە ئۇلار جاھىل-نادانلاردىن بولسىمۇ. ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى تۈپەيلىدىن  باشقىلارغا بولغان مۇھەببەت-نەپرەت قارىشى ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ كۆرسەتمىسى بويۇنچە بولماستىن، ئۆزلىرىنىڭ پەس نەپسى خاھىشى بويۇنچە بولىدۇ".

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىگە يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەرنىڭ بىرى: غەرب قارىشى بويۇنچە ئاتالمىش پرىنسىپلارغا چاقىرغۇچىلار مەلۇم مەقسەت-غەرەزلەر بىلەن دىن دۈشمەنلىرىدىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن گېزىت-ژۇرناللارنى بېسىپ تارقىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بەزى مۇسۇلمان مۇخبىرلىرىمۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان كېرەكسىز ئەخلەت نەرسىلەرنى يېزىپ تارقاتماقتا، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى، مىللى ئەنئەنىسى، ۋەتەن غايىسى، دېگەنلەرنى خالاپ-خالىماي بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، كەسپى ئەخلاقتىن يىراق ھالدا مىللەتنى توغرا يولغا يېتەكلەش ياكى ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ تېخىمۇ يىمىرىلىشىگە، مىللى ئاڭدىن يىراقلىشىشىغا ئاساس سالغۇچى بۇزغۇنچىلاردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار.» [سۈرە مائىدە 77-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ھەرقانداق مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلمىغان، گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلمىغان مىللى ئاڭ سەۋىيىدىن يىراق دەۋەت-چاقىرىقلاردىن ھەزەر قىلىشى لازىم. ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىنىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىش ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىنى، مىللەتنىڭ بىشىغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ كۆتۈرۈلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق قۇرئان-سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.  

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز