قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/6/1431 ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاتا-ئانىنى قاقشاتقانلىقنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى خەتىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، ئازار قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن روشەن چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە!

2010-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە  بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسان ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش،كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، ھىجرەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن سىلىگە بەيئەت قىلغىلى كەلدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئانىڭىزدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ كىشى: ئىككىلىسى ھايات دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىز ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلامسىز؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ھەئە دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ دەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

قىز-ئوغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاقشىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسىبەت، بالا-قازالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەيدا بولغان قەلب جاراھەتلىرى ساقايمايدۇ. بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېغىر جىنايەت بولۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە قاتتىق ئازابىغا ئۇچرايدۇ.

ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟دېگەندە، ئۇلار: ئېيتىپ بەرسىلە يا رەسۇلۇللاھ دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دېگەندىن كىيىن قايتىدىن رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ، يالغان سۆزلەش ۋە يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاشكى توختاپ قالغان بولسىچۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ كەتتۇق». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  «ئاتا-ئانىسى ياشانغان ۋاقىتتا  خىزمىتىنى ياخشى قىلماي جەننەتكە كېرىشتىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەن سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنىڭ پەسكەشلىكى، دۆتلۈكى، ھاماقەتلىكى شۇكى، ئۇ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغاندا ئۇلارغا تۇز كورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ، ياردەمسىز تاشلاپ قويۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، ساپ قەلبىگە ئازار يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادتىن قىسىپ ئۇلارنى خارلايدۇ. ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىلىرىنى ھەتتا ئابرۇيلۇق پۇلدار دوست-بۇرادەرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ئاندىن ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئەقىل تېپىپ، يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگىنىنى ئويلىمايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ياخشىلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.

ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلارنى ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل جازالار بىلەن جازالاپ، ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كاشكى ئاتا-ئانامنى قاقشاتمىغان بولسامچۇ دەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمىگەن بولىدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن دېگىن.» [سۈرە ئىسرا 24-ئايەت]. يەنى ئۇلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ، ئېسىل، كۆڭلى سۇيىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقى بىلەن، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتىنىڭ نارازىلىقى بىلەن بولىدۇ»دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


 
   

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز