قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 21/2/1430ھـ 2009-يىلى02-ئاينىڭ05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئادالەتپەرۋەرلىكنىڭ پەزىلىتى، جەمئىيەتتە ئادالەت بەرپا قىلىنسا ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىلىدىغانلىقى، تەرك ئېتىلسە ئادالەتنىڭ ئورنىنى زۇلۇم ئىگەللەيدىغانلىقى، مۇسۇلمان خوجايىنلارنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋە مائاشلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى قاتارلىقلارنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلامدا ئادالەتپەرۋەرلىك روھى

 

2009 -يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدە -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئادالەتپەرۋەر بولۇشقا چاقىرىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار!، ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئادالەت بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا تىگىشلىك ئورتاق بۇرچىدۇر. ئادالەت سايىسى ئاستىدا روھ تەسكىن تاپىدۇ ۋ ە قەلب راھەت ئالىدۇ. ئىنسانلار قەلبىدىن ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، چىدىماسلىق ئوتى ئۆچىدۇ. ئادالەت تۇرغۇزۇلغاندا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان، ھاياتى مەنىلىك ئۆتىدۇ. شۇ ئاساستا ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا چاقىرىپ، زۇلۇمنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن چەكلىنىشكە تەۋسىيە قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش- ئەقرىبالارغا سىلە- رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر) دىن يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند- نەسىھەت قىلىدۇ.» [سۈرە نەھل 90-ئايەت].

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى شۇكى، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئارقىلىق ئادالەتنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەيدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى يولغا قويغاندۇر. بۇ ئىسلامدا شەرىئەت ئەھكاملىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى بېكىتكەن بولۇپ، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆز جايىدا ئىجرا قىلىدىغان بولسا، دۇنيادا ھېچكىشىگە زۇلۇم قىلىنمىغان بولاتتى.

ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈرلىرىدىن بىرى، خوجايىنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچى، چاكارلارنىڭ ئەجرىنى ئىنساپ بىلەن بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر ئىشلارغا سالماسلىق، بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ سىرتىدا ئىشقا سالماسلىق، ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ شەرىپىگە داغ تېگىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، قىسقىسى خىزمەتچىلەرنىڭمۇ خوجايىنغا ئوخشاشلا ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق، مائاشلىرىنى كېلىشىم بويىچە كەم قىلماستىن بېرىش ۋاجىپتۇر. بەلكى، خىزمەتچىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائاشتىن سىرت ئىلاۋە ھەدىيىلەرنى بېرىپ تۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئادالەت تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئىشچىلارنىڭ ئەجرىنى ئۇلارنىڭ تەرلىرى قۇرۇپ قېلىشتىن بۇرۇن بېرىڭلار». [ ئىبنى ماجە رىۋايىتى ]. ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەي كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋ ە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەي كېچىكتۈرۈشنى گۇناھى كەبىرە دەپ سۈپەتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسى قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەي يەۋالغانلار، ياكى ئۇلارنى كىچىكتۈرگەنلەرنىڭ قىيامەتتە دەۋاگەرى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: قىيامەت كۈنى مەن ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنىڭ دەۋاگەرى بولىمەن، 1- ماڭا ۋەدە بېرىپ ۋەدىسىگە تۇرمىغان ئادەم بىلەن دەۋالىشىمەن. 2- ئازات بىر ئىنساننى قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىپ پۇلىنى خەجلىۋالغان ئادەمگە قارشى دەۋاگەر بولىمەن. 3- خىزمەتچىنى ئىشلىتىپ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەمگە قارشى خىزمەتچىنىڭ دەۋاگەرى بولىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى].

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئەگىشىشكە لايىق، يول باشچى قىلىپ تىكلەشكە لايىق كىشىلەر باركى، ئۇلار خىزمەتچىلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ، بەلكى ئىنساپلىق بولىدۇ. ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۈممەتنىڭ بېشىدىن بالا مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى يەۋالماستىن بېرىش بولسا، ئېسىل ئەخلاق، رەھىمدىللىق، ئادالەتپەرۋەرلىكتۇر.

خىزمەتچىلەرگە قوپاللىق قىلىش، زۇلۇم قىلىش، تاقىتىدىن تاشقىرى ئېغىر ئىشلارغا بۇيرۇش، ئىش سائىتىدىن تاشقىرى ئىشقا بۇيرۇش، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەستىن كېچىكتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىغا چەك قويۇش، دەلىل ئىسپاتسىز قارىلاپ ئوغرى تۇتۇشتەك ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋ ە يۇقىرىقىدەك ئىشلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، زۇلۇم قىلماسلىق، ئىش ھەققىنى تولۇق ۋە ۋاقتىدا بېرىش تەلەپ قىلىنسا، خىزمەتچىلەرنىڭمۇ تاپشۇرۇلغان خىزمەتلەرنى مۇكەممەل، پۇختا بېجىرىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماستىن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئىش ۋاقتىدا خىزمەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇقلۇق ئالغان ئىش ھەققى ھالال بولمايدۇ. ھالالدىن رىزق تىلەش، ھالالدىن ئوزۇقلىنىشنى خالىغان ئادەم بەلگىلەنگەن خىزمەتنى ئۆز لايىقىدا بېجىرىشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشقا ۋاقتىدا كەلمەي، ۋاقىت توشۇشتىن بورۇن ھەرخىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ خىزمەت ۋاقتى توشۇشتىن بورۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش قاتارلىقلارمۇ ئىش ھەققىنى ھالال ئالمىغانلىقنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئىنساننىڭ مال دۇنياسىدىن بەرىكەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللاردىن؛ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، بەلگىلەنگەن خىزمەتنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلماستىن كۆز بويامچىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىشتۇر. دېمەك؛ دۇنيادا ھەربىر ئىنسان قىلغان ئىشىدا مەيلى شەخسى ئۆزىنىڭ ئىشى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ ئىشى بولسۇن، ھۆكۈمەت خىزمىتى ياكى خۇسۇسىي شىركەت خىزمىتى بولسۇن، - كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر - كۆز بويامچىلىق، زۇلۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك رەزىللىكلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە زۇلۇم قىلغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زالىملارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى ئۆز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىشتىن، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىسۇن، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمىزدا رىياگەرلىكتىن، كۆز بويامچىلىقتىن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن ساقلاپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلىپ جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقىلى مۇۋەپپەق قىلسۇن!.

(دېمەك؛ ئادالەت رېئاللىققا ئايلانغان مۇھىتتا زۇلۇم يوقىلىدۇ. ئادالەتسىزلىك، ھەقسىزلىق پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتتە زۇلۇم راۋاجلىنىدۇ. ئىنسان، ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم، ئەگەر ئۇنىڭغا ھەرىكەت قىلمايدىكەن ئۇلارنىڭ زالىملاردىن ھېچ  پەرقى بولمىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى ۋە ھايۋانلارچە ياشاشقا رازى بولدىكى زۇلۇمنى كەتكۈزۈپ ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا ئىنتىلمىدى.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئادالەت بىلەن زۇلۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتىگىلىك نىشاننى پەرقلەندۈرۈپ ياشاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن!. ئامىن. .........‏ ‏- مۇھەررىر‏-)


 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز